-
2009-06-09
ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت - [تەرمىلەر]
بىز بىرقانچە قىتىم ئاساسى قاتلامدىكى ئوقوتقۇچىلار ۋە ئوقوغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرىغا قاراپ، مىللىي مائارىپىمىز سۈپىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەيۋاتقانلىقى، دەرسخانا ئوقوتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن تۈپتىن ھەل بولمايۋاتقانلى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ قالدۇق. كەڭ ئوقورمەنلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئاز تولا چۈشۈنىپ قىلىشى، ئاشۇنداق بىرقىسىم بىغەم ئوقوتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بىقىشى مەقسىتىدە بۇ تىمىنى (بىر خىزمەتدىشىم رەتلەپ چىققان) يوللىدىم. كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.
1– سۇئال . بۇ بىر سائەتلىك دەرس سىزنىڭچە ياخشى چىقتىمۇ ؟ (ئۈنۈملىك بولدىمۇ ؟)
جاۋاپ : كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىدى .
2– سۇئال . نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئاجىز ، دەرسكە قىزىقمايدۇ ، ماڭا ماسلاشمىدى ، ماڭا ماسلاشقىدەك ئادەم يوق .
3– سۇئال . مۇشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق لاھىيەلىگەنلىگىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ باقامسىز ؟
جاۋاپ : مۈجىمەل ، ئېنىق جاۋاپ يوق .
4– سىز دەرس بەرگەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى نەچچە ؟ قانچە ئوغۇل، قانچە قىز ئوقۇغۇچى بار ؟ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز ؟
جاۋاپ : تولۇق بىلمەيدىكەنمەن .
5– سۇئال . بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى قانچە ؟
جاۋاپ : تەخمىنەن 14ياش ئەتتراپىدا بولۇشى مۇمكىن .
6– سۇئال .مۇشۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالھىدىلىگنى چۈشۈنەمسىز ؟
جاۋاپ :دىگەندەك چۈشۈنۈپ كەتمەيدىكەنمەن .
7– سۇئال . سىز دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلار قايسى رايونلاردىن كەلگەن ؟ شۇ رايونلارنىڭ ئىجتىمائى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە شۇ رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى چۈشۈنەمسىز ؟
جاۋاپ :دىگەندەك چۈشنۈپ كەتمەيمەن .
8– سۇئال : سىزنىڭ يېنىڭىزدا دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى مەۋسۈملىك ئۈگۈنۈش نەتىجە سۈپەت ئانالىز ماتىرىيالى بارمۇ ؟
جاۋاپ : ئىلمى بۆلۈمگە تاپشۇرۇۋەتكەن .
9– سۇئال . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالىنىڭ تۈرگە ئايرىلىش ئانالىز ماتىرىيالى بارمۇ ؟
جاۋاپ : ئىنكاس يوق .
10 – سۇئال . سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ بىر سائەتلىك دەرسكە بولغان ھېسيات تەييارلىقى بار يوقلىقىنى ، بىلىم ئاساسنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگنى دەرستىن بۇرۇن ئىگەللىدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : ئىنكاس يوق .
11– سۇئال . سىز ھەرقايسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دەرس ئاڭلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ھەركەت ھالىتى ( ئولتۇرۇش ھالىتى ، قول- پۇت ھەركەت ھالىتى ) ۋە چىراي ئىپدىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلەمسىز ؟ مۇشۇ بىر سائەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى قانچىلىك كۈزەتتىڭىز ؟
جاۋاپ : بۇ ھەقتە ئويلاشماپتىمەن .
12– سۇئال . سىزنىڭچە ئوقۇغۇچىلار (14ياش ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ) بىر سائەت دەرس جەريانىدا قانچىلىك ۋاقىت دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرلەر ؟
جاۋاپ : 20مىنۇت ئەتراپىدا .
13– سۇئال . سىز دەرسكە باشلاپ كىرىش ۋە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مۇھىملىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : بۇ مەسىلىنى مەن ئويلاشماپتىمەن .
14– سۇئال . سىلەرنڭچە بۇ دەرس قانداقراق ئۆتۈلدى ؟
جاۋاپ : ئىلگىركى دەرسلەرگە قارىغاندا ياخشى بولدى .
15– نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : چۈنكى مۇئەللىم بۇ بىرسائەت دەرستە بىزنىڭ يېزىمىزدىكى ، ئۆيىمىزدىكى مەسىلىلەرنى مىسالغا ئېلىپ دەرس ئۆتتى .
16– سۇئال . سىلەر قايسى دەرسلەرگە بەكرەك قىزىقىسىلەر ؟
جاۋاپ : تەنتەربىيە ، مۇزىكا ، بىئولوگىيە قاتارلىقلارغا .
17– نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : چۈنكى تەنتەربىيە دەرسدە بىز ياخشى كۆرىدىغان ھەر خىل توپلار بار ، مۇئەللىم بەدەن قىزىتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ ، قىسقىچە نەزىرىيە سۆزلەپ ، ئۈلگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بىزنى ھەر خىل پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ ، بىز بىرلىكتە توپ ئوينايمىز . مۇزىكا دەرسدە مۇئەللىم بىزگە ساز چېلىپ بېرىدۇ ، ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ ، ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ ناخشا ئېيتىمىز .
18– سۇئال . نىمە ئۈچۈن بىئولوگىيە دەرسىگە قىزىقىسىلەر ؟
جاۋاپ : چۈنكى بۇ دەرستە بىز بىلىدىغان ھەر خىل جانلىقلار ، ئۆسۈملۈكلەر سۆزلىنىدۇ
19– سۇئال . ئەگەر مۇشۇ دەرسنىڭ ئورنىغا كارتون فىلىم ” باتۇر سانخىلو “ نى قويۇپ بەرگەن بولسا ، شۇ ۋاقىتتا يەنە ھازىرقىدەك ئۇخلاپ ئولتۇرۇدىغان ياكى پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار چىقارمىدى ؟
جاۋاپ : مۇمكىن ئەمەس .
20– نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : چۈنكى ئۇ فىلىم شۇنداق قىزىقارلىق تۇرسا .
21– سۇئال . دەرس جەريانىدا ئوقۇتقۇچى باشتىن ئاخىر بىر خىل ھالەتتە دەرس (ساپ پەننى بىلىم ) سۆزلىسە ياخشىمۇ ياكى سىلەر بىلەن سىردىشىپ ، يۇمۇر ئويۇن چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ ، سىلەر كۆپ ئۇچرىتىدىغان نەرسىلەرنى قوشۇپ سۆزىلىسە ياخشىمۇ ؟
جاۋاپ : ئەلۋەتتە كىيىنكىسى ياخشىدە .
22– سۇئال . قاچان قايسى دەرستىن سىزگە بەرگەن تاپشۇرۇق ئەڭ ئەھمىيەتىلىك بولدى ؟
جاۋاپ : يېقىندا پىزىكا دەرسىدىن بەرگەن ” توك بېسىمىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقنى چىراقنىڭ يېنىشىغا قاراپ قانداق پەرىقلەندۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى ، ئۆيىڭىزدىكى چىراقنىڭ يېنىشىنى كۈزۈتۈپ جاۋاپ بېرىڭ “ دىگەن تاپشۇرۇق.
23– قايسى دەرس ئوقۇتقۇچللىرنى سىلەرنى سىنىپتىن سىرتقا ئېچىقىپ دەرس ئۆتتى ؟
جاۋاپ : تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسىدىن باشقا ھىچقايسىسى