akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئۇستاز

‹‹مۇز سۈيى قۇيۇش پائالىيىتى›› گە قاتنىشامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-8-22 16:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پەرۋەرنىڭ رىقابەتنى قوبۇل قىلىپ ئورۇندىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .  پەقەت بۇنى ئويۇن قاتارىدا قوبۇل قىلىپ ئاياقلاشتۇرسىلا بولدى . مەسىلەن مەن پالانچىغا جەڭ ئېلان قىلدىم . سىزمۇ مەندەك جۈرئەتلىك بولالامسىز دىگەندەك . ئاۋۇ پۇل ئېئانە قىلىش ، يۈز دوللار دىگەننى ئەمدى قېتىۋىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى ئاللىقاچان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:06:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەلدىن قىل ئىلغايدۇ ، توخۇنى يۇڭدىماي يەيدۇ دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك ، مەن كىچىك زىرەكنىڭ ئىنكاسىنى پۇتۇنلەي قوللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:09:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىز بىلمىگەن نۇرغۇنلار ئىئانە قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن   مۇز توڭلىتىش ئۈچۈن ھەرگىز توك ئىسراپ قىلمايمىز چۈنكى شۇ مۇز نى توڭلاتمىساقمۇ توڭلاتقۇ ھەرگىز توكتىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ يەنە شۇ توك كىتىۋىرىدۇ
ئەمدى سۇ مەسىلىسىگە كەلسەك ئاددىسى ماشىنىمىز نى يۇيۇشقىمۇ نەچچە چىلەك سۇ كىتىدۇ  بۇ ئىشقا بىرچىلەك سۇ كىتىدۇ بۇ ئىشنى بىز تۈزەپ بولاممايمىز
بۇ بىرچىلەك سۇنى قۇرغاقچىلىق بولغان يەرگە تېخى ئاپىرىپ بولاممايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:17:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇ ...

دەششەت ئىنكاس ئوخشاش قاراش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 15:18
مەسىلەن ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ پۇل يىغىلدى دەيلى ھە . ش ...

(سىز دېگەن زاكاتنىمۇ ھۆكۈمىتىمىز خەلقىمىز گە ئادىل تەقسىم قىلىپ بېرىۋاتىدۇ .) ئەپەندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 15:12
بىلمەي قارىغۇلارچە دوراۋاتقان ئىش ئەمەس، خەنچە سەۋىي ...


ئەسلى ماھىيتىنىڭ ياخشىلىقىنى بەلەن بىلىمەن ، ئەمما تارقىلىش شەكلى ، ئورۇندىلىشى قاتارلىقلارغا قارىساقلا ، ئەسلى مەخسەتتىن چەتنەپ كەتكىنىنى كۆرۈش تەس ئەمەس .

مەخسىتى يىگىلەش كىسىلى دىگەندەكلەرگە خەيرى ئىھسان قىلىشكەن ، ئەمما تىخى دىيارىمىزدا ئەمەس ، سىرتىدىمۇ تىخى ئىئانە قىلغىننى ئاڭلىمىدۇق ، ئىئانە يىغىدىغان تەشكىلى ئاپارات دىگەنلەرمۇ تىخى مۇقۇملاشقىنى يوق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئويۇن ئوينىغانلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ساخاۋەت  ...

ھازىر دېگەن گەپلىرىڭىز بىر- بىرىگە زىت بوپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:21
ئەسلى ماھىيتىنىڭ ياخشىلىقىنى بەلەن بىلىمەن ، ئەمما ت ...

ALS خەير ساخاۋەت جەمئىيىتى شۇ چەتئەلدىكى ئىئانىلەرنى قوبۇل قىلدىغان ئورۇن، ھازىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا يىغىلغان ئىئانى 40 مىليوندىن ئېشىپ كىتىپتۇ چەتئەلدە.
ئوباما سۇ قۇيۇشنى رەت قىلىپ ئىئانە قىلدى.
دىيارىمىزغا ئەمدىلا كىرگەچكە تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلار ئادەمنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەممىسى ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغان بولىشى مۇمكىن، نىجات ۋەلى ياقۇپتەك ھەم ئويۇننى ئورۇنداپ ھەم ئىئانە قىلدىغانلارمۇ بار، خەنلەرنىڭكىنى داۋىس يوللاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:29
ALS خەير ساخاۋەت جەمئىيىتى شۇ چەتئەلدىكى ئىئانىلەرنى ق ...

