|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 13:11
(9)
مەن ئىشقا چۈشۈپ ئىككى يىل بولغاندا ئۆيدىكىلەر ئۇيان مېڭىپ،بۇيان مېڭىپ ئاخىر زۇمرەتنى ماڭا سايە قىلدى.يا پالاق-پۇلۇق ھەبىبەنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا ئەكەلمەي، يا بىرەرسىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالماي،ھالى يامانلىق قىلىپ ئەلەڭلەپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە ئۆزۈممۇ بىلمەيلا زۇمرەت بىلەن تويلىشىشنى خالاپ قالدىم. ئۇنىڭ نە كىشى ئەيمەنگۈدەك گۈزەل رۇخسارى،يا بىر كۆڭۈلنى لال قىلغۇدەك سۈلكىتى بولمىسىمۇ، ئەمما شۈبھىدىن خالى ساپ قەلبى، تەۋرەنمەس چىڭ ئىتقادى ھەم ئۆزگىچە مېجەز خۇلىقى تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىلا كۆڭۈل مەيلمنى ئۆزىگە رام قىلدى ۋە ماڭا نەچچە ۋاقىتىتىن بېرى ئىزدەۋاتقان ئادىمىم تېپىلغاندەك تۇيغۇ بەردى.
ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بەخىتلىك بولارمەن دەپ ئويلىغانىدىم.ئەمما ئىشلار دەسلىپىدىلا تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. كۆڭۈلسىزلىك توي كۈننىڭ ئۆزىدىنلا باشلاندى.ئۇ كۈنى مەن سەل چۈپەيلىك قىلىپ قالدىممۇ، ياكى مەن سودىغا بۇيرىغان بۇرادىرىم گېپىمنى چۈشىنەلمەي ئاشۇنداق قىلدىمۇ،ئىشقىلىپ مىھمانلار ئالدىغا قويۇلىدىغان سوۋغاتلىق بويۇم سەل ئاددى بولۇپ قالغانىدى. ئادەم دېگەن نەپكە تويماي ئۆتىدىغان نەرسىكەنمىز، ھەتتا نەپ ئۈچۈن كىچككىنە سەۋەنلىكنىمۇ بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۇنى بولىشىغا ئېچىتىدىكەنمىز. دەرۋەقە شۇ نەرسىنىڭ ئاددى بولۇپ قالغىنىغا قۇدىلىققا بىللە بارغان مىھمانلار نارازىلىق بىلدۈرىشىپ،بارات شوجاڭنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئالدىمىزغا قويالىغىنى مانا مۇشۇنچىلىك دېيىشتى ۋە قىز كۆچۈرۈپ ماڭغاندا مەن چۈشكەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشۈپ ئۇ نەرسىلەرنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا يۈزۈمگە ئېتىشتى.
تويدىن كۆڭۈلسىز قايىتقان بولساقمۇ، ئايالىمنىڭ مۇلايىم خۇش تەبئىيتى دىلىمغا ئارامبەخىش ئاتا قىلىپ بۇ ئازارلىقلارنى تىزلا ئۇنتۇلدۇردى.ئۇ يېڭى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن توي قىزىلىقىغا ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ شۇنچە توسقىنىغا قارىماي، ھەرقانداق ياتسىراش ۋە تارتىنىشتىن خالى ھالدا،سالماق ھەم يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كېپىنەكتەك ئۇياق-بۇياققا چېپىپ ، ھەممە ئىشلارنى رېتى بويىچە جايىدا قىلىپ ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ كۆزلىرىمنىڭ ئۇنى خاتا تونىمىغانلىقىغا ئىشىنىپ ناھايتى چەكسىز خۇشال بولدۇم.
