تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى ) --]

پۇتبول كۇلۇبى -> داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار -> مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى ) [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

ئىنزاگى 2012-04-23 20:03

ئۇ راستىنلا قېرىپ كەتتى ، لىكىن 18 ياشلىق قىران يىگىتلەردىن قىلىشمايدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى جەسۇر قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز قالدى . ماڭا پۇتبولنى تۇنۇتقان سەن ئىدىڭ ، پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقنى ياققان ئۇچقۇن سەن ئىدىڭ ، چىملىقتىكى جەسۇر جەڭچىنىڭ سىمايىسىنى كۆرسەتكەن سەن ئىدىڭ !ئەڭ ياخشى پۇرسەت تۇتۇش ئۇستىسىمۇ ، چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ئىدىڭ . Z,~Bz@5`"  
<X]'":  
سېنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭمۇ يوق ، تېزلىكىڭمۇ ئادەتتىكىچە ، توپ كونتىرول قىلىشىڭمۇ ئادەتتىكىچە . سېنىڭ باگگىئوغا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكاڭ ، رونالدوغا ئوخشاش ، ھېنرىغا ئوخشاش چاقماقتەك تېزلىكىڭ يوق . پۇتبول شاھى مارادونادەك شاھلىق تاجاڭمۇ يوق . لىكىن سەن دائىم توپ ئۇرۇپ تۇرىسەن . لىكىن سېنىڭ غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشىڭ ، مەيداندا ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەيدىغان جاھىل مىجەزىڭ سىنى غەلبىگە باشلايدۇ . JG6"5::  
سېنىڭ زىدانىغا ئوخشاش شان شەرىپىڭ يوق ، ئەمما لىكىن سېنىڭ مەيدان ئالدىدىكى پۇرسەت يارىتىشىڭ ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ . G&ZpQ)  
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى سەن ، ھەقىقىي چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ، سېنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر مۇنەۋەر قاپقىچىمۇ تىترىمەي قالمايدۇ . سان سېرودا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانمۇ سەن . YT:])[gVV  
سەن مورىنئو ئېيىتقاندەك تەلۋىلەرنىڭ تەلۋىسى سەن . سەن بولمىغان مۇسابىقە مېنى جەلىپ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . سېنىڭ جەسۇر قىياپىتىڭنى سېغىندىم ! ['1JN UX  
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------- ,]CZ(q9-  
ZWJ%t'kF  
>v1E;-ZA  
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى gN"Abc  
مەيدان ئورنى:ھۇجۇمچى z 'iAj  
ئېگىزلىكى:181 i,k.#Vx[m  
ئېغىرلىقى:74 Kterp%J?  
دۆلەت تەۋەلىكى:ئىتالىيە +Ndo$|XCy]  
.nGY x  
ئىزاجى بولسا يېقىنقى 20يىلدىن بۇيانقى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىسى،ئۇ 1998 - يىلى ، 2002 -يىلى 2006 –يىللىق ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە 2006-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. <OYy ;s  
ئۇ ھازىر ئا.س مىلەن كوماندىسىدا توپ ئوينايدۇ. [ij8h,[~]  
1996 - 1997 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدەئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى بولغان m{~p(sQL  
1997 - 1998 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان  f]P&>j|  
1998 -يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  ^p'iX4M  
2003 - يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .   p@/i e@DX  
2003 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان ZTq"SQ>ym  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان: 0K0[mC}ZwM  
2006 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . h{ &X`$  
2006 - 2007 يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . "IK QFt'  
2007 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  m{U+aqAQK  
2010 -2011 - يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان 3c#CEuu  
2011 - يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان . fvW7a8k3  
2{<5?Op  
KUr}?sdz  
' (JSU   
ئىنزاگى بەك كۆپ يارلانغان پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ، 38 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ھازىرغىچە توپ ئويناشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس . OygR5s +  
h\ZnUn_J  
ئىنزاگى 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىتالىيىنىڭ پىياسىنزا شەھەرىدە ئاددىي ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپلا پۇتبولغا زور ئىشتىياق باغلايدۇ . بۇ ياش ئۆسمۈرنىڭ پۇتبولغا بولغان زور ئىشتىياقى ئۇنى يۇرتىدىكى پىياسىنزا كوماندىسىغا كىرىشىگە تۈركە بولىدۇ . بۇ كوماندا ب دەرىجىلىك كوماندا بۇلۇپ ، نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . 6LGy0dWpG  
شۇنىڭ بىلەن ئىنزاگى 1992 - يىلى ئالبىنىئو لېفۇ كوماندىسىغائىجارىگە بېرىلىدۇ . 21 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 1993 - يىلى ئىنزاگى ۋېرونا كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ . ۋېرونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 37 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزىدۇ . ئىنزاگىنىڭ بۇ كوماندىدىكى ۋاقتىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ ھەم 1994 - يىلى يەنە ئانا كوماندىسى بولغان پىياسىنزا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئىنزاگى پىياسىنزا كوماندىسى ئۈچۈن 37 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 15 توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ . MKad 5gD*<  
G~oGBq6Gz  
P= e3f(M2  
|Rh%wJ  
بارغانسېرى يىتىشىۋاتقان ئىنزاگىغا ئا دەرىجىلىك كوماندا بولغان پارما كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم 1995 - يىلى 6 - ئايدا رەسمىي پارما كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئىنزاگى پارما كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن تېرنىرنىڭ يىتەكلىشىدە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەيدۇ ، لىكىن ئىنزاگىغا كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم قاتتىق يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالىدۇ . پارما كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 2 توپ كىرگۈزىدۇ . كۇلۇپمۇ ئىنزاگىنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمايدۇ . mL!)(B b  
1996 - يىلى ئىنزاگى پارما كوماندىسىدىن ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئۇ ئاتلانتا كوماندىسىغا كىلىپلا قاتتىق مەشىققە كىرىشىپ كىتىدۇ ، ھەم ترېنىرى ، سەبداشلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ . ئۆزىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . تېرىنىرمۇ ئىنزاگىغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ . ئىنزاگىمۇ تېرىنىرنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىدۇ . _N4G[jQLJ  
ئىنزاگى ئاتلانتا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى بىرىنچى مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . OK{_WTCe>  
1996 - 1997 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ ، شۇ يىلى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگىچى بۇلۇپ باھالىنىش بىلەن ئەڭ ياخشى يىتىشىپ چىققان ماھىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ . ]>E)0<t  
:'*;>P .(  
]a4rA+NFLB  
p^QEk~qw  
ئىنزاگىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى كۈچلۈك بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارىنى قوزغايدۇ . ھەم يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 1997 - يىلى ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . دەرۋەقە ئىنزاگىنىڭ شانلىق پۇتبولچىلىق ھاياتى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن باشلىنىدۇ . tI2V)i!  
ئىنزاگى يۆتكۈلۈپ كەلگەن شۇ يىلىلا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ نەتىجىنى ئىنزاگىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە . f+#^Lngo  
شۇنداقلا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىدۇ . ئەپسۇزلىنارلىقى خانلىق مادرىت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . lX^yd5M&f  
ئىنزاگى بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئالتۇن ئۆسمۈر بولغان دېل پېررو ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان زىدانىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سىپى ئەڭ ياخشى ھۇجۇم سىپى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . xq#YBi,  
1997 - 1998 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ چىمپىيون بۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ . ھەم شۇ يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرگە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ چىمپىيون بولىدۇ . 3em&7QM  
1998 - 1999 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ ئىنزاگىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ . 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ . 1999 - 2000 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 15 توپ كىرگۈزىدۇ . 2000 - 2001 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ كىرگۈزىدۇ .  y5"b(nb  
]yc&ffe%  
b FV+|0  
/w5~ O:  
A>0wqT  
&]d-R  
1998 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 1998 - يىلدىكى فرانسىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ئىنزاگىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئىدى . ئەپسۇزلىنارلىقى تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللاش مۇسابىقىسىدە فرانسىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ . ,WvCslZ  
2000 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . لىكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 2 : 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . g8+Ke'=_  
2002 - يىلىمۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 2002 - يىللىق كورىيە - ياپونىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ، لىكىن يەنە شاللىنىپ كىتىپ دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلىنىدۇ . P#gY-k&Nr  
8w 2$H  
2002 - يىلى ئىنزاگىنىڭ ياخشى ئىپادىسى داڭلىق ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ شۇ يىلى ئا س مىلان كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ كىلىدۇ . ئىنزاگى كوماندىغا يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىنلا قىزىل قارا قوشۇندا بولمىسا بولمايدىغان ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . &Fw8V=Pw  
2003 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسى بىلەن ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ 6 قېتىم لوڭقا كۆتۈرىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ . cH== OM7&-  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كوماندىسى 17 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . لىكىن ئىنزاگى يارلىنىش سەۋەبىدىن كوماندا ئۈچۈن ئانچە زور كۈچ چىقىرالمايدۇ . GS<aXh k  
$qvk9 B0E  
wZAY0@pA  
r[u@ [  
2006 - يىلى ئىنزاگى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ . گەرچە ئىنزاگى بىر توپلا كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئاخىرى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . #z( JYw,  
ZysZS%  
}3}{}w0Y  
P%CNu  
2007 - يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىنزاگى جەمئىي 6 توپ ئۇرىدۇ . ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى لېۋىرپول كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . مىلان كوماندىسى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ئىنزاگى ناھايىتى چىرايلىق ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ . ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولىشىغا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىدۇ . `1 tD&te0  
!BQ:R(w  
2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم مۇسابىقە جەريانىدا ناھايىتى چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ بوكا ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنزاگى مۇشۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىدى . dxz.%a@PW  
2008 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 6 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . بۇ 33 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە . !)nA4l= S#  
SL j2/B0  
O 
#RyX}t X,  
2009-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنى كىچىك ئايلانما مۇسابىقىدە يەنى مارسىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ، ھەم ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 68 - توپىنى كىرگۈزۈپ رائۇلدىن 1 توپ ئىشىپ كەتكەن . ( كىيىن رائۇل يەنە ئىنزاگىدىن ئىشىپ كىتىدۇ ) 4ox[,  
}8zw| (GR,  
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مىلان كوماندىسى بىلەن رىينا كوماندىسى ئولتۇرسىدا بولىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى 300 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . /W vgC)  
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى لىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنوت بولغاندا 37 ياشلىق ئىنزاگى ئەڭ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزىدۇ . ھەم كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 - يىل ئۇدا توپ كىرگۈزۈشتەك رىكوتنى يارىتىدۇ . FA+'E  
2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى مەيدانغا چۈشىدۇ ھەم چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 70 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . ھەم گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچى مۇللىردىن ئىشىپ كىتىدۇ . بۇ مۆجىزىنى يارىتىش بىلەن بىرگە مىلان كوماندىسىدىكى 125 توپىنى كىرگۈزۈپ ، ئەينى يىللاردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ۋان باستىندىن ئىشىپ كىتىدۇ . 6oQSXB@  
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 2011-يىلى 1-ئايدا پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ ئېغىر يارلىنىپ مىلەن كوماندىسىغا ئېغىر سىناق بولغان ، ئۇ 3 ئاي دەم ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ كەلگەن . باشقىلار ئۇنى ئەمدى دەم ئالغىن دېگەندە ئۇ ھەمىشە مەن ئاخىرغىچە دەم ئالمايمەن دېگەن ئۇ مۇشۇنداق قەيسەر باتۇرانە روھى بىلەن مىلەن كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان شۇنداقلا باشقا كوماندا ئەزالىرىغا ئۆلگە بولغان . 3fb"1z#  
k3w(KH @  
|#)S`Ua1  
$4&%<'l3I  
)[c@5z y~*  
9A-=T>|of  
t}!Y}D  
ئىنزاگىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى ئىككى خەت بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ يەنى پۇرسەت تۇتۇش دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، ئۇ مەيداندا ھەمىشە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدۇ ،ھېلى سول تەرەپ ھېلى ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ، كىشلەر ئويلىمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولالايدۇ . ئۇ يەنە توپنى بىرتەرەپ قىلىشقا بەكلا ماھىر ، سەپداشلىرىغا دائىم ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ ،ياكى ئۆزى يالغۇز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ . ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم تەشكىلىلەلەيدۇ . +W8L^Wl  
ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەركىتى جانلىق ، بىرقانچە بىك تەڭ باقسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇلاردىن قۇتىلالايدۇ . ئىنزاگى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى ھەر قانداق رايوندىن توپ ئۇرالايدۇ . ئۇنىڭ كاللا توپ ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس . 5g-AB`6T  
ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى تۇراقسىز ، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بېقىشى تەس ، توپ بار يەردە ئۇ شەيتاندەكلا پەيدا بولىدۇ . ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قالتىس ، ئاساسەن پۇتىغا چۈشكەن توپنى زايە قىلمايدۇ . ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . ئۇ ھەر ۋاقىت كوماندا مەنپەتىنى ئويلايدۇ . RAh4#8]  
ئۆزىنىڭ قىياسىغا ئاساسەن قارشى تەرەپكە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ . ئۇ مەيداندىكى رولىغا بەك دېققەت قىلىدۇ . ئورۇن تاللاش ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، غەلبە قىلىش ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك . ئازراقلا پۇرسەت تاپسا بوش قويۋەتمەيدۇ . ئىنزاگى ھۇجۇمچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھۇجۇمچى . O\"k[V?.V  
-fB;pS,  
| k:ecw  
^_Ap?zn  
ئۇ ئەنچىلودىنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي بىر چەكلەنگەن رايون قاتىلى . شىۋىتسىيە داڭلىق پۇتبول چولپىنى لارسوننىڭ نەزىرىدە ئۇ تۇغما ۋارتاغا توپ ئۇرغۇچى ، ھەر ۋاقىت تەھدىت ئىلىپ كەلگۈچى . nc.(bb),  
مانچىستىر تېرىنىرى فورگۇسۇن نەزىرىدە ئافسايىت رايونىدا تۇغۇلغۇچى . ئىتالىيە زوڭلىسى بىلروسكىنىڭ نەزىرىدە ئا س مىلان تارىخىغا يىزىلغۇچى . پۇتبول شاھى شۇم ئېغىز بىللىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ھۇجۇمچى بولماستىن بەلكى بىر ئەرۋاھ . داڭلىق تېرىنىر مورىنئونىڭ نەزىرىدە ئىنزاگى ئۆزىدىنمۇ ئۆتە تەلۋە . ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبولچى . چىملىقتىكى ھارماس تالماس قەھرىمان . ھەر ۋاقىت غەلبە قىلىشنىلا ئويلايدىغان چولپان ! \?VNr2   
دۇنيادىكى بىردىن بىر بىر سىكىنوت ۋاقىت ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن توپ ئۇرۇپ ، سىزنى بىر ئۈمۈر پۇشايماندا ھەسرەتتە قالدۇرغۇچىدۇر !
.EXe3!J)!  
a#k=! W  

