ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: ئەنسارى
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈزۈك (مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

51#
ۋاقتى: 2014-10-31 16:55:03 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا ، ئاجايىپ دۇنيادە بۇ ، پادىشاھنىڭمۇ دەردى با ، ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ چىقىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيسى  بىلەن ، ئاتا -ئانىسىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن تولىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولدىكەن ، ياشىغان مۇھىتى ئەڭ تەسىر قىلدىكەن ، ھازىر جەمىيەتتە چىقىۋاتقان ئىشