akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئۇستاز

‹‹مۇز سۈيى قۇيۇش پائالىيىتى›› گە قاتنىشامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-8-22 16:42:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:33
ئەگەر دىيارىمىزدىمۇ شۇندقراق ئاپاراتتىن بىرەرسى تەس ...

مىنڭ بىلىدىغىنىم ۋە يىغىلغان پۇللارنىڭ سوممىسى ۋە ئىشلىتىش ئورنى ئىلان قىلىنىپ تۇرىۋاتقان دىيارىمىزدىكى خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىدىن ئىزدىنىش تورىدا ۋاپادارىم912 (ئەيساجان) تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر سوم پىلانى باركەن. باشقا ساخاۋەت جەميەتلىرىنى تۈزۈك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى قائىدىسىدە ھەم سۇ قۇيىدۇ ، ھەم ئىئانە قىلىدۇ.  دىيارىمىزغا كىرگەندىن كېيىن سۇقۇيۇش ئاساس بولۇپ قۇيالمىغانلار ئىئانە قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
مەن تۆنۈگۈندىن بېرى بۇ پائالىيەت توغرىسىدىكى مۇنازىرلەرنى تولا كۆرۈپ كەتتىم.  بىر چېلەك مۇز سۈيىنى بېشىدىن قۇيغانغا ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق ،قۇرغاقچىلىق بولىۋاتقان جايلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ مەخسۇس تېما يېزىپ بۇنى ئەيىبلەشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىدى. بىلگەنلىرىمدىن ، مۆمىنجان ئابلىكىم. ئابدۇللا ئابدۇرېھىملار ئىئانە قىلىشماقچى بولغان... مۇشۇ پائالىيەت ئەۋىج ئالغاندىن كېيىن خوتەن دىيارىدا 15 مىڭ يۈئەندەك پۇل ئىئانە توپلانغانلىقىنىمۇ غىل-پال ئاڭلاپ قالدىم.  مۇشۇ پائالىيەتنى ئورۇندىغانلاردىن شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ بىر گېپى ناھايىتى توغرا، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكىلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا نەزەر سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن ئۆز پىسخىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش....  مېنىڭغۇ دىنىي بىلىمىم ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس، لېكىن پائالىيەت جەريانىنى دىنىمىزغا خىلاپ دەپ قارىمىدىمغۇ، پەقەت ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاشكارە قىلىشقا دەۋەت قىلغانلا يېرى بار ئىكەن. .. ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە خەق ھاجەتخانىغا كىرسە قەغەزنىڭ ئورنىغا 5 موچەنلىك پۇلنى ئىشلىتىۋەتسە ئىشلىتىۋېتىدۇكى ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى تىللاپ تۇرۇپ ، زورلاپ ، داۋراڭ قىلىپ تۇرۇپ مەجبۇرى قىلغۇزمىسا پۇللىرى سېسىپ كەتسىمۇ بىرە موچەن بېرىپ قويىدىغانلار يوق...

ماڭا تۆنۈگۈندىن ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن ماۋۇ گەپلەر خېلى يارىدى:

ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇلىدىغان ، سۆزلىمەيدىغان جايدا قۇشقاش تىللىرى ئىچىلىپ كىتىدىغان ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغداشنى قوللاشنى قاچانمۇ ئۈگىنەرمىز ،  بىر ئىش چىقسىلا قۇسۇر تاپىمىز ، ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى باھانە قىلىشلىرىمىز بار ، خەلىقئارادا ھەممىنىڭ،  جۈملىدىن تەرەققى قىلغان ئىلغار كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن خەيرى ساخاۋەتنى ئاساس قىلغان جامائەت پاراۋانلىق ئويىنى «مۈز چىلەك» ئۇيىنىنىمۇ بىرنىمىلەرنى دەپ باقتۇق ، ھىلىمۇ ساخاۋەتنىڭ گىپى باركەن بوممىسا نىمىلەرنى دەپ كىتەر بولغىيىتۇق ، چىلەك چىلەك سۇلار كۆچىلارغا چىچىلدى ،گەپ يوق ، ئەۋرەز يوللىرىغا قۇيۇلدى گەپ يوق ، كۆچىلارغا ئىقىپ كەتتى گەپ يوق ، ئەمدى بىر پالىيەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن بىشىدىن قۇيۇپ قويسا ئىسراپخۇر سانالدى ، بىر چىلەك سۇ ئىسراپ بولدى شۇنىڭ بىلەن ئافرىقىدىكى بىر تامچە سۇغا تەشنا بولغانلارنى ئىسىمىزگە ئىلىشتۇق ئۆزىمىزچە ، بىز مىڭ چىلەك سۇنى ئايىساقمۇ ئافرىقىدىكىلەرگە بىر تامچىمۇ بىرەلمەيمىز ، چۈنكى تەقدىر شۇنداق يارالغان ، خەلقىمىزدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ، بارىدا قەدىرلىمىگەن نەرسىنىڭ كىيىن خارلىقى كىلىشتىن قۇرقۇش ، ئىددىيى بار ،لىكىن بىزنىڭ بۈنچە سەزگۈرلۇك قىلىپ كىتىشىمىز ھاجەتسىز ، ھىچكىم بىكاردىنلا بىرچىلەك سۇنى يەرگە تۆكىۋەتكىنى يوق ، مىنىڭچە بۇ پەقەت بىر بىرىگە جەڭ ئىلان قىلىش ئەمەس ، ئۆز ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى خەق نىمە دەپ قالار ئىددىيىسىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، نۇرمال شارائىتتا ببىشىدىن سۇ قۇيغان ئادەمنى كۆپىنچىمىز ماۋۇ ساراڭكەن دەپ ئويلايمىز ، لىكىن پۈتۈن دۇنيا بۇ «ساراڭ»لىققا جەڭ ئىلان قىلدى ،كۆپلىگەن داڭلىق كىشىلەر «ساراڭ» بولدى ،ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز پىسخىكىسىنى يەڭدى ، خەى قىلاممايدىغۇ دىگەن ئىشنى قىلدى ، مىنىڭچە بۇ ئويۇن بىز ئۇيغۇرلاردەك نوچىلىققا ئىنتىلىدىغان ، سەندىن مەن قالغۇچە دەپ ياشايدىغان چىدىغانغا چىقاغان جاھان ،چىدىساڭ ياشا دىيەلەيدىغان  قەۋىمگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ، بىلگەيتىس ،بوش ،رونالدۇلار بىشىدىن قۇيغان بىرچىلەك سۇنى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ، نىجات ۋەلى ياقۇپ، ئابدۇۋەلى ئابلەت ۋە بارىلار قۇيسا يامانمۇ بولوپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئۆزىنى يىڭەلەيدىغان نوچىلار بىشىدىن سۇنى قۇيىۋىتىپ ساخاۋەت ئۈچۈنمۇ پۇل ئىئانە قىلسۇن ،ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يوقلار پۇلى ئارقىلىق ساخاۋەت قىلسۇن ، بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلىدىغانلار سۇ قۇيۇش ئارقىلىق باشقا دوسلىرىنى ساخاۋەتكە چاقىرسۇن ،      خەيرە ئىھسان داۋاملاشسۇن ،
   -جۇنۇن  ....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +57 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 50 قوللاش!
زەرەپشان + 7 + 1 نوچى گەپ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويۇنغا قاتناشقانلار پۇلنى تاپشۇرغۇدەك يەر تاپالمىساڭلار ما ئادرىسقا قاراپ قوياڭلار.
http://bbs.izdinix.com/forum-174-1.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:44:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:40
ئۇ مۇراسىم ئەمەس، مۇسكۇل يىگىلەش كىسلىگە گىرىپتار بو ...

مۇسكۇل يىگىلەش كىسلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئازابىنى تارتىپ بېقىش————



ما گەپنىڭ سەل ئاساسى باركەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:45:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت مۆمىنجان ‏ئابلىكىملا بۇ ‏ئۇيۇننى ‏داۋاملاشتۇرماي پۇل ‏ئى‏ئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئويۇن ئوينىغانلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ساخاۋەت  ...

