-
2009-06-09
ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىختىيارى پاراڭلار ئۈستىدىكى سۇئال-جاۋاپلار - [تەرمىلەر]
1.مەكتەپ دىگەن نىمە؟ مەكتەپنىڭ مەھسۇلاتى نىمە ؟
جاۋاپ : ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئورنى. ئوقۇغۇچى (بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئىنكاس يوق )
2. دەرس دىگەن نىمە؟
جاۋاپ : مەكتەپتە ئۆتۈلۇۋاتقان ھەر قايسى پەن دەرسلىرى (بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئىنكاس يوق)
3. كونسىپىك، ئوقۇتۇش لاھىيەسى. دەرس تەييارلاشنى قانداق چۈشۈنۈسىز؟
جاۋاپ: ئىنكاس يوق
4. دەرسلىك مەزمۇنى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ، شۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتە ، ئالدىنقى قېتىم تۈزگەن لاھىيەنى ئىشلەتسەك بولىۋىرەمدۇ ياكى لاھىيەنى قايتا تۈزۈش كېرەكمۇ ؟
جاۋاپ: ئىلگىرى تۈزۈلگەن لاھىيەنى ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ .
5. سىزدە دەرس ئۆلچىمى بارمۇ؟ ئۇنى ئۈگەندىڭىزمۇ؟
جاۋاپ : بار ، ئۈگەندىم .
6. ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان دىگەن نىمە ؟ دەرس ئۆلچىمى قانچە چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاپ : ئىنكاس يوق .
7. ھازىرمۇ ئوقۇغۇچى چاقىرىشقا چىقامسىلەر ؟ ئۆزلىگىدىن مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇش ئىددىيىسى بار ئوقۇغۇچىلار كۆپمۇ ؟
جاۋاپ : ھازىرمۇ چىقىمىز ، ئۇنداق ئوقۇغىچىلار كۆپ ئەمەس .
8. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلمەسلىكى ياكى مەكتەپتىن زېركىشىنىڭ سەۋەبىنى دەپ باقامسىز ؟
جاۋاپ : ئاساسلىقى دىھقان باللىرى ، دىھقان دىگەن ساۋاتسىز مەدىنىيەت ساپاسى تۆۋەن باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەرتمەيدۇ .
9. ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەمدۇ ؟ مۇستەقىل ئىشلەمدۇ ؟
جاۋاپ : ئۇنىڭ گېپىنى بىر دىمسىلە ، تولۇق ئىشلەش تۈگۈل چالا بولسىمۇ ۋاختىدا تاپشۇرمايدۇ ،مۇستەقىل ئىشلەش دىگەندىن ئېغىز ئېچىش ناھايىتى قىيىن .
10. سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : بۇگۇينڭ باللىرىنىڭ ئوقۇش ئىددىيىسى يوق ،《باغلاپ باققان ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ 》
11. سىز ھازىر چىققان مائارىپقا دائىر قانۇنلاردىن قايسىللىرىدىن خەۋىرىڭىز بار ؟
جاۋاپ : ئىنكاس يوق .
12. سىز بۇ خىزمەتكە ئىرىشكىنىڭىزنى ئۆمىرىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئىش دەپ قارامسىز ؟
جاۋاپ : شۇنداق
13. نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : چۈنكى مۇقىم ئىخدىسادىي كىرىم مەنبەگە ئىرىشتىم .
14. ئالغان مائاشىڭىزنى خىزمىتىڭىزگە لايىق دەپ قارامسىز ؟
جاۋاپ : ئانچە ئۇنداق دەپ قارىمايمەن .
15. نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ : چۈنكى شارائىتى بىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئورۇندا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىز بىلەن ئوخشاش ھەتتا بىزدىن يۇقۇرى مائاش ئالىدىغۇ.
16. مەكتىۋىڭلاردا باشقۇرىدىغان ، ھەيدەكچلىك قىلىدىغان ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزلىگىدىن سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قانچە پىرسەنتنى ئىگەللەر؟
جاۋاپ : راست گەپنى قىلسام ئۇنداقلار ئازساندا .
17. ئۇنداق بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاختى بىكارغا كەتمەمدۇ؟
جاۋاپ : ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى ، كىم جاپا تارتىشنى خالايدۇ .
18. دىمەك ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرى ئاساستا دەرس ئۆتىدىكەندە؟
جاۋاپ : شۇنداق. مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكى. « يۇقۇرۇدىن تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ» دىگەن بېسىم بىلەن سىنىپقا كىرىپ دەرس ئۆتىدۈ .
19. ئالغان مائاشقا يۈزكېلەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەمدۇ؟
جاۋاپ : بىزنىڭ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگىنىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. شەھەرلەردە بىزدىنمۇ بىكار يېتىپ يەيدىغانلار بارغۇ.
20. سىز قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزدىن رازىمۇ؟ خىزمىتىڭىز كۆڭۈللۈكمۇ؟
جاۋاپ : نىمىسىنى دەيلا ،بۇنداق گۇينىڭ مەكتىۋىنى. شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ، شوجىڭىنىڭ(مۇدىرنىڭ) ساپاسى يوق ،ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ تېخى. ئوقۇغۇچىدىگەن گۇينىڭ باللىرىنىڭ دۆتلىكى .
21. ئۇنداقتا بۇ مەكتەپ كىمىنىڭ ؟
جاۋاپ : كىمنىڭ بولسا بولمامدۇ ، ئىشقىللىپ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
22. سىزنىڭ ئالدىمىزدىكى قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز قايسى ؟
جاۋاپ :ئامالنىڭ بارىچە شەھەرگە يۆتكىلىپ كېتىش .
23. ئالدىمىزدا ئۇنىڭدىن باشقا قلىدىغان ئىشىڭىز يوقمۇ ؟
جاۋاپ : ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئىشىم يوق.
24. سىلىنىڭ ئۇنۋانلىرى نەچچىنچى دەرىجە؟
جاۋاپ : ئالى دەرىجە (ئوتتۇرا مەكتەپ ) . ئالىدىغاننى ئېلىپ بولدۇق ، ئەمدى ئاستا جاننى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ .
25. سىلىنىڭ ئۇنۋانلىرىچۇ؟
جاۋاپ : ئوتتۇرا مەكتەپ 1-دەرىجە ، ئالى دەرىجە ئالارمەنمىكىندەپ سىنىپ تۇتۇپ جان قىيناۋاتىمەن ، بولمىسا جاپا تارتقۇم يوق ئىدى .
26. ئىككى ئاساسەن دىگەن نىمە؟
جاۋاپ : نىمە بولاتتى يالغاندىن جەدىۋەل تولدۇرۇش بولمامدۇ .
27. ئىككىنى ئومۇمەن دىگەن نىمە؟
جاۋاپ : بىلمەيدىكەنمىز .
历史上的今天:
ئامىرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەسىراتى 2010-06-09ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت 2009-06-09«ياخشى ئوقوتقۇچى» بولۇشنىڭ ئۆلچىمى 2009-06-09