|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 17:01
9
مانا بۈگۈن رۇفىنە بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغىلى دەل بىر ھەپتە بولغان كۈن، ئالدىنقى قىتىم رۇفىنە بىلەن ھېلىقى قەھۋاخانىدا پاراڭلىشىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىپ چىققاندىن بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشىپ باقماپتىمەن.سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ناگان-ناگاندا ماڭا قاراپ قويىدىغىنىنى،قاراپ بولۇپ خىياللارغا غەرىق بولىدىغىنىنى سىزىپ تۇرىمەن.لىكىن ئۇ مېنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ باقمىدى،مەنمۇ بۇ ياشقا كىرگەندە كىچىك بالىدەك ھېلى ئۇرۇشۇپ ھېلى ياخشى بولۇشۇپ يۈرۈشنى خالىمىغاچ ئۇنىڭ ھەسرەتكە تولغان كۆزلىرىدىكى سىرنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمىگەندەك يۈرىۋەردىم.
شاڭخەيدىكى كۈنلەر ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە،بۇ يەردە نە ئاتا-ئانا، نە دوست بۇرادەر يوق.بۇ يەردە پەقەت تېڭىرقاش بار، زارىقىش بار. ئەلۋەتتە بۇلار ماڭىلا خاس.تەربىيلىنىشكە كەلگەن 42 كىشىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خىزمەتچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىشى مەن دىمەتلىك بولۇپ، جىقلىرى توي قىلمىغانلار .بۇ يەردە ئۆگىنىش بىسىمى ياكى ئىمتاھان دەيدىغان بىر ئىش بولمىغاچ ھەممىمىز شۇنداق ئازادە، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بىرەر ئىش چىقارماي،ھۆكۈمەت بەرگەن مۇئاشنى خەجلەپ تېنچ-ئامان يۇرتقا قايتىش.بەلكىم باشقىلارمۇ مەندەك زىرىكتى بولغاي، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىرتقا قاتنايدىغان بولدى. ئەڭ ئاۋۋال شاڭخەيدىكى ئۇيغۇرچە ئاشخانىلار ئوۋغا ئايلاندى، مۇشۇنداق بىر شەھەردە، يۇرتىمىز شىنجاڭدىن تۆتمىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقتىكى بىر شەھەردە ئۇيغۇرچە ئاشخانا ئۇچرىتىش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىش . ئەپەندى رېستۇرانى، غېنى باي،يەرشارى، پامىر، ئاسمان، دولان...ئىشقىلىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ نۇرغۇن ئاشخانىلارغا باردۇق. گەرچە شىنجاڭدىكىدەك ئوخشىمىسىمۇ،قىممەت بولسىمۇ لىكىن رازى ئىدۇق.بارا-بارا باشقىلارنىڭ گېپىدە كېچىلىك كۇلۇب قىززىق نوقتىغا ئايلاندى،شۇ ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ قورسىقى بەك تويۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،بىزدە قورساقتىن غەم يوق،قورساقنىڭ غېمى تۈگىسە دۇنيادىكى بارچىكى غەم تۈگەيدىغاندىكىدەكلا، خىزمەت مۇقىم بولغاندىن كىيىن بارچىكى ئارزۇ ئەمەلگە ئاشقاندەكلا.باشتا شاڭخەيگە كەلگىنىمىزدە بىردىن-بىردىن ھەرىكەت قىلدۇق، كىيىن توپ –توپ بولۇپ يۈردۇق، ئونىنچى ئاينىڭ بايرىمى تۈگىگەندىن كىيىن جۈپ-جۈپ بولۇپ يۈرىدىغانلار كۆپىيىپ قاپتۇ.قىزلارنىڭ كىيىنىشى ئۇيغۇرلۇقتىن ئەمەس بەلكى مودىدىن دېرەك بىرىشكە باشلاپتۇ، يىگىتلەرمۇ كوچىدىكى باققالدەك، ئۆزىنى قايتا بىر يۇيۇپ-تازلاپ،ئۆزلىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان سوپۇن-ئەتىرلەرنى ئىشلىتىپ ئەتراپىغا خېرىدار چىللاشقا باشلاپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدىن سۆيۈندۈم، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئاق-قارىنى پەرىق ئىتىپ، ناشايىن ئىشلارغا قۇل بولماپتىمەن،يەنە تۇرۇپ ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ«توختا» دېمەستىن، ياندا تۇرۇپ پىخىلداپ كۈلىۋاتقاندەكلا ھېس قىلىپمۇ قالدىم.
10-ئاينىڭ19-كۈنى،مەن،ياق، بىز شاڭخەيگە كەلگىلى بىر ئاي بولغان كۈن، يۇرتتىكى ئاغىنەم،ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم پولات تېلېفۇن قىلىپ زىرىكىشلىك كۈنلەرگە خاتىمە بەرگەن بولدى.
-يالقۇن ئاداش ياخشى تۇرۋاتامسە؟ ھاۋا بەك سوغۇق ئەمەستۇ شاڭخەيدە؟
-ياخشى، ياخشى. ئۆزەڭچۇ ئاداش، ئوبدان تۇرۋاتقانسە؟ يەڭگەم بەك بوزەك قىپ كەتمىگەندۇ سېنى؟ ئەگەر بوزەك قىلسا شاڭخەيگە يامانلاپ كەل، ئون قىتىم سوراپ كەلگەندە ئاندىن سېنى قىتىپ بىرىمەن.
-ھاھاھا، ھەقىقەتەن مېنىڭ ئاغىنەمدە سەن، ئەجەپ بىلىۋاپسىنا. قىشىڭغا راس يامانلاپ باراي دېگەن ئاداش.لىكىن ئۆزۈم يالغۇز ئەمەس ئايالىم بىلەن بىللە يامانلاپ باراي دەيمەن. قانداق ،ئىككىلىمىزنى باقالامسەن يا؟
-ۋاي باقمامدىغان، بولسا ئۆيۈڭدىكى ئالتە نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى بىسىپ كەل، بىر ئۆمۈر يامانلاپ مېنىڭ يىنىمدا تۇرسۇن.-پولاتنىڭ ئۆيىدە ئاتا-ئانىسى، يەنە ئىككى سىڭلىسى بار بولۇپ، پولات ئەر-خوتۇننى قوشقاندا ئالتە نوپۇس بولاتتى.
-مۇشۇ يىرىڭنى دەيمىزدە يالقۇن،ھەرۋاقىت ئوچۇق. چاقچاقنىمۇ قىلدىم ئاداش، توي قىلغىلىمۇ ئىككى ئاي بولدى ئەمەسمۇ، شۇڭا ئىدارىدىن روخسەت سوراپ بىرەر ھەپتە ساياھەت قىلايمىكى دېگەن قارا، نەگە بارساق بولا دەپ ئويلىشىۋاتقاندا سەن ئېسىمگە كەلدىڭ،شۇڭا شاڭخەيگە بارايلىمىكى دەپ سېنىڭ پىكرىڭنى ئالغىلى تېلېفۇن قىلغانتىم.
-ئوبدان بوپتۇ ئاداش، بولسا ئايالىڭنى ئىلىپ شاڭخەيگە كەل، مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلىمۇ بىرەر ئاي بولدى، ئاز-تولا ئۇقۇپمۇ قالدىم يوللىرىنى،سەن كەلسەڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولاي.تىمپىراتۇرىغا كەلسەك، بىزنىڭ يۇرتتىكىدىن كۆپ ئىسسىق، مۇشۇ كۈنلەردە چاپانمۇ ئېغىر كىلىدۇ تېخى. شۇڭا ئەنسىرىمەي كىلىشكە تەييارلىق قىلىڭلا.-ئۆزۈممۇ زىرىكىپ تۇرغاچ، پولات كەلسە دەرقەمدە بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزەمەن دەپ ئۇنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ ئىنىق قىلىشقا كۈچىدىم.
-ئەمسە بارىلى،بۈگۈن چارشەنبە، 19كەن چىسلاغا،شەنبە 22 بولغۇدەك.شۇ شەنبە كۈنى يولغا چىقايمىكىن خۇدايىم بۇيرىسا.
-ھە بولىدۇ ئاداش، ئىككى-ئۈچ كۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ كىلەرسىلە،بېلەتنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ ھەل قىلامسە يا مەن ياردەم قىلامدىم؟
-شاڭخەيگە بارساق ساڭا ئېسىلىۋالىدىغاندەك «تەييارلىقنى پۇختا قىلىڭلار» دەپ كەتتىڭغۇ ھەي سولتەك، بېلەتنى ئۆزۈم ئالاي، بولمىسا ئېغىر كىلىپ شاڭخەيگە بارغاندا ئالدىمىزغا چىقماي يېتىۋالما.
-ھاھاھا، چۈشەنسەڭ بولدىغۇ ، شۇنداق قىلايلى،قانداق ئىش بولسا ھايت دېگىن.-مېنىڭ چاقچاق قىلغىنىمنى پولات چۈشىندىغان بولغاچقا ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتامىدىم.
-ماقۇل ئاداش، بىرەر نەرسە لازىممۇ راست؟ يۇرتتىن ئالغاچ باراي.
-بولدى، بولدى، كايىما ئاداش، بىرەر نەرسە لازىممۇ ئەمەس.
ئەنە شۇلارنى دېيىشىپ پولات بىلەن خوشلاشتىم. نەچچە كۈندىن بىرى غىققىدە بولۇپ قالغان كۆڭلۈم بۈگۈن ئالتىنچى ئاينىڭ ئاپتىپىدەك، بۆلەكچىلا ئىچىلىپ كەتتى.
يەنە شۇ كۈنى كەچ، يېقىن ئاغىنەم مۇتەللىپمۇ تېلېفۇن قىپتۇ، بۇ دوستۇمنىڭمۇ تېلېفۇن قىلغىنىدىن سۆيۈنۈپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش، تىژلىقمۇ؟
-تىژلىق، تىژلىق، ئۆزەڭلىچۇ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىلە؟ شاڭخەيگە كۆنەپمۇ قالغانسىلە ھە؟
-خۇداغا شۈكرى، كۆنمەيمۇ ئامال يوق دەڭلا،بىر خىلىدا ئۆتىۋاتىدىغۇ بۇ كۈنلەر ئىشقىلىپ.ئۆزەڭچۇ، يەڭگەم بىلەن ياخشى ئۆتەۋاتقانسە؟
-ياخشى ، ياخشى ، ھازىر ياخشىلىشىپ كەتتۇق، ئىشلارمۇ جايىدا.
-ئۇنداقتا ئوبدان،ئەپ ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ دەڭلا.
-شۇنى دىمەمسە. ئاداش يالقۇن، مېنىڭ ساڭا ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ قىلىپ تېلېفۇن قىلغانتىم، بىر ياردەم قىلساڭ بولىتتى.
-قەدىناس ئاغىنەم مەندىن ئاران بىر ياردەم سورىغاندا، قولۇم كۆكسۈمدە، قېنى دېگىنە قانداق ياردەم قىلاي؟
-ئۆزۈم يىغقان پۇللارنى بىر سودىغا دەسمىي سىلىۋەتكەنتىم، شۇڭا قولۇمدا نەق پۇلنىڭ تايىنى يوق، يىقىندا پۇل ئىشلىتىدىغان بىر ئىش چىقىپ قالغان، شۇڭا سەل قىسىلىپ قالدىم.
-ھە دېگىنە، قانچىلىك لازىم؟-ئۇنى ئارسالدى قىلماسلىق ئۈچۈن، گەپ سۆزدە كەسكىن بولىۋاتاتتىم.
-يەتتە-سەككىزمىڭ بولسا بولاتتى، يېڭى يىلغىچە قايتۇراتتىم.-شۇ چاغدا كاللام قاتتىق ھېسابلاشقا ئۆتتى، بىر كارتامدا بەشمىڭ ئۈچ يۈز يۈەن پۇل بار، ھېلىقى كارتامدا12360يۈەن پۇل بار. ئاغىنەمگە ياردەم قىلىمەن دېسەم، ھېلىقى كارتىدىكى پۇلنى ئىشلىتىىشم كېرەكتى. لىكىن ...ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مۇتەللىپگە جاۋاب بەردىم:
-ماقۇل ئاداش، كارتا نۇمۇرىڭنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگىن ئەمسە، ئەتە چۈشكىچە 10000يۈەن ئۇرۇپ بىرەي، باشقا ئىشلىتىدىغان يىرىڭ بولسا ئىشلەتكەچ تۇراسەن، پۈتۈن بولسا كىيىن ھېساپلىشىدىغانغىمۇ ئاسان دېگىنە.-مەن ھېلىقى كارتامدىكى پۇلنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم، مەن گۈلمىرەنى ئىزدەپ تىپىپ بولغىچە مۇتەللىپمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بولار بەلكىم.
-كۆپ رەھمەت ئاداش، ئەجەپ ئەسقاتتىڭ. 11-ئاينىڭ2-كۈنى ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىتتى دېگىنە، شۇڭا بىر سوۋغات ئىلىپ بەرمەكچى بولغان، لىكىن يىنىمدا بارى يەتمىگەچكە سېنى ئىزدىگەنتىم.
-ۋاي بۇ ئادەم قورقاتماڭلا ئاداش، بىرە ئىككى مىڭ يۈەنگە كىيىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ بەرسەڭلا تۈگەيدىغان ئىشقا نىمانداق جۇۋاپ كەتتىڭلا؟
-دەيرۈي يۈرۈشلۈك ئۈزۈكلىرى باركەن دەڭلا، شۇ ئونمىڭنىڭ ئۈستىدىكەن باھاسى، ئۇنىڭ شۇنداق ئۈزۈكتىن تاقىغىسى باركەنتۇق، شۇڭلاشقا ئىلىپ بىرەي دېگەنتىم.-ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يۈزۈمگە بىرسى كاچاتلىغاندەك چۆچۈپ كەتتىم-دە، دەررۇ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-ھە، ئايالىڭنىڭ ئىسمى نىمىتتى ئاداش راست؟
-گۈلمىرە...
مۇتەللىپنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگىنى ئىسىمدە، يوق، كارتا نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىپ،ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان بىر خىل ھېسسياتتا تېلېفۇننى قويدۇم.
10
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، پەيشەنبە، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ مۇتەللىپنىڭ كارتىسىغا 10000يۈەن پۇلنى يۆتكەپ بىرىپ، قالدۇق سوممىڭىز2260يۈەن دېگەن خەتنى كۆرگەندىن كىيىن مەكتەپكە يىنىپ كىردىم.كاللامدا پەقەت ئۈچ شەخىسلا بار. مەن، مۇتەللىپ، گۈلمىرە.مۇتەللىپ مېنىڭ ئاغىنەم، گۈلمىرە مېنىڭ ....ھەرقىتىم بىر مۇنچە ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالاتتىم. ئېسىمنى يىغدىم، گۈلمىرە مېنىڭ ھېچنىمەم ئەمەس، شۇنداق مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمىدى. مۇتەللىپمۇ ئىلگىرى بىزنىڭ ئىشىمىزنى بىلمەيتتى، شۇڭا مۇتەللىپتىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق، توغرىسىنى ئېيتقاندا ھېچكىمدە گۇناھ يوق.يەنە تۇرۇپ،« دەيرۈي يۈرۈشلۈك ئۈزۈكلىرىنى ياقتۇرىدىغان يا مەن تونۇيدىغان گۈلمىرەلا بولمىسا بۇ جاھاندا، بەلكىم باشقا گۈلمىرەلەرمۇ ياقتۇرىدىغاندۇ، شۇڭا بۇنداق كۈلكىلىك خىياللارنى قىلمىساممۇ بولغىدەك»دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم.
ئەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىچىدە ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدۈم، دۈشەنبە كۈنى يېقىن ئاغىنەم پولات ئايالى بىلەن شاڭخەيگە يىتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن خىياللاردىن بوشىنىپ ئۇنى كۈتۈش بىلەن بوپ كەتتىم.
ئۇ كەلگەندىن كىيىن پولات بىلەن ئايالىنى مەن شاڭخەيگە كەلگەندىن بىرى بىرىپ باققان جايلارغا ئىلىپ باردىم.بەزى بىرىپ باقمىغان جايلارنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ،خەرىتىگە قاراپ يۈرۈپ تىپىپ بىرىپ بىللە ئوينىدۇق. ئۇلارنىڭ ياتىقىنى بولسا شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ يىنىدىكى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، چۈنكى ئۇ مېھمانخانىدىن چۈشسىلا، يان تەرەپتە غېنى باي ئاشخانىسى بىلەن، ئەپەندى رىستۇرانى بار ئىدى.ئۇلار كىلىپ ئۈچ كۈن بولغاندا پولاتنىڭ ئايالى رۇفىنە توغرىلىق سۆز ئىچىپ قالدى:
-ھە راست، يالقۇن، سىز بىلەن تەربىيلىنىشكە كەلگەنلەر ئارىسىدا رۇفىنە دەپ بىرى باردۇ؟ ئۇ قىز بىلەن مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن خېلى ئالاقە قىلاتتىم، شۇڭا بولسا ئۇنىمۇ توۋلىسىڭىز بىرەر قىتىم بىللە تاماق يىسەك بوپتىكەن. كىيىنچە ئاڭلاپ قالسا، شاڭخەيگە كىلىپ ئىزدەپمۇ قويماپتۇ دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن.
-با، با. ئۇ قىز بىلەن بىر مەكتەپتە مەن، مەن چاقىراي.-شۇنداق دېگەنچە ئالاقىلاشمىغىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان بۇ قىزنىڭ تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلدىم. رۇفىنە تېلېفۇننى ئالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بىر قاتار چۈشەندۈردۈم، كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى، ئەلۋەتتە، مەن بىلەن ئەمەس بەلكى پولاتنىڭ ئايالى بىلەن ئىدى.
كەچتە دېيىشكىنىمىزگە ئاساسەن ئەپەندى رېستۇرانىدا كۆرۈشتۇق، رۇفىنەنىڭ كىيىنىشىنى كۆرگەن پولاتنىڭ ئايالى سالاملىشىشنى ئۇنتۇغان ھالدا تۇرۇپلا قالدى، پولات ئەھۋالنى چۈشىنىپ ئايالىنى نوقۇپ قويغاندىن كىيىن، يەڭگەم ئەسلىگە قايتىپ رۇفىنە بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن پولات بىلەن ماڭا قىلچىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولمىغان پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ گىپىنى قىلىشقاچ تاماقنى بۇيرىتىۋەردۇق.سائەت يەتتە يىرىملارغىچە بىز بۇيرىغان سەيلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولدى، تۆتىمىز «ئېلىڭلا، بېقىڭلا»دېگەچ پاراڭلىشىپ ئولتادۇق. مەن كۆپىنچە پولاتقا، پولاتنىڭ ئايالى رۇفىنەگە گەپ قاتاتتى،مەن بىلەن رۇفىنە بولساق خۇددى بۈگۈن تونۇشقانلارغا ئوخشاش بىر-بىرىمىزدىن خۇدۇكسىراپ ئولتۇراتتۇق.
-ۋاي يالقۇن، پولات سىزنى خېلى سۈيى با دەيتتى، ئەجەپ شاڭخەيگە كىلىپ بىر ئاي بولغۇچىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىر يۇرتلىقى بىلەن تونۇشۇپ بولالمىدىڭىز؟ ئەمدى مۇساپىرچىلىقتا ئەسقاتىدۇ يۇرتلۇق دېگەن، شۇڭا بولسا ئىككىڭلا تونۇشۇپ يىقىنراق ئۆتۈڭلا دەيمەن.-بۇ ۋاقىتتا رۇفىنە بىلەن مەن تەڭلا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.
-ھە، بولىدۇ، بۇندىن كىيىن شۇنداق قىلارمىز.-سەل ھودۇققان ھالەتتە جاۋاپ بەردىم.-مېنىڭ جاۋابىمدىن بىر نەرسىنى سەزگەن پولات دەرھال گەپنى بۇرىدى:
- ھە ئاداش يالقۇن،ئىشلىرىڭ قانداق بوپ كەتتى؟پۇلنى نەق قىپ بولغانسەن؟
-ئۇ ئىشلارنى دەمسەن ئاداش، پۈتۈپمۇ قالدى، لىكىن شۇ گۈلمىرەنىڭ ئۆزىنى تاپالماي دېگىنە.-شۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ پارىڭىنى چۈشىنەلمىگەن پولاتنىڭ ئايالى گەپ قىستۇرۇپ قالدى؛
-ۋاي ۋۇي، نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتىڭلا ئىككىڭلا؟ كىمۇ ئۇ گۈلمىرە دېگەن؟ يالقۇن نېمىشقا پۇل يىغىدىكەن؟ چۈشەنگىدەك قىلىپ دەڭلا مۇنداق.-بۇ ۋاقىتتا پولات سۆز باشلاپ ، مېنىڭ قانداق قىلىپ گۈلمىرە بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىمنى، پويىزدىن چۈشكەندىن كىيىن يەنە قانداق ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ ئۆتتى.
-ھە، ھېكايىلەردىكى مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسىكەنغۇ بۇ، يالقۇن كىيىن گۈلمىرەنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، لىكىن ئاخىرىدا بىللە بولالماي بۇ ھېكايە تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.-پولاتنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقىنىنى سەزگەن يەڭگەم دەرھال سۆزلەشتىن توختىۋالدى.بۇنىڭغا ئۇلاپ مەن ئۆزۈم سۆز باشلىدىم:
-ھەقىقەتەنمۇ، گۈلمىرە بىلەن بولغان كۈنلەر ھېكايىدىكىدەكلا. لىكىن مۇشۇ كۈنلەردە تونۇپ يەتتىمكى، شۇ ھېكايىلەردىكى ۋەقەلىكلەر ئەمەلىيەتتىن، رىئاللىقتىن كەلگەنىكەن، شۇڭلاشقا، مەن بىلەن گۈلمىرەنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ۋەقەلىك پات ئارىدا بىرەرسىنىڭ ھېكايىسىدە ئۆزىنى كۆرەمدۇ تېخى.
-ھې،ھې، چاقچاق قىپ قويدۇم، بولسا سۆزلەپ بىرىڭە،ھەممىمىز بىر ئاڭلايلى.-پولاتنىڭ ئايالى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، رۇفىنە بىلەن پولاتمۇ «سۆزلە» دېگەننى قىلىپ ماڭا قارىدى،مېنىڭچە ئارىدا ئەڭ ھەيران قىلىۋاتقىنى رۇفىنە، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بۇ توغرىلىق ھېچنىمە دەپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن گۈلمىرە بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشتىن باشلاپ ھېكايەمنى باشلىۋەتتىم.
2008-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى چارشەنبە كەچ سائەت ئالتە.مەكتەپنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا چىقىپ بولغان گۈلمىرە مېنىڭ يىراقتىن كىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى،مەنمۇ ماس ھالدا قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم-دە، ئۇنىڭ يىنىغا چاققانلىق بىلەن يېتىپ كەلدىم.
-21-ئەسىر ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە بىر ئەسىركەن ھە ، قىزلار ئوغۇللارنى ساقلايدىكەنمىز.-ئۇنىڭ يېنىغا ئەمدى كىلىشىمگە گۈلمىرە شۇنداق دېيىشكە ئۈلگۈردى.
-ئوغۇللارمۇ كەلسە-كەلمەس قىزلارنى ساقلاۋەرمەيدۇ،شۇڭا قىزلارمۇ ساقلىغىدەك ئوغۇللارنى ئۇچراتقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىسا تېخىمۇ ياخشىغۇ. مانا سىز ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپسىز، ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
-ئۆتەپ بىرىڭە، ئەگەر سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ تاماققا تەكلىپ قىلمىغان بولسام، بۇنداق ساقلىغىچە دەپ ئاللىقاچان ياتىقىمغا قايتىپ كىتەتتىم مەن.
-سائەتلىرى ساقتۇ؟بىز ئالتىدە دىيىشىپ قويغان تۇرساق، سائەت ئەمدى ئالتە بولدى مانا.-شۇنداق دېگىنىمچە سول قولۇمدىكى سائەتنى ئۇنىڭ كۆزىگە يىقىنلاتتىم.
-مېنىڭ چاتىقىم يوق، قانداقلا بولمىسۇن بىر قىزنىڭ ئوغۇل بالىنى ساقلىغىنى راسقۇ.
- ھە راست، راست، خاپا بولمىسىلا ئەمسە، بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئىش سادىر بولمايدۇ.
-كىم سىزگە يالقۇن بىلەن گۈلمىرە بۇندىن كىيىن يەنە كۆرۈشىدۇ دەيدۇ؟ تېخى كىيىنچە سادىر بولمايدۇ دەپ.
-ۋاي ماقۇل، ۋاي ماقۇل، بۈگۈن تاماق يەپ بولساقلا بۇندىن كىيىن ئىككىمىز تونۇشمايمىز،كۆرۈشىدىغان ئىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.
-ھاھاھا، سىز بىلەن چىقىشقىلى ئامراق بوپ قالدىم جۇمۇ مەن. دەڭە قېنى قەيەرگە بارىمىز تاماق يىگىلى؟ باشتىلا دەپ قوياي، بەك ئېسىل يەرگە بارىلى دەپ جۇۋاپ يۈرمەڭ، بولمىسا ياخشى تەسىر بىرىمەن دەپ ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.-بۇ قىز شۇنداق دېگىنىچە ئادەمنى زاڭلىق قىغلاندەك كۈلۈپ كەتتى.
ئاخىرى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى نورمال ئېچىلغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ غىزالاندۇق.
-ئەمسە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمۇ؟پويىزدا ئىسمىمنى بىلەلمەي يىغلاپ چۈشۈپ كەتكەنتىڭىز؟
-تولا چىشىمغا تەگمەي باشلاڭە تېز. -ئۇنىڭ بۇنداق بىر گەپنى ئەزۋەيلەۋىرىشىگە چىدىماي سوغۇقلا جاۋاپ قايتۇردۇم.
-ئىسمىم گۈلمىرە،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىنىنىڭ ئوقوغۇچىسى، بۇ يىل 25 ياش ،قۇمۇل شەھەرلىك،بوي ئېگىزلىكىم بىر مىتىر ئاتمىش بىر،ئېغىرلىقىم 45كىلوگىرام.يەنە قانداق ئۇچۇرلار لازىم؟
-يەنىما؟يەنە، قاچان توي قىلدىڭىز؟ قانچە بالىڭىز بار،نېمىشقا 25ياشتىلا تۆتىنچى يىللىققا چىقىۋالدىڭىز؟
-ھاھاھاھا،توينى سەل چوڭ بولغاندا قىلامەن خۇدايىم بۇيرىسا، شۇڭا بالىمۇ ھازىرچە ئامانەت. يېشىمغا كەلسەم شۇ سىزنىڭ ئاچىڭىزدەك بار .
-خەپشۈك، بۇ سىزنىڭ تال شىۋىقتەك بەستىڭىزگە، خام سۈت لېغىلداپ تۇرىدىغان يۈزىڭىزگە «مەن ئەمدى20گە كىردىم» دېگەن خەت يىزىقلىقكەن جۇمۇ، ئۆزىڭىز يازمىغان بىلەن، شۇڭا يېشىم بىلەن يالقۇننى قورقۇتۇپ قاچۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ، سىزگە چاپلىشىۋىلىشنى ئەسلا ئويلىمىدىم.
-ياق، مەن چاقچاق قىلمىدىم، مەن تولۇقتا بىر يىل قايتا ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپتە بولسا بىر يىل ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىغان،شۇڭا مەن ئەسلى سىزدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇسام توغرا بولاتتى.-ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنگەندىن كىيىن بۇ توغرىلىق ئارتۇق گەپ سورىمىدىم.مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاددىيلا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن بولدى قىلدىم.
- ھە راست ئۇكام، پويىزدا قوشاق قاتقىنىڭىزغا قارىغاندا شېئىر دېگەندەكلەرگە خېلى ھەۋىسىڭىز باردەك قىلامدۇ قانداق؟ مەنمۇ ئۆزۈم فىزىكا كەسپىدە بولغان بىلەن خېلى قىزىقاتتىم دەڭە.
-ئۆزىڭىز خېلى چاقچاقچى، گەپ كۆتىرىدىغان قىزكەنسىز، مەنمۇ خېلى چاقچاقلىرىڭىزنى كۆتۈردۈم، لىكىن مەيلى چاقچاق قىلىڭ، ياكى راست دەڭ ئىشقىلىپ، مۇشۇ «ئۇكام»دېگەن سۆزنى دىمىسىڭىز قانداق؟قىزلارنىڭ ئۇكام دېيىشىنى خېلىلا ياقتۇرمايتتىم.-گۈلمىرە مېنىڭ ئەستايىدىل ھالىتىمنى كۆرۈپ، چاقچاق ئارلاشتۇرماستىن ماقۇل بولدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئىلگىرىكى ئۇقۇشماسلىق ھەقىقىي تۈردە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىككىمىز ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ئىلىم-بىرىم مۇناسىۋىتى قالمىدى، بىز ئەمدى ئالاقىلاشمىساقمۇ بولاتتى، لىكىن ئىككىمىزگە ئوخشاش بولغان بىر قىزىقىش، يەنى شېئىرغا بولغان ئىشتىياق بىزنى داۋاملىق ئالاقىلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەلۋەتتە، مەن مەجبۇر قىلدى دېسەم توغرا بولمايدۇ، ئەسلى شارائىت ھازىرلاپ بەردى دېيىشىم كېرەك.
بىزنىڭ كىيىنكى قىتىملىق كۆرۈشىشىمىز تۆت كۈندىن كىيىنكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بولدى.
-سىزدىن بىر شېئىر توغرىلىق تەلىم ئالاي دەپ ئىزدىگەنتىم يالقۇن.-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى.
-ئەمسە تاماق يىگەچ پاراڭلاشمامدۇق؟ يۈرەڭە.
-يىسىڭىز سىز يەڭ، مەن نىيەت قىلغانتىم بۈگۈن،چۈشتىن كىيىن سوراي بولمىسا.-بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزاردىم.مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى بىرەر كۈنمۇ رامزان تۇتۇپ باقماي، بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتقانلىقىمدىن نۇمۇس قىلدىم.ئەلۋەتتە، بۇ خىل نۇمۇس قىلىش، ئۆز-ئۆزۈمدىن يىرگىنىش تۇيغۇسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، يۇرتقا قايتقاندىن كىيىنكى ھەر بىر ئەسلىمەمدە مېنى تېخىمۇ قېينايتتى.لىكىن مەكتەپتىكى شۇ چاغلاردا شۇنداق نادانلىق، بىخۇتلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋىتىپتىكەنمەن.
-بولىدۇ،چۈشتىن كىيىن تېلېفۇن قىلاي ئەمسە.-شۇنداق دەپ قىزارغىنىمچە ئۇنىڭ يىنىدىن ئاشخانا تەرەپكە كەتتىم. بۇ قىلىقىممۇ كىيىن ماڭا تولىمۇ ئىپلاسلىقتەك تۇيۇلدى، چۈنكى ئاللاھتائالادىن قورقماي، ھېچ تەپ تارتماي بىر بەندىدىن خىجىل بولۇشۇم چوڭ بىر رىيا ھېساپلىناتتى.گەرچە ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن رامزان تۇتمىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لىكىن ئۇنى قەستەن ئۇنداق قىلمايدىغاندەك ھېس قىلدىم.
چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغاندا، مەن گۈلمىرەگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتىپ كۆرۈشتۈم.
-ماۋۇ شېئىرنى دېگەنتىم يالقۇن.-گۈلمىرە شۇنداق دېگىنىچە مەرھۇم ئالىم،ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئۇچراشقاندا»ناملىق شېئىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن دەررۇ بىرىنچى كۇبلىتىغا كۆز يۈگۈرتتۈم.
سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈم سۇلتانىنى،
دېدىم سۇلتانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.
كۆزلىرى يالقۇنلۇق،قوللىرى خېنىلىق،
دېدىم چولپانمۇ سەن؟ دېدى ئۇ ياق-ياق.
ئەمدى بىرىنچى كۇبلىتىنى ئوقۇپ بولىشىمغا، گۈلمىرە خاتىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
-مۇشۇ شېئىرنى تالاي ئوقۇدۇم، لىكىن قەتئىي چۈشىنەلمىدىم،شۇڭا سىزنى چۈشەندۈرۈپ قويامدىكىن دېگەن.
-ھە، مەنمۇ بۇرۇن ئوقۇپ باققان بۇ شېئىرنى، لىكىن تازا چۈشىنەلمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتىكەنمەن، بولسا مەن بۇ شېئىرنى قايتا –قايتا ئوقۇپ، ئاندىن بىر نېمە دەيمىكىن.
-چاتاق يوق، ئەمسە بۇ خاتىرە سىزدە قالسۇن،چۈشەنچىڭىزنى خاتىرىگە يىزىپ قويسىڭىز تېخى ياخشى.
ئىككىنچى قىتىملىق كۆرۈشىشىمىز مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتى. ئەتىسىدىن باشلاپ مەن رامزان تۇتتۇم. يەنە بىر قىتىم كۆرۈشتۇققۇ دەيمەن، ئۇنىڭغىچە دۆلەت بايرىمى ھەم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن قەشقەرگە، گۈلمىرە قۇمۇلغا قايتتى.ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى مۇبارەكلىشىپ تېلېفۇن قىلىشقاندىن باشقا ھېچقانداق ۋاقىتتا تېلېفۇنلىشىپمۇ باقمىدىم.قەستەن تېلېفۇن قىلمىدىم ئەمەس، بىز تېخى ئۇنداق باسقۇچقا يەتمىگەن ئىدۇق. ھېيتنىمۇ ئۆتكۈزۈپ يەتتىنچى چىسلا يەنە ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدىم، شۇ كۈنى كەچتە گۈلمىرەگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتىپ چىقىپ بىللە تاماق يىدىم.بەلكىم مۇشۇ قىتىملىق بىللە تاماق يىيىش ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن.
شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىشكە باشلىدى.بىز ئۇچرىشىپ قالساق، يەيدىغاننىڭ ئوينايدىغاننىڭ گېپىنى ئانچە قىلىشمايتتۇق، قىلىشىدىغىنىمىز جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىشلار، كىتابتىكى بىرەر سۆز-جۈملە ئۈستىدە ئىدى. ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى، ئىجادچانلىقى مېنى جەلىپ قىلاتتى.نۇرغۇن قىزلاردەك ناز قىلىپ كەتمىسىمۇ لىكىن ھەر بىر ھەرىكەت، ھەربىر سۆزىگە بىرخىل سېھرى كۈچ يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ گۈلمىرەنى ياخشى كۆرۈشۈپ قىلىشىمنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىققا ئىگە بولدۇق،مىجەزىمىزمۇ شۇنداق چىقىشىدىغان بولدى.
راستىمنى ئېيتسام بىزنىڭ ئارىمىزدا باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگۈدەك تەسىرلىك ھېكايىمۇ يوق ئىكەن، بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى گۈزەل مىنۇتلار باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى «تومپايلىق»ئىكەن.لىكىن بىز باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەت قىلىۋاتمايمىز، باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ھېكايىمىزنى ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقىمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ئارتىس ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇپ، تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىش، ياكى كۈلدۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. شۇ كۈنلەردە گۈلمىرەمۇ ماڭا ناھايتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.شۇڭا 2009-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى،يەنى گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا:«بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ توي قىلايلى» دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۆز سوۋغۇتۇمنى يەتكۈزدۈم.
-ئەستا،ئەستا، ما ھاماقەتلىكىمنى كۆرمەمدىغان.-تۇيۇقسىز بۇنداق دېگىنىمدىن چۆچۈپ كەتكەن رۇفىنە شارتلا ماڭا قارىدى –دە، چىراينى جىددى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ:
-بىرەر مۇھىم ئىشنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپسىزما؟ئەجەبا...؟
-ياق،ياق. باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ، سىلەرنى تاماققا بېقىڭلا دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ.قېنى ئاداش، سەيلەرگە باققاچ ئولتۇرە،يەڭگە سىزمۇ ئىلىڭە، ھە، مېنىڭ بۇ تۇز سالمىغان ئاش سۈيىدەك تەمسىز ھېكايەممۇ سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويدى ھەقاچان. –شۇنداق دەپ گەپتىن توختىدىم. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۇنداق دەپ سالغىنىم ئۆزۈمگە ئايان،مۇتەللىپ ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ2-كۈنى دېسە ھەجەپ گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 1-ئاينىڭ7-كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەنيا، ما دۆتلىكىمنى قارىمامدىغان.گەرچە ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تۇرساممۇ لىكىن يەنىلا بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ كەتتىم، دېمەك مۇتەللىپنىڭ ئايالى گۈلمىرە باشقا، مەن توي قىلماقچى بولغان گۈلمىرە باشقا ئىدى.
|
|
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.
|
|
|
|
|