سىز بۇ تېمىنىڭ 1665 - ئوقۇرمىنى
تېما: مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )
... Super Pippo ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 91
جەۋھەر: 42
يازما: 1043
شۆھرەت: 3391 نۇمۇر
پۇل: 0 سوم
تۆھپە: 370 نۇمۇر
ياخشى باھا: 350 نۇمۇر
توردا: 488(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-09
ئاخىرقى: 2012-05-27
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:03

مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما totti تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-23)
ئۇ راستىنلا قېرىپ كەتتى ، لىكىن 18 ياشلىق قىران يىگىتلەردىن قىلىشمايدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى جەسۇر قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز قالدى . ماڭا پۇتبولنى تۇنۇتقان سەن ئىدىڭ ، پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقنى ياققان ئۇچقۇن سەن ئىدىڭ ، چىملىقتىكى جەسۇر جەڭچىنىڭ سىمايىسىنى كۆرسەتكەن سەن ئىدىڭ !ئەڭ ياخشى پۇرسەت تۇتۇش ئۇستىسىمۇ ، چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ئىدىڭ . i^s`6:rNu  
O2'bNR  
سېنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭمۇ يوق ، تېزلىكىڭمۇ ئادەتتىكىچە ، توپ كونتىرول قىلىشىڭمۇ ئادەتتىكىچە . سېنىڭ باگگىئوغا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكاڭ ، رونالدوغا ئوخشاش ، ھېنرىغا ئوخشاش چاقماقتەك تېزلىكىڭ يوق . پۇتبول شاھى مارادونادەك شاھلىق تاجاڭمۇ يوق . لىكىن سەن دائىم توپ ئۇرۇپ تۇرىسەن . لىكىن سېنىڭ غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشىڭ ، مەيداندا ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەيدىغان جاھىل مىجەزىڭ سىنى غەلبىگە باشلايدۇ . [nN\{"~O  
سېنىڭ زىدانىغا ئوخشاش شان شەرىپىڭ يوق ، ئەمما لىكىن سېنىڭ مەيدان ئالدىدىكى پۇرسەت يارىتىشىڭ ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ . Fyh?4!/.  
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى سەن ، ھەقىقىي چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ، سېنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر مۇنەۋەر قاپقىچىمۇ تىترىمەي قالمايدۇ . سان سېرودا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانمۇ سەن . SP D 207  
سەن مورىنئو ئېيىتقاندەك تەلۋىلەرنىڭ تەلۋىسى سەن . سەن بولمىغان مۇسابىقە مېنى جەلىپ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . سېنىڭ جەسۇر قىياپىتىڭنى سېغىندىم ! FUzMc1zy|  
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------- !0!U01SWa  
ySixYt  
j*eUF-J1  
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى !Ig|m+  
مەيدان ئورنى:ھۇجۇمچى l}Q"Nb)  
ئېگىزلىكى:181 \ifK~?  
ئېغىرلىقى:74 c%AFo]H  
دۆلەت تەۋەلىكى:ئىتالىيە W.#}q K" q  
?Y? gzD  
ئىزاجى بولسا يېقىنقى 20يىلدىن بۇيانقى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىسى،ئۇ 1998 - يىلى ، 2002 -يىلى 2006 –يىللىق ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە 2006-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. -y&v9OC2-  
ئۇ ھازىر ئا.س مىلەن كوماندىسىدا توپ ئوينايدۇ.  k#axt Sc  
1996 - 1997 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدەئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى بولغان T~i%j@Q.6  
1997 - 1998 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان  ,hpH!J'5f/  
1998 -يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  ,:#,}w_HyO  
2003 - يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .   >lD;0EN  
2003 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان j[ J 5y #  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان: EJf#f  
2006 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . ==QWwPpA  
2006 - 2007 يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . fD1?z"lo  
2007 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  ~7dM!g{W  
2010 -2011 - يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان "z rA``  
2011 - يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان .  f~w>v  
z]^+^c_  
c_ La^HS  
>_XOc  
ئىنزاگى بەك كۆپ يارلانغان پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ، 38 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ھازىرغىچە توپ ئويناشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس . QV7,G9  
6?N4l ]l  
ئىنزاگى 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىتالىيىنىڭ پىياسىنزا شەھەرىدە ئاددىي ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپلا پۇتبولغا زور ئىشتىياق باغلايدۇ . بۇ ياش ئۆسمۈرنىڭ پۇتبولغا بولغان زور ئىشتىياقى ئۇنى يۇرتىدىكى پىياسىنزا كوماندىسىغا كىرىشىگە تۈركە بولىدۇ . بۇ كوماندا ب دەرىجىلىك كوماندا بۇلۇپ ، نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . 3UdU"d[75  
