ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 2666|ئىنكاس: 78
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېسىت مېنىڭ ئادەملىكىمگە(مۇكاپاتلىق ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 12:56  


   ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە 3-دەرجىگە ئىرىشكەن نادىر ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز! مۇبارەك بولسۇن!!



(1)


            -ئاھ..............  
           ئايالىمنىڭ قاتتىق چىرقىرشىدىن چۈچۈپ دەرھال ئېسىمنى يىغدىم ۋە دەرھال بالىلارنى ئۇرۇشتىن توختاپ ئۇنى يۆلىدىم.
          -زادى نېمە بولدى سىزگە،نېمىشقا بالىلارنى ئۇرىۋىرسىز؟بۇنداق قىلماڭ دولقۇن،بالا بىر كۈندە چوڭ بولمايدۇ...
          -بولدى قىلغىنە، چىرايىڭ بەك سارغىيىپ كېتىپتۇ، قەدىريەنى چاقىرتىپ كېلەي، بالا ساقمۇ بىر تەكشۈرۈپ باقسۇن،بالىلارغا تەربىيە قىلۋاتقاندا ئارىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئېدى، ئەگەر سەندىن بىرەر چاتاق چىقىپ قالدىغان بولسا جېنىڭ قىينالغاننىڭ سىرتىدا يەنە بىرمۇنچە چىقىم بولىدۇ.- دېدىم ئايالىمنىڭ سارغايغان چىرايىغا قاراپ بىر خىل جىددى ئاھاڭدا.
         -سىز بىلەن بۈگۈن دېيىشكىنىم دېيىشكەن،باللارنى بۇنداق خورلاپ سىز زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
         -بولدى قىلساڭچۇ، دېدىمغۇ مەن بالا خورلىمايۋاتمەن،بالا تەربىيلەۋاتىمە دەپ. تولا گەپ تەگىشىۋەرمەي قەدىريەگە تېلفۇن قىلغىلى قويغىنە ،ئاۋۇ بالايى-ئاپەت ساقمىكىن بىر كېلىپ تەكشۈرۈپ بەرسۇن......
         ئۇ قولۇمدىكى تېلفۇننى شاققىدە تارتىپ ئېلىپ تۆرگە سېلىغلىق مىھمان كۆرپىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى ۋە ئاچچىق بىلەن:
         -تەكشۈرۈتمەيمەن، ناھايتى كەلسە بىر قۇتۇلۇپ كېتەرسىز ئۇ بالادىن.-دېدى كۆزلىرىنى ئالايتىپ تۇرۇپ.
         -ئەسلىدە تۇغمساڭغۇ ئوبدان بولاتتى خۇتۇن، ئۆزۈڭ جاپا تارتىپ قالارسەنمىكى.  نەچچە قېتىم دېدىم ،كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ يەنە دەي، بالىنى تۇغۇپ قويغان بىلەنلا بولمايدۇ، ئۇنىڭ يەنە  تەربىيلىنىش،كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسى بار. ئويلاپ كۆرسەڭ بولىدۇ،ھېلىمۇ تۆت ئوغلىمىز بار،مۇشۇلارنى ياخشى يىگۈزۈپ،ياخشى كىيگۈزۈپ، ياخشى تەربىيلەپ چوڭ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە ئاسان ئەمەس. بىر ئۆمۈر بالا ئۈچۈنلا چېپىپ ئۆتۈپ كەتمەيلى بىز. قەلبىمنى چۈشەنسەڭ  مەن بالا بېقىشتىن ئەمەس تەربىيلەشتىن ئەنسىرەۋاتىمەن. سۆزلىرىمنى ئوبدان ئويلىنىپ باق،ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ ھازىرمۇ كېچىكىمەيمىز. بولمىسا ئۆزۈڭگىمۇ ، ماڭىمۇ قىلىپ قالىسەن.جاھىللق قىلىۋەرمەي ئەقلىڭنى ئىشلەت...
          -نېمانداق گەپ قىلىسىز؟ تۆت بالىغا دادا بولغاندىن بېرى بىرەر قېتىم بالا ئۈچۈن نەچچە ئون يۈەن سەرىپ قىلىپ دورا ئېلىپ باقتىڭىزمۇ، بىرەر كېچە ئۇخلىماي بالىغا قاراپ باققىنىڭىز بارمۇ؟ نىمانداق تولا قاقشاۋىرىسىز؟ ئېگىسى بەرسە رىزقى بىلەن بېرىدۇ، قالايمىقان سۆزلەۋەرمەي شۈكىرى قىلىشنىمۇ بىلىڭ ئانچە-مۇنچە. بۇنداق قوپاللىق قىلىۋەرمەڭ. بىلسىڭىز تاياق-توقماق بالىلارنىڭ ئۆزىنى گومۇش،تېنىنى مەجرۇھ قىلىشتىن باشقىغا يارمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئىمكان بار سۆز بىلەن تەربىيە قىلايلى، ئۇرىۋىرىپ ئاللاھ ساق بەرگەن بالىلارنى ئاقساق-چوناق،ھونناق قىلىپ باقمايلى يانا بىز.
          -بۇ بىرنىمىللىرىڭنىڭ نەچچە بىرىگە سىلىق گەپ قىلىپ بولىمەن جېنىم ئاران بىر تۇرسا مېنىڭ؟! بىرگە بىردىن سۆزلەپ چارچىمامدىم مەن؟ مېنى سۆزلەپ ئۆلسۇن دېمەيدىغانسەن؟ چۈشەنسەڭ خۇتۇن  بىرنى جازالاپ قالغانلىرىغا ئىبرەت قىلىش بۇ.  توۋا دەيمەن جۇمۇ، تەقدىر نېمانداق قېرشىدىغاندۇ مەن بىلەن. بەزىلەر بالسى يوق بالىغا زار ، مەن بۇياقتا بالامنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزۈمنى قويارغا يەر تاپالماي خار.ئېگىسى تەڭشەپ بەرسە بولمامدۇ دەيمەن بەندىللىرنى بۇنچىلىك قيىنىغۇچە......
          يەنە قانچىلىك سۆزلەر ئېدىمكىن تاڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاۋىرشتىن بىتاقەت بولغان ئايالىم ئورنىدىن تۇردى ۋە سۆزلىرىمنى بۆلدى:
         -ئوھوش، بولدى قىلىڭە،ئاغزىڭىزدىن ئادەمنىڭ گېپى چىقمايدىكەن زادى! خۇدايىم بەرگەن بىر چىرايلىق قارا كۆز باللىرىڭىزنى «شۈكرى» دەپ مىھر بىلەن باغرىڭىغا باسماقتا  يوق دەۋاتقان گېپىڭىزنى قاراڭ! سىزدەك دادىدىن يەنە بىرەرسى بارمىدۇ بۇ دۇنيادا؟   بىرەر ئايلىق ساياھەتكە بېرىپ نىرۋىللىرىڭىزنى سەگىتىپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ بىر،بۇ يەردە كوتىلداپ ئولتۇرغىچە. ساياھەت پايدا قىلىپ ئەقلى-ھوشىڭىزجايىغا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەستى. ئۇ شۇنداق دېدى ۋە ئاچچىق بىلەن ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى:
         -ئولتۇر، سۆزدىن قاچما.زادى قانداق قىلماقچى سەن؟
         -ئۆزىڭىزنىڭ پۇشتىغۇ بۇ، بىگۇناھ نارىسىدىگە نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىز،ئۇۋالىغا قېلىشتىن قورىقمامسىز؟ ئەجبا بۇ بالىغا قىلچىلىك مىھرىڭىز يوقمۇ؟ مۇشۇ گەپلەرنى قىلۋاتقىنىڭىزدا بىر يەرلىرىڭىز چىممىدە قىلىپ قويمىدى ھە؟ قانداق يۈرەكتۇ سىزدىكى زادى!
         -نادانلىق قىلۋاتسەن زۇمرەت، مېنىڭ بالىغا مىھرىم بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغاچقا بۇ بىۋاپا ئالەمگە كېلىپ رىيازەت چىكىپ يۈرمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كېيىنلىكىدىن ۋايىم يەپ ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ مۇشۇنداق دەۋاتمەن،نېمانداق كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدىغانسەن، مەنمۇ شۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەپ......
          –ئېسىت، بايىدىن بېرى تاشقا سۆزلىگەن بولساممۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەر ئېدى. سىزدىكى يۈرەككە قول قويدۇم.-ئۇ شۇنداق دېدى ۋە مىشىلداپ يىغلىغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئارقىدىن ۋارقىرىدىم:
          - ئىشقىلىپ يامان گەپ قىلمىدىم خوتۇن، ئوبدانراق ئويلىنىپ باققىن! –جاۋاپنىڭ ئورنىغا ئىشىك جالاققىدە يېپىلدى.

           ئايالىم بەشىنجى بالامغا قورساق كۆتۈرگەندىن بۇيان بۇنداق سۆزلەر  كۈندىلا دېگۈدەك بولۇنۇپ تۇرۋاتاتتى. ئۆيدىن نە خۇشاللىق،نە روھى ئازادىلىك تاپالمايۋاتاتتىم. داداملار سېلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەرگەن ياسداق ئەمما  رەتسىز ئۆيۈم ،زۇمرەتنىڭ ئايلاپ-يىللاپ بىرەر قېتىم يېڭىلىنىپ سالمايدىغان كېۋەز تاغىرىدەك كەڭ ھەم كونا كۆينەكلىرى ، يوغان -يوغان ياغلىقلارغا ئورىۋالدىغان، قاچانلا قارىسا كىشىگە بىر يېڭلىق ھېس قىلدۇرالمايدىغان  پەردازدىن خالى يۈزلىرى، تۆت بالا ئاز كەلگەندەك يەنە تومپىيىشقا باشلىغان قورساقلىرى ئىچىمنى پۇشۇراتتى. مال-چارۋىدەك يېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان،ھېلىدىن-ھېلىغا كىيىم –كېچەكلىرىنى پاسكىنا قىلىپ ياكى يىرتىپلا يۈردىغان،ھارماي بىر-بىرسىگە پۇت ئېتىشىپ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى قوتۇر ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدەك يېغىر قىلىپ تۇردىغان بىر-بىرىدىن كەپسىز ھەم جىدەلخور ئوغۇللىرىم شۇنچىلىك ئۆچلىكىمنى قوزغايتتى.ئۇلار ماڭا باشقىلارنىڭ تېنىدە ياشاپ ئۆزىنى سەمرىتىدىغان پارازىتنى ئەسلىتىپ  غەزىپىمنى تاشۇراتتى.ھەتتا بەزىدە ئۇلاردىن خۇددى نىجاسەتتىن  يىرگەنگەندەك يىرگىنىپ كېتەتتىم،تۇرۇپلا يەنە  بۇ ئائىلىدە مەن ۋە زۇمرەتتىن باشقا ھەممىسى ئارتۇقچىدەكلا تۇيۇلۇپ كېتەتتى.
          كۆپ ئۆتمەي ئۇ سومكىسنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە قېيدىغاندەك قىلىپ:
         -ماڭمامدۇق؟!-دېدى.خۇشاللىقتىن خۇدۇمنى يوقاتقان مەن  بالىلارنى چوڭ ئۆيگە بېرىشقا بۇيرۇپ قويۇپلا دەرھال ماشىنىنى تارتتىم.دوختۇرخانغا ماڭغان شۇ دەملەردە ئۆزۈمنى شۇنچىلىك خۇشال ھەم ئەركىن ھېس قىلىپ كەتتىم. ئەمما ئىش ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىدى. ئېگىسى شۇنداق بولۇشنى خالىمىغانمۇ بىز بارغان شىپاخانىدىكى ئاياللار بۆلۈمىگە مەسئۇل دوختۇر يوق ئېدى. مەن سىڭلىم ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا بېرشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلقىغا يېتىپ قېلىپ ئىشنىڭ بۇزلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتىم. يېزىدا بارى –يوق ئىككىلا چوڭ دوختۇرخانا بولغاچقا بىز قايتىپ كېتىپ باشقا كۈنى كەلمەكچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن بۇ «باشقا كۈنى»توپتوغرا بىر ئايدىن كېيىن ئاران بولدى. بۇ ۋاقىتتا بالا خېلىلا چوڭىيىپ قالغانىدى، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن تاپا-تەنىلەر بىلەن ئايالىمنى ئۇرۇپ-سوقۇپ يۈرۈپ ئاران ماقۇل كەلتۈرۈپ ئېلىپ كەلسەم تۇغۇت بۆلۈمىدىكى سۆرۈن تەلەت،ئورۇس چىراي،سەت  ئايال دوختۇر ئايىمنىسا ئىشىكتىن كىرە-كىرمەيلا بىزنى سېسىق گەپلەرگە كۆمىۋەتتى:
          -بىلسەم بىلمىسەم سىلەرمۇ شۇ ھېلقى  ئىش ئۈچۈن كەلدىڭلارغۇ دەيمە!؟ چوپچوڭ بوپ قالغاندىمۇ يەنە نېمە سەتچىلىك ھەي بۇ! توۋا دەيمەن جۇمۇ بۇ زاماننىڭ ياشلىرىغا.
           ئۇ مىنۇت توختىۋالدى ۋە   بىزنىڭ گەپ قىلشىمىزنى كۈتمەيلا يەنە چالۋاقاپ كەتتى:
          -ھايۋان جېنىدا ئۆز بالىسىغا ئېگە بولىدۇ. نېمە قىلسىلەر دەيمە بىر جاننىڭ بېشىغا چىقىپ! يا ھېچكىم توسمىسا ھازىر، ئېگىسى چىرايلىق بەرگەندىن كېيىن  باقساڭلار بولىدىغۇ،ناھايتى كەلسە ئۆيدە بىر ئادەم كۆپىيىدۇ،نېمە كېتەتتى سىلەردىن. سەۋەنلىكنى سىلەر ئۆتكۈزگەن بىلەن ئاقىۋىتىدە مانا مۇشۇنداق بىزگە ئۇۋال. ئۆزۈڭلارنى قىينغنىڭلارنى ئاز دەپ بىزنىمۇ گۇناھىڭلارغا شېرىك قىلۋالسىلەر. سىلەر بۇ ئىشنى شاختىن ئامۇت ئۈزگەندەكلا ئوڭاي دەپ ئويلاپ قالدىڭلارما؟ يامان بولساڭلار ئادەمدىن بىرنى ئۆلتۈرۋىتىپ  ئاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇشال ھالەتتە ئالدىمغا كىرىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر قىلالىساڭلار مەنمۇ بۇ ئىشنى رازىمەنلىك بىلەن پۈتتۈرۈپ بېرىمەن....
           ئۇنىڭ تەنە گەپلىرى مېڭەمگىلا چىقتى. ئامالسىز  ئايالىم ئىككىمىز ئۇنىڭغا بىر مۇنچە يالغان گەپلەرنى قىلىپ، ئىششەك-چارەك ئاچچىق يۇتۋالغاننىڭ ئۈستىگە بىر پاتمان پۇلنى ئىسراپ قىلىپ  قايتىپ چىقتۇق. كەچقۇرۇنلىقى ئۆيگە سالپايغان ھالدا قايتىپ كەلدۇق، مەن ئىشىكتىن كىرىپلا بالىلارغا ھۆركىرىدىم، شۇنداق قىلمىسام ئىچىم بوشىمايتى، چۈنكى بۈگۈن ئېغىر مەغلۇپ بولغان ئېدىم.
           شۇ كۈندىن باشلاپ تېخمۇ غەلىتىلشىپ كەتتىم. كۆزۈمگە ھېچقانداق ئىش سىغمايتى . ھەممىلا نەرسە خۇددى مەن بىلەن قېرشىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى ۋە ئۆزۈمنى تۇتۋالالمايتىم.بىر كۈندە كەم دېگەندە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۇرۇش-جېدەل چىقارماي  ئارام تاپمايتىم. ئەڭ بولمىغىنىدا قوتانغا كىرىپ مال-چارۋا، توخۇ-تۇمانلار بىلەن سوقۇشۇپ دەردىمنى چىقىراتتىم.  ئىشقىلىپ خۇدانىڭ كۈنى ئايالىم ۋە باللىرىمنىڭ مەندىن تىل-دەشنام ئاڭلىغىنى،تاياق يېگىنى-يىگەن ئېدى. ئۇلار ھەربىر ھەركىتىدە مەندىن قاتتىق ئىھتىيات قىلاتتى.سىرىتتىن كىرسەم باللىرىمنىڭ  ھەربىيدەك قاتار تىزىلىپ مىدىرلىماي ئولتۇرۇشقىننى كۆرەتتىم.ئۇلار ھەتتا مەن بار يەردە  قاتتىقراق يۆتىلىپمۇ سالمايتى. لىكىن بۇ ئۇلارنى كۈندىلىك «نورما»سىدىن قۇتدۇرۇپ قالالمايتى.بۇ خىل تەكرارلىقنىڭ داۋاملىششىغا ئەگىشىپ بارا-بارا ئائىلەمدىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان بولدى.شۇنداق قىلىپ ئۆز ئۆيۈمنى ئۆزۈم زىندانغا ئايلاندۇرغان بولدۇم.
            قىستاشلىرىمغا چىدىمىغان ئايالىم ئاخىر «ئازات» بولۇش ئۈچۈن خېلىلا ھەركەت قىلىپ باقتى. ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ھە دېگەندىلا بىكارغا كەتتى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئېگىسى بۇيرىمىغان ۋە بولۇشنى ئىرادە قىلمىغان  ئىشنى بەندە ھەرقانداق سەۋەپلەر بىلەن ۋۇجۇدقا چىقرالمايدىكەن،ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ كىشنىڭ رىزقىنى كىشى يۇقتىۋىتەلمەيدىكەن. شۇنسى بىزگە مەلۇم بولدىكى مەن ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىنى قانچە ئۈمىد قىلمىغانسىرى،ئۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىركىشۋاتاتتى.
          ئايالىمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ساغلام چوڭىيىۋاتقان قورسىقىغا قاراپ ماڭا دۇنيا كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك، خۇددى بۇ بالا بىر بالايى-ئاپەتنى چىللاپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا  بارا-بارا تېخىدىنمۇ ئىھتىياتچان بولۇپ ھەممىنى چىڭ تۇتۇشقا يۈزلەندىم. ئەمما مەن ئاۋايلىغانسىرى ئوغۇللۇرۇم ماڭا قارشى ھەركەت قىلىپلا تۇردى.ئۇلارنىڭ بەزى  قىلىقلىرى  كىشىنىڭ ئوغىىسىنى قاينىتاتتى.
           بىر كۈنى مەسچىتتىن قايتىپ كىرۋېتىپ ھويلىدىكى نەچچە تال ياغاچتىن ياسالغان ئويۇنچۇق تاپانچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. تاپانچا شۇنچىلىك سىپتا ياسالغانىدى.ھەيران بولدۇم. چۈنكى بۇنى  مەن نەچچە كۈندە بىر قېتىم ئاران بېرىدىغان ئازغىنە  پارچە پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايتى. تاپانچىغا ھەتتا قارلىغۇچىتىن تارتىپ ئورنىتىلىپ شۇنچىلىك مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنىدى. مەن ئوغۇرلىغان بولۇپ قالمىسۇن دېگەن ئوي بىلەن ئۇلارنى قاتتىق سوراقلىدىم.نەتىجىدە بۇ چوڭ ئوغلۇم بىلەن ئىككىنجى ئوغلۇمنىڭ قول ھۈنىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
           سەككىز –توققۇز ياشلىق بالىنىڭ شۇنچىلىك ئەقىلى بارلىقىدىن سۆيۈندۈم.بۇلارغا قاراپ ئۆز باللىقىمنى شۇنچىلىك بەتتام ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى ئوتتىرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى بولغان مەن بۇنداق ۋاقىتلىرىمدا بۇلارقىلغاننىڭ يېرىمىنىمۇ قىلمايتىم.ھەتتا ئايلاپ-يىللاپ  ئۆيدىكى ئاياغ چاغلىق نەرسىنىمۇ ئۇياندىن بۇيانغا ئېلىپ سالمايتىم. ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۆي ئىشلىرىدا چوڭلارغا ياردەملىشىش،بالىغا قاراش، چامى يىتدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزكۈچىگە تاينىپ پۇل تېپىش دېگەندەكلەرماڭا يات ئېدى.چۈنكى ھەممە نەرسەم تەل ئېدى.قولۇمدىن پۇل ئۆكسىمەيتى،ئاياغلىرىممۇ نەچچە جۈپ،كېيم-كېچەكلىرىممۇ نەچچە قۇر ئارتۇق تۇراتتى.گەرچە تولۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپنىڭ شوجاڭلىقى(مەكتەپ مۇدىرلىقى)ئانچە چوڭ ئەمەل ھېساپلانمىسىمۇ ئەمما ئائىلىمىز مەھەللىمىزدىكى باشقا ئائىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا باياشات ئېدى. چوڭ ئوغلۇمچىلىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى  ئاپام ئىشلەيدىغان كىچىك كەنىت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇيتۇم. شۇ ۋاقىتلاردا بىر قېتىم ساۋاقدېشىمنىڭ بۆكىنى كىيۋېلىپ ئۆيگە ئەكىتىپ كىيىن ئەكلىپ بەرمىگىنىم ئۈچۈن ھېلقى ساۋاقدېشىمنىڭ مۇمىسى ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدىلا ئاپامدىن قاتتىق تاياق يىگىنىم ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. شۇ چاغدا ئاپام يۈزۈمگە تۇنجى قېتىم ھەم ئەڭ جىق ،ئەڭ قاتتىق ئۇرۋەتكەنىدى. شۇ ئىشلارنى ئويلىسام يۈزۈم ھازىرمۇ ئېچىشىپ كېتىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئاپامنىڭ قىلغىنىنىڭ قىلچىلىكمۇ خاتاسى يوق ئېدى. دېمىسىمۇ ئۆزۈمنىڭ نەرسىللىرى ئېشىپ تېشىپ تۇرسا خەخنىڭ نەرسىسگە كۆز قىزارتىپ يۈرگىنىم قىززىق ئېدى.
           دادام بىلەن ئاپام گەرچە مۇئاشلىق كادىر بولسىمۇ ئەمما شۇنچىلىك ئقتىسادچان ئېدى. ئىسراپخورلۇق قىلمايتى. ھەتتا بىر كوي پۇلنىمۇ ئورۇنسىز خەجلىمەيتى. ماڭا ھەممە نەرسىنى ئايىماي ئېلىپ بەرگىنى بىلەن ئۇكىللىرىمنىڭ  پەقەت ھېيىت -بايراملاردىن باشقا كۈنلەردە  تامىقىدىن باشقىسى مەندىن ئاشقان نەرسىلەر ئېدى.مەن چوڭ بالا بولغاچقىمىكىن ياكى باشقىچە بىرەر سەۋەپ بارمۇ دادام ئاپام مېنى ئۇكىللىرىمدىن چارە كۆرەتتى.گەرچە كېچىكىمدە دادا مىھرىگە تازا قېنىپ، باشقا بالىلاردەك دادامغا ئەركىلەپ چوڭ بولمىغان بولساممۇ(دادامنىڭ خىزمەت ئورنى ئۆيدىن يىراق يىراق بولغاچقا كۆپىنچە ۋاقتىلاردا سەھەر مېڭىپ كەچ قايتىپ كېلەتتى.شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش پۇرسىتىم بەكلا ئاز ئېدى.بەزىدە ئۇ ماڭا بىز بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋتى يوق ئادەمدەكمۇ تۇيۇلاتتى. ھەتتا ئېنىم بىلەن سىڭلىممۇ ئۇنىڭدىن يېتىرقايتى.بەزى چاغلاردا بىز ئاپامغا دادىمىز تۇرۇپ دادسى يوق ئادەمدەك ياشاۋاتىمىز دەپ قاقشاپ قوياتتۇق.»ئاپامنىڭ چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتى بىلەن شۇنچىلىك بەختىيار ئېدىم. يىغىپ ئېيىتقاندا باللىقىم ھېچنىمدىن قىسىنماي شۇنچە بەخۈدۈك ئۆتكەنىدى.
           بۇ خىياللىرىم مېنىڭ ھەقىقەتەن باللىرىمغا زۇلۇم قىلۋاتقىنىمنى ھېس قىلىدۇردى. ئويلاپ باقسام ئىككىنجى ئوغلۇمدىن باشقىسىغا مىھرىمنى بېرىپ باقماپتىمەن. ئۇلارنىڭ خىراجەتلىرىنى ، ئەركىن پائالىيەت قىلدىغان ۋاقتىنىمۇ قىسىپ كەپتمەن. دادام ئاپاملارنىڭ يوقلاپ كەتكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ يىلغا تەۋە بالىلارنىڭ ئۈستى – بېشىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ قويماپتىمەن. تۇرۇپلا قىلغانلىرىمدىن نۇمۇس قىلىپ قالدىم. بۇ خىيالىم بىلەن تەڭ تېخى ئۆتكەندىلا يۈز بەرگەن بىر ئىش يادىمدىن كەچتى.
           ئايالىم ئىككىمىز مەكتەپكە يېقىنلا يەردىكى قوناقلىقتا ئىشلەۋاتاتتۇق.تۇيۇقسىز چوڭ ئوغلۇم  كىچىك ئوغلۇمنى يېتىلىگەن پېتى ئېتىزنىڭ بېشىدا پەيدا بولدى.(مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرشۇم بويىچە ئۆيدە ئىش قاتىلاڭ كۈنلىرى چوڭ ئوغلۇم كىچىك ئوغلۇمنى، ئىككىنجى ئوغلۇم ئۈچىنجى ئوغلۇمنى مەكتەپكە بىللە ئېلىپ كېتەتتى.) ئۇ خېلى ئۇزۇغىچە گەپ-سۆز قىلماي بېشىمىزدا قاراپلا تۇردى. ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭغا ۋاقىردىم:
          -نېمىگە كەلدىڭ دېمەمسە دادۈيجاڭدەك بېشىمدا قاراپ تۇرىۋەرمەي! چامما بىلەن گەدىنىڭگە ئۇرۋەتمەي بىكا!– ئۇ گەپ قىلىشقا پېتنالماي يىغلىدى. ئايالىم ماڭا ئاليىپ قويۇپ ئۇنىڭدىن بىرەر قۇر ئەھۋال ئېگەللىگەندىن كېيىن مەندىن پۇل سورىدى.
          -نېمە پۇلكەن؟ نەچچە پۇلكەن؟- پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم ئۇچقان ھالدا ۋارقىرىدىم.
          - نېمانچىۋالا چېچلىسىز، يانداشما مەشىق ئالدىغان پۇلكەن. ئون كوي بېرىپ ئولغا سېلىڭ  بالنى، تولا خاپا قىلىۋەرمەي. ئايالىمنىڭ گېپىگە ئىرەنشىمەي ئەسئەتكە ھۆرپەيدىم:
         -قىممەتكەن ، ئالما بولدى، پۇل يوق. مەنمۇ جىق ئىشلىگەن ئۇنداق نەرسىلەرنى،ئەمما كۆرىۋاتقان كۈنۈم يەنىلا مۇشۇ، ئۇنى ئىشلەپ قويغانغا ئالىم بوپ كەتمەيسە . ئۇنى ئىشلىگەننىڭ ئورنىغا ئېتىزغا چىقىپ بىر تۈپ بولسىمۇ ئوت يۇلساڭ شۇ پايدا. ماڭ، يەنە تۇرىۋەرسەڭ تاياق يەپ قالىسەن.
          - توۋا دولقۇن، مۇشۇ تۇرقىڭىزنى كۆرسە كىممۇ سىزنى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئادەم دەيدۇ.يوغان بىر ئەركىشى تۇرۇپ يانچۇقىڭىزدىن ئونامبەشكوي بىر نېمە چىقمامدا؟ ئۆيدە تۇرىۋىرىپ ئىددىيڭىز ساۋادىسىز قوڭالتاقلارنىڭكىدىنمۇ قاتماللىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟! بالىلارنى ئىقتىسادتىن بۇنچىۋالا قىسماڭ ، يۈزىمىزگە سەت بولىدۇ. دادام ئاڭلىسىمۇ خاپا بولىدۇ.
          -نېمە قىلىدۇ پۇلنى بۇزۇپ پوققا پايدىسى يوق نەرسىلەرنى ئالغاننىڭ. بالىنى يامان ئۆگەتمە سەن. ئايالىم گەپلىرىمگە قۇلاق سالماي ئۆمچىيىپ يىغلاشقا باشلىغان ئوغلۇمنى بەزلەشكە كىرىشىپ كەتتى:
          -يىغلىما بالام،ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىسا بولمايدۇ. داداڭ بەرمىسە مەن بىرمە،خاتىرجەم بول. ئەتە ئەتىگەندە ماڭا ئەسكەرىتكىن.بۈگۈنچە قايتىپ مۇئەللىمىڭگە شۇنداق دەپ تۇرغىن ماقۇلمۇ؟!كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما جۇمۇ!
          بۇنى ئاڭلاپ زۇمرەتنىڭ مەندىن يوشۇرۇن يىغقان پۇلى بامىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.ئەمما تىزلا بۇ گۇمانىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۆزۈم ئىقتىسادقا ئالاھىدە چىڭ بولغاچقا ھېچقانداق ۋاقىتتا ئايالىم خۇپيانە پۇل قىلغۇدەك يوچۇق قالدۇرمايتىم. ھەم ئۇمۇ ئۇنچىلىك ھېلگەر ئاياللاردىن ئەمەس ئېدى.
          مېنىڭ بالىلارغا تەربىيە بېرىش ئۇسۇللىرىم كۈندىن كۈنگە يېڭلىنىپ سەرخىللاشتى. ئەسئەت  پۇل سوراپ كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن جاڭگالدىكى كېۋەزگە دورا چېچۋاتسام ئۇ يىغلىغان پېتى يۈگرەپ كەلدى. ئۇ ئېتىزنىڭ قىرىدا تۇرۋېلىپ  ھېچنىمە دېمەي يىغلاۋەردى. ئۇنىڭ بىكاردىن بىكار يىغىلىغىنىغا قاراپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى،شۇنىڭ  ئۇنى چىرقىرىتىپ تۇرۇپ ماشىنىنڭ سۇ پۈركۈش نەيچىسى بىلەن نەچچىنى  ئۇرۋەتتىم. ئايالىم ئارىغا كىرگەندىن كېيىن ئاچچىق بىلەن:
          -مەن تېخى ھايات، بۇنچىۋالا يىغلىمساڭمۇ بولىدۇ. تولا كەيپىمنى ئۇچۇرماي ئۈنۈڭنى ئۆچۈرۈپ يانا نېمىگە كەلگىنىڭنى دە!!!-دەپ ۋارقىرىدىم.
          -بۇنداق قورقۇتسىڭىز قانداق دەيدۇ،ھېلىمۇ قورقۇپ يىغلاپ كېتىۋاتسا. بالىلارغا  بىرەر قېتىم سىلىق گەپ قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بۇلامدا؟
          شۇ ئەسنادا قېرىشقاندەك دادام پەيدا بولۇپ قالدى ۋە مېنى ئۇنمىغنىمغا قويماي ئەسئەت بىلەن ئاتا-ئانلار يىغنىغا ماڭغۇزدى.
         -بالا تەربىيلەشكە ئانچە-مۇنچە ئىتبار بىرىڭلار بالام.قاچان قارىسا بالنى ئۇرۇپ - تىللايدىكەنسىلەر، بۇلار تېخى نوتا، ئاسراشقا، تەربىيلىنىشكە مۇھتاج. لازىملىقىنى خاپا قىلماي قىلىپ بېرىڭلار،بويۇن قىستۇرۇپ قويماڭلار، بالىلار باللىقىغا، مىھىرگە قېنىپ چوڭ بولسۇن. ئاتا-ئانلار يىغنىغا بارمىساڭ بولمايدۇ دولقۇن،چوقۇم بېرشىڭ كېرەك، ئارتۇق گەپ قىلماي بالنى ئېلىپ ماڭ.
         ئىشنىڭ قاتلاڭ ۋاقتىدا بۇ ئىشنىڭ چىققىنىدىن ئىچىم پۇشۇپ ئاچچىقتا دادامنىڭ توۋلاشلىرىغا پىسەنىت قىلماي ئەسئەتنى موتۇسىكلىتنىڭ كەينىدىن يۈگرىتپ قويۇپ مېڭىپ كەتتىم.كۆڭلۈمدە  بۇ ئىشىمدىن شۇنچىلىك مەنمۇن ئېدىم. ئۇنى شۇ تەرقىدە خېلى يۈگەرتىپ  «جازا» لاپ  بولغاندىن  كېيىنلا ئاندىن ئارقامغا  سىلكىشلىگەن پېتى كەينىمگە مىنگەشتۈردۈم. كەچقۇرۇنلۇقى ئايالىم بۇ ئىشنى قايتا تەگەپ مېڭەمنى قوچىۋەتتى.ئاخرىدا ھەممسنىڭ ئاغزىنى مۇش بىلەن ئىتىپ جىمىقتىم.
           ياتىمەن، كاللامدا بۈگۈنكى يىغىن، يىغىندا بولۇنغان گەپ-سۆزلەر...... ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى ئاتا-ئانلار يىغىنى مەخسۇس مەن ئۈچۈنلا چاقىرىلغانىدى . يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئاتا-ئانا يالغۇز مەنلا ئېدىم. ئوبۇل مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە ئاتا-ئانلار يىغنىنىڭ شەكلى ئىسلاھ قىلىنىپ ، ھازىر مۇشۇنداق بىردىن بىردىن سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى قوللنۋېتلىپتىمىش.
          ئەمەلىيەتتە چوڭ ئوغلۇمنى ياقتۇرمىغنىم بىلەن ئۇنىڭ  ئادەمنى سۆيۈندۈردىغان تەرەپلىرى جىق ئېدى. ئۆزى چېچەن بولغاچقا بۇيرىغان ئىشنى شۇنچىلىك ئەپلەشتۈرۈپ قىلاتتى. دەرىس تەكرارلاشقا پۇرسەت بەرمىگنىمگە قارماي يەنە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدى بولۇپ ماڭاتتى.پۇل بەرسەم ھەرگىز بىھۇدە زايە قىلمايتى. باشقا باللاردەك دۇكاندىن ئەخلەت يىمەكلىك ئېلىپ يىمەيتى، قولىغا پۇل كىرگەن ھامان ئانسىغا تۇتقۇزاتتى ياكى ئۇقۇش قۇراللىرى سېتۋالاتتى. بىزگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇپ جىدەل قىلمايتى.ئىشقىلىپ ئۆزى ئون ياشلىق بالا بولغىنى بىلەن ھەربىر ھەركىتىدە ئۆينىڭ غېمىنى يەيتى. ھەتتا مەھەللىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ چىچەنلىكىنى ماختاپ :«بۇ بالىنى قانداق تەربىيلەۋاتسىلەر؟ نېمە يىگۈزۈپ بېقىۋاتىسىلەر؟» دەيتى. دەرۋەقە ئوبۇل مۇئەللىممۇ ئۇنىڭ بىرمۇنچە تەرىپىنى قىلدى. ئەمما ئاخىردا قىلغان بىر گېپى مېنى قاتتىق ئوڭايسىزلاندۇرۋەتتى:
           - دولقۇن، كىچىكلىكىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ شۇ چاغلاردا بارات شوجاڭنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟
           مەن گەپ قىلىمدىم، چۈنكى ئۇنىڭ  نېمە دېمەكچى بولغانلىقى ماڭا ئايدىڭ ئېدى. دېمىسىمۇ مۇشۇ يېشىمغىچە دادام مېنى تاك ئېتىپ  چېكىپ باقمىغان ئېدى ، دادامنىڭ مېھرىگە قانالمىغان بولساممۇ تاكى ھازىرغىچە راھىتىنى كۆرۈپ كېلىۋاتاتتىىم.
           -سىز مېنىڭ ئالدىمدا چوڭ بولغان بالا، مىجەزىڭىز ماڭا بەش قولدەك ئايان.شۇڭا سىزگە ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق. بالىلارغا قانچىلىك  ئوساللىق قىلسىڭىز مەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەيمەن. چۈنكى بالا سىزنىڭ، ئۇرامسىز ئۆلتۈرەمسىز بۇنىڭغا ئارلىشالمايمەن. ئەمما بالىڭىز باشقىلارغا ئوساللىق قىلسا بۇنىڭغا ئارلاشماي ئامالىم يوق. ئاتا دېگەن ھامان بالىنىڭ ئۈلگىسى، شۇڭا پەقەت سىزنى  ئەسئەتكە ياخشىراق ئۈلگە بولۇپ بەرسىكەن دەيمەن.
           بۇنى ئاڭلاپ كىچكىمدە ئاپامدىن دادامنىڭ بۇرۇن تاماكا چېكىدىغانلىقىنى، مەن تۇغۇلغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۆزىنى دوراپ قېلشىمدىن ئەنسىرەپ  مەن ئۈچۈن تاماكا تاشلىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىم غىل-پال يادىمغا كەلدى. بىلدىمكى مېنىڭ «قەھىرمانلىق»ىم ئۇنىڭمۇ قۇلقىغا يەتكەندىن سىرىت،يەنە تېخى ئوغلۇمنىڭ ۋارىسلىق قىلشىغا مۇيەسسەر بولغانىدى.ئاخىردا ئۇنىڭغا مەن ئەسئەتنى سىنىپ باشلىقلىقتىن قالدۇرۋېتىشنى تاپلاپ قايتىپ چىقتىم.
          شۇ خىيال بىلەن  قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، ئەتىسى ئويغانغىنىمدا ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ ئەسئەتمۇ مەكتەپكە مېڭىپ بوپتۇ.لىكىن كەچقۇرۇنلىقى ئۇ يەنىلا دورىسىنى يېيىشتىن قۇتۇلالمىدى.زۇمرەتنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۇنى  ئۇكىللىرىنى قارتىپ قويۇپ ھارغۇچە ئۇردۇم. تاياققا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقىمىكىن ئۇ پەقەتلا قارىشلىق قىلمىدى. ئەمما ئەتسى ئۇنىڭ كۆكىرىپ ئىششىپ كەتكەن يۈز-كۆز،بەدەنلىرىگە قاراپ ئازراق ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
          باللىرىمنىڭ تىرىشچانلىقى  يۈزۈمنى قىزارتىپ ، قىلغانلىرىمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان بولسىمۇ ،لىكىن بۇ تەسىرلنىش  خۇدى يېنىپلا ئۆچىدىغان سەرەڭگە ئوتىدەك ناھايتى قىسقا داۋام ئەتتى . نەچچە كۈندىن كېيىن ئامباردىكى كاردىن چىققان تىراكتۇر زاپچاسلىرىنى ،كىسىپ كاردىدىن چىقرىۋېتىلگەن سۇ تارتىش نەيچىللىرىنى كۆرۈپ يەنە  ئۆزۈمنى پەقەتلا كونتىرول قىلۋاالالمىدىم. تاياق يەپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن باللىرىم شۇ كۈندىن باشلاپ مەندىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ ھاجەتخانىغىمۇ ماڭمايدىغان بولۇشتى.
         ئايالىم ئېغىرلاشقانسىرى كۆزۈمگە سىغمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنى باشقا ئاياللارغا سېلىشتۇرغۇم كېلىدىغان،بىر يېرىدىن بولمىسا بىر يېرىدىن نارازى بولۇپ قۇسۇر تېپىپ سوقۇشقۇم كېلىدىغان بولۇپ قېلۋاتاتتىم. ساراڭلىقىم تۇتسا ئۇنىڭ ئىككى قاتلىقىغا قارىماي مەن بىر چامدىغىچە ئۈچنى چامداپ ئۆي ئۈچۈن جاپالىق قان-تەر تۆكۈۋاتقىنى كۆزۈمگە كۆرۈنمەي قالاتتى.توغرىسى تۇرمۇشۇمدا بىر بوشلۇق باردەك ھېس قىلاتتىم.
         كۈز كىرىپ رامىزانمۇ بولدى، زۇمرەت مېنىڭ توسقىنىمغا پەرۋا قىلماي،رامىزاننى كۈن قالدۇرماي تۇتقاننىڭ سىرتىدا، ئېتىزلاردا مەن بىللە كۈن تۇتۇپ ئىشلەپ دېگۈدەك قىلىپ تولۇق چىقاردى. ئەمما بىر ئاي ئېچىدە كۆرىنەرلىك جۈدەپ، كۆزۈمگە بىراقلا نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزۈمگە تېخىمۇ سىغمىغىلى تۇردى.بىرەر يەردە رەتلىكرەك بىر ئۆينى، ئۆزى چىرايلىقراق جابدۇنۋالغان بىرەر ئايالنى كۆرۈپلا قالسام كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن جېدەللشىدىغان بولىۋالدىم. ئۇ ماڭا ياقمىغانسىرى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر يەرلىرى مەنىسىزلىككە توشۇپ يىپى يوق لەگلەكتەك لەپەڭلەپ قېلۋاتاتتى.قەلبىم مىھىرگە چاڭقاپ چاك-چاك بولۇشقا باشلىغان كۈنلەردە ئاقداما يەرگە سۇ باشلىغاندەكلا بىر ئىش يۈز بېرىپ تۇرمۇشۇمغا يېڭى بىر مەنا قوشۇلغاندەك بولدى.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 23#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-31 15:42:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 12:58  


(2)


       -ئاكام ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئانا(ئاپامنى مەنلا ئاپا دەيتىم،قەدىريە بىلەن جۇشقۇن ئانا دەيتى.) ئۇ مەھەللىدىكى كۆرەلمەس پەس ئاياللارنىڭ تاپقان پىتنىسى. ئويلاپ باقمامسىز، ئاكام ھەر ۋاقىت زۇمرەتنىڭ بىقنىدىن بىر قەدەم ئايرىلماي يۈرىدىغان تۇرسا قانداق ۋاقىتتا ئۇ خوتۇن بىلەن ئۇ ئىشنى قىلىدۇ ؟ زۇمرەتتىن ئاڭلىشىمچە ئاكام ھەقىقەتەن كېۋەز تەرگۈچە ئۇ خوتۇن بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق  پاراڭلىشىپتىكەن. لىكىن ئاكامنىڭ پاراڭخۇمارلىقىنى، ئادەم  ۋە  ئورۇن تاللىماي پاراڭلىشىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز. پاراڭلاشقانغا نېمە بولۇپ كەتمەكچىدى! مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي يالغان گەپ.
       -سەن شۇنداق دېگەن بىلەن بالام خەقلەر دولقۇن  داموللىنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىنى چېغىر قىلۋەتتى، نۇرىمانگۈل بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتى دېيشىۋاتمامدۇ. ئىشقىلىپ ئاكاڭ ئېزىپ –تېزىپ ئۇ پوقنى يەپ قالمىسا  بولاتتى.
      -بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئاكام ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئۇ  كېچىسى زۇمرەتنىڭ كۆزىدىن نېرى بولمايدىغان تۇرسا ھەر قانچە بولسىمۇ كۈپكۈندۈزدە  تۆت بالىنڭ كۆزىدىن ئۇيالماي شۇ يولغا ماڭماس.  
      -ئۇ دېگىنىڭمىغۇ راس، لېكىن ھازىر ئاكاڭنىڭ كەينىدىن چىققان گەپلەر ئاز ئەمەس،«شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ.» بالام. ئازراق خېمىر تۇرۇچى بولمىسا گەپلەرنىڭ بۇنچىۋالا ئېچىپ كېتىشى مۇمكىن  ئەمەس ئېدى. شۇڭا مەن ئاكاڭدىن بارغانسىرى ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.
      -توۋا دەڭە ئانا، ئاكام بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان تۇرسا،ھەرقانچە بولسىمۇ شۇنڭغا لايىق ئىش قىلار!!ھازىرغۇ ئوقۇغان نامزىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ كىشىنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگىلى بولىدىغان زامان ئەمەس،لىكىن مەن ئاكامنىڭ ئادىمىيلىكىگە ئىشنىمەن. ئۇ باللارغا ۋە زۇمرەتكە قاتتىق قول بولغىنى بىلەن ئۇنچىلىك پەس كۆڭۈل ئەمەس. سىز ئۇ خوتۇننىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى بىلمەيسىز، ئاڭلىسام  بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ ئەر كىشىلەر بىلەن خېل-خېلى گېپى چىققانمىش. مەن قارسام ئۆزىمىغۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق چوكانكەن، تۇغمىغان بولغاچ پىتىدىن چۈشمىگەن دەڭە.
      -ئەمسە ئاكاڭنى ئازدۇرغىنى راسىتكەندە؟ ئۇمۇ قىزىقىكەن،تۆت بالىغا دادا بولغان ئادەم تۇرۇقلۇق  ئەقلى-ھوشىنى يىغىپ ئىش قىلماي بېشى قايغان پۇتى تايغان تەرەپلەرگە مېڭىپ پوق دەسسەپ يۈرگىنى نېمىسى! ئادەم قىلغان ئىشنى قىلسچۇ ئۇ ئەقىلى يوق  كالۋا بالام .
      -پۈتۈنلەي ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ كۆزى ئىتتىك، ئەخلاقى چىرىك  ئايال بولغىنى بىلەن  ئاكام  ھەر ھالدا ئۇنىڭ خىلى ئەمەس.ئۇنى ھېچ بولمىغاندا ئۇ خوتۇندىن سەگەكرەك ھەم قەلبى ساپراق دەپ ئويلايمەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇنداق خوتۇنلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىشى ناتايىن.  يەنە كېلىپ ئۇ ئايال  ئاكام بىلەن گېپى چىقىشتىن  ئىلگىرىمۇ  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپ بىلەن داموللىدىن نەچچە قېتىم تاياق يەپتىكەن.شۇڭا  مەنچە ئۇ ئاكاملارنىڭ كېۋەزلىكىدە ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭغا كۆز تاشلاپ،داموللىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلنىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسۋەت باغلاش غەرزىدە بولغان بولۇشى ،ئەمما   ئاخىرىدا ھېچقانداق تەرەققىياتقا  ئېرىشەلمەي ھەم  قىلغان مىھنىتىدىن ھېچبىر نەتىجە كۆرەلمىگەي  ئۈمىدسىزلىنىپ  ئاچچىقىدا  مۇشۇنداق سۆز-چۆچەك تارقىتىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.
      -مېنىڭمىغۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، لىكىن مەن خەقتىن ئاكاڭنىڭ ئۇ خوتۇننى بازاردا پىتىر مانتا بىلەن مىھمان قىلغىنىنى، يەنە تېخى تېلفۇن ئېلىپ بەرگىنىنى ئاڭلىدىم. يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئاكاڭنىڭ ئەقلىدىن ئېزىپ بۇ يولغا كىرمىگىنى تۈزۈك ئېدى بالام.  بولمسا   ئاخىردا  ئىمىن ياغاچچىدەك  ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ ئىناۋىتىنى ئىككى پۇڭ قىلىپ ئولتۇردىغان ئىش چىقىدۇ.
       - ئاكامنىڭ ئۇ مىجەزىدە خەققە بىر نەرسە ئېلىپ بىرىشى مۇمكىنمۇ؟چاشقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان چىڭ ئادەم تۇرسا ئۇ.  ھەممىسى قۇرۇق گەپ.  تېخى ئۆتكەندىلا  زۇمرەت ماڭا مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇ خۇتۇن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش بولۇنغان ئەمەسكەن.  بۇنى شۇ چاغدا زۇمرەتكە  ئۇ خۇتۇن ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ. زۇمرەت ئۇ ئايالغا خېلى ئۆتكۈدەك گەپ قىلغان چېغى،شۇنىڭدىن كېيىن   ئۇ  ئايالنى خېلى ئۆزىنى بىلىپ يۈرىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. بۇ ئىشتىن كېيىن   تېخى بەزى ئاياللارئۇنىڭغا :« زۇمرەت،  سىز تولا خەقنىڭ خوتۇنىغا  كارىلداپ يۈرمەي ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىڭىزگە ئوبدان ئىگە بولۇڭ، خەققە گەپ قىلغىنىڭىز بىكار. ئىھتىياج بولمىسا مەھسۇلات مەيدانغا چىقمايدۇ. پەقەت  دولقۇنلا ئۆزىنى باشقۇرۇپ  جىم يۈرسە ئىشلار ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش مۇشۇنداق راۋاجلىنىپ مېڭىۋىردىغان بولسا   ئۇ كۆكەرمە خەققە بۇ ئەپقاچتى گەپلەر  راسىت ئەھۋالدەك تۇيۇلۇپ،  ئۇششۇقلۇق قىلىپ  يۈرۈپ ئىرىڭىزگە   يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىتىشتىن يانمايدۇ جۇمۇ.» دەپتۇدەك.
       -زۇمرەت ياخشى قىلىپتۇ، بۇدا ئۇ چوكاننى ئاكاڭ بىلەن كۆرۈپ قالسا ئۇرۇشۇپ، چېچىنى يۇلۇپ رەسسۋايىنى چىقىرۋەتسۇن تازا، شۇ چاغدا ئۇ پەسەندى خەقنىڭ ئادىمىگە شالىنى چېچىپ يۈرمەيدىغان بولىدۇ. قانداق يەردە چوڭ بولغان نېمىكىن ئۇ ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان .
       - گەپ ئوغلىڭىزدىمۇ بار ئانا،  زۇمرەت:«مەن بۇ ئايال بىلەن جىق پاراشماڭ، تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،خەق گەپ تاپىدۇ، دەپ ئاكىڭىزغا شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئەسكەرتىكەن . ئەمما ئۇ  سەن ئۆز ئىشىڭنى بىل دەپ دەپ  سۆزۈمگە ئىرەن قىلمىدى. مەن ئاچچىقىمدا بۇدا يەنە پاراڭلاشسىڭىز ئئۇنىڭغا گەپ قىلىمەن دېسەم   شۇنداق قىلساڭ تاياق يەيسە، بىز پەقەت ئائىلە ، بالا توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق،شۇڭا بۇ ئىشلارغا تولا ئارلىشىۋالما،ئەگەر قالايمىغان گەپ قىلىپ ئىشنى بۇزساڭ مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن  دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى. ئۇندىن كېيىن بۇ ئىشلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتىمەن .  ئاخىردا ئەنسىرىگىنىم  راسىتقا ئايلاندى.» دەيدۇ. ئوغلىڭىزمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكتى  مەھەللىسىدىكى بىساپا،كوت-كوت خۇتۇنلارنىڭ ئاغزىنى بىلگەندىكىن.
       -ساراڭكىنا بۇ ئاكاڭ، توۋا........خەتەر بۇرنىغا پۇراپ تۇرسىمۇ چۆچۈمىگىنى نېمىسى ئەمدى.
       -ئىشقىلىپ ئاكامنىڭ ئۇ چوكان بىلەن مۇناسىۋتى يوق بۇنىڭغا مەن شەكسىز ئىشنىمەن. ھە راس، ئاڭلىشىمچە داموللا بۇ پاراڭلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشلەۋاتقان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ خوتۇنىنى يەتكىچە  ئۇرۇپ-تىللاپ ئەدىپىنى بەرگەندىن كېيىن ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپرىۋتىپتۇدەك. ئەمدى يىل ئاخىرىدا  قىلۋاتقان ئىشىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلگەندە ئاندىن  ئايالىنى ئېلىپ بىللە قايتىپ كېلەمىش.شۇڭا  ھازىر داموللىمۇ،نۇرىمانگۈلمۇ بۇ يۇرىتتا يوقكەن.
       -ئوبدان قىپتۇ، بولسا بىر مەزگىل كەلمىسۇن بۇ يەرگە، شۇ باھانىدا بۇ گەپلەرمۇ بېسىقىپ قالا.......
         
       جۈمەدىن يېنىپ چوڭ ئۆيگە سالامغا كىرگىنىمدە  تۇيۇقسىزلا قۇلقىمغا كىرىپ قالغان بۇ پاراڭ مېنى خېلىلا چۈچۈتتى. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلار بىلەن يۈزلىشىشتىن خىجىل بولۇپ ئاستا ئارقامغا ياندىم. مېڭىۋاتىمەن، ئاپامنىڭ بايىقى :« ئاكاڭ ئىمىن ياغاچچىدەك  ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ ئىناۋىتىنى ئىككى پۇڭ قىلىپ ئولتۇرمىسلا بولاتتى.»دېگەن سۆزلىرى  خىيال ئاسمىنىمدا قاناتلىنىپ، ماڭا ئىمىن ياغاچچى ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى سەرسانە تۇرقىنى ئەسلەتتى. ئىلگىرى مەھەللىدە داداملاردىن قالسىلا ئەڭ يۈز-ئابرويلۇق سانلىدىغان بۇ كىشى ھەقەقەتەنمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ پەسلەشكىنى سەۋەبىدىنلا  ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ۋە ئۆزى قاماققا چۈشكەنىدى.
       بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئارقىسىدىنمۇ  خۇددى مېنىڭ كەينىمدىن چىققان گەپلەرگە ئوخشاش گەپلەر تارقىلىپ يۈرگەنىدى .ھەتتا ئايالى ۋە قىزلىرىنىڭ نەچچە قېتىم سەتچىلىكى ئۈستىگە چۈشۈپ قالغانلىقى توغرىسىدىمۇ گەپ-سۆزلەر بولۇنغانىدى. كىين  مەن يېڭى خىزمەتكە چىققان يىللىرى ئايالى ئۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ئېنمنىڭ  ئايالى بىلەن تۇتۋالدىم دەپ داۋراڭ قىلىپ يۈردى. ئەمما مەن بۇنى ئۇنىڭ ئاغزى مەينەت ئايالىدىن كۆرۈپ، بۇ چوقۇم ئۇ خوتۇن ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان گەپ دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ئېسىل سۈپەت،تەقۋا تۇرقىغا قارىغان كىشى ھەرگىزمۇ  ئۇنى بۇنداق ئىش قىلىپ يۈرىدۇ دەپ ئويلىمايتى.
       ئەمما  بۇ ئىشلار راسىت  بولۇپ چىقتى، ئۇ ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن قېيىن ئىنىسىنىڭ ئايالىنى نىكاھىغا ئالدى. ئەمما ئايالى رەيھان بۇ يېڭى نىكاھنىڭ تىنىچ داۋاملىششىغا يول قويمىدى. ئۆز شەنىگە ئۆزى ئولتۇرۇپ شەرمەندە بولغان ئۇ ئايال ئاخىردا نۇمۇستىن  ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي ئۈچ  ئوغلىنى ئېلىپ يۇرىتتىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي،ئانسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرغىمۇ پەرۋا قىلماي، ئايالى ۋە باللىرىنى قان-زار يىغلىتىپ يۈرۈپ نەچچە قېتىم سىرىتتا ئۆي تۇتىۋالدى ۋە  ئاشۇ تىرناقتا توختىمايدىغان« ئەر بىدىكى»خوتۇنلار ئۈچۈن پۈتۈن بىساتىنى سورىۋەتتى.
       ئۆيگە كىرىپ تورۇسقا قاراپ ياتقىنىمچە خېيالىمنى ئاستا نۇرىمانگۈلگە بۇرىدىم. سىڭلىم ئېيىتقاندەك ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ئېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كېۋەزلىكتە پاراڭلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مەھەللىمىزدىكى ئىشلەمچى يىگىت داموللىنىڭ يىراقتىن ئەكەلگەن ئايالى ئىكەنلىكى بىلمەيتىم. توغرىسى مەن ئەر كىشى بولغان بىلەن تالا-تۈزگە كۆپ چىقمىغاچقا بۇرۇن ئۇنى مەھەللىدە  پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. مەن شۇ كۈنى ئۇنى كېۋەزلىكتە كۆرۈپ شۇنچىلىك ھەيران بولغان ۋە بۇنىڭدىن 17يىل بۇرۇنقى تولۇق ئوتتىرا ھاياتىمغا قايتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئېدىم.  ئۇنىڭ تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇشى مېنىڭ ھېسلىرىمنى ياشلىقىمنىڭ تاڭ سەھرىدىكى ئاشۇ تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىدا قايتىدىن ئەللەيلىتىپ،قەلبىمدىكى  ئۆچەي دەپ پىلىلداپ قالغان ئۈمىد شامىنى قايتىدىن جانلاندۇردى ۋە ئاڭا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى.
       ھەبىبەنى ئاپامدىن  قالسىلا ماڭا ئەڭ  تەسىر  قىلغان كىشى ، ھاياتىمدىكى مۇھىم شەخىس دېسەم ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەندەك بىر  بايۋەتچە مېجەز، ھاكاۋۇر،چوڭچى  ئادەمگە  كىشىلەرگە  قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان ئادەم.شۇنداقلا  ئايالىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا    مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئەڭ ئۇنتالمايدىغان ۋە ئەڭ قايىل بولىدىغان  ئادىمىم ئېدى.  
        گەرچە كۆڭلۈمدە  ھەبىبە بىلەن نۇرىمانگۈلنىڭ  باشقا-باشقا ئىككى ئادەم ئىكەنلىكنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئۇلاردا تاشقى قىياپەت  ئوخشاشلىقى ۋە قەلىپ ئورتاقلىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا   ئۇنىڭغا ئاكتىپ يېقىنلاشتىم. ئەمما بۇ قانداقتۇر مېنىڭ شاللاقلىقىم ياكى ئۇنىڭغا بىرەر غەيرى مەقسەتتە بولغانلىقىمدىن ئەمەس ئېدى. چۈنكى مەن ھەرقانچە زالىم،ھەر قانچە قاتمال بولساممۇ ،زالىملىقىم قاتماللىقىم ئەقلىمنى بېسىپ كەتكۈدەك دەرجىدە ئەمەس ئېدى. ئەمما  ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقماي ،كۈتمىگەن ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا ۋە نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەپكار بولدى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 30#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-2 10:49:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:01  




(3)


      كېچىكىمدىن تارتىپ تۇرمۇشۇمدا  باشقىلاردا بولمىغان بىر خىل  ئەۋزەللىك باردەك ھېس قىلاتتىم. چۈنكى مەن ئائىلەمدە ھەددىدىن ئارتۇق كۆيۈنۈشتىن بەھرىمان بولغاندىن سىرىت يەنە مەكتەپتىمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولاتتىم. تاكى يۇرىتتىن ئايرىلىپ  ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغانغا قەدەر مەن باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش ئاددى ھەم نۇرمال ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرۈپ باققام ئەمەس ئېدىم.
      باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاپامنىڭ يۈزى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرشىغا نائىل بولدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ۋە كۈندۈزلۈك مەشغۇلىيەتتە دەرىس ئاڭلاشتىن باشقا ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا مەن ھامان ئاپامنىڭ  قۇيرۇقىدا ئېدىم. تولۇقسىز ئوتتىرىغا چىقىپ  تېخىمۇ چەكلىمىسىز ياشىدىم. مۇدىرنىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن مەيلى قانچىلىك ناچار قىلىقلارنى قىلماي ئىسمىم يەنىلا ياخشىلار قاتارىدا ئېدى. تەنقىدتىن يىراق ئېدىم. دادام خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگىنى بىلەن بالا تەربىيلەشكە ئانچە كۆڭۈل بۈلۈپ كەتمىگىنى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتنى ئېنىق  كۆرۈپ تۇرسىمۇ  بۇنىڭغا تازا ئەستايىدىل پۇزىتسىيەدە بولۇپ كەتمىدى ۋە  مېنى ئۆز ئەركىمگە قويدى. مەن بۇ يەردىمۇ ۋاقتىمنىڭ تەڭدىن تولىسى ساۋاقداشلىرىم ئارسىدا ئەمەس دادامنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزدۈم.
       تولۇق ئوتتىرغا چىققاندىن كېيىن دادام ئوخشاشلا مېنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئەكىرمەي  ناھىيلىك مائارىپ ئېدارىسىنىڭ ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى يېڭىدىم تەقسىم بولغان  بىنا ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە مەكتەپكە كىرىپ-چىقىشىم ئۈچۈن موتوسىكىلىت ئېلىپ بەردى. مەن ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش مەكتەپ ئاخشانىسىدىن  ئۆزۈم كۆتۈرۈپ چىققان قاچىغا ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىپ يىمەيتىم، چايدان كۆتۈرۈپ  يىراقتىكى چايخانىغا چىقىپ چاي تالاشمايتىم.( ساۋاقداشلىرىمدىن مەكتەپ چايخانىسىدىكى چاينى بالدۇ چىقىپ تالشىپ ئالمىسا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.) موتۇسىكلىتىمنى ھەيدەپ ئۆزۈم خالىغان يەرلەردە تاماقلىناتتىم. ئۆيگە كىرسەم قازان-قومۇشتىن تارتىپ ھەممە نەرسە تەل ئېدى ، ھېچنىمىدىن قىسىنمايتىم.  قىسقىسى مۇشۇنداق باشقىلارنىڭكىدىن ئالاھىيدىراق  شارائىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش تەبىيلا  مەندە بىر خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن ۋە مېنىڭ مەنمەنچى، ھاكاۋۇر خاراكتىرگە ئېگە بولۇپ قېلىشىمغا يول ئاچقان ئېدى.

