|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 16:52
4
-ھەجەپ بىر ئىش بولدىدە باللا، ئۈچىمىزنىڭ ئورنىنىڭ بىر يەرگە كىلىپ، ماۋۇ ئەكبەرنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان.
-ماڭا قارا ئەكبەر، ھەممە ئىشنى بۇزغان ئۈچىمىز بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ئاۋۇ قىز، ئەگەر ئۇ قىز بولمىسا سەن شۇ يەردە ئولتاغان بولاتتىڭ، شۇڭا سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىڭ، ئۇ قىزنى ئۇ ئورۇندىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزۈڭ ئولتۇرۇشۇڭ كېرەك.
ئەكبەر، پولات، ئىبراھىم يەنە مەن يالقۇن، تۆتىمىز بولساق مەكتەپداش ئاغىنە باللا، ھەم شۇنداقلا بىر يىللىقتا.مانا بۈگۈن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدۇق. تەتىلدە ئۆيى قەشقەر شەھەردىكى ئەكبەرگە پويىز بېلىتى ئالىدىغان ئىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدۇق.ئەكبەر بېلەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن«بېلەتنى بىرلا ۋاقىتتا ئالدىم ئاداش، ھەممىمىزنىڭ ئورنى بىريەدە ھەقاچان، تۆت كىشىلىك ئورۇنغا كىلىۋالساق ئەمما، پويىزنىڭ ھوزۇرىنى تۆتىمىزلا سۈرەتتۇق»دەپ بىزگە خوشخەۋەر يەتكۈزگەنمۇ ئىدى. ئەمما بۈگۈن پويىزغا چىققىنىمىزدا بولسا مەن،پولات، ئىبراھىم ئۈچىمىز تۆت كىشىلىك ئورۇندا يەنە بىر قىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدۇق، ئەكبەر بولسا كەينىمىزدىكى ئورۇننىڭ يىنىدىكى ئالتە كىشىلىك ئورۇندا ئىدى. ئالتە كىشىلىك بولۇشىغا قارىماي ئۇ «تەلەيلىك»ئاغىنەم ئەڭ سىرتىدىكى ئورۇندا بولۇپ، باشقىلارغا «ئاۋۇ ئورۇنغا ئالمىشىپ بىرەمسىز؟»دېيىشمۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا ھازىر تۆتىمىز پويىزنىڭ تاماكا چىكىدىغان يىرىگە كىلىپ قاتتىق پىلان تۈزمەكتە ئىدۇق.لىكىن پىلان پىلان بولماي تولاراق ئىبراھىم بىلەن پولاتنىڭ چاقچىقى بىلەن ئاخىرلىشىپ قىلىۋاتاتتى.
-مەن دەيمە ئەكبەر، مەسىلە سېنىڭ ئورنىڭدىمۇ ئەمەسكەن، ئۇ قىزدىمۇ ئەمەسكەن، بەلكى بىزنىڭ پەخىرلىك ئاغىنىمىز يالقۇندا ئىكەن.-پولات شۇنداق دېگەنچە ئىبراھىم بىلەن تەڭ كۈلۈپلا كەتتى، ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە دېگەنلىكىنى چۈشەنگەن مەنمۇ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدۇم. پولاتنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئەكبەر ناھايتى ئەستايىدىل ھالدا پولاتتىن ئېنىقراق دېيىشنى سورىدى.
-ماڭا قارا ئاداش، ئا تۆت كىشىلىك ئورۇندا مەن بىلەن ئىبراھىم بىر تەرەپتە، يالقۇن بىلەن ئاۋۇ قىز بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ. ئۇ قىزنى بەلكىم كۆمىدىڭ،كۆسەڭ يالقۇننى قوپىرۋىتىپ ئۆزەڭ ئولتۇرۋالاتتىڭ،شۇڭلاشقا يالقۇنمۇ ئۇ نازىنىننىڭ مەرىدىن كىچىپ،سەن بىلەن ئورۇن ئالمىشىشىغا قوشۇلامدۇ قوشۇلمامدۇ بۇ بىر مەسىلە.ھاھاھا... تۆتىلىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق.
-چاقچاقمۇ قىلىشتۇق باللا، ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ ئورنى بىريەدە، ئەكبەرنىڭ بىرگە ئەمەس دېگەن ئورنىدىنمۇ بىر چاتىسا بىزنىڭ ئورۇنغا ئۆتكىلى بولىدۇ، ئۇ يەدە ئولتاسىمۇ چوڭ چاتاق يوق.-گېپىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەكبەر سۆزۈمنى تارتىۋىلىپ كايىپ كەتتى:
-ھە ئاداش، پولاتنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دېسەم، كۆڭلۈڭدىكىنى دەپتىكەندە. ئا قىزنىڭ ھۆسنى-جامالىغا قايلاپ ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى تۇيۇقسىز بەكلا«يېقىن» بوپ كەتتى ،ھە؟ لىكىن قەتتىي كۆڭلۈمگە كەلمەيدۇ جۇما،ئوغاۋالا ئوغاۋالىلىقىنى قىلىدۇ ئەمەسمۇ...
-تاشماڭلا ئەكبەرجان تاشماڭلا، تاشساڭلا ئوچاقنى بۇلغايسىلە ئادىشىم،ما گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ بولاپ ئاندىن بىر خاپولاڭلا مەندىن جۇما. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇشىڭغا سەۋەب جىق:
1.ئەكبەر بىزنىڭ ئاغىنىمىز، شۇڭا ئۈچىمىز ئايرىم ئولتۇرۇپ، ئەكبەرنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
2.ئۈچ ئوغۇل بالىنىڭ ئارىسىدا بىر قىز بالا ئولتۇرسا، بىر مۇنچە قوينىڭ ئارىسىغا بىر تال ئۆچكە كېرىۋالغاندەكلا ئىش، قەتتىي قاملاشمايدۇ.
3.ناتونۇش كىشىنىڭ ئالدىدا، بولۇپمۇ ناتونۇش قىزنىڭ ئالدىدا بىز ئەركىن ئولتۇرالمايمىز، ئۇ قىزنىڭ ئەركىن ئولتۇرالايدىغانلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.
4.بېلەتنى سەن ئاغان، شۇڭا سەن ئۈچىمىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئورۇندىن، تېخىمۇ ياخشى ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىشىڭ كېرەك.
بۇ تۆت تۈرنى دەپدەپە بىلەن تامام قىلغاندىن كىيىن ئەكبەرگە قارىدىم، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كەلگەن ئاچچىقى يوقاپ كەتكەندەكمۇ قىلاتتى.يەنە بىردەم مۇزاكىرلەشكەندىن كىيىن مەن ئۇ قىزغا ئورۇن ئالمىشىش تەكلىپىنى قويىدىغان بولۇپ ئورۇنلىرىمىزغا قايتتۇق.
بەش مىنۇت، ئون مىنۇت...قىرىق مىنۇت...مانا ھازىر ئورۇنلىرىمىزغا قايتقانغا دەل بىر سائەت بولدى. يېنىمدىكى بۇ قىز ماڭا ئۇنداق بىر پۇرسەت بىرىدىغاندەك ئەمەس. قۇلىقىدا تېڭشىغۇچ، قولىد بىر كىتاب. تېڭشىغۇچنى بىزنىڭ ئاۋازىمىزدىن قىچىپ تاقىۋالدىمىكىن دەپ ئويلاپمۇ قالدىم. پۇرسەت تاپالماسلىقىمغا قارىماي، ما ئۈچى ھەرتەرەپتىن ئىشارەت قىلىپ، بەلگە بىرىپ «قېنى تىزراق دېمەمسەن؟» دەپ ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.بۇنداق ئىشارەتلىرىنىڭ كارغا كەلمىگىنىنى كۆرگەن ئەكبەر چىدىمىدى بولغاي، مەن بار ئورۇننىڭ ئالدىغا كىلىپلا:
-ئۈررۈمچىگە بارغۇچە ساقلايلى ماقۇلما؟ ئۈرۈمچىدىمۇ چۈشمىسە ئاندىن «ئالمىشىپ بىرەمسىز؟» دەپ دەيلى. ما قەشقەلىكنىڭ گېپىنى كۆرۈڭ،شۇنداق دېگىنىگە بولسىمۇ كۆز ئالدىدىلا ئۇ قىزغا گەپ قىلمايدىغان بولسام.شۇنداق قىلىپ ئون مو يەرگە قىغ بولغۇدەك بۇ گېپىنىڭ تەمى بىلەن غەيرەتكە كەلدىم-دە ئۇ قىزنىڭ مۆرىسىگە يىنىك شاپاللىدىم. ئىككى-ئۈچ قېتىم شاپاللىغاندىن كىيىن ئۇ قىز كىتابتىن ئاران بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا مۇنداق دېدى:«ئالمىشىپ بىرەلەمسىز دېيىش ئۇنچىلىك تەسقۇ ئەمەستى، ئەجەپ قېينىلىپ كەتتىڭىز،ھە؟قايسى ئورۇنغا ئالمىشىپ بىرىمەن؟ دېسەم دېمىسەم ئاۋۇ دوستىڭىزنىڭ ئورنىغا، مېنىڭ ئۈستىدىكى چامدىنىمغا قاراپ قوياسىلەر ئەمسە.» ئۇ قىز شۇنداق دېگەنچە قولىدىكى كىتابنى كۆتۈرۈپلا ھېلىقى ئورۇنغا ئالماشتى. تۆتىمىز بولساق قىتىپلا قالغانىدۇق.بىردەم ئولتۇرۇپ نەچچە مىنۇت ئىلگىرىلا ئوساللاشقان ھالىتىمىزدىن سەل ئەسلىگە كىلىۋالغاندىن كىيىن بىر بىرلەپ سۆزلەشكە باشلىدۇق. ئەڭ ئاۋۋال ئەكبەر سۆز قىلدى.
-ھەي يالقۇن، ھەي يالقۇن، ئۆزەڭنىلا ئەمەس، بىزنىمۇ ئوسال قىلدىڭغۇ ئاداش. خېلى مەن-مەن دېگەن قىزلانىمۇ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ يۈرمەمتىڭ ئىلگىرى، ئەجەپ بۈگۈن ئېغىزىڭغا ماتاڭ چاپلىشىپ قالغاندەك بىزىرىپلا ئولتادىڭغۇ زۇۋانمۇ سۈرمەي.
-ئەمدى ئۇنچىلىك بوشمۇ ئەمەستۇق شۇ، لىكىن ئاۋۇ قىز تېڭشىغۇچنى تاقاپ،كىتابنى كۆزىگە تىقىپ كۆرگىدەك قىلىپ ئولتۇرۇپتىكەن،شۇڭا سەل بىر دىققىتىنى ئەتراپقا بەرگەندە دەيمىكىن دېسەم،شۇنداق ئولتۇرۇپ بىر سائەتنى ئۆتكۈزىۋەتتى ئۇ قىز.ئەلۋەتتە بىز بۇ گەپلەرنى خېلىلا پەس ئاۋازدا دېيىشىۋاتاتتۇق، ئارىلىق بەكلا يىقىن بولغاچ،سەللا يۇقىرى سۆزلىسەك ئاڭلاپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
-كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقان كۈتكەندەكلا ئىش قىلدىڭ ئاداش، ئۇ قىز يالقۇنجان قاچان ماڭا گەپ قىلاكىن دەپ قاراپ ئولتامايدۇدە ساڭا. ئەگەر سېنى دەيدۇ دەپ ئولتامىغان بولسام ئۆزۈملا دەيدىكەنمەن.-ئىبراھىم شۇنداق دېگەنچە سەت ھېجىيىپ كەتتى.
-ۋاي سولتەك،ئۇرۇشتىن كىيىنكى قەھرىمان بولاشقا ئەجەپ ئۇستا ھە سەن. بىر سائەتتىن بىرى كاساڭدەك ئېغىزىڭ تۆشۈكتەك قالغانمىتتى يا؟
-كاساڭدەك ئېغىزىم تۆشۈكتەك ئەمەس يوغان لىگەندەك بولغان، ئەممازە ساڭا ئىشىنىپ قالغان يىرىم با شۇ. ئەگەر گۇناھىم بار دېيىلگەندىمۇ ئاغىنەمگە ئىشىنىدىغان ئېسىل خىسلىتىم ئۇ گۇناھقا ئار تۇرالايدۇ .
ئەنە شۇنداق گەپ تالىشىپ، چاقچاقلىشىپ خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.چۈشتىن كىيىن سائەت تۆت بولغان چاغلاردا ھەممىمىز سومكىلىرىمىزدىكى ئېسىل نېمەتلەرنى ئۈستەل ئۈستىگە تۆكتۇق، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز بىرگە ئىلىپ ئاندىن سومكىلىرىمىزغا بۆلىشىپ قاچىلىۋالغان.بىز ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن يەپ قورساقنى توقلىغاندىن كىيىن بىردەم قارتا ئوينىدۇق، راستىنى ئېيتقاندا ئۆزىمىز ئويناپ ئۆزىمىز كۆرۈپ قىلغاچقا بىزگىمۇ تازا خوشياقمىدى.
-ھېي باللا ئۆزىمىز بۇنداق ئوينالاۋەسەكمۇ قىززىمايدىكەن بۇ ئويۇن، ئەتراپىمىزدىكى ئورۇنلادىن ئوينىغىسى بارلارنى توۋلاپ بىر قىززىتمايلىمۇ بۇ ئوياننى.-ئەكبەر بۇ گەپنى قىلىپ بوپ خۇددى كاتتا بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندەك ئەلپازدا كىرىلىپ قويدى.
-ئۇنداق قىلساقمۇ مەيلى، ئەمما توۋلايدىغان ئىشنى ما ئىبراھىم قىلسۇن، ئابايتتىن تېخى كۆرەڭلەپ ئولتۇرۇتتى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بىر پۇرسەت بىرىلى.-شۇنداق دېگىنىمچە ئالدىم تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئىبراھىمغا قارىدىم.
-مەنغۇ توۋلىسام بوتتى ئاغىنىلە، لىكىن شۇ...
-ئاي،لىكىن پىكىننى قوياپ ئاداش بىر قوپاڭلا.-پولات شۇنداق دەپ ئازراق ئىددىۋىي خىزمەت ئىشلىگەندىن كىيىن ئىبراھىم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى كەينىدىكى ئورۇنلارنى بىر قۇر كۈزەتتى-دە ،بىزگە ئورۇن ئالمىشىپ بەرگەن قىز ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئالتەيلەنگە شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇم قىلغان ھالدا:
-قايسىڭلا قارت ئوينايسىلە،بىللە ئوينايلىمىكى دېگەنتۇق.-ئىبراھىم شۇ بىر جۈملە گەپنى دەپلا شارتلا كەينىگە ياندى دە جايىغا كىلىپ ئولتۇرۋالدى.ئوينىغىسى بار بولسىمۇ بۇنچىلىك بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يىنىمىزغا كەلمەيدۇدە بىرسى، شۇڭا ئەكبەر قايتا بىر تەكلىپ ئەتكەندىن كىيىن ئىككى قىز بىز ئوينايلى دەپ بىز تەرەپكە ئۆتتى. ئەمما بۇ ئىككى قىزنىڭ ئارىسىدا بىزگە ئورۇن ئالمىشىپ بەرگەن قىز يوق ئىدى. راستىمنى ئېيتسام ئۇ قىزنىڭ بۇياققا ئۆتۈپ بىرگە ئوينىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، ئەگەر ئۆتسىلا ئويۇن ئويناش جەريانىدا ئابايام ئۇ قىزنىڭ ئالدىدا چۈشكەن يۈزۈمنى قايتۇرۇپ كىلەلەيتتىم.«ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى، شۇڭلاشقا ئەقلىمنى ئىشقا سىلىپ يەنە بىر ئامال ئويلاپ تاپتىم.ئىككى قىز مەن تەرەپكە ئۆتكەندە دەررۇ ئورنۇمدىن تۇردۇمدە، «سىلەر ئولتۇرۇڭلار» دەپ ئېسىل پەزىلەتلىك يىگىت بولۇپ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ ئەتتىم. ئاندىن كىيىن «قارتنى سىلەر ئويناڭلار، مەن بىردەم كۆرۈپ تۇراي»دەپ ئۇلارنىڭ بېشىدا ئون مىنۇتلاچە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئاستا ئۆرۈلۈپ ھېلىقى قىزنىڭ يىنىغا كىلىپ سىپايىلىك بىلەن سۆز باشلىدىم:
-خاپا بولمىسىڭىز يېنىڭىزدىكى ئورۇندا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرسام بولامدۇ؟
-ۋاي بولمامدىغان، باشقىلار سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئولتۇرۋالغاندىكىن سىزمۇ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا ھەقلىق.
-ياق، ئولتۇرۋالمىدى، مەن ئولتۇرۇڭ دېگەنتىم.
-ۋاي مانداقمۇيا، يامان ئېسىل خىسلەتلىرىڭىز باكەنغۇ ئەمسە.داۋاملىق، داۋاملىق.
بۇ قىزنىڭ گەپلىرى ناھايتىمۇ سوغۇق ئىدى. قەستەن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ ياكى تەبئىي شۇنداق مۇز تەلەتمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم،لىكىن مېنىڭ بۇ قىزنىڭ بۇنداق مۇز ياغىدىغان سۆزلىرىگە چىداپ ئولتۇرمايدىغىنىم ئېنىق. شۇڭا مەنمۇ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتۈم.
-ئۆزىڭىز تاشقورغاننىڭ تاغلىرىدىنمۇ يا كونا قىشنىڭ باغلىرىدىنمۇ؟
-مەن تاغدىنمۇ ئەمەس، باغدىنمۇ ئەمەس. قانداق بەك مۇزلىتىۋەتتىمما؟
-ياقەي، ئانام كىچىكىمدە ئىسسىق بېقىپتىكەن، يامان توڭلىمايدىغان بالا بولدۇم، ئەممازە،ئۆزىڭىزنىڭ سوغۇقتا چىشلىرىڭىز ئىكىشىپ گەپلە ئەگرى چىقىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن.
-دادام-ئاپاممۇ مانداق ئەنسىرىمەيتتى مەندىن، بەك تەسىرلەندۈرىۋەتتىڭىز مېنى، تەشەككۈر، تەشەككۈر.
-يا ھەزرەت، ئاپىڭىز ئەجەپ يامان ئايالكەن، سىزنى يەگە تۇغماي گەپنىڭ ئۈستىگىلا تۇغۇپتىكەن، گەپنىڭ ئۈستىدىن چۈشەلەيدىغاندەك قىلامسىزيا؟
-ھاھاھا، ئاخىر بىر مەن كۈلەلىگىدەك گەپ قىلالىدىڭىز. ئاسان ئەمەس جۇمۇ.-بۇ قىز بىر كۈلۈپ توختاپ بۇ گەپنى دەۋەتكەندىن كىيىن يەنە كۈلۈپ كەتتى.لىكىن مەن كۈلمەستىنلا:
-باياتتىن قاتتىق بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىكەنسىز،ھۆرمەت يۈزىسىدىن ساقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن،سەل بىكار بولغاندا ئېغىز ئاچاي دەپ.كىم بىلسۇن،يۈزۈمنى بولۇشىغا قىلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلدۇرماي ما ئورۇنغا چىقىۋالدىڭىز. شۇڭا سىزگە تەشەككۈر ئېيتىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ، ئالاھىدە سەۋەپلەر بىلەن يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپتىمەن مانا.
-ۋاي ۋۇي، قەغەز بىرىپ تۇراي، بىردەم يېغلىۋالامسىز يا؟ قىلغىنىمنىڭ سەل ئىشىپ كەتكىنى راس،لىكىن سىلەرنىڭ ھېلى ئۇنداق ھېلى بۇنداق كۇسۇلدىشىڭلا پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى. تېڭشىغۇچ قۇلاقتا بولغان بىلەن ، ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچىدىكەن دەپ ناخشا ئاڭلىمىغانىدىم.سىلەر «بۇ پاڭقاي نېمىنى ئاڭلايتتى» دەپ نۇرغۇن ئىشارىلەرگە خۇپىيانە ئاۋازىڭلارنى قوشۇپ بىرمۇنچە سۈيلىشىپ كەتتىڭلا،لىكىن شۇ ئاراڭلاردىن بىرەر قەھرىمان چىقمىدى، شۇڭا ئۆزۈملا بولىۋالدىمغۇ.
-شۇنداقمۇ؟بىزنىڭ قەشقەدىنغۇ ئەزەلدىن ئاشۇنداق قەھرىمان قىزلا جىق چىقىدىغان، ئۇدۇم قاپتىكەندە سىزگە.
-ۋۇيت قارىم، قايسى ئاكىلىرى قۇمۇلنى قەشقەرنىڭ يىرى دەيدۇ؟-بۇ قىزنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئەمما قەشقەردە تۇغۇلغان قۇمۇللۇقمىكىن دەيمەن، ياكى بولمىسا قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ قەشقەردە چوڭ بولغان قۇمۇللۇق،ئشىقىلىپ قەشقەر بىلەن بىر ئالاقىسى بارلىقى ئېنىق.
-قەشقەلىكنىڭ گىپىنى كۆتۈرە ئالغان ئوخشىمامسىز ئەھۋالدىن قارىغاندا؟خېلى قول ئىلىكىڭىزدە باركەن ھە.
مانا مۇشۇنداق «سەندىن مەن قالامتىم» دەپ خېلى ۋاققىچە دېيىشىپ ئولتادۇق،تاكى ھېلىقى ئىككى قىز ئويۇننى تۈگۈتۈپ قايتىپ كىلىپ ، مەن ئورۇننى بوشاتقاندىلا ئاندىن ئۆز-ئارا قىلىشىۋاتقان ھۇجۇمىمىز ئاخىرلاشتى.ئورنۇمغا قايتقاندىن كىيىن ئاغىنە باللا«ھە قانداقراق، ئەيۋەشكە كەلدىمۇ؟ بىلى بوش چىقىپ قالمىغاندۇ؟»دەپ چاقچاقلارنى ياغدۇرىۋەتتى.مەن بولسام«بۇنداق ماز چاقچاقلارنى ئاز قىلىشە ۋۇ قارا نىيەت گۇيلا»دەپ قەھرىمانلىق يولىغا ئاتلاندىم.ئۇلارمۇ ئۆزىنى ئاقلاشقاندىن كىيىن گەپنى ئاۋۇتماي دېرىزە تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم. خىيالىم ئىككى-ئۈچ قەدەم نېرىدىكى ھېلىقى قىزدا. ماڭا قىلغان گەپلىرى خېلى قۇۋەتلىك بولسىمۇ ئۇ قىزنى ئۇنداق توڭ قاپاق، مۇز تەلەتتەك ھېس قىلمىدىم، ھېس قىلغىنىم پەقەت ئۇ قىزدىكى ئۆزگىچە خارەكتىر ۋە گەپ-سۆزلىرىدىكى جەزبىدارلىق ئىدى. ئۆزى شۇنداق چىرايلىق،لىكىن بۇ خىل «چىرايلىق» ئادەمنى ھەرخىل ھەۋەسكە سالىدىغان چىرايلىق بولماستىن،بەلكى ئادەمنى قالايمىقان ئويلاشتىن خىجىل قىلدۇرىدىغان چىرايلىق ئىدى.ھەر بىر سۆز ھەربىر ھەرىكىتى چىنلىقتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس ئىدى.مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم پويىزدا ئولتۇرغان، ھەم بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىزلا بىلەنمۇ تونۇشقان. نۇرغۇنلىرى بىلەن قاتتىق چىقىشىپمۇ كەتكەن،ۋەلىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى نۇرغۇنلىرى بىلەن «بۇندىن كىيىن چوقۇم ئالاقىلىشىمىز»دەپ خوشلىشىپ شۇندىن كىيىن قەتئىي ئالاقىلىشالمىغان. چۈنكى سەپەر جەريانىدىكى نۇرغۇنلىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە ياسالمىلىق،ئابرويپەرەسلىك ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت خۇددى يالغان ئەتىرگۈلگە ئوخشاش بولۇپ، يىراقتىن قارىسىڭىز شۇنچە چىرايلىق، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىسىڭىز پۇراقتىن قىلچە دېرەك يوق. مانا بۈگۈن مەن تېخى ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بۇ قىز ماڭا باشقىچە بىر ھېسسىياتلارنى ئاتا قىلماقتا...
-يالقۇن،يالقۇن،تۇرە ئورنۇڭدىن ئاداش. ئازراق بىرنەسە يەۋال، بىر تەتىللىك ئۇيقۇنى پويىزغىلا ئىلىپ قويمىغان بولغىيدىڭ؟ نېمانچە ئۇخلايسە، سەن ئۇخلاۋاتقىلى بەش سائەت بولدى.-پولاتنىڭ مېنى نوقۇپ تۇرۇپ توختىماي كاسىلداشلىرىدىن زىرىكىپ ئۈستەل ئۈستىدىن بىشىمنى كۆتەدىم.يېنىمدا ئولتۇرغان ئەكبەر ئورۇنداققا يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، بېشى بىر تەرەپكە ساڭگىلاپ قالغانىكەن. شۇڭا ئۇنى ئاستا ئويغاتتىمدە، ئىچىگە كىرىپ ئۇخلاشنى ئېيتىپ ئۆزۈم سىرتقا چىقىپ پۇت-قوللۇرۇمنى سەل ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆرە تۇردۇم.
-گەپكە چىدىماي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغان ئوخشايدۇ دېسەم، ھازىرچە سالامەتكەنسىز ھە؟-كەينىمدىن تونۇش بىرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، كىم ئىكەنلىكى ماڭا بەش قولدەك ئېنىق، شۇڭا ئۆرۈلۈپلا:
-خېلى مەن-مەن دېگەن قەشقەلىكنىڭ گىپىنى ئاڭلاپمۇ ، ئېغىزىغا گەپ تىقىپ بىرىپ ساق-سالامەت يۈگەن باللا بىز، سىزدەك كالتا-كۆسەيلىنىڭ گىپىگە يىتىپ قاغۇدەك دەرىجىگە يەتمىدۇق ،ماقۇلما؟
-ھاھاھا، ماقۇل دەپ تۇراي. لىكىن مەندەك كالتا-كۆسەيلىنىڭ گىپىگە گەپ تېپىپ بىرەلمەي كۆكىرىپ، قىزىرىپ يۈرگىنىڭىز راس جۇمۇ.
-بولدىلا، سىز بىلەن گەپ تالاشمايمەن. بىز بىر تۈپتۈز پاراڭلىشىپ باقىلى، ئۆزىڭىز قۇمۇللۇقكەنسىز،ئۇنداقتا قەشقەردە نىمىش قىلىسىز؟
-سىلەنىڭ قەشقەرگە باشقا يەرنىڭ نوپوسىدىكىلەر كەلسە بولمامدا؟ گەپلىرىڭىز قولاشمايۋاتىدۇ ھە، جىددىيلەشمەي ،ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ سۆزلەڭ.-بۇ قىز يەنە كۈلدى.
-خوپ تەقسىر، پەرمانبەردارمەن. خاپا بولماي بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، مالال قىلىدىغان بولدۇم.
-مېنىڭ كىچىك ئاپام، يەنى ئاپامنىڭ سېڭلىسى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن قەشقەر شەھرىدە توي قىلغان. يېقىندا كېسەل بوپ قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلغان،شۇڭا ئاپامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يازلىق تەتىلدە قەشقەرگە بىرىپ كىچىك ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم، مانا ھازىر كىچىك ئاپاممۇ خېلى ئەسلىگە كەلدى، تەتىلىممۇ توشاي دېگەچكە مەكتەپكە كىتىۋاتىمەن.
-يا ئاللا، ئىشقىلىپ قەشقە بىلەن ئالاقىڭىز باركەنغۇ، قەشقەرنىڭ ئاش-نېنى خېلى پايدا قىلغان چىراي ھە سىزگە.
مانا مۇشۇ جاۋابدىن كىيىن گەپلىرىمىزدە قارشى تەرەپنى چىقىۋىلىشقا ئۇرۇنمايدىغان بولدۇق، يەنە بىردەم قەشقەر قۇمۇل توغۇرلۇق پاراڭلاشقاندىن كىيىن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولدۇق. مەن جىق ئۇخلىۋالغاچ ھەرقانچە كۆزۈمنى يۇمساممۇ ئۇيقۇم كەلمىدى، ھېلى ئولتۇرۇپ ھېلى قوپۇپ دېگەندەك قىلىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۈم. ئەتىسى بىرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ كىلىپ ئولتۇرۇشۇمغا ھېلىقى قىز ماڭا بىر بۇردا نان سۇنۇپ«ناشتا قىلىڭ، قەشقەرنىڭ يەرلىك نىنىمىش، سىزگىمۇ قۇۋەت بوپ قالار»دەپ قويۇپ ئالدىغا قارىۋالدى.
-رەھمەت جۇمۇ.-بۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلمىدىم، بىر خىل ئىللىق سېزىم بەدىنىمنى يىنىك تىترەتمەكتە ئىدى.
-ھە راس، ئاخشام بەك قېينىلىپ كەتتىڭىز ھە، ئىلگىرى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىرىپ باقمىغانما ئۈرۈمچىگە؟-ئارقىسىغا قايتا بۇرۇلۇپ سوراپ قالدى ئۇ قىز.
-ئورۇندۇقلۇقمۇ بىرىپ باققان، لىكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كارىۋاتلىقتا ماڭاتتىم، تۈنۈگۈن كەچتە جىق ئۇخلىۋىتىپتىكەنمەن، شۇڭا كېچىدىن پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى.
مانا مۇشۇ گەپنى قىلىشقاندىن كىيىن تاكى پويىزدىن چۈشۈشكە ئاز قالغىچە بولغان ئارىلىقتا گەپ قىلىشمىدۇق. ۋاقىت ئۆتۈپ چۈش بولاي دېگەندە ئۈرۈمچىگىمۇ ئاز قالدۇق. ھەممەيلەن چامادانلىرىنى ئۈستىدىن ئىلىۋاتقان پەيتتە مەن ئۇ قىزنىڭ چامىدىنىنى ئىلىپ بىرىۋىتىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-بىرمۇنچە پاراڭلىشىپتۇق، لىكىن ئىسمىمىزنى سوراشماپتۇق، ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامۇ؟
-سىزنىڭ ئىسمىڭىز يالقۇنكەن، مېنىڭكىنى بىلسىڭىز نېمىگە پايدىسى بار؟-بۇ چاغدا غوجامۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ2006-يىلى يازغان بىر شېئىرىنىڭ بىر كۇبلىتى ئىسىمگە كىلىپ قالدىدە جاۋابەن ئوقىۋەتتىم:
سۆيدۈم سېنى
ئىسمىڭ نە كېرەك؟
قۇچاقلىدىم
جىسمىڭ نە كېرەك؟
بۇ مىسرالارنى ئاڭلىغان ئۇ قىز تۇيۇقسىز كەلگەن بوراندەكلا سۆز بۆستى:
ساقمۇيا؟ ئۈرۈمچىدىكى ياخشى دوختۇرخانىلارنى ئۆزىڭىزمۇ بىلەسىز؟ بىلمىسىڭىز ماڭا دەڭ ھەقسىز ئاپىرىپ قويىمەن، سىزدىكى ما كېسەل سەل ئېغىركەن كىچىك دوختۇرخانىلار ساقايتالمىغۇدەك.-بۇ گەپلىرىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ تۇرسام ئۇ قىز يەنە غودۇڭشىغانچە«تېتىقسىز» دەپ قويىۋىدى،يۈرۈكۈمنى بىرسى سۇغۇرۇپلا ئېلىۋەتكەندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.
-كەچۈرۈڭ.-بۇنىڭدىن ئۆزگە گەپ قىلمىدىم، ئۇ قىزمۇ يا ئاق، يا كۆك دەپ بىرنەسە دېمىدى. تېخى ئۇ قىزنى بۇ چاقچاقنى كۆتۈرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن، ئاقىۋەتتە چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ بەدىنىم ئېغىر ھالدا ئاغىنىلرىم بىلەن پويىزدىن ئايرىلدىم.
-ۋوي يىگىت،ۋوي، بېلەتنى ئىلىڭ ئالماشتۇرىمەن.-پويىز خادىمىنىڭ نوقۇپ توۋلىشى بىلەن خىياللارغا بەند بولغان كاللامنى رېئاللىققا ياندۇرۇپ كەلدىمدە، بېلىتىمنى چىقىرىپ پويىز خادىمىغا سۇندۇم.ياق،ياق خىيالغا ئەمەس ئەسلىمىگە، ئۆتمۈسكە بەند بولغان دېيىشىم كېرەككەن. پويىزغا چىقىشىم بىلەنلا پويىزدىن باشلانغان ئۇ ئۆتمۈشنىڭ كاللامنى بىر ئىلشىىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدىم.
|
|
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.
|
|
|
|
|