ئەگەر دىيارىمىزدىمۇ شۇندقراق ئاپاراتتىن بىرەرسى تەسسى قىلىنسا ، بىزمۇ ئويۇننىمۇ ئوينىغاچ ، ئازدۇر كۆپتۇر كۆڭۈل بىلدۈرسەك ، دىيارىمىزدا خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى كۆۋرۈكتىن يەنە بىرسى كۆپىيەر ئىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىئانە قىلىش، ياردەم بىرىش ئۈچۈن "كاللىغا سۇغۇق سۇ قۇيۇش"تىن ئىبارەت ئاشۇ كاتتا مۇراسىمنى قىلىش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن شەخسەن. دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرى، شەخسلەر(ساخاۋەتچى ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار )مۇ بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزمەيمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
helpea يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:34
ئىئانە قىلىش، ياردەم بىرىش ئۈچۈن "كاللىغا سۇغۇق سۇ قۇي ...

ئۇ مۇراسىم ئەمەس، مۇسكۇل يىگىلەش كىسلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئازابىنى تارتىپ بېقىش(بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار نورمال تىمپىراتۇردىمۇ توڭۇپ تۇرىدىكەن)، ھەم ئۆز پىسخىكىسىغا جەڭ ئىلان قىلىش.
قارىماققا ئويۇن ئارتۇقچىدەك قىلىدۇ، لېكىن مۇشۇمۇ ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى،  ئويۇننى قوبۇل قىلسا يەنە ئۈچ ئادەم قوشىلىدۇ، قوبۇل قىلىسا ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئىئانە قىلىشى كىرەك.
ھازىر مۇشۇنداق ئويۇن ئارلاشقان، ئازراق زورى بار ئىش بولمىسا خالاپ قىلىدىغانلار ئاز دىيەرلىك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:41:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئويۇن ئوينىغانلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ساخاۋەت  ...

بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى قائىدىسىدە ھەم سۇ قۇيىدۇ ، ھەم ئىئانە قىلىدۇ.  دىيارىمىزغا كىرگەندىن كېيىن سۇقۇيۇش ئاساس بولۇپ قۇيالمىغانلار ئىئانە قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
مەن تۆنۈگۈندىن بېرى بۇ پائالىيەت توغرىسىدىكى مۇنازىرلەرنى تولا كۆرۈپ كەتتىم.  بىر چېلەك مۇز سۈيىنى بېشىدىن قۇيغانغا ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق ،قۇرغاقچىلىق بولىۋاتقان جايلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ مەخسۇس تېما يېزىپ بۇنى ئەيىبلەشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىدى. بىلگەنلىرىمدىن ، مۆمىنجان ئابلىكىم. ئابدۇللا ئابدۇرېھىملار ئىئانە قىلىشماقچى بولغان... مۇشۇ پائالىيەت ئەۋىج ئالغاندىن كېيىن خوتەن دىيارىدا 15 مىڭ يۈئەندەك پۇل ئىئانە توپلانغانلىقىنىمۇ غىل-پال ئاڭلاپ قالدىم.  مۇشۇ پائالىيەتنى ئورۇندىغانلاردىن شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ بىر گېپى ناھايىتى توغرا، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكىلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا نەزەر سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن ئۆز پىسخىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش....  مېنىڭغۇ دىنىي بىلىمىم ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس، لېكىن پائالىيەت جەريانىنى دىنىمىزغا خىلاپ دەپ قارىمىدىمغۇ، پەقەت ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاشكارە قىلىشقا دەۋەت قىلغانلا يېرى بار ئىكەن. .. ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە خەق ھاجەتخانىغا كىرسە قەغەزنىڭ ئورنىغا 5 موچەنلىك پۇلنى ئىشلىتىۋەتسە ئىشلىتىۋېتىدۇكى ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى تىللاپ تۇرۇپ ، زورلاپ ، داۋراڭ قىلىپ تۇرۇپ مەجبۇرى قىلغۇزمىسا پۇللىرى سېسىپ كەتسىمۇ بىرە موچەن بېرىپ قويىدىغانلار يوق...

ماڭا تۆنۈگۈندىن ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن ماۋۇ گەپلەر خېلى يارىدى:

ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇلىدىغان ، سۆزلىمەيدىغان جايدا قۇشقاش تىللىرى ئىچىلىپ كىتىدىغان ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغداشنى قوللاشنى قاچانمۇ ئۈگىنەرمىز ،  بىر ئىش چىقسىلا قۇسۇر تاپىمىز ، ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى باھانە قىلىشلىرىمىز بار ، خەلىقئارادا ھەممىنىڭ،  جۈملىدىن تەرەققى قىلغان ئىلغار كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن خەيرى ساخاۋەتنى ئاساس قىلغان جامائەت پاراۋانلىق ئويىنى «مۈز چىلەك» ئۇيىنىنىمۇ بىرنىمىلەرنى دەپ باقتۇق ، ھىلىمۇ ساخاۋەتنىڭ گىپى باركەن بوممىسا نىمىلەرنى دەپ كىتەر بولغىيىتۇق ، چىلەك چىلەك سۇلار كۆچىلارغا چىچىلدى ،گەپ يوق ، ئەۋرەز يوللىرىغا قۇيۇلدى گەپ يوق ، كۆچىلارغا ئىقىپ كەتتى گەپ يوق ، ئەمدى بىر پالىيەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن بىشىدىن قۇيۇپ قويسا ئىسراپخۇر سانالدى ، بىر چىلەك سۇ ئىسراپ بولدى شۇنىڭ بىلەن ئافرىقىدىكى بىر تامچە سۇغا تەشنا بولغانلارنى ئىسىمىزگە ئىلىشتۇق ئۆزىمىزچە ، بىز مىڭ چىلەك سۇنى ئايىساقمۇ ئافرىقىدىكىلەرگە بىر تامچىمۇ بىرەلمەيمىز ، چۈنكى تەقدىر شۇنداق يارالغان ، خەلقىمىزدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ، بارىدا قەدىرلىمىگەن نەرسىنىڭ كىيىن خارلىقى كىلىشتىن قۇرقۇش ، ئىددىيى بار ،لىكىن بىزنىڭ بۈنچە سەزگۈرلۇك قىلىپ كىتىشىمىز ھاجەتسىز ، ھىچكىم بىكاردىنلا بىرچىلەك سۇنى يەرگە تۆكىۋەتكىنى يوق ، مىنىڭچە بۇ پەقەت بىر بىرىگە جەڭ ئىلان قىلىش ئەمەس ، ئۆز ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى خەق نىمە دەپ قالار ئىددىيىسىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، نۇرمال شارائىتتا ببىشىدىن سۇ قۇيغان ئادەمنى كۆپىنچىمىز ماۋۇ ساراڭكەن دەپ ئويلايمىز ، لىكىن پۈتۈن دۇنيا بۇ «ساراڭ»لىققا جەڭ ئىلان قىلدى ،كۆپلىگەن داڭلىق كىشىلەر «ساراڭ» بولدى ،ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز پىسخىكىسىنى يەڭدى ، خەى قىلاممايدىغۇ دىگەن ئىشنى قىلدى ، مىنىڭچە بۇ ئويۇن بىز ئۇيغۇرلاردەك نوچىلىققا ئىنتىلىدىغان ، سەندىن مەن قالغۇچە دەپ ياشايدىغان چىدىغانغا چىقاغان جاھان ،چىدىساڭ ياشا دىيەلەيدىغان  قەۋىمگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ، بىلگەيتىس ،بوش ،رونالدۇلار بىشىدىن قۇيغان بىرچىلەك سۇنى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ، نىجات ۋەلى ياقۇپ، ئابدۇۋەلى ئابلەت ۋە بارىلار قۇيسا يامانمۇ بولوپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئۆزىنى يىڭەلەيدىغان نوچىلار بىشىدىن سۇنى قۇيىۋىتىپ ساخاۋەت ئۈچۈنمۇ پۇل ئىئانە قىلسۇن ،ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يوقلار پۇلى ئارقىلىق ساخاۋەت قىلسۇن ، بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلىدىغانلار سۇ قۇيۇش ئارقىلىق باشقا دوسلىرىنى ساخاۋەتكە چاقىرسۇن ،      خەيرە ئىھسان داۋاملاشسۇن ،
   -جۇنۇن  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش