|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 13:01
(3)
كېچىكىمدىن تارتىپ تۇرمۇشۇمدا باشقىلاردا بولمىغان بىر خىل ئەۋزەللىك باردەك ھېس قىلاتتىم. چۈنكى مەن ئائىلەمدە ھەددىدىن ئارتۇق كۆيۈنۈشتىن بەھرىمان بولغاندىن سىرىت يەنە مەكتەپتىمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولاتتىم. تاكى يۇرىتتىن ئايرىلىپ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغانغا قەدەر مەن باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش ئاددى ھەم نۇرمال ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرۈپ باققام ئەمەس ئېدىم.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاپامنىڭ يۈزى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرشىغا نائىل بولدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ۋە كۈندۈزلۈك مەشغۇلىيەتتە دەرىس ئاڭلاشتىن باشقا ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا مەن ھامان ئاپامنىڭ قۇيرۇقىدا ئېدىم. تولۇقسىز ئوتتىرىغا چىقىپ تېخىمۇ چەكلىمىسىز ياشىدىم. مۇدىرنىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن مەيلى قانچىلىك ناچار قىلىقلارنى قىلماي ئىسمىم يەنىلا ياخشىلار قاتارىدا ئېدى. تەنقىدتىن يىراق ئېدىم. دادام خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگىنى بىلەن بالا تەربىيلەشكە ئانچە كۆڭۈل بۈلۈپ كەتمىگىنى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرسىمۇ بۇنىڭغا تازا ئەستايىدىل پۇزىتسىيەدە بولۇپ كەتمىدى ۋە مېنى ئۆز ئەركىمگە قويدى. مەن بۇ يەردىمۇ ۋاقتىمنىڭ تەڭدىن تولىسى ساۋاقداشلىرىم ئارسىدا ئەمەس دادامنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزدۈم.
تولۇق ئوتتىرغا چىققاندىن كېيىن دادام ئوخشاشلا مېنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئەكىرمەي ناھىيلىك مائارىپ ئېدارىسىنىڭ ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى يېڭىدىم تەقسىم بولغان بىنا ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە مەكتەپكە كىرىپ-چىقىشىم ئۈچۈن موتوسىكىلىت ئېلىپ بەردى. مەن ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش مەكتەپ ئاخشانىسىدىن ئۆزۈم كۆتۈرۈپ چىققان قاچىغا ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىپ يىمەيتىم، چايدان كۆتۈرۈپ يىراقتىكى چايخانىغا چىقىپ چاي تالاشمايتىم.( ساۋاقداشلىرىمدىن مەكتەپ چايخانىسىدىكى چاينى بالدۇ چىقىپ تالشىپ ئالمىسا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.) موتۇسىكلىتىمنى ھەيدەپ ئۆزۈم خالىغان يەرلەردە تاماقلىناتتىم. ئۆيگە كىرسەم قازان-قومۇشتىن تارتىپ ھەممە نەرسە تەل ئېدى ، ھېچنىمىدىن قىسىنمايتىم. قىسقىسى مۇشۇنداق باشقىلارنىڭكىدىن ئالاھىيدىراق شارائىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش تەبىيلا مەندە بىر خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن ۋە مېنىڭ مەنمەنچى، ھاكاۋۇر خاراكتىرگە ئېگە بولۇپ قېلىشىمغا يول ئاچقان ئېدى.
سىنىپ تەقسىماتىدىن كېيىن دادام بىلەن خوشلىشىپ ،سىنىپ يىغنى ئاڭلاش ئۈچۈن مۇئەللىمنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سول تەرپىگە يېڭىدىن سېلىنغان ئاق رەڭلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋتىگە چىقىپ 1-يىللىق 5-سىنىپ دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان سىنىپقا كىردىم. سىنىپتا بىر قىز يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۋاتاتتى. مەن سىنىپقا كىرىپلا تۇنجى بولۇپ يۈز كۆرۈشكەن بۇ يېڭى ساۋاقدېشىم بىلەن تونۇشىۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزۈمگە يات بولمىغان بىرخىل شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىدىم:
-ياخشىمۇ سىز، سىزمۇ مۇشۇ سىنىپقا تەقسىم قىلىندىڭىزمۇ؟ ئىسمىڭىزنى سورسام بولامدۇ؟ - ئۇ گەپ- سۆز قىلماي بىر تال ۋاراقچىگە «ھەبىبە» دەپ يېزىپ ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە كىتاپتىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ قىزلارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن:
- ئىمسىمنى ياقتۇرمايمەن،شۇڭا باشقىلار سورسا ئېيتىپ بېرىشتىن بەك خېجىل بولىمەن.-دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا شۇنداق كۈلگۈم كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمغا نەزەر سالىدىغان بولسام ، ئەزەلدىن بىرەرىگە يول قويغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما نېمە سەۋەپتىنكىن ئۇنىڭدىن قايتا گەپ سورماي بېرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان تۇرقىغا قارغىنىمچە جىمجىت ئولتۇردۇم.
سىنپقا بالدۇر كىرۋالغان بولسام كېرەك، خېلى ئۇزۇنغىچە مەن بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقىدەك بىرەرسىمۇ كېلەي دېمىدى. ئۇ قېز مېنىڭ ئۆزىدىن گەپ تاما قىلىپ ئولتۇرغىنىمنى سەزمەي كىتابىنى بېرىلىپ ئوقىۋەردى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنى سەل بىنۇرمالدەك ھېس قىلىدىم. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز مېنىڭچە بولغاندا ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قويغان بىزگە ئوخشاش ياشتىكى تولۇق ئوتتىرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى كىتاپقا قارىغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەكرەك ئىتبار بەرگىنى تۈزۈك ئېدى. چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن كېلىشكەنرەك ئوغۇل ساۋاقداشلىرى يېنىغا كېلىپ قالسا ھەر قانچە مۇھىم ئىشلىرى بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ، ھىجىيىپ ئۆزىنى سۈركىۋېلىشقا ئاران تۇرىدىغان قىزلارنى كۆپ كۆرگەنىدىم. شۇڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇ قىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن كۆڭۈل-ئىتبارىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئەقلىنى-ھوشىنى ئېگىلىۋالغان بۇ سىرلىق ئېسىل ئەسەرنىڭ زادى قايسى ئەسەر ئېكەنلىكىنى بىلپ بېقىش ئىستىكىدە كىتابنڭ بىر بۇرجىكىنى ئاستا قايرىپ مۇقاۋىسىغا قارىدىم. ئۇ خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىپ قالغاندەكلا:
-مېنىڭ بىرىلىپ ئوقۇپ كەتكىنىمگە قاراپ سىزمۇ قىزقىپ قېلىۋاتىسىز ھە؟! ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز رومانى بۇ. ئەگەر ئوقۇغىڭىز مەندىن ئېلىپ ئوقۇڭ، تۈگەيلا دەپ قالدى. كەچكىچە بىكار قىلىپ بېرىمەن.-دېدى.
– سىزنىڭ بېرىلىپ ئوقۇغىنىڭىزغا قاراپ قىزىققىنىم راس، ئەمما مېنڭ تارىخى رومانلارنى ئوقۇشقا ئانچە ئىشتىياقىم يوق.- دېدىم مەن گەدىنىمنى قاشلاپ تۇرۇپ بىر خىل ئوڭايسىزلانغاندەك قىياپەتتە.
-تارىخى ئەسەرلەر بەزىبىر مەزمۇنى يوق، تېتىقسىز ئىجادى ئەسەرلەردىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟! مېنىڭچە ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك ھەم ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئەسەر بۇ. ئوقۇشقا سەرىپ قىلغان ۋاقتىڭىزغىمۇ رازى بولىسىز. مۇشۇ كىتاپنى ئەستايىدىللا ئوقۇپ تۈگتىدىكەنسىز كېلەركى قېتىمدىن باشلاپ تەبئىيلا تارىخى ئەسەرلەر بار تەرەپكە يۈگۈرىمىسىڭىز مانا مەن. كەچلىك مۇزاكىردىن يانغاندا كىتاپنى يەتكۈزۈپ بېرەي، ئوقۇپ بېقىڭە، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
مەن ئۇنىڭ ھە دېگەندىلا كىتاپ توغۇرلۇق سۆزلىشىنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ،ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنىچ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىلاجىسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ مەنمۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىردى ۋە ئارقىدىنلا يەنە كىتاپقا قارۋالدى. مەن ئۇنىڭ ئىسمىمنى سورمىغىنىدىن سەل ھەيران بولدۇم.
كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئۇ ھېلقى كىتاپنى ئالدىمغا قويۇپ قويدى. بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا قىلچىلىك رايىم بولمىسىمۇ ئىلاجىسىز :«ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا.» دەپ كىتاپنى ئاستا ۋاراقلىدىم. دەر ھەقىقەت تېخى نەچچە بەت ئوقا-ئوقۇمايلا مەنمۇ كىتاپقا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. شۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن باشلاپ ئەزەلدىن كىتاپ ئوقۇمايدىغان ،ھەتتا دەرىسلىك كىتاپلارغىمۇ نەزرىمنى سېلىپ قويمايدىغان مەن قىزنىڭ ئېيىتقىنىدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشقا باشلىدىم.
سىنپىمىز ئىجتىمائىي پەن سىنپى بولغاچ باللارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئويۇنچى ئېدى، بىز بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا سىنىپقا پېتىشماي قالاتتۇق.ئەمما ھەبىبە ھېچقايسىمىزغا ئوخشىمايتى. ئۇ خۇددى بىز بىلەن ئايرىم بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان سىنىپتا ھەر ۋاقىت كىتابىغا قارغىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى. دەرىس ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۇ بىرەرسى كېلىپ گەپ سوراپ قالمىسىلا قەتئىي گەپ قىلمايتى ۋە كۈلمەيتى. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى باشقىلار ئۇنىڭدىن دەرىس سورىسا ئۇ تەرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن:
- ئەمسە قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار ھە، پەقەت بىر قېتىملا دەپ بېرىمەن، ئىككىنجى قېتىم قايتا تەكىتلىمەيمەن.-دەيتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كەسكىن، دېگىنىنى قىلدىغان بىر قىز ئېدى.ھەرقانداق گەپنى ناھايتى ئېنىق قىلىپ تۇرۇپ بىر قېتىملا دەپ ئىككىنجى قېتىم قايتا تەكرارلىمايتى. شۇنىڭغا يارىشا ئۆزىنىڭ تۇتۋېلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى ئېدى. مەيلى باشقىلارنىڭ ئىسملىرى بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرىس مەزمۇنى بولسۇن پەقەت بىرلا قېتىمدىلا تۇتۋالالايتى.ئىشىقىلىپ دەرسى ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش قىلغىنىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتى. قاچان قارىسا قولىدا تارىخى ئەسەرلەرنىڭ تۇرغىنى تۇرغان ئېدى. ئۇنىڭ بۇ مىجەزى بىزگە ياقماي ئۇنى ئانچە ئارىغا ئالغۇمىز كەلمەي قالدى.ئەمما ئۇ بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىزدىن خۇشالدەك شۇنچە پەرۋاسىز ھالەتتە يۈردى.
ئىككنجى ماۋسۇمدا ئويلىمىغان يەردىن بىز ئۆزىمىزچە ياراتمايدىغان بۇ غەيرى مىجەزلىك قىز ھەبىبە پۈتۈن بىرىنجى يىللىقلار بويىچە بىردىنبىر «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. ئۇ سەھنىگە چىقىپ تەقدىرنامە ئېلىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ئادەتتە بىر نەرسىلەر ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان مەندە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل ھاياجان ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللەندى. توغرىسىنى ئېيىتقاندا ئۇنىڭ قارارىمىزدىكى يەتتە سىنىپ ئىچىدە بىرىنجى بولۇشى قەلبىمىزدىكى ئورنىنى بىراقلا كۆتۈرۋەتكەندى.
يېڭى ماۋسۇمدا بىز ئۇنى سىنىپىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش باشلىقى قىلپ تىكلىدۇق. ئەمما بۇ ئەسلىدىكى ئۆگۈنۈش باشلىقىمىزغا ناھايتى ئەلەم قىلدى. ئۇ لاياقەتلىك بولالمىغان ئىمتاھان قەغەزلىرىنى قۇچاقلاپ يىغلامسىرىغىنىچە:
- مەن يىگەن تامىقىمغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلالمىغاندىن كېيىن ئەمدى تاماق يېمەي ئۆگۈنۈش قىلىمەن.تاكى ئار-نۇمۇسۇمنى ئاقلاپ چۈشكەن ئىززىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەنگە...........
-ئايتىللا، قاچانغىچە تاماق يېمەيمە دېدىڭىز؟ كەچكىچىمۇ ياكى ئەتىگىچىمۇ؟ -مېنىڭ ئۇنىڭ غەلىتە گەپلەرنى قىلىۋېرشىگە چىداپ بولالماي قىلغان بۇ گېپىم بىلەن تەڭ باشقا ساۋاقداشلارنىڭمۇ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى:
-نېمىدىگەن ئالىي جاناپ ئېسىل روھ بۇ؟! ساۋاقداشلار مەن تەسىرلىنىپ يىقىلىپ قالاي دېدىم، ئۇنداق قىلماي مېنى يۆلىۋېلىڭلار! ئاھ......
-ۋاھ نېمىدېگەن پاساھەتلىك گەپلەر بۇ، سەھنە سۆزى يادلاۋاتامسىز يا كونا باشلىق؟ ھى ھى ھى......
-ئۇنداق قىلسىڭىز ئەليۇل ئەلا ئەمەس ئاچ ئەرۋاھ بوپ قالاسىزمىكى. ھا ھا ھا......
- چۈشكىدەك ئىناۋىتىڭىزمىغۇ يوقتى. شۇڭا ئازاپ تارتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىناۋەتنى ئاش-نان ئورنىدا يېگىنى بولمىغاندىن كېيىن.
-ۋاھ، ھېي باللا مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمە؟ مېنى چىمداپ بېقىڭلارچۇ!
-ھەي ساۋاقداشلار،بۇنداق قىلماڭلار، بۇيەردە كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈردىغان ياپما گەپلەرنى قىلىپ ئايتىللاغا زەربە بەرگۈچە بېرىپ كىتاۋىڭلارنى كۆرسەڭلار بولمامدۇ؟ ھېلى سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەي قالساڭلار ئۆزۈڭلارغا ئاۋارچىلىق. ئايتىللانىڭ سۆزىلىرى ئېشىپ كەتكەن بولسۇن ماقۇل،لىكىن قايسى بىرىڭلار شۇنىڭچىلىك ئۆزۈڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭلار؟ئەجىبا ئاتا-ئاناڭلار مىھنەت قىلماي بىرەر يەردە پۇل سۈپىرەمدا سىلەرنىڭ؟
ھەبىبەنىڭ بۇ سۆزى بىلەن تەڭ بىز خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك شۇنچە تىزلا جىمىدۇق.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە ئارتۇقچە ئېدى. چۈنكى ئايتىللا ئاغزىدا شەھەر سوراپ،ئەمەلىيتىدە ھېچ ئىش قىلمايدىغانلار تىپىدىن ئېدى . بىزچە ئۇنىڭغا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئەنچە-مۇنچە قانات-قۇيرۇقلىرىنى قىرقىپ قويۇش ۋاجىپ ئېدى. دەرۋەقە ئۇ قايغۇلۇق يۈزنى بىز پەقەت نەچچە سائەتلا كۆرەلىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يامغۇردىن كېيىنكى سەھرا ئاسمىنىدەك ناھايتى تىزلا ئېچىلىپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا پو گەپ قىلىپ يۈرىۋەردى.
گەرچە بىز ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلىرى ، خاسلىقققا ئېگە بولغان مىجەز-خاراكتىرى،رەتلىك ھەم ئېدىتلىق يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، ھېقايسىمىزدىن تېپىلمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە يۇقرى بىلىم سەۋيىسى، كىشىنى ئويغا سالىدىغان ۋەزمىنلىك سۆزلىرى،تىپىك ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس پاكىز تەققى-تۇرىقى بىلەن قەلىب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان گۈزەل قىز ھەبىبەنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلىسەكمۇ ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى شۇ چاغدا ئۇنى باشلىقلىققا كۆتۈرۈپ ناھايتى خاتا قىلغان ئىكەنمىز. شۇنىڭدىن تارتىپ سىنىپىمىزدا ئورۇنسىز پاراڭ ۋە كۈلكە يوقلىپ بىز قاتتىق سىقىلىش ئىچىدە ياشىدۇق. مەن ھە دېگەندىلا ئۇنىڭغا چېپىلىپ ئۇنىڭ مېجەزىنى ئۆزگەتىشكە ئۇرۇنغان بولساممۇ ، ئاقىۋەتتە مەن ئۇنى ئەمەس ئەكىسچە ئۇ مېنى ئۆزگەرتىۋەتتى. |
|
|
|
|
|
|