- شەرەپ
- 1880
- توردا
- 493 سائەت
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2951
- قىزغىنلىق
- 12227
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-1
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 135
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17063
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1546
      
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2951
- قىزغىنلىق
- 12227
- شەرەپ
- 1880
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-1
- تېما
- 135
- جۇغلانما
- 17063
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1546
|

بىلگۈچى بىلىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرمىسە بىلىمنىڭ بېجىنى بەرمىگەن بولىدۇ. بىز بارچىمىز بىلەن بىلگەندىن بىللە بەھرلىنىش، بىرلىكتە باراۋەر بەس-مۇنازىرىلىشىش بارىسدا، بۇ بەتتىكى بىلدۈرگىلەردىن بىللە بەھرلىنىشچۈن بۇيەرگە بەند بولدۇق. بىلگەنلەر بىلگىنىدىن بېخىل بولمىغاي. بىلدۈرۈشتىن بېخىل بولۇش بىزگە باتىل. بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن. بارچىمىز بىلىمگە باي بولايلى! بولمىغاندا باي بولۇشقا باشلايلى!
بلوگ يېزىۋاتقان ئاشۇ پەيتلەرنى ئەسلەپ قالدىم... بلوگدىكى ھەر بىر ماقالىنى خەتمۇخەت ئۆزۈم يېزىپ چىقاتتىم. تېز يېزىلغان ماقالىمۇ يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئالاتتى. بلوگ شۇ قەدەر ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلغاچقا ۋاقتىم ئۇنىڭغا يار بەرمەي تاشلىنىپ قالدى. ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن بلوگدىن ھېلىھەم ياخشى مەزمۇنلار تېپىلىدۇ. بلوگنىڭ مەڭگۈلۈك ئادرېسى : http://blog.pasiban.com (تېلېفوندا ئاچسىڭىز پەچەت كۆرىنىدۇ جۇما ھازىرمۇ؟)
گەپكە كېلەيلى.
بلوگدا خەزىنە دەپ بىر جاي بار ئىدى. بۇ خەزىنىدە قىسقا، ئامما نېگىزلىك بىلىملەر ھەمبەھرلىنەتتى. كۇلۇبىمىزدا ئاشۇ خەزىنىنى ھەممەيلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە يىغىش ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. خەزىنە قۇرۇلمىسى بۇ يوسۇندا بولىدۇ.
تۆر: iOS مەشغۇلات بىلىملىرى
سۇپا: iTunes مەشغۇلات بىلىملىرى
پەگا: Apple ID بىلىملىرى
دىۋان: iCloud بىلىملىرى
دەلىز: iOS سېستىما بولىقى چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى
بوسوغا: تۈرمە سىرتى (تۈرمىدىن قاچىدىغان ۋە قاچقانلارغا كېرەكلىك بىلىملەر ۋە قىستۇرمىلار)
دالان: Mac مەشغۇلات بىلىملىرى
پىشايۋان: Mac سېستىمىسىدىكى لازىملىق ئەپلەر
ھويلا: داۋاملىق تەھرىرلىنىدۇ...
دەرۋازا: داۋاملىق تەھرىرلىنىدۇ...
كوچا: داۋاملىق تەھرىرلىنىدۇ...
بۇ خەزىنىنى ئېيتقىنىمىزدەك مەن بىرلا ئادەم ئەمەس، يۇقارقى كاتىگورىيە دائىرىسىدە بىلىدىغان نەرسىسى بارلىكى ھەرقانداق بىر پاسىبان كۇلۇب ئەزاسى بىللە تولدۇرىمىز. سىز ئېيتماقچى بولغىنىڭىزنى باشقىلار بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، دادىللىق بىلەن ئېيتىۋېرىڭ. چۈنكى بۇ خەزىنىدىن بىلىدىغانمۇ بىلمەيدىغانمۇ تەڭ پايدىلىنىدۇ. بىلمىگەنلەر بىلىۋالىدۇ. بىلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز پەقەت ئىنكاس ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىڭىزنى قالدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. مەن تەھرىرلەپ ئالدى بەتكە ئەكىلىپ قويىمەن. |
|