       سىنىپ تەقسىماتىدىن كېيىن دادام بىلەن خوشلىشىپ ،سىنىپ يىغنى ئاڭلاش ئۈچۈن مۇئەللىمنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە  مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سول تەرپىگە يېڭىدىن سېلىنغان ئاق رەڭلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋتىگە چىقىپ  1-يىللىق 5-سىنىپ دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان سىنىپقا كىردىم. سىنىپتا بىر قىز يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۋاتاتتى. مەن سىنىپقا كىرىپلا  تۇنجى بولۇپ يۈز كۆرۈشكەن بۇ يېڭى ساۋاقدېشىم بىلەن تونۇشىۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزۈمگە يات بولمىغان بىرخىل شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىدىم:
      -ياخشىمۇ سىز، سىزمۇ مۇشۇ  سىنىپقا تەقسىم قىلىندىڭىزمۇ؟ ئىسمىڭىزنى سورسام بولامدۇ؟ - ئۇ گەپ- سۆز قىلماي بىر تال ۋاراقچىگە «ھەبىبە» دەپ يېزىپ ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە كىتاپتىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ قىزلارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن:
      - ئىمسىمنى ياقتۇرمايمەن،شۇڭا باشقىلار سورسا  ئېيتىپ بېرىشتىن بەك خېجىل بولىمەن.-دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا شۇنداق كۈلگۈم كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمغا نەزەر سالىدىغان بولسام ، ئەزەلدىن بىرەرىگە يول قويغىنىمنى  ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما نېمە سەۋەپتىنكىن  ئۇنىڭدىن قايتا گەپ سورماي  بېرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان تۇرقىغا قارغىنىمچە جىمجىت ئولتۇردۇم.
       سىنپقا بالدۇر كىرۋالغان بولسام كېرەك، خېلى ئۇزۇنغىچە  مەن بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقىدەك بىرەرسىمۇ كېلەي دېمىدى. ئۇ قېز مېنىڭ ئۆزىدىن گەپ تاما قىلىپ ئولتۇرغىنىمنى سەزمەي كىتابىنى  بېرىلىپ ئوقىۋەردى.  شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنى سەل بىنۇرمالدەك ھېس قىلىدىم. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز  مېنىڭچە بولغاندا  ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قويغان بىزگە ئوخشاش ياشتىكى تولۇق ئوتتىرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى كىتاپقا قارىغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەكرەك  ئىتبار بەرگىنى تۈزۈك ئېدى. چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن  كېلىشكەنرەك  ئوغۇل ساۋاقداشلىرى يېنىغا كېلىپ قالسا ھەر قانچە مۇھىم ئىشلىرى بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ، ھىجىيىپ ئۆزىنى سۈركىۋېلىشقا ئاران تۇرىدىغان قىزلارنى كۆپ كۆرگەنىدىم.  شۇڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇ قىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن كۆڭۈل-ئىتبارىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئەقلىنى-ھوشىنى  ئېگىلىۋالغان بۇ سىرلىق ئېسىل ئەسەرنىڭ زادى قايسى ئەسەر ئېكەنلىكىنى بىلپ بېقىش ئىستىكىدە كىتابنڭ بىر بۇرجىكىنى ئاستا قايرىپ مۇقاۋىسىغا قارىدىم. ئۇ خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىپ قالغاندەكلا:
       -مېنىڭ بىرىلىپ ئوقۇپ كەتكىنىمگە قاراپ سىزمۇ قىزقىپ قېلىۋاتىسىز ھە؟! ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز رومانى بۇ. ئەگەر ئوقۇغىڭىز مەندىن ئېلىپ ئوقۇڭ، تۈگەيلا دەپ قالدى. كەچكىچە بىكار قىلىپ بېرىمەن.-دېدى.     
       – سىزنىڭ بېرىلىپ ئوقۇغىنىڭىزغا قاراپ قىزىققىنىم راس، ئەمما مېنڭ تارىخى رومانلارنى ئوقۇشقا  ئانچە ئىشتىياقىم يوق.- دېدىم مەن گەدىنىمنى قاشلاپ تۇرۇپ بىر خىل ئوڭايسىزلانغاندەك قىياپەتتە.
      -تارىخى ئەسەرلەر بەزىبىر مەزمۇنى يوق، تېتىقسىز ئىجادى ئەسەرلەردىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟! مېنىڭچە ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك ھەم ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئەسەر بۇ. ئوقۇشقا  سەرىپ قىلغان ۋاقتىڭىزغىمۇ رازى بولىسىز. مۇشۇ كىتاپنى ئەستايىدىللا ئوقۇپ تۈگتىدىكەنسىز كېلەركى قېتىمدىن باشلاپ تەبئىيلا تارىخى ئەسەرلەر بار تەرەپكە يۈگۈرىمىسىڭىز مانا مەن. كەچلىك مۇزاكىردىن يانغاندا كىتاپنى يەتكۈزۈپ بېرەي، ئوقۇپ بېقىڭە، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
       مەن ئۇنىڭ ھە دېگەندىلا كىتاپ توغۇرلۇق سۆزلىشىنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ،ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنىچ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىلاجىسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ مەنمۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىردى ۋە ئارقىدىنلا يەنە كىتاپقا قارۋالدى. مەن ئۇنىڭ ئىسمىمنى سورمىغىنىدىن سەل ھەيران بولدۇم.
       كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئۇ ھېلقى كىتاپنى ئالدىمغا قويۇپ قويدى. بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا قىلچىلىك رايىم بولمىسىمۇ  ئىلاجىسىز :«ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا.» دەپ كىتاپنى ئاستا ۋاراقلىدىم. دەر ھەقىقەت تېخى نەچچە بەت ئوقا-ئوقۇمايلا مەنمۇ  كىتاپقا بېشىمچىلاپ  كىرىپ  كەتتىم. شۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن باشلاپ ئەزەلدىن كىتاپ ئوقۇمايدىغان ،ھەتتا دەرىسلىك كىتاپلارغىمۇ نەزرىمنى سېلىپ قويمايدىغان مەن  قىزنىڭ ئېيىتقىنىدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشقا باشلىدىم.
       سىنپىمىز ئىجتىمائىي پەن سىنپى بولغاچ باللارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئويۇنچى ئېدى، بىز بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا سىنىپقا پېتىشماي قالاتتۇق.ئەمما ھەبىبە ھېچقايسىمىزغا ئوخشىمايتى. ئۇ خۇددى بىز بىلەن ئايرىم بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان سىنىپتا  ھەر ۋاقىت كىتابىغا قارغىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى. دەرىس ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۇ بىرەرسى كېلىپ گەپ سوراپ قالمىسىلا قەتئىي گەپ قىلمايتى ۋە كۈلمەيتى. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى باشقىلار ئۇنىڭدىن دەرىس سورىسا ئۇ تەرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن:
       - ئەمسە قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار ھە، پەقەت بىر قېتىملا دەپ بېرىمەن، ئىككىنجى قېتىم قايتا تەكىتلىمەيمەن.-دەيتى.  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كەسكىن، دېگىنىنى قىلدىغان بىر قىز ئېدى.ھەرقانداق گەپنى  ناھايتى ئېنىق قىلىپ تۇرۇپ بىر قېتىملا دەپ ئىككىنجى قېتىم قايتا تەكرارلىمايتى. شۇنىڭغا يارىشا ئۆزىنىڭ تۇتۋېلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى ئېدى. مەيلى باشقىلارنىڭ ئىسملىرى بولسۇن ياكى  ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرىس مەزمۇنى بولسۇن پەقەت بىرلا قېتىمدىلا تۇتۋالالايتى.ئىشىقىلىپ دەرسى ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش قىلغىنىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتى. قاچان قارىسا قولىدا تارىخى ئەسەرلەرنىڭ تۇرغىنى تۇرغان ئېدى. ئۇنىڭ بۇ مىجەزى بىزگە ياقماي ئۇنى ئانچە ئارىغا ئالغۇمىز كەلمەي قالدى.ئەمما ئۇ بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىزدىن  خۇشالدەك  شۇنچە پەرۋاسىز ھالەتتە يۈردى.
       ئىككنجى ماۋسۇمدا ئويلىمىغان يەردىن بىز ئۆزىمىزچە ياراتمايدىغان  بۇ غەيرى مىجەزلىك قىز ھەبىبە پۈتۈن بىرىنجى يىللىقلار بويىچە بىردىنبىر «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ  ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. ئۇ سەھنىگە چىقىپ تەقدىرنامە ئېلىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ئادەتتە بىر نەرسىلەر ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان مەندە  ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل ھاياجان ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللەندى. توغرىسىنى ئېيىتقاندا  ئۇنىڭ قارارىمىزدىكى يەتتە سىنىپ ئىچىدە بىرىنجى بولۇشى قەلبىمىزدىكى ئورنىنى بىراقلا كۆتۈرۋەتكەندى.
       يېڭى ماۋسۇمدا بىز ئۇنى سىنىپىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش باشلىقى قىلپ تىكلىدۇق. ئەمما بۇ ئەسلىدىكى ئۆگۈنۈش باشلىقىمىزغا ناھايتى ئەلەم قىلدى. ئۇ لاياقەتلىك بولالمىغان ئىمتاھان قەغەزلىرىنى قۇچاقلاپ يىغلامسىرىغىنىچە:
      -  مەن يىگەن تامىقىمغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلالمىغاندىن كېيىن ئەمدى تاماق يېمەي ئۆگۈنۈش قىلىمەن.تاكى ئار-نۇمۇسۇمنى ئاقلاپ  چۈشكەن  ئىززىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەنگە...........
      -ئايتىللا، قاچانغىچە تاماق يېمەيمە دېدىڭىز؟ كەچكىچىمۇ ياكى ئەتىگىچىمۇ؟ -مېنىڭ ئۇنىڭ غەلىتە گەپلەرنى قىلىۋېرشىگە چىداپ بولالماي قىلغان بۇ گېپىم بىلەن تەڭ باشقا ساۋاقداشلارنىڭمۇ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى:
      -نېمىدىگەن ئالىي جاناپ ئېسىل روھ بۇ؟! ساۋاقداشلار  مەن  تەسىرلىنىپ يىقىلىپ قالاي دېدىم، ئۇنداق قىلماي  مېنى يۆلىۋېلىڭلار! ئاھ......
      -ۋاھ نېمىدېگەن پاساھەتلىك گەپلەر بۇ، سەھنە سۆزى يادلاۋاتامسىز يا كونا باشلىق؟ ھى ھى ھى......
      -ئۇنداق قىلسىڭىز ئەليۇل ئەلا ئەمەس ئاچ ئەرۋاھ بوپ قالاسىزمىكى. ھا ھا ھا......
      - چۈشكىدەك ئىناۋىتىڭىزمىغۇ يوقتى. شۇڭا  ئازاپ تارتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىناۋەتنى ئاش-نان ئورنىدا يېگىنى بولمىغاندىن كېيىن.
      -ۋاھ، ھېي باللا مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمە؟ مېنى چىمداپ بېقىڭلارچۇ!
      -ھەي ساۋاقداشلار،بۇنداق قىلماڭلار، بۇيەردە كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈردىغان ياپما گەپلەرنى قىلىپ ئايتىللاغا زەربە بەرگۈچە بېرىپ كىتاۋىڭلارنى كۆرسەڭلار بولمامدۇ؟ ھېلى سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەي قالساڭلار ئۆزۈڭلارغا ئاۋارچىلىق. ئايتىللانىڭ سۆزىلىرى ئېشىپ كەتكەن  بولسۇن ماقۇل،لىكىن قايسى بىرىڭلار شۇنىڭچىلىك ئۆزۈڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭلار؟ئەجىبا ئاتا-ئاناڭلار مىھنەت  قىلماي بىرەر يەردە پۇل سۈپىرەمدا سىلەرنىڭ؟
      ھەبىبەنىڭ بۇ سۆزى بىلەن تەڭ بىز  خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك شۇنچە تىزلا جىمىدۇق.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە ئارتۇقچە ئېدى. چۈنكى ئايتىللا ئاغزىدا شەھەر سوراپ،ئەمەلىيتىدە ھېچ ئىش قىلمايدىغانلار تىپىدىن ئېدى . بىزچە ئۇنىڭغا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئەنچە-مۇنچە قانات-قۇيرۇقلىرىنى قىرقىپ قويۇش ۋاجىپ ئېدى. دەرۋەقە ئۇ قايغۇلۇق يۈزنى بىز پەقەت نەچچە سائەتلا كۆرەلىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن  ئۇ يامغۇردىن كېيىنكى سەھرا ئاسمىنىدەك ناھايتى تىزلا ئېچىلىپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا پو گەپ قىلىپ يۈرىۋەردى.
      گەرچە بىز ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلىرى ، خاسلىقققا ئېگە بولغان مىجەز-خاراكتىرى،رەتلىك ھەم ئېدىتلىق يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، ھېقايسىمىزدىن تېپىلمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە يۇقرى بىلىم سەۋيىسى، كىشىنى ئويغا سالىدىغان ۋەزمىنلىك سۆزلىرى،تىپىك ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس پاكىز تەققى-تۇرىقى بىلەن قەلىب تۆرىمىزدىن ئورۇن   ئالغان گۈزەل قىز ھەبىبەنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلىسەكمۇ ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى شۇ چاغدا  ئۇنى باشلىقلىققا كۆتۈرۈپ ناھايتى خاتا قىلغان ئىكەنمىز. شۇنىڭدىن تارتىپ سىنىپىمىزدا ئورۇنسىز پاراڭ ۋە كۈلكە يوقلىپ بىز قاتتىق سىقىلىش ئىچىدە ياشىدۇق. مەن ھە دېگەندىلا ئۇنىڭغا چېپىلىپ ئۇنىڭ مېجەزىنى ئۆزگەتىشكە ئۇرۇنغان بولساممۇ ، ئاقىۋەتتە مەن ئۇنى ئەمەس ئەكىسچە ئۇ مېنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 32#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-5 00:42:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:03  

(4)


       ئۇ ناھايتى تەلەپچان قىز ئېدى. ھەربىر ئىشلىرى ئالدىن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ماڭاتتى. ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر خىل قېلىپ ئىچىدە ياشايتى. ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى،ئىشلەشكە تېگىشلىك تاپشۇرۇقلارنى ئۆز رېتى بويىچە ۋاقتىدا تاماملاپ ماڭاتتى.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ دەم ئېلىش، دەرىس تەكرارلاش  ۋە ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش ۋاقىتلىرىنىڭ چەك-چىگرىسى ناھايتى ئېنىق ئېدى. تۇرمۇشىىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۇنىڭغا ياخشى بىر روھى ھالەت ئاتا قىلغان بولۇپ ، بىز ئۇنى ھەر كۈنى بىر خىل كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە كۆرەتتۇق.
      ھەبىبە ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك چىقىشقىنى بولمايدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئېدى. ئۇ سىنىپتا ھەممە بالىلارغا ئوخشاشلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. مۇئامىلسىگە قىلچىمۇ ياسالمىلىق ئارلاشتۇرمايتى. مىجەزى ناھايتى سۈرلۈك بولغىنى بىلەن ساۋاقداشلارنىڭ بىرەر قىيىنچىلىقىنى بايقاپ قالسا مۇناسىۋىتىم يىراق-يېقىن دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرماي كەسكىنلىك بىلەن يارىدەم قولىنى سۇناتتى. بىرەر ساۋاقداش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ پەرىشان بولۇپ قالسا  ۋەزمنى ئېغىر، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن بىردەمدىلا روھىنى كۆتۈرىۋىتەتتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ماڭا قىلالمايدىغان ئىشى، بىلمەيدىغان نەرسىسى يوقتەك تۇيۇلۇپ،قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن  بىر خىل غايىبانە ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەندى.
      ئۇ ئۆگۈنۈش باشلىقلىقىنى ياخشى قىلدى، ياخشى قىلغاندىمۇ ناھايتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى. ئۆگۈنۈشىمىزگە كۆڭۈل بۈلگەندىن سىرىت تۇرمۇش ۋە ھەرقايسى جەھەتلەرگىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۈلۈپ بىزنى ناھايتى ئوبدان يېتەكلەپ ماڭدى.يەنە بەزىبىر خېلى خېلى مەن مەن دېگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى.  ئۇ باشلىقلىققا چىققاندىن كېيىن بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن  كەچتىكى مۇزاكىرىدە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەكرار قىلىپ بېرىشى بىلەن كۈندىلىك ۋەزىپىنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئورۇنداپ تۈگىتىپ ماڭىدىغان بولدۇق.
     ھەركۈنى ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىنى باشلاشتىن ئاۋال ھەربىر ساۋاقداش ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە نوتۇق ئۈستىلى ئۈستىدىكى قەغەز قاپقا بىر كويدىن بەش موغىچە پۇل تاشلايتۇق. يىغىلغان پۇللاردىن  ئايدا بىر قېتىم ھېسابات چىقىرىپ ساۋاقداشلار ئارسىدا  قىيىنچىلىققا ئۇچراش ۋە ئاغرىپ قېلىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلمەي قالسىلا سىنىپ مەسئۇلىمىز ۋە ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنى تەكلىپ قىلغان ئاساستا يىغىلىش ئۆتكۈزەتتۇق. سورۇندا قانداق پائالىيەتلەر  ئېلىپ بېرىلىش،پائالىيەتنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى سۆز-ھەركىتىمىز قانداق بولۇش  دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەبىبە ئۆزى بىر قوللۇق بەلگىلەيتى. بىز گەرچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك قىلىپ كېتشىدىن سىقىلىپ تۇرساقمۇ،قىلۋاتقانلىرىنىڭ يوللۇقلىقى ۋە قەلبىمىزگە چوڭقۇر يىلتىز تارىتقان  يۈكسەك ھۆرمىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ دېگىنىنى يىرمايتۇق.
       گەرچە بىز نۇرغۇن تەرەپلەردە  بۇ ئىقتىدارلىق ئۆگۈنۈش باشلىقىمىزدىن شۇنچىلىك خوش ۋە رازى بولساقمۇ، ھەر قەدەمدىلا ئۇنىڭ  ھەممىمىزنىلا ئۆزىگە ئوخشاش پىلان ئىچىدىكى تۇرمۇشقا سولاشقا ئۇرۇنۇپ ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى بوغۇشى  بىزنى سەل بىئارام قىلىپ قويدى. مەن ئۇنىڭ بۇ خىل قاتمال ئىددىيسىنى ئازراق ئىسلاھ قىلىپ قويۇش غەرىزىدە ئۇنڭغا چېپىلىپ يۈردۈم. كۈتمىگەندە  ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش مېنى ئۇنى ئەمەس ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلتۈرۈپ قويدى.
       بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئاقكۆڭۈل دىھقان ئايال بەرپا قىلغان ئاددى ئائىلىدە ياشاپ، قات-قات  جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە چوڭ بولغان ھەبىبەنىڭ شۇنچىلىك توختاملىقلىقى، قانائەتچانلىقى مېنى تولىمۇ قايىل قىلدى. بىلدىمكى ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتى مېنىڭكىدەك ئاپا-دادىسىغا ئەركىلەش ئىچىدە غەمسىز ئۆتكەن بولماستىن بەلكى پۈتۈن ئائىلىنىڭ جاپاسىنى تارتىش، كىسەلچان ئاپىسى ۋە ئۇكىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن تۇلىمۇ مۇشكۈلاتتا ئۆتكەن ئىكەن.
      -  يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدىكى ئىشلار ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ.-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ يىراق ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ.- ئۇ ۋاقتلاردا ئانامنىڭ كېسلى ئېغىرلىشىپ ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان دەرجىگە يەتكەن بولغاچقا دادام قوشماق ئېنى سىڭىللىرىمنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. كۈندۈزى دادامنىڭ مەندىن ئىككى ياش چوڭ ئىنىسى كېلىپ پاتىمە بىلەن زۆھرەگە قارىشىپ بېرەتتى. تېخى يېشىغا توشمىغان قوشماق ئىنىللىرىم ماڭىلا قاراشلىق  ئېدى. دادامنىڭ ئانىسى بولسا ئاخشىمى بىز ئۇخلاپ قالغاندا يېتىشىپ بەرگىلى كېلىپ ئەتىگىنى بىز ئويغانماستا كېتىپ قالاتتى. ئاش-تامىقىمىز بىلەن پەقەتلا چاتىقى يوق ئېدى. گەرچە ئۇ ئالدىراش ئىش ۋاقتى بولمىسىمۇ،تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىدى. داداملار كېتىپ سەككىزىنجى كۈنى ئانام يېقىپ قويغان نان ۋە يېيىپ قۇرۇتۇپ بەرگەن چۆپلەر پەقەتلا تۈگەپ بىز ئاچ قالدۇق. يا چوڭ ئانام بولغان ئادەم بىزدىن يەيدىغىنىڭلار قانداق بولىۋاتىدۇ دەپ ئەھۋال سورمىدى.يا مەن قورقۇپ دېيەلمىدىم.  ئانامنىڭ ئانسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋرى بولمىغاچقا ئۇمۇ  كېلىپ يوقلاپ قويمىدى.بىز بەك قىينىلىپ كەتتۇق. كەچقۇرۇنلۇقى بالىلارنى ئۇخلىتىپ بولغاندىن كېيىن دادامنىڭ ئېنسى سېلىم ئاكام:
      -ئۇكام ئوچاققا مەن ئوت قالاپ بىرەي،سەن ئۆزۈڭ بىلىپ بىر خېمىر يۇغۇرۇپ باققىنە قانداقلا بولمىسۇن بىر تاماق قىلىپ يەيلى.-دېدى
      مەن داستىكى ئۇننى قىينىلىپ يۈرۈپ مىڭ تەستە خېمىر ئىسكەتىگە ئەكىرىدىم. گەرچە ئۇ كۈنىكى تاماق نە تاماق چرايى  نە  تەمى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالغان بولسىمۇ لىكىن  بىزگە بەك تېتىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن تۆشۈك بېشىغا ئۆتتۈم.  ئاناملار  توپتوغرا 23كۈندە قايتىپ  كەلدى.ھېساپتا مەن ئون نەچچە كۈن ئۆزۈم تاماق ئېتىپ ئۇكىللىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولدۇم. ئانام بىلەن دادام بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن مېنى قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا شۇ 20نەچچە كۈننى بەك تەستە ئۆتكۈزگەن ئېدىم. ئاخشىمى چوڭ ئانام كەلگۈچە قورقۇپ يىغلاپ كىتەتتىم. بەزىدە يەنە تېخى ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان ئىنىللىرىمنىڭ قىينىلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى. شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ. مەن ئانا بولماي تۇرۇپ ئانا بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغان،يەتكۈچە قىيىنچىلىق تارتىپ چوڭ بولغان ئادەم.
      ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى. كۆڭلۈمدەئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم ۋە ھۆرمىتىم  قوزغالدى.ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس قىز ئېدى. مەن يەنە  ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتىرانى ئۈچ يىل پەننى بىلىملەر بىلەن تەربىيلىنىپ ئەمەس كەسپى سىنىپتا كىيىم تىكىشنى ئۆگۈنۈپ پۈتتۈرگنىنى ئاڭلىغىنمىدا ھەيرانلىقتىن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. راستىنى ئېيىتقاندا تولۇقسىزنى ئوقۇمىغان بىر قىزنىڭ ھەر جەھەتتىن بېزنى بېسىپ چۈشۈپ قايىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى سەل خىجىل قىلغاندى. ئىچىمدە :«يا پاناھ، بۇ قىز ياخشىراق بىر شارائىت ۋە مۇكەممەلرەك مەكتەپ تەربىيىسى ئىچىدە چوڭ بولغان بولسا ئىش بار ئېكەنتۇق.»دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭ مۇزاكىرە ۋاقتىدا بىزگە تەكرار قىلىپ بەرگەندە دەرىسنى ئوقۇتقۇچىدىن قېلىشقۇسىز ھالەتتە جانلىق  سۆزلەشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن  تەڭ مەن  ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.
      توغرا، ھەبىبە دۇرۇس ئېيىتتى.ھەر كۈنى نۇرمال نەپەس ئالالاۋاتقىنمننىڭ ئۆزى  بەخىت، چۈنكى دۇنيادا شۇ بىر نۇرمال تىنىققا تەشنا بولۇپ گۈزەل ھاياتتتىن قايتا بىر ئەركىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلار قانچىلىك؟ ئەتىگىنى ساق-سالامەت كۆزۈمنى ئېچىۋاتقىنىمنىڭ ئۆزى كاتتا بىر نېممەت،چۈنكى ئاخشىمى ئۇيقۇغا كەتكەنچە ئويغىنالماي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئورۇندىۋېلىشقا،قىلغۇسى بارنى قىلۋېلىشقا، ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۋېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولالماي تاسادىبىي ھالەتتە  ئارمان ئىچىدە كۆز يۇمۇۋاتقانلار قانچىلىك؟ ماڭا شۇ بەخىت ،شۇ نېممەتتىن بەھىرمان بولىۋېلىشقا بېرىلگەن پۇرسەت شۇنچە كۆپ ، ئەمما مەن شۇ پۇرسەتتىن زادى قانچىلىك پايدىلنالىدىم؟شۇنچە ياخشى شارائىتلاردىن  ئوبدان پايدىلنىۋالماي مۇشۇنداق بىخۇد ھالاتتە ياشىشىم توغرىمۇ؟ بىر پۈتۈنسۈرۈك ئەركەك تۇرۇپ  ھەبىبەدەك بىر ئاجىز قىز قىلغاننى مەن قىلالماسمەنمۇ؟
      شۇ كۈنى كەچتىلا مەن مۇئەللىمنى ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىپ ھەبىبە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۈگەنگۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇم بارلىقىنى ئېيىتتىم. گەرچە سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا ئېنىق بىر جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ قويدى. تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپ ھەبىبە ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلىقى رەسمى باشلاندى.
      مەن بۇ يېڭى پارتىدېشىمنى دوراپ دەرىسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇدۇم.بۇنىڭ بىلەن نەزەر دائىرەممۇ خېلى كېڭىيىپ قالدى. مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا ئۇ بالىلارنىڭ تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلسا مەن ئىنتىزامنى ياخىشى تەشكىللەپ بەردىم. دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرنى  ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ تەشكىللىسە، ئورۇن ئۇقۇشۇش، ماددى بويۇملارنى تەييارلاش دېگەندەك باشقا تاشقى ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى مەن ئىشلىدىم. ھەبىبە ئىككىمىز يەنە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق  موئەللىمگە ئىككى ئايدا بىر قېتىم نەتىجە چىقىرىپ، نەتىجىسى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ساۋاقداشلارنى سىنىپ يىغىنىدا خاتىرە، قەلەم دېگەندەك ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش تەكلىپى بەردۇق. مۇئەللىممۇ بۇ پىكىرىمىزدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. سۆزىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ۋە بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز تۈپەيلىدىن بىز كېيىنچە تېخىمۇ يېقىن بولۇشۇپ كەتتۇق.
      مەن سىنىپقا كىرىپلا ھەبىبەنى سورايتىم،ئۇ بولمىسا دەرىسكە قاتناشقۇم كەلمەيتى.ئۇمۇ ئىشىكتىن كىرىپلا مېنىڭ ئورنۇمغا كۆز يۈگۈرتەتتى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئاممىۋى تېلفۇنخانىلارغا چىقىپ قوتۇر تېلفۇنۇمغا تېلفۇن قىلاتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ھېس قىلاتتىم.بىزنىڭ يېقىنلىقىمىز بارا-باراساۋاقداشلىرىمىزنى بىزنى چېتىپ چاقچاق قىلىدىغان ھالەتكە يەتكۈزدى. ھەبىبە بۇنىڭغا كۈلۈپلا قويۇپ ئارتۇقچە بىر نەرسە دېمەيتى. شۇ كۈنلەردە  قوشنا سىنىپتىكى ئەزىزە ئىسىملىك بىر قىز ماڭا يۈرۈش تەكلىپى قويدى. مەن گەرچە ھەبىبە بىلەن تونۇشۇپ، قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ يۈرىدىغان ئادىتىمنى تاشلىغان بولساممۇ ئۇ قىزنىڭ قايتا-قايتا يېلىنىشى ئارقىسىدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى توسۇپ ھەبىبەنىڭ گېپىنى قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇ ماڭا ئېغىز ئاچمىغاندىكىن دەپ ئەزىزە بىلەن يۈرۈپلىۋالدىم.
       دەرۋەقە ساۋاقداشلىرىم ئېيىتقاندەك  بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە كۈن يۈرۈپلا تويۇنۇپ قالدىم.  لىكىن ھەبىبەدىن خېجىل بولۇپ دەماللىققا ئايرىلىپ كەتمىدىم، ئەمما ئاخىردا ئەزىزەنىڭ مېنى ساقچىدەك باشقۇرۇشلىرىغا يەنە رزۋىدكا خادىمىدەك تېلفۇنۇمنى چارلاشلىرى قوشۇلۇپ،سەۋىر قاچامنى توشقۇزۇپ  مېنى بۇ ئەھمىيەتسىز مۇھەببەت جېڭىنى تىزراق ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەن  ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغىمۇ قارىماي بۇ لىرىكىدىن  قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدىلا قول ئۈزدۈم.
       مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم ھەبىبەنىڭ چاندۇرماي كۈلۈپ يۈرىدىغان قايغۇلۇق يۈزىگە قايتىدىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ،ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەندىن سىرىت، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىمۇ قاتتىق سۆيۈندۈردى. مەن ئەزىزەدىن ئايرىلىپ ھەبىبەگە شۇنداق ئەستايدىل ھەم ياخشى مۇئامىلە قىلدىم.        بىر كۈنى سىنىپقا بىر باغلىق قوشماق ئەتتىرگۈل كۆتۈرۈپ كىرىپ،ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدىلا :
ئاينى گۈزەل ئۇز دەيدۇ،
ھەبىبەگە يەتمەيدۇ.
ھەبىبەنىڭ جامالى،
خىيالىمدىن كەتمەيدۇ.

دەپ ناخشا ئېيىتقان پېتى ھەبىبەگە تەڭلىدىم. ساۋاقداشلار كېلشىۋالغاندەك تەڭلا چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.ئۇ خېجىلچىلىقتىن گۈلنى ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يۈزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۋالدى. ئەمما ساۋاقداشلار چاقچاقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرۋەتتى:
      -«ئە» «ھە»گە ئاجىزلاشتى ھەبىبە، خاتىرجەم قوبۇل قېلىڭ گۈلنى.  ھا ھا ھا.....
      -تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇڭ باشلىق،بولمىسا ئۆتكەنكىدەك لېۋىڭىزنى چىشلەپ قالىسىز.ھى ھى ھى...
      -نېمىدېگەن رومانتىك. مەن ئېرىپ كېتەي دېدىم شۇ تاپتا.
      -بولمىسا سىزلا تارتىۋالامسىز يا ئايتىللا قىز! ھى ھى ھى...
      -ئەزىزە تېخى ئۈمىد ئۈزگىنى يوق جۇمۇ ھە،بۇدۇ كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ئايرۇپىلاندا تارىتسىڭىزمۇ بىكا،شۇڭا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ.ھا ھا ھا...
        چاقچاق بىردەمدىلا ماڭا قارتىلدى:
      -دولقۇنجان ھەي، قىز بالا دېگەن تارتىنجاق كېلىدۇ، ناز قىلىشقا ئامراق بولىدۇ.شۇڭا  سىلە ئوغۇل بالا بولغاندىكىن جۈرئەتلىكرەك بولۇپ تەڭلىمەمسىلە يەنە بىر نەچچە قېتىم!
      -شۇ، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئەزىزەگە ئوخشاش ئالدىڭلارغا ئۆزى كېلىۋەرمەيدۇ. ھى ھى ھى...
      - شۇنى دەڭلا، كېيىنچە بىز ئويغۇرلاردىن خەنزۇلارنىڭكى ھېلقى « كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتۈش»ىگە ئوخشاش « ئىڭەك يۈلەپ قىز بالا كۈتۈش» دەپ مەسەل تارقىلىپ يۈرمىسۇن يانا.ھا ھا ھا.....
      -سىلە قىز بالىدەك ھال تارتىپ،جۇۋازچىدەك ماي تارتىپ يۈرگىنىڭلار بىلەن ھەبىبەنى سىلىگە كۆڭلى با دېمىسەك سىلىگە ئاشۇرمايتۇق جۇماۋە ئەدەش.شۇڭا يۈز قىلغاننى بىلىپ گاچچىدە بىر ئىش قىلىڭلا ماندا. ھا ھا ھا.....
      -بوممامسىلە ھوي ئەزمەڭلىنى ئېزىپ ئولتۇرماي، تىلىڭلارنى ھېلقى ئەزىزەگە بېرىۋەتكەنمۇ يا؟! ۋەيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت.......
      چاقچاقلارنىڭ بارا-بارا تەمسىزلىشىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ،  ھەبىبەنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ بالىلارغا گەپ قىلىشقا تەمشىلۋىدىم  ئويلىمىغان يەردىن ھەبىبە لىككىدە ئورنىدىن تۇردى ۋە قاپقىنى تۈرۈپ :
       -سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم، بەك ئاشۇرۋەتمەيلى، ئۆزىمىزگە لايىق كەلگۈدەك، ياراشقۇدەك چاقچاق قىلشايلى.دېدى ۋە قولۇمدىكى گۈلنى شارىتتىدە تارتىپ ئالغان پېتى سىرىتقا ماڭدى. سىنىپنى يەنە بىر قېتىم چاۋاك قاپلىدى. لىكىن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ماڭا ئوچۇق  چىراي ئاچماس بولىۋالدى.
       بىر كۈنى ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى گەپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي:
      -دەپتىرىمنى سىز تارقىتىپ نۇمۇرۇمنى كاملىتىۋىتىدىغان بولدىڭىز مانا، جايىدا قويۇپ قويىڭە بولمىسا ئۆزۈم ئەكلىۋالاي دەپ چاقچاق قىلىۋىدىم،ئۇ:
      -سىزدەك ئەقلى بۇلغىنىپ كەتكەن ساراڭلارلا مەسلىلەرگە ئاشۇنداق تەپەككۇر قىلىدۇ.-دېدى،مەن ئۇنىڭ سۆزۈمگە گەپ قايتۇرغىنىدىن خوش بولۇپ ئۇنى بىر كۈلدۈرۋېلىش ئۈچۈن قالايمىغان سۆزلەشكە كىرىشتىم:
      -كالۋا بۇلاقنىڭ سۈيىنى دۈم يېتىپ ئىچىۋالغان سىزدەك لەقۋالارنىڭ دەپتىرىمنى خالىغانچە تۇتۇپ يۈرىشىنى خالىمايمەن......
      -نېمانداق غەيرى گەپلەرنى قىلىسىز، تاققۇ-تۇققۇ ماددىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ  بۈگۈن؟ قىز بالا جۇمۇ مەن، كۆزلىرىڭىز تۇماقتەك بولغىنى بىلەن بىرنەرسىنى پەرىق ئەتمەيدىغان بالىكەنسىز سىز.
     -شۇ جادۇگەردەك تۇرقىڭىز ئەقلىمدىن ئاداشتۇرۋېتىپ بارسا مېنى، قانداق قىلىمە ئەمدى؟   
     -نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟     
     -نېمە دېگىنىم بولاتتى، ئۆزلە  چىرايىلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئەتراپىمنى قارغا كۆمىۋىتىپ خاتىرجەم ئولتۇرغان بىلەن  ماڭا تەس كېلىۋاتىدۇ ئاي خېنىم،  بۇنداق قىلىۋەرمەي ماڭا ياردەملىشىپ  ئى سوغوق ماددىلارنى يوقىتىشىپ بەرسىلە، بىكا مۇزلىسا بولمايدىغان جايلار قېتىپ قالسا كىيىن ئېرىمىكى تەس بولارمىكىن؟! شۇڭا ما شىۋىرغانلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ  ئاچچىقنى چىقىرىشقا باشقىچىرەك تەدبىر قوللانسىلا!
      ئۇ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندى بولغاي، باشقا گەپ قىلماي ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. سىنىپ مەسئۇلىمىز ياش بولغىنى بىلەن خېلىلا تەدبىرلىك ئوقۇتقۇچى ئېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا بىرەرسى داۋخولۇق قىلالمايتى.ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغنىدا بىزگە رىغبەت بولىدىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن سىرىت يەنە ھەرۋاقىت :     
      -قوغۇن مايسىسىنىڭ تۈۋگە كۆمگەن قىغدەك سېسىپ ئولتۇرىۋەرمەي ھەبىبەدەك  دەرىستە ياخشى بالىلاردىن ئۆگىنىشىڭ. ئۇلار  نېمە يەيدۇ، نېمە ئىچىدۇ، ئاخشىمى پۇتىنى قايانغا قىلىپ ياتىدۇ،ئەتگىنى يۈزىنى قايانغا قىلىپ قوپىدۇ  شۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭ.دەرىسنى بەلەن ئۈگىنىپ قويۇپ بېشىڭغا دەسسەيمە دېسىڭىزمۇ  مەن ماقۇل  دەپ خۇشاللىق بىلەن ئېگىپ بېرىمە، ئەگەر مەكتەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشىڭىزنى جايى-جايىدا ياخشى قىلىپ ماڭماي تۇرۇپ،ئۇياق-بۇياققا ئەلەڭلەپ يۈردىكەنسىز ئۇ چاغدا ياق دېگىنىڭىزگە قويماي مەن دەسسىۋىتىپ قالىمە. شۇڭا مەكتەپتە ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىشلارغا ئارلاشماي ئوقۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۈلۈڭ. مەنە يەنە بىر دەپ قوياي «ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي ، كۆتۈڭنى قىس،يولۇڭغا ماڭ.»جۇمۇ ھە.بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىشماڭ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى بىلىشىپ يۈرۈشۈڭ.-دەيتى. مۇئەللىم چىقىپ كېتىشىگىلا سىنىپتىكى بىر قىسىم ئوغۇللار :«ھەبىبە پۇتىڭىزنى قايانغا قىلىپ ياتىسىز؟ سائەت نەچچىلەردە يۈزىڭىزنى يۇيىسىز؟ نېمە بىلەن يۇيىسىز؟»دەپ ئۇنى تېرىكتۈرەتتى.
      ئىككىنجى يىللىقنىڭ ئىككىنجى ماۋسۇمىدا مەن كوماندىغا ئەزا بولدۇم.مەشىق جىددىي بولۇپ قالغان بەزى ۋاقىتلاردا مەن تاپشۇرۇقلىرىمنى خاتىرجەم ھالدا ھەبىبەگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىۋىرەتتىم. ئۇ مېنىڭ مەشىققە چىقىشىمنى قوللاپ ماڭا ئويلىغنىمدىنمۇ كۆپرەك ياخشىلىق قىلدى.بەزىدە مەن ئۇنىڭ مەيداندا كىتاپ كۆرگەن بولىۋېلىپ مېنىڭ مەشىق ئەھۋالىمنى ئاستىرىتتىن كۆزتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم.  ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كۆزلىرىمىز، سۆز-ھەركىتىمىز قەلبىمىزگە ئاسيىلىق قىلىپ بىر-بىرمىزگە كۆڭلىمىز بارلىقىنى ئاشكارلاپ قويۇشقا باشلىدى. مەغرۇرلىقىم ئۇنىڭ ماڭا مۇھەببەت تەمەسىدە تىكىلگەن كۆزلىرىنى جاۋاپسىز قويدى. ئۇنىڭ قىزلىق غورۇرى مېنىڭ ئۇنىڭغا سۆيگۈ تەلەپ قىلىپ باققان كۆزلىرىمنى ئۈمىدسىز قويدى. بىز ئاشۇنداق بىر-بىرمىزگە بولغان كۆڭلىمىزنى ئېتراپ قىلىشماي ئۆزىمىزنى كۆيۈك ئوتىغا قاقلاپ يۈرىۋەردۇق.
       تولۇق ئۈچىنجى يىللىققا چىقىپ تەكرار باسقۇچىغا كىرگە ۋاقتىمىزدا مەن ئۇنىڭ ئەدەبىيات كىتابى ئارسىغا قىستۇرۇلغان قوشماق ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ قالدىم.گۈلنىڭ قۇرۇپ قالغان يوپۇرمىقىغا 513  دەپ يېزىلغان بولۇپ،بۇ سان مېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسى ئېدى ، شۇنداقلا  بىزنىڭ سىنىپنىڭ قائىدىسى بويىچە  بۇ سان ۋو ياۋ سەن(ۋو ياۋ نى دېگەن مەنىدە) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ  ماڭا سەن كېرەك دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلاتتى. بۇنى كۆرۈپ قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا چىقىپ قالغاندەك كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتكەن بولسىمۇ،تېخى يوقالمىغان كېبىرىم مېنى يەنىلا ئالدىن  ئېغىز ئېچىشتىن يالتايتىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئاشۇنداق ھالەتتە تولۇق ئوتتىرانى پۈتتۈردۇق. ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئۆتتى. مەن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تېخنكومىنىڭ مەخسۇس كۇرىس تەنتەربىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىر-بىرىگە ناھايتى يىراق ئىككى شەھەرگە كېتىپ قالدۇق.
       ئالىي مەكتەپكە چىقىپلا مەن يەنە كونا ئادىتىمنى تېپۋېلىپ چوڭ سۆزلەپ يۈردىغان بولدۇم.ئەمما  مەن بۇ يەردە ھېچقاچان ئادەتلىنىپ باقمىغان ناچار شارائىت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم. سەككىز كىشلىك كىچىك ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا يېتىش،يەنە تېخى قاچا كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىپ يېيىش، شەنبە-يەكشەنبىدىن باشقا ۋاقىتتا ھېچيەرگە بارغۇزماسلىق، تەنتەربىيە كەسپىدىكى بالىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى   قاتارلىقلار يۈرۈكۈمنى قاتتىق سىقىپ  ،  كۆزۈمدىن ياش ئالدى. ئانام-بىلەن دادامغا مەكتەپ يۆتكەپ قويۇڭلار دەپ يېلنىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن دادامدىن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان قاتتىق گەپلەرنى ئاڭلاپ  ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكىلى قىل قالدىم.
      -ئۆز يۇرتىمىزدا بولسىمۇ ئەركىن-ئازادە ياشاپ  خاتىرجەم چوڭ بولىۋالسۇن دەپ مەيلىڭگە قويۇپ بېرىپ، قولۇمدىن كېلدىغىننى قىلىپ بەرسەم، داداڭنى يوغان ئادەممىكىن  دەپ ئويلاپ قالدىڭما بالام؟ داداڭنىڭ غۇلىچى چاغلىق، ھەممىلا يەردە ساڭا سايە بولۇپ بېرەلمەيدۇ. ئوغۇل دېگەن ئانچە-مۇنچە جاپا ئېچىدىمۇ تاۋلانغۇلۇق،ئەگەر مۇشۇنچىلىك قىينچىلىق ئالدىدا پۈكلىنىپ ، ئوشۇقۇڭغا سېيىپ ئولتۇردىغان بولساڭ،گەدىنىڭگە تەپكەن پېتى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئىشلەمچىلەر قاتارىغا قوشۇپ قويىمە ، شۇ چاغدا تېتىيسە ئاندىن جاپانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى. مېنىڭ بالام بولغاندىكىن تولا لىڭتاسمىلىق قىلماي تۈزۈك ئادەم بول.
       دادامنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم بولغاچقا ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. ئەمما چىشىمنى چىشلەپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا ئىلاجىم يوق ئېدى.شۇ كۈنلەردە ماڭا تەسەللىي ۋە مەدەت بېرەلىگۈدەك بىر دوستۇمنىڭ بولۇشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلدىم، ئەمما ئارزۇيۇمنىڭ ئەكسىچە يالغۇزلۇق مېنى داۋاملىق ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى. گەرچە ھەبىبە پات-پات ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇشنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرسىمۇ ، بىراق نېمىشقىكىن ئۇنى ئىزدىگۈم كەلمىدى.
        قۇربان ھېيىتنىڭ تۇنجى ئەتىگىنى بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلارمەن دەپ خىيالىمغا ئەكىلىپمۇ سالمىغان ئىكەنمەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كۆمۈش قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك يېقىملىق، تال چىۋىقتەك زىل ئاۋازى مېنىڭ يوقاي دەپ قالغان ھاياجانلىق ھېسلىرىمنى قايتىدىن ئويغاتتى. شۇ باھانىدە مەن ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن دەرىد تۆكىۋالدىم. ئۇ خۇددى ئاپامغا ئوخشاش سۆزلىرىمنى بېرىلىپ ئاڭلىدى ۋە ماڭا تەسەللىي بەردى. مەن خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.
      شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماڭا پات-پات تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇردى. مەن ئۇ تېلفۇن قىلسا ھالىم يوق، تېلىفۇن قىلمىسا كارىم يۈرىۋەردىم. ئۇنىڭغا قىلغان پەرۋاسىز مۇئامىلەم تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، بارا-بارا ئۇنىڭ مەن بىلەن قىلىشىدىغان گەپ-سۆزلىرى ئازلاپ كەتتى.مەن بەزىدە ئۇنىڭغا:
     -ھە ھەبىبە سېغىزخان، ئىچكىرنىڭ نىيورومىيەنلىرى (كالا گۆشى ئۈگرىسى) نى ئىچىۋىرىپ كالا مىجەز بوپ كەتتۇقمۇ نېمە؟  قېنى ماۋۇ گەپ، پۇشۇرۇپ قويغان كالىدەك گۆشىيىپ تۇرماي گەپ قىللى ھە تېلفۇن قىلغاندىن كېيىن!-دەپ چاقچاق قىلىپمۇ قوياتتىم. كېيىنچە  مېنىڭ پەرۋاسىزلىقىم ئۇنى مېنىڭدىن پەقەتلا يىراقلاشتۇرىۋەتتى.ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇ نۇمۇرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى.
      يىغلا-قاقشا خوتەندە تۆت يىلنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بولدۇم. بۇ جەرياندا يا بىر قىزنى ھەبىبەگە ئوخشىتالمىدىم، يا گاچچىدە ھەبىبەنىڭ قولىنى تۇتماي ئاخىردا  ئۇنىڭدىنمۇ بۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قېلىپ يۈردۈم. ئۇنىڭ باشقا قىزلارنىڭكىدىن پەرىقلىق ھالدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ھەم توم قوڭۇر چاچلىرى پەقەتلا كۆزۈمدىن نېرى بولمىدى. لايغەزەللىكىم تۈپەيلدىن ئۆز بەختىمنى ئۇچۇرۋىتىپ ئولتۇردۇم. .ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشىمدا پۈتۈنلەي ھەبىبەنىڭ بەختىنى كۆزدە تۇتقانىدىم. چۈنكى ئۇنىڭدەك ئۆزى ئىسىل پەزىلەتلىك ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا تەربىيلىنىپ چىققان ئىختىساس ئېگىسى قىزغا ئۆزۈمنى لايىق كۆرمىدىم. ئۇنىڭ مەندىن ياخشىراق بىرىگە ئۇچراپ تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلدىم. لىكىن ئۇنى پەقەتلا ئۇنتالمىدىم. تۆت بالىغا دادا بولغان بۈگۈنكى كۈندە تاسادىبىي پۇرسەتتە نۇرىمانگۈل بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىمنى تەقدىرنىڭ ھەبىبە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ئۆكۈنۈشۈمنى باشقا بىر خىل يول بىلەن تولۇقلاپ بېرىشى دەپ ئويلاپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 42#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 21:16:52 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:06  


(5)


       ھويلىدا نۇرىمانگۈل بىلەن قىلغان گەپ-سۆزلەرگە، ئىلگىرى ھەبىبە بىلەن سېلىشقان پاراڭلارنى خىيالەن سېلىشتۇرما  قىلغاچ قويلارغا ئوت سېلىۋاتاتتىم. قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن ئالدىراپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشكە چولىسى تەگمەيدىغان ئەتىۋالىق سىڭلىم دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىۋېتىپ  ئۇنىڭ بىرتال سىزىقمۇ تاپقىلى بولمايدىغان سىلىق ھەم  يۇمشاق قوللىرىنى ۋە شۇنچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ  زىبالىقىنى، جەزبىدارلىقىنى يوقاتمىغان قەددىنى ئايالىمنىڭ جاپا دەستىدىن قېتىپ رىپىدىدەك بولۇپ قالغان داراشماق ئالقانلىرى ۋە ئەمدىلا ئوتتۇزدىن ھالقىغىنىغا باقماي ۋاقىتسىز پۈكلىنىشكە باشلىغان ياداڭغۇ ئۇستىخانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم. سىڭلىم گەرچە ئايالىمدىن چوڭ بولسىمۇ  لىكىن ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. كىشىگە تېخى ئەمدىلا تۇرمۇشلۇق بولغان چىچەك چوكاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۇ سېلىشتۇرما ماڭا ئايالىمنىڭ ئائىلە .ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن قانچىلىك قۇربان بېرىۋاتقانلىقىنى  چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇلارنى ئويلاپ  يۈرىگىم سەل ئېچىشقاندەك بولدى.
        -نەچچە ئايدا ئاران بىر قېتىم كەلسەم ئۆيۈڭگە باشلاپ چاي قۇياي دېمەي ئىشىك تۈۋىڭدە تۇرغۇزىۋىرسەنيا ئاكا! مەلەڭدىنلا يولغا سېلىپ قويغۇڭ بولسا مەيلى جۇمۇ،كۆرشىۋالغاندىكىن  رەنجىمەي كېتىۋىرىمە.
       -ۋاي ئۇنداق ئەمەس قەدىريە، قېرىغاندا كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ ئادەمنىڭ خيال بىلەن بولۇپ كېتىپ سېنى ئۆيگە باشلاشمۇ ئېسىمگە كەلمەپتۇ. مېنى ياخىشىراق بىر داۋالاپ قويمىساڭ بوممايدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ.  ماڭە ئۇكام ئۆيگە كىرلى.
       -بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان يىگىت تۇرۇقلۇق قېرىدىم دېگىنىڭ نېمىسى ئەمدى. ما بالىلارنىڭ كېينلىك مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەقىل كېرەك بولىدۇ جۇمۇ ئاكا،ھېلىتىن ئەقلى- ھوشۇڭنى يۇقىتىپ يۈرسەڭ زۇمرەتكە ئۇۋال بولىدۇ ، ھېلىمۇ سەن بىلەن ئۆتۈپ ئاز  قىيىنچىلىق تارتىمىدى ئۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئىشلارغا كاللاڭنى ئۇپىرىتىپ، موچەنگە يارىمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن غەم يەپ ئولتۇرماي  ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭنى ياخشى كۈت. جان تېخى بۇنىڭدىن كېيىن لازىم بولىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن رەسمى ياشايسەن تېخى.
       - سەن مىنىڭ سىڭلىممۇ يا زۇمرەتنىڭ سىڭلىسىمۇ؟ ئاكاڭنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا يان بېسىپ كەتتىڭيا ئەجەپ؟ كۆرۈپ قويدۇم جۇمۇ سېنىمۇ! ئۇچىغا چىققان خائىن بىرنېمىكەنسەن. مۇشۇنداقلقىڭدىن شۇڭىمۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مېنى سېغىندىڭمۇ دېسەم يۈرىكىمنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تېڭىدە سېغىندىم دەيدىكەنسەنتۇق ئەسلى.
       -قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن ئاكا، ئىشقىلىپ ياتقا كەتمىدىغۇ ئاخىر. زۇمرەتنىڭ جاپا تارتىۋاتقىنىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ باللىرىڭنى ئىرىنمەي تۇغۇپ ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك بېقىپ چوڭ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقىسى بولغان بولسا بۇنىڭغا توشىمايتى. ھېلىمۇ لاھىيلەپ سوقۇۋالغاندەكلا جۇمۇ ئۇ.  تۇرۇپلا ئۆتمۈشنى سورۇپ كەتتىڭغۇ ئەمدى؟! ئۇ ۋاقىتلاردا سەنمۇ قىززىقلا ئېدىڭ. مەن مەكتەپكە ماڭسام  ئۇكام ئەمىسە مەندىن ئەنسىرمەي بەلەن ئوقۇ دەيتىڭ. مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم مېنى سېغىندىڭمۇ،نەرىڭدە سېغىندىڭ دەيتىڭ. سوراۋەرگەندىكىن ئىچىم پۇشۇپ ئاشۇنداق جاۋاپ بېرەتتىم  شۇ.
       -شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن قارا، جاپانى تېلەپ تاپىدىغان خوتۇن ئۇ. ئەزەلدىن دەپ كېلىۋاتىمە ماڭا بىر –ئىككىسى بولسا يېتىدۇ دەپ ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن. ئەمما ئۇ بىردىنلا مېنى بەش ئالتە بالىلىق قىلۋەتتى ئۇقالمايلا قالدىم. مۇشۇ پىلانلىق تۇغۇتمۇ بولىدىغان نەرسىكەنتۇق جۇمۇ، ئۇ سىياسەت  بوشاپ كېتىپلا خوتۇن خەقلەر تولا تۇغۇپ خاپا سالدىغان بولىۋالدى...
       -ھەرقىسمە گەپلەرنى قىلمىساڭچۇ،بىر چىرايلىق قارا كۆز بالىلارنى قانداقمۇ ئۇنى-بۇنى دېيىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنايدىغاندۇ دەيمەن. باللىرىڭ جىق بولغىنى بىلەن بىر-بىرىدىن چىچەن ھەم ساغلام. تۆت بالا چوڭ قىلغان ئادەم تارتىپ بىركۈن بالا داۋالىتىپ باقمىدىڭ ھازىرغىچە. ماڭا قارغىنە، ئاشۇ ئىككى بالا مېنى ئون بالا چوڭ قىلغاندىنمۇ بەكرەك ھارغۇزۋىتىپ بارىدۇ ،  ھېلى ئۇ يېرى، ھېلى بۇ يېرى ئاغرىپ. بەرگەن ئادەم قايتۇرۇپ ئالايدۇ، شۇڭا قالايمىغان گەپ قىلماي خۇداغا شۈكرى دېگىن.
       -ۋاي مېنىڭ باللىرىم ئۆلمەيدۇ ئالدىراپ......
       -توۋا دەپ سول تەرپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈكىرۋەتكىنە ئاكا، بۇنداق دېمە، ئاغزىڭدىن چىقىپ كېتىپ قالمىسۇن يانا. قانائەتچانراق بول، ئايالىڭنى باللىرىڭنى قەدىرلىگىن.
       -مەھەللىدە تۇرۇپ پاراڭلىشىۋەرمەي ماڭە ئۆيگە كىرەيلى،ئاران بىر كەلگىنىڭدە ئۆيدە دەرقەمتە ئولتۇرۇپ بىر پىيالىدىن چاي ئوتلىغاچ مۇڭداشمامدۇق.
       گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىرىمىز زۇمرەتنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆيدىن  يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاستىرىتتىن ماڭا،نېمىشقا مېنى چاقىرىپ قويمىدىڭىز؟دېگەن مەنىدە بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن  قىزغىن سالام-سائەتلەر بىلەن قەدىريەنى ئۆيگە باشلىدى. ئۇ زۇمرەتنىڭ خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغان قورسىقىغا قاراپ :
        -ۋاقتىڭىز ئاز قاپتۇ ھە؟ - ھەپ سوراپ قويدى. زۇمرەت تەبەسسۇم بىلەن:
        -ئاز قېلىشىمىغۇ قالدى، لىكىن مۇشۇ دېھقانچىلىقنى يىغۋالامىزمىكى دەپ جىدەللەۋاتمەن.-دېدى ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن.
        -كارامەت غەيرىتىڭىز بار قىز بالا جۇمۇ سىز ئىشقىلىپ. مەن چاقچاق تەرقىسىدە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارلاشتىم:
        -ساڭا دېسەم قارا قەدىريە، مەن ئەتراپتىكى كىشلەرنى شۇنداق كۈزىتىپ ئاخىردا مۇنداق يەكۈنگە كەلدىم. بىر دىھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئائىلىگە كۆپ كۈچ چىقىرىپ،ئۆينىڭ ئېغىرىنى جىق تارىتقان ئادەمنىڭ قېرىشى بىغەم ئادەمگە قارىغاندا تىز بولىدىكەن.شۇڭا مەن تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جاپانى زۇمرەت بىلەن تەڭ تارتىپ،تەڭ قېرىپ كۆڭۈل مەيلىمنى ئۆينىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاتماسلىق قارارىغا كەلدىم. شۇنداق بولغاندا ئائىلىمىزنىڭ قورغىنى پۇختا بولىدىكەن. بەلكىم سەنمۇ بايقىغانسە ، خېلىدىن بېرى مەن زۇمرەت بىرنى چامدىسا تەڭ بىرنى چامداپ كەلدىم. شۇڭا غەيرەتلىك دېيىش كەلسە يەڭگەڭنى دەۋەرمەي   ئاكاڭنىمۇ قوشۇپ دە.

        - پاھھوي، بۇ سەنما ئاكا؟ زۇمرەتنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەپتۇ جۇمۇ قارىغاندا. خۇداغا شۈكرى! لىكىن سەن ھامىنى جاپانى بىللە تارتىمە دېگەن بولغاندىكىن قورسۇقۇڭغا تۆت بەش كىلولۇق تاشتىن بىرنى تېڭىۋېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلە، بولمىسا بۇ يەنىلا ئادىل بولمايدۇ
        - نېملەرنى دەيدىغانسەن ئەمدى؟ سەنغۇ مەن تەرەپتە تۇرمايسەن زادى. چۈشەنسەڭ بۇ خوتۇننىڭ ماڭا تېگىپ بەختى كەلگەن جۇمۇ قەدىريەخان. ئاكاڭدەك ياخشى ئادەملەرنىچۇ ھازىر مىكروسكوپتا ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
        -ماڭغىنە ۋاي ماختانچاق پاقا. دەپ قويسا ئەمدى كېرىلىپ كەتكىنىڭنى قارا. لىكىنزە دېگەندەك بىر يەرلىرىڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا كارامەت ئادەم جۇمۇ سەن.ھازىر  بىر كادىر ئائىلىسىدىن ئەمەس ھەر قانداق بىر ئائىلىدىن سېنىڭدەك  يا ئىچىپ چەكمەيدىغان، يا باشقا كەيىپ-ساپا قىلمايدىغان ،ھەم كېلىشكەن، ھەم ئىمانلىق ئادەمنىڭ چىقمىقى ھەقىقەتەن تەس. ئىتقادىڭنىڭ مۇستەھكەملىكى ھەيران قالدۇرىدۇ مېنى. ئالىي مەكتەپنى شۇنچىلىك پاكىز ئوقۇپ كەلگىنىڭنى، مۇكەممەل  ئىتقادلىق چىن  ئىنسان بولۇش ئۈچۈن  نەچچە يىللىق خىزمىتىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭنى ئويلىسام،ئىشقىلىپ قول قويىمەن ساڭا.
       -ئەمدى مېنى ماختا دەپ قويسام ئۇچىرىتمەي مۇختەرجان  توغىرلىق سۆزلەپ بەرمەمسە ئانچە-مۇنچە، قانداراق ئۆتىۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئاداش سېنى بۇزەك قىلمايۋاتقاندۇ؟ باللىرىڭنى نەگە قويۇپ كەلدىڭ راس؟
       -يامان ئەمەس ئۆتىۋاتىمىز ھەرھالدا. ئەسلى ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە كەلمەكچىدى، ئەمما بۈگۈن ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ.بالىلارنىڭ ئىككىلىسى يەسلىدە. مەن ئاخشام ئىشلەپ  بۈگۈن كۈندۈزدە دەم ئالغانتىم، شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەر بىلەن بىر پاراڭلىشىپ كېلەي دەپ دىككىدە بۇياقلارغا ئۆتۈشۈم.
       - ئاكام دەپ تۇغقان ئېتىپ،چوڭ كۆرۈپ  ئالايىتەن يوقلاپ كەلگىنىڭدىن بەكلا خوش بولدۇم. ئۇزۇن بوپتىكەن ئىككىمىز مۇڭداشمىغىلى. ھامىنى كەلگەندىكىن چۈشتىن كېيىنگىچە تۇرۇپ  بالىلارنىمۇ كۆرۈپ كەتكىن. بۈگۈن بەلەنرەك مۇڭدىشۋالايلى. مۇختەرجاننى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارمىز .قەدىريە گېپىمگە كۈلۈپلا قويۇپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تەمشەلگەن زۇمرەت بىلەن تۆشۈك تالشىشقا ئۆتتى.
        ئايالىم بىلەن سىڭلىمنىڭ تاماق قىلىشنى تالىشىپ كېتىۋاتقاندىكى تۇرىقىغا قاراپ بۇ ئىناقلىقتىن سۆيۈنۈپ قالدىم. قەدىريە  زۇمرەتنىڭ ھېلىلا تۇغۇپ قويغۇدەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن تۇرىقىغا قاراپ ئۇنىڭ بىردەم بولسىمۇ دېمىنى ئېلۋېلىشىنى كۆزلەپ قازان بېشىنى تالىشاتتى.  ئايالىمنىڭ بولسا ئاران بىر كەلگەن سىڭلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئوبدان ئۇزاتقۇسى كېلىپ ئۇنىڭغا يول قويمايتى.
       تۇرۇپلا خىيالىمغا بىرۋاقىتلاردىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر غىل-پال سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا ئايالىم ئۈچۈن ھەق-ناھەق بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ئانامغا ئازار بەرگەن ، دادام بىلەن ۋارقىراشقان، سىڭلىمغا قول تەككۈزگەن ئېدىم.بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم قىزبالا ئۇرىشىم  ئېدى. بەلكىم ئاشۇ قېتملىق ئادەم ئۇرۇشۇم ھازىرقىدەك ئوسال خاراكتىر يېتىلدۈرۈشۈمگە ئاساس ھازىرلىغان بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن.
        - تالاشقىنىڭ بىكار قەدىريە.يەڭگەڭنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. ئۆيۈڭگە بارساڭمۇ ساڭا با بۇ ئىش، شۇڭا ئاران بىر كەلگىنىڭدە سەنمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ بىر تاماق يەپ كەتكىن.ئۇمۇ ساڭا كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلۋالسۇن. ئەگەر خالىساڭ تاماقمۇ تەييار بولغۇچە  پاراڭلاشقاچ  ساڭا  زىرائەتلىرىمنى كۆرسىتىپ  كېلەي.قانداق؟
        -ماقۇل، مېنىڭمىغۇ سەن بىلەن دېيىشمىسەم بولمايدىغان بەزى گەپلىرىم بار ئېدى. بۇ قېتىم زۇمرەت جاپا تارىتقاچ تۇرسۇن، ئىككىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشىراق بىر پاراڭلىشىۋالايلى. قېنى ئەمىسە ماڭامدۇق؟-ئۇ شۇنداق دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
         يولدا ئۇنىڭ بۇنىڭ گەپلىرىنى قىلغاچ مېڭىۋاتقان بولساقمۇ لىكىن ئۆز ئىچكى دۇنيارىمدا  ھېلقى چاغدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. تۇرۇپلا يەنە بايىقى ئۇنىڭ  سەن بىلەن دېيىشمىسەم بولمايدىغان گەپلىرىم بار ئېدى ئاكا دېگەن سۆزى ئۇنىڭ ئۆتكەندە ئاپام بىلەن قىلىشقان پارىڭىنى يادىمغا سېلىپ،كاللامغا ئۇ زادى مەن بىمەن نېمىلەرنى دېيىشمەكچىدۇ دېگەن سۇئالنى كىرگۈزۈپ ئۈلگۈردى ۋە مەندە ئۇنىڭ مەن بى؛ئەن قىلىشماقچى بولغان پارىڭىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا قىلىپ  قويدى.
         
              
      

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 47#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-7 14:34:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:07  

  


(6)


       مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئايالىمنى دومسىيىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرۈم. چىرايىدىن خېلىلا خاپا بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن  ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بىلىكىگە نوقۇپ تۇرۇپ ئاستا سورىدۇم:
       - خوتۇن، نېمە بولدى سىلىگە؟ مۇچ يەپ قالغان ئوغلاقتەك تەرىڭلىنى تۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپسىلەغۇ ھاڭ بېقىپ؟
       -ئو ھوش، نېرى تۇرىگە ئادەمگە ئېشەك چىۋىنىدەك سۈركىشىۋەرمەي، نېمە بولغىنى چىقىپ ئاۋۇ سۆيۈملۈك ئاپىڭىز بىلەن ئەتىۋارلىق مەلىكە خېنىم  سىڭلىڭىزدىن سوراڭ.-ئۇ قولۇمنى سىلكىپ ئىتتىرىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
      - قەدىريە كەپتىما؟ زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئۇ ھەرقانچە بولسىمۇ كېلە-كەلمەي سىلىگە بىر نەرسە دېمىگەندۇ؟ ئادەمنى بۇنداق گاڭگىراتماي،با گەپنى دەڭلا ھە ماندا!
      -دېسەممۇ شۇ قوشقا سالغان كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرۇشتىن باشقا نېمىش قىلىپ بېرەلەيتىڭىز ماڭا. نېرى تۇرىڭە بى كۆزۈمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرماي.
     -ۋاي نېمانداق قىلسىلە، گەپنى ئوچۇق قىلىپ زادى نېمە قىلىپ بېرىمەن دېمەمسىلە ئاۋال. ئاپامنى ئۇرۇپ بىرەمدىم يا دادامنى تىللاپ بېرەمدىم؟ نېمانداق رازى قىلماق تەس سىلىنى! ئۇ كۆزلىرىمنىڭ ئاچچىقتىن چەكچىيىپ كەتكىنى كۆرۈپ قورقۇپ قالدى بولغاي سەل پەسكويغا چۈشۈپ:
     -شۇ ئانام بىلەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ تاماق ئېتىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتساق قەدىريە كېلىپ قالدى.سالام-سائەتتىن كېيىن ئۇلار ئىككىسى مېنىڭ بارلىقىمنىمۇ ئۇنتۇلۇشۇپ ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى.  خۇددى مەن يات ئادەمدەك مېنى قايرىپ قويۇپ پاراڭلىشىپ كەتسە ئويلاپ بېقىڭە مەنمۇ بىر ھىسياتلىق ئادەم تۇرسام،كۆڭلۈمگە كەلمەمدۇ؟شۇڭا قېيداپ يېنىپ چىقتىم.
       شۇ چاغدا ئايالىمغا باشلانغۇچنىڭ بالسىدەك شۇنڭغىمۇ قېيداپ يۈردىڭلارمۇ تۇرمۇشلۇق بولغان ئايال تۇرۇقلۇق؟خاپا بولۇپ ، قېيداپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن بۇ ،مېڭىڭلار، چىقىپ ئۇلارغا قارىشىپ بېرىڭلار، يېڭى توي قىلغان ئادەم ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ بۇنداق ئولتۇرساڭلار قاملاشمايدۇ دەپ  ئۇنى بەزلەپ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەقلىمگە كەلتۈرەلمىگۈدەك دەرجىدە نادان بولسام كېرەك، ئەمدى ئويلىسام ئۆزۈم بۇ جېدەلنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققان ئىكەنمەن.
      -ئۇلارمۇ تازا ئەپلەشمىگەن ئىش قىلىپتۇ. ئەلۋەتتە سىلىمۇ بىر چوپچوڭ ئادەم بولغاندىن كىيىن نەزرىدىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكتى ئەسلى. بوپتۇ، خاپا بولماي تۇرۇڭلار، ھېلى تاماق پىشقاندا  ئىككىمىز بەگ بىلەن خانىشتەك چىقىپ تاماق يەپ كىرىمىز تازا.-شۇنداق دەپ بولۇپ ئۇنى بولغان خاپچىلىقنى ئازراق  ئۇنتۇلار دېگەن ئۈمىدتە مىھىر بىلەن باغرىمغا تارتىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مېنى ئىتتىرۋىتىپ تۇرۇپ:
      -ئاغزىڭىزدا شۇنداق دەپ ماڭا ياخىشچاق بولغاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن كىم بىلمەيدۇ سىزنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىڭىزنى! ئۇلار دېگەن سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز، سىز ھامان ئۇلار تەرەپتە تۇرىسىز، بۇ ئۆيدە مېنىڭ تىكەندەك يالغۇز قېلىپ خورلۇق تارىتقىنىم تارىتقان.-دېدى .
      -ۋاي شۇ ھېلىمۇ  بۇ ئۆيدە مەن زۇمرەتنىڭ  ئەڭ يېقىن ئادىمى،بۇ يەردىكى بىردىنبىر تايانچى ، مەنمۇ ئۆيدىكىلەر تەرەپكە ئۆتىۋالسام ئۇ يالغۇزلۇق تارتىپ قالىدۇ دەپ سىلىنى ياقلاپ قىلمىغىنىم قالمايۋاتىدىغۇ. نىمانچە رازى بولمايسىلە؟
      -سىزدىن رازى بولمىدىم ئەمەس، شۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى كۆزۈمگە سىغدۇرالمايۋاتىمەن. سىڭلىڭىز ھە دېگەندىلا مېنى پاتۇرمايدۇ. ئانىڭزمۇ شۇ تاپتا ماڭا قېيىن ئانىلىق كىبىرىنى كۆرسىتىۋالغۇسى كېلىپ ئارانلا تۇرىدۇ.
      شۇ ئەسنادا قەدىريە كىرىپ كەلدى.نېمە ئويلىدىمكىن تاڭ،  تاكى ئۇ ئالدىمغا كەلگۈچە خۇددى مىخلاپ قويغاندەك زۇمرەتنىڭ يېنىدا قىمشىماي ئولتۇرىۋەردىم. ئىچىمدە ئۇنىڭغا سەل ئاچچىغىم بولغاچقا ئۇنڭ ئۈرۈمچىدىن شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتا ئاران بىر كەلگىنىمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەي قېلىۋاتاتتى.ئۇ بۇ قىلقىمدىن دەسلىپىدە سەل ھەيران قالغان بولسىمۇ چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
      -ئاكا،زۇمرەت،(ئۇ زۇمرەتتىن چوڭ بولغاچقا ئۇنى يەڭگە دېمەي ئۇدۇللا ئىسمىنى چاقىراتتى.)تاماق تەييار بولدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تولۇق يىغىلىپ  ئولتۇرۇپ غىزالانمىغىلىمۇ خېلى بوپتىكەن، شۇڭا تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرمىدىم. چوڭلار ساقلاپ قالدى ھە .چاققانراق بولۇڭلار!  ماقۇل ئەمسە مەن چىقاي.  ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن زۇمرەتنى نوقۇشلىدىم:
      -تاماقمۇ تەييار بوپتۇ خۇتۇن، يۈرۈڭلار چىقىپ يەپ كىرەيلى، قورساق ئېچىپ كەتتى.
      -يىگىڭىز بولسا ئۆزىڭىز چىقىپ يەپ كىرىڭ، گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيدۇ مېنىڭ ھازىر.
      -تاينى يوق گەپ قىلماڭلار، تەييار بولۇپ قالغان تاماقنى يېمەيمە دېگەن قانداق گەپ ئۇ. سىلى يېمىسەڭلار كارايىتى چاغلىق، ئەمما ئاۋۇ قورساقتىكى بالىمىز  ئوزۇقلانمىسا بولمايدۇ.  مېڭىڭلار جاھىللىق قىلماي. بولمىسا كۆتۈرۈپ ئېچىقىمەن جۇمۇ بىكار.
      -چىقمايمە دېگەندىكىن مېڭىۋەرسىڭىز بولمامدۇ ،نېماندا چېپىلىۋىرىسىز ئادەمگە؟ مېنىڭ ئۇنداق مېننەت بىلەن تەڭلەنگەن ئاشقا قارنىم توق.
      -نېمانداق گەپ قىلسىلە؟
      -قانداق گەپ قىپتىمەن؟ مېنى قايرىپ قويۇپ شەخسىيەتچىلىك قىلىشىپ ئەتكەن ئۇ تامىقىنى ئاشۇلار ئۆزى يەپ ھۇزۇرلىنىۋېلىشسۇن،ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ تاماق يەپ ئولتۇرامتىم مەن. تولا زورلاۋارمەي، چىقمايمە دېگەندىكىن ئۆزىڭىز چىقىۋىرىڭ.
      -چىقمىساڭ چىقما ۋاي، قېيدىغان ئابدالنىڭ خورجىنى بوش، ئۆزۈڭگە زىيان. خوتۇن خەق دېگەنگىغۇ  بىكار ئالدىغا كېلىپ قالغان تاماق تېتىمايدۇ زادى ئۆزى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئەتمىگۈچە. ئەمما سەن ئالدىرماي تۇر، تاماق يەپ ئىنىرگىيە توپلىۋېلىپ ئاندىن كىرىپ ئەدەپلەيمە سېنى . –ئاچچىغىمدا شۇلارنى ئاران دېيەلىدىمدە چوڭلارنىڭ قېشىغا چىقتىم. مېنىڭ يالغۇز چىققىنىمنى كۆرۈپ دادام قەدىريەنى ئۇنىڭ قېشىغا يانا بىر قېتىم كىرگۈزدى. ئەمما ئۇ يەنىلا چىقمىدى.ئۈچىنجى قېتىم يەنە كىرىشنى بۇيرىۋىدى ئۇ ئۇنىماي دادامدىن  تىل ئىشتىۋېلىپ يىغلىغان پېتى تامقىنىمۇ يىمەي ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ئاخىردا  ئامالسىز جۇشقۇن ئۇنى ئىككى قېتىم چاقىرغىلى كىردى.ئەمما ئۇ يەنىلا چىقمىدى.ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيلا غەلىتە گەپتىن بىرنى قىلىپ سالدىم:
      -ئاپا، سىلەر زۇمرەتكە زادى نېمە قىلىپ بۇنچە خاپا قىلىۋەتتىڭلار گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمىگۈدەك؟ ئاپام ھەيرانلىق بىلەن ماڭا چەكچىيىپ بىردەم قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن:
      -نېمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىسەن بالام. بىز بىكاردىن بىكار ئۇنىڭغا نېمىمۇ دەرمىز سېنىڭچە؟ مەن تېخى ئىككىڭلارنى قىزرىشىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلاۋاتسام بۇنداق سوراۋاتىسەن ئادەمنى تاڭ قالدۇرۇپ.
      -شۇ مەكتەپتىن كەلسەم دومسىيىپ ئولتۇرۇپتىكەن، شۇنىڭغا قاراپلا قەدىريە كەلدىمىكىن دەپ ئويلىغانتىم......
      -قانداق گەپ بۇ؟ قەدىريە كەلسە زۇمرەتنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنى تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ سۆزۈڭچە بولغاندا؟ قارغىنا سىڭلىڭغا ،شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئاران بىر كەلگىنىدە تۇنجى قېتىمدىلا ئاھانەت بىلەن ناشتا قىلىپ كەلگىنىگىمۇ غىققىدە بولۇپ قالدى ئاينا. ئاكا تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىڭنى قارا.-دادامنىڭ سۆزۈمنى بۆلۈپلا قىلغان بۇ گېپى مېنىڭ ئۇلارغا بولغان گۇمانىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. كۆڭلۈمدە بۇلار بىر بولىۋېلىپ زۇمرەتنى سىغدۇرمايۋاتقان چېغى دەپ ئويلاپ ئىچىمدىكىنى ئايىمايلا دېيىشكە ئىنتىلدىم:
       -مەنغۇ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، شۇ قارىسام زۇمرەت ئىككىسى تازا چىقشالمايۋاتقاندەك...
       -بالام، سەنمۇ خوتۇن خەقتەك يوق گەپلەرنى تېرىپ، تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن جودا چىقىرىپ ئولتۇرساڭ ئۆيۈڭلار ئۆي بولمايدۇ.شۇڭا ئەركىشى بولغاندىكىن سەل ئۆزۈڭنى توختىتىۋېلىپ، ئىشلارغا ئەقلىڭ بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزگىن. ئايالىڭ نېمىلا دېسە ھە ھۇ دەپ يۈگۈرۈپ چىقماي بۇيەرگە. ئۇ تېخى نادان ئىش ئۇقمايدۇ. ئاپاڭ گەپ قىلسا يانا يامىنىغا چۆرىلىپ كېتىشى ئېنىق. شۇڭا سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆيۈنۈپ، تەلىم بېرىپ تۇرمىساڭ بولمايدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن ئەركىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى پۇل تېپىپ ئۆينى بېقىپ قويغانغىلا تۈگەمدىكى دەپ قالما بالام .ئايالىڭغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ ماڭمىساڭ، ئائىلىدىكى توقۇنۇشلارغا  ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن قاراپ ئىش تۇتمىساڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىڭنى باسمىقىڭ تەسلىشىپ كېتىدۇ.ئۆيۈڭدىن جىدەل قۇرىمايدۇ. چۈنكى خوتۇن كىشى دېگەن ھىسياتقا تاينىپ ئىش قىلدىغان خەق. ئەسلىغۇ ساقلىم بىلەن بۇنچىلىك ئىشلارغىچە  ئارلىشىپ يۈرسەم مۇۋاپىق بولمايتى.ئەمما قارىسام تەكىتلەپ قويمىسا بولمايدىغان يېرىگە يېتىپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ توي قىلغىنىڭدىن كېيىنكى ساڭا قىلغان تۇنجى تەرببيەم بوپ قالسۇن. ئېسەڭدە مەھكەم ساقلىغىن .
       دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ بىز توي قىلغان بۇ بەش ئايدىن بۇيان ئايالىم ھېلىدىن-ھېلىغا  ئانىڭىز ئۇنداق قىلدى، سىڭلىڭىز بۇنداق دەۋەتتى دەپ قاپاق تۈرتۈپ بەرسە مەن بۇلارنى پەقەت ئۆز قېرىنداشلىرىمدىنلا كۆرۈپ ئايالمدىمۇ ئانچە-مۇنچە باردۇ دېگەننى خىيالىمغا كەلتۈرمەي، ھە دېگەندىلا ئۇنى كۆتۈرۈپ،ئۇنىڭكىنى راس قىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن. مانا ئەمدى  بۇ گەپتىن خېلى سەگىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىڭلىمغا ھېچگەپتىن-ھېچگەپ يوق تەرىمنى تۈرۈپ يۈرگىنىمدىن بىئارام بولۇشقا باشلىدىم.