بىز چۇقۇم ياردەم قېلغان كېشلەرنى بىلشىمىز كېرەكمۇ ؟ ياكى بىرەرسى ئۇيۇنى توختىتىپ قۇيۇپ ئېئانە قېلىشى كېرەكمۇ ؟ئېسلام دېنىدا  ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىل دېگەن گەپنى ئويلىغان ئادەم نېمشقا ئۇلارمۇ جەڭنى قۇبۇل قىلغاچ ساخاۋەت ئېشلىرىغا ياردەم قىلغان بولشى مۇمكىن دېگەننى ئويلىمايىسز . شەمسىيە ئايال كېشى بولۇش سۈپتى بىلەن بۇ جەڭنى قۇبۇل قىلىپتۇ . يەنە كېمنىڭ بۇ جەڭدىن ۋاس كەچكۈسى كېلەر ، ۋاس كەچكەنلەرنىمۇ يەنە نېمە دەپ ئويلايمىز . ماۋۇ گوي پۇلنى پەش قىلىپ شۇڭا شۇنداق قىلدى دېگەن گەپلەر يەنە شۇ بىز ئۇيغۇرىمىزدىن  چىقار ، بەلكىم بۇ ئۇيۇن ئۇيغۇر دىيارىمىزغا يىڭى ، ئېئانە ئېشىلرىغا كەلگەن پۇل ئاز كۈندىن كېيىن كۆرۈپ قېلشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا سەۋىر قىلىپ ساقلايلى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALS ice bucket challenge يەنى ALS مۇزلىتىلغان سۇ قۇيۇش جەڭ ئېلان قىلىش پائالىيىتى خەلقارالىق ھەركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن يەرشارىدا مودا بولماقتا ، چۈنكى بۇ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئىئانە پائالىيىتى بولۇپ ،  بۇ ھەركەت دەسلەپ  “肌肉萎缩性侧索硬化症  (مۈسكۈل يىگىلەش ۋە قېتىشىش كېسىلى [ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ قالدىم ، تۈزىتىش بەرگەيسىلەر] ) بىمارلىرىغا ئىئانە توپلاش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، مۇز سۇ قۇيۇلغاندا بەدەندىكى مۈسكۈللاردا جىددى قىسقىراش ، تىترەش ھالەتلىرى يۈز بېرىدۇ ، بۇنىڭدا مۇشۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ قارىلىدۇ ،  بۇ پائالىيەتنىڭ قائىدىسىدە مۇز سۇ قۇيغان كىشى ئۆزىدىن باشقا بىر كىشىنى بۇ پائالىيەتنى داۋام قىلىشقا تەكلىب قىلىدۇ ، تەكلىب قىلىنغۇچى 24 سائەت ئىچىدە يا يۈز دوللار ئىئانە قىلىشنى يا مۇزدەك سۇنى بېشىغا قۇيۇپ باشقا بىر ئادەمنى تەكلىب قىلىشنى تاللىسا بولىدۇ ،  ئىئانە پۇل ALS فوندى ئارقىلىق يۇقارقى خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:45
پەقەت مۆمىنجان ‏ئابلىكىملا بۇ ‏ئۇيۇننى ‏داۋاملاشتۇرم ...

نىجات ۋەلى ياقۇپ ھەم ئويۇننى داۋاملاشتۇردە ھەم ئىئانە قىلدىغىنىنى بىلدۈردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:53:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.misranim.com/thread-128465-1-1.html

بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ئۇيۇن دەپ قاراۋاتقانلار ياكى بۇ ئىشقا باشقىچە قاراشتا بۇلۇپ قالغانلار ئۈستىدىكى ئادىرىسقا كىرىپ ئۇقۇپ بېقىڭلار ، ئابابەكرى مۇختەر بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تۇللۇق چۈشەندۈرۈپ قۇيۇپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىشتا  ھەممەيلەننىڭ  ئويلىغىنى ئوخشاش ئەمەس. دوسلا  ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايلى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.izdinix.com/thread-59570-1-1.html
مۇز چىلەك ئويۇنى ئىزدىنىشتا قىززىپ كىتىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:04:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بېكاردىن بېكار ئۆزىنى توڭلۇتىپ نىمىمۇ قىلار سۇغا چۈشكەن مۆشۈكتەك ،يەنە كېلىپ تاتلىق سۇنى ئىسراپ قىلىپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش