-
2009-06-09
«ياخشى ئوقوتقۇچى» بولۇشنىڭ ئۆلچىمى - [تەرمىلەر]
توردا ماتىرىيال كۆرىۋىتىپ، يۇقۇرقى تىمىنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام بىزدە ياخشى ئوقوتقۇچىلار خىلى كۆپ بولسىمۇ، لىكىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئوقوتقۇچىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تازا چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئوقوتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا شۇنداق ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
1. ياخشى ئوقوتقۇچى يېڭى بىلىم، تىخنىكىلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
2. ياخشى ئوقوتقۇچى ئۆزىنى ئوقوغۇچىلار ئالدىدا ھەممىگە «ھۆكۈمران» دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئوقوغۇچىلاردىكى ئارتۇقچۇلۇقلارنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگۈنىشنى خلايدۇ.
3. ياخشى ئوقوتقۇچى مىھرىبان كىلىدۇ. ئوقوغۇچىلىرىنى سۆيىدۇ، ئىللىق، يىقىملىق بولغان ئۆگۈنىش مۇھىتىنى يارىتالايدۇ.
4. ياخشى ئوقوتقۇچى يېڭى ئوقوتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ھەم ئۇنى ئوقوتۇش ئەمەلىيتىدە سىناق قىلىپ يولغا قويىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئۆگۈنىش مۇھىتى يارىتىپ بىرەلەيدۇ.
5. ياخشى ئوقوتقۇچى «بالىلىق» پىسخىكىسىنى يوقاتمىغان بولىدۇ.
6. بىر ياخشى ئوقوتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقوغۇچىلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ھەم ئوقوغۇچىلىرىنىڭمۇ ياخشى ئۆگۈنىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىدۇ.
7. ياخشى ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتچان كىلىدۇ.
مىنىڭچە ياخشى ئوقتقۇچى بولۇشقا قارىتا يەنە تۆۋەندىكىلەرنى قىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.
1. ياخشى ئوقوتقۇچى ئۆزىنىڭ دەرسىنى ئوقوغۇچىلىرى ياختۇرىدىغان قىلالايدۇ، ھەتتا ئوقوغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، ھەتتا كىيىنكى كەسپىي تەرەققىيات نىشانىنى بەلگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
2. ياخشى ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىم ئىگىلىشىدىكى يول باشچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاچقۇچى ۋە يۇقۇرى كۆتۈرگۈچى بوللايدۇ.
3. ياخشى ئوقوتقۇچى بىر ياخشى پىسخىكا يىتەكچىسىدۇر.
4. ياخشى ئوقوتقۇچى تۇرمۇشنى سۆيگۈچى، قاناق ھىسىياتقا تولغان بولۇپ، يۇمۇرسىتىتىك بولىدۇ.
5. ياخشى ئوقوتقۇچى ھەقىقەتنى، گۈزەللىكنى سەزگۈر بايقىغۇچىدۇر.
6.ياخشى ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلار ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاسان يىقىنلىشالايدىغان، ئوقوغۇچىلار بىلەن دوسلارچە سىردىشالايدىغان بولىدۇ.
7. ياخشى ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى چوقونغۇچىسى شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى سىردا ھەمرىيىدۇر.
历史上的今天:
ئامىرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەسىراتى 2010-06-09ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت 2009-06-09
收藏到:Del.icio.us