سىز بۇ تېمىنىڭ 1670 - ئوقۇرمىنى
تېما: مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )
... Super Pippo ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 91
جەۋھەر: 42
يازما: 1043
شۆھرەت: 3391 نۇمۇر
پۇل: 0 سوم
تۆھپە: 370 نۇمۇر
ياخشى باھا: 350 نۇمۇر
توردا: 488(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-09
ئاخىرقى: 2012-05-27
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:03

مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما totti تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-23)
ئۇ راستىنلا قېرىپ كەتتى ، لىكىن 18 ياشلىق قىران يىگىتلەردىن قىلىشمايدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى جەسۇر قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز قالدى . ماڭا پۇتبولنى تۇنۇتقان سەن ئىدىڭ ، پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقنى ياققان ئۇچقۇن سەن ئىدىڭ ، چىملىقتىكى جەسۇر جەڭچىنىڭ سىمايىسىنى كۆرسەتكەن سەن ئىدىڭ !ئەڭ ياخشى پۇرسەت تۇتۇش ئۇستىسىمۇ ، چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ئىدىڭ . gaXKP1m^  
c/\$AJV.H  
سېنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭمۇ يوق ، تېزلىكىڭمۇ ئادەتتىكىچە ، توپ كونتىرول قىلىشىڭمۇ ئادەتتىكىچە . سېنىڭ باگگىئوغا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكاڭ ، رونالدوغا ئوخشاش ، ھېنرىغا ئوخشاش چاقماقتەك تېزلىكىڭ يوق . پۇتبول شاھى مارادونادەك شاھلىق تاجاڭمۇ يوق . لىكىن سەن دائىم توپ ئۇرۇپ تۇرىسەن . لىكىن سېنىڭ غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشىڭ ، مەيداندا ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەيدىغان جاھىل مىجەزىڭ سىنى غەلبىگە باشلايدۇ . {#'M3z=  
سېنىڭ زىدانىغا ئوخشاش شان شەرىپىڭ يوق ، ئەمما لىكىن سېنىڭ مەيدان ئالدىدىكى پۇرسەت يارىتىشىڭ ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ . a4L0Itrp  
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى سەن ، ھەقىقىي چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ، سېنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر مۇنەۋەر قاپقىچىمۇ تىترىمەي قالمايدۇ . سان سېرودا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانمۇ سەن . X ?lF,p  
سەن مورىنئو ئېيىتقاندەك تەلۋىلەرنىڭ تەلۋىسى سەن . سەن بولمىغان مۇسابىقە مېنى جەلىپ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . سېنىڭ جەسۇر قىياپىتىڭنى سېغىندىم ! Nu%:7  
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------- 3@7 
/K@{(=n  
q"Z!}^{  
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى WDdp(<  
مەيدان ئورنى:ھۇجۇمچى "Nn+Zw43  
ئېگىزلىكى:181 w>W`8P_b@  
ئېغىرلىقى:74 ef;Ta|#  
دۆلەت تەۋەلىكى:ئىتالىيە 66+y@l1  
* (4TasQu  
ئىزاجى بولسا يېقىنقى 20يىلدىن بۇيانقى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىسى،ئۇ 1998 - يىلى ، 2002 -يىلى 2006 –يىللىق ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە 2006-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. S"z cSkF  
ئۇ ھازىر ئا.س مىلەن كوماندىسىدا توپ ئوينايدۇ. N3`W%ws`~  
1996 - 1997 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدەئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى بولغان P6E=*^^m(  
1997 - 1998 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان  Kx;DmwX-  
1998 -يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  M5Twulz/w  
2003 - يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .   (3=(g  
2003 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان u8wZ2j4S  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان: 0kD8wj%  
2006 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . $qx&\@O  
2006 - 2007 يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . -*K!JC-  
2007 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  7(<49bb.V  
2010 -2011 - يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان h CLXL  
2011 - يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان . ; YaR|)B  
Rro{A+[,X  
QS~;C&1Hl  
0)8QOTeT  
ئىنزاگى بەك كۆپ يارلانغان پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ، 38 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ھازىرغىچە توپ ئويناشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس . ^/W 7Xd(s  
16\U'<  
ئىنزاگى 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىتالىيىنىڭ پىياسىنزا شەھەرىدە ئاددىي ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپلا پۇتبولغا زور ئىشتىياق باغلايدۇ . بۇ ياش ئۆسمۈرنىڭ پۇتبولغا بولغان زور ئىشتىياقى ئۇنى يۇرتىدىكى پىياسىنزا كوماندىسىغا كىرىشىگە تۈركە بولىدۇ . بۇ كوماندا ب دەرىجىلىك كوماندا بۇلۇپ ، نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . \ooqa<_  
شۇنىڭ بىلەن ئىنزاگى 1992 - يىلى ئالبىنىئو لېفۇ كوماندىسىغائىجارىگە بېرىلىدۇ . 21 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 1993 - يىلى ئىنزاگى ۋېرونا كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ . ۋېرونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 37 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزىدۇ . ئىنزاگىنىڭ بۇ كوماندىدىكى ۋاقتىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ ھەم 1994 - يىلى يەنە ئانا كوماندىسى بولغان پىياسىنزا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئىنزاگى پىياسىنزا كوماندىسى ئۈچۈن 37 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 15 توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ . ^gFjm~2I  
0 
g[;iVX^1&  
'3o0J\cz  
بارغانسېرى يىتىشىۋاتقان ئىنزاگىغا ئا دەرىجىلىك كوماندا بولغان پارما كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم 1995 - يىلى 6 - ئايدا رەسمىي پارما كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئىنزاگى پارما كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن تېرنىرنىڭ يىتەكلىشىدە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەيدۇ ، لىكىن ئىنزاگىغا كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم قاتتىق يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالىدۇ . پارما كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 2 توپ كىرگۈزىدۇ . كۇلۇپمۇ ئىنزاگىنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمايدۇ . Q:~w;I  
1996 - يىلى ئىنزاگى پارما كوماندىسىدىن ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئۇ ئاتلانتا كوماندىسىغا كىلىپلا قاتتىق مەشىققە كىرىشىپ كىتىدۇ ، ھەم ترېنىرى ، سەبداشلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ . ئۆزىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . تېرىنىرمۇ ئىنزاگىغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ . ئىنزاگىمۇ تېرىنىرنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىدۇ . #{0DpSzE5  
ئىنزاگى ئاتلانتا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى بىرىنچى مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .  ZW2#'$b  
1996 - 1997 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ ، شۇ يىلى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگىچى بۇلۇپ باھالىنىش بىلەن ئەڭ ياخشى يىتىشىپ چىققان ماھىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ . GtO5,d_  