       زۇمرەتنى ئاپام،ھەتتا دادام ئۆز ئاغزى بىلەن چاقىرىپمۇ داستىخانغا ئەپ چىقالمىدى.كىيىن   ئۇ ئاپامغا  ئۇنىڭغا جۇشقۇندىن تاماق كىرگۈزۈپ بېرىشنى تاپىلاپ قويۇپ ھوجىرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەن تاماقنى ئالدىرماي يەپ كۆڭلۈمدە پۇختا بىر پېلان سوقىۋالغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم. مېنىڭ ئەلپازىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بايىقى سېلىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن قوقىقىم تۈپەيلىدىن خاۋاتىرلانغان چىرايى بىردىنلا خاتىرجەملىك تۈسى ئېلىپ، قىياپىتى قايتىدىن مەغرۇر، تىككىدە ھالىتىگە قايىتتى. مەن گەپ-سۆز قىلماي شىرەدىكى تېخىچە شۇ پېتى تۇرغان تاماققا كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ سىرىتا ئەدەپكە ماڭدىم. تېخى ئىشىكتىن چىقىپ بىرنەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا ئىشىكنىڭ سولانغان ئاۋازى قۇلقىمغا كىرىپ قالدى. ئەمما تۈزگەن پىلانىمنى يوققا چىقارماسلىق ئۈچۈن چاندۇرماي ھاجەتخانىغا ماڭدىم.

                    

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 51#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 11:11:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:08  


(7)


         ھاجەتخانىدىن يېنىپ ئىشىكنى ئاستا ئىتتىردىم، بايا خاتالاشمىغان ئىكەنمەن، ئىشىك راستىنلا ئىچىدىن تاقالغاندى. مەن ئۈن-تىن چىقارماي ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۈپ،دۆۋلەگلىك ئوتۇننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ھاۋاداندىن ئۆي ئىچىگە قارىدىم ۋە چاققانلىق بىلەن كەينىمگە يېنىپ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا زۇمرەتنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.  بايىقى كۆرۈنۈشلەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئىشكاپ ساندۇقلاردىكى قىممەتلىك نەرسىلەرنى بوغچىسىغا قاچىلاپ ئانىسىنىڭكىگە كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
     ساقلاۋاتىمەن، بەش مىنۇت ئۆتتى، تېخىچە تەييارلىنىپ بولالمىغاندۇ دەپ ئويلىدىم.ئونبەش مىنۇت ئۆتتى. يەنىلا چىقمىدى.يېرىم سائەتلەرچە بولۇپ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئۆزۈمنى  ئەيىبلەپ تۇرغىنىمدا ئىشىك ئېچىلدى. ئۇ قولىدا يوغان بىر بوغچىنى قاماللىۋالغان بولۇپ دەسلىپىسدە مېنى كۆرۈپ سەل ھودۇققاندەك قىلدىيۇ ئەمما ناھايتى تىزلا تەمكىنلىكىگە قايىتتى. ئاندىن ماڭا مېنى ئاپىرىپ قويمامسىز دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى. مەن ئۇنىڭ مۇنداقلا گەپ باشلىسام بېشەملىك قىلدىغىنى بىلگەچكە چاندۇرماي موتوسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچىنى ئەپچىقاي دەپ قويۇپ ئۆيگە كىردىم ۋە پەم بىلەن ئىشكاپ ساندۇقلارغا قارىدىم. ھەممىلا نەرسە ئۆز پېتى بولۇپ پەقەت ئۇنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرى بىلەن تويىمىزدا چۈشكەن يىگىرمە نەچچە مىڭ يۈەن نەق پۇل جايىدا يوق تۇراتتى. زۇمرەتنى چاقىردىم:
      -خوتۇن، ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرۋالاي دېگەن، كىرىپ گاچچىدە تېپىۋىتىڭلا!
       ئۇ سەل غودۇڭشىپ قۇيۇپ ئۆيگە كىردى ۋە قولىدىكى بوغچىنى ئۈستەلگە قويدى. مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چاققانلىق بىلەن ئۇنى مۈرىسىدىن ئىتترىپ كارۋاتنىڭ لېۋىدە ئولتۇرغۇزدۇم دە سورىدىم:
      -ماڭا راستىنى بىر دەڭلارچۇ،نېمە قىلدىڭلار، يەنە نېمە قىلاي دەۋاتىسىلەر؟ كۆڭلىڭلىدىكىنى بىر بىلەي مەن.-بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ۋە بىر خىل ئوڭايسىزلانغاندەك تەلەپپۇزدا:
       -گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم دولقۇن. –دېدى
       -قىلۋاتقانلىرىڭلىنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىماڭلا. مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. ھەتتا نېمە ئويلاۋاتقىنىڭلاردىن تارتىپ ھەربىر ھەركىتىڭلارغىچە خەۋەردارمەن دېسەم ھەرگىز لاپ ئۇرغانلىق بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى  ھېلىمۇ سىلىگە شۇنچىلىك يول قويۇپ كەلدىم، شۇڭا مۇنداق قىلىشمايلى. يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئازارلىشىپ يۈرمەيلى.ھەر ئىش بولسا ئولتۇرۇپ چىرايلىق ھەل قىلشايلى،ئۆزىمىزنىڭ ئابرويىنى ئۆزىمىز چۈشۈرۈپ سەتلەشمەيلى ، بۇ ئىشنى ئىككىمىز ئارسىدىلا ھەل قىلايىلى ،يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن ماقۇلما .....
      -ئەركىشىمۇ سىزدەك بولامدۇ ھەي، كۆزۈم كور بولۇپ سىز بىلەن تويلىشىپتىكەنمەن مەن.ھېچقانداق ۋاقىتتا بىرەر ئىشنى ۋالاق-ۋۇلۇق بىرتەرەپ قىلغىنىڭىزنى كۆرگىلى بولمايدۇ، تۇرقىڭىزلا ئەركىشىغۇ سىزنىڭ. مۇشۇنچىلىك ئىش ئۈچۈنمۇ نۇمۇس قىلماي يەنە مەن بىلەن گەپ تەگىشىپ ئولتۇرىۋاتىسىزيا بوپتۇ دەۋەتمەي، توۋا! ئۆزىڭىز بىر دەپ بېقىڭە قېنى، سىز بىلەن بىللە ئۆتۈپ زادى نېمە راھەت كۆردۈم مەن؟ جاق تويدۇم بۇنداق تۇرمۇشتىن،ئۇ ياغقا قارىسام مىخ، بۇ يانغا قارىسام بېگىز. مېنىڭ ھېسياتىمنى ئويلاپ  ھالىمغا يېتىپ باققان يېرىڭىزغۇ يوق زادى. نوچى بولسىڭىز بىر قېتىم بىر ئەركىشىدەك ئىش قىلىپ بېقىڭە قېنى ......
        ئۇنى  گېپىمدىن تەسىرلىنىپ قىلۋاتقان بۇ ساراڭلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ خىجىل بولار دەپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ قىلغان  سىلىق گەپلىرىمگە ئۇنىڭ بۇنداق ئەقىلگە سىغمايدىغان جاۋاپ قايتۇرشى نېرۋامنى بىردىنلا سەكسەن گىرادۇس قىزىتىپ تەلۋىلىكىمنى چېكىگە يەتكۈزدى. ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ خۇدۇمنى يوقاتقان مەن تېخى بايىلا تۈزگەن پېلانىمنىمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ:
       -ماقۇل، ساڭا ئەركىشىدەك بىر ئىش قىلىپ بېرەي!-دەپ ۋارقىرىغان پېتى ئۇنى كارۋاتقا باستىم ۋە ياستۇقنىڭ ئاستىنى سىلاشتۇرۇپ  يۈرۈپ يبېشىمىزغا قويۇپ ياتىدىغان يوغان قىڭراقنى تېپىپ ئالدىم. ئۇ بۇنى كۆرۈپ قورىققىنىدىن قاتتىق چىرقىراپ تىپىرلىدى. مەن ئۇنى تېخمۇ چىڭ بېسىپ ،ئاغزىغا ياستۇق ياپقۇچنى پۇرلاپ تىقتىم ۋە قىڭراقنى گېلىغا تەڭلەپ تۇرۇپ يۇقرى ئاۋازدا :
       -ئۆلتۈرۋىتىمە سەن ھازازۇلنى.بېرىپ گۆرۈڭدە جىن-ئالۋاستىلارغا بېشەملىك قىل.-دەپ قىڭراقنى گېلىغا سۈركىدىم.
       ئاڭغىچە ئۆيدىكى تاراق-تۇرۇق ۋە چىرقىرغان ئاۋازلاردىن چۆچىگەن دادام-ئاپام جىدەللىشىپ كىرىشتى ۋە بۇ مەنزىرىدىن چۆچۈپ  دەرھال بىزنى ئاجرىتىۋالدى.گەرچە تىرەلگەن يېرى قىڭراقنىڭ بىسسى بولمىسىمۇ، ئەمما  ئۇنىڭ بويۇن تېرىسى ئازراق كېسىلگەنىدى.بۇنى كۆرۈپ ئۇلار چالۋاقىشىپ كەتتى:
      -بالام، نېمە بولۇشتىڭلار ؟ قىلىق بولدىمۇ مۇشۇمۇ ؟،توۋا،توۋا!
بىر-بىرىڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ چىرايلىق ئۆتسەڭلار بولمامدۇ؟ تالاشقىدەك نېمە بار ئوتتۇراڭلاردا؟  ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق تۇيۇلمىغان بىلەن  خەققە ئويۇن بولىدۇ بۇ! ئۆزىمىزنىڭ يۈزىگىمۇ سەت. چوپچڭ ئادەم بولغاندىكىن ئۆزۈڭلار ئويلاپ باقساڭلار بولىدۇ، مۇشۇ گەپ قوشنىلارنىڭ قۇلقىغا يېتىپ قالسا قانداق ئاھانەتلەرگە قالدىغىنىمىزنى...... –ئاپامنىڭ گېپى ئاياغلاشماستىنلا دادام سۆزلىدى:
      -ئادەم قىلدىغان قىلىقنى قىلمايدىكەنسەنسەن بالام ، ئەركىشى دېگەن ئۇنداق تەلۋە مېجەز بولمايدىغان.  ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ چىرايلىق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلەشسەڭلار بولىدىغۇ؟! ساڭا ھەر قېتىم دەپ كېلىۋاتىمە ئەقلىڭ بىلەن ئىش قىل ،سوغوققان بول  دەپ، لىكىن «يەنە دېسەم يەنە شۇ، موللا ھوشۇرنىڭ بېرى شۇ .» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دائىملا. قاچانمۇ ئادەم بولىدىغانسەن زادى!
       -بۇ گەپلەرنى مېنى ئاپىرۋەتكەندىن كېيىن ئالدىرماي دېيىشىۋېلىڭلار،پەقەتلا تاقىتىم قالمىدى مېنىڭ بۇيەردە تۇرىۋېرىشكە.- زۇمرەتنى دادام بار يەردە بۇنچىلىك ھەددىدىن ئاشار دەپ ئويلىمىغان ئېدىم. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا قاراپ نەچچە ۋاقىتىىن بېرى ھەقىقەتەنمۇ ماڭا تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى،  ئائىلىمىزگە زىدىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى قوش چاڭگاللاپ سېپىۋاتقان ئادەمنىڭ باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى  سېزىپ ئۆزۈمنى تەستەكلىۋىتىشكە  تاسلا قالدىم . ئەمما زۇمرەت مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بەتتەررەك ئېدى.
        -بالام، بۇنچە كەچ بولغاندا ئۆيگە بارىمەن دەپ غەلۋە قىلماي چىرايلىق يېتىپ ئۇخلاڭلار. ئەتە ئەتىگەندە دولقۇن مەكتەپكە ماڭغاچ سىزنى ئاپىرىپ قويسۇن.-دېدى دادام سالماقلىق بىلەن.
      -ئاپىرىپ قوي دېگەندىكىن ئاپىرىپ قويۇڭلارجىق گەپ قىلماي،بولمىسا ئۆزۈم كېتىۋىرىمەن بىكار.-ئۇ شۇنداق دېدى ۋە بوغچىسىنى ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. مەن  ئۇنى تۇتۋالماقچى بولۇپ بوغچىسىدىن تارتىۋىدىم بوغچا يېشىلىپ، بىر باغلام پۇل بىلەن قاپتىكى زىبۇ-زىننەتلەر چېچىلىپ پەسكە چۈشكەن كېيىملەر ئارىسىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ قالدى. بۇنداق بولۇشى زۇمرەتتىن كۆرە مېنى بەكرەك ئالاقىزاىلىككە سېلىۋەتتى. چۈنكى مەن بۇ ئىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دادام-ئاپام ئالدىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىشىنى خالىمايتىم. ئەمما مەن بارچە كۈچۈم بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنغان بۇ ئىش كۈتمىگەندە تولۇقى بىلەن ئاشكارىلىنىپ كەتتى.
       -سىزنى ئەتىگەنلىككە ئاپىرىپ قويسۇن،كەچ بولغاندا مېڭىپ يۈرمەي ئەتە بېرىڭلار ئەتە بېرڭلار دېگەندىكىن ، خۇدانىڭ تىژلىقى ياخشى...
       -بۈگۈن بارىمە دېگەندىكىن بۈگۈن بارىمە، سېتىلمىغان مەن بۇ ئۆيگە. ۋاي ئانامەي، قوۋۇرغامنى ئېگىپ سېتىۋالغان قۇلىدەك باشقۇرۇپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي ئەمدى. -  ئۇنىڭ بايىقى سەتچىلىكتىن قىلچىمۇ ھېيىقماي يەنە قاراقۇشقاچتەك ۋىتلدىشى بايىدىن بېرى سالاپىتىنى يوقاتماي  ئېغىر-بېسىق ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن دادامنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى بولغاي، ئاچچىقىدا شۇنداق بىرگەپ قىلۋىدى گەپنىڭ تېخىمۇ سەتى چىقتى:
       -ۋاي ۋۇي، نەدىنمۇ ئۇچرىغان بولغىيتى بۇ بىزگە!
       -ئۇچراپ قالمىغان، ئۆمىلشىپ بېرىشىپتىكەنسە مەھەللەمگە كۇرسۇك ئىتتەك ماراپ.  شۇنداق دەپ بولۇپلا دەرھال ھوجۇمىنى  ئاپامغا قاراتتى:،
       - ئەتىۋارلىق ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بېرەلمەي ئارماندا قالغان ھېلقى چىرايلىق  قىز-چوكانلارنى ئېلىپ بېرىپ ئارزۇلىرىغا يېتىۋالالا، مەن كەتسەم خوشلۇقتىن بەدەنلىرىنىڭ ئۈگە-ئۈگىللىرىگىچە يايراپ  كېتىدىغان بولدى دە ئەمدى. بوپتۇ سىلىنى مۇرادىللىرىغا يەتكۈزۈپ قوياي مەن كۆزلىرىگە سىغمايۋاتقان بولغاندىكىن......
       - كېچىدە سوكىلداپ يۈرسەڭلار قاملاشمايدۇ دولقۇن. ما بىرنىمەڭنى بۈگۈنچە قانداق قىلساڭ بىر نېمە قىلىپ يىغۇشتۇرۇپ ئەتە ئانىسنىڭكىگە ئاپىرۋەت.كۆزۈممۇ كۆرمىسۇن بۇ داپيۈزنى.-دادام شۇنداق دەپ ئاپامنى قولىدىن سۆرىگەن پېتى چىقىپ كەتتى.
       ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ نىكەملەردە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ئەتىگىنى قوپسام ئۆيدە ئۇ يوق. ئاپلا دەپلا قالدىم.چۈنكى ئۇنىڭ ئاخشامقى ئەدەپسىزلىكى بىلەن بۇ باشباشتاقلىقى نېكاھ ئىشىمىزنى بۇزىۋىتىشكە تامامەن يېتىپ ئاشاتتى.گەرچە ئۇنىڭغا ئاچچىغىم بولسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ بىلەن  داۋاملىق بىللە ياشاپ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالام بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا بۇ ئىشىنى ئۆيدىكىلەر بىلىپ قالمىسۇن دەپ موتىسىكىلىتنى ئوتمۇ  ئالدۇرماي مەھەللىگە چىقىتىم.ئۇ يولدا ماڭغاچمۇ بىكار ماڭمىغان چېغى ئىشىكتىن چىقار چىقماي قوشنىمىز گەپ تەككۈزىۋالدى:
       -ھە دولقۇنجان مۇئەللىم،ئاتماس تاڭدا چوكاننى خاپا قىلىپ قاچۇرۋىتىپ ئەمدى كەينىدىن قوغلاپ ماڭغان ئوخشىمامدۇق؟ تىزراق بولىلى ھە؟ ئۆزلە ئۆيدىن چىقىپ بولغىچە چوكان ئۆيگە بېرىپ بولۇپ ئىش بۇزۇلمىسۇن يانا.
       كېسىلىنى يوشۇرساڭ ئۆلىمى ئاشكارە دېگەندەك بۇ كانايچى خوتۇننىڭ ئىشىمىزدىن خەۋەر تېپىپ قېلىشى مېنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. چۈنكى بۇ ئىشتىن بۇ خوتۇننىڭ خەۋەر تاپقىنى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ بىلىپ قالغىنى بىلەن ئوخشاش ئېدى.ئۇنىڭ ئاغزىدا مىنۇتمۇ گەپ توختىمايتى.
       ئاخشامدىن بېرى بولىنىۋاتقان خاپىچىلىققا ئۈچ مەكتەپ ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش قوشۇلۇپ مېنى بەكلا ھارغۇزىۋەتكەچكە،كەچقۇرۇنلۇقى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئۇدۇل ھوجرا ئۆيىمىزگە كىرىپ ئولتۇردۇم، قۇپقۇرۇق ئۆيدە تويلۇق سۈرىتىمىزگە قاراپ  خىيال بىلەن قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىت بولغاندا قەدىريەنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن ئېسىمنى يىغدىم:
       -ئاكا!!
       مەن خىياللىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ سىڭلىمغا قارىدىم قارىدىم،بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئېسىلغان رەت-رەت سۇئال بەلگىللىرى مېنى سەل گاڭگىرىتىپ  قويدى. شۇڭا دەرھال كۆزلىرىمنى باشقا ياققا بۇراپ، كەڭ كەتكەن ئېتىزلىققا نەزەر تاشلىدىم.
       -شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ كەلگۈچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغىنىڭدىن قارىغاندا چوقۇم بىر نەرسىنى خىيال قىلدىڭغۇ دەيمەن، نېمىلەرنى خىيال قىلدىڭ بۇنچە بېرىلىپ؟
       -كىچىكلىكىمىزنى ئەسلەپ قالدىم شۇ، ۋاقىت نېمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە؟ بىر ۋاقىتلاردا تېخى بالا ئىدۇق،بىللە ئوينايتۇق.- دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردىم.
       - خۇداغا شۈكرى،ھېلىمۇ ياخىشى تىزراق چوڭ بولۇپتىكەنمىز، بولمىغان بولسا بىللە ئوينىدۇق دەپ يۈزۈمنى مۇشۇنداق چوقۇرلار بىلەن توشقۇزۋېتەتتىكەنسەنتۇق.-ئۇ شۇنداق دەپ بۇرنىنىڭ ئۈستىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى. بۇ مەن كىچىكىمدە ياسىغان ياغاچ پىچىقىمنىڭ ئۆتىدىغان ئۆتمەيدىغانلىقىنى سىناق قىلىپ قالدۇرۇپ قويغان ئىز ئېدى.
        -ۋاي ۋۇي، ئۆلگۈچە پىشانەمدە كولدۇرما قىلىپ جىرىڭلىتىدىغان ئوخشىمامسە بۇنى،ھەجەپ  تۈگەتمەي كەتتىڭ، يائاللا.
        -چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇم ئاكا. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا شۇ بالىلىق ۋاقىتلار شېرىن بولىدىكەن. ئەمما ئەسلىسەك ئەسلىسەك تۈگىمەيدىغان، مىڭ دېسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىشلار بۇ. شۇڭا بۇنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىي مەسىلە ئۈستىدە پاراڭ سوقايلىچۇ؟
         -مەن بىلەن نېمىلەرنى دېيىشمەكچىسەن؟سۆزلە ئەمسە قۇلۇقۇم سەندە. –تېشىمدا شۇنداق دەپ چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرغىنىم بىلەن،ئۇنىڭ ئەمەلىي مەسلىلەر توغىرلىق پاراڭلىشايلى دېگىنىگە قاراپ، ئىچىمدە ئۇ نۇرىمانگۈلنىڭ گېپىنى سوراپ قالسا قانداق جاۋاپ بەرسەم مۇۋاپىق بولار دەپ سەل خۈدۈكسىرەپ قالدىم.
     

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 57#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 18:36:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:10  


8


        -بالا چاقىللىرىڭ بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسەن؟ زۇمرەتكە قانداقراق مۇئامىلىدە بولىۋاتىسەن؟
       -ھە؟ -ئۇنى بۇنداق دەپ سورايدۇ دەپ ئويلىمىغان بولغاچقا سەل ھودۇقۇپراق جاۋاپ بەردىم.- ھە، ياخشى، ياخشىغۇ. نېمە تۇيۇقسىزلا بۇنى سوراپ قالدىڭ؟
      -سەن مېنى  سېنىڭ  بىلەن دېيىشىدىغان يەنە  نېمە گېپى باركىن دەپ ئويلىغان ئىدىڭ؟ بايا ئۆيۈڭگە كىرىپلا خۇددى گەمىگە كىرگەندەك بىر سوغوقچىلىقنى ھېس قىلىپ قالدىم ئاكا. خاتالاشمىسام ئاراڭلاردا توقۇنۇشلار خېلى بارغۇ دەيمەن؟ مەن سەن بىلەن دەل مۇشۇ ئىش توغىرلىق ياخشراق بىر پاراڭلاشماقچى.
       -يوق گەپنى قىلمساڭچۇ، بىزنىڭ ئارىمىزدا نېمە تۈگۈن بولماقچىدى يىشىلمىگۈدەك؟ بىر ئوبدان ئۆتىۋاتىمىز ئاينا، ھەممە ئىشلار جايىدا. بۇنى قويۇپ باشقا ئىشلار توغىرلىق پاراڭلىشايلىچۇ......
     -ئەستايىدىلراق بولغىنە ئاكا،مەن ساڭا چاقچاق قىلۋاتمايمە. سەن بىلەن بۇ ئىش توغىرلىق پاراڭلىشىپ كاللاڭنى ئازراق بولسىمۇ ئېچىلدۇرۇپ قويمىسام زادى بولمايدۇ بۈگۈن. تېمىدىن قاچماي سۆزۈمگە جاۋاپ بەرگىن بولامدۇ؟
       -ماقۇل، زادى نېمىنى بىلمەكچىسەن؟
       -بالىلارنى نېمىشقا بۇنداق ئۇرىسەن؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ئائىلەڭگە زۇلمەت ياغدۇرىسەن؟
       -كىم شۇنداق دېدى ساڭا؟
     -بۇنى كىمنىڭ دېيىش-دېمەسلىكى مۇھىم ئەمەس ئاكا، مۇھىمى سەن بۇنداق قىلمىغىن.ئائىلەڭنى قەدىرلىگىن. بالىلارنى بۇنداق كۆپ ئۇرمىغىن.  بۇنداق دېسەم بەلىكىم بالا گەپ ئاڭلىمىغاچقا ئۇردۇم،لىكىن قاتتىق ئۇرمىدۇم،قەسىتلەپ ئۇرمىدىم دېيىشىڭ مۇمكىن. توغرا سەن بىر دادا، سەن بۇنىڭغا ھەقلىقسەن، بالىنى تەربىيلىگىنىڭ دۇرۇستۇر. دادا دېگەن ھەر قانچە بولسىمۇ بالىسىنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، بالىسىغا يامانلىق قىلمايدۇ،قەسىتلىمەيدۇ. شۇڭا سېنىڭ ئۇلارغا ئۇرۇپ تەربىيە قىلىشىڭنىمۇ ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ياخىشى كۆرگەنلىكىڭدىن بولغان دەپ ئويلايمەن ۋە شۇنداق چۈشەندىم. لىكىن سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ، يوغان مۇشتۇمىڭ  ۋە  تۈرۈلگەن تەرىڭنىڭ  ئاشۇ يۇمران قەلىبلەرگە قانچىلىك ئازار ئېلىپ كېلىدىغىنىنى؟بۇ خىل كۆڭۈل ئاغرىقىنى بۇ نارىسىدىلەر ئەمەس خېلى خېلى پىشقان ئادەملەرمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ ئاكا.شۇڭا «دىل ئازار،خۇدا بىزار » دەپتىكەن. سەن بىزنى دادام ئۇرۇپ باقمىغاچقا چوڭ ئادەمنىڭ مۇشتىنىڭ كىچىك بالىغا قانچىلىك تېگىدىغانلىقىنى ھېس قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن. بوپتۇ بۇنىغۇ قويۇپ تۇرايلى تەن ئاغرىقى دېگەن يوقايدۇ بىر كۈن بولمىسا بىر كۈنى.ئەمما كۆڭۈل ئازارىچۇ؟ ئۇنداقتا يەنە يارلانغان كۆڭۈلگە رەھىمسىزلىك بىلەن قايتا-قايتا تىغ ئۇرۇلسىچۇ؟ سەن ساڭا قايتا-قايتا ئازار بەرگەن ئادىمىڭگە يەنە ئوچۇق چىراي ئاچالامسەن؟ بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى ئۇنداق قىللالمايسەن، ھەتتاكى ساڭا ئازار بەرگۈچى سېنىڭ قېرىندىشىڭ ياكى ئاناڭ بولسىمۇ. چۈنكى دۇنيادىكى نامراتچىلىقتىنمۇ قاتتىق ، ئازابىغا ئالدىراپ بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە دەل كۆڭۈل ئازارى. بۇ خىل ئازاپقا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ. توغرا، ئاتا-ئانىلار ناھايتى ئەپۇچان،لېكىن  ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قىلغان كەڭ قورساقلىقنى بالىلار ھەرگىز ئاتا-ئانىللىرىغا قىلىپ بولالمايدۇ.  سەن بۇنداق قىلىۋىرىپ بالىلارنىڭ ئۆزۈڭگە بولغان  كۆڭۈل مايىللىقىنى سۇسلاشتۇرمىغىن. بۇ ھەركىتىڭ ئارقىلىق تېخى ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان يۇمران نوتىلارنىڭ قەلبىنى قاتۇرۋىتىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. قاتتىق قوللۇقۇڭ ئۇلارنىڭ سەندىن رايىنى ياندۇرۇپ ، ساڭا بولغان ھۆرمىتنى يوقىتىدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى كېيىن كېرەكتىن چىققىنىڭدا سېنىڭ يالغۇز قېلىشىڭغا ، تايانىچسىز قېلىشىڭغا سەۋەپ بولىدۇ. يەنە كېلىپ سېنىڭ باللىرىڭ تېخى ئاغزىدىن سۈت ھېدى كەتمىگەن بالىلار،نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى تېخى بىلگۈچىلىكى يوق. شۇڭا ئاكا ، سەل سەۋىرچان بولۇپ، بالا تەربىيلەشتە بۇنداق ۋاستىلەرنى ئازراق قوللانغىن.بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىۋەرمىگىن، كۆڭۈل دېگەن نازۇك نەرسە، زەررىچىلىك  خورلۇقنى كۆتۈرەلمەيدۇ.  
      -بەك قايناپ كەتتى دېسەڭمۇ ئىچىمدىكىنى دەۋالمىسام بولمايدۇ ئاكا،خاپا بولمىغىن. بىز دادا باغرىدا قېنىپ يايرىيالماي،مېھىرگە چاڭقاپ چوڭ بولغان. شۇڭا دادسى تۇرۇپ  دادا مىھرىسىز ياشاشنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى دېمىسەممۇ ئۆزۈڭ ئوبدان بىلىسەن. شۇڭلاشقىمىكىن مەن سېنى باللىرىنى مىھىرگە قاندۇرۇپ چوڭ قىلىدۇ دەپ شەكسىز ئىشىنەتتىم. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە باللىرىڭنىڭ بىز كۆرگەن كۈندىنمۇ بەتتەررەك قىسمەتلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئاز ئەپسۇسلاندىم. دادا تۇرۇپ دادا مىھرى بولمىغان تۇرمۇش ئاپتاپسىز كۈندۈزگە ئوخشاش شۇنچىلىك بۇرۇقتۇرما بولىدۇ. باللىرىڭنى بۇ خىل زۇلمەت ئاستىدا قىينىمىغىن. ئۇلارغا مىھرىڭنى بەرگىن. بالىلىقتا ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بار. ئۇلارنى ئەركىن  كۈلۈپ-يايراپ چوڭ بولغىلى قوي.
     -ۋاي نېمىلەرنى دەيدىغانسەن ئۇكام،خۇددى مەن ئۇلارنى رىجىم ئاستىدا ياشاتقۇزىۋاتقاندەك.-ئۇنىڭ سۆزىگە بىر خىل گاراڭ ھالەتتە گەپ قىستۇرۇپ قويدۇم.
     -جىق كوتىلداپ بېشىڭنى ئاغرىتىۋەتكىنىمنى بىلىمەن، ئەمما قارسىغا سۆزلەۋاتقىنىم يوق. ئەسئەتنىڭ كىچىكىدە قانچىلىك چىچەن بالا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما ھازىر ئۇ تاغدىن گەپ قىلسا باغدىن جاۋاپ بېرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. چىرايىمۇ شۇنچىلىك چۈشكۈن.گەپ سورىسا يىغلىغىلى ئارانلا تۇرىدىكەن. ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىمدە بىلىكىدىن تۇتۇپ قۇچىقىمغا تارىتىۋىدىم  ۋايۋايلاپ كەتتى. كېيىملىرىنى قايرىپ قارىسام بەدەنلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ساپلا يارا،ساپلا كۆك. يۈزىمۇ ئىششىپ قاپتۇ. شۇنىداق ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. بالىغا ئازار بولمىسۇن دەپ كۆزۈمگە كېلىپ بولغان ياشنى يۇتىۋەتتىم. كىچىككىنە بالىنىڭ ھەر قانچە گۇناھى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ جازاغا لايىق ئەمەس ئاكا. خاتا قىلسا  چىرايلىق تەربىيە بەرگىن. ھېلىمۇ ئۇنىڭدەك بالىلار  بىكار ئوينىيالماي ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلىپ يۈرىيدۇ. ئەمما ئۇ ئۆيدە چوڭ ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ سىلەر بىلەن تەڭ. شۇڭا ئۇنىڭغا بۇنداق زۇلۇم قىلىۋەرمەي،ئازراق ئەركىنىلىك بېىپ روھى ئازادىلىك ھېس قىلدۇرغىن. بولمىسا بالىغا خاتا تۇيغۇ بېرىپ بۇزۇپ قويىسەن،ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا، تۆت كۈندە چوڭ بولىۋالسا ساڭا كۆرسىتشتىن يانمايدۇ.
      دېمىسىمۇ كىچىكىدە چىچەنلىكى، ھازىر جاۋاپلىقى بىلەن ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدىغان ئەسئەت،تولا تاياق يەپ،روھى زەربىلەرگە ئۇچىرىغاندىن بېرى بىر ئىشقا بۇيرىسا جىددىيلىشىپ جايىدا ئوننى پىرقىرۋىتىپ ئاندىن گەپنى ئاڭقىرىدىغان، ئەتىگەندە گەپ قىلسا چۈشتىن كىيىن جاۋاپ بېرىدىغان، قاچان قارىسىغا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەيدىغان، ئون قېتىم گەپ سورىسا ئىككى قېتىم ئاران جاۋاپ بېرىدىغان گومۇش مىجەز بالىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. قەدىريەنىڭ بۇ گەپلىرى تەسىر كۆرسەتتىمۇ بۇلارنى ئاڭلاپ  يۈزلىرىم سەل چىمىلداپ قالدى.
     -يانا بىر گەپ ئاكا،زۇمرەتكە ياخشىراق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇنىڭغا بېسىم قىلىۋەرمىگىن. ئۇ  ئاشۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ قىلچە ۋايسىماي  ئۆينىڭ جاپاسىنى تارىتقاندىن سىرىت سېنىڭ ئېغىرچىلىقىڭنى ۋە سەن تېپىپ بېرىۋاتقان  بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كۆتۈرىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن  ئاسان ئەمەس. ئۇ غەيرەتلىك بولغاچقىلا ئاشۇ قورسىقى بىلەن ھازىرغىچە ئېتىزدا سەن بىلەن تەڭ ئىشلەپ،ئۆيگە كىرگەندە ئاش-تاماقنىڭ دەردىدىن چىقىۋاتىدۇ.باشقا ئاياللار بولغان بولسا بۇ چاغقىچە ئانسىنىڭكىنى تاپقىنى نەچچە ئون كۈن بولغان بولار ئېدى. كۆتۈردىكەنغۇ دەپ ئازار قىلىۋەرمىگىن. سەن بەلكىم تېخى ئۇقمايدىغانسەن، ئۇ مۇشۇ قېتىم قورساق كۆتۈرگەندىن بۇيان تولا خاپىلىق تارىتقاچقا يىغلاۋىرىپ چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كېتىپتۇ. بۇنى ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىمدە تاسادىبىي پۇرسەتتە كۆرۈپ قالغانىدىم. تېخى ئەمدىلا ئوتتۇزدىن ھالقىغان بىر ياش ئايالنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولۇشنى ئەقلىمگە سغدۇرالماي يىغلاپ تاشلىدىم. ئۇ شۇچاغدا بۇنى ئاكىڭىزغا دېمىسىڭىز دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋالغان. ئەمما قىلۋاتقانلىرىڭغا قاراپ ئىچىمگە پاتقۇزالماي قالدىم. ئۇنى ئاسرىغىن، ھالىغا يەتكىن.ئەمدى بۇ ئۆمرۈڭدە ئۇنىڭدەك توختاشلىق ئايالدىن يەنە بىرنى ئۇچرىتالمايسەن. سەگەكرەك بولۇپ ساڭا بېرىلگەن سۆيۈنچىلەرنىڭ قەدرىگە يەتكىن ئاكا.....
      سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ تۇيۇقسىز جىمىپ قالدى ۋە ياشلىق كۆزلىرىنى يىراققا تىكتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئۈنسىز غاجلىماقتا ئېدى. تۇرۇپلا كاللامدا ئۆمرۈمدە مېنىڭ ئادەمدەك ياشىغان ۋاقتىم زادى قانچىلىكتۇ دېگەن سۇئال پەيدا بولدى. ئەمما شۇنچە ئويلاپمۇ بۇنىڭغا زادى مۇۋاپىق كەلگۈدەك جاۋاپ تاپالمىدىم.
       بىز كۆڭۈلسىز قايىتتۇق.تاماققا ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىزغا بالىلارمۇ قايتىپ كەلدى. سىڭلىم ئۇلارنى قۇچاقلاپ سۆيىۋاتقان شۇ دەملەردە  مەن باللىرىمنىڭ چىرايىدىكى شادىيانىلىق ۋە كۆزلىرىدىن چاقناپ چىققان سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرىغا قاراپ،بايىقى دېيىلگەن گەپلەرنىڭ  ھەق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۆيىمىزدىن ھەقىقەتەنمۇ مېھىر كۆتۈرلۈپ كەتكەن بولغاچقا ، خېلىدىن بۇيان بۇ ئائىلە باللىرىمغا  قىلچىلىكمۇ ئىللىقىلق ھېس قىلدۇرالمىغان ئېدى.
      ئاخشىمى خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىيالمىدىم.سىڭلىمنىڭ سۆزلىرى يادىمغا يېتىشى بىلەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئايالىمنىڭ يېنىغا باردىم. ئىككى قاتلىقىغا قارىماي يەتكۈچە جاپا تارتىۋاتقان بولغاچقا ئۇ خېلىلا جۈدەپ قالغاندى. قاتتىق ھېرىپ كەتكەن چېغى ئادەتتە شۇنچىلىك سەگەك  ياتىدىغان ئايال بۈگۈن سىلاشلىرىمنىمۇ تۇيماي ئۇخلاۋەردى. نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن  مەن پەنەرنى ئاستا ياندۇرۇپ ئۇنىڭ ياغلىقىنى قايرىدىم. كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىرە مېنى  خۇددى توك تەپكەندەكلا چۆچۈتىتى. كۆزلىرىم شۇنى ئىتراپ قىلىشقا مەجبۇر ئېدىكى سىڭلىم يالغان گەپ قىلمغاندى.
       بۇ ئۆمرۈمدە  ھەبىبە ئىككىمىزنىڭ ئاشۇ چاغدىكى  بىر پەس يوشۇرۇن ئاشكارە كۆيۈشىشىمىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا، مېنىڭ نە تىلغا ئالغۇدەك بىر ھېكايەم،نە ئەسلىگۈدەك بىر ئەسلىمەم يوق ئېدى. يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆتكەن  ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى  سۇسىز قۇدۇقتەك شۇنچىلىك مەنىسىز ھەم قۇرۇق دېيىشكە تامامەن بولاتتى. ئەگەر مېنىڭ ھېكايەم بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ ھېكايە باشقىسى بولماستىن دەل مېنىڭ ئايالىم ئېدى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 60#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 14:12:14 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:11  


(9)


       مەن ئىشقا چۈشۈپ ئىككى يىل بولغاندا ئۆيدىكىلەر ئۇيان مېڭىپ،بۇيان مېڭىپ ئاخىر زۇمرەتنى ماڭا سايە قىلدى.يا پالاق-پۇلۇق ھەبىبەنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا ئەكەلمەي، يا بىرەرسىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالماي،ھالى يامانلىق قىلىپ ئەلەڭلەپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە ئۆزۈممۇ بىلمەيلا زۇمرەت بىلەن تويلىشىشنى خالاپ قالدىم. ئۇنىڭ نە كىشى ئەيمەنگۈدەك گۈزەل رۇخسارى،يا بىر كۆڭۈلنى لال قىلغۇدەك سۈلكىتى بولمىسىمۇ، ئەمما شۈبھىدىن خالى ساپ قەلبى، تەۋرەنمەس چىڭ ئىتقادى ھەم ئۆزگىچە مېجەز خۇلىقى تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىلا كۆڭۈل مەيلمنى ئۆزىگە رام قىلدى ۋە ماڭا نەچچە ۋاقىتىتىن بېرى ئىزدەۋاتقان ئادىمىم تېپىلغاندەك تۇيغۇ بەردى.
       ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بەخىتلىك بولارمەن دەپ ئويلىغانىدىم.ئەمما ئىشلار دەسلىپىدىلا تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. كۆڭۈلسىزلىك توي كۈننىڭ ئۆزىدىنلا باشلاندى.ئۇ كۈنى مەن سەل چۈپەيلىك قىلىپ قالدىممۇ، ياكى مەن سودىغا بۇيرىغان بۇرادىرىم گېپىمنى چۈشىنەلمەي ئاشۇنداق قىلدىمۇ،ئىشقىلىپ مىھمانلار ئالدىغا قويۇلىدىغان سوۋغاتلىق بويۇم سەل ئاددى بولۇپ قالغانىدى. ئادەم دېگەن نەپكە تويماي ئۆتىدىغان نەرسىكەنمىز، ھەتتا نەپ ئۈچۈن كىچككىنە سەۋەنلىكنىمۇ بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۇنى بولىشىغا ئېچىتىدىكەنمىز. دەرۋەقە شۇ نەرسىنىڭ ئاددى بولۇپ قالغىنىغا قۇدىلىققا بىللە بارغان  مىھمانلار نارازىلىق بىلدۈرىشىپ،بارات شوجاڭنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئالدىمىزغا قويالىغىنى مانا مۇشۇنچىلىك دېيىشتى ۋە  قىز كۆچۈرۈپ ماڭغاندا مەن چۈشكەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشۈپ ئۇ نەرسىلەرنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا يۈزۈمگە ئېتىشتى.
        تويدىن كۆڭۈلسىز قايىتقان بولساقمۇ، ئايالىمنىڭ مۇلايىم خۇش تەبئىيتى دىلىمغا ئارامبەخىش ئاتا قىلىپ بۇ ئازارلىقلارنى تىزلا ئۇنتۇلدۇردى.ئۇ يېڭى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن توي قىزىلىقىغا ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ شۇنچە توسقىنىغا قارىماي، ھەرقانداق ياتسىراش ۋە تارتىنىشتىن خالى ھالدا،سالماق ھەم  يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كېپىنەكتەك ئۇياق-بۇياققا چېپىپ ، ھەممە ئىشلارنى رېتى بويىچە جايىدا قىلىپ ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ كۆزلىرىمنىڭ ئۇنى خاتا تونىمىغانلىقىغا ئىشىنىپ ناھايتى چەكسىز خۇشال بولدۇم.
       ئالەمچە بەخىتتىن بەھىر ئېلىۋاتقان شۇ شىرىن مېنۇتلاردا يېقىشلىق ئاپتاپنىڭ كەينىدىن جۇدۇنلۇق قارا قۇيۇنلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئېكەنمەن. توي بولۇپ ئۈچ ئايغىچە شۇنچە جىمجىت، ياخشى ئۆتۈشتۇق. بۇ جەرياندا مەن ئۇ ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلاردىن مەسىتخۇش بولۇپ،بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىز ،  بەتتام ھېس قىلىشقا باشلىدىم .تويدىن كېيىنكى بۇ ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە لەززەت مېنى تويدىن بۇرۇن ھېچقانداق  خۇشاللىققتىن بەھىرمان بولۇپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھوجىرامنىڭ  رەتلىلىك ،پاكىز تۇرىقى ۋە كۆڭۈلگە ئارامبەخىش ئىللىق پۇرىقى مېنى ھاياجانلاندۇرسا، زۇمرەتنىڭ قارلىغاچتەك ۋىچىرلاپ ئاپام دادامنڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشلىرى قەلبىمنى سۆيۈندۈرەتتى.شۇ كۈنلەردە  ئەتىگىنى ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا تەستە ئىشقا ماڭاتتىم، ئاخشىمى بولسا  ھەممدىن بۇرۇن ئالدىراپ ئۆيگە چاپاتتىم. مېنىڭچە بولغاندا ئىللىقلىققا تولغان ئاشۇ گۈزەل جەننەت ماكانىمدىن بىر مېنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق ئېدى.ئايالىمنىڭ يېشىنىڭ كىچىك بولغىنىغا قارىماي شۇنچە ئىش ئۇقۇشى ۋە توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھامىلدار بولۇشى كۆڭۈل مەيلىمنى ئۆزىگە مەھكەم تارىتتى بولغاي، تويدىن كېيىن ئۇنى بىلىپ بىلمەيلا شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
       تۆت ئايلارچە بولغاندا ئۇنىڭغا بىر ھاممىسىدىن تولا تېلىفۇن كېلىدىغان بولىۋالدى. بىزمۇ ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىشىشىغا ئامالنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بەردۇق. لىكىن كەلگەن تېلفۇن قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بارا-بارا ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەندى. ھاممىسى ئۇنىڭغا نەيرەڭلەرنى بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۆگىتىپ بولغان بولسا كېرەك . كىيىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى بىردىنلا توختىدى. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ماڭا ئارامچىلىق بولمىدى.ئۇ ھېلى ئۇنداق دەپ ئاغرىنىپ،ھېلى بۇنداق دەپ كوتىلداپ قىلمىغان قىلىقى قالماي، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا ھېلقى جودانىڭ چىقىشىغا سەۋەپكار بولدى.
      ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئورنۇمدىن ئازراق  قىمىرلاپ قويۇپ  خىيالىمنى ھېلقى جېدەلدىن كېيىنكى ۋەقەلەرگە بۇرىدىم.ئايالىم كەتكەندىن كېيىن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايلا قالدىم. چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم.بىردەممۇ يېنىمدىن نېرى قىلىشقا چىدىمايتىم. ئەمما ئۇ بۇ ئاجىزلىقىمنى چىڭ قاماللىۋېلىپ، مېنى قىيناشقا باشلىدى. قېيىن ئاتاملار ئۇقۇمۇشلۇق، ئېسىل ئادەملەر بولغىنى بىلەن كۆڭۈلچەك،سىپايە خەقلەر بولغاچقا ئۇنى مەن بىلەن كېتىشكە قىستىيالمىدى. نەچچە قېتىم كېلىپمۇ قۇرۇق قول قايتىۋاتقىنىمغا قورسىقىم كۆپۈپ ئاران تۇرغىنىمدا قېىيىن ئاپام دېگەن خوتۇن سەل قىتغۇر گەپتىن بىرنى قىلىپ قويدى.
       -بالام، ئاتا-ئانىسى يوق ئادەمدەك بۇنداق سالتاڭ كېلىۋەرمەي، كىلەركى قېتىمدا ئازراق قائىدىسىنى قىلغاچ ئاپىڭىزنى بىللە ئېلىپ كېلىڭ. شۇ چاغدا قىز بالىنى سىزگە قوشۇپ بېرىمىز.بۇرنىڭىزنىڭ قولىڭىزغا تىقىپلا بېرىپ ئەكتىۋېرىدىغان جاڭگالدىكى قامغاق ئەمەس ئۇ......
       -ئاغزىڭنى يۇم،نېمە قالايمىقان جۆيلىۋېرىسەن؟ قىزىڭىنى ئۆيىنى تۇتسۇن دەمسەن يا ئاجراشتۇرۋېلىپ سويۇپ يەمسەن؟ مۇشۇ پەلپەتىش گەپلىرىڭ قۇدىلارنىڭ قۇلقىغا يېتىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ ئويلاپ باقە؟ شۇڭا سەن ئۇششاق گەپنى ئاز قىلىپ بالىنى چىرايلىق يولغا سالدىغاننىڭ ئىشىنى قىل.-قېيىن ئاتام شۇنداق دەپ قېيىن ئاپامنى باسقاندىن كېيىن ماڭا:
       -دولقۇنجان بالام، سىز ھازىرچە رەنجىمەي قايتىپ تۇرۇڭ،زۇمرەتخانننىڭ يەنە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن ئاندىن سىز بىلەن قايتىپ كېتەر. ئوقىغان زىيالى بولغاندىكىن چوڭلارغا ئۆزىڭىز قاراپ بىرنېمە دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرارسىز. ئانىڭىزنىڭ بايىقى گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ يۈرمەڭ،خوتۇن كىشى ئەمەسمۇ،دەۋىردۇ.-دېدى.
       مەن شۇنچە جىدديلىشىپ ئالدىرغانسىرى ئۆيدىكىلەر بۇ ئىشقا پەرۋاسىز يۈرىۋەردى. بۇ مېنىڭ زەردەمنى قاينىتىپ بىر كۈنى ئاخىر پارتىلىدىم:
      -ئاپا، مېنىڭ تاقىتىم-تاق بولۇپ كېتىۋاتسا،نېمانداق ئالدىرمايسىلەر سىلەر؟
       -نېمە ئىشقا بالام؟ نېمە ئىشقا تاقەتسىزلىنىپ كېتىۋاتىسەن؟
       -زۇمرەت كېتىپ قالغىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى،ھېچ بىر ئەكلىشكە ئالدىرمايسىلەر دەيمەن.
       -ھە مۇنداق دېگىنە،ئۇنى بىز بىر قېتىم ساڭا ئەكىلىپ بېرىپ بولغان بالام.ئەمدى مۇنداق ئۇششاق ئىشلارغىچە بىز چوڭلارنى ئارلاشتۇرۋېلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا ئۆزۈڭ بېرىپ ئەكىلىۋەرگىن، قورقامدىكەنسەن يە بىزنى بىرگە ئېلىپ بارمىساڭ......
      ئاپامنى بۇنداق خۇپسەن گاس بولىۋېلىپ مېنى كىچىك بالىنى گەپكە سالغاندەك گەپكە سېلىشى ئىچىمنى بەكلا سىققاچقا ئاۋازىمنى بولشىغا قويىۋېتىپ دېدىم:
       -خۇپسەنلىك قىلۋاتامسەن يا گېپىمنى راسىت چۈشەنمەيۋاتامسەن؟ مېنى نېمانداق گەپكە سېلىۋىرىسەن!!
       -نېمانداق چېچىلىسەن بالام، ئۇ زادى نېمىشقا سەن بىلەن قايتىپ كەلمەيدىكەن سەۋەبىنى ئېنىق دېمەمسەن مۇنداق!
       -سەن ئۇنى پاتۇرماي كەتكۈزىۋەتكەن تۇرساڭ،ئۇ ئۆزى كەتكەن يارىم،ئۆزى كەلگەن يارىم بولۇپ مەن بىلەن قايتىپ كېلەمتى ئەمىسە؟ كۆزۈڭگە نېمىشقا سىغمايدىغاندۇ ئۇ سېنىڭ؟
       -نېمانداق دەيسەن؟ مەن نەدە ئۇنى پاتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلدىم؟ كاللاڭ ساقتۇ سېنىڭ؟ ئۆزىچە يوق ئىشلارغا خۇدۈك تارتىپ كېتىۋېلىپ ئەمدى مەن ئېگىلمىگۈچە كەلگىنى ئۇنمىسا ئولتۇرسۇن ئاشۇنداق،ئۇنىڭدىن ياخشىغا ئۆيلىيەلەيمەن تېخى مەن سېنى. بارمايمەن مەن ئۇ يەرگە.
       -كاللام ساق ئەمەس مېنىڭ، سەن ساق بېشمغا ئاغرىق تېپىت بېرىۋاتقاندىكىن كاللام ساق ئەمەس. ئۇ ئولتۇرالىغىنى بىلەن مەن بۇياقتا ئولتۇرالمايۋاتىمەن، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس بىلۋاتامسەن؟ - ئاچچىقىمدا ئالدىمدىكى قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۈستىگە مۇشىت بىلەن بىرنى قويىۋىدىم مەش سىڭايان بولۇپ قازاندىكى قىززىق سۇ ئاپامنىڭ ئېتىكىگىلا ئۆرۈلدى. كانايلارمۇ مۇشنىڭ زەربىسىدىن توروڭلاپ يەرگە چۈشتى.ئۇ ۋاي دەپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئاچچىق بىلەن:
       -سېنى شۇنچىلىك پاكىز چوڭ قىلسام قىلۋاتقان كۆڭلى قارلىقىڭنى قارا،  باققىنىمغا رازى بولمايمەن مەن. ھۈ...ھۈ...ھۈ...-دەپ مىشىلداپ يىغلىدى.مەنمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭغا ۋارقىرىغىنىمچە سىرىتقا ماڭدىم:
       -رازى بولمىساڭ بولما، ئوغلۇڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە شۇنچىلىك ئىچى تارلىق قىلىپ،خۇشاللىقىنى بوغۇشقا  ئۇرىنىۋاتقان يەردە، بۇ قىلقىڭدىن ھەيران قالمايمەن مەن. تونىمايمەن مەنمۇ بالسىنىڭ بەختىگە ئولتۇردىغان سەندەك ئاپىنى.
       ئاڭغىچە قەدىريە بىلەن جۇشقۇن يۈگۈرۈپ چىقىشتى ۋە ئۆيدىكى مەنزىرىدىن چۆچۈپ  مەندىن نېمىش بولدى ئاكا دەپ سوراپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئاپامنىڭ قېشىغا كېتىشتى:
       -مەشلەر ئۆرىلىپ كېتىپتىغۇ نېمىش بولدى ئانا؟
       -ۋاي، ئېتەكلىرىڭىز يۆلغۇ، كۆيۈپ قالمىغانسىز؟ ماندا قىلىڭە كۆرۈپ باقاي!
       -ياگو(چىش پاستىسى)ئەپ كېلەي سۈرۈپ قويامسەن يا ئاچا؟ بەك ئېغىر ئەمەستۇ؟
       -ئېچىشۋاتامدۇ ئانا؟جۇشقۇننى كۆيۈك دارىسىغا(دورىسىغا) بۇيرايلىمۇ يا؟
       ئېنى سىڭىللىرىمنىڭ مېنىڭ ھالىمغا پەرۋايى يوق ئاپامغا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشلىرى كۆزۈمگە سىغماي قەدىمىمنى تىزلەتتىم. خوتۇنۇمنى قانداق قايتۇرۇپ كېلىشنى شۇنچە ئويلاشقان بولساممۇ، كاللامغا ئىشنى ئاپام ئارقىلىق پۈتتۈرۈشتىن باشقا ھېچبىر چارە كەلمەي،ئاخىر يانا بىر قېتىم بېرىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. بۇ قېتىم ئۇ ئاپامنى تىللاپ بەرگەندىىن باشقا جۇشقۇن ۋە قەدىريە توغىرلىقمۇ بىرمۇنچە گەپ قىلىپ،ئەمدى ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى، بارسىمۇ پاتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سۆزىدە چىڭلا تۇرىۋالدى.
       ئامالسىز سالپايغان ھالەتتە  قايتىپ كەلدىم.بۇ بىرنەچچە ھەپتىدە كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلدىن ئوقۇغۇچىللىرىممۇ ياخشى كۈن كۆرەلمەي قالدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ كاللامغا ئاپامنىڭ ئاپىسى ئارقىلىق ئايالىمنى قايتۇرۇپ كېلىش كېلىپ قالدى.يەنە كېلىپ چوڭ ئاپاممۇ زۇمرەتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئۇنى قايىل قىلماق ئاسانغا توختايتى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال بارمىلى نەچچە ھەپتە بولغان قوشنا كەنىت باشلانغۇچ مەكتىۋىگە دەرىس ئۆتكىلى باردىم ۋە مەكتەپتىن يانغىنىمدا چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
       -مەن بۇ ئىشلارغا قول تىقسام قاملاشمايدۇ بالام،كېلىن مېنىڭ ئەمەس،ئاپىڭىزنىڭكى. شۇڭا ئۇ يەرگە يەنىلا ئاپىڭىزنىڭ بارغىنى تۈزۈك. دادىڭىز نېمە دەيدىكەن راست؟
       بۇ ئىشتا دادامدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتى.چۈنكى زۇمرەت ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھېلقى كۈنى ئۇ بەكلا خاپا بولغان ھەم شۇ چاغدا ناھايتى ئېنىق قىلىپ:
       -ئۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان شەرمەندە ئەمدى يۈزىنى قېلىن قىلىپ بۇ ئۆيگە كېلىپ يۈرمىسۇن. كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئۇنى. ئۇنىڭسىزمۇ سېنى يەنە ئون قېتىم ئۆيلىگۈدەك مادارىم بار مېنىڭ تېخى. ئەگەر يانا يېنىپ كېلىپ قالسا ھوجراڭغا ئۆينىڭ كەينىدىن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ھويلىغا دەسسەتمەيمەن ئۇ پاسىقنى.بولسا شۇ كەتكەنچە يوقالسۇن.-دېگەنىدى.
       چوڭ ئاپام بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن بىلەن بىللە ئاپامنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كەينىمگە مىنگىشىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. ئەمما ئاپام پەقەتلا گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى. مەن ئامالىسز زۇمرەت ئېيىتقان گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا دېدىم. سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئۇ دەرھال جۇشقۇن بىلەن قەدىريەنىڭ ئالدىغا باردى دە:
       -نېمىشقا ئاكاڭلارنىڭ ئايالىنى پاتۇرمايسىلەر؟نېمىشقا ئۇنىڭ كەينىدىن قالايمىغان گەپ تارقاتتىڭلار دەپ چالۋاقاپ كەتتى. بۇ گەپتىن چۆچىگەن ئىنىم بىلەن سىڭىلىم تەڭلا:
       -چىشلەپ تارىتمىغان بىز قاپتۇقمۇ ئەمدى؟ دېيىشتى.
       -سىلەر كېلىننىڭ خېتىنى بېرەلمەيۋاتىمىز، ئاكامغا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ تېگىشنى خالايدىغان ياخشى قىزلار كۆپ ئېدى. ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋالساق ئاكامنى قايتا ئۆيلەيتۇق دەپ يۈرۈپسىلەرغۇ مەھەللىدە. بۇنىڭدىنمۇ تېنۋالماقچىمۇ سىلەر؟- بۇ گەپ بىلەن تەڭ جۇشقۇن قوشۇمۇسىنى تۈرگەن پېتى سىرىتقا ماڭدى. قەدىريە جايىدا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇلاردىن مېنىڭ ئىچىم سىقىلىپ ئاپامنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ بېرىپ دېدىم:
       -زادى ئۇنى ئەكەلگىلى بارامسەن بارمامسەن؟
       -نېمە كەچكىچە شۇنىڭغىلا ئېسلىۋالسەن، جاھاندا شۇنچە كۆپ قىز بالا تۇرسا ساڭا شۇنىڭدىن باشقىسى چىقمامدىكەن زادى؟ نېمانچە تويمايسەن ئۇنىڭغا؟ قەدىريەنىڭ بۇ گېپى غەزىپىمنى قوزغاپ كاللامنى تۇرمۇزلاپ قويدى.
       -قىز بالا كۆپ بولسا تاپمامسەن ئەمىسە، قوپ ئورنىڭدىن، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغاندىن يانا بىرنى تاپ ماڭا! - شۇنداق دەپ ۋارقىرىدىم دە ئۇنى ياقسىدىن قاماللاپ تۇرغۇزۇپ تەستىكىگە نەچچىنى سېلۋەتكەندىن كېيىن كۈچ بىلەن قورسىقىغا تەپتىم.ئۇ يىقىلغىچە جۇشقۇن يۈگىرەپ كېلىپ تۇتىۋالدى. شۇ ئەسنادا چوڭ ئاپام جۇشقۇنغا ۋارقىرىدى:
       -نېمە ئۆلگۈدەك يۈگرەيسەن؟
       - بۇ بىر ئاجىز قىز بالا تۇرسا، يۈگۈرمىسەم ئاشۇ تېپىك بىلەن نەگە بېرىپ چۈشىدۇ،ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چوڭ ئاپا جىم بولۇپ قالدى.
       -بىر خوتۇن ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا ھۆرپىيىۋاتسەن ھە! نەرىڭ ئادەم سېنىڭ؟ سېنى ئاكا دېمەيمە بۇندىن كېيىن! –ئۇنىڭ بۇ گېپىگە مەنمۇ بوش تۇرمۇدۇم:
       -ئاشۇنداق قىلىمەن شۇ،نوچى بولساڭ سەنمۇ ئەرگە تېگىپ ،ئېرىڭ ئۈچۈن ھۆرپەي ماڭا ، قانداق؟
       -ئادەم سېياق مەخلۇق،ۋىجدانسىز ھايۋان، ساڭا قاراۋىرىپ قۇسۇپ قويماي يانا، ئاستا چىقىپ كېتىۋالاي.
       -ھەممىنى قىلغان سەن، مەكتىۋىڭدە تېنىچ ئولتۇرساڭ بولمامتى دەيمە، بۇ يەرگە كېلىپ ئىش بۇزغىچە......-ئۇ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى يۇتۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
       چوڭ ئاپام خېلى خىزمەت ئىشلەپمۇ ئاپامنى ئىندەككە كەلتۈرەلمىدى.ئاخىردا  دادام يوق پەيىتنى تاللاپ ئېلىپ بارغان بۇ جېڭىم نەتىجىسىز ئاياغلاشقاننى ئاز دەپ يەنە بۇ گەپلەر دادامنىڭ قۇلقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. دادام بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا:
       -ئادەم چوڭ قىلدىممىكىن دېسەم كالا چوڭ قىلىپتكەنمەن بىر كالا، كالىچىلىك ئەقلى يوق كالا. -دەپ بىرمۇنچە چالۋاقاپ كەتتى.
       مېنڭ مەنىسىز كۈنلىرىم يەنە باشلاندى. خۇددى نېشاندىن ئاداشقان قۇشتەك قاياققا مېڭىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلۋاتاتتىم. دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بالام ۋە يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك مەھبۇبەم بىلەن جەم بولۇش ئىستىكى ھەر ۋاقىت يۈرىكىمنى موجۇيىتتى.ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىز ئېدىم. قەدىريەنى كۆڭۈلسىزلا يولغا سالدۇق،ئۇ بۇ تەتىلدە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقى ئېيتىپ ياشلانغان كۆزلىرىنى دادام-ئاپاملاردىن بۇراپلا ماڭا قاراپمۇ قويماي پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتى.ھېلقى چاغدا سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان بولسىمۇ نېمىشقىكىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ تىنىچلىق تەلەپ قىلمىدىم. ۋوگزالغا كېلىشىممۇ ئۆزۈم خالاپ ئەمەس پۈتۈنلەي رەسمىيەت يۈزسىدىن بولغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنىمۇ ئانچە ئىچىمگە ئېلىپ كەتمىدىم.
     ھېلقى چاغلاردىكى خۇشاللىقتىن ۋە شادىمان كۈلكىلەردىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان قۇپقۇرۇق ھەم سوغۇق ھوجىرامدا خىيالغا پاتقىنىمچە يېتىپ كېتىمەن، ئاپام مېنى چاقىرىپ چارچىغاندا بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئۈستەلدىكى قۇرۇق قاچا بىلەن لىققىدە تاماق ئۇسسۇلغان قاچا يەڭگۈشلىنىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ. تۇرمۇشۇم شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە. ئۈچ ۋاخ تاماق تولۇق،ئەمما كۆڭۈل رايىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. تۇرۇپلا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بېچارە ھەم زەئىپ سېزىشكە باشلىدىم.ماڭا ئۇلارنىڭ تاماق يەتكۈزۈپ بېرىپلا  روھىيتىمنى نەزەرگە ئالماسلىقى پەقەت مېنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقىملا ئۈچۈندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. بۇ مەندە بەزى بىر ئاسىي خىياللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولدى.
      مېنىڭ خىيالىم،ئىچكى دۇنيارىم بىلەن كارى بولمايدىغان ئادەم نېمىشقا مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىدۇ؟ ماڭا ئۈچ ۋاخ تاماق ئەكىرىپ بېرىپلا ھالىمنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى سورىماسلىقىنىڭ ئۆزى ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولماي نېمە؟ئۇنداق ئادەم ئۆز ۋاقتىدا بالا باقماي ئىتنىڭ كۈچۈكىنى باقسا بولمامتى؟ توختا، مەن بۇنداق جىم يۈرىۋەرمەي ئاتا-ئانامنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ھېساپ ئېلىشىم كېرەك.شۇ خىيال بىلەن تەڭ بۇ ھەركىتىم ئۈچۈن خېلىغىچە مۇۋاپىق پەيىت تاللاپ يۈردۈم.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 66#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 08:13:14 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:12  


(10)


       پۇتىنىڭ ئالدىغىلا چۈشكەن تاماق قاچىسىدىن چۆچىگەن ئاپام ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كەتتى. بۇنىڭغا كېلىشتۈرۈپلا ۋارقىرىدىم:
       -ماڭا تاماق ئەكىرىمە بۇندىن كېيىن،يېمەيمە مەن تاماقلىرىڭنى.-ئۇ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلمىدى، ۋە «توۋا»دېگىنىچە يەردىكى نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.
       ئىشلارنى كىنودىكىدەك شۇنچە ئوڭاي بولىدۇ دەپ خېيال قىلىپ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئېكەنمەن. دېمىسىمۇ ئادەتتە شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل، مېھىربان ئاپامنى بۇنچىلىك باغرى تاشلىق قىلالايدۇ دەپ ئويلىمىغان ئېدىم ھەم ئۇنىڭ ماڭا يېلىنىشىنى كۈتكەن ئېدىم. ئەمما ئىش تەسەۋۇرۇمدىكىدەك بولماي قالدى.ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ راسىت دېگەندەك تاماقمۇ ئەكىرىپ بەرمىدى.ئامالسىز ئۆزۈم چاققان تاۋاقنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆزۈم تازلىدىم. توق ۋاقىتتا ئانچە بىلنىمىگەن بىلەن قورساق ئاچقاندا غېرىپلىق تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ كېتىغان گەپ ئېكەن.يېرىم كېچە بولغاندا چىدىيالماي ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ ئىشكاپلارنى ئاختۇرۇشقا تۇتۇندۇم.
       قېرىشقاندەك ئاپام دەل شۇ ۋاقىتتا ھاجەتخانىغا چىقىپ قايىتقان ئېكەن. ئۇ كېچىدە مېنى ئاشخانا ئۆيدە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەيران بولۇپ سورىدى:
      -ئۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسەن كېچىدە تىمسىقلاپ؟
      -ھېچ...ھېچنېمە، شۇ چىشىمنى چوتكىلاي دەپ....-خۇددى تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرىدەك ئوڭايسىزلىنىپ ئاران شۇلارنى دېيەلىدىم.
       -جاۋەنىنىڭ ئاستىنقى ئاغزىدا قاچىدا پولو با.-ئۇنىڭ با دەپ قويۇپ ئېلىپ يەمۇ دەپ قويماي كىرىپ كەتكىنىگە سەل قوسىقىم كۆپكەن بولسىمۇ ئىچىمدە يەنىلا خوش بولدۇم. ئەگەردە شۇنداق دېگەن بولسا ئۇ ئاپام بولغىنى ئۈچۈن ياق يېگۈم يوق، مەن تاماق ئىزدەپ چىقمىغان دەپ  ئەركىلەپ خۇي كۆرسىتىۋېلىشىم تامامەن مۇمكىن ئېدى...... ئاخىرنى كۆپ ئويلىمايلا تاماققا ھوجۇمنى باشلىۋەتتىم. چۈنكى قورسىقىم راسىتلا بەك ئاچقان ئېدى.
       تۇرۇپلا قىلۋاتقان قىلىقلىرىمغا، ھەرقېتىم باشقىلارنىڭ تومۇرىنى تۇتىمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويىۋاتقىنىمغا كۈلگۈم كېلىپ قالدى.ئەمما يەنىلا ھاماقەتلىكىمنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەي  خوتۇن خەق دېگەن ئاسانلىقچە تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان شۇنداق يامان نەرسە ئوخشايدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. مەن ئاخىرى بۇ ھىيلەم ئارقىلىق ئاپامنى ئېرىتىش بىر ياقتا قېلىپ ئۆزۈمنىڭ جېنىغا ئۆزۈم ئىكەك سالدىغىنمنى چۈشەندىم ۋە غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەددىمنى رۇسلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم.
       ئارىدىم ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى.مەن دادام ئاپاملارنىڭ چىرايىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىۋېرىشتىن زىرىكىپ، كۆزۈمنى يۇمۇپلا قېيىن ئاپاملارنىڭكىگە باردىم. كىم بىلسۇن، مەن تېخى ئېغىز ئېچىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا زۇمرەت نەرسىللىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىنى بىللە ئېلىپ قايتىشىمنى خالايدىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن خوشلۇقتا ئۆزۈمنى ئاسماندا ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. زۇمرەتنىڭ مەن بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىننى كۆرگەن چوڭلار ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇنى ئوچۇق چىراي ئېچىپ كۈتىۋالدى.مەن بۇنىڭدىن خېلى رازى بولۇپ قالدىم.
       ئايالىم قايتىپ كېلىپ بىر ئايدىن كېيىن يەڭگىدى. سەككىز ئايدا تۇغۇلغان ئوغلىمىز ئورۇقلىقىغا قارىماي شۇنچە ساغلام، شۇنچە تېتىك،شۇنچە چېچەن  ئېدى.ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىمىزنى باشقىچە خۇشاللىققا چۈمۈلدۈرۈپ بۇرۇنقى خاپچلىقلارنى ئېسىمىزدىن پاڭ-پاكىز كۆتۈرىۋەتتى. سىڭلىممۇ مەندىن رەنجىشنى ئۇنتۇپ ئەسئەتكە نۇرغۇنلىغان ئويۇنچۇق،كېيىم –كېچەكلەرنى ۋە ياخشى يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرگەن پېتى ئايالىمنى يوقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى مېنى شۇنچىلىك خۇشال قىلغان بولسىمۇ،ئۇنى ئىلگىرى قىلغانلىرىمنى كەچۈرمەيدۇ دەپ ئويلاپ ،ئۇنىڭغا چىش يېرىپ رەھمەت ئېيتىشقا ئالدىرمىدىم. ئەمما ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى سېزىپ قالغاندەك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەڭلىدى ۋە:
       -مۇبارەك بولسۇن ئاكا، بولسا مەڭگۈ مۇشۇنداق خۇشال ئۆتۈڭلار!-دېدى.-ھاياجانلانغىنىمدىن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋەتكىنىمنىمۇسەزمەي قاتپىمەن. ئۇنىڭ چاقچىقىدىن ئېسىمنى يىغدىم:
       -تېخىچە ئاچچىغىڭ بار ئوخشىمامدۇ ماڭا؟ قولۇمنى ئۈزىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشىمايسەن ھە ئاچچىقى يامان تەلۋە؟!
       -قەدىريە،رەھمەت ساڭا سىڭلىم!-ئاران شۇلارنىلا دېيەلىدىم. چۈنكى مېنىڭ كاللام ئايلىنىپ قالغان ئېدى، بەخىتتىن ئايلىنىپ قالغان ئېدى.قېرىنداشلىق مېھرى ئېلىپ كەلگەن بەخىتتىن ئايلىنىپ قالغان ئېدى.  مەن تاكى بۈگۈنگىچە قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ بۇنچىلىك ئىللىق بولىدىغانلىقىنى سەزمىگەن ئىكەنمەن.ئىچىمدە شۇنداق  پىچىرلىدىم:«ئەمدى بۇ بەخىتنى قەدىرلەيمەن....»
       -ھە؟ نېمە دېدىڭ ئاكا؟ ئىچىڭدە ئەپسۇن ئوقۇپ مېنى قارغاۋاتامسەن يا؟ پەقەتلا كەچۈرەلمەمسەن مېنى زادى؟
       -ماڭە ۋاي جىنتەك، خوشلۇقتىن خۇدۇمنى يوقىتىپ قويغىلىۋاتسام سېنى قارغىغىلى نەدە ۋاقىت ھازىر.سەت شەيتان......
       شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم يەنە ئىزىغا چۈشتى. گۈزەل ھاياتىنىڭ پەيزىنى قايتىدىن سۈرۈشكە باشلىدىم. ئەمما «يالاڭتۆشكە مىڭ پۇتلاش» دېگەندەك تۇرمۇشۇم ئىزىغا چۈشكەندە خىزمىتىم تازا دېگەندەك بولماي قالدى. مۇدىر بىزدىن سەككىز سائەتلىك ئىش ۋاقتىدا ئىش ئورنىمىزدىن ئايرىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئېنىقلا بىزنىڭ بەزىبىر ئەقەللىي مەجبۇرۇيەتلەرنى ۋاقتىدا بېجۈرىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتەتتى. شۇڭا مەن دېمەتلىك ئۈچىمىز داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ يۈرىۋەردۇق. بىر كۈنى ئۇ يىغىن ئېچىپ قاتتىق سېسىق سۆزلەر بىلەن بىزگە گەپ تەككۈزىۋالدى:
      -بەزەنلەر ئۆزۈڭلارنى بەك  قالتىس چاغلىماڭلار، ئالدىمىزدا ئەۋلىيا سىياقىغا كىرۋالغىنىڭلار بىلەن قانچىلىك ئېكەنلىكىڭلارنى بىلگۈچىلىكىمىز بار. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە تىرناقتا توختىغۇدەك ياخىشى يېرىڭلارنى تاپقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئادەمدەك يۈرگىڭلار بولسا بىزنىڭمۇ دەل شۇنداق.بىزنىڭمۇ  مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلماي يەپ-ئىچىپ يۈرۈشكە يۈرىكىمىز چىدىمايدۇ. ئەمما ھازىر دەۋىرنىڭ بورىنى كۈچلۈك، بوراننىڭ يۆلىنىشىگە بېقىپ ئىش تۇتمىغان ئادەم چۆلدىكى يىلتىزسز قامغاقتەك دەۋىر بورىنى ئالدىدا پۈكىلىنىشكە مەجبۇردۇر. شۇڭا بەزەنلەر سەگەكرەك بولىۋېلىشڭلار.ئەگەر يانا باشباشتاقلىق قىلساڭلار مەن مۇرادىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قويۇشتىن يالتايمايمەن. ما قېتىم ئىسمىڭلارنى ئاتىماي،ئەگەر يانا ئۆزۈڭلار بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ قالساڭلار مەندىن رەنجىمەڭلار! بەزەن قامغاقلار دىققەت قىلىڭلار، يىلتىزىڭلار ئاجراي دېدى.
       ناھايتى قېنىمىز قىزىق ۋاقىتلىرىمىز بولغاچقا ئارىمىزدىكى مەمەت ئىسىملىك بىرى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا مەن قامغاق بولغاندىكىن بوراندا ئۇچۇپ كەتتىم ئەمىسە، خوش! دەپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. قالغان ئىككىمىزمۇ مۇدىرنىڭ قايتا-قايتا قىلغان تەنىسىگە چىداپ بولالماي ، جاپاسى جىق ھالاۋىتى ئاز بۇ كەسىپنى تاشلاپ پۇلنى تۇتاملاپ تېپىشنى كۆزلەپ، بىرلىشىپ زەرگەرچىلىك دۇكىنى ئېچىشنى مەسلىھەتلىشىپ مەكتەپتىن ئايرىلدۇق. ئەلۋەتتە بۇ قارارىمىزدا ئاساس پۇل تېپىش ئەمەس،ھەق يولدا خاتىرجەم مېڭىش ئېدى.مەن قايتىپ كېلىپ نەچچە ئايغىچە ئاپام داداملارنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قۇتۇلالماي ئاخىر خوتۇن-بالامنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ،ئاپامنىڭ ساندۇقىدىن ئوغىرلىغان 34مىڭ كوينىڭ چېكىنى كۆتۈرۈپلا ھەسەن(مەن بىلەن زەرگەرچىلىك قىلماقچى بولغان ھېلقى بالا)بىلەن بىللە يۇرىتتىن چىقىپ كەتتىم.
       ئىشلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە ئوڭغا تارتىپ كەتمىدى.كۈتمىگەن يەردە دەسلىپىدىلا ئالتۇننىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ ھەسەن ئىككىمىز پايدا ئېلىش تۈگۈل ئازغىنە دەسمايىمىزنىمۇ سېلىپ بېرىپ،نەچچە ئاي ئېچىدىلا تىلىمىزنى ساڭگىلاتقان پېتى ئۆيگە ئۈندۇق. دادام ئاپاممۇ بۇنىڭغا ئارتۇقچە كايىماي ماڭا يەنە تەبەسسۇم بىلەن باغرىنى ئاچتى.ئايالىمنىڭ چىرايىدىنمۇ قىلچىلىك نارازىلىق ئۇچقۇنى كۆرەلمىدىم. بۇ ئىشلارنىڭ جۇدۇنسىز بىر تەرەپ بولغىنىدىن ئۇھ دەپ بۇندىن كېيىن بار مەسلەھەت ئىش قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ،ئۆيدە دادام تېپىپ بەرگەننى يەپ بىر مەزگىل جىم ئولتۇردۇم.
       ئايالىمنىڭ نوقىشىدىن چۆچۈپ  ئېسىمنى يىغدىم،ئۇ ئاستا سورىدى:
       -تېخىچە ئۇخلىمىدىڭىزمۇ؟ كۆزىڭىز ئوچۇق بولغىنى بىلەن ھېچبىر سېزىمسىزلا ياتىسىز،شۇڭا سەل ئەنسىرەپ سىزنى چاقىرىپ بېقىشىم.
       -ئۇيقۇم كەلمىدى خوتۇن، بېشىمنى قاتۇرىۋاتقان بەزى ئىشلار بار.
       -يەنە شۇ بالىنىڭ غېمىمۇ؟
       -ياق، سەن بىلمەيدىغان بەزى ئىشلار .- شۇنداق دەپ ئۇ تەرەپكە ئازراق سۈرۈلۈپ ئۇنىڭ قورساقلىرىنى سىلىدىم. ئەمما ئۇ قولۇمنى تۇتىۋالدى. مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ روشەن تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئۇ ھاياجانلانغانىدى.چۈنكى بۇ مېنىڭ كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بۇ بالىمىز تۆرەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم مىھرىمنى بېغىشلىشىم ئېدى.
       تۇرۇپلا مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نۇرىمانگۈل توغىرلىق پاراڭلاشقۇم كېلىپ قالدى.چۈنكى ئۇ ئىككىمىز ئارىسىدا شۇنچە گەپلەر چىققان بولسىمۇ زۇمرەت بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان ۋە خۇددى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىزدەك خىرمان يۈرگەنىدى.ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا  بۇ خىل پوزىتسىيەدە بولىشى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان بولغاچقا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلۋېلىش ھەم  مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇقۇشماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۋېتىشنى ئويلاپ ئۇنى چاقىردىم:
       -خوتۇن، ئۇخلاپ قالدىڭما؟
       -ياق تېخى، قانداق دەيسىز؟
       -سەن بىلەن پاراڭلىشاي دېگەن.
       -بولىدۇ ئەمىسە، قۇلىقىم سىزدە؟
       -سەن نۇرىمانگۈل ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىلىشكە قىزقمامسەن؟ئەجىبا بۇ ئىشلارنى پەقەتلا بىلگۈڭ يوقما؟
       -بىلگۈم يوقمۇ  ئەمەس، قىزقمايمەنمۇ ئەمەس. ئەپسۇس  ئىككىڭلارنىڭ نە قىزىققۇدەك،نە بىلگۈدەك ئىشىڭلار يوق شۇ.-ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
        -ماڭا شۇنچىۋالا ئىشىنەمسەن؟
       -بۇ ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك مەسلىسى ئەمەس. ئەگەر ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ، ئون بىر يىلدىن بېرى سىز بىلەن بىر ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ، پېشىڭىزدە ناماز ئۆتەپ كەلگەن تۇرۇقلۇق سىزنىڭ روھى دۇنيارىڭىزنى كۆرۈپ يېتەلمىگۈدەك دەرجىدە ھاماقەت ئەمەسمەن. سەزگۈم ماڭا شۇنى بىلدۈردىكى، ئۇ خۇتۇن ئىككىڭلارنىڭ  ئىشى بولۇشقا تۈگۈل، سىز ئۇ خۇتۇن بىلەن بىرەر ئىشىڭىز بولۇشنىمۇ ئويلاپ باققان ئەمەسسىز.
       يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرۇپ يەنە سورىدىم:
       -ئەمىسە مېنىڭ ئۇ خۇتۇنغا نېمىشقا شۇنچىلىك ئىتبار قىلدىغىنىمنى بىلگۈڭ يوقمۇ؟
       -بەلكىم ياشلىقىڭىزدا سىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىرەرسىگە ئوخشاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
        ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. چۈنكى نۇرىمانگۈلنىڭ بوم ئاۋازىدىن باشقا ھەممىلا يېرى ھەبىبەنىڭ ئەكسى ئېدى.ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە بېرىلىپ پاراڭلىشىشمغا ھەرگىزمۇ بىر غەيرى مەقسەت يوشۇرۇنغان بولماستىن، دەل ئۆتمۈشۈمنى قايتا بىر ئەسلىۋېلىش، شۇ گۈزەل ياشلىقمغا خىيالەن بولسىمۇ بىر قايتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئېدى.شۇڭا سورىدىم:
       -مېنى قانداقسىگە بۇنچە چۈشنىسەن؟
       -قاراڭ دولقۇن، ئەر-خوتۇن دېمەك قارىماققا ئىككى سۆزدەك قىلغىنى بىلەن نېگىزى يەنىلا بىردۇر. شۇڭلاشقا ئىككىمىزدە تەن باشقا بولسىمۇ قەلىب بىردۇر. شۇڭا بۇنىڭدىن ئۇنچە ھەيران قالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.-بۇ سۆزلەر مېنى شۇنچە ھاياجانلاندۇرغان بولسىمۇ ئاغزىمنىڭ  قاتتىقلىقىدىن ئاران شۇلارنىلا دېيەلىدىم:
       -ئەمسە ئۇخلىغىن !
       ئۇ جىمىپ قالدى. ئەمما مەن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم.چۈنكى ئايالىمنىڭ سۆزلىرى مېنى بۆلەكچىلا قىلىپ قويغانىدى.ئۇيان ئۆرىلىپ بۇيان ئۆرىلىپ خىيالىمنى نۇرىمانگۈل بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان ھېلقى كۈنگە بۇرىدىم. كېۋەزنىڭ تۇنجى تېرىمىگە چۈشكەن كۈنى ئايالىمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە چارۋىلارنى ۋە بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاپاملارنىڭ ئۆيىدىن كېۋەز قاچىلايدىغانغا تاغار ئارىيەتكە ئېلىپ كېۋەزلىككە باردىم.كېۋەزلىكتە ئايالىم بىلەن قوشۇلۇپ يەتتە چوكان رەتكە چۈشۈپ كېۋەز تېرىشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار خېلى مېڭىپ بولغاچقا مەن باشتىن چۈشۈپ يۈرمەي ئۇدۇل ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ چالا-پۇچۇق سالاملاشىۋەتكەندىن كېيىن  رەتكە چۈشتۈم. ئادەتتىمۇ ئادەم بار يەرگە كەلسەم گەپ قىلىش خۇمارىم قوزغىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، بىكار ماڭغۇچە يېنىمدىكى چوكاننى گەپكە سالغاچ تۇرمايمەنمۇ دەپ ئويلاپ بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەستىن پاراڭ باشلىدىم:
       -پاراڭلاشقاچ ئىشلەيلى، كىرىم قانداقراق بۇ يىل؟ ئىشلار ئوڭ بولىۋاتقاندۇ؟
       -بۇ شۇ سېلەردەك لوبەنلەرنىڭ (لاۋ بەن، خۇجايىن)قولىنىڭ كەڭ تارلىقىغا باغلىق ئىش، ئەمدى بىسمىللا دېدىققۇ تېخى بۇنىڭغا.-ئاۋازىدىن دەماللىققا كىملىكىنى پەرىق قىلالماي ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم.لىكىن كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە كاللامنى تۇرمۇزلاپ قويدى.ئالدىمدا نەچچە يىلدىن بېرى دېرىكىنى ئالالمىغان ئاشىقىم ھەبىبەنىڭ سىماسى تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا قارغىنىمچە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئاشۇنداق قانچە ئۇزۇن تۇردۇمكىن  بىر چاغدا ئۇ:
       -ھەجەپ غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ؟ بىرەر يېرىم چاتاق ئەمەستۇ؟
       -يا...ياق، شۇ ئۆزۈمچىلا بىلىپ بىلمەي شۇ....
       شۇ قىسقىغىنە پاراڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە گەپ  قىلىشمىدىم. چۈنكى ئۇ چىراي، ئۇ قىياپەت مېنىڭ تىلىمنى تۇتۇلدۇرۇپ قويدى. ئاخشىمى مەن ئايالىمدىن سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ داموللىنىڭ قوشنا يېزىدىن ئېلىپ كەلگەن ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.شۇ كۈنى كېچىسى مەن ئۇ چوكاننى ھەبىبە بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.كۈز ئالمىسىدەك چىڭ ھەم سىلىق يۈزلىرى،تىپىك ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس يوغان ھەم سەل ئىچكىررەك كۆزلىرى، خۇش پىچىم تۇرىقى،گەپكە چاققانلىقى ھەبىبەنىڭ ئۆزىلا ئېدى. پەقەت ئۇنىڭ ھەبىبەنڭكىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان ئاۋازى ئۇ ئىككىسىنىڭ باشقا باشقا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇلار بىزنىڭكىدە بەش كۈن ئىشلىدى. مەن بۇ جەرياندا پەقەت ھەبىبەگە بولغان ھۆرمىتىم يۈزسىدىنلا نۇرىمانگۈلگە باشقىلاردىن سەل ئالاھىدىرەك مۇئامىلىدە بولدىم. ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىلىقىم باشقىلارنىڭ مېنى خاتا چۈشىنىشىگە سەۋەپ بولدى. بىر ئەتىگىنى مەسچىتتىن يانغاندا   قوشنامنىڭ سۆزىدىن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم:
       -ئەدېش، چىقىشىپ كەتتىڭلار ھە؟ زۇمرەتتىن ئوبداندەكمۇ سىلىنىڭچە؟
     -سىلە مېنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس مەخەتجان، شۇڭا بۇنداق پەلپەتىش سۆزلەپ يۈرمەڭلار،سەت تۇرىدۇ.-ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. كاللامدا بۇ سۆزلەر ئايالىمنىڭ قۇلقىغىمۇ يەتكەنمىدۇ، ئۇ قانداق ئويلاۋاتقاندۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. خېلى ئۇزۇنغىچە  ئۇنىڭ بۇ ھەقتە گەپ ئېچىشىنى تاما قىلىپ يۈرگەن بولساممۇ ، ئۇ پەقەتلا ئېغىز ئاچمىدى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 68#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 17:08:55 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:14  



(11)

         
       نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەخەتجاننىڭ ئايالى تاجىگۈل بىلەن زۇمرەتنىڭ مەھەللىدە تۇرۇپ دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم:
       -زۇمرەتنىسا،دولقۇن بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسىلەر؟ يېقىندىن بېرى ئۇ سىزدىن ئۆزىنى ئەپ قاچىدىغان ، سىزگە سوغوق تېگىدىغان قىلىقلارنى قىلمايۋاتقاندۇ؟
       -بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆتىۋاتىمىزغۇ، مۇئامىلىسىمۇ ھېچ ئۆزگەرگىنى يوق. سوراپ قالدىڭىزغۇ بۇنى؟
       -دەيمىنا ئەمدى،يولدىشىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلشىپ بېرىدىغان ئايال لىيپڭ (لېي فڭ) لار چىقىۋاتقاندىكىن. –بۇنىڭغا ئەمدى زۇمرەتنى نېمە دەركىن دەپ قۇلىقىمنى تېخىمۇ دىڭلىدىم:
       -خاتا ئويلاپ قاپسىز تاجىگۈل، ئۇنداق ئىش يوق. گەرچە ھالىم بۇ بولسىمۇ يولدۇشۇمنى ئۇنداقلارنىڭ كۈتىشىگە تاشلاپ بېرىپ قاراپ ئولتۇرغىدەك يەردە ئەمەسمەن......
       -نېمىشقا قۇلقىڭىزنى يۇپىرىپ يۈرىۋىرسىز دەيمەن، دولقۇندىن كىرىپ سوراپ باقسىڭىز بولمامدۇ راسىت- يالغانلىقىنى؟ تىل تۇتقىڭىز بارمۇ يا ئۇنىڭ ئالدىدا؟
       -يوق ئىشلار ئۈچۈن ئېرىنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ،ئائىلە ئېناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ،ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى تەسلەشتۈرىدىغان ئۇنداق ھاماقەت ئاياللاردىن ئەمەسمەن. بەلكىم سۆزلىرىمنى چۈشنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،لىكىن چۈشەنمىسىڭىزمۇ دەيمەن.سىز ئۆمرىڭىزدە ھالال جۈپتۈم ،تايانچىم دەپ ئەقىدە قىلغان ئادىمىڭىزگە چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىشەنىچ بىلەن قارغىنىڭىزدا قەلىب ئەينىكىڭىزدىن قايىتقان نۇر بىلەن ئۇنىڭ روھى دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىشكە قۇربىتىڭىز تامامەن يېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ نېمە ئويلاپ نېمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قېلىشىڭىشدىن ئەنسىرشىڭىز ھاجەتسىز. ناۋادا كۆڭلىڭىزدە ئازراقلا شەك بولىدىكەن دۇغلاشقان قەلبىڭىز سىزگە يوق نەرسىلەرنىمۇ بار كۆرسىتىپ سىزنىڭ ئارامىڭىزنى بۇزىشى مۇمكىن......
       -ۋاي،ۋاي،ۋاي،ۋاي....تولا ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋەرمەي بولۇمسىزلىقىمنى تەن ئالغۇم يوقلا دەڭە بولدى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپ.
       -ئاغزىڭىزغا ئاگاھ بولۇپ يۈرۈڭ، سەت گەپلەر چىقىۋېرىدۇ مېنىڭ ئاغزىمدىنمۇ، قوشنىدارچىلىقتا يوق ئىشلار ئۈچۈن ئازارلىشىپ يۈرسەك ياخشى بولمايدۇ.ئىشلار بولسا كىرەرسىز ، خوش مەن كىرىپ كەتتىم.-ئايالىمنىڭ ئاياغ تېۋىشىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم.  
       تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، گەپ كۆتۈرمەي ياشاپ ئۆتىدىغان ئادەملەرمۇ بارمىدۇ؟ بىز ئىنسانلار باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلۋېلىشقا نېمىشقا شۇنچىلىك ئامراقتىمىز ؟ يائاللا.............. بىر چاغلاردا بالام تۇغۇلغاندىمۇ ئارقىمىزدىن خېلى گەپلەر چىققانىدى.چۈنكى بۇ خەقنىڭ نەزىرىدە بالا چوقۇملا توققۇز ئاي توققۇز كۈندە تۇغۇلارمىش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كىيىن تۇغۇلۇپ قالسا بۇ بېنۇرماللىق ھېسابلىنارمىش.  توۋا دەيمەن، نېمىشقا بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئېگىسى ئېرادە قىلسا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمىغۇدەك  شۇنچە ناداندۇر؟
       شۇ ۋاقىتلاردا ئەتراپىمدىكىلەر خىلمۇخىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشپ، مېنى ئايالىمدىن ھېساپ ئېلىشقا كۈشكۈرىتكەنمۇ بولغان، ھەتتا مېنىڭ  قىز ئالغان ئايالىمغا يوق يەردىن ئاھانەت چاپلاشنى خالىماي ئۇنى داۋاملىق ئۆز باغرىمغا ئېلىشىم،ئېگەمنىڭ مېنى ئۇزۇن ساقلىتىۋىرىشكە كۆڭلى ئۇنىماي بالدۇر ئەۋەتكەن ھەدىيەسىنى ھېچبىر شەكلەنمەستىن خۇشاللىق بىلەن قوش قوللاپ قوبۇل قىلىشىم ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەي بۇلار ئۆزى بىلشىدۇ،سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈج دەم يەپ قالغانمۇ تېخى تويدىن بۇرۇن دەپ بىزگە ھاقارەت قىلغانمۇ بولغان ئېدى.
       بۇ قېتىم بۇ گەپلەر چىققاندىن كېيىن مەن ئىزچىل زۇمرەت بۇنى مەندىن سورايدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلگەن ئېدىم. ئەمما ئۇ تا بۈگۈن كېچە مەن ئېغىز ئاچقانغا پەقەتلا سورىمىدى.بايىقى پاراڭدىن شۇنىسى ماڭا ئايدىڭ بولدىكى ئۇ ئاشۇ ئاددىيلا بىر ئېغىز سۇئالنىڭ ماڭا قانچىلىك ئازار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمنى قانچىلىك سۇسلاشتۇرىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنىدى. بۇلارنى ئويلاپ مەن ياراتقۇچىنىڭ ماڭا شۇنچىلىك بىر ئېسىل سۈپەت ئايالنى سىرداش قىلىپ بەرگىنىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولۇپ قالدىم.
       ئەتىسى مەن سەھەردە بىرىنجى بولۇپ ئاخشانا ئۆيگە توك تارىتتىم. چۈنكى بىز بۇ ئۆيگە كۆچكەن سەككىز يىلىدىن بۇيان ئايالىم  چىراغىسىز تاماق ئېتىپ كېلىۋاتقان، مەن چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىمنى باھانە قىلىپ   ئۇنى قەستەن قىيناپ كېلىۋاتقان ئېدىم. ئۇ بۇنى كۆرۈپ خۇددى دادىسى ھېيىتلىق بەرگەن كىچىك قىزلاردەك خۇشال بولۇپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.
       زۇمرەت ئاي كۈنى توشۇپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ پەقەتلا ئارام ئالالمايۋاتاتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ ئارام ئالغىن دېگىنىمگە قويماي سەھەردىلا مېنى باشلاپ ئېتىزغا چىقتى.  گەرچە ئۇنىڭ يېنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولساممۇ خىيالىم يەنىلا يىراق ئۆتمۈشكە سەپەر قىلدى.
        زەرگەرچىلىكتىن زېيان تارتىپ بىرمەزگىل ئارام ئالغاندىن كېيىن دوستۇم مۇختەرجان ۋە  زۇمرەتنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قاسساپلىق دۇكىنى ئاچتىم. دۇكان ئاچقان ۋاقىتلاردا ئاپام ھەر ھەپتىسى مەن ئۈچۈنلا بازارغا باراتتى. ئەمما مەن سودىغا كىرىشكەنسىرى ئىنساپسىزلىشىپ ئادەم ئىشلىتىشقىلا كۆڭۈل بۈلۈپ ئۇلاردىن ھال سوراشقا سەل قاردىم. ھەتتا بەزىدە سودا بىلەنلا بولۇپ كېتىپ،كۈن-كۈنلەپ مېھمانغا قاراپ،قاچا-قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۇپ چارچىغان دوسىتلىرىم، قېرىنداشلىرىم ۋە ئاپامغا بىر پىيالە چاي تەڭلەشتىنمۇ ئېرىنىپ يۈردۈم. شۇڭا ئۇلار بارا-بارا مەندىن يىراقلىشىپ كېتىشتى.ھەتتا ئېنىم بىلەن سىڭلىمنىڭمۇ مەندىن رايى قايتىپ كەتتى. يېنىمدا پەقەت مۇختەرجان بىلەن ئاپاملا قالدى.بۇنداق بولۇشى ھېلىمۇ جېدەللەپ ئاران تۇرغان مېنى بىراقلا يۈگەرتىپ تىزلا ھالسىزلاندۇرىۋەتتى.
       بۇ خىل تۇرمۇش بېسىمى مېنىڭ مۇئامىلەمنى ئۆزگەرتىپ قېرىنداشلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى يىرىكلەشتۈرىۋەتتى. ئۇلار بىلەن بولغان  ئارىمىزنىڭ يىراقلشىغا ئەگىشىپ  ئاخىر ئايالىم بىلەن قېرىنداشلىرىم ئوتتىرىسىغىمۇ سوغوق ئېقىم بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل تىنىچ تۇرغان ئايالىمنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ ناھايتى ئېچىنىشلىق بىر پاجئەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
       ئەمدىلا ئۆمىلىگەن ئوماق ئوغلۇمنىڭ ئېغىر دەرجىدە كۆيۈپ كېتىشى ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپ، بىزنى پاتپاراق قىلۋەتتى. تومۇز ئىسسقتا كۆيۈكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئوغلۇمنىڭ ئازابىغا كىشى بەرداشلىق بېرىپ بولالمايتى.كېچە-كېچىلەپ بالىغا قاراش ۋە چىدىغۇسىز ئىچ ئاغرىقى دەستىدىن ھالسىزلىنىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىمنىڭ بالىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، گەپ تىڭشاش ئۈچۈن ئاپامنىڭ ھوجرا ئۆيۈنى بېقىپ ئولتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئىشنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلگىنىمدە بالامنىڭ ھالىغا پەرۋا قىلماي  غەزەپتىن ئۇنى قاتتىق دۇمبالىدىم. شۇ چاغدا ئەسئەت بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئازراق ۋارقىراشساقمۇ قىرقىراپ يىغلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.
       قاسساپلىق قىلدىم دەپ نەپ دەردىدە قېرىنداشلىرىمنىڭ دىلىنى بەكلا ئاغرىتقان بولسام كېرەك،سودام بارا-بارا ئاقماي،بىر يىل ئېچىدىلا بۇ ئىشتىنمۇ قول ئۈزۈپ جىمىقتىم. شۇ چاغدا قىلغانلىرىم ئاپامنىڭ بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقمامدىكىن دەيمەن. ئاشۇ ۋاقىتتا كەم ئەقىللىق قىلىپ  قىلىپ قويغان بىر ئىشىم تا ھازىرغىچە يۈرۈكۈمنى تاتىلاپ مېنى خېجىل قىلىدۇ.
       بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى دادام سودامنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سوۋغا قىلغان قوچقارنى سويۇپ دۇكانغا ئېلىپ ماڭماقچى بولدۇم. ئادەم يىغىپ  قوينى سويۇشقا تۇرغان ۋاقتىمدا ئاپام چىقىپ كەلدى:
       -بالام، مانىڭدىن بىرەر جىڭ كەلگۈدەك كېسىپ بەرسەڭ ئەتىگەندە يېڭى گۆشتە تاماق قىلساق بوپتىكەن. گەپ قۇلقىمغا ياقمايراق دېدىم:
       -ماقۇل ، بىردەم تۇرۇپ تۇرغىنە  قولۇم سەل بوشىسۇن. –ئاپام خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ مەن يەنىلا پەرۋاسىز ئىشىمنى قىلىۋەردىم. گۆشنى پارچىلاي دەپ تۇرغىنىمدا ئاپام يەنە كۆزۈمگە كىرىۋالدى:
       -بالام،بولمىسا ماۋۇ بويۇننىلا كېسىپ بەرگىنە،خەقلەرمۇ ياراتمايدۇ بەرىبىر......
       -ھەجەپ گېپىڭ جىقكەن، بار گۆشتە تاماق قىلىپ تۇرساڭ بولمامدۇ بۇ يەرگە دېۋەيلەپ كېلىۋالغۇچە. مالدىن زېيان چىقىۋاتقاندا بېشىنى ئاغرىتىۋىردىكەنسە ئادەمنىڭ. كەلگەن پېتى ئېلىپ كېتىۋىردىغان ئېرىقنىڭ سۈيى دەپ قالدىڭما بۇنى؟  ھېلى پارچىلاپ ساناپ پايدا زىياننى ئايرىپ ئاندىن ئارتۇقىنى  كېسىپ بېرىدىغان نەرسە ئۇ ماندا.
       -بىكارلىق قوي بالاموي بۇ،ئاپاڭنىڭ كۆڭلىگە كېلە دېمەي شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا دەۋاتقان گېپىڭنى قارا سېنىڭ. كىمنى دوراپ مۇشۇنداق نامەرىد چوڭ بولۇپ قالغانسە. ئىسىت......-دادامنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ يۈىكىم قارىتتىدە قىلىپ قالدى ۋە دەرھال  گۆشنىڭ  ياخشى يېرىدىن كېسىپ  ئاشخانا ئۆيگە كىرگۈزدۈم. ئەمما ئاپام گۆشنى قايتۇرۇپ چىقىپ ئالدىمدىكى يېيىقلىق تېرىنىڭ ئۈستىگە پاققىدە تاشلاپ قويۇپ گەپمۇ قىلماي كىرىپ كەتتى. يۈرىكىم شۇنى سەزدىكى ئۇ يىغلىغان ئېدى. مەن بۇنىڭدىن نەچچە كۈنگىچە بېئارام بولۇپ يۈردۈم.
       ئەسئەت ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى دوستۇم مۇختەرجان بىلەن سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلدۇق.ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىزنىمۇ ئۆزىدىن ئىككى كېلومىتىر نېرىغا ئۆي سېلىپ چىقىرۋەتتى. مەن ھەممە قازاندا قايناپ چىقىپ ئاخىر دېھقانچىلىق قىلىشنى توغرا تاپتىم ۋە ئايالىمنىڭ يول كۆرسىتىشىم بىلەن خەقتىن بوز يەر سېتىۋېلىپ ئۆزلەشتۈردۈم. بۇنىڭغا قەدىريەنى زور چىقىملىق تىببى ئۇنۋېرسىتىتا ئوقۇتۇپ تېخى ئۇھ دېيىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا  ماڭا ئۆي سېلىپ ھالسىرغان داداملارمۇ قاراپ تۇرماي بار دەسمايىنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ ماڭا ياخشى يەردىن ئېتىز ئېلىپ بەردى.
       .ئايالىم ئىككىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىز بىر نەچچە يىلدىلا خېلى كۆتۈرلۈپ قالدۇق. بۇڭ جەرياندا مەن دېھقاننىڭ جەننەتمۇ ئازلىق قىلغۇدەك دەرقىدە شۇنچىلىك ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ دېگەندەك،ئايالىم جىكىلەپ تۇرمىسا مەن سۇ ئىچۋېتىپ تۇرۇپمۇ قۇدۇق قازغۇچۇمنى يادىمغا ئالالمايدىغان بولۇپ قالدىم. لېكىن  دادام ئاپاملار بۇنىڭغا ئېرەن قىلىپ بىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمىدى. بۇنىڭ بىلەن مەن شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ئاتا-ئانامغا ئازراقمۇ ۋاپادارلىق يەتكۈزەلمىگىنىم، ھەتتاكى ماۋۇ بالاڭلارنىڭ سىلەرگە ئاتىغىنى دەپ ھېچ بولمىغاندا  ئالدىغا بىر پارچىدىن  گۆش بولسىمۇ  قويمىغىنىمدىن ئانچە خېجىللق ھېس قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
       ئەسئەت كۆيۈپ قالغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈندۇر  ئۇنى تازا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىم، ئىككىنجى ئوغلۇم جۈرئەتنىڭ تۇغۇلىشى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى.ئۇنىڭدىن كېيىم مەن پۈتۈن مېھرىمنى ئۇنىڭغىلا بېغىشلىدىم.ئۈچىنجى تۆتىنجى ئوغلۇم بولسا ماڭا ئارتۇقچە بىلىنگەچكە پەقەتلا كۆزۈمگە سىغمايتى. بۇنىڭغا زۇمرەتنىڭ يانا ھاملىدار بولۇشى قوشۇلۇپ روھى بېسىمىمنى ئارىتتۇرىۋەتكەچكە، مەن خۇدۇمنى يوقىتىپ بىر مەزگىل ئۇلارنى زۇلۇم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قىلدىم. تاياق-توقماق ئۇلارنىڭ كۈندە يېمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئوزۇقىغا ئايلاندى.
       -ھەجەپ جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ بۈگۈن باشقا ۋاقىتتا سۆزلەپ ئاغزىڭىز يۇمۇلمايدىغان ئادەم؟ -زۇمرەتنىڭ گېپىدىن ئېسىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ ماڭا شۇنچىلىك بىئارام بولىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ :
       -ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ،قايتىپ كېتەيلىمۇ خوتۇن؟-دېدىم. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
       -سىز بىردەم قىلغاچ تۇرۇڭ، مەن ئۇلاغلارغا بىر نەرسە تاپاي قىرلاردىن، ئاندىن قايتىپ كېتەيلى. دېدى ۋە ئورغاقنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالدى.
       ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا يىراقتىن ئاڭلانغا يىغا ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارغىنىمچە ئايالىمنى ئىزدىدىم ئۇ پەقەتلا كۆرۈنمىدى. پۇت-قولۇمدا جان قالماي بايا ئايالىم كەتكەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. ئۇ ئېتىزنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرۋېلىپ قورسىقىنى مۇجۇقلىغىنىچە يىغلاۋاتاتتى. يۈرىكىم قارىتلا قىلىپ قالدى ۋە ئىتتىكلا:
       -قورسىقىڭ ئاغرىپ كېتىۋاتامدا؟ تولغاق تۇتقان ئوخشىمامدۇ؟ كەل! –دەپ ئۇنى كۆتۈرۈشكە ئۇرنىۋىدىم ئۇ قوللىرىمنى ئىتتىرىپ:
       -تولا سەتلەشمىڭە، ئۇنداق ئىش يوق، يۈرۈڭ قايتايلى !-دېدى ۋە ئالدىمدا مېڭىپ كەتتى.
       بىز چوڭ ئۆينىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇ ماڭا چوڭلار بىلەن كۆرۈشكەچ بالىلارنى ئېلىپ بېرشنى تاپىلاپ ئۆزى موتىسىكلىتنى ھەيدەپ ئېتىزلىققا  كېتىپ قالدى. يالغۇز كىرگنىمنى كۆرگەن ئاپام:
       -بالام،زۇمرەت قېنى؟ ئۇ ساقتۇ؟-دەپ سورىدى.
       -ساق ئاپا، ئۇ ئېتىزلىقتا ئوت ئورىۋاتىدۇ.-دېدىم پەرۋاسىزلا.
       -قارا ساراڭلىقىڭنى. ئايالىڭنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. ئۇنى ئەمدى ئۇنداق يالغۇز قويساڭ بولمايدۇ. ئاپام ھەيدىدى دېمەي بالىلىرىڭىنى ئېلىپلا ماڭ ھازىرلا.-ئاپامنىڭ ئىشىكتىن كىرمەي تۇرسام قوغلاپ چىقارغىنى سەل ھار كەلگەن بولسىمۇ زۇمرەتنى ئويلاپ ئىتتىڭ ئۆيگە چاپتىم. ئۇ مەن بېرىپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن موتۇسىكىلىتنىڭ توچىيىگە لىق ئوت-چۆپ باسقىنىچە قايتىپ كەلدى. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ كەلگەندىن كېيىنمۇ مىنۇت دەم ئالماستىن تاماق ئېتىپ قاچا-قۇچىلارنى يىغۇشتۇردى. ئاندىن كىر-قاتلارنى يىغىپ ،يۇيۇپ ئېسىۋىتىپ ، باش – كۆزىنى يۇيۇپ تارىدى.  
       بۇنىڭغا قاراپ بىر ۋاقىتلاردا ئەركىشى بولۇپ قالغىنىمدىن قاقشاپ «خوتۇن كىشى بولۇپ قالغان بولسام ئېرىم باقار ئېدى.»دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرىم يادىمغا يېتىپ قالدى.  لىكىن ھازىر بۇ ئويۇمنىڭ قلچە توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئاپام بىلەن زۇمرەتكە قاراپ ئايال كىشى بولماقنىڭمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.  چۈنكى بۇ دۇنياردا تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشايمەن دېيىش پەقەت مۇمكىن بولمايدىكەن. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئايال كىشىنى ئەركىشى باقتى دېگەن تەقدىردىمۇ يەنە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ كۆرەش قىلمىقى زۆرۈر ئىكەن.
       ئاخشىمى خۇپتەندىن قايتىپ كېلىپ يېتىپ كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرىۋىدى زۇمرەت چاقىرىپ ئارامىمنى بۇزدى:
       -دولقۇن، تۇرىڭە!
       -نېمە بولدى ؟ تاڭ ئاتتىما؟
       -ۋاي ياق، ماڭا ياردەملىشىپ ما قولچىراغنى تۇتۇپ بېرىڭە نان يېقىۋالاي، ئەسئەتنى چاقىرسام ھېچ قاملاشتۇرغلى ئۇنماي جىق گەپ قىلغۇزۇپ كېتىۋاتىدۇ. تونۇر سوۋۇپ قالامدىكى دەپ ئالدىراپ قالدىم.
       -ئىشىڭمۇ تولىكەن سېنىڭ، شۇنچە ئىشلەپ چارچىمىدىڭمۇ؟ ئەتە ياقساڭ بولمامدۇ ناننى بۈگۈن ئارامىڭدا يېتىپ؟
      -خېمىر ئېتىپ قويۇپتىكەنمە شۇ يېقىۋىتەي دېدىم، تۇرىڭە تىز! –ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى ئۇۋلىغىمچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تونۇر بېشىغا چىقتىم.  يوغان بىر داس خېمىر تونۇرغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئالدى-ئارقامغا قارىماي كىرىپ يېتىۋالدىم،ئەمدىلا بېشىمنى قويىۋىدىم، قېرىشقاندەك زۇمرەت يانا چاقىردى:
       -ۋاي ياتساڭ بولمامدۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتقۇچە، ھەجەپ جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمايدىغان خوتۇنكەنسەن، ئادەمنىمۇ ئۇخلاتماي كەتتىڭغۇ......
       -شۇ ياتالمايۋاتسام.......ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقماي قالدى. مەن خۇددى بىر ئىش يادىمغا كەلگەندەك چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

مەنبەسى 72#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 09:14:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 13:20  

(12)


       -ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسەك ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن؟
       -ھە؟نېمە بالا؟ ئۇ بوشىنىپ بولغانغۇ؟-دوختۇرنىڭ گېپىدىن چۆچۈپ سورىدىم.
       -قانداق گەپ بۇ؟ ئايالىڭىز ھامىلدار بولغاندىن بېرى ئۇنى بىرەر قېتىممۇ تەكشۈرتۈپ باقمىغانما؟-بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
       -بىرنىجى قېتىملىقى بولمىغاندىكىن دەپ شۇ ......-دېيىشىمگىلا دوختۇر ئايال چالۋاقاپ كەتتى:
       -ئونىنجى قېتىملىقى بولسىمۇ ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرىشىڭىز كېرەك ئېدى، نېمانداق مەسئۇلىيەتسىز ئادەمسىز!
       -ئايالىمنى يەنە بىرنى  يەڭگىيدۇ دېمەكچىمۇ سىز؟
       -دېمەكچىما ئەمەس،بالا قوشكېزەككەن شۇ. ئايالىڭىز  ھەددىدىن زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولغاچقا بىرنى تۇغۇپلا ھالسىزلىنىپ يىقلغان گەپ.ھېلىمۇ ئۇ غەيرەتلىككەن، بولمىسا بەدەن ساپاسى ئۇنىڭكىدەك ناچارلىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ بۇنچىلىك بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئېدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمۇ بەك كىچىككەن ئەمەسمۇ، شۇڭا تۇغىتىمۇ بىر قەدەر ئاسان بولغان گەپ. بىرنىغۇ ئۆزى تۇغۇپتۇ، ئەمدى شۇ ما بىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ بىرنېمە دېمەك تەس.تولغاق يەۋاتقىنىمۇ خېلى بولدى ئەمەسمۇ،بالىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.-دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىمدىن بىر چېلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. پۇشايماندا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئۆزۈمنى نەچچىنى تەستەكلىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى.
       -ئەمىسە چاققان ئوپراتسىيە قىلىڭلار،نېمىگە قاراپ تۇرسىلەر بۇ يەردە؟
       -ئەمدى بەك ئالدىرايمىزغۇ يىگىت؟ ئىشلار ئۆز قائىدىسى بويىچە بولىشى كېرەكتۇ؟ سىز بېرىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ،كىلشىمنامىگە قول قويۇپ كېلىڭ،ئاندىن كىرىمىز ئوپراتسىيەگە، چاققان بولۇڭ!
       -ماقۇل، بىرەر چاتاق چىقماس؟
       -چاتاق چىقىش چىقماسلىقى ئاۋال ئېگىسىگە ، ئاندىن بىزگە باغلىق، ئامالنىڭ بارىچە تىرشىمىز ئىشقىلىپ.
       جىدديلەشكىنىمدىن يۈگرەپ  يۈرۈپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتەۋاتىمەن،ئەمما كاللامدا ئۇنىڭ تۇغۇتىدىن بۇرۇنقى ئىشلار كىنو لېنتىسىدە بىر-بىرلەپ ئايلانماقتا ،  ئىچمدە بىر  ئاچچىق  ھەسرەت كۆۋەجىمەكتە ئېدى، ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئىسكەنجىسىگە ئالماقتا ئېدى. شۇ تاپتا  ئىچىمدە ياراتقۇچىدىن ئۇنىڭغا نۇسرەت، ئۆزۈمگە بىر پۇرسەت تېلىمەكتە ئېدىم.
       ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشكى ئېچىلغاننى كۆرۈپ  دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئەمما دوختۇرنىڭ قايغۇلۇق چىرايىغا قاراپ پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالماي يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم.  سەزگۈم ماڭا بىر مۇدھىش خەۋەر ئاڭلايدىغىنمنى  بىلدۈرگەن ئېدى.شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھەممىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا،ياخشى قىلمىغان يەرلىرىمنى تولۇقلىۋالغان بولسام دەپ ئويلاپ كەتتىم.
       -ئايالىڭىز ساق-سالامەت، ئەمما بالىڭىز ....... يەيدىغان رىسقى شۇنچىلىك بولسا كېرەك.....
       نە يىغلىشىمنى نە كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايالىمنىڭ تىنىچ-ئامانلىقى مېنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ ، بالامدىن ئايرىلىپ قالغىنىم ئۈچۈن يۈرىكىم خۇددى  بىر يېرىنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئېلىۋالغاندەك  ئېچىشىپ مېنى چىدىغۇسىز دەرجىدە قىيناۋاتاتتى. ئىچىمدە نالە قىلىشقا باشلىدىم:«ھەقلىقسەن،قىلمىش-ئەتمىشلىرىم،كەلسە-كەلمەس سۆزلىرىم ئۈچۈن مۇشۇنداق جاۋاپ ئېلىشقا ھەقلىقسەن، بەرگەن نېممەتلىرىڭنى تونىمىغىنىم ۋە قەدرىلىمىگىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق سىناشقا ھەقلىقسەن.ھېممىتىڭگە قانائەت قىلمىغىنىم، ئېرادەڭنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلماي تەلۋىلەشكىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق جازالاشقا ھەقلىقسەن. بۇيرۇقلىرىڭغا ئىتائەت قىلمىغىنىم، سۆيۈشۈم ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن گۈزەل قەلىبلەرنى سۆيۈشنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق قىيناپ،بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارىتقۇزۇشقا ھەقلىقسەن. سەن نەقەدەر ئۇلۇغسەن ئاللاھىم،سەندىن مىننەتدارمەن، ماڭا يانا بىر قېتىم ئۆزۈمنى تونىۋېلىش، ھەقىقى ياشاش پۇرسىتى بەرگىنىڭدىن مىننەتدارمەن.»
         ئايالىمنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىشىپ، قېيىن ئاپاملار كېلىپ يوقلاپ بولغاندىن كېيىن،ھەممە ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋىتىپ،ئۇ ۋە بوۋاقنى  قەدىريە بىلەن ئاپامغا تاپشۇرۇپ، ئەتىگەن يىغا-زارە ئىچىدە قېلىپ قالغان باللىرىمنى باغرىمغا ئېلىپ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە چاپتىم.
      ئۆيدىكى  پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا،باللىرىمنىڭ ھېچنەرسىدىن قىسلماي خىرامان يۈرگىنىگە قاراپ، ئىشلارغا يەنىلا ئايال كىشىنىڭ ئېپى بار ئىكەن دەپ ئويلىدىم.  مانا ئەمدىلىكتە تۆنۈگۈن ئۇنىڭ ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ  ئۈلگۈرگىنىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. ياتىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى يېنىمدا ياتقۇزماقچى بولىۋىدىم، ئەمما ئۇلار دەسلىپىدە سەل يىتىرقاپ، قورۇنۇپراق  قېشىمغا كەلدى. كېيىن بىردەملىك ئويۇن- چاقچاق بىلەن تەڭ  ئۇلار ھەممىنى ئۇنتۇلۇپ مەن بىلەن شۇنچىلىك ئىجىل بولۇشۇپ كەتتى. بالىلارنىڭ كۆڭلى قىلچىلىك كىر كۆتۈرمىسە كېرەك،كىچىككىنە مىھىر-مۇھەببەت، كىچىككىنە ئەركىلىتىش ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ  بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان ئېدى. شۇ دەملەردە  ئۇلار كۆزۈمگە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كېتىشتى. ئويلاپ قالدىم، توۋا، بۇرۇن باللىرىمنىڭ بۇقەدەر  ئوماقلىقىنى نېمىشقا سەزمىگەن بولغۇيتۇم زادى؟
       باللىرىم يېنىمدا ھېچنىمىدىن غەمسىز ھالدا يېنىڭ نەپەس ئېلىشىپ،تاتىلىق ئۇخلاشماقتا، مەن بولسام ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلىيالمىدىم. ھەتتا ئاخشامدىن بېرىقى ھارغىنلىقمۇ مېنى تەسلىم قىلىپ بولالمايۋاتاتتى. تۇرۇپلا تۆنۈگۈن كېچىدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدىم......  شۇ چاغدا زۇمرەت شۇنچە قىينىلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئادەم چاقىرغىلى قويمىدى. كۆڭلۈمدە  ئۆزۈم تۇغاي دېگەندىكىن دەپ شۇنداق قىلۋاتسەندە دەپ ئويلىدىم. لىكىن يەنە بىر يەرلىرىم قويماي سورىدىم:
       -ئاپامنى چاقىرىپ كېلەيمۇ يا ھېي،بەك قىينىلىپ كېتەرسەنمۇ؟
       -بولدى قىلىڭە چوڭلارنىڭ ئارامىنى بۇزمايلى.
       -ئەمىسە ماشىنىنى تارتايمۇ؟
       -نېمە قىلىسىز؟
       -ئاناڭنىڭكىگە ياكى دوختۇرخانىغا ئاپىرارمەن.
       -تاينى يوق گەپ قىلمىڭە، تولغاق ھازىر تۇتقان بىلەن بۇ بالا تېخى قاچان تۇغىلىدۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم،تاڭ ئاتقۇچە بىر تەرەپ بولماي قالسا ئاندىن ئۇلارغا خەۋەر قىلارمىز. دوختۇرغا بارغان بىلەنمۇ دوختۇرلار تۇغۇشۇپ بەرمىگەندىكىن يەنىلا ئۆزۈم تۇغىدىغا گەپ شۇ. شۇڭا يەنىلا ئۆيدە بولغىنىمىز تۈزۈك.
       -ئەمسە قەدىريەنى بولسىمۇ چاقىرايمۇ؟
       -قانداق بولار؟
       -قانداق بولسا بولمامدۇ جان مەسلىسى بۇ.-شۇنداق دەپ بولۇپلا قولۇمغا تېلفۇننى ئېلىپ قەدىريەنىڭ نۇمۇرىنى باستىم. كۈتكىنىمدەك ئۇمۇ تېلىفۇننى تىزلا ئالدى.
       -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، يېرىم كېچىدە تېلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟ زۇمرەت ساقتۇ؟
       -ئۆزۈڭ نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ كېلەلەمسەن؟
       -كېچىلىك ئىسمىندا تۇرۋاتقان ئېدىم،ھازىرلىما؟ نېم بولدى؟
       -ئەگەر كېلىش ئىمكانىيىتىڭ بولسا كەلگىن ئۇكام، زۇمرەت يەڭگىيدىغاندەك قىلىدۇ.
       -ماقۇل، ئەمسە  مەن بېرىپ تىزراق يولغا چىقىدىغاننىڭ  ئامالىنى قىلاي.
        مەن تېلفۇننى قويۇپ، چېپىپ يۈرۈپ ئايالىم بۇيرىغان  نەرسىلەرنى تەقىلدىم. بىر دەمدىلا ھەممە ھازىرلىقلار تەييارلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ پاچاقلىرىنىڭ دىرىلدەپ تىتىرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  تۇرۇپلا تاقەتسىزلەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قانداق ياردەملىشىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم. ئۆي بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارلىقى يىراق  بولغاچقىمىكىن قېرىشقاندەك  قەدىريەمۇ خېلى ئۇزۇندا كەلدى. نەچچە سائەت تىركىشىش ئارقىلىق  ئەرزانغا يېقىن بالا تۇغۇلۇپ ئۇ ھوشىدىن كېتىپ قالدى.......
       ئەتىسى سەھەردە قوش مېغىزنىڭ بىرىگە ئىسىم قويۇپ،ئۆز قائىدىسى بويىچە ئۇزىتىشتۇق. كۆڭلۈم شۇ قەدەر يېرىم بولغان بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي ئىلاجىم  يوق ئېدى. دىدار كۆرۈشۈشكە نىسىپ بولمىغان بالام بىلەن خوشلىشىۋاتقان شۇ ئازاپلىق مېنۇتلاردا شۇنچىلىك گاراڭ ھالەتتە:« بەردەمرەك بولغىن دولقۇن، ساڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلىۋاتقان،قەلبىنى مېھىر بۇلىقى بىلەن سۇغۇرىشىڭغا تەشنا بولىۋاتقان بەش جۈپ قارا كۆز ئۈچۈن قەددىڭنى رۇسلىشىڭ كېرەك. ئەمدى بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭنىڭ ئازابىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلغىن. ئەمدى بىخۇد بولما ئىگەڭنىنىڭ سىناقلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىل.» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللي بەردىم. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى « ئانىسىنى خاپا قىلغانغا قىز بەرمەس» دېگەندەك بۇ باللىرىممۇ ئوغۇل ئېدى. بۇنىڭغا  قاراپ  مەن بۇرۇن ئاپامنى راستىنلا بەك رەنجىتكەن ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم.
          باللىرىمنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇلارنى ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ  ئىككى-ئۈچ كۈن ئايرىلىشقىنى ئۈچۈن ئانىسىنى كۆرۈپلا كىنولاردىكىدەك يىغلىشىپ كېتىشى، تېخى ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئاشقان كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئانىسىغا تويماي گىرە سېلىشلىرى،توختىماي يۈزىنى يۈزىگە يېقىشلىرى مېنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇپ، ماڭا قايتىدىن  مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
        كېسەلخانا ئىشكىدىن ئاپام،سىڭلىم،ئايالىم  ۋە باللىرىمنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ بەخىتتىن ھوشسىزلانماقتىمەن.شۇ تاپتا پۈتۈن جىسمىمدىن خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ،يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىكى يەڭگىل بىر بىئارامچىلىق مېنى قىيناپ  بۇ بەخىتتىن ئەركىن نەپەس  ئېلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ھەم بۇ ئارقىلىق  مېنى بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىمنى سەگەك بېسىشقا ئۈندىمەكتە ، ئىلگىركى خاتالىقلىرىم ۋە پۇشايمىنىم تۈپەيلىدىن قەلبىم كۆۋەجىمەكتە ئېدى. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم،ئىنسان قەلبى نېمىشقا شۇنچىلىك نازۇك ھەم يەنە نېمىشقا شۇنچىلىك كۆتۈرۈشلىكتۇ؟نېمىشقا شۇنچىلىك كەڭ،نېمىشقا شۇنچىلىك ئەپۇچاندۇ؟ئەقلىم بۇنىڭغا جاۋاپ بەردى، چۈنكى ياراتقۇچۇڭ ناھايتى ئۇلۇغدۇر، ئۇ ياراتقان ھەربىر نەرسىنى  ئۆز ھېكىمىتى بىلەن  ياراتقاندۇر. نۇمۇس،ئەلەم ۋە بەخىت ئىلكىدە شۇنداق دەپ پىچىرلىدىم:
                                         -كەچۈرۈڭلار قەدىردانلىرىم......

        
تۇگىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 00:42:12 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 08:49  

باشتا يازغىنىم يوقاپ كېتىپ ،قايتا يازغىنى تازا ئەپلەشمەي قالدى، شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي يوللىدىم، مەدىتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-10-26 08:37:43 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسىرىڭىز تولىمۇ ياخشى باشلىنىپتۇ، تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ئادەمنى جەلىب قىلىدۇ. داۋامىغا تەشنامەن. ئەسەر پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاندىن باھايىمنى يازغايمەن. ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 09:07:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 08:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسىرىڭىز تولىمۇ ياخشى باشلىنىپت ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىسمىللاسىدىلا سىزنىڭ رىغبىتىڭىزگە ئېرىشكىنىمدىن شۇنچىلىك خوش بولدۇم. دەسلىپتە شۇنچە ئىككىلنىشلەر بىلەن تەستە يوللىغانتىم، سىزنىڭ ئېنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن قارىسام خېلى ئەپلەشكەندەك تۇيۇلدى جۇما
      ئەمما مېنىڭچە سىزنىڭ ئەسرىڭىزگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئەسەر خېلىلا پۈچەك، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ رىغبىتىڭىز ئۈچۈن داۋامىنى ياخشى يېزىشقا تىرشىمەن.

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
5#
ۋاقتى: 2014-10-26 09:47:12 | ئايرىم كۆرۈش
ھە دىسىلا  بالا ئۇرىدىغان قاندا دادا بولغىيتتى بۇ ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدى بوكىس خالتىسى بولمىسا يا بالا دىگەن

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
6#
ۋاقتى: 2014-10-26 09:48:21 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى تىزرەك يازارسىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 11:14:50 | ئايرىم كۆرۈش
خاككىر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 09:48
داۋامىنى تىزرەك يازارسىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ

مەدىتىڭىزگە رەھمەت!

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2014-10-26 12:33:32 | ئايرىم كۆرۈش
ھەجەپ ئىچىم غەلىتلا بولوپ قالدى بۇ ئەسەر ئوقۇپ.مۇشۇ بالا ئۇرۇپ ئايال كىشنى خورلايدىغان دادلارنى كورسەم ئاچىغم تۇۋدىنلا تۇتىدۇ .
ئەسەرىنڭ باشنشى بەك ياخشى باشلىنپتۇ،نەتجىگە ئىرشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 12:54:24 | ئايرىم كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 12:33
ھەجەپ ئىچىم غەلىتلا بولوپ قالدى بۇ ئەسەر ئوقۇپ.مۇشۇ با ...

رەھمەت، چوقۇم دېگىنىڭىزدەك نەتىجىنى قولغ كەلتۈرۈشكە تىرشىمەن!

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

10#
ۋاقتى: 2014-10-26 13:27:59 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋزۇ مىنى بەك جەلۇپ قىلدى. مەزمۇنىمۇ ئادەمنى بەك قىزىقتۇرىدىكەن. داۋامىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تۈگىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزگە ئامەت تىلەيمەن....
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:39 , Processed in 0.248369 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش