ئۇ راستىنلا قېرىپ كەتتى ، لىكىن 18 ياشلىق قىران يىگىتلەردىن قىلىشمايدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى جەسۇر قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز قالدى . ماڭا پۇتبولنى تۇنۇتقان سەن ئىدىڭ ، پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقنى ياققان ئۇچقۇن سەن ئىدىڭ ، چىملىقتىكى جەسۇر جەڭچىنىڭ سىمايىسىنى كۆرسەتكەن سەن ئىدىڭ !ئەڭ ياخشى پۇرسەت تۇتۇش ئۇستىسىمۇ ، چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ئىدىڭ . 8KxBN)fO;
M%*D}s-QE
سېنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭمۇ يوق ، تېزلىكىڭمۇ ئادەتتىكىچە ، توپ كونتىرول قىلىشىڭمۇ ئادەتتىكىچە . سېنىڭ باگگىئوغا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكاڭ ، رونالدوغا ئوخشاش ، ھېنرىغا ئوخشاش چاقماقتەك تېزلىكىڭ يوق . پۇتبول شاھى مارادونادەك شاھلىق تاجاڭمۇ يوق . لىكىن سەن دائىم توپ ئۇرۇپ تۇرىسەن . لىكىن سېنىڭ غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشىڭ ، مەيداندا ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەيدىغان جاھىل مىجەزىڭ سىنى غەلبىگە باشلايدۇ . [w0@7p"7
سېنىڭ زىدانىغا ئوخشاش شان شەرىپىڭ يوق ، ئەمما لىكىن سېنىڭ مەيدان ئالدىدىكى پۇرسەت يارىتىشىڭ ، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ . QNH-b9u>8
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى سەن ، ھەقىقىي چەكلەنگەن رايون قاتىلىمۇ سەن ، سېنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر مۇنەۋەر قاپقىچىمۇ تىترىمەي قالمايدۇ . سان سېرودا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانمۇ سەن . =H