|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 16:58
8
بىزنى شاڭخەيگە تەربىيلىنىشكە كەلدى دېگەندىن، ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى كەلدى دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىدى.چۈنكى ئوقوغۇچىدىن ئوقۇتقۇچىغىچە قىلچە ئەستايىدىل ئەمەس بولۇپ،سىنىپتا ئولتۇرغان ئوقوغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن كارى يوق، دەرىس سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ پەستىكى ئوقوغۇچى بىلەن كارى يوق.بىز خۇددى ئىككى يولدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش بىر-بىرىمىزگە دەخلى قىلماستىن ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىمىز. مانا بۈگۈن چۈشتۈن بۇرۇنمۇ ناھايتى زىرىككەن ھالدا تۆت سائەتنى ئاران توشقۇزدۇق، ئەمدىكى ۋەزىپە چۈشلۈك تاماق يىيىش ئىدى.
ئاشخانىغا چىقىپ ياتاقدىىشم تۇرغۇن بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان شۇ پەيتتە، ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇزلا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان رۇفىنە كۆزۈمگە چىلىقتى.ئۇنىڭ تاماق يەۋاتقان ھالىتىگە قاراپ كەيپىياتىنىڭ تولىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىش ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس ئىدى. مېنىڭ تولا رۇفىنە تەرەپكە قاراپ ئولتاغىنىمنى سەزگەن تۇرغۇن ئۇستىلىق بىلەن مېنى رۇفىنەنىڭ يىنىغا يولغا سالدى. مەنمۇ ئىلتىپاتنى قوبۇل قىلىپ، ئىچىمدە تۇرغۇنغا رەھمىتىمنى ئېيتقاچ رۇفىنە ئولتۇرغان ئۈستەل ئالدىغا كىلىپ، رۇفىنە بىلەن قارمۇ-قارشى ئولتۇردۇم. ئۇ قىز مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ بېشىنى بىر كۆتۈرۈپ قاراپ قويۇپلا يەنە تاماققا تىكىلگەن پېتى ئولتۇرۋالدى. دەرھال نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىگەچ،بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن رۇفىنەنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدىم:
-رۇفىنە.-ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىغاندىن كىيىنلا توختاپ قالدىم، چۈنكى ھېلىتتىن ئىچىمدە توقۇۋالغان گەپلىرىم ئېغىز ئىچىشىم بىلەن كاللامدىن قېچىپ كەتكەنىدى.
-ھە؟ مەن رۇفىنە شۇ، توغرا تونۇپسىز.-ئۇنىڭ سوغۇق ئاۋازىدا ئىلگىرىكى ناز-كەرەشمىدىن، ئەركە-نايناقلىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى.
-بۇ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى پاراڭلىشىشقا ئەپسىزكەن، ئەگەر خالىسىڭىز سىرتقا چىقىپ بىردەم پاراڭلىشىپ كىرگەن بولساق.
-مەندە يەنە بىرەر مەسىلە كۆرۈلدىما؟ ئەگەر شۇنداق بولسا قىلچە تۈزۈت قىلماي دەۋىرىڭ، گەرچە سىزنىڭ ئالىدىغان ئايالىڭىز بولمىساممۇ تەنقىدىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.-رۇفىنە شۇنداق دېگىنىچە ئۈستەل ئۈستىدىكى پىيالىدىكى چاينى بىر تېنىقتىلا ئىچىۋىتىپ توختىدى.
-ئاۋۋال ماقۇل بولىڭە، سائەت بىردە مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشىلى، نېمە گەپ بولسا شۇ يەردە دېيىشىلى، قانداق؟
-مېنىڭغۇ سىزگە دەيدىغان گىپىم يوق،لىكىن سىزگە يۈز بىرەي، شۇ باھانىدا سىزنىڭ ئېسىل ھېكمەتلىرىڭىزنى ئاڭلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس.-گېپىنى ئاخىرلاشتۇرغان رۇفىنە خوشمۇ دېمەستىن ئازراقمۇ يىمىگەن تامىقىنى كۆتۈرگىنىچە، قاچىلارنى يىغىدىغان جايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
-قەيەرگىرەك بارساق بولار سىزنىڭچە؟-سائەت بىردىن ئازراق ئۆتكەن ۋاقىتتا، رۇفىنە بىلەن چوڭ ئىشىك ئالدىدا كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ پىكىرىنى ئىلىش ئۈچۈن شۇنداق سورىدىم.
-مەن ئۈچۈن قەيەر بولسا بەرىبىر. لىكىن پاراڭلىشىدىغان ئىش بولغاندىكىن،جىمجىتراق جاي ياخشى، شۇڭا بىرەر قەھۋاخانىغا كىرسەك ياخشىراق.
-شۇنداق قىلايلى ئەمسە. لىكىن مەن بۇ شاڭخەيگە كىلىپ قەھۋاخانا دەيدىغان يەرگە دەسسەپ باققان بەندە ئەمەس، شۇڭا يول باشلىغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.-گېپىم ئەمدى تۈگىشىگە رۇفىنە مۆرەپمۇ قويماستىن مېنىڭ ئالدىمدا يۈرۈپ كەتتى. ئەلپازىدىن قارىغاندا مېنى قەھۋاخانىغا باشلاپ ماڭغاندەك قىلاتتى،شۇڭلاشقا مەن يۇۋاشلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
يولدا رۇفىنەگە ئەگەشكەچ خىيالغا ئەسىر بولۇپ كىتىۋاتماقتىمەن.«مەن نېمىشقا بۇنداق ناچار قىزغا يەنە قايتا گەپ قىلىمەن؟ بۇ قىزنىڭ مەن تارتىشىدىغان نېمىسى بار؟» بۇ سوئاللارنى ئۆزۈم سورىغاندىن كىيىن يەنە ئۆزۈم جاۋاپ بىرىمەن.«ئەگەر مەن رۇفىنەگە قاتتىق گەپ قىلغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەن بولسا، مەن ئۆزۈمنىڭ تىللىغىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ قىزنىڭ قانداق بولۇپ كىتىشىگە پىسەنت قىلىپ كەتمەيتتىم. لىكىن بۇ قىز ئۆزگىرىپتۇ، گەرچە ئۆزگىرىپ بۈۋىم بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ياغلىق چېگىشى، كاسىسىىنى ياپىدىغان ئۇزۇن يەڭلىك كۆڭلەك،كەڭراق ئىشتان كىيىشى بۇ قىز ئۈچۈن بىر ئىنقىلاب ئىدى. رۇفىنەنىڭ بۇنداق ئۆزگەرگىنىنى كۆرۈپ، بۇ قىز ئەسلى مۇشۇنداق ھالەتتىكىدەك، مەن بولسام رۇفىنەگە قارا چاپلىغاندەك، يوق يەردىن ئىش تىپىپ ھاقارەتلىگەندەك بىر خىل ھېسسىياتتا بولۇپ قالدىم، شۇڭلاشقا بۇ خىل ھېسسىياتنى يوق قىلىش ئۈچۈن رۇفىنەنى پاراڭلىشايلى دەپ چاقىردىم.» خىيالىمدا ئۆز سوئالىمغا ئۆزۈم جاۋاپ بىرىپ يۈرگەن شۇ دەقىقە رۇفىنە توۋلاپ تۇرۇپ«ئاۋۇ قەھۋەخانىغا كىرەيلى»دەپ ئىشارەت قىلدى،ئۇنىڭ توۋلاپ سۆزلىگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ گەپنى نەچچە قىتىم تەكرارلىغىنى ئىنىق.
قەھۋەخانىغا كىرگەندىن كىيىن، ياخشىراق جاينى تىپىپ ئولتادۇق-دە، ئوخشاش قىلىپ ئىككى ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇپ قويۇپ پارىڭىمىزنى باشلاپ كەتتۇق. مەن باشتا سۆز قىلدىم.
-مەن بۇ يەرگە سىزنى ئالدىنقى قىتىملىق ئىشىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىۋالاي دەپ چاقىرمىدىم، چۈنكى مېنىڭ ئۇ گەپلىرىمنىڭ خاتاسى يوق، قارىغاندا سىزمۇ خاتالىقىنى ھېس قىلىپسىز، شۇڭا ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇپسىز. ئەگەر بۈگۈن سىزنى يەنە بۇرۇنقىدەك ھالەتتە كۆرگەن بولسام، سىز بىلەن قىلچىلىق كارىم بولمىغان بولاتتى،لىكىن ئۆزگەرگەن ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر خىللا يورۇپ قالدى، شۇڭا سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، مۇقىم مۇھىت بەرپا قىلىپ، ساپ ئالاقە ئورنىتايمىكى دەپ ئالاھىدە چاقىرغان ئىدىم، مېنىڭ بۇ پىكرىمگە ئۆزىڭىز قانداق قارايسىزكىن؟-ئارىمىزدىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان گاڭگىراش ۋە ئېغىر كەيپىياتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر يىنىك تىلدا سۆزلەشكە تىرىشقاچ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم. رۇفىنەنىڭ يۈزىمۇ ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە ئۇپا-ئەڭلىكنىڭ ئاستىدا ئۇفسىنىپ ياتىدىغان بۇ يۈزمۇ بۈگۈن ئاخىرى قۇياش نۇرىغا قاقلىنىشقا مۇيەسسەر بولغان ، بۇ خۇشاللىقتا ئىككىلا يۈزگە تېخىمۇ جەزبىدارلىق قونغاندەك قىلاتتى.مانا بۇ ۋاقىتتا رۇفىنەنىڭمۇ شۇنداق چىرايلىق قىز ئىكەنلىكىنى تۇنجى قىتىم ھېس قىلدىم.
گېپىمنى تۈگىتىپ خېلى ۋاقىت ئۆتتى،لىكىن رۇفىنەنىڭ جاۋاب بىرىدىغان ئەلپازى باردەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىر نوقتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىگە باقتىم، بۇ بىر جۈپ كۆزگە غەزەپ-نەپرەت ئەمەس بەلكى ئامالسىزلىق، بىچارىلىق يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. ئاخىرى بولماي رۇفىنەنى يەنە بىر قىتىم ئەسكەرتتىم، شۇ چاغدىلا رۇفىنە كۆزلىرىنى يىراقتىن قايتۇرۇپ كىلىپ، مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەردى:
«مېنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىم ئاينۇر،دادامنىڭ ئىسمى ئىلھام ،رەھمەتلىك ئانامنىڭ ئىسمى بولسا بىلقىز.ئەقلىمنى بىلسەم دادام چارۋا-مال دوختۇرخانىسىدا دوختۇر ئىكەن،ئانام بولسا يېزا مەركىزىدە تۈرلى ماللار ماگزىنى ئاچىدىكەن.ئانام مېنى تۇغقاندىن كىيىن يەنە ئىككى قىتىم قورساق كۆتۈرۈپتۇ، لىكىن ئىككىلا قىتىم بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ،شۇڭا مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدىمۇ مېنىڭ بىرەر ئۇكام يوق ئىدى.ئۆيدە بار-يوقى بىرلا بالا بولغاچ، دادام ئاناملار مېنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى. مەن قىلىمەن دېگەن ئىش چوقۇم قىلىناتتى.لىكىن بۇنداق شېرىن كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى،چۈنكى ئانام خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
مېنىڭ يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىم ئىدى،دادام-ئاناملار مېنى «بۇيرۇققا بىنائەن» باغچىغا ئوينىتىشقا ئىلىپ باردى.ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،ئۇ كۈز ۋاقتى بولۇپ،يوللار غازاڭ بىلەن تولغانىدى.باغچىدىن چىققاندىن كىيىن دادام ئانام بىلەن مېنى يولنىڭ چىتىدە ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ ئۆزى ماگزىنغا بىر نەرسە ئىلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. مېنىڭ بىر يەردە جىم تۇرغۇم كەلمىگەچ، ئانام ھەرقانچە تاپىلىسىمۇ، قولۇمنى تۇتىۋالسىمۇ يۇلقىنىپ چىقىۋىلىپ يولدا ياتقان غازاڭلارنى قولۇمدىلا سۈپۈرۈپ ئوينايتتىم. بۇنداق قىلىپ كىيىملىرىمنى مەينەت قىلىشىمغا چىدىمىغان ئانام يىنىمغا كىلىپ قولۇمدىن تۇتۇشقا تەمشىلۋىدى، مەن دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئانامنىڭ قولى يەتمەيدىغان تەرەپكە يۈگەردىم.ئانام يولنىڭ چېتىدە بولغاچ، ئانامنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەر دەپ يولنىڭ ئوتتۇرىغا قاراپ يۈگرەپتىمەن، ئەنسىرەپ كەتكەن ئانام «ئېھتىيات قىل» دەپ كەينىمدىن يۈگەرگەن شۇ پەيتتە يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى كىچىككىنە بىر تاشقا پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتى. ئەلۋەتتە بۇلارنى مەن يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ بوپ ، كەينىمگە بۇرۇلغاندا ئاندىن سەزگەنىدىم. ئانامنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىدىلا ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ يىغلاپلا كەتتىم،كىيىن دادام چىقىپ تولىمۇ جىددىيلەشكەن ھالدا ئانامنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى. بىر ۋاقىتتا دادامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئانام مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەنىكەن.ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم.
مەن ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم دەپ خاتالىشىپتىمەن، چۈنكى مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ھەم دادامدىن، ھەم ئانامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەنمەن.ئانامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، دادام ھەسرەتلىك كۆزلىرى بىلەن ماڭا بىقىپ، ئەينى ۋاقىتتا قانداق بولغانلىقى توغرىسىدا سورىدى. مەن ئەينى ئەھۋالنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردىم،دادام ئاڭلاپ بولۇپ مېنى ئۇرۇپلا كەتتى،ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭا گەپ قىلىشنىمۇ توختاتتى.مانا ھازىر يىگىرمە بەش ياشقا كىرىپتىمەن، دادام بىلەن ئون سەككىز يىلدىن بىرى قىلىشقان گىپىم، يەتتە يىشىمغىچە قىلىشقان گىپىمنىڭ يىرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كىيىن دادام توي قىلىپ ئۇ ئايالىدىن ئىككى بالىلىق بولدى،شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچ پەرزەنت بىر ئۆيدە ياشىدۇق. بارا-بارا چىدىمىدىم، دادامنىڭ ئىككى پەرزەنتىگە قىلغىنىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر بەختسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنى بەختسىز ھېس قىلغانسىرى ئۇنداق ياشىماسلىقىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم،شۇڭا ئۆزۈم ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا كىرىشتىم. مەھەللىدىكى بالىلارغا ياخشىچاق بولۇپ ئاداش بولۇشتۇم،ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە، كۆيۈنىشىگە مۇيەسسەر بولۇشقا تىرىشتىم. شۇ جەرياندا قىز بالا ئۈچۈن چىراينىڭ بىر كوزۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇنى ۋايىغا يەتكۈزدۈم، ھەم كۆپلىگەن مەنپەتكە ئىرىشتىم. مۇشۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەن كۈنۈمدىن باشلاپ كۈنلىرىم ياخشىلىنىشقا باشلىدى، نۇرغۇن ئوغۇللار ۋاي دەپ كەينىمدە چۆرگىلەيدىغان، قىزلار بولسا كەيگەن كىيىمىمگە، قىلغان گىرىمىمغا قاراپ ھەۋەس قىلىشىدىغان بولدى. دادام ماڭا گەپ قىلمىغان بىلەن پۇلدىن قىسمايتتى، شۇڭا مەنمۇ ھەرئايلىق پۇلۇمنى ئالساملا خۇش بولۇپ، دادامنىڭ قانداق بولۇشى، ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشى دېگەندەك ئىشلارغا ئىرەن قىلمايدىغان بولدۇم. لىكىن يەنە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى خۇددى ياقتۇرمايدىغان بىر رولنى ئويناۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمەن، شۇڭا بەزىدە بەكلا ھېرىپ كىتىمەن، ھەم تەبئىيلىككە ھەۋەس قىلىپمۇ قالىمەن، لىكىن ماڭا ئايان، مەن تەبئىيلىككە قايتسام ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالىمەن.
مانا ھازىرغىچە سىزدىن باشقا بىرەرسى ماڭا تەربىيە قىلىپ باقمىغان،شۇڭا ئۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمدىن يىرگەندىم، ھەمدە ھەقىقىي بىر قىز بولۇشقا نىيەت قىلدىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا مەن سىزدىن خاپا بولماستىن سىزگە رەھمەت ئېيتسام توغرا بولىدىكەن. شۇڭا ئىلگىرىكى ئىشلىرىمنى كەچۈرۋەتكەيسىز، مەن رۇفىنە بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئۇنداق بولمايمەن، ھەم ئۇنداق بولىشىنىمۇ خالىمايمەن.»
رۇفىنە سۆزلەشتىن توختىغاندىن كىيىن، ئاستا ئۇنىڭغا قارىدىم.ھازىرلا ئېقىپ چۈشىمەن دەپ پىلىلداپ قالغان ياش، رۇفىنەنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى چاقنىتىۋەتكەنىدى.رۇفىنە بىر جۈپ قولى بىلەن يۈزىنى بىر سېيلىۋەتكەندىن كىيىن كۆزىنى يىراقتىكى بىر نوقتىغا تىكتى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى سېيلىشىنى ئېقىپ چۈشەي دېگەن ياشلىرىنى بەزلەۋاتىدۇ دەپ چۈشەندىم.
-مېنىڭچە ئىلھام زەنجاڭ پەقەت ياخشى قىلماپتۇ.بىزلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاپىردە بولدۇق،يەنە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا كىتىمىز؛يوقلۇقتىن كەلدۇق يوقلۇققا كىتىمىز؛ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە بىرىلگەن رىزىقنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغاندىن كىيىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ، شۇڭلاشقا بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمىنى بىرەر ئىنساندىن ياكى بىرەر ئىشتىن كۆرۈش خۇدايىتائالاغا قىلىنغان خىيانەت ۋە تەۋھىدتىكى كەمچىللىك. ئاللاھتائالا بىزلەرنى پۇل-دۇنيا، ھوقۇق-مەنسەپ ئارقىلىق،يېقىنلىرىمىزنى بىزدىن ئايرىۋىتىش ئارقىلىق بىزنى سىنايدۇ، ئاللاھتائالانىڭ بۇيرىقىغا قانچىلىك بويسۇنىدىغىنىمىزنى ئېنىقلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئېنىقلىمىسىمۇ كەرىملىك ئاللاھقا ھەممىسى بەش قولدەك ئايان،ئۇ سىناقلارنى بىزگە بىرىش ئارقىلىق«ئەي بەندەم، بۇ كۈنلەرنى كۆرمەۋاتامسەن؟ باشقىلارنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان كۈن سېنىڭ بىشىڭغا كەلمەسمۇ؟»دەپ بىزنى يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ دادىڭىز بۇلاردىن ئازراقلا خەۋەردار بولغان بولسىدى، ھەرگىزمۇ ئۆز پەرزەنتىگە ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى. گەرچە سىزنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەم بولۇپ كىتىشتىكى باھانىڭىز ئادەمنى ئويلاندۇرسىمۇ لىكىن تەسىرلىنىشكە بولمايدۇ. ئۇمۇ سىز ئۈچۈن بىر سىناق ئىدى، لىكىن سىز ئاداشتىڭىز،شۇڭا ...!گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم،مېنىڭ داۋاملىق سۆزلىمىگىنىمنى كۆرگەن رۇفىنە ئىستاكاندىكى قەھۋەدىن بىر ئوتلىۋىتىپ جاۋاپ قايتۇردى.
-ئۇلارنى دادام ئەلۋەتتە بىلمەيدۇدە. رەھمەتلىك ئانام ھايات چېغىدا دائىم دادامنى ناماز ئوقۇشقا سۈيلەيدىغىنى غىل-پال يادىمدا، كىيىن ئانام ۋاپات بولۇپ ھازىرقى ئاپام بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن بىرەر قىتىم سەجدىگە باش قويغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، مەريەمگۇل ئاپاممۇ ناماز ئوقىمايدىغان ئايال بولغاچقا، ئۆيدىكى ئۈچ پەرزەنت ئىلىم جەھەتتىن بىر قارىغۇ بولۇپ يىتىشىپ چىقتۇق.مۇشۇنداق ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ لىكىن مۇسۇلمانداچىلىقتىن،ئەڭ ئەقەللىي قائىدىلىرىدىنمۇ بىخەۋەر ئادەمنىڭ ئىزىپ كىتىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس.
-ئۆتكەنگە سالىۋات. ھەقسۇبھانەۋەتائالا ئۈمىدسىز بەندىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەم شۇنداقلا ئۇ زات ناھايتىمۇ رەھىمدىل، شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىن چىن دىلىڭىزدىن تۆۋبە قىلىپ يامانلىققا يۈز تۇتمىسىڭىزلا، ئاللاھ خالىسا ئىلگىرىكى قىلغانلىرىڭىز كەچۈرۈم قىلىنغۇسى.
-چۈشەنمەۋاتامسىز يالقۇن؟ مېنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشىم پۈتۈنلەي سىز ئۈچۈن، سىزنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم.ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى،لىكىن قايتا ئېغىز ئۇپىرتىشنى خالىمىدىم،شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ھازىر قايتمىسام بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر سەۋەپ تېپىپ بىرىپ قەھۋەخانىدىن ئايرىلدىم.
|
|
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.
|
|
|
|
|