p _e-u-  
` OQ&u  
l@*/1O)v  
ئىنزاگىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى كۈچلۈك بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارىنى قوزغايدۇ . ھەم يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 1997 - يىلى ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . دەرۋەقە ئىنزاگىنىڭ شانلىق پۇتبولچىلىق ھاياتى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن باشلىنىدۇ . [6S"iNiyKT  
ئىنزاگى يۆتكۈلۈپ كەلگەن شۇ يىلىلا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ نەتىجىنى ئىنزاگىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە . K23_1-mbe  
شۇنداقلا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىدۇ . ئەپسۇزلىنارلىقى خانلىق مادرىت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . "|DR"rr'j  
ئىنزاگى بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئالتۇن ئۆسمۈر بولغان دېل پېررو ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان زىدانىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سىپى ئەڭ ياخشى ھۇجۇم سىپى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . )C2d)(baEJ  
1997 - 1998 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ چىمپىيون بۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ . ھەم شۇ يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرگە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ چىمپىيون بولىدۇ . @\l>  
1998 - 1999 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ ئىنزاگىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ . 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ . 1999 - 2000 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 15 توپ كىرگۈزىدۇ . 2000 - 2001 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ كىرگۈزىدۇ . g}^ /8rW  
Xs?7Whc6  
TiBE9  
X}z KV  
l*Y~h3  
W,{`)NWg  
1998 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 1998 - يىلدىكى فرانسىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ئىنزاگىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئىدى . ئەپسۇزلىنارلىقى تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللاش مۇسابىقىسىدە فرانسىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ . 0acY@_  
2000 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . لىكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 2 : 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . @?]-5~3;  
2002 - يىلىمۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 2002 - يىللىق كورىيە - ياپونىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ، لىكىن يەنە شاللىنىپ كىتىپ دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلىنىدۇ . %y w*!A1  
/1li^ 
2002 - يىلى ئىنزاگىنىڭ ياخشى ئىپادىسى داڭلىق ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ شۇ يىلى ئا س مىلان كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ كىلىدۇ . ئىنزاگى كوماندىغا يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىنلا قىزىل قارا قوشۇندا بولمىسا بولمايدىغان ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . b$R>GQ?#  
2003 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسى بىلەن ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ 6 قېتىم لوڭقا كۆتۈرىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ . PYHm6'5BtB  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كوماندىسى 17 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . لىكىن ئىنزاگى يارلىنىش سەۋەبىدىن كوماندا ئۈچۈن ئانچە زور كۈچ چىقىرالمايدۇ . T (2,iG8  
"}HQ)54&  
)q l?}  
Z],"<[E  
2006 - يىلى ئىنزاگى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ . گەرچە ئىنزاگى بىر توپلا كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئاخىرى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . b<( W}$x  
nIi_4=Z  
D1Sl+NOV  
w%_BX3GTO  
2007 - يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىنزاگى جەمئىي 6 توپ ئۇرىدۇ . ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى لېۋىرپول كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . مىلان كوماندىسى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ئىنزاگى ناھايىتى چىرايلىق ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ . ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولىشىغا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىدۇ . _uu:)%  
ibuI/VDF  
2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم مۇسابىقە جەريانىدا ناھايىتى چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ بوكا ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنزاگى مۇشۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىدى . y*(YZzF  
2008 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 6 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . بۇ 33 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە . 5,c`  
_[ phs06A  
Td  F<  
$K KaA{0-  
2009-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنى كىچىك ئايلانما مۇسابىقىدە يەنى مارسىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ، ھەم ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 68 - توپىنى كىرگۈزۈپ رائۇلدىن 1 توپ ئىشىپ كەتكەن . ( كىيىن رائۇل يەنە ئىنزاگىدىن ئىشىپ كىتىدۇ ) y%,BDyK  
lX4p'R-h  
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مىلان كوماندىسى بىلەن رىينا كوماندىسى ئولتۇرسىدا بولىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى 300 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . :}JZKj!}M  
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى لىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنوت بولغاندا 37 ياشلىق ئىنزاگى ئەڭ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزىدۇ . ھەم كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 - يىل ئۇدا توپ كىرگۈزۈشتەك رىكوتنى يارىتىدۇ . ?},ItJ#>)q  
2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى مەيدانغا چۈشىدۇ ھەم چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 70 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . ھەم گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچى مۇللىردىن ئىشىپ كىتىدۇ . بۇ مۆجىزىنى يارىتىش بىلەن بىرگە مىلان كوماندىسىدىكى 125 توپىنى كىرگۈزۈپ ، ئەينى يىللاردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ۋان باستىندىن ئىشىپ كىتىدۇ . % 8L 
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 2011-يىلى 1-ئايدا پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ ئېغىر يارلىنىپ مىلەن كوماندىسىغا ئېغىر سىناق بولغان ، ئۇ 3 ئاي دەم ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ كەلگەن . باشقىلار ئۇنى ئەمدى دەم ئالغىن دېگەندە ئۇ ھەمىشە مەن ئاخىرغىچە دەم ئالمايمەن دېگەن ئۇ مۇشۇنداق قەيسەر باتۇرانە روھى بىلەن مىلەن كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان شۇنداقلا باشقا كوماندا ئەزالىرىغا ئۆلگە بولغان . @EY}iK~  
QC4T=E]` j  
HUC2RM?FN  
  
