|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 16:55
6
قاش قارايغان چاغ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئۆتمۈشكە تولغان خىياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئىچىگىمۇ كىرمەستىن ئارقىمغا ياندىم. ۋاقىتنىڭ بىر يەگە بىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كونسۇل كوچىسىغا ئۆتۈپ كەچلىك تاماقنى يەۋالغاندىن كىيىن يەنە ياتاققا بىكىندىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ شاڭخەيگە كەتسەم ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن كىيىن قايتىدىغان گەپ، ئەجەبا ئۈچ ئايغىچە بۇ ئىشلىرىم مۇشۇنداق پېتى قالارمۇ؟دەل مۇشۇ چاغدا بىر يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە يىنىپ چىققان يەكەنلىك يىقىن ئاغىنەم مۇتەللىپ ئىسىمگە كەلدى.«ھە راست، مۇتەللىپگە ھاۋالە قىلسام بولغۇدەك» دېگەننى ئويلاپ دەررۇ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم. چۈشتىن كىيىن گۈلمىرەنى ئىزدەپ تېلېفۇن قىلغاندا بۇ دوستۇمغا قىلمىغان، چۈنكى بۇ دوستۇم گۈلمىرەنى تونۇمايدۇ، تونۇمايلا قالماي بۇ ئىشلىرىمنىڭ ھېچنىمسىىنى بىلمەيدۇ.مەن مۇتەللىپ بىلەن 2010-يىلىنىڭ بىشىدا تونۇشقان، شۇڭلاشقا «تارىخىم»نى كۆپ سۆزلەپ بەرمىگەنىدىم. ئەمما مەن تېلېفۇن ئۇلانماستىلا بىسىۋەتتىم، چۈنكى مۇتەللىپ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن توي قىلغان، گەرچە تويىغا قاتنىشالمىغان بولساممۇ تېلېفۇن ئارقىلىق تەبرىكلىگەنىدىم.ھازىر بۇ ئاغىنەمگە بىر قىز بالىنى ئىزدىگىلى سالسام ئايالى چوقۇم ئۇقىدۇ، ئايالى ئۇقسا مۇتەللىپنى خاتا چۈشۈنۈپ قالارمۇ؟ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا تەسىر يىتىپ قالارمۇ؟مەن بۇلارنى ئويلاپ تۇرۇپمۇ ئىككىلىنىش ئىچىدە قايتا بىر تېلېفۇن قىلدىم.لىكىن تېلېفۇننى ئالىدىغان ئادەم يوق، تېلېفۇننىڭ ئىلىنماسلىقى مۇتەللىپ ماڭا «ياق ،بولمايدۇ ئاداش، مەن بۇ ئىشىڭغا ياردەم قىلالمايمەن»دەۋەتقاندەكلا بىلىنىپ كەتتى.ئۆزۈمنىڭ نەتىجىسىزلا شاڭخەيگە يول ئالىدىغىنىمنى جەزىملەشتۈردۈم.
ئۇزۇن كېچىدىن بىرنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم، بىراق بۇ يېڭى كۈن پەقەتلا تۈنۈگۈننىڭ تەكرارلىنىشى خالاس. ناشتا قىلىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە تېلېفۇن قىلدىم. ئانام بىلەن ئەسرالىشىپ، بۈگۈن سائەت ئىككى يىرىمدە ئۈرۈمچىدىن ماڭىدىغىنىمنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق.ئانامنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىدىن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، سېغىنىشنىڭ ھېدى كىلىپ تۇرىدۇ، ھەربىر ئىشنى ئەستايىدىل جىكىلەشلىرىگە كۆيۈنۈشنىڭ سىماسى يوشۇرۇنغان. ئانام بىلەن تېلېفۇنلاشقاندىن كىيىن كەيپىياتىم تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. شۇ ناچار كەيپىياتىمنى ئەگەشتۈرۈپ، ھېچنىمىگە تارتىشمىغان ھالدا ئايرىدىرومغا قاراپ يول ئالدىم. ئايرىدىرومغا بىرىپ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇپ، كۈتۈش زالىدا ئولتۇرغىنىمدا مۇتەللىپتىن تېلېفۇن كىلىپ قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يالقۇن ئاداش، قانداق ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ئاخشام تېلېفۇن قىپتىكەنسەن، سىرتقا چىقىپ كەتكەچ ئالالمىدىم ، كۆڭلۈڭگە ئالمىغايسەن.
-خۇداغا شۈكرى، سالامەت ،ئۆزەڭلىچۇ؟ قانداقراق ؟ بىر توي قىلىۋىلىپ سايەڭلىنىمۇ تاپقىلى بولماس بوپ كەتتى ئەمما. بۇ توي قىپ بوپمۇ سىرتقا قاتنايدىغان گەپما ئاغىنەم؟
-ھاھاھا، سىرتقا قاتنىمىسام خوتۇن بىلەن بىللە ھاۋا يىگىلى بولمىسا ئۆيدە ئولتۇرۇپ.
-ۋوي بۇ خوتۇن ئالغاندىن كىيىنمۇ ئىشلىگىلى سالامدىكەن ئادەمنى؟ھاھاھا... ھە راست يەڭگەم بىلەن ئەپ ئۆتەۋاتقانسىلە؟
- تازا دېگەندەك ئەمەس ئاداش، توي قىلىشتىن بۇرۇنغۇ خېلى چىقىشىدىغاندەك قىلغان، لىكىن توي قىلىپلا ئىشلار ئەپلەشمەيۋاتىدۇ. پۇرسەت تىپىپ ئۈرۈمچىگە بىر چىقساڭ ، دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ھال-مۇڭ بولۇشساق بولىتتى ئاداش.
-مەن ئۈرۈمچىدە ئاداش، تۈنۈگۈن چۈشتە كەلگەن، شۇ سەن بىلەن كۆرۈشەيمىكى دەپ تېلېفۇن قىلسام ئالمىدىڭ. ھازىر بولسا ئايرىدىرومدا، شاڭخەيگە تەربىيلىنىش ئۈچۈن ماڭماقچى.
-ئەستا، ئەستا، مېڭىشتىن بۇرۇن بىر ئۇقتۇرۋەتسەڭ بولماسمىدى ئاداش، ئۈرۈمچىگە كەلسەڭ ئالدىڭغا چىقالماي بەك سەت بولدى.
-يا،يا. ئانداق ئويلىما ئاداش، ھېچقىسى يوق. ئۆزۈممۇ تۇيۇقسىزلا كىلىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىدىمۇ ئۇزاق تۇرالمىدىم ئەمەسمۇ. ئازراق ئىش باتتى ساڭا ھاۋالە قىلىدىغان، ئەمما ھازىر بولمايدىغان ئوخشايدۇ، قالغىنىنى مەن شاڭخەيدىن قايتقاندا دېيىشەمىز.
-ھە، ماقۇل ئاداش، ماقۇل. ئەمسە ئاق يول بولسۇن، شاڭخەيدە ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا، ئالاقىلىشىپ تۇرىلى، قانداق ئىش بولسا مېنى ئىزدىگىن.
-چاتاق يوق ، شۇنداق بولسۇن ئەمسە، ئاللاھقا ئامانەت، بولسا يەڭگەم بىلەن ئەپ ئۆتەسىلە.
-مەنمۇ تىرىىشمەن، قالغىنى رىزىقنىڭ ئىشىكەن ئاداش، ئاللاھقا ئامانەت.
تېلېفۇننى قويغاندىن كىيىن تېلېفۇننىڭ سائىتىگە قارىدىم. يەنە يىرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت بار ئىدى. ساقلاپ بولالماي ئىچىم پۇشۇپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئولتۇرغىنىمدا يىنىمدىكى بوش ئورۇنغا بىر قىز كىلىپ ئولتۇردى، ئولتۇرسىغۇ مەيلى، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرىدۇ، لىكىن ئولتۇرۇپلا ماڭا گەپ قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەي توۋا، ھازىرقى قىزلاردىكى ھېيىقىش، ئەيمىنىش تۇيغۇسى نەگە كەتكەندۇ دەپ ئويلايمەندە.
-ئالو يالقۇنجان، ھەجەپ بۇرۇن كىلىۋاپسىزغۇ بۇ يەرگە؟
-ھە؟،ھاڭ-تاڭ قالدىم، مېنى تونۇيدىكەن ئەمەسمۇ، مېنى تونۇيدىغان ئەمما ماڭا ناتونۇش بۇ قىز كىمدۇ؟
-قانداق قىلىپ مېنى تونۇيدىغاندۇ دەپ ھەيران قىلىۋاتامسىز؟ھەيران قالماڭ، مەن ئىلھام زەنجاڭنىڭ قىزى، بۇ قىتىملىق تەربىيلىنىشكە مەنمۇ بارىمەن، دادامدىن سىزنىڭ گىپىڭىزنى تولا ئاڭلىغان، ھەم ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى دەپ بەرگەنتى ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئىزدە دەپ، لىكىن ئۈرۈمچىگە كىلىپلا بەك ئالدىراش بوپ كىتىپ سىزنى ئىزدىيەلمىدىم.
-ھە، مانداقكەندە. دادىڭىزنىغۇ خېلى ئوبدان تونۇيمەن ، لىكىن سىزدەك قىزى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. سىز مېنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسىڭىز ئىلگىرى، قانداق قىلىپ تونىۋالدىڭىز؟
-رەسىمىڭىز ئۆزىڭىزگە خېلى ئوخشايدىكەن دەڭە، ئىلگىرى كۆرگەن رەسىمىڭىزگە ئاساسەن شۇ.
-مانداق دەڭ، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى نېمە دەپ ئاتايمىزكىن؟
-مېنىڭ ئىسمىمچۇ قاراڭ، رۇفىنە، قانداق؟ ئىسمىم چىرايلىقمىكەن؟-بۇ قىزنىڭ ئىسمىدىكى «ۇ» ھەرىپىنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىشى غىدىقىمنى كەلتۈرۋەتتى، ئىسمىم چىرايلىقمىكەن دېيىشلىرىچۇ تېخى، ۋاي قوۋرۇغام.
-رۇفىنە؟سىز 21-ئەسىردە تۇغۇلغانما؟ ئەجەپ بۇ ئىسىم بەكلا مودىغۇ؟
-ھە مودا بوسا نىم بوپتۇ؟ مەنمۇ مەتولىشىپ ئايگۈل، ئايپاتەم دەپ ئىسىم قويسام بولامتى ئەمسە. بۇنداق ئىسىملامىچۇ قاراڭ، مەندەك قىزلارغا ماس كىلىدۇ.-بۇ قىز شۇنداق دېگىنىچە چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ كەتتى.
- ياپىر، سىزنىڭ ئانىڭىزمۇ مەتوما ئەمسە، ئىسىمدە قىلىشىچە ئانىڭىزنىڭ ئىسمى مەريەمگۈلتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەكسەن نەچچىنچى يىلى تۇغۇلغان قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئىسىمنى قويىدىغانلار يوق ئىدىغۇ بىزنىڭ يۇرتتا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا مودا بولدى تېخى.-ئۇ قىزنىڭ تەقى-تۇرقىغا قاراپ مەن بىلەن تەڭتۇش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەچكە ھېچ ئويلانماستىن شۇنداق دېدىم.
-ئۆتەپ بىرىڭە. ئانام ئەمەس ئۇ مېنىڭ، مېنىڭ ئۆز ئاپام ئۆلۈپ كىتىپتىكەن.ئىسمىمغا كەلسەم، مەن بۇ ئىسمىمنى ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىۋالغان، ئەسلى ئىسمىم ئاينۇر ئىدى.- بۇ قىز ئۇ گەپلەرنى قىلغۇچە چىرايىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى،خۇددى بىرسىگە چۆچەك سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەكلا.
-مانداق دەڭ، ئەمسە بۇندىن كىيىن سىزنى ئاينۇر دەمدىم ياكى رۇفىنە دەمدىم؟-نېمە دەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ قەستەن سوراپ قويدۇم.
-ئەلۋەتتە رۇفىنە دەيسىزدە. سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ھەرھالدا يىراقنى كۆرىدىكەن، «يالقۇن »دېگەن بۇ ئىسىم ھازىرمۇ خېلى چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ.
-شۇنداق بولغاچ تۇرسۇن ھە، گېپىڭىزگە قارىغاندا بىز شاڭخەيدە ئۈچ ئاي بىللە ئوقۇيمىز؟
-ئەلۋەتتە، پۇرسەت غەنىيمەت جۇمۇ، بۇ ئۈچ ئاينى قولدىن بەرمەڭ.-ئەڭ ئاخىرىدا قىلىنغان بۇ گەپلەرنى مەن باشقىچىرەك مەنىدە چۈشەندىم، لىكىن ئارتۇق سۆزلەپ ئولتامىدىم.
ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋاقىت يىقىنلاشقانسىرى كۈتۈش زالىدا ئادەملەر كۆپەيدى، بىر ۋاقىتتا قارىسام ئۇيغۇردىنمۇ ئون نەچچىسى يىغىلىپتۇ، ھەممىسى تەربىيلىنىشكە بارىدىغانلار دەپ پەرەز قىلدىم.9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت توققۇز بىلەن شاڭخەي خوڭچىياۋ ئايرىدىرومىغا چۈشتۇق. مەن ئويلىغاندەك، بۇ قىتىملىق ئايروپىلانغا چىققان ئۇيغۇرلار ھەممىسى تەربىيلىنىشكە كەلگەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە ئىكەنمىز. بىز تەربىيلىنىدىغان مەكتەپ بىزنى ئايرىدىرومدىن مەكتەپكە ئاپىرىش ئۈچۈن ماشىنا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە سائەت ئون يىرىم بولاي دېگەندە مەنزىلىمىزگە يەتتۇق.ھەممە ئىشلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچ بىز بۇ ناتونۇش شەھەردە قىلچە قېينالماستىن ياتاققىمۇ ئورۇنلىشىۋالدۇق. بىر ياتاقتا ئىككەيلەن بار بولۇپ، شارائىتىمۇ خېلى ياخشى ئىدى. مەن تۇرغۇن دېگەن بىر يىگىت بىلەن بىر ياتاققا كىردىم، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ياتاققا كىرگەن تۇنجى كۈنى سوراپ بىلىۋالغانتىم.
شاڭخەيگە بىرىپ بىرەر ھەپتە گاراڭلا ئۆتۈپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارغا ھاڭ تاڭ قېلىۋاتقان مەن ئۈچۈن بۇ شەھەر تولىمۇ سىرلىق بىلىنمەكتە. تەربىيلىنىۋاتقان مەكتەپنىڭ ئىسمى «شاڭخەي تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرسىتېتى» ئىكەن، ئاڭلىغاندىن كىيىن«مانداق مەكتەپمۇ باركەن،ھە»دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ مەكتەپتە، بۇ شەھەردە ماڭا ئەڭ تونۇش كىشى بولسا، مەن ئايرىدىرومدا تونىغان رۇفىنە قىز. مانا كەلگەن بىر ھەپتىدىن بىرى كۈندە دىگىدەك بىللە يۈرىۋاتىمىز. مېنىڭ خالاپ شۇنداق قىلغىنىم يوق، ئۇ قىزنىڭ ھەركۈنى مېنى ئىزدىگىنى ئىزدىگەن. «بۇنداق قىلمايلى، سەت تۇرىدۇ، خاتا چۈشىنىش بوپ قالمىسۇن باشقىلار ئالدىدا» دېسەم، نېمە دەيدۇ دېمەمسىز، ئېيتىشىچە ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مېنىڭ دادام يىقىن تونۇشلاردىنكەن، شۇڭا ياقا يۇرتتا مەندەك بىر ئەركەكنىڭ رۇفىنەگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسرىشى قىلچىلىك ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا سىنىپىمىز بىر، تاماق جايىمىز بىر، ماڭىدىغان يولىمىز بىر. راستىنى ئېيتسام، ھاجەتخانا بىلەن ياتاق ئۆيدىن باشقا ھەممە يەردە ئىككىلىمىز بىللە ئىكەنمىز. ئويلىغىنىمدەك، سىنىپتىكى باشقىلارنىڭ ھەممىسى گەپ تېپىپ بوپتۇ. بەزىلەر«رۇفىنە دېگەن قىز بەك يامانكەن جۇمۇ، كىلە كەلمەي بىر يېگىتنى جۆندەپ بوپتۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر«ماۋۇ ئاداش شاشكەنغۇ، سەتەڭنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئاشكارلاپتۇ» دەپتۇ، يەنە بەزىلەر«بەلكىم پات ئارىدا ياتاق ئىچىشى مۇمكىن» دېگەن گەپلەرنى دەپ ئۈلگۈرۈپتۇ.ئارىدىن يەنە ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنداق گەپلەر تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتتى. راستىمنى ئېيتسام رۇفىنەنىڭ ئۇنداق كىيىنىشى بىلەن بىرەر يىگىت يېنىدا ماڭسا، باشقىلار« ما ئىكىكسى چاتاق »دەپ ئويلاپ قىلىشى مۇقەررەر ئىدى.شۇڭا كەچلىك تاماق ۋاقتىدا رۇفىنە بىلەن چىرايلىق پاراڭلىشىپ، بۇندىن كىيىن ئارىلىق ساقلاپ يۈرۈشنى قارار قىلدىم.
-رۇفىنە، مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتاماي، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى گەپنى سىزمۇ ئاڭلىدىڭىز بەلكىم، ئىش بۇنداق بولىۋەرسە بولمايدۇ، شۇڭا سەل ئارىلىق ساقلىساق، بۇ يېشىمىزدا بۇنداق قىلىپ يۈرسەك راستىنلا سەت تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىر-بىرىمىزنى ئازراقمۇ چۈشىنىشمەيمىز دەڭە، ئاخىرىدا ئىككىلىمىز يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئولتامايلى.
-سېنى كۈتۈپ بولالمىدىم دەڭە، ئۇلارنىڭ ئېغىزى بىكاركەن، بەلكىم مەندەك چىرايلىق قىز بىلەن سىزنىڭ بىللە يۈرگىنىنى كۆرۈپ، چىدىمىغان ھەسەتخورلارنىڭ تاپقان گىپىدۇر بۇ، شۇڭا ئۇلارغا پەرۋا قىلماڭە يالقۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرساق تامامەن بولىدىغۇ.
-ئىشلار بۇنداق ئاددىي ئەمەس ، بىزنىڭ كۆيدۈم،پىشتىم دەپ يۈرىدىغان يېشىمىز كەتتى، سەل ئالدى –كەينىگە قاراپ ئىش قىلمىساق بولمايدۇ. يەنە بىر گەپ، شاڭخەينىڭ ھاۋاسى يۇرتنىڭكىگە قارىغاندا ئىسسىقلىقى راس، لىكىن مانداق بەكلا ئوچۇق كىيىم كىيىگىدەك ئىسسىق ئەمەسقۇ؟ئىسسىق دەپلا سىلىپ تاشلايدىغان ئۆرپ-ئادەتمۇ يوق ھەم، شۇڭا سەل تارتىپ، ئۇزارتىپراق كەيسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن.
-ئوش، ماڭا تەربىيە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، تەربىيە قىلىدىغان دادام ئۆيدە قالغان. سىزنى ئادەم ئىتىپ «ھە» دەپ قويسام ئېشىۋالماڭ ھە يالقۇن.نى-نى ئوغۇللار كەينىمدە شالىنى ئېقىتىپ يۈرىشىدۇ، سىز بۇ يەردە مەندىن زارلاپ ئولتۇرغان بىلەن.
-شۇنداقمۇ؟ شەھۋەت شاللىرىنى ئىقىتىپ يۈرۈشكەندۇ شۇ. سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم، ئۆزىڭىزنى ئاياڭ، بولمىسا كىيىنچە ئۆزىڭىزگە، ھەم ئۆزگىمۇ ياخشى ئەمەس.
شۇنداق دېگەنچە يەپ بولالمىغان تامىقىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ يىنىدىن كىتىپ قالدىم.قىلغان گىپىمنىڭ خېلى تەسىرى بولدىمۇ قانداق، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن رۇفىنە مېنى ئىزدىمىدى، قۇلىقىممۇ خېلى تىنىچلىنىپ قالدى.يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ «بۇ قىزدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپتىمەندە» دەپ يۈرگىنىمدە ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قىز ماڭا يەنە چاپلاشتى.
-خاپا بولماڭە يالقۇن،مەن خاتا قىپتىمەن، بۇندىن كىيىن سىز دېگەن تەرەپلىرىمنى ئۆزگەرتىمەن.بىز يېڭىدىن تونۇشقان بولايلى، ئەتە دۆلەت بايرىمىلىق قويۇپ بىرىلىدىكەن،شۇڭا شاڭخەيدە بىللە ئوينايلىچۇ؟ ماقۇلمۇ؟-رۇفىنە يەنە مەن ياقتۇرمايدىغان بىر خىل تەلەپپۇزدا خۇددى ئوغۇل دوستىغا سۆزلەۋاتقاندەك سۆزلەپ كەتتى.
-ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىۋالدى دەپ ئويلىسىڭىزمۇ مەيلى،لىكىن كۆرۈپ تۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سىلىۋالغۇم كەلمىدى، شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىز. بايرامدا بىللە ئويناشقا كەلسەك، ئىپادىڭىزمۇ يامان ئەمەس، خاتالىقىڭىزنى تونۇپسىز، شۇڭلاشقا ئويلىشىپ باقسام بولىدۇ.
10-ئاينىڭ1-كۈنى،شاڭخەي ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان كۈن. بۇ كۈندە ساياھەت قىلىمىز دەپ چىققىنىمغا تولىمۇ پۇشايمان قىلدىم. رۇفىنە بىلەن ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ يۈز مېتىرلىق يولىنى كىمىدە بەش مىنۇت ماڭدۇق.بۇنداق قىستاڭچىلىققا چىدىمىغان مەن بۈگۈنكى ساياھاتتىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ رۇفىنەنى توۋلىدىم:
-ھەي رۇفىنە، بۇنداق جىق ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمىزنى قىينىماي، باشقا كۈنى ئوينايلىچۇ.شاڭخەيدە يەنە ئىككى ئاي بارغۇ بىز.
-شۇنداق قىلامدۇق؟ مەيلى ئەمسە، يۈرىڭە قايتايلى.-رۇفىنە شۇنداق دېگىنىچە قولۇمنى كاپپىدە تۇتىۋالدى-دە، تارتقىنىچە چۈشۈش پەلەمپىيىتى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.شەيتاندىن كۆرەيمۇ، ياكى ئۆزۈمنىڭ خۇنۈك ئىتقادىدىن كۆرەيمۇ ئىشقىلىپ قولۇمنى تارتىۋالمىدىم. شۇ ماڭغانچە پەلەمپەيدىن چۈشكىچە شۇنداق ماڭدۇق.مىتروغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتقاندىن كىيىن مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا ئېچىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق. تاماقنى يەپ بىكار بولغاندا سائەت ئىككىدىن ئاشقانىدى. قورساقمۇ تويدى، سىرتتا ئايلىنايلى دېسەك ئادەم جىق،شۇڭا ياتاققا قايتماقتىن باشقا ئامال يوقتەكمۇ قىلاتتى. شۇڭا رۇفىنەگە ئىككىلىمىز ياتاققا قايتىدىغان تەكلىپنى بەردىم. لىكىن ئۇ ئۇنىماي قويدى، ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن مەكتەپنىڭ يىنىدىكى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ قانغۇچە ئويناپتىمىز. ئۇ يەرنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ چىققاندا سائەت تۆت بولغان بولۇپ، رۇفىنەنىڭ يەنىلا قايتقىسى يوق، لىكىن مېنىڭ قايتقىم بار. ئۇنىڭغا قايتىش توغرىلىق بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدىم، لىكىن گەپ يىمىدى.
-قانداق قىز بالا سىز، مۇشۇنچىلىك بولسا بولا، بۇنداق يۈرىدىغانغا مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز بولمىغاندىكىن.
-ئەمسە ئېرىم بولسىڭىز بولىدىغۇ، ئۇنداق قىلماڭە يالقۇن، قايتىپ كەتمەيلىچۇ.
-قايتىپ كەتمەي نېمىش قىلىسىز ئەمسە؟-ئۇنىڭدىن قاپىقىمنى تۈرۈپ سورىدىم.
-سىرتتا تۈنەپ قالساق ياخشى بولاتتى، بىللە شاڭخەينىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانساق...
-كېچىلىك مەنزىرىسىنىمۇ توققۇز-ئونلاغىچە كۆرۈپ بولىمىز، ئۇندىن كىيىنچۇ؟
-ۋايجان، چۈشەنسىڭىز بولمىدىمۇ، ئادەمنى خېجىل قىلىپ.سىرتتىن ياتاق ئىلىپ شۇ...
-نېمە؟توخۇ پوق يىمەيمەن دېسە ئىشەنمىگۈلۈكتى زادى، خەپ!-شۇنداق دېگەنچە ئارقامغا بۇرۇلدۇم-دە ئىتتىك قەدەملىرىم بىلەن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
|
|
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.
|
|
|
|
|