سىز بۇ تېمىنىڭ 1679 - ئوقۇرمىنى
تېما: مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )
... Super Pippo ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 91
جەۋھەر: 42
يازما: 1043
شۆھرەت: 3391 نۇمۇر
پۇل: 0 سوم
تۆھپە: 370 نۇمۇر
ياخشى باھا: 350 نۇمۇر
توردا: 488(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-09
ئاخىرقى: 2012-05-27
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 20:03

مەن سېغىندىم ، سىلەر سېغىندىڭلارمۇ ؟ ( ئىنزاگى )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما totti تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-23)
ئۇ راستىنلا قېرىپ كەتتى ، لىكىن 18 ياشلىق قىران يىگىتلەردىن قىلىشمايدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى جەسۇر قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز قالدى . ماڭا پۇتبولنى تۇنۇتقان سەن ئىدىڭ ، پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقنى ياققان ئۇچقۇن سەن ئىدىڭ ، چىملىقتىكى جەسۇر جەڭچىنىڭ سىمايىسىنى كۆرسەتكەن سەن ئىدىڭ !ئەڭ ياخشى پۇرسەت تۇتۇش ئۇستىسىمۇ ، چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ئىدىڭ . 2Q,e1' =  
bcC ;i~9  
سېنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭمۇ يوق ، تېزلىكىڭمۇ ئادەتتىكىچە ، توپ كونتىرول قىلىشىڭمۇ ئادەتتىكىچە . سېنىڭ باگگىئوغا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكاڭ ، رونالدوغا ئوخشاش ، ھېنرىغا ئوخشاش چاقماقتەك تېزلىكىڭ يوق . پۇتبول شاھى مارادونادەك شاھلىق تاجاڭمۇ يوق . لىكىن سەن دائىم توپ ئۇرۇپ تۇرىسەن . لىكىن سېنىڭ غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشىڭ ، مەيداندا ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەيدىغان جاھىل مىجەزىڭ سىنى غەلبىگە باشلايدۇ . #, W7N_mt  
سېنىڭ زىدانىغا ئوخشاش شان شەرىپىڭ يوق ، ئەمما لىكىن سېنىڭ مەيدان ئالدىدىكى پۇرسەت يارىتىشىڭ ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ . i[H`u,%+(  
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى سەن ، ھەقىقىي چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ، سېنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر مۇنەۋەر قاپقىچىمۇ تىترىمەي قالمايدۇ . سان سېرودا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانمۇ سەن . g:`V:kbY$  
سەن مورىنئو ئېيىتقاندەك تەلۋىلەرنىڭ تەلۋىسى سەن . سەن بولمىغان مۇسابىقە مېنى جەلىپ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . سېنىڭ جەسۇر قىياپىتىڭنى سېغىندىم ! B 
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------- w0x, ~  
 
1om:SHw  
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ]re1$ W#*  
مەيدان ئورنى:ھۇجۇمچى y|Tb&XPD  
ئېگىزلىكى:181 (S* T{OgO  
ئېغىرلىقى:74 lhva|  
دۆلەت تەۋەلىكى:ئىتالىيە &z8@  rk|  
T?{"T/  
ئىزاجى بولسا يېقىنقى 20يىلدىن بۇيانقى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىسى،ئۇ 1998 - يىلى ، 2002 -يىلى 2006 –يىللىق ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە 2006-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. w`&~m:R  
ئۇ ھازىر ئا.س مىلەن كوماندىسىدا توپ ئوينايدۇ. b=horvs/!  
1996 - 1997 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدەئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى بولغان 9'faH  
1997 - 1998 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان  ({i}EC7{  
1998 -يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  4\a KC%5  
2003 - يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .   BZP}0  
2003 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان O@6iG  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان: C;];4[XR  
2006 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . ~CCRs7V/L  
2006 - 2007 يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 0sM{yGu=,  
2007 - يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان  S\b[Bq  
2010 -2011 - يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چىمپىيون بولغان `w';}sQA7  
2011 - يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان . e=&,jg?K  
:_V9Jwu  
kKL'rT6z  
1=:=zyEEo  
ئىنزاگى بەك كۆپ يارلانغان پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ، 38 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ھازىرغىچە توپ ئويناشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس . Ro3C(aRx  
j}O~6A>|  
ئىنزاگى 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىتالىيىنىڭ پىياسىنزا شەھەرىدە ئاددىي ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپلا پۇتبولغا زور ئىشتىياق باغلايدۇ . بۇ ياش ئۆسمۈرنىڭ پۇتبولغا بولغان زور ئىشتىياقى ئۇنى يۇرتىدىكى پىياسىنزا كوماندىسىغا كىرىشىگە تۈركە بولىدۇ . بۇ كوماندا ب دەرىجىلىك كوماندا بۇلۇپ ، نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . 4o?_G[  
شۇنىڭ بىلەن ئىنزاگى 1992 - يىلى ئالبىنىئو لېفۇ كوماندىسىغائىجارىگە بېرىلىدۇ . 21 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 1993 - يىلى ئىنزاگى ۋېرونا كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ . ۋېرونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 37 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزىدۇ . ئىنزاگىنىڭ بۇ كوماندىدىكى ۋاقتىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ ھەم 1994 - يىلى يەنە ئانا كوماندىسى بولغان پىياسىنزا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئىنزاگى پىياسىنزا كوماندىسى ئۈچۈن 37 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 15 توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ . >L[n4x\  
 _#32hAI  
HR'sMu3  
#$W02L8  
بارغانسېرى يىتىشىۋاتقان ئىنزاگىغا ئا دەرىجىلىك كوماندا بولغان پارما كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم 1995 - يىلى 6 - ئايدا رەسمىي پارما كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئىنزاگى پارما كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن تېرنىرنىڭ يىتەكلىشىدە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەيدۇ ، لىكىن ئىنزاگىغا كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم قاتتىق يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالىدۇ . پارما كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 2 توپ كىرگۈزىدۇ . كۇلۇپمۇ ئىنزاگىنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمايدۇ . BV)o F2b:  
1996 - يىلى ئىنزاگى پارما كوماندىسىدىن ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . ئۇ ئاتلانتا كوماندىسىغا كىلىپلا قاتتىق مەشىققە كىرىشىپ كىتىدۇ ، ھەم ترېنىرى ، سەبداشلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ . ئۆزىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . تېرىنىرمۇ ئىنزاگىغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ . ئىنزاگىمۇ تېرىنىرنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىدۇ . QL/I/EgqC  
ئىنزاگى ئاتلانتا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىدىكى بىرىنچى مەرگەن قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . S;@nP zhc  
1996 - 1997 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ ، شۇ يىلى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگىچى بۇلۇپ باھالىنىش بىلەن ئەڭ ياخشى يىتىشىپ چىققان ماھىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ . DS;,@$N_N  
ov;1=M~RF  
h [*/Tnr  
j=|cx+nb  
ئىنزاگىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى كۈچلۈك بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارىنى قوزغايدۇ . ھەم يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 1997 - يىلى ئاتلانتا كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ بارىدۇ . دەرۋەقە ئىنزاگىنىڭ شانلىق پۇتبولچىلىق ھاياتى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن باشلىنىدۇ . pGZiADT  
ئىنزاگى يۆتكۈلۈپ كەلگەن شۇ يىلىلا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ نەتىجىنى ئىنزاگىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ]q^6az(Ud  
شۇنداقلا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىدۇ . ئەپسۇزلىنارلىقى خانلىق مادرىت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . c_"=G#^9@i  
ئىنزاگى بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئالتۇن ئۆسمۈر بولغان دېل پېررو ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان زىدانىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سىپى ئەڭ ياخشى ھۇجۇم سىپى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 0b=1Ce+0q  
1997 - 1998 - يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ چىمپىيون بۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ . ھەم شۇ يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىرگە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ چىمپىيون بولىدۇ . _EPfeh;  
1998 - 1999 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ ئىنزاگىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ . 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ . 1999 - 2000 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 15 توپ كىرگۈزىدۇ . 2000 - 2001 - يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ كىرگۈزىدۇ . I;xSd.-  
[}>!$::Y  
9-:\ NH^;  
Y#e,NN  
'#<4oW\]  
a+mrsyM  
1998 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 1998 - يىلدىكى فرانسىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ئىنزاگىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئىدى . ئەپسۇزلىنارلىقى تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللاش مۇسابىقىسىدە فرانسىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ . N !~O~ Eo3  
2000 - يىلى ئىنزاگى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . لىكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 2 : 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . ~fnu;'fN  
2002 - يىلىمۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 2002 - يىللىق كورىيە - ياپونىيە دۇنيالوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ، لىكىن يەنە شاللىنىپ كىتىپ دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلىنىدۇ . XrUc`  
iW%~>`tT  
2002 - يىلى ئىنزاگىنىڭ ياخشى ئىپادىسى داڭلىق ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ شۇ يىلى ئا س مىلان كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ كىلىدۇ . ئىنزاگى كوماندىغا يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىنلا قىزىل قارا قوشۇندا بولمىسا بولمايدىغان ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . RCqd2$K"J+  
2003 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسى بىلەن ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ 12 توپ كىرگۈزىدۇ ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ 6 قېتىم لوڭقا كۆتۈرىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ . OLS/ 3c z  
2003 - 2004 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كوماندىسى 17 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . لىكىن ئىنزاگى يارلىنىش سەۋەبىدىن كوماندا ئۈچۈن ئانچە زور كۈچ چىقىرالمايدۇ . a^o'KN{  
`92P~Y~`W  
zm!M'|~@7  
zJ6""38Pr  
2006 - يىلى ئىنزاگى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ . گەرچە ئىنزاگى بىر توپلا كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئاخىرى دۇنيا چىمپىيونى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . N7u|< 0[  
?$K.*])e  
c)3.AgT  
$cW t^B'  
2007 - يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىنزاگى جەمئىي 6 توپ ئۇرىدۇ . ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى لېۋىرپول كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . مىلان كوماندىسى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ئىنزاگى ناھايىتى چىرايلىق ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ . ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولىشىغا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىدۇ . .?vHoNvo  
",xTgB3?V  
2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . ھەم مۇسابىقە جەريانىدا ناھايىتى چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ بوكا ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنزاگى مۇشۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىدى . h,?%,GI  
2008 - يىلى ئىنزاگى مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 6 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . بۇ 33 ياشلىق پۇتبولچى ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە . )@ofczl6  
j 1;<3)%0  
?fN6_x2e3  
@j!(at4B  
2009-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنى كىچىك ئايلانما مۇسابىقىدە يەنى مارسىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ، ھەم ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 68 - توپىنى كىرگۈزۈپ رائۇلدىن 1 توپ ئىشىپ كەتكەن . ( كىيىن رائۇل يەنە ئىنزاگىدىن ئىشىپ كىتىدۇ ) Z3yy(D>*  
nG";?TT  
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مىلان كوماندىسى بىلەن رىينا كوماندىسى ئولتۇرسىدا بولىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى 300 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . H $ %F0'0  
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى لىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنوت بولغاندا 37 ياشلىق ئىنزاگى ئەڭ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزىدۇ . ھەم كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 - يىل ئۇدا توپ كىرگۈزۈشتەك رىكوتنى يارىتىدۇ . H| _@9V  
2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئىنزاگى مەيدانغا چۈشىدۇ ھەم چىرايلىق 2 توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 70 - توپىنى كىرگۈزىدۇ . ھەم گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچى مۇللىردىن ئىشىپ كىتىدۇ . بۇ مۆجىزىنى يارىتىش بىلەن بىرگە مىلان كوماندىسىدىكى 125 توپىنى كىرگۈزۈپ ، ئەينى يىللاردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ۋان باستىندىن ئىشىپ كىتىدۇ . IG{ lr  
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 2011-يىلى 1-ئايدا پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ ئېغىر يارلىنىپ مىلەن كوماندىسىغا ئېغىر سىناق بولغان ، ئۇ 3 ئاي دەم ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ كەلگەن . باشقىلار ئۇنى ئەمدى دەم ئالغىن دېگەندە ئۇ ھەمىشە مەن ئاخىرغىچە دەم ئالمايمەن دېگەن ئۇ مۇشۇنداق قەيسەر باتۇرانە روھى بىلەن مىلەن كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان شۇنداقلا باشقا كوماندا ئەزالىرىغا ئۆلگە بولغان . DZ @B9 
<(@Z#%O9)  
BT&R:_:  
rFGPS%STS  
P z~jW):E  
.'&pw }F  
^.R!sQ  
ئىنزاگىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى ئىككى خەت بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ يەنى پۇرسەت تۇتۇش دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، ئۇ مەيداندا ھەمىشە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدۇ ،ھېلى سول تەرەپ ھېلى ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ، كىشلەر ئويلىمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولالايدۇ . ئۇ يەنە توپنى بىرتەرەپ قىلىشقا بەكلا ماھىر ، سەپداشلىرىغا دائىم ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ ،ياكى ئۆزى يالغۇز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ . ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم تەشكىلىلەلەيدۇ . g^Hf^%3xP  
ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەركىتى جانلىق ، بىرقانچە بىك تەڭ باقسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇلاردىن قۇتىلالايدۇ . ئىنزاگى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى ھەر قانداق رايوندىن توپ ئۇرالايدۇ . ئۇنىڭ كاللا توپ ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس . +SF+$^T  
ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى تۇراقسىز ، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بېقىشى تەس ، توپ بار يەردە ئۇ شەيتاندەكلا پەيدا بولىدۇ . ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قالتىس ، ئاساسەن پۇتىغا چۈشكەن توپنى زايە قىلمايدۇ . ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . ئۇ ھەر ۋاقىت كوماندا مەنپەتىنى ئويلايدۇ . Gh/nNwyu <  
ئۆزىنىڭ قىياسىغا ئاساسەن قارشى تەرەپكە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ . ئۇ مەيداندىكى رولىغا بەك دېققەت قىلىدۇ . ئورۇن تاللاش ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، غەلبە قىلىش ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك . ئازراقلا پۇرسەت تاپسا بوش قويۋەتمەيدۇ . ئىنزاگى ھۇجۇمچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھۇجۇمچى . dOKp:|9G  
[|ZFei)r  
]E-3/r$_cO  
mW4Cc1*  
ئۇ ئەنچىلودىنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي بىر چەكلەنگەن رايون قاتىلى . شىۋىتسىيە داڭلىق پۇتبول چولپىنى لارسوننىڭ نەزىرىدە ئۇ تۇغما ۋارتاغا توپ ئۇرغۇچى ، ھەر ۋاقىت تەھدىت ئىلىپ كەلگۈچى . -yB}(69  
مانچىستىر تېرىنىرى فورگۇسۇن نەزىرىدە ئافسايىت رايونىدا تۇغۇلغۇچى . ئىتالىيە زوڭلىسى بىلروسكىنىڭ نەزىرىدە ئا س مىلان تارىخىغا يىزىلغۇچى . پۇتبول شاھى شۇم ئېغىز بىللىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ھۇجۇمچى بولماستىن بەلكى بىر ئەرۋاھ . داڭلىق تېرىنىر مورىنئونىڭ نەزىرىدە ئىنزاگى ئۆزىدىنمۇ ئۆتە تەلۋە . ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبولچى . چىملىقتىكى ھارماس تالماس قەھرىمان . ھەر ۋاقىت غەلبە قىلىشنىلا ئويلايدىغان چولپان ! kmc_%Wm}  
دۇنيادىكى بىردىن بىر بىر سىكىنوت ۋاقىت ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن توپ ئۇرۇپ ، سىزنى بىر ئۈمۈر پۇشايماندا ھەسرەتتە قالدۇرغۇچىدۇر !
R;!@ xy  
AwXzI;F^  
[ بۇ يازمىنىچوكىناتدە2012-04-23 22:52قايتا تەھرىرلى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+20(22kaka22) نادىر تىما

  • مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا ، مىللەتنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ!
    پەقەت ۋە پەقەت پۇتبول!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 10226
    جەۋھەر: 0
    يازما: 623
    شۆھرەت: 568 نۇمۇر
    پۇل: 631 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 166(سائەت)
    تىزىملاش: 2012-02-01
    ئاخىرقى: 2012-05-26
    1  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 21:33

    پۇرسەت تۇتۇش ماھىرى. دوستۇم دائىم ماختايدىغان :مەيدانغا چىقسىلا توپ ئۇرىدۇ .دەپ!    I_ 
    نادىر تىما!