pNlisS  
OQ7c| O  
8q3TeMYV  
ئىنزاگىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى ئىككى خەت بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ يەنى پۇرسەت تۇتۇش دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، ئۇ مەيداندا ھەمىشە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدۇ ،ھېلى سول تەرەپ ھېلى ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ، كىشلەر ئويلىمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولالايدۇ . ئۇ يەنە توپنى بىرتەرەپ قىلىشقا بەكلا ماھىر ، سەپداشلىرىغا دائىم ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ ،ياكى ئۆزى يالغۇز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ . ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم تەشكىلىلەلەيدۇ . 6Qb)Uq3}]  
ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەركىتى جانلىق ، بىرقانچە بىك تەڭ باقسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇلاردىن قۇتىلالايدۇ . ئىنزاگى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى ھەر قانداق رايوندىن توپ ئۇرالايدۇ . ئۇنىڭ كاللا توپ ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس . h`]/3Ma*:  
ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى تۇراقسىز ، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بېقىشى تەس ، توپ بار يەردە ئۇ شەيتاندەكلا پەيدا بولىدۇ . ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قالتىس ، ئاساسەن پۇتىغا چۈشكەن توپنى زايە قىلمايدۇ . ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . ئۇ ھەر ۋاقىت كوماندا مەنپەتىنى ئويلايدۇ . FA9e(Ha   
ئۆزىنىڭ قىياسىغا ئاساسەن قارشى تەرەپكە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ . ئۇ مەيداندىكى رولىغا بەك دېققەت قىلىدۇ . ئورۇن تاللاش ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، غەلبە قىلىش ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك . ئازراقلا پۇرسەت تاپسا بوش قويۋەتمەيدۇ . ئىنزاگى ھۇجۇمچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھۇجۇمچى . ['emP1g~  
{,FeNf46  
MNqyEc""  
\hW73a!  
ئۇ ئەنچىلودىنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي بىر چەكلەنگەن رايون قاتىلى . شىۋىتسىيە داڭلىق پۇتبول چولپىنى لارسوننىڭ نەزىرىدە ئۇ تۇغما ۋارتاغا توپ ئۇرغۇچى ، ھەر ۋاقىت تەھدىت ئىلىپ كەلگۈچى . q "D L6 >j  
مانچىستىر تېرىنىرى فورگۇسۇن نەزىرىدە ئافسايىت رايونىدا تۇغۇلغۇچى . ئىتالىيە زوڭلىسى بىلروسكىنىڭ نەزىرىدە ئا س مىلان تارىخىغا يىزىلغۇچى . پۇتبول شاھى شۇم ئېغىز بىللىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ھۇجۇمچى بولماستىن بەلكى بىر ئەرۋاھ . داڭلىق تېرىنىر مورىنئونىڭ نەزىرىدە ئىنزاگى ئۆزىدىنمۇ ئۆتە تەلۋە . ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبولچى . چىملىقتىكى ھارماس تالماس قەھرىمان . ھەر ۋاقىت غەلبە قىلىشنىلا ئويلايدىغان چولپان ! )_e"N d4  
دۇنيادىكى بىردىن بىر بىر سىكىنوت ۋاقىت ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن توپ ئۇرۇپ ، سىزنى بىر ئۈمۈر پۇشايماندا ھەسرەتتە قالدۇرغۇچىدۇر !
TDIOK  
`_U0>Bfg;  
[ بۇ يازمىنىچوكىناتدە2012-04-23 22:52قايتا تەھرىرلى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+20(22kaka22) نادىر تىما

  • مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا ، مىللەتنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ!
    سىزىق ئۈسىتىكى شاھزادە ....
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 8403
    جەۋھەر: 0
    يازما: 21
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    پۇل: 200122 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 5(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-12-01
    ئاخىرقى: 2012-05-14
    1  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:18

    سىزىق ئۈستىدىكى شاھزادە ، مەڭگۈلۈك مىلەننىڭ قەھرىمانى ، ئوزغۇنلۇقتا مۇداپىيەچىلەرنىڭ يۈرىكى شۇ قىلۋەتكەن ھۇجۇمچى ، بىردىن بىر مورىنئونىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن ئالدىغا كىلىپ ئەھۋال سورىغان جەڭچى ، ۋاقىت نىمىدىگەن رەھىمسىز بىر ۋاقتلاردا چىملىق مەيداندا ئاتتەك چىپىپ يۈرەتتىڭ ھەش پەش دىگۈچە قىرىلىق سىنى يىشىل چىملىقتىن ئايرىدى ، ئافىنا كىچىسدە مۆجىزە ياراتتىڭ شۇ ۋاقىتتكى ياراتقان مۆجىزەڭ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ  . ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە باگىيونىڭ مىلەن بىلەن سامپولىدىيە  بولغان مۇسابىقىدىكى ئايرىلىش ۋاختىدا پۈتۈن مەيدان ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتقان شۇ پەيىتتە ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل سوغۇق ئىقىم پەيدا بولغان مانا ھازىر سەنمۇ شۇ ۋاقىتتىدىكىگە ئوخشاش يىشىل چىملىقتىن خوشلىشىدىغان بولدۇڭ سەن ئايرىلدىغان ۋاختىدا مەندە قانداق سىزىم پەيدا بولدىغانلىقىنى ھازىر ئويلاپمۇ يىتەلمەيمەن ، ساڭا يەنە نۇرغۇن تىلەكلىرىم بار ئىدى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن ساڭا ھازىرچە خوش دىيىش سەل بۇرۇن بولسىمۇ خوش دەۋالاي مىلەن ساڭا خوشلىشش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە قەرىز شۇ ۋاقىتنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن !!
    قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ب
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 3132
    جەۋھەر: 0
    يازما: 587
    شۆھرەت: 670 نۇمۇر
    پۇل: 60 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 403(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-05-24
    ئاخىرقى: 2012-05-28
    2  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:18