شۇنىڭ بىلەن ئىنزاگى 1992 - يىلى ئالبىنىئو لېفۇ كوماندىسىغائىجارىگە بېرىلىدۇ . 21 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 1993 - يىلى ئىنزاگى ۋېرونا كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ . ۋېرونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 37 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزىدۇ . ئىنزاگىنىڭ بۇ كوماندىدىكى ۋاقتىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ ھەم 1994 - يىلى يەنە ئانا كوماندىسى بولغان پىياسىنزا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئىنزاگى پىياسىنزا كوماندىسى ئۈچۈن 37 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 15 توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ . +R!zs  
?WQNIX4  
YutQ]zYA.  
CEuWw:)  
بارغانسېرى يىتىشىۋاتقان ئىنزاگىغا ئا دەرىجىلىك كوماندا بولغان پارما كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم 1995 - يىلى 6 - ئايدا رەسمىي پارما كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئىنزاگى پارما كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن تېرنىرنىڭ يىتەكلىشىدە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەيدۇ ، لىكىن ئىنزاگىغا كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم قاتتىق يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالىدۇ . پارما كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 2 توپ كىرگۈزىدۇ . كۇلۇپمۇ ئىنزاگىنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمايدۇ . kY"KD22a  
1996 - يىلى ئىنزاگى پارما كوماندىسىدىن ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئۇ ئاتلانتا كوماندىسىغا كىلىپلا قاتتىق مەشىققە كىرىشىپ كىتىدۇ ، ھەم ترېنىرى ، سەبداشلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ . ئۆزىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . تېرىنىرمۇ ئىنزاگىغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ . ئىنزاگىمۇ تېرىنىرنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىدۇ . XVt/qb%)r  
ئىنزاگى ئاتلانتا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى بىرىنچى مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 8V9 [a*9  
1996 - 1997 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ ، شۇ يىلى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگىچى بۇلۇپ باھالىنىش بىلەن ئەڭ ياخشى يىتىشىپ چىققان ماھىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ . ^"9* 'vTtc  
*^] ~RhjB  
WK0 C  
i ib  
ئىنزاگىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى كۈچلۈك بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارىنى قوزغايدۇ . ھەم يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 1997 - يىلى ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . دەرۋەقە ئىنزاگىنىڭ شانلىق پۇتبولچىلىق ھاياتى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن باشلىنىدۇ . 54{q.I@n  
ئىنزاگى يۆتكۈلۈپ كەلگەن شۇ يىلىلا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ نەتىجىنى ئىنزاگىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە . b7HffO O  
شۇنداقلا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىدۇ . ئەپسۇزلىنارلىقى خانلىق مادرىت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . c pk^!@c  
ئىنزاگى بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئالتۇن ئۆسمۈر بولغان دېل پېررو ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان زىدانىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سىپى ئەڭ ياخشى ھۇجۇم سىپى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . y500Xs[c  
1997 - 1998 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ چىمپىيون بۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ . ھەم شۇ يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرگە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ چىمپىيون بولىدۇ . lwT9~Hyp  
1998 - 1999 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ ئىنزاگىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ . 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ . 1999 - 2000 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 15 توپ كىرگۈزىدۇ . 2000 - 2001 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ كىرگۈزىدۇ . wG 1l+^p  
#DFV=:|~  
Md,pD Wb  
t P"\J(x  
: K':P5i  
kL>d"w  
1998 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 1998 - يىلدىكى فرانسىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ئىنزاگىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئىدى . ئەپسۇزلىنارلىقى تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللاش مۇسابىقىسىدە فرانسىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ . 17|np2~  
2000 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . لىكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 2 : 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . #]]Su91BA  
2002 - يىلىمۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 2002 - يىللىق كورىيە - ياپونىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ، لىكىن يەنە شاللىنىپ كىتىپ دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلىنىدۇ . S'LZk9E  
EW 
2002 - يىلى ئىنزاگىنىڭ ياخشى ئىپادىسى داڭلىق ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ شۇ يىلى ئا س مىلان كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ كىلىدۇ . ئىنزاگى كوماندىغا يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىنلا قىزىل قارا قوشۇندا بولمىسا بولمايدىغان ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 6KZf%)$  
2003 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسى بىلەن ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ 6 قېتىم لوڭقا كۆتۈرىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ . crcA\lJf  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كوماندىسى 17 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . لىكىن ئىنزاگى يارلىنىش سەۋەبىدىن كوماندا ئۈچۈن ئانچە زور كۈچ چىقىرالمايدۇ . j;1-p>z  
SqA J-_~  
ao" %WX  
V'Kgdj  
2006 - يىلى ئىنزاگى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ . گەرچە ئىنزاگى بىر توپلا كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئاخىرى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . 8~lIe:F-  
= &wmWy  
DQ#H,\ ^<  
%xZG*2vc!B  
2007 - يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىنزاگى جەمئىي 6 توپ ئۇرىدۇ . ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى لېۋىرپول كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . مىلان كوماندىسى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ئىنزاگى ناھايىتى چىرايلىق ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ . ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولىشىغا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىدۇ . /iC;%r1L  
xo}b= v  
2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم مۇسابىقە جەريانىدا ناھايىتى چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ بوكا ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنزاگى مۇشۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىدى . 51C2u)HE  
2008 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 6 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . بۇ 33 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە . PNOGN|D  
eN? Y7  
f3j{VN  
IQ< MyB(  
2009-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنى كىچىك ئايلانما مۇسابىقىدە يەنى مارسىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ، ھەم ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 68 - توپىنى كىرگۈزۈپ رائۇلدىن 1 توپ ئىشىپ كەتكەن . ( كىيىن رائۇل يەنە ئىنزاگىدىن ئىشىپ كىتىدۇ ) >T2LEW  
9E2j!  
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مىلان كوماندىسى بىلەن رىينا كوماندىسى ئولتۇرسىدا بولىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى 300 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . gWABY%!}  
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى لىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنوت بولغاندا 37 ياشلىق ئىنزاگى ئەڭ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزىدۇ . ھەم كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 - يىل ئۇدا توپ كىرگۈزۈشتەك رىكوتنى يارىتىدۇ . p.I.iAk%G^  
2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى مەيدانغا چۈشىدۇ ھەم چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 70 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . ھەم گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچى مۇللىردىن ئىشىپ كىتىدۇ . بۇ مۆجىزىنى يارىتىش بىلەن بىرگە مىلان كوماندىسىدىكى 125 توپىنى كىرگۈزۈپ ، ئەينى يىللاردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ۋان باستىندىن ئىشىپ كىتىدۇ . HoV^Y6  
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 2011-يىلى 1-ئايدا پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ ئېغىر يارلىنىپ مىلەن كوماندىسىغا ئېغىر سىناق بولغان ، ئۇ 3 ئاي دەم ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ كەلگەن . باشقىلار ئۇنى ئەمدى دەم ئالغىن دېگەندە ئۇ ھەمىشە مەن ئاخىرغىچە دەم ئالمايمەن دېگەن ئۇ مۇشۇنداق قەيسەر باتۇرانە روھى بىلەن مىلەن كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان شۇنداقلا باشقا كوماندا ئەزالىرىغا ئۆلگە بولغان . 0]QRsVz+  
w -Nhs6  
[7(-T?_  
lis/`B\x  
3lV^B[$  
UnVm1ZWZ  
Kvsh  
ئىنزاگىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى ئىككى خەت بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ يەنى پۇرسەت تۇتۇش دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، ئۇ مەيداندا ھەمىشە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدۇ ،ھېلى سول تەرەپ ھېلى ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ، كىشلەر ئويلىمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولالايدۇ . ئۇ يەنە توپنى بىرتەرەپ قىلىشقا بەكلا ماھىر ، سەپداشلىرىغا دائىم ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ ،ياكى ئۆزى يالغۇز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ . ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم تەشكىلىلەلەيدۇ . yc|VJ2R*  
ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەركىتى جانلىق ، بىرقانچە بىك تەڭ باقسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇلاردىن قۇتىلالايدۇ . ئىنزاگى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى ھەر قانداق رايوندىن توپ ئۇرالايدۇ . ئۇنىڭ كاللا توپ ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس . 1qV@qz  
ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى تۇراقسىز ، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بېقىشى تەس ، توپ بار يەردە ئۇ شەيتاندەكلا پەيدا بولىدۇ . ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قالتىس ، ئاساسەن پۇتىغا چۈشكەن توپنى زايە قىلمايدۇ . ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . ئۇ ھەر ۋاقىت كوماندا مەنپەتىنى ئويلايدۇ . + OV')oE  
ئۆزىنىڭ قىياسىغا ئاساسەن قارشى تەرەپكە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ . ئۇ مەيداندىكى رولىغا بەك دېققەت قىلىدۇ . ئورۇن تاللاش ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، غەلبە قىلىش ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك . ئازراقلا پۇرسەت تاپسا بوش قويۋەتمەيدۇ . ئىنزاگى ھۇجۇمچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھۇجۇمچى . $$:ZX  
D&HV6#  
fwzb!"!.@  
p}[zt#v  
ئۇ ئەنچىلودىنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي بىر چەكلەنگەن رايون قاتىلى . شىۋىتسىيە داڭلىق پۇتبول چولپىنى لارسوننىڭ نەزىرىدە ئۇ تۇغما ۋارتاغا توپ ئۇرغۇچى ، ھەر ۋاقىت تەھدىت ئىلىپ كەلگۈچى . DWdW,xG  
مانچىستىر تېرىنىرى فورگۇسۇن نەزىرىدە ئافسايىت رايونىدا تۇغۇلغۇچى . ئىتالىيە زوڭلىسى بىلروسكىنىڭ نەزىرىدە ئا س مىلان تارىخىغا يىزىلغۇچى . پۇتبول شاھى شۇم ئېغىز بىللىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ھۇجۇمچى بولماستىن بەلكى بىر ئەرۋاھ . داڭلىق تېرىنىر مورىنئونىڭ نەزىرىدە ئىنزاگى ئۆزىدىنمۇ ئۆتە تەلۋە . ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبولچى . چىملىقتىكى ھارماس تالماس قەھرىمان . ھەر ۋاقىت غەلبە قىلىشنىلا ئويلايدىغان چولپان ! }^B6yWUN  
دۇنيادىكى بىردىن بىر بىر سىكىنوت ۋاقىت ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن توپ ئۇرۇپ ، سىزنى بىر ئۈمۈر پۇشايماندا ھەسرەتتە قالدۇرغۇچىدۇر !
-.{g}R%  
)& u5IA(  
[ بۇ يازمىنىچوكىناتدە2012-04-23 22:52قايتا تەھرىرلى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+20(22kaka22) نادىر تىما

  • مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا ، مىللەتنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ!
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1709
    شۆھرەت: 2187 نۇمۇر
    پۇل: 4774 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 139934(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    1  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:46

    ھەقىقەتە چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى پۇرسەت تۇتۇش شاھزادىسى بۇ ......... %HJK;   
                ۋاقىت ھەممىنى ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ  .بولمىسا بۇنىڭدەك ئالدى ھۇجۇمچى يوق جاھاندا................ 4#l o$#  
    ئىنزاگى  قايتىپ كىلىپلا نادىر تىمىنى باشلىۋىتىپسىز........
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1709
    شۆھرەت: 2187 نۇمۇر
    پۇل: 4774 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 139934(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-05-27
    2  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:48

    بۇنىڭ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ھاياجان بىلەن  ئەسەبىي ۋارقىراپ تەبىرىكلىشىگە كۆيىمەن جۇما..............