-
2009-06-03
كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇش كېرەك - [مائارىپ ئىسلاھاتى]
1 . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسى ئۇقۇمى
1) كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش دىگەن نىمە ؟
كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئادەتتە مەكتەپ ئىچى ياكى مەكتەپلەر ئارا ئوخشاش يىللىق ئوخشاش پەن ئوقۇتقۇچىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەقىل دەرس تەييارلاشتىن كېيىنكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە خارەكتىرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى تەھلىلى ، دەرسلىك ماتىرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىش ، ئوقۇتۇش ۋە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللاش ، ئوقۇتۇش ۋاستىللىرنى تاللاپ ئىشلىتىش ، مەشىقنى بىرتەرەپ قىلىش ، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يېڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئاساسلىقى دەرسخانا قۇرۇلمىسنى ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچنىڭ دەرسخانىدىكى رولىنى قانداق ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ، ” مۇستەقىل ، ھەمكارلىق ، ئزدىنىش “ دەك دەرسخانا ئوقۇتۇش ئاساسى شەكلى ئارقىلىق ” بىلىم ۋە ماھارەت ، جەريان ۋە ئۇسۇل ، ھېسيات پوزىتسىيە قىممەت قاراش “ قاتارلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئۈچ ئۆلچەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك . يېڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتا ، ئەڭ ئاساسلىقى ” ئۆلۈك “ دەرسلىك ماتىرىيالىنى تەييارلاش بولماستىن بەلكى ” جانلىق “ بولغان ئوقۇغۇچىنى تەييارلاش ؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىدەك كونكىرىتنى مەسىلىنى ھەل قىلىش بولماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق ئۈگۈنۈشىدەك تەدبىر خارەكتىرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ خاسلىقىنى يوقاتماستىن بەلىكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەكلىپ پىكرىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك .
كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ، نۆۋەتلىشىپ دەرس تەييارلاش دىگەنلىك ئەمەس ، بۆلۈشۈپ دەرس تەييارلاش دىگەنلىكمۇ ئەمەس ، گورۇپ باشلىقى دەرس تەييارلاش دىگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتا بىرتۇتاش دەرس تەييارلاش ۋە بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش لاھىيەسى بولۇشنى قوغلاشماسلىق لازىم . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش شەخىسلەرنىڭ مۇستەقىل دەرس لاھىيەسى تۈزۈشنى مۇلازىمەت ۋە يارىدەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بولۇپ ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنى شەخسى دەرس تەييارلاشنىڭ ئورنىغا دەستىشكە بولمايدۇ .
2) كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئەھمىيىتى
كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئەھمىيىتى بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ئىچىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ ، دەرس بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مەخسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولۇپ ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش- ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرۇسىدىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىش ، ئوقۇتۇش سەنئىتى ئۈستىدە ئۆزئارا مەسلىھەت ئېلىشنىڭ مۇھىم يولى ؛ يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئۆتۈش مىتودى ۋە دەرس تەييارلاش ماھارىتىنى تىز ھەم ياخشى ئىگەللىشىنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى ؛ ھەر بىر ئوقۇتۇقۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ بۇ ئارقىلىق مەكتەپ ياكى مەلۇن رايوندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش سۈپۈتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرى . پىلانلىق ، مەخسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىككە بولغان چۈشۈنۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ، ئوقۇتۇش تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىشكە يارىدىمى بار بولۇپ ، ئۆتۇلىدىغان دەرس مەزمۇنىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ، مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلىەندۈرۈپ ، قىيىن نوقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ئاسان ئارلىشىپ كېتىدىغان بىلىم نوقتىللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ؛ ئوقۇتۇش نىشانى ، يوشۇرۇن بىلىم نوقتىللىرى ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتارلىق تەرەپلەردىكى قاراڭغۇ نوختىلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ؛ ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى زىددىيەت ، يىڭى مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدۇ . ئومۇمەن كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش باشقىللىرىنى ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدىغان مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر مۇھىم يولى .
2 . ئۈنۈملۈك بولغان كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك
1) ئەنئەنىۋى كولىكتىىپ دەرس تەييارلاش ئۇسۇلى
ئەنئەنىۋى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش«4نى بېكىتىش ، 5بىر تۇتاش بولۇش » نى ئوتتۇرىغا قويغان : يەنى تېمىنى بېىكىتىش ،ئاساسى بايان قىلغىچىنى بېكىتىش ، ۋاقىتنى بېكىتىش ، ئورۇننى بېكىتىش ؛ سۈرئەت بىر تۇتاش ، تەلەپ بىر تۇتاش ، مەزمۇن بىرتۇتاش ، مەشىق بىر تۇتاش ، ئىمىتىھان بىر تۇتاش بولۇشتىن ئىبارەت . كوللىىكتىپ دەرس تەييارلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسسلىق ۋەزىپىسى ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ مىۋىسى بولغان بىرلىككە كەلگەن دەرس لاھىيەسىگە ئاساسەن ، ئوقۇتۇش لاھىيەسىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشنى تاماملاشتىن ئىبارەت .
2) مۇتەخەسسىسلەر تەشەببۇس قىلغان كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئۇسۇلى
مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ قارىشىچە يېڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش تۆۋەندىكىدەك بەش ھالقىدىن تەركىپ تاپقان : (1) دەرس تېمىسىنى تەخسىملەش يەنى دەرس تەييارلاش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى دەرس تېمىسىنى تەخسىملەپ ، نىشان ، مەزمۇن ، شەكىل ۋە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ (2) مۇستەقىل دەرس تەييارلاش يەنى ھەرقايسى يىللىقلاردىكى دەرس تەييارلاش كىچىك گورۇپپىلارياكى شەخىسلەر مۇستەقىل دەرس تەييارلاش ؛ (3) كوللىكتىپ مۇزاكىرە قىلىش يەنى بىر ئوقۇتۇش لاھىيەسىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن تەييارلىقنى ئوتتۇرىغا قويغىۇچى كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقى جەريانىدا دەرسخانا لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش گورۇپپىسىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ئۆزگەرتىشىگە سۇنىدۇ ؛ (4) ئوقۇتۇش لاھىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەنى لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىدىن كىيىن يازمىچە ئوقۇتۇش لاھىيەسىنى تاماملاپ ، باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى دەرس بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ؛ (5) ئوقۇتۇشتىكى قايتارما ئىنكاس يەنى دەرستىن بۇرۇنقى ئوقۇتۇش لاھىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا نىسبەتەن قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىپ خۇلاسىلاش قاتارلىقلار .
3) يېڭى دەرس ئىدديىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئۇسۇلى
(1) مۇستەقىل دەرس تەييارلاش بولسا كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسى . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ، دەرس تەييارلاشنىڭ ئۆزى بولماستىن پەقەت شەخىسلەر دەرس تەييارلىشىدىكى بىر مۇھىم ھالقا بولۇپ ، ماكرو جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسى دەرس تەييارلاش پائالىيىتىگە نىسبەتەن پايدىلىنىش رولىنى ئوينايدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچى مۇستەقىل دەرس تەييارلىماي ، «قۇرۇق كاللا»سىنى كۆتۈرۈپ كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىپ ، باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپلا ئولتۇرسا ، بۇنداق كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەيلا قالماستىن ، ئوقۇتقۇچىنى ھورۇنلاشتۇرىۋىتىدۇ . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇستەقىل دەرس تەييارلىغى بولمىغان كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش بولسا تۆۋەن ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈنمسىز پائالىيەتتىن ئىبارەت .بۇ يەردە ئىزاھلاشقا تېگىشلىكى شۇكى : كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتىكى يىتەرلىك تەييارلىق بىلەن تۈزۈلگەن دەرس تەييارلىقىنى بىر كىشى سۆزلەپ ئىزاھلاش بولسا ، تەجىرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلىشىدىكى ياخشى شەكلى ، ئاساسلىق بايان قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش تەجىرىبىسى ۋە ئوقۇتۇش تەسىراتىنىڭ مەركەزلىك بايان قىلىنىشى بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار كوللىكتىۋىنىڭ كەسپى جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم .
(2) ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ جېنى . يىڭى دەرسنىڭ يادرولۇق ئىددىيىسى بولسا ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنى ھەممىسى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن . بۇ يېڭى دەرس ئىددىيىسنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەمىلىلىلەشتۈرۈشتە ، ئوقۇغۇچىغا يۈزلىنىش كېرەك . دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لاھىيەلىگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇل چارىللىرى، ھېسيات كەچۈرمىشلىرى ، خاسلىق تەرەققىياتى ، ئۈگۈنۈش ئاساسى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىش كېرەك . دەرس تەييارلاشتا ئەڭ مۇھىمى دەرسلىك مەزمۇنىنى تەييارلاش بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىنى تەييارلاش ، ئوقۇتۇش ۋە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى تەييارلاشتىن ئىبارەت .
(3) ئىددىيە ئالماشتۇرۇش كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ نىشانى . بىر مەشھۇر شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن : سەندە بىر ئالما ، مەندە بىر ئالما بولسا ، ئىككىمىز ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىزدە يەنىلا ئوخشاش بىر ئالما بار بولىدۇ ؛ سەندە بىر خىل ئىددىيە ، مەندە بىر خىل ئىددىيە بار بولسا ، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھەر بىرىمىزدە ئىككىدىن ئىددىيە بار بولىدۇ . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ پۈتۈنلەي بىردەك بولوشىغا ئېھىتىياجلىق ئەمەس ،بەلكى ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىددىيە ئالماشتۇرۇش ، مائارىپتىكى ئەقىل-پاراسەتلىرىنڭ يۇغۇرۇش ، ئوقۇتۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت . مۇنداقچە ئېيىتقاندا مائارىپ ئىددىيىسنى بەلگىلەش ، ئوقۇتۇش تەدبىرى ۋە ئۇسىۇلىنى تاللاش ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسى نىشانى .
(4) ئوقۇتۇشنى لاھىيەلەش ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ۋەزىپىسى . سائەتلىك دەرس پىلانى بىلەن ئوقۇتۇش لاھىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم . كونا – يېڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىغىدىكى ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىق : كونىسىدا « ئوقۇتۇش پىروگراممىسى» نىڭ يىتەكچىلىكىدەئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلىشىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى سائەتلىك دەرس پىلانى يېزىش ؛ يېڭىسىدا «دەرس ئۆلچىمى» نىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلىشىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىىلىنىش شەكلى بولسا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لاھىيەلەشنى تاماملاش . سائەتلىك دەرس پىلانىنىڭ نىشانى ئادەتتە يەككە ئۆلچەملىك بولىدۇ ، ئوقۇتۇش لاھىيەسىنىڭ نىشانى ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ ؛ سائەتلىك دەرس پىلانىنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىۋى بىلىم نوقتىللىرىنى ئاساس قىلىدۇ ، ئەمما ئوقۇتۇش لاھىيەسى بولسابىلىم نوختىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؛ سائەتلىك دەرس پىلانى ئاساسلىغى بىلىم يەكۈنىڭ نامايەندە قىلىنىشى ، ئوقۇتۇش لاھىيەسى بولسا ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىش ۋە بىلىم بەرپا قىلىش جەريانىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت ؛ دەرس پىلانىدىكى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا ئاساسلىقى قويۇلىدىغان تەلەپ بىرخىل بولغان دەرستىن سىرىتقى تاپشۇرۇق ، ئوقۇتۇش لاھىيەسىدىكى مەشىق ، ئاساسلىقى دەرسخانا مەشىقى بولۇپ بۇنىڭدا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتلاملارغا بۆلۈنگەن بولىدۇ ؛ سائەتلىك دەرس پىلانىدا دەرستىن كىيىنىكى قايتا ئويلۇنۇش ناھايىتى ئاز بولىدۇ ، ئوقۇتۇش لاھىيەسىدە بولسا دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن . ئومۇمەن كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ بىرى ئوقۇتۇش لاھىيەسىنىڭ ئاساسلىق رامكىسىنى قۇرۇپ چىقىش بولۇپ ، كونكىرىتنى ئوقۇتۇش لاھىيەسىنى تاماملاش يەنىلا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ تاماملىشىغا تايىنىدۇ .
(5) ” ئىككىنچى قېتىم دەرس تەييارلاش “ كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئەمىلىلىشىشى ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش پەقەت دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ماكرو جەھەتتىكى لاھىيەسنى قۇرۇپ چىقىش بولۇپ ، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئىنچىكە مەزمۇنلارنى بەلگىلەش ئەمەس . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتىن كىيىنكى ”شەخىسلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم دەرس تەييارلىشى “ بولسا ئەنئەنىۋى مەنا جەھەتتىن كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ داۋامى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنى بىرلەشتۈرۈپ كەسپى جەھەتتە يۇقۇرى ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ، شۇنداقلا يېڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ زۆرۈر تەركىۋى قىسمى .
” ئىككىنچى قېتىم دەرس تەييارلاش “ دىگىنىمىز ئوقۇتقۇچى مۇستەقىل دەرس تەييارلاپ بولۇپ ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىپ بولغاندىن كىيىن ، يەنە ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىل دەرس تەييارلاشنى كۆرسىتىدۇ . ھەقىقى ئوقۇتۇش لاھىيەسى ئوقۇتقۇچىىنىڭ كوللىكتىپ دەرس تەييارلىشى ئاساسىدا بىر قېتىم يىغىنچاقلاپ ، يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ۋە قايتا ئىجات قىلىشقا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ خاسلىق ئالاھادىلىكى ۋە دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشكە ئېھتىياجلىق . ئوقۇتقۇچى پۈتكۈل دەرس تەييارلىغى جەريانىدا ئۈگۈنۈش مۇھىتى يارىتىش ۋە ئوقۇغۇچى پائالىيىتىنى لاھىيەلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ، بىلىم ھاسىل قىلش (شەكىللەندۈرۈش) جەريانىنى ئوقۇتۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى ، ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنۈش مۇۋاپەقيىتىنى باشتىن كەچۈرۈشىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇشى كېرەك . ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئوقۇتۇش قۇرۇلما ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىپ ، دەرسخانا ۋە ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىغا قايتتۇرۇپ بېرىش لازىم ، چۈنكى دەرسخانا ئەسلىدىنلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنۈش قلىش ئورنى . دىمەك كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەمىلىشىش نوقتىسى ، ئىككىنچى قېتىملىق دەرس تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت .
(6) ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرۈش كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ نىشانى . لۇبىڭ ئەپەندى « ساپا مائارىپىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلۇنۇش » دىگەن ماقالىسىدا ” ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش ، ئاساسلىقى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ “ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ، خاسلىققا ئىگە ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈرۈشتە ، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىدىن تەلىم – تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ خاسلىقنى تېگىشلىك نامايەندە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئوخشىمغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوخشىمىغان خاس خارەكتىرى ، ئوخشىمىغان ئوقۇغوچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى بولىدۇ . دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بىر بولغان تەقدىردىمىۇ ، ئوخشىمىغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇىچىلارغا نىسبەتەن ئوقۇتۇش چارە – تەدبىر ۋە ئۇسۇللىرى ئوخشاش بولماسلىقى لازىم ؛ ھەتتا ئوخشاش بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوخشىمىغان دەرسلەرنى ئۆتۈشتىكى ئوقۇتۇش چارە – تەدبىرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئوخشاش بولماسىلىقى كېرەك . پەقەت ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ھەر قايسى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجاتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ نىشانى دەل ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ ، ئورتاق ئۆرلەش ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خاس بولغان ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ ياخشى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت . يىغىپ ئېيتقاندا يېىڭى دەرس ئىددىيىسى ئاستىدىكى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى بولسا : شەخسى دەرس تەييارلاش — كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش — ئىككىنچى قېتىم دەرس تەييارلاش ؛ ياخشى بولغان كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانى : شەخىسلەرنىڭ قايتا ئويلىنىشى — كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىكى ئۆز ئارا يارىدەم — كەسپى جەھەتتە يىتەكلىنىش ؛ كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىدىن ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق ئۈگۈنۈشىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتۈش ؛ كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىلىنىش شەكلى : ئوقۇتۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغان ئېتىۋار بېرىشنى دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش ۋە ئۈگۈنش ئۇسۇل چارىللىرنىڭ ئوقۇتۇش لاھىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت . شەخىسلەر بويىنچە دەرس تەييارلاش بىلەن كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ، دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل شەكلى بولۇپ ، كوللىكتىپنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ھامان شەخىسنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، بۇ دەل كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ئىبارەت .