|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 13:06
(5)
ھويلىدا نۇرىمانگۈل بىلەن قىلغان گەپ-سۆزلەرگە، ئىلگىرى ھەبىبە بىلەن سېلىشقان پاراڭلارنى خىيالەن سېلىشتۇرما قىلغاچ قويلارغا ئوت سېلىۋاتاتتىم. قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن ئالدىراپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشكە چولىسى تەگمەيدىغان ئەتىۋالىق سىڭلىم دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىۋېتىپ ئۇنىڭ بىرتال سىزىقمۇ تاپقىلى بولمايدىغان سىلىق ھەم يۇمشاق قوللىرىنى ۋە شۇنچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ زىبالىقىنى، جەزبىدارلىقىنى يوقاتمىغان قەددىنى ئايالىمنىڭ جاپا دەستىدىن قېتىپ رىپىدىدەك بولۇپ قالغان داراشماق ئالقانلىرى ۋە ئەمدىلا ئوتتۇزدىن ھالقىغىنىغا باقماي ۋاقىتسىز پۈكلىنىشكە باشلىغان ياداڭغۇ ئۇستىخانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم. سىڭلىم گەرچە ئايالىمدىن چوڭ بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. كىشىگە تېخى ئەمدىلا تۇرمۇشلۇق بولغان چىچەك چوكاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۇ سېلىشتۇرما ماڭا ئايالىمنىڭ ئائىلە .ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن قانچىلىك قۇربان بېرىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇلارنى ئويلاپ يۈرىگىم سەل ئېچىشقاندەك بولدى.
-نەچچە ئايدا ئاران بىر قېتىم كەلسەم ئۆيۈڭگە باشلاپ چاي قۇياي دېمەي ئىشىك تۈۋىڭدە تۇرغۇزىۋىرسەنيا ئاكا! مەلەڭدىنلا يولغا سېلىپ قويغۇڭ بولسا مەيلى جۇمۇ،كۆرشىۋالغاندىكىن رەنجىمەي كېتىۋىرىمە.
-ۋاي ئۇنداق ئەمەس قەدىريە، قېرىغاندا كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ ئادەمنىڭ خيال بىلەن بولۇپ كېتىپ سېنى ئۆيگە باشلاشمۇ ئېسىمگە كەلمەپتۇ. مېنى ياخىشىراق بىر داۋالاپ قويمىساڭ بوممايدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ. ماڭە ئۇكام ئۆيگە كىرلى.
-بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان يىگىت تۇرۇقلۇق قېرىدىم دېگىنىڭ نېمىسى ئەمدى. ما بالىلارنىڭ كېينلىك مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەقىل كېرەك بولىدۇ جۇمۇ ئاكا،ھېلىتىن ئەقلى- ھوشۇڭنى يۇقىتىپ يۈرسەڭ زۇمرەتكە ئۇۋال بولىدۇ ، ھېلىمۇ سەن بىلەن ئۆتۈپ ئاز قىيىنچىلىق تارتىمىدى ئۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئىشلارغا كاللاڭنى ئۇپىرىتىپ، موچەنگە يارىمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن غەم يەپ ئولتۇرماي ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭنى ياخشى كۈت. جان تېخى بۇنىڭدىن كېيىن لازىم بولىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن رەسمى ياشايسەن تېخى.
- سەن مىنىڭ سىڭلىممۇ يا زۇمرەتنىڭ سىڭلىسىمۇ؟ ئاكاڭنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا يان بېسىپ كەتتىڭيا ئەجەپ؟ كۆرۈپ قويدۇم جۇمۇ سېنىمۇ! ئۇچىغا چىققان خائىن بىرنېمىكەنسەن. مۇشۇنداقلقىڭدىن شۇڭىمۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مېنى سېغىندىڭمۇ دېسەم يۈرىكىمنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تىڭىنىڭ تېڭىدە سېغىندىم دەيدىكەنسەنتۇق ئەسلى.
-قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن ئاكا، ئىشقىلىپ ياتقا كەتمىدىغۇ ئاخىر. زۇمرەتنىڭ جاپا تارتىۋاتقىنىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ باللىرىڭنى ئىرىنمەي تۇغۇپ ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك بېقىپ چوڭ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقىسى بولغان بولسا بۇنىڭغا توشىمايتى. ھېلىمۇ لاھىيلەپ سوقۇۋالغاندەكلا جۇمۇ ئۇ. تۇرۇپلا ئۆتمۈشنى سورۇپ كەتتىڭغۇ ئەمدى؟! ئۇ ۋاقىتلاردا سەنمۇ قىززىقلا ئېدىڭ. مەن مەكتەپكە ماڭسام ئۇكام ئەمىسە مەندىن ئەنسىرمەي بەلەن ئوقۇ دەيتىڭ. مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم مېنى سېغىندىڭمۇ،نەرىڭدە سېغىندىڭ دەيتىڭ. سوراۋەرگەندىكىن ئىچىم پۇشۇپ ئاشۇنداق جاۋاپ بېرەتتىم شۇ.
-شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن قارا، جاپانى تېلەپ تاپىدىغان خوتۇن ئۇ. ئەزەلدىن دەپ كېلىۋاتىمە ماڭا بىر –ئىككىسى بولسا يېتىدۇ دەپ ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن. ئەمما ئۇ بىردىنلا مېنى بەش ئالتە بالىلىق قىلۋەتتى ئۇقالمايلا قالدىم. مۇشۇ پىلانلىق تۇغۇتمۇ بولىدىغان نەرسىكەنتۇق جۇمۇ، ئۇ سىياسەت بوشاپ كېتىپلا خوتۇن خەقلەر تولا تۇغۇپ خاپا سالدىغان بولىۋالدى...
-ھەرقىسمە گەپلەرنى قىلمىساڭچۇ،بىر چىرايلىق قارا كۆز بالىلارنى قانداقمۇ ئۇنى-بۇنى دېيىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنايدىغاندۇ دەيمەن. باللىرىڭ جىق بولغىنى بىلەن بىر-بىرىدىن چىچەن ھەم ساغلام. تۆت بالا چوڭ قىلغان ئادەم تارتىپ بىركۈن بالا داۋالىتىپ باقمىدىڭ ھازىرغىچە. ماڭا قارغىنە، ئاشۇ ئىككى بالا مېنى ئون بالا چوڭ قىلغاندىنمۇ بەكرەك ھارغۇزۋىتىپ بارىدۇ ، ھېلى ئۇ يېرى، ھېلى بۇ يېرى ئاغرىپ. بەرگەن ئادەم قايتۇرۇپ ئالايدۇ، شۇڭا قالايمىغان گەپ قىلماي خۇداغا شۈكرى دېگىن.
-ۋاي مېنىڭ باللىرىم ئۆلمەيدۇ ئالدىراپ......
-توۋا دەپ سول تەرپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈكىرۋەتكىنە ئاكا، بۇنداق دېمە، ئاغزىڭدىن چىقىپ كېتىپ قالمىسۇن يانا. قانائەتچانراق بول، ئايالىڭنى باللىرىڭنى قەدىرلىگىن.
-مەھەللىدە تۇرۇپ پاراڭلىشىۋەرمەي ماڭە ئۆيگە كىرەيلى،ئاران بىر كەلگىنىڭدە ئۆيدە دەرقەمتە ئولتۇرۇپ بىر پىيالىدىن چاي ئوتلىغاچ مۇڭداشمامدۇق.
گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىرىمىز زۇمرەتنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاستىرىتتىن ماڭا،نېمىشقا مېنى چاقىرىپ قويمىدىڭىز؟دېگەن مەنىدە بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن قىزغىن سالام-سائەتلەر بىلەن قەدىريەنى ئۆيگە باشلىدى. ئۇ زۇمرەتنىڭ خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغان قورسىقىغا قاراپ :
-ۋاقتىڭىز ئاز قاپتۇ ھە؟ - ھەپ سوراپ قويدى. زۇمرەت تەبەسسۇم بىلەن:
-ئاز قېلىشىمىغۇ قالدى، لىكىن مۇشۇ دېھقانچىلىقنى يىغۋالامىزمىكى دەپ جىدەللەۋاتمەن.-دېدى ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن.
-كارامەت غەيرىتىڭىز بار قىز بالا جۇمۇ سىز ئىشقىلىپ. مەن چاقچاق تەرقىسىدە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارلاشتىم:
-ساڭا دېسەم قارا قەدىريە، مەن ئەتراپتىكى كىشلەرنى شۇنداق كۈزىتىپ ئاخىردا مۇنداق يەكۈنگە كەلدىم. بىر دىھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئائىلىگە كۆپ كۈچ چىقىرىپ،ئۆينىڭ ئېغىرىنى جىق تارىتقان ئادەمنىڭ قېرىشى بىغەم ئادەمگە قارىغاندا تىز بولىدىكەن.شۇڭا مەن تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جاپانى زۇمرەت بىلەن تەڭ تارتىپ،تەڭ قېرىپ كۆڭۈل مەيلىمنى ئۆينىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاتماسلىق قارارىغا كەلدىم. شۇنداق بولغاندا ئائىلىمىزنىڭ قورغىنى پۇختا بولىدىكەن. بەلكىم سەنمۇ بايقىغانسە ، خېلىدىن بېرى مەن زۇمرەت بىرنى چامدىسا تەڭ بىرنى چامداپ كەلدىم. شۇڭا غەيرەتلىك دېيىش كەلسە يەڭگەڭنى دەۋەرمەي ئاكاڭنىمۇ قوشۇپ دە.
- پاھھوي، بۇ سەنما ئاكا؟ زۇمرەتنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەپتۇ جۇمۇ قارىغاندا. خۇداغا شۈكرى! لىكىن سەن ھامىنى جاپانى بىللە تارتىمە دېگەن بولغاندىكىن قورسۇقۇڭغا تۆت بەش كىلولۇق تاشتىن بىرنى تېڭىۋېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلە، بولمىسا بۇ يەنىلا ئادىل بولمايدۇ
- نېملەرنى دەيدىغانسەن ئەمدى؟ سەنغۇ مەن تەرەپتە تۇرمايسەن زادى. چۈشەنسەڭ بۇ خوتۇننىڭ ماڭا تېگىپ بەختى كەلگەن جۇمۇ قەدىريەخان. ئاكاڭدەك ياخشى ئادەملەرنىچۇ ھازىر مىكروسكوپتا ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
-ماڭغىنە ۋاي ماختانچاق پاقا. دەپ قويسا ئەمدى كېرىلىپ كەتكىنىڭنى قارا. لىكىنزە دېگەندەك بىر يەرلىرىڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا كارامەت ئادەم جۇمۇ سەن.ھازىر بىر كادىر ئائىلىسىدىن ئەمەس ھەر قانداق بىر ئائىلىدىن سېنىڭدەك يا ئىچىپ چەكمەيدىغان، يا باشقا كەيىپ-ساپا قىلمايدىغان ،ھەم كېلىشكەن، ھەم ئىمانلىق ئادەمنىڭ چىقمىقى ھەقىقەتەن تەس. ئىتقادىڭنىڭ مۇستەھكەملىكى ھەيران قالدۇرىدۇ مېنى. ئالىي مەكتەپنى شۇنچىلىك پاكىز ئوقۇپ كەلگىنىڭنى، مۇكەممەل ئىتقادلىق چىن ئىنسان بولۇش ئۈچۈن نەچچە يىللىق خىزمىتىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭنى ئويلىسام،ئىشقىلىپ قول قويىمەن ساڭا.
-ئەمدى مېنى ماختا دەپ قويسام ئۇچىرىتمەي مۇختەرجان توغىرلىق سۆزلەپ بەرمەمسە ئانچە-مۇنچە، قانداراق ئۆتىۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئاداش سېنى بۇزەك قىلمايۋاتقاندۇ؟ باللىرىڭنى نەگە قويۇپ كەلدىڭ راس؟
-يامان ئەمەس ئۆتىۋاتىمىز ھەرھالدا. ئەسلى ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە كەلمەكچىدى، ئەمما بۈگۈن ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ.بالىلارنىڭ ئىككىلىسى يەسلىدە. مەن ئاخشام ئىشلەپ بۈگۈن كۈندۈزدە دەم ئالغانتىم، شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەر بىلەن بىر پاراڭلىشىپ كېلەي دەپ دىككىدە بۇياقلارغا ئۆتۈشۈم.
- ئاكام دەپ تۇغقان ئېتىپ،چوڭ كۆرۈپ ئالايىتەن يوقلاپ كەلگىنىڭدىن بەكلا خوش بولدۇم. ئۇزۇن بوپتىكەن ئىككىمىز مۇڭداشمىغىلى. ھامىنى كەلگەندىكىن چۈشتىن كېيىنگىچە تۇرۇپ بالىلارنىمۇ كۆرۈپ كەتكىن. بۈگۈن بەلەنرەك مۇڭدىشۋالايلى. مۇختەرجاننى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارمىز .قەدىريە گېپىمگە كۈلۈپلا قويۇپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تەمشەلگەن زۇمرەت بىلەن تۆشۈك تالشىشقا ئۆتتى.
ئايالىم بىلەن سىڭلىمنىڭ تاماق قىلىشنى تالىشىپ كېتىۋاتقاندىكى تۇرىقىغا قاراپ بۇ ئىناقلىقتىن سۆيۈنۈپ قالدىم. قەدىريە زۇمرەتنىڭ ھېلىلا تۇغۇپ قويغۇدەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن تۇرىقىغا قاراپ ئۇنىڭ بىردەم بولسىمۇ دېمىنى ئېلۋېلىشىنى كۆزلەپ قازان بېشىنى تالىشاتتى. ئايالىمنىڭ بولسا ئاران بىر كەلگەن سىڭلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئوبدان ئۇزاتقۇسى كېلىپ ئۇنىڭغا يول قويمايتى.
تۇرۇپلا خىيالىمغا بىرۋاقىتلاردىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر غىل-پال سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا ئايالىم ئۈچۈن ھەق-ناھەق بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ئانامغا ئازار بەرگەن ، دادام بىلەن ۋارقىراشقان، سىڭلىمغا قول تەككۈزگەن ئېدىم.بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم قىزبالا ئۇرىشىم ئېدى. بەلكىم ئاشۇ قېتملىق ئادەم ئۇرۇشۇم ھازىرقىدەك ئوسال خاراكتىر يېتىلدۈرۈشۈمگە ئاساس ھازىرلىغان بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن.
- تالاشقىنىڭ بىكار قەدىريە.يەڭگەڭنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. ئۆيۈڭگە بارساڭمۇ ساڭا با بۇ ئىش، شۇڭا ئاران بىر كەلگىنىڭدە سەنمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ بىر تاماق يەپ كەتكىن.ئۇمۇ ساڭا كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلۋالسۇن. ئەگەر خالىساڭ تاماقمۇ تەييار بولغۇچە پاراڭلاشقاچ ساڭا زىرائەتلىرىمنى كۆرسىتىپ كېلەي.قانداق؟
-ماقۇل، مېنىڭمىغۇ سەن بىلەن دېيىشمىسەم بولمايدىغان بەزى گەپلىرىم بار ئېدى. بۇ قېتىم زۇمرەت جاپا تارىتقاچ تۇرسۇن، ئىككىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشىراق بىر پاراڭلىشىۋالايلى. قېنى ئەمىسە ماڭامدۇق؟-ئۇ شۇنداق دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
يولدا ئۇنىڭ بۇنىڭ گەپلىرىنى قىلغاچ مېڭىۋاتقان بولساقمۇ لىكىن ئۆز ئىچكى دۇنيارىمدا ھېلقى چاغدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. تۇرۇپلا يەنە بايىقى ئۇنىڭ سەن بىلەن دېيىشمىسەم بولمايدىغان گەپلىرىم بار ئېدى ئاكا دېگەن سۆزى ئۇنىڭ ئۆتكەندە ئاپام بىلەن قىلىشقان پارىڭىنى يادىمغا سېلىپ،كاللامغا ئۇ زادى مەن بىمەن نېمىلەرنى دېيىشمەكچىدۇ دېگەن سۇئالنى كىرگۈزۈپ ئۈلگۈردى ۋە مەندە ئۇنىڭ مەن بى؛ئەن قىلىشماقچى بولغان پارىڭىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا قىلىپ قويدى.
|
|
|
|
|
|
|