|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 13:03
(4)
ئۇ ناھايتى تەلەپچان قىز ئېدى. ھەربىر ئىشلىرى ئالدىن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ماڭاتتى. ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر خىل قېلىپ ئىچىدە ياشايتى. ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى،ئىشلەشكە تېگىشلىك تاپشۇرۇقلارنى ئۆز رېتى بويىچە ۋاقتىدا تاماملاپ ماڭاتتى.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ دەم ئېلىش، دەرىس تەكرارلاش ۋە ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش ۋاقىتلىرىنىڭ چەك-چىگرىسى ناھايتى ئېنىق ئېدى. تۇرمۇشىىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۇنىڭغا ياخشى بىر روھى ھالەت ئاتا قىلغان بولۇپ ، بىز ئۇنى ھەر كۈنى بىر خىل كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە كۆرەتتۇق.
ھەبىبە ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك چىقىشقىنى بولمايدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئېدى. ئۇ سىنىپتا ھەممە بالىلارغا ئوخشاشلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. مۇئامىلسىگە قىلچىمۇ ياسالمىلىق ئارلاشتۇرمايتى. مىجەزى ناھايتى سۈرلۈك بولغىنى بىلەن ساۋاقداشلارنىڭ بىرەر قىيىنچىلىقىنى بايقاپ قالسا مۇناسىۋىتىم يىراق-يېقىن دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرماي كەسكىنلىك بىلەن يارىدەم قولىنى سۇناتتى. بىرەر ساۋاقداش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ پەرىشان بولۇپ قالسا ۋەزمنى ئېغىر، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن بىردەمدىلا روھىنى كۆتۈرىۋىتەتتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ماڭا قىلالمايدىغان ئىشى، بىلمەيدىغان نەرسىسى يوقتەك تۇيۇلۇپ،قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل غايىبانە ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەندى.
ئۇ ئۆگۈنۈش باشلىقلىقىنى ياخشى قىلدى، ياخشى قىلغاندىمۇ ناھايتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى. ئۆگۈنۈشىمىزگە كۆڭۈل بۈلگەندىن سىرىت تۇرمۇش ۋە ھەرقايسى جەھەتلەرگىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۈلۈپ بىزنى ناھايتى ئوبدان يېتەكلەپ ماڭدى.يەنە بەزىبىر خېلى خېلى مەن مەن دېگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى. ئۇ باشلىقلىققا چىققاندىن كېيىن بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتىكى مۇزاكىرىدە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەكرار قىلىپ بېرىشى بىلەن كۈندىلىك ۋەزىپىنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئورۇنداپ تۈگىتىپ ماڭىدىغان بولدۇق.
ھەركۈنى ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىنى باشلاشتىن ئاۋال ھەربىر ساۋاقداش ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە نوتۇق ئۈستىلى ئۈستىدىكى قەغەز قاپقا بىر كويدىن بەش موغىچە پۇل تاشلايتۇق. يىغىلغان پۇللاردىن ئايدا بىر قېتىم ھېسابات چىقىرىپ ساۋاقداشلار ئارسىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراش ۋە ئاغرىپ قېلىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلمەي قالسىلا سىنىپ مەسئۇلىمىز ۋە ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنى تەكلىپ قىلغان ئاساستا يىغىلىش ئۆتكۈزەتتۇق. سورۇندا قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىش،پائالىيەتنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى سۆز-ھەركىتىمىز قانداق بولۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەبىبە ئۆزى بىر قوللۇق بەلگىلەيتى. بىز گەرچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك قىلىپ كېتشىدىن سىقىلىپ تۇرساقمۇ،قىلۋاتقانلىرىنىڭ يوللۇقلىقى ۋە قەلبىمىزگە چوڭقۇر يىلتىز تارىتقان يۈكسەك ھۆرمىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ دېگىنىنى يىرمايتۇق.
گەرچە بىز نۇرغۇن تەرەپلەردە بۇ ئىقتىدارلىق ئۆگۈنۈش باشلىقىمىزدىن شۇنچىلىك خوش ۋە رازى بولساقمۇ، ھەر قەدەمدىلا ئۇنىڭ ھەممىمىزنىلا ئۆزىگە ئوخشاش پىلان ئىچىدىكى تۇرمۇشقا سولاشقا ئۇرۇنۇپ ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى بوغۇشى بىزنى سەل بىئارام قىلىپ قويدى. مەن ئۇنىڭ بۇ خىل قاتمال ئىددىيسىنى ئازراق ئىسلاھ قىلىپ قويۇش غەرىزىدە ئۇنڭغا چېپىلىپ يۈردۈم. كۈتمىگەندە ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش مېنى ئۇنى ئەمەس ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلتۈرۈپ قويدى.
بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئاقكۆڭۈل دىھقان ئايال بەرپا قىلغان ئاددى ئائىلىدە ياشاپ، قات-قات جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە چوڭ بولغان ھەبىبەنىڭ شۇنچىلىك توختاملىقلىقى، قانائەتچانلىقى مېنى تولىمۇ قايىل قىلدى. بىلدىمكى ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتى مېنىڭكىدەك ئاپا-دادىسىغا ئەركىلەش ئىچىدە غەمسىز ئۆتكەن بولماستىن بەلكى پۈتۈن ئائىلىنىڭ جاپاسىنى تارتىش، كىسەلچان ئاپىسى ۋە ئۇكىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن تۇلىمۇ مۇشكۈلاتتا ئۆتكەن ئىكەن.
- يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدىكى ئىشلار ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ.-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ يىراق ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ.- ئۇ ۋاقتلاردا ئانامنىڭ كېسلى ئېغىرلىشىپ ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان دەرجىگە يەتكەن بولغاچقا دادام قوشماق ئېنى سىڭىللىرىمنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. كۈندۈزى دادامنىڭ مەندىن ئىككى ياش چوڭ ئىنىسى كېلىپ پاتىمە بىلەن زۆھرەگە قارىشىپ بېرەتتى. تېخى يېشىغا توشمىغان قوشماق ئىنىللىرىم ماڭىلا قاراشلىق ئېدى. دادامنىڭ ئانىسى بولسا ئاخشىمى بىز ئۇخلاپ قالغاندا يېتىشىپ بەرگىلى كېلىپ ئەتىگىنى بىز ئويغانماستا كېتىپ قالاتتى. ئاش-تامىقىمىز بىلەن پەقەتلا چاتىقى يوق ئېدى. گەرچە ئۇ ئالدىراش ئىش ۋاقتى بولمىسىمۇ،تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىدى. داداملار كېتىپ سەككىزىنجى كۈنى ئانام يېقىپ قويغان نان ۋە يېيىپ قۇرۇتۇپ بەرگەن چۆپلەر پەقەتلا تۈگەپ بىز ئاچ قالدۇق. يا چوڭ ئانام بولغان ئادەم بىزدىن يەيدىغىنىڭلار قانداق بولىۋاتىدۇ دەپ ئەھۋال سورمىدى.يا مەن قورقۇپ دېيەلمىدىم. ئانامنىڭ ئانسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋرى بولمىغاچقا ئۇمۇ كېلىپ يوقلاپ قويمىدى.بىز بەك قىينىلىپ كەتتۇق. كەچقۇرۇنلۇقى بالىلارنى ئۇخلىتىپ بولغاندىن كېيىن دادامنىڭ ئېنسى سېلىم ئاكام:
-ئۇكام ئوچاققا مەن ئوت قالاپ بىرەي،سەن ئۆزۈڭ بىلىپ بىر خېمىر يۇغۇرۇپ باققىنە قانداقلا بولمىسۇن بىر تاماق قىلىپ يەيلى.-دېدى
مەن داستىكى ئۇننى قىينىلىپ يۈرۈپ مىڭ تەستە خېمىر ئىسكەتىگە ئەكىرىدىم. گەرچە ئۇ كۈنىكى تاماق نە تاماق چرايى نە تەمى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالغان بولسىمۇ لىكىن بىزگە بەك تېتىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن تۆشۈك بېشىغا ئۆتتۈم. ئاناملار توپتوغرا 23كۈندە قايتىپ كەلدى.ھېساپتا مەن ئون نەچچە كۈن ئۆزۈم تاماق ئېتىپ ئۇكىللىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولدۇم. ئانام بىلەن دادام بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن مېنى قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا شۇ 20نەچچە كۈننى بەك تەستە ئۆتكۈزگەن ئېدىم. ئاخشىمى چوڭ ئانام كەلگۈچە قورقۇپ يىغلاپ كىتەتتىم. بەزىدە يەنە تېخى ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان ئىنىللىرىمنىڭ قىينىلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى. شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ. مەن ئانا بولماي تۇرۇپ ئانا بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغان،يەتكۈچە قىيىنچىلىق تارتىپ چوڭ بولغان ئادەم.
ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى. كۆڭلۈمدەئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم ۋە ھۆرمىتىم قوزغالدى.ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس قىز ئېدى. مەن يەنە ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتىرانى ئۈچ يىل پەننى بىلىملەر بىلەن تەربىيلىنىپ ئەمەس كەسپى سىنىپتا كىيىم تىكىشنى ئۆگۈنۈپ پۈتتۈرگنىنى ئاڭلىغىنمىدا ھەيرانلىقتىن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. راستىنى ئېيىتقاندا تولۇقسىزنى ئوقۇمىغان بىر قىزنىڭ ھەر جەھەتتىن بېزنى بېسىپ چۈشۈپ قايىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى سەل خىجىل قىلغاندى. ئىچىمدە :«يا پاناھ، بۇ قىز ياخشىراق بىر شارائىت ۋە مۇكەممەلرەك مەكتەپ تەربىيىسى ئىچىدە چوڭ بولغان بولسا ئىش بار ئېكەنتۇق.»دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭ مۇزاكىرە ۋاقتىدا بىزگە تەكرار قىلىپ بەرگەندە دەرىسنى ئوقۇتقۇچىدىن قېلىشقۇسىز ھالەتتە جانلىق سۆزلەشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن تەڭ مەن ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.
توغرا، ھەبىبە دۇرۇس ئېيىتتى.ھەر كۈنى نۇرمال نەپەس ئالالاۋاتقىنمننىڭ ئۆزى بەخىت، چۈنكى دۇنيادا شۇ بىر نۇرمال تىنىققا تەشنا بولۇپ گۈزەل ھاياتتتىن قايتا بىر ئەركىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلار قانچىلىك؟ ئەتىگىنى ساق-سالامەت كۆزۈمنى ئېچىۋاتقىنىمنىڭ ئۆزى كاتتا بىر نېممەت،چۈنكى ئاخشىمى ئۇيقۇغا كەتكەنچە ئويغىنالماي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئورۇندىۋېلىشقا،قىلغۇسى بارنى قىلۋېلىشقا، ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۋېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولالماي تاسادىبىي ھالەتتە ئارمان ئىچىدە كۆز يۇمۇۋاتقانلار قانچىلىك؟ ماڭا شۇ بەخىت ،شۇ نېممەتتىن بەھىرمان بولىۋېلىشقا بېرىلگەن پۇرسەت شۇنچە كۆپ ، ئەمما مەن شۇ پۇرسەتتىن زادى قانچىلىك پايدىلنالىدىم؟شۇنچە ياخشى شارائىتلاردىن ئوبدان پايدىلنىۋالماي مۇشۇنداق بىخۇد ھالاتتە ياشىشىم توغرىمۇ؟ بىر پۈتۈنسۈرۈك ئەركەك تۇرۇپ ھەبىبەدەك بىر ئاجىز قىز قىلغاننى مەن قىلالماسمەنمۇ؟
شۇ كۈنى كەچتىلا مەن مۇئەللىمنى ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىپ ھەبىبە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۈگەنگۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇم بارلىقىنى ئېيىتتىم. گەرچە سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا ئېنىق بىر جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ قويدى. تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپ ھەبىبە ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلىقى رەسمى باشلاندى.
مەن بۇ يېڭى پارتىدېشىمنى دوراپ دەرىسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇدۇم.بۇنىڭ بىلەن نەزەر دائىرەممۇ خېلى كېڭىيىپ قالدى. مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا ئۇ بالىلارنىڭ تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلسا مەن ئىنتىزامنى ياخىشى تەشكىللەپ بەردىم. دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرنى ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ تەشكىللىسە، ئورۇن ئۇقۇشۇش، ماددى بويۇملارنى تەييارلاش دېگەندەك باشقا تاشقى ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى مەن ئىشلىدىم. ھەبىبە ئىككىمىز يەنە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق موئەللىمگە ئىككى ئايدا بىر قېتىم نەتىجە چىقىرىپ، نەتىجىسى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ساۋاقداشلارنى سىنىپ يىغىنىدا خاتىرە، قەلەم دېگەندەك ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش تەكلىپى بەردۇق. مۇئەللىممۇ بۇ پىكىرىمىزدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. سۆزىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ۋە بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز تۈپەيلىدىن بىز كېيىنچە تېخىمۇ يېقىن بولۇشۇپ كەتتۇق.
مەن سىنىپقا كىرىپلا ھەبىبەنى سورايتىم،ئۇ بولمىسا دەرىسكە قاتناشقۇم كەلمەيتى.ئۇمۇ ئىشىكتىن كىرىپلا مېنىڭ ئورنۇمغا كۆز يۈگۈرتەتتى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئاممىۋى تېلفۇنخانىلارغا چىقىپ قوتۇر تېلفۇنۇمغا تېلفۇن قىلاتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ھېس قىلاتتىم.بىزنىڭ يېقىنلىقىمىز بارا-باراساۋاقداشلىرىمىزنى بىزنى چېتىپ چاقچاق قىلىدىغان ھالەتكە يەتكۈزدى. ھەبىبە بۇنىڭغا كۈلۈپلا قويۇپ ئارتۇقچە بىر نەرسە دېمەيتى. شۇ كۈنلەردە قوشنا سىنىپتىكى ئەزىزە ئىسىملىك بىر قىز ماڭا يۈرۈش تەكلىپى قويدى. مەن گەرچە ھەبىبە بىلەن تونۇشۇپ، قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ يۈرىدىغان ئادىتىمنى تاشلىغان بولساممۇ ئۇ قىزنىڭ قايتا-قايتا يېلىنىشى ئارقىسىدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى توسۇپ ھەبىبەنىڭ گېپىنى قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇ ماڭا ئېغىز ئاچمىغاندىكىن دەپ ئەزىزە بىلەن يۈرۈپلىۋالدىم.
دەرۋەقە ساۋاقداشلىرىم ئېيىتقاندەك بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە كۈن يۈرۈپلا تويۇنۇپ قالدىم. لىكىن ھەبىبەدىن خېجىل بولۇپ دەماللىققا ئايرىلىپ كەتمىدىم، ئەمما ئاخىردا ئەزىزەنىڭ مېنى ساقچىدەك باشقۇرۇشلىرىغا يەنە رزۋىدكا خادىمىدەك تېلفۇنۇمنى چارلاشلىرى قوشۇلۇپ،سەۋىر قاچامنى توشقۇزۇپ مېنى بۇ ئەھمىيەتسىز مۇھەببەت جېڭىنى تىزراق ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغىمۇ قارىماي بۇ لىرىكىدىن قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدىلا قول ئۈزدۈم.
مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم ھەبىبەنىڭ چاندۇرماي كۈلۈپ يۈرىدىغان قايغۇلۇق يۈزىگە قايتىدىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ،ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەندىن سىرىت، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىمۇ قاتتىق سۆيۈندۈردى. مەن ئەزىزەدىن ئايرىلىپ ھەبىبەگە شۇنداق ئەستايدىل ھەم ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. بىر كۈنى سىنىپقا بىر باغلىق قوشماق ئەتتىرگۈل كۆتۈرۈپ كىرىپ،ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدىلا :
ئاينى گۈزەل ئۇز دەيدۇ،
ھەبىبەگە يەتمەيدۇ.
ھەبىبەنىڭ جامالى،
خىيالىمدىن كەتمەيدۇ.
دەپ ناخشا ئېيىتقان پېتى ھەبىبەگە تەڭلىدىم. ساۋاقداشلار كېلشىۋالغاندەك تەڭلا چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.ئۇ خېجىلچىلىقتىن گۈلنى ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يۈزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۋالدى. ئەمما ساۋاقداشلار چاقچاقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرۋەتتى:
-«ئە» «ھە»گە ئاجىزلاشتى ھەبىبە، خاتىرجەم قوبۇل قېلىڭ گۈلنى. ھا ھا ھا.....
-تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇڭ باشلىق،بولمىسا ئۆتكەنكىدەك لېۋىڭىزنى چىشلەپ قالىسىز.ھى ھى ھى...
-نېمىدېگەن رومانتىك. مەن ئېرىپ كېتەي دېدىم شۇ تاپتا.
-بولمىسا سىزلا تارتىۋالامسىز يا ئايتىللا قىز! ھى ھى ھى...
-ئەزىزە تېخى ئۈمىد ئۈزگىنى يوق جۇمۇ ھە،بۇدۇ كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ئايرۇپىلاندا تارىتسىڭىزمۇ بىكا،شۇڭا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ.ھا ھا ھا...
چاقچاق بىردەمدىلا ماڭا قارتىلدى:
-دولقۇنجان ھەي، قىز بالا دېگەن تارتىنجاق كېلىدۇ، ناز قىلىشقا ئامراق بولىدۇ.شۇڭا سىلە ئوغۇل بالا بولغاندىكىن جۈرئەتلىكرەك بولۇپ تەڭلىمەمسىلە يەنە بىر نەچچە قېتىم!
-شۇ، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئەزىزەگە ئوخشاش ئالدىڭلارغا ئۆزى كېلىۋەرمەيدۇ. ھى ھى ھى...
- شۇنى دەڭلا، كېيىنچە بىز ئويغۇرلاردىن خەنزۇلارنىڭكى ھېلقى « كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتۈش»ىگە ئوخشاش « ئىڭەك يۈلەپ قىز بالا كۈتۈش» دەپ مەسەل تارقىلىپ يۈرمىسۇن يانا.ھا ھا ھا.....
-سىلە قىز بالىدەك ھال تارتىپ،جۇۋازچىدەك ماي تارتىپ يۈرگىنىڭلار بىلەن ھەبىبەنى سىلىگە كۆڭلى با دېمىسەك سىلىگە ئاشۇرمايتۇق جۇماۋە ئەدەش.شۇڭا يۈز قىلغاننى بىلىپ گاچچىدە بىر ئىش قىلىڭلا ماندا. ھا ھا ھا.....
-بوممامسىلە ھوي ئەزمەڭلىنى ئېزىپ ئولتۇرماي، تىلىڭلارنى ھېلقى ئەزىزەگە بېرىۋەتكەنمۇ يا؟! ۋەيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت.......
چاقچاقلارنىڭ بارا-بارا تەمسىزلىشىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، ھەبىبەنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ بالىلارغا گەپ قىلىشقا تەمشىلۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ھەبىبە لىككىدە ئورنىدىن تۇردى ۋە قاپقىنى تۈرۈپ :
-سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم، بەك ئاشۇرۋەتمەيلى، ئۆزىمىزگە لايىق كەلگۈدەك، ياراشقۇدەك چاقچاق قىلشايلى.دېدى ۋە قولۇمدىكى گۈلنى شارىتتىدە تارتىپ ئالغان پېتى سىرىتقا ماڭدى. سىنىپنى يەنە بىر قېتىم چاۋاك قاپلىدى. لىكىن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ماڭا ئوچۇق چىراي ئاچماس بولىۋالدى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى گەپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي:
-دەپتىرىمنى سىز تارقىتىپ نۇمۇرۇمنى كاملىتىۋىتىدىغان بولدىڭىز مانا، جايىدا قويۇپ قويىڭە بولمىسا ئۆزۈم ئەكلىۋالاي دەپ چاقچاق قىلىۋىدىم،ئۇ:
-سىزدەك ئەقلى بۇلغىنىپ كەتكەن ساراڭلارلا مەسلىلەرگە ئاشۇنداق تەپەككۇر قىلىدۇ.-دېدى،مەن ئۇنىڭ سۆزۈمگە گەپ قايتۇرغىنىدىن خوش بولۇپ ئۇنى بىر كۈلدۈرۋېلىش ئۈچۈن قالايمىغان سۆزلەشكە كىرىشتىم:
-كالۋا بۇلاقنىڭ سۈيىنى دۈم يېتىپ ئىچىۋالغان سىزدەك لەقۋالارنىڭ دەپتىرىمنى خالىغانچە تۇتۇپ يۈرىشىنى خالىمايمەن......
-نېمانداق غەيرى گەپلەرنى قىلىسىز، تاققۇ-تۇققۇ ماددىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ بۈگۈن؟ قىز بالا جۇمۇ مەن، كۆزلىرىڭىز تۇماقتەك بولغىنى بىلەن بىرنەرسىنى پەرىق ئەتمەيدىغان بالىكەنسىز سىز.
-شۇ جادۇگەردەك تۇرقىڭىز ئەقلىمدىن ئاداشتۇرۋېتىپ بارسا مېنى، قانداق قىلىمە ئەمدى؟
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟
-نېمە دېگىنىم بولاتتى، ئۆزلە چىرايىلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئەتراپىمنى قارغا كۆمىۋىتىپ خاتىرجەم ئولتۇرغان بىلەن ماڭا تەس كېلىۋاتىدۇ ئاي خېنىم، بۇنداق قىلىۋەرمەي ماڭا ياردەملىشىپ ئى سوغوق ماددىلارنى يوقىتىشىپ بەرسىلە، بىكا مۇزلىسا بولمايدىغان جايلار قېتىپ قالسا كىيىن ئېرىمىكى تەس بولارمىكىن؟! شۇڭا ما شىۋىرغانلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ئاچچىقنى چىقىرىشقا باشقىچىرەك تەدبىر قوللانسىلا!
ئۇ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندى بولغاي، باشقا گەپ قىلماي ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. سىنىپ مەسئۇلىمىز ياش بولغىنى بىلەن خېلىلا تەدبىرلىك ئوقۇتقۇچى ئېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا بىرەرسى داۋخولۇق قىلالمايتى.ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغنىدا بىزگە رىغبەت بولىدىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن سىرىت يەنە ھەرۋاقىت :
-قوغۇن مايسىسىنىڭ تۈۋگە كۆمگەن قىغدەك سېسىپ ئولتۇرىۋەرمەي ھەبىبەدەك دەرىستە ياخشى بالىلاردىن ئۆگىنىشىڭ. ئۇلار نېمە يەيدۇ، نېمە ئىچىدۇ، ئاخشىمى پۇتىنى قايانغا قىلىپ ياتىدۇ،ئەتگىنى يۈزىنى قايانغا قىلىپ قوپىدۇ شۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭ.دەرىسنى بەلەن ئۈگىنىپ قويۇپ بېشىڭغا دەسسەيمە دېسىڭىزمۇ مەن ماقۇل دەپ خۇشاللىق بىلەن ئېگىپ بېرىمە، ئەگەر مەكتەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشىڭىزنى جايى-جايىدا ياخشى قىلىپ ماڭماي تۇرۇپ،ئۇياق-بۇياققا ئەلەڭلەپ يۈردىكەنسىز ئۇ چاغدا ياق دېگىنىڭىزگە قويماي مەن دەسسىۋىتىپ قالىمە. شۇڭا مەكتەپتە ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىشلارغا ئارلاشماي ئوقۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۈلۈڭ. مەنە يەنە بىر دەپ قوياي «ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي ، كۆتۈڭنى قىس،يولۇڭغا ماڭ.»جۇمۇ ھە.بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىشماڭ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى بىلىشىپ يۈرۈشۈڭ.-دەيتى. مۇئەللىم چىقىپ كېتىشىگىلا سىنىپتىكى بىر قىسىم ئوغۇللار :«ھەبىبە پۇتىڭىزنى قايانغا قىلىپ ياتىسىز؟ سائەت نەچچىلەردە يۈزىڭىزنى يۇيىسىز؟ نېمە بىلەن يۇيىسىز؟»دەپ ئۇنى تېرىكتۈرەتتى.
ئىككىنجى يىللىقنىڭ ئىككىنجى ماۋسۇمىدا مەن كوماندىغا ئەزا بولدۇم.مەشىق جىددىي بولۇپ قالغان بەزى ۋاقىتلاردا مەن تاپشۇرۇقلىرىمنى خاتىرجەم ھالدا ھەبىبەگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىۋىرەتتىم. ئۇ مېنىڭ مەشىققە چىقىشىمنى قوللاپ ماڭا ئويلىغنىمدىنمۇ كۆپرەك ياخشىلىق قىلدى.بەزىدە مەن ئۇنىڭ مەيداندا كىتاپ كۆرگەن بولىۋېلىپ مېنىڭ مەشىق ئەھۋالىمنى ئاستىرىتتىن كۆزتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كۆزلىرىمىز، سۆز-ھەركىتىمىز قەلبىمىزگە ئاسيىلىق قىلىپ بىر-بىرمىزگە كۆڭلىمىز بارلىقىنى ئاشكارلاپ قويۇشقا باشلىدى. مەغرۇرلىقىم ئۇنىڭ ماڭا مۇھەببەت تەمەسىدە تىكىلگەن كۆزلىرىنى جاۋاپسىز قويدى. ئۇنىڭ قىزلىق غورۇرى مېنىڭ ئۇنىڭغا سۆيگۈ تەلەپ قىلىپ باققان كۆزلىرىمنى ئۈمىدسىز قويدى. بىز ئاشۇنداق بىر-بىرمىزگە بولغان كۆڭلىمىزنى ئېتراپ قىلىشماي ئۆزىمىزنى كۆيۈك ئوتىغا قاقلاپ يۈرىۋەردۇق.
تولۇق ئۈچىنجى يىللىققا چىقىپ تەكرار باسقۇچىغا كىرگە ۋاقتىمىزدا مەن ئۇنىڭ ئەدەبىيات كىتابى ئارسىغا قىستۇرۇلغان قوشماق ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ قالدىم.گۈلنىڭ قۇرۇپ قالغان يوپۇرمىقىغا 513 دەپ يېزىلغان بولۇپ،بۇ سان مېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسى ئېدى ، شۇنداقلا بىزنىڭ سىنىپنىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ سان ۋو ياۋ سەن(ۋو ياۋ نى دېگەن مەنىدە) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ ماڭا سەن كېرەك دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلاتتى. بۇنى كۆرۈپ قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا چىقىپ قالغاندەك كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتكەن بولسىمۇ،تېخى يوقالمىغان كېبىرىم مېنى يەنىلا ئالدىن ئېغىز ئېچىشتىن يالتايتىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئاشۇنداق ھالەتتە تولۇق ئوتتىرانى پۈتتۈردۇق. ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئۆتتى. مەن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تېخنكومىنىڭ مەخسۇس كۇرىس تەنتەربىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىر-بىرىگە ناھايتى يىراق ئىككى شەھەرگە كېتىپ قالدۇق.
ئالىي مەكتەپكە چىقىپلا مەن يەنە كونا ئادىتىمنى تېپۋېلىپ چوڭ سۆزلەپ يۈردىغان بولدۇم.ئەمما مەن بۇ يەردە ھېچقاچان ئادەتلىنىپ باقمىغان ناچار شارائىت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم. سەككىز كىشلىك كىچىك ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا يېتىش،يەنە تېخى قاچا كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىپ يېيىش، شەنبە-يەكشەنبىدىن باشقا ۋاقىتتا ھېچيەرگە بارغۇزماسلىق، تەنتەربىيە كەسپىدىكى بالىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى قاتارلىقلار يۈرۈكۈمنى قاتتىق سىقىپ ، كۆزۈمدىن ياش ئالدى. ئانام-بىلەن دادامغا مەكتەپ يۆتكەپ قويۇڭلار دەپ يېلنىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن دادامدىن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان قاتتىق گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكىلى قىل قالدىم.
-ئۆز يۇرتىمىزدا بولسىمۇ ئەركىن-ئازادە ياشاپ خاتىرجەم چوڭ بولىۋالسۇن دەپ مەيلىڭگە قويۇپ بېرىپ، قولۇمدىن كېلدىغىننى قىلىپ بەرسەم، داداڭنى يوغان ئادەممىكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭما بالام؟ داداڭنىڭ غۇلىچى چاغلىق، ھەممىلا يەردە ساڭا سايە بولۇپ بېرەلمەيدۇ. ئوغۇل دېگەن ئانچە-مۇنچە جاپا ئېچىدىمۇ تاۋلانغۇلۇق،ئەگەر مۇشۇنچىلىك قىينچىلىق ئالدىدا پۈكلىنىپ ، ئوشۇقۇڭغا سېيىپ ئولتۇردىغان بولساڭ،گەدىنىڭگە تەپكەن پېتى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئىشلەمچىلەر قاتارىغا قوشۇپ قويىمە ، شۇ چاغدا تېتىيسە ئاندىن جاپانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى. مېنىڭ بالام بولغاندىكىن تولا لىڭتاسمىلىق قىلماي تۈزۈك ئادەم بول.
دادامنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم بولغاچقا ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. ئەمما چىشىمنى چىشلەپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا ئىلاجىم يوق ئېدى.شۇ كۈنلەردە ماڭا تەسەللىي ۋە مەدەت بېرەلىگۈدەك بىر دوستۇمنىڭ بولۇشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلدىم، ئەمما ئارزۇيۇمنىڭ ئەكسىچە يالغۇزلۇق مېنى داۋاملىق ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى. گەرچە ھەبىبە پات-پات ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇشنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرسىمۇ ، بىراق نېمىشقىكىن ئۇنى ئىزدىگۈم كەلمىدى.
قۇربان ھېيىتنىڭ تۇنجى ئەتىگىنى بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلارمەن دەپ خىيالىمغا ئەكىلىپمۇ سالمىغان ئىكەنمەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كۆمۈش قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك يېقىملىق، تال چىۋىقتەك زىل ئاۋازى مېنىڭ يوقاي دەپ قالغان ھاياجانلىق ھېسلىرىمنى قايتىدىن ئويغاتتى. شۇ باھانىدە مەن ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن دەرىد تۆكىۋالدىم. ئۇ خۇددى ئاپامغا ئوخشاش سۆزلىرىمنى بېرىلىپ ئاڭلىدى ۋە ماڭا تەسەللىي بەردى. مەن خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماڭا پات-پات تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇردى. مەن ئۇ تېلفۇن قىلسا ھالىم يوق، تېلىفۇن قىلمىسا كارىم يۈرىۋەردىم. ئۇنىڭغا قىلغان پەرۋاسىز مۇئامىلەم تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، بارا-بارا ئۇنىڭ مەن بىلەن قىلىشىدىغان گەپ-سۆزلىرى ئازلاپ كەتتى.مەن بەزىدە ئۇنىڭغا:
-ھە ھەبىبە سېغىزخان، ئىچكىرنىڭ نىيورومىيەنلىرى (كالا گۆشى ئۈگرىسى) نى ئىچىۋىرىپ كالا مىجەز بوپ كەتتۇقمۇ نېمە؟ قېنى ماۋۇ گەپ، پۇشۇرۇپ قويغان كالىدەك گۆشىيىپ تۇرماي گەپ قىللى ھە تېلفۇن قىلغاندىن كېيىن!-دەپ چاقچاق قىلىپمۇ قوياتتىم. كېيىنچە مېنىڭ پەرۋاسىزلىقىم ئۇنى مېنىڭدىن پەقەتلا يىراقلاشتۇرىۋەتتى.ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇ نۇمۇرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى.
يىغلا-قاقشا خوتەندە تۆت يىلنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بولدۇم. بۇ جەرياندا يا بىر قىزنى ھەبىبەگە ئوخشىتالمىدىم، يا گاچچىدە ھەبىبەنىڭ قولىنى تۇتماي ئاخىردا ئۇنىڭدىنمۇ بۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قېلىپ يۈردۈم. ئۇنىڭ باشقا قىزلارنىڭكىدىن پەرىقلىق ھالدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ھەم توم قوڭۇر چاچلىرى پەقەتلا كۆزۈمدىن نېرى بولمىدى. لايغەزەللىكىم تۈپەيلدىن ئۆز بەختىمنى ئۇچۇرۋىتىپ ئولتۇردۇم. .ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشىمدا پۈتۈنلەي ھەبىبەنىڭ بەختىنى كۆزدە تۇتقانىدىم. چۈنكى ئۇنىڭدەك ئۆزى ئىسىل پەزىلەتلىك ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا تەربىيلىنىپ چىققان ئىختىساس ئېگىسى قىزغا ئۆزۈمنى لايىق كۆرمىدىم. ئۇنىڭ مەندىن ياخشىراق بىرىگە ئۇچراپ تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلدىم. لىكىن ئۇنى پەقەتلا ئۇنتالمىدىم. تۆت بالىغا دادا بولغان بۈگۈنكى كۈندە تاسادىبىي پۇرسەتتە نۇرىمانگۈل بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىمنى تەقدىرنىڭ ھەبىبە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ئۆكۈنۈشۈمنى باشقا بىر خىل يول بىلەن تولۇقلاپ بېرىشى دەپ ئويلاپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم.
|
|
|
|
|
|
|