-
2009-06-09
ئوقوغۇچىلارنىڭ يول مىڭىش قىياپىتىگە قاراپ ئۇلارنىڭ خاراكتىرىگە باھا بىرىش - [تەرمىلەر]
1.يول ماڭغاندا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ ماڭىدىغانلار تىنى ساغلام ھەم ئاق كۆڭۈل بولۇپ، كۆپۈنچە ئىشلاردا غەلبە قىلىشنىلا ئويلايدۇ ھەم كاج مىجەز كىلىدۇ.
2.يول ماڭغاندا ئاۋايلاپ ماڭىدىغانلارنىڭ تىنى ساغلام بولغان تەقدىردىمۇ، روھىي جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز كىلىدۇ. روھىي جەھەتتە ئازراق زەربىگە ئۇچىرىسىلا ئاسانلا تۈگۈشىپ كىتىدۇ.
3.پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىغانلار يەنى يەنى ئايىقىنىڭ پاشنىسى ئاسان ئۇپىراپ كىتىدىغانلار پاسسىپ كىلىدۇ، ئۆزگۈرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئالاھىدە تالانتى يوق بولۇپ، كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە توسقۇنلۇقلارغا ئۇچىراپلا تۇرىدۇ.
4. كىچىك قەدەم بىلەن ئىتتىك ماڭىدىغانلار ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ.
5. ئاستا ھالدا چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭىدىغانلار يەنى ئختىيارى ھالدا چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭىدىغانلار، ئەگەر ئۇ قىز ئوقوغۇچى بولسا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىلچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كۆپچىلىككە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.
6.ماڭغاندا قەدەملىرى رەتسىز بولغانلارنىڭ نىرۋىسى تازا نۇرمال ئەمەس بولۇپ، ئاسانلا ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن، ئۇستازلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كىيىنچە پەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كىلىشى مۈمكىن.
7. يول ماڭغاندا تولا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارايدىغانلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى كۈچۈك كىلىدۇ.
8. يول ماڭغاندا ئالدىغا ئىڭىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ كىيىنكى تەقدىرى تازا ياخشى بولمايدۇ.
9.يول ماڭغان ئىغاڭلىماي تۈز ماڭىدىغانلارنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بايلىق توپلاش پىسخىكىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ.
10. يول ماڭغاندا ئوڭ مۈرىسىنى كۆتۈرىۋىلىپ ماڭىدىغانلار ھوقوقپەرەس كىلىدۇ.
历史上的今天:
ئامىرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەسىراتى 2010-06-09ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت 2009-06-09«ياخشى ئوقوتقۇچى» بولۇشنىڭ ئۆلچىمى 2009-06-09