    ئېسل ھۇجۇمچىدە .  دىل پىرۇ بىلەن بۇ ئىككسىنى خىلى خىلى ھۇجۇمچىلارغا تەڭ قىلمايمەن ..
    20
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

    UID: 1137
    جەۋھەر: 2
    يازما: 3103
    شۆھرەت: 2634 نۇمۇر
    پۇل: 163241 سوم
    تۆھپە: 99 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردا: 1586(سائەت)
    تىزىملاش: 2007-11-28
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    3  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:23

    ئېرنەندىستە بۇنىڭچىلىك بوي بوپكەتكەن بولسا توپ ئويناشلىرى بەك ئوخشايدۇ ئىككىسىنىڭ
    بىز چېمپىئون !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8971
    جەۋھەر: 3
    يازما: 2674
    شۆھرەت: 3179 نۇمۇر
    پۇل: 1000404 سوم
    تۆھپە: 161 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردا: 948(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-04-27
    ئاخىرقى: 2012-05-28
    4  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:42

    يەنە بىر نادىر تېما !          a`DWpc~  
    ئىنزاجىنىڭ پۇتبول تارىخىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيتىم !   ئۈستىدىكى سۈپەتلەشلەر ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ !   \|v`l{  
    كىلەر پەسىل بەلكىم يېشىل چىملىقتا كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن بۇنى  
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1709
    شۆھرەت: 2187 نۇمۇر
    پۇل: 4774 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 139934(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    5  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:46

    ھەقىقەتە چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى پۇرسەت تۇتۇش شاھزادىسى بۇ ......... 9MT? .q  
                ۋاقىت ھەممىنى ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ  .بولمىسا بۇنىڭدەك ئالدى ھۇجۇمچى يوق جاھاندا................ sA3UeTf  
    ئىنزاگى  قايتىپ كىلىپلا نادىر تىمىنى باشلىۋىتىپسىز........
    ئەمدى نۈۋەت بىزگە كەلدى.
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى

    UID: 7373
    جەۋھەر: 0
    يازما: 289
    شۆھرەت: 448 نۇمۇر
    پۇل: 298651 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 96(سائەت)
    تىزىملاش: 2009-01-30
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    6  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:47

    قول قويىمەن بۇنىڭغا
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1709
    شۆھرەت: 2187 نۇمۇر
    پۇل: 4774 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 139934(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    7  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:48

    بۇنىڭ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ھاياجان بىلەن  ئەسەبىي ۋارقىراپ تەبىرىكلىشىگە كۆيىمەن جۇما..............
    http://img170.poco.cn/mypoco/m
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 6950
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1863
    شۆھرەت: 1905 نۇمۇر
    پۇل: 207322 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 436(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-10-30
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    8  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:54

    ياخشى ھۇجۇمچى ، توپ كىرگۇزۇپ بوپ تەبىرىكلشى ئادەمنى بىرخىل تەسىرلەندۇرىدۇ
    ئامراقلىقنىڭ سەۋەبى يوق
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8803
    جەۋھەر: 0
    يازما: 2054
    شۆھرەت: 2350 نۇمۇر
    پۇل: 3493 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 371(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-03-17
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    9  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 21:18

    بۇنىڭ لەقىمى :   سۆلەتۋاز بەگزادە  
    =سۈرەت+چىدامچانلىق+ئىنكاس
    شىنجاڭنىڭ پوتبولچىلقى ئۈچۇن
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 10433
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1429
    شۆھرەت: 1587 نۇمۇر
    پۇل: 116 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 500(سائەت)
    تىزىملاش: 2012-03-17
    ئاخىرقى: 2012-05-28
    10  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 21:24

    بۇ پۇتبۇل ساھەسىدىن چىكىندىما،،
    پەقەت ۋە پەقەت پۇتبول!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 10226
    جەۋھەر: 0
    يازما: 623
    شۆھرەت: 568 نۇمۇر
    پۇل: 631 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 166(سائەت)
    تىزىملاش: 2012-02-01
    ئاخىرقى: 2012-05-26
    11  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 21:33

    پۇرسەت تۇتۇش ماھىرى. دوستۇم دائىم ماختايدىغان :مەيدانغا چىقسىلا توپ ئۇرىدۇ .دەپ!    u{f* M,k  
    نادىر تىما!