lost 2012-04-23 20:18
سىزىق ئۈستىدىكى شاھزادە ، مەڭگۈلۈك مىلەننىڭ قەھرىمانى ، ئوزغۇنلۇقتا مۇداپىيەچىلەرنىڭ يۈرىكى شۇ قىلۋەتكەن ھۇجۇمچى ، بىردىن بىر مورىنئونىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن ئالدىغا كىلىپ ئەھۋال سورىغان جەڭچى ، ۋاقىت نىمىدىگەن رەھىمسىز بىر ۋاقتلاردا چىملىق مەيداندا ئاتتەك چىپىپ يۈرەتتىڭ ھەش پەش دىگۈچە قىرىلىق سىنى يىشىل چىملىقتىن ئايرىدى ، ئافىنا كىچىسدە مۆجىزە ياراتتىڭ شۇ ۋاقىتتكى ياراتقان مۆجىزەڭ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ  . ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە باگىيونىڭ مىلەن بىلەن سامپولىدىيە  بولغان مۇسابىقىدىكى ئايرىلىش ۋاختىدا پۈتۈن مەيدان ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتقان شۇ پەيىتتە ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل سوغۇق ئىقىم پەيدا بولغان مانا ھازىر سەنمۇ شۇ ۋاقىتتىدىكىگە ئوخشاش يىشىل چىملىقتىن خوشلىشىدىغان بولدۇڭ سەن ئايرىلدىغان ۋاختىدا مەندە قانداق سىزىم پەيدا بولدىغانلىقىنى ھازىر ئويلاپمۇ يىتەلمەيمەن ، ساڭا يەنە نۇرغۇن تىلەكلىرىم بار ئىدى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن ساڭا ھازىرچە خوش دىيىش سەل بۇرۇن بولسىمۇ خوش دەۋالاي مىلەن ساڭا خوشلىشش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە قەرىز شۇ ۋاقىتنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن !!

bawdun 2012-04-23 20:18
ئېسل ھۇجۇمچىدە .  دىل پىرۇ بىلەن بۇ ئىككسىنى خىلى خىلى ھۇجۇمچىلارغا تەڭ قىلمايمەن ..

ئوۋچى312 2012-04-23 20:23
ئېرنەندىستە بۇنىڭچىلىك بوي بوپكەتكەن بولسا توپ ئويناشلىرى بەك ئوخشايدۇ ئىككىسىنىڭ

پارتىزان 2012-04-23 20:42
يەنە بىر نادىر تېما !          Wf/Gt\?  
ئىنزاجىنىڭ پۇتبول تارىخىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيتىم !   ئۈستىدىكى سۈپەتلەشلەر ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ !   5qtZ`1H q  
كىلەر پەسىل بەلكىم يېشىل چىملىقتا كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن بۇنى  

ئەسلىمە 2012-04-23 20:46
ھەقىقەتە چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى پۇرسەت تۇتۇش شاھزادىسى بۇ ......... )p' ZSXb  
            ۋاقىت ھەممىنى ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ  .بولمىسا بۇنىڭدەك ئالدى ھۇجۇمچى يوق جاھاندا................ AFO g*{1  
ئىنزاگى  قايتىپ كىلىپلا نادىر تىمىنى باشلىۋىتىپسىز........

دىلاۋۇر 2012-04-23 20:47
قول قويىمەن بۇنىڭغا

ئەسلىمە 2012-04-23 20:48
بۇنىڭ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ھاياجان بىلەن  ئەسەبىي ۋارقىراپ تەبىرىكلىشىگە كۆيىمەن جۇما..............

ئەكرەم77 2012-04-23 20:54
ياخشى ھۇجۇمچى ، توپ كىرگۇزۇپ بوپ تەبىرىكلشى ئادەمنى بىرخىل تەسىرلەندۇرىدۇ

c.ronaldo77 2012-04-23 21:18
بۇنىڭ لەقىمى :   سۆلەتۋاز بەگزادە  

noyear 2012-04-23 21:24
بۇ پۇتبۇل ساھەسىدىن چىكىندىما،،

تۇران 2012-04-23 21:33
پۇرسەت تۇتۇش ماھىرى. دوستۇم دائىم ماختايدىغان :مەيدانغا چىقسىلا توپ ئۇرىدۇ .دەپ!    4/UY*Us&  
نادىر تىما!

qimlik 2012-04-23 21:34
  ئىمزايىڭىزدىكى  ئاۋۇ  سۆز  كىشىنى  ئويلاندۇرۇپ  قويىدىكەن

توپ تەپكۈچى 2012-04-23 22:13
توغرا ..چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى ھەقىقى پۇرسەت تۇتۇش ماھىرى..مىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى يەنىلا توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئەسەسبى تەبربىرلەش ھەركىتى...

مىراس 2012-04-23 22:17
بۇرۇن بەك بىلىپ كەتمەيتىم بۇنى 2010-يىل 11-ئاينىڭ 4كۈنى رەسمى تۇنۇۋالغالغانتىم ئەمما      

چوكىنات 2012-04-23 22:54
ئىتالىيەدىكى ئېنزاگىغا قارىغاندا ، مۇنبەردىكى ئېنزاگىنى بەكىرەك سېغىندۇق....

مەنزىل 2012-04-23 22:58
يەنە مۇنبەر كونىلىرى كەپتۇ دە

ئىنزاگى 2012-04-23 23:06
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى noyearدە2012-04-23 21:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : *^[6uaa  
بۇ پۇتبۇل ساھەسىدىن چىكىندىما،، aj1g9 y  
u{uqK7]+  
ياق تېخى

ئىنزاگى 2012-04-23 23:08
نۇرغۇنىڭلارنىڭ ئىسمى ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ نىمە ؟   ياكى مۇنبەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىلەلمىدىممۇ يا  

سەھرا9 2012-04-23 23:13
بۇنىڭ ئۇرغان توپىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئوفسايت        K,PN:  
y La E]  
بۇنىڭ بىلەن ئۇزغۇنلۇق ئوينىغان كۇماندىدىكى بىكلەرنىڭ جېنىغا ۋاي  ، بىچارىلە ئوفسايت ياسايمىز دىگەنگىمۇ تۇيۇدۇدە      p*1 B *R  
vwa*'C  
مۇشۇ كۈنلەردە نادىر تىمىنى ئېبلىس قائوخشاششلا يېزۋاتىسىز جۇما

realmadridclub 2012-04-23 23:14
نادىر تېما بۇپتۇ، $Tt.r  
ئۇزۇن بۇپتۇ كۆرمىگىلى

luca 2012-04-23 23:16
كۆزۆمگە ياش كەپ كەتتى . مۇشۇنى ئىنزاگى ئۆزى ئوقىسا يىغلاپ كىتەرھە   ۋاقىت ئاتقان ئوق دىگەن شۇدە، نەدە بولساڭ ئامان بول ئىنزاگى سىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز...

jasur007 2012-04-23 23:18
راست جاپا چېكىپسىز V;Ln|._/t  
ئىنزاگى راستلا ئېسىل ھۇجۇمچىتى ، ۋې8 دە مىلاننى تاللاپ ئوينىغاندا بۇنى يان ھۇجۇمغا ئورۇنلاشتۇرسا ئۈنۈمى داق بولىدۇ . ئەمما يامان يېرى سەل ئاسانلا يارىلىنىپ

ئىنزاگى 2012-04-23 23:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى سەھرا9دە2012-04-23 23:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 7m:TY>{  
بۇنىڭ ئۇرغان توپىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئوفسايت        .VohW=D3  
s E;2;2u"  
بۇنىڭ بىلەن ئۇزغۇنلۇق ئوينىغان كۇماندىدىكى بىكلەرنىڭ جېنىغا ۋاي  ، بىچارىلە ئوفسايت ياسايمىز دىگەنگىمۇ تۇيۇدۇدە      S?c 
152LdZevF  
مۇشۇ كۈنلەردە نادىر تىمىنى ئېبلىس قائوخشاششلا يېزۋاتىسىز جۇما 6(ER$  
]a[2QQ+g  
مۇنبەرگە چىقمىغىلى بىر يىلدىن ئىشىپتۇ ، شۇڭلاشقا ئورنىنى تۇلۇقلاۋاتىمەن

بېرنابۇ 2012-04-24 00:33
مەن پۇتبولغا مەستانە بولغاننىڭياقى مىلاندىكى مالدىنى، پىرلو، ئىنزاگى لارنى ھەقىقىي سادىق پۇتبولچىلار دەپ تونۇدۇم، كەسپىي ھاياتىنى مىلاندىن باشلاپ مىلاندا ئاخىرلاشتۇرغان مالدىنى مەن ئەڭ ياقتۇردىغان پۇتبولچى، ئۇنىڭدىن قالسا ئىزاگى بىلەن پىرلو ئىدى، ئەپسۇس پىرلو كەسپىي ھاياتىنى سان-سىرودا ئاخىرلاشتۇرۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ئەمما رېئاللىق ئۇنىڭغا يول قويمىدى. ئەمدى ئىزاگىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسىغا سادىقلىقىغا، پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىگە، مەيداندىكى تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايمەن، ئۇ ئارزۇسى بويىچە پۇتبولچىلىق ھاياتىنى پات ئارىدا سان-سىرودا ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىزلەر بىلەن خوشلاشماقچى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن! |D[LU[ 
DU-dIq i  
K 28s<i`  

ئىنزاگى 2012-04-24 00:38
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى بېرنابۇدە2012-04-24 00:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : x. /WP~I  
مەن پۇتبولغا مەستانە بولغاننىڭياقى مىلاندىكى مالدىنى، پىرلو، ئىنزاگى لارنى ھەقىقىي سادىق پۇتبولچىلار دەپ تونۇدۇم، كەسپىي ھاياتىنى مىلاندىن باشلاپ مىلاندا ئاخىرلاشتۇرغان مالدىنى مەن ئەڭ ياقتۇردىغان پۇتبولچى، ئۇنىڭدىن قالسا ئىزاگى بىلەن پىرلو ئىدى، ئەپسۇس پىرلو كەسپىي ھاياتىنى سان-سىرودا ئاخىرلاشتۇرۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ئەمما رېئاللىق ئۇنىڭغا يول قويمىدى. ئەمدى ئىزاگىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسىغا سادىقلىقىغا، پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىگە، مەيداندىكى تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايمەن، ئۇ ئارزۇسى بويىچە پۇتبولچىلىق ھاياتىنى پات ئارىدا سان-سىرودا ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىزلەر بىلەن خوشلاشماقچى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن! Kw`}hSE>o  
L;  
v/,,z+%-  
Q%0 N\  
q oz[x  
L(HAAqRnJ  
نىمىدىگەن چىرايلىق رەسىم بۇ

yarkuyi 2012-04-24 00:50
مەنمۇ جازا رايۇندىكى ئورۇن ئېلىشغان كۆيمەن  دەششەت باللتى ! z:A_  
ئىسىت  بۇپەسىل ئۆمىرى بىھۇدە كەتتى ! [u^~ND'  
مادرىتتىكى ھىگۋيىنن تېپىك ئۆزى بۇ بالنىڭ  

كۆك بۆرە 2012-04-24 01:00
سېغىنمامتىكى، تۇنجى قېتىم بۇنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچىدا ئاڭلىغاندا 因扎吉 دېسە مەن تېخى ئىمىتاجى ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن

چوكىنات 2012-04-24 01:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى ئىنزاگىدە2012-04-23 23:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ,W>-MPJn[8  
نۇرغۇنىڭلارنىڭ ئىسمى ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ نىمە ؟   ياكى مۇنبەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىلەلمىدىممۇ يا   /`7G7pQ+  
8]WcW/1r !  
i1!Y {  
q'%!qa+  
  ھە شۇنداقراق... بۇرۇنقى مۇنبەر فۇتوگرافى چىمەلتەك ھازىرقى چوكىناتقا ئۆزگەردى...

ئىنزاگى 2012-04-24 01:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى چوكىناتدە2012-04-24 01:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : VBK|*Tl  
{X-a6OQj  
gN[^ ,u  
3]kN9n{  
  ھە شۇنداقراق... بۇرۇنقى مۇنبەر فۇتوگرافى چىمەلتەك ھازىرقى چوكىناتقا ئۆزگەردى... .d+zF,02Z  
*O7PH1G  
ھە شۇ ، بىر يەدە شۇ تۇنۇش پۇراق

ئاتامان 2012-04-24 06:00
نادىر تېما يېزىش ئۇستىسى ئىنزاگى قايتىپ كەپتۇ دە ؟   قارشى ئالىمىز ! ul!q)cPb{  
9G4os !x)  
بۇنىڭ پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى. =)J 
uFFC.w  
بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە، ئەگەر ئىنزاگى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كەلگەن پاسنى قاپقىغا بىۋاستە تەپسە كىرىش نىسبىتى 95%، ئەگەر بىر قېتىم توختىتىپ ئاندىن قاپقىغا تەپسە كىرىش نىسبىتى 50%، ئەگەر يەنە بىر قېتىم توپقا چېقىلسا ئۇ چاغدا توپنىڭ كىرىش نىسبىتى ئاران  5% بولىدۇ دەپ يېزىلىپتىكەن.

suykasiqi 2012-04-24 09:03
كىيىنىكى ئىشلىرى ئۇڭشۇلۇق بولغاي

مۇزات 2012-04-24 10:01
بۇنىڭغا باققاندا مۇنبەردىكى ئىنزاگىنى ۋە ئىبلىسلارنى بەكرەك سېغىندۇق .   *Zn,v-d  
چىملىق تۈلكىسى دەپمۇ بىر نامىنى ئاڭلىغان بۇنىڭ ، دىمىسىمۇ بۇنى باققان بېكنىڭ ھالىغا ۋاي، ئوفسايت ياسايمەن دەپ توپ يەۋالىدۇ . شەيتاندەك يا باش رېپىر يا يان رېپىر كۆرمەيدۇ ، كۆز باغلاش ھۈنىرى بارمىكىن يا .  

ankar528 2012-04-24 10:12
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى كۆك بۆرەدە2012-04-24 01:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : i^ eDM.#X  
سېغىنمامتىكى، تۇنجى قېتىم بۇنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچىدا ئاڭلىغاندا 因扎吉 دېسە مەن تېخى ئىمىتاجى ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن  FO qD  
~P9^4  
&>XSQB(&%  
83Fmu/(  
Q5;EQ .#  
مەنمۇ ھازىرغىچە ئۇنى يۈنىساجى دەيمەن

ibrayimoviq 2012-04-24 11:04
نامسىز شاھ

dilmurat. 2012-04-24 13:24
نادىر تىما....................

simsimgate 2012-04-24 14:49
10يىلدىن بېرى ۋېئېرى ، رونالدو ،مىسسى ،س. قاتارلىق نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنى كۆردۈم، ئەمما ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتتا ئىنزاگىدەك ئەسقاتىدىغان ھۇجۇمچىدىن باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى مىسسى .س.رونالدودەك يۇقۇرى ئەمەس، ئەمما ھەربىر مۇھىم مۇسابىقىدە مىلان مەستانىلىرىنى دوزاخ ئىشىكىدىن ياندۇرۇپ چىقالايدۇ . F$H^W@ 
ئىنزاگى ئەڭ قاتىل ھۇجۇمچى ئەمەس، ئەمما ئەڭ جانغا ئەسقاتىدىغان ھۇجۇمچى . !\N|$- M  
Ed&M  
Ke,$3Yx  
مۇخبىر :  ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا قايسى ۋاقىتقا قايتاتتىڭىز ؟ j?9fb  
D*o[a#2_  
ئىنزاگى :  20يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتىپ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا مىلاننىڭ جەڭ كىيىمىنى كېيەتتىم . 8 t Ef>  
c 
بەلكىم بۇندىن كېيىن مىلاندا يەنە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى چىقىشى مۇمكىن ، ئەمما ھېچقايسىسىنىڭ ئىنزاگىدەك ھاياجان ئاتا قىلالىشىغا ئىشەنمەيمەن . A/{0J\pA  
*/yR _f  
كەمپىر لوڭقىسىدا بارساغا ئۇرغان توپى تېلفۇنۇمغا قاچىلاغلىق ، ھەركۈنى دېگۈدەك كۆرىمەن !~~!

ئىنزاگى 2012-04-24 16:10
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى ibrayimoviqدە2012-04-24 11:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : =h4* ^NJ  
نامسىز شاھ +H7lkbW  
F .(zS(q  
نەق ئۆزى دىسە

isimsiz 2012-04-24 18:59
تۈلكىدەك ھىلىگەر، مۇشۇكدەك چەبدەس پۇرسەت ئۇستىسى بۇ.

ئۇششۇق 2012-04-25 00:31
مەن سىغنىدىم خەلقىم سەنمۇ سىغىندىڭمۇ؟ io[$QTY  
".9 b}}  
ئىنزاگىنىمۇ سىغىندىم. لىكىن ھازىر ھەممىدىن بەك سىغىنغىنم كافۇ، روي كوستا، كاكا، كوستاكۇتا دىگەنلەرنى بەك سىغىندىم.  بىر راۋۇرۇس پۇرسەت يارتالايدىغان ئالدى بەلگە مىلان ئەمدى يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئىرىشەركىن تاڭ. يان بىك، ئالدى بەل،  

adidas777 2012-04-25 01:13
مەن بەك ياقتۇرىمەن بۇنى ئوغۇل %<|w:z$vp  
777

jasaret007 2012-04-26 14:25
ئىنزاجىنىڭ پۇتبول تارىخىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيتىم !   ئۈستىدىكى سۈپەتلەشلەر ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ !    

ئىنزاگى 2012-04-26 17:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى ئۇششۇقدە2012-04-25 00:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : RcQo1  
مەن سىغنىدىم خەلقىم سەنمۇ سىغىندىڭمۇ؟ >j [> 0D  
4CR.=  
ئىنزاگىنىمۇ سىغىندىم. لىكىن ھازىر ھەممىدىن بەك سىغىنغىنم كافۇ، روي كوستا، كاكا، كوستاكۇتا دىگەنلەرنى بەك سىغىندىم.  بىر راۋۇرۇس پۇرسەت يارتالايدىغان ئالدى بەلگە مىلان ئەمدى يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئىرىشەركىن تاڭ. يان بىك، ئالدى بەل،   FyZ p,uD  
F$l]#G.@A  
رۇي كوستا ھاجايىپ بىر پۇتبولچى ئىدى ، ئۇنىڭ قىسقا پاسلىرى ، ئۇرغان نوقتا توپ ئىختىيارى توپلىرى كۆز ئالدىمدىن زادى كەتمەيدۇ . ئۇ ھەقىقىي بىر ئولتۇرا مەيدان سەنئەتكارى

mamatjan77 2012-05-10 16:56
ئېسل ھۇجۇمچىدە    


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى ) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055389 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us