ئالەمچە بەخىتتىن بەھىر ئېلىۋاتقان شۇ شىرىن مېنۇتلاردا يېقىشلىق ئاپتاپنىڭ كەينىدىن جۇدۇنلۇق قارا قۇيۇنلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئېكەنمەن. توي بولۇپ ئۈچ ئايغىچە شۇنچە جىمجىت، ياخشى ئۆتۈشتۇق. بۇ جەرياندا مەن ئۇ ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلاردىن مەسىتخۇش بولۇپ،بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىز ، بەتتام ھېس قىلىشقا باشلىدىم .تويدىن كېيىنكى بۇ ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە لەززەت مېنى تويدىن بۇرۇن ھېچقانداق خۇشاللىققتىن بەھىرمان بولۇپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھوجىرامنىڭ رەتلىلىك ،پاكىز تۇرىقى ۋە كۆڭۈلگە ئارامبەخىش ئىللىق پۇرىقى مېنى ھاياجانلاندۇرسا، زۇمرەتنىڭ قارلىغاچتەك ۋىچىرلاپ ئاپام دادامنڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشلىرى قەلبىمنى سۆيۈندۈرەتتى.شۇ كۈنلەردە ئەتىگىنى ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا تەستە ئىشقا ماڭاتتىم، ئاخشىمى بولسا ھەممدىن بۇرۇن ئالدىراپ ئۆيگە چاپاتتىم. مېنىڭچە بولغاندا ئىللىقلىققا تولغان ئاشۇ گۈزەل جەننەت ماكانىمدىن بىر مېنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق ئېدى.ئايالىمنىڭ يېشىنىڭ كىچىك بولغىنىغا قارىماي شۇنچە ئىش ئۇقۇشى ۋە توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھامىلدار بولۇشى كۆڭۈل مەيلىمنى ئۆزىگە مەھكەم تارىتتى بولغاي، تويدىن كېيىن ئۇنى بىلىپ بىلمەيلا شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تۆت ئايلارچە بولغاندا ئۇنىڭغا بىر ھاممىسىدىن تولا تېلىفۇن كېلىدىغان بولىۋالدى. بىزمۇ ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىشىشىغا ئامالنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بەردۇق. لىكىن كەلگەن تېلفۇن قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بارا-بارا ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەندى. ھاممىسى ئۇنىڭغا نەيرەڭلەرنى بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۆگىتىپ بولغان بولسا كېرەك . كىيىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى بىردىنلا توختىدى. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ماڭا ئارامچىلىق بولمىدى.ئۇ ھېلى ئۇنداق دەپ ئاغرىنىپ،ھېلى بۇنداق دەپ كوتىلداپ قىلمىغان قىلىقى قالماي، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا ھېلقى جودانىڭ چىقىشىغا سەۋەپكار بولدى.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئورنۇمدىن ئازراق قىمىرلاپ قويۇپ خىيالىمنى ھېلقى جېدەلدىن كېيىنكى ۋەقەلەرگە بۇرىدىم.ئايالىم كەتكەندىن كېيىن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايلا قالدىم. چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم.بىردەممۇ يېنىمدىن نېرى قىلىشقا چىدىمايتىم. ئەمما ئۇ بۇ ئاجىزلىقىمنى چىڭ قاماللىۋېلىپ، مېنى قىيناشقا باشلىدى. قېيىن ئاتاملار ئۇقۇمۇشلۇق، ئېسىل ئادەملەر بولغىنى بىلەن كۆڭۈلچەك،سىپايە خەقلەر بولغاچقا ئۇنى مەن بىلەن كېتىشكە قىستىيالمىدى. نەچچە قېتىم كېلىپمۇ قۇرۇق قول قايتىۋاتقىنىمغا قورسىقىم كۆپۈپ ئاران تۇرغىنىمدا قېىيىن ئاپام دېگەن خوتۇن سەل قىتغۇر گەپتىن بىرنى قىلىپ قويدى.
-بالام، ئاتا-ئانىسى يوق ئادەمدەك بۇنداق سالتاڭ كېلىۋەرمەي، كىلەركى قېتىمدا ئازراق قائىدىسىنى قىلغاچ ئاپىڭىزنى بىللە ئېلىپ كېلىڭ. شۇ چاغدا قىز بالىنى سىزگە قوشۇپ بېرىمىز.بۇرنىڭىزنىڭ قولىڭىزغا تىقىپلا بېرىپ ئەكتىۋېرىدىغان جاڭگالدىكى قامغاق ئەمەس ئۇ......
-ئاغزىڭنى يۇم،نېمە قالايمىقان جۆيلىۋېرىسەن؟ قىزىڭىنى ئۆيىنى تۇتسۇن دەمسەن يا ئاجراشتۇرۋېلىپ سويۇپ يەمسەن؟ مۇشۇ پەلپەتىش گەپلىرىڭ قۇدىلارنىڭ قۇلقىغا يېتىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ ئويلاپ باقە؟ شۇڭا سەن ئۇششاق گەپنى ئاز قىلىپ بالىنى چىرايلىق يولغا سالدىغاننىڭ ئىشىنى قىل.-قېيىن ئاتام شۇنداق دەپ قېيىن ئاپامنى باسقاندىن كېيىن ماڭا:
-دولقۇنجان بالام، سىز ھازىرچە رەنجىمەي قايتىپ تۇرۇڭ،زۇمرەتخانننىڭ يەنە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن ئاندىن سىز بىلەن قايتىپ كېتەر. ئوقىغان زىيالى بولغاندىكىن چوڭلارغا ئۆزىڭىز قاراپ بىرنېمە دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرارسىز. ئانىڭىزنىڭ بايىقى گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ يۈرمەڭ،خوتۇن كىشى ئەمەسمۇ،دەۋىردۇ.-دېدى.
مەن شۇنچە جىدديلىشىپ ئالدىرغانسىرى ئۆيدىكىلەر بۇ ئىشقا پەرۋاسىز يۈرىۋەردى. بۇ مېنىڭ زەردەمنى قاينىتىپ بىر كۈنى ئاخىر پارتىلىدىم:
-ئاپا، مېنىڭ تاقىتىم-تاق بولۇپ كېتىۋاتسا،نېمانداق ئالدىرمايسىلەر سىلەر؟
-نېمە ئىشقا بالام؟ نېمە ئىشقا تاقەتسىزلىنىپ كېتىۋاتىسەن؟
-زۇمرەت كېتىپ قالغىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى،ھېچ بىر ئەكلىشكە ئالدىرمايسىلەر دەيمەن.
-ھە مۇنداق دېگىنە،ئۇنى بىز بىر قېتىم ساڭا ئەكىلىپ بېرىپ بولغان بالام.ئەمدى مۇنداق ئۇششاق ئىشلارغىچە بىز چوڭلارنى ئارلاشتۇرۋېلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا ئۆزۈڭ بېرىپ ئەكىلىۋەرگىن، قورقامدىكەنسەن يە بىزنى بىرگە ئېلىپ بارمىساڭ......
ئاپامنى بۇنداق خۇپسەن گاس بولىۋېلىپ مېنى كىچىك بالىنى گەپكە سالغاندەك گەپكە سېلىشى ئىچىمنى بەكلا سىققاچقا ئاۋازىمنى بولشىغا قويىۋېتىپ دېدىم:
-خۇپسەنلىك قىلۋاتامسەن يا گېپىمنى راسىت چۈشەنمەيۋاتامسەن؟ مېنى نېمانداق گەپكە سېلىۋىرىسەن!!
-نېمانداق چېچىلىسەن بالام، ئۇ زادى نېمىشقا سەن بىلەن قايتىپ كەلمەيدىكەن سەۋەبىنى ئېنىق دېمەمسەن مۇنداق!
-سەن ئۇنى پاتۇرماي كەتكۈزىۋەتكەن تۇرساڭ،ئۇ ئۆزى كەتكەن يارىم،ئۆزى كەلگەن يارىم بولۇپ مەن بىلەن قايتىپ كېلەمتى ئەمىسە؟ كۆزۈڭگە نېمىشقا سىغمايدىغاندۇ ئۇ سېنىڭ؟
-نېمانداق دەيسەن؟ مەن نەدە ئۇنى پاتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلدىم؟ كاللاڭ ساقتۇ سېنىڭ؟ ئۆزىچە يوق ئىشلارغا خۇدۈك تارتىپ كېتىۋېلىپ ئەمدى مەن ئېگىلمىگۈچە كەلگىنى ئۇنمىسا ئولتۇرسۇن ئاشۇنداق،ئۇنىڭدىن ياخشىغا ئۆيلىيەلەيمەن تېخى مەن سېنى. بارمايمەن مەن ئۇ يەرگە.
-كاللام ساق ئەمەس مېنىڭ، سەن ساق بېشمغا ئاغرىق تېپىت بېرىۋاتقاندىكىن كاللام ساق ئەمەس. ئۇ ئولتۇرالىغىنى بىلەن مەن بۇياقتا ئولتۇرالمايۋاتىمەن، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس بىلۋاتامسەن؟ - ئاچچىقىمدا ئالدىمدىكى قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۈستىگە مۇشىت بىلەن بىرنى قويىۋىدىم مەش سىڭايان بولۇپ قازاندىكى قىززىق سۇ ئاپامنىڭ ئېتىكىگىلا ئۆرۈلدى. كانايلارمۇ مۇشنىڭ زەربىسىدىن توروڭلاپ يەرگە چۈشتى.ئۇ ۋاي دەپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئاچچىق بىلەن:
-سېنى شۇنچىلىك پاكىز چوڭ قىلسام قىلۋاتقان كۆڭلى قارلىقىڭنى قارا، باققىنىمغا رازى بولمايمەن مەن. ھۈ...ھۈ...ھۈ...-دەپ مىشىلداپ يىغلىدى.مەنمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭغا ۋارقىرىغىنىمچە سىرىتقا ماڭدىم:
-رازى بولمىساڭ بولما، ئوغلۇڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە شۇنچىلىك ئىچى تارلىق قىلىپ،خۇشاللىقىنى بوغۇشقا ئۇرىنىۋاتقان يەردە، بۇ قىلقىڭدىن ھەيران قالمايمەن مەن. تونىمايمەن مەنمۇ بالسىنىڭ بەختىگە ئولتۇردىغان سەندەك ئاپىنى.
ئاڭغىچە قەدىريە بىلەن جۇشقۇن يۈگۈرۈپ چىقىشتى ۋە ئۆيدىكى مەنزىرىدىن چۆچۈپ مەندىن نېمىش بولدى ئاكا دەپ سوراپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئاپامنىڭ قېشىغا كېتىشتى:
-مەشلەر ئۆرىلىپ كېتىپتىغۇ نېمىش بولدى ئانا؟
-ۋاي، ئېتەكلىرىڭىز يۆلغۇ، كۆيۈپ قالمىغانسىز؟ ماندا قىلىڭە كۆرۈپ باقاي!
-ياگو(چىش پاستىسى)ئەپ كېلەي سۈرۈپ قويامسەن يا ئاچا؟ بەك ئېغىر ئەمەستۇ؟
-ئېچىشۋاتامدۇ ئانا؟جۇشقۇننى كۆيۈك دارىسىغا(دورىسىغا) بۇيرايلىمۇ يا؟
ئېنى سىڭىللىرىمنىڭ مېنىڭ ھالىمغا پەرۋايى يوق ئاپامغا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشلىرى كۆزۈمگە سىغماي قەدىمىمنى تىزلەتتىم. خوتۇنۇمنى قانداق قايتۇرۇپ كېلىشنى شۇنچە ئويلاشقان بولساممۇ، كاللامغا ئىشنى ئاپام ئارقىلىق پۈتتۈرۈشتىن باشقا ھېچبىر چارە كەلمەي،ئاخىر يانا بىر قېتىم بېرىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. بۇ قېتىم ئۇ ئاپامنى تىللاپ بەرگەندىىن باشقا جۇشقۇن ۋە قەدىريە توغىرلىقمۇ بىرمۇنچە گەپ قىلىپ،ئەمدى ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى، بارسىمۇ پاتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سۆزىدە چىڭلا تۇرىۋالدى.
ئامالسىز سالپايغان ھالەتتە قايتىپ كەلدىم.بۇ بىرنەچچە ھەپتىدە كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلدىن ئوقۇغۇچىللىرىممۇ ياخشى كۈن كۆرەلمەي قالدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ كاللامغا ئاپامنىڭ ئاپىسى ئارقىلىق ئايالىمنى قايتۇرۇپ كېلىش كېلىپ قالدى.يەنە كېلىپ چوڭ ئاپاممۇ زۇمرەتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئۇنى قايىل قىلماق ئاسانغا توختايتى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال بارمىلى نەچچە ھەپتە بولغان قوشنا كەنىت باشلانغۇچ مەكتىۋىگە دەرىس ئۆتكىلى باردىم ۋە مەكتەپتىن يانغىنىمدا چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
-مەن بۇ ئىشلارغا قول تىقسام قاملاشمايدۇ بالام،كېلىن مېنىڭ ئەمەس،ئاپىڭىزنىڭكى. شۇڭا ئۇ يەرگە يەنىلا ئاپىڭىزنىڭ بارغىنى تۈزۈك. دادىڭىز نېمە دەيدىكەن راست؟
بۇ ئىشتا دادامدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتى.چۈنكى زۇمرەت ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھېلقى كۈنى ئۇ بەكلا خاپا بولغان ھەم شۇ چاغدا ناھايتى ئېنىق قىلىپ:
-ئۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان شەرمەندە ئەمدى يۈزىنى قېلىن قىلىپ بۇ ئۆيگە كېلىپ يۈرمىسۇن. كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئۇنى. ئۇنىڭسىزمۇ سېنى يەنە ئون قېتىم ئۆيلىگۈدەك مادارىم بار مېنىڭ تېخى. ئەگەر يانا يېنىپ كېلىپ قالسا ھوجراڭغا ئۆينىڭ كەينىدىن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ھويلىغا دەسسەتمەيمەن ئۇ پاسىقنى.بولسا شۇ كەتكەنچە يوقالسۇن.-دېگەنىدى.
چوڭ ئاپام بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن بىلەن بىللە ئاپامنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كەينىمگە مىنگىشىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. ئەمما ئاپام پەقەتلا گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى. مەن ئامالىسز زۇمرەت ئېيىتقان گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا دېدىم. سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئۇ دەرھال جۇشقۇن بىلەن قەدىريەنىڭ ئالدىغا باردى دە:
-نېمىشقا ئاكاڭلارنىڭ ئايالىنى پاتۇرمايسىلەر؟نېمىشقا ئۇنىڭ كەينىدىن قالايمىغان گەپ تارقاتتىڭلار دەپ چالۋاقاپ كەتتى. بۇ گەپتىن چۆچىگەن ئىنىم بىلەن سىڭىلىم تەڭلا:
-چىشلەپ تارىتمىغان بىز قاپتۇقمۇ ئەمدى؟ دېيىشتى.
-سىلەر كېلىننىڭ خېتىنى بېرەلمەيۋاتىمىز، ئاكامغا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ تېگىشنى خالايدىغان ياخشى قىزلار كۆپ ئېدى. ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋالساق ئاكامنى قايتا ئۆيلەيتۇق دەپ يۈرۈپسىلەرغۇ مەھەللىدە. بۇنىڭدىنمۇ تېنۋالماقچىمۇ سىلەر؟- بۇ گەپ بىلەن تەڭ جۇشقۇن قوشۇمۇسىنى تۈرگەن پېتى سىرىتقا ماڭدى. قەدىريە جايىدا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇلاردىن مېنىڭ ئىچىم سىقىلىپ ئاپامنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ بېرىپ دېدىم:
-زادى ئۇنى ئەكەلگىلى بارامسەن بارمامسەن؟
-نېمە كەچكىچە شۇنىڭغىلا ئېسلىۋالسەن، جاھاندا شۇنچە كۆپ قىز بالا تۇرسا ساڭا شۇنىڭدىن باشقىسى چىقمامدىكەن زادى؟ نېمانچە تويمايسەن ئۇنىڭغا؟ قەدىريەنىڭ بۇ گېپى غەزىپىمنى قوزغاپ كاللامنى تۇرمۇزلاپ قويدى.
-قىز بالا كۆپ بولسا تاپمامسەن ئەمىسە، قوپ ئورنىڭدىن، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغاندىن يانا بىرنى تاپ ماڭا! - شۇنداق دەپ ۋارقىرىدىم دە ئۇنى ياقسىدىن قاماللاپ تۇرغۇزۇپ تەستىكىگە نەچچىنى سېلۋەتكەندىن كېيىن كۈچ بىلەن قورسىقىغا تەپتىم.ئۇ يىقىلغىچە جۇشقۇن يۈگىرەپ كېلىپ تۇتىۋالدى. شۇ ئەسنادا چوڭ ئاپام جۇشقۇنغا ۋارقىرىدى:
-نېمە ئۆلگۈدەك يۈگرەيسەن؟
- بۇ بىر ئاجىز قىز بالا تۇرسا، يۈگۈرمىسەم ئاشۇ تېپىك بىلەن نەگە بېرىپ چۈشىدۇ،ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چوڭ ئاپا جىم بولۇپ قالدى.
-بىر خوتۇن ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا ھۆرپىيىۋاتسەن ھە! نەرىڭ ئادەم سېنىڭ؟ سېنى ئاكا دېمەيمە بۇندىن كېيىن! –ئۇنىڭ بۇ گېپىگە مەنمۇ بوش تۇرمۇدۇم:
-ئاشۇنداق قىلىمەن شۇ،نوچى بولساڭ سەنمۇ ئەرگە تېگىپ ،ئېرىڭ ئۈچۈن ھۆرپەي ماڭا ، قانداق؟
-ئادەم سېياق مەخلۇق،ۋىجدانسىز ھايۋان، ساڭا قاراۋىرىپ قۇسۇپ قويماي يانا، ئاستا چىقىپ كېتىۋالاي.
-ھەممىنى قىلغان سەن، مەكتىۋىڭدە تېنىچ ئولتۇرساڭ بولمامتى دەيمە، بۇ يەرگە كېلىپ ئىش بۇزغىچە......-ئۇ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى يۇتۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
چوڭ ئاپام خېلى خىزمەت ئىشلەپمۇ ئاپامنى ئىندەككە كەلتۈرەلمىدى.ئاخىردا دادام يوق پەيىتنى تاللاپ ئېلىپ بارغان بۇ جېڭىم نەتىجىسىز ئاياغلاشقاننى ئاز دەپ يەنە بۇ گەپلەر دادامنىڭ قۇلقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. دادام بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا:
-ئادەم چوڭ قىلدىممىكىن دېسەم كالا چوڭ قىلىپتكەنمەن بىر كالا، كالىچىلىك ئەقلى يوق كالا. -دەپ بىرمۇنچە چالۋاقاپ كەتتى.
مېنڭ مەنىسىز كۈنلىرىم يەنە باشلاندى. خۇددى نېشاندىن ئاداشقان قۇشتەك قاياققا مېڭىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلۋاتاتتىم. دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بالام ۋە يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك مەھبۇبەم بىلەن جەم بولۇش ئىستىكى ھەر ۋاقىت يۈرىكىمنى موجۇيىتتى.ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىز ئېدىم. قەدىريەنى كۆڭۈلسىزلا يولغا سالدۇق،ئۇ بۇ تەتىلدە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقى ئېيتىپ ياشلانغان كۆزلىرىنى دادام-ئاپاملاردىن بۇراپلا ماڭا قاراپمۇ قويماي پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتى.ھېلقى چاغدا سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان بولسىمۇ نېمىشقىكىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ تىنىچلىق تەلەپ قىلمىدىم. ۋوگزالغا كېلىشىممۇ ئۆزۈم خالاپ ئەمەس پۈتۈنلەي رەسمىيەت يۈزسىدىن بولغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنىمۇ ئانچە ئىچىمگە ئېلىپ كەتمىدىم.
ھېلقى چاغلاردىكى خۇشاللىقتىن ۋە شادىمان كۈلكىلەردىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان قۇپقۇرۇق ھەم سوغۇق ھوجىرامدا خىيالغا پاتقىنىمچە يېتىپ كېتىمەن، ئاپام مېنى چاقىرىپ چارچىغاندا بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئۈستەلدىكى قۇرۇق قاچا بىلەن لىققىدە تاماق ئۇسسۇلغان قاچا يەڭگۈشلىنىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ. تۇرمۇشۇم شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە. ئۈچ ۋاخ تاماق تولۇق،ئەمما كۆڭۈل رايىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. تۇرۇپلا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بېچارە ھەم زەئىپ سېزىشكە باشلىدىم.ماڭا ئۇلارنىڭ تاماق يەتكۈزۈپ بېرىپلا روھىيتىمنى نەزەرگە ئالماسلىقى پەقەت مېنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقىملا ئۈچۈندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. بۇ مەندە بەزى بىر ئاسىي خىياللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولدى.
مېنىڭ خىيالىم،ئىچكى دۇنيارىم بىلەن كارى بولمايدىغان ئادەم نېمىشقا مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىدۇ؟ ماڭا ئۈچ ۋاخ تاماق ئەكىرىپ بېرىپلا ھالىمنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى سورىماسلىقىنىڭ ئۆزى ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولماي نېمە؟ئۇنداق ئادەم ئۆز ۋاقتىدا بالا باقماي ئىتنىڭ كۈچۈكىنى باقسا بولمامتى؟ توختا، مەن بۇنداق جىم يۈرىۋەرمەي ئاتا-ئانامنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ھېساپ ئېلىشىم كېرەك.شۇ خىيال بىلەن تەڭ بۇ ھەركىتىم ئۈچۈن خېلىغىچە مۇۋاپىق پەيىت تاللاپ يۈردۈم.
|
|
|
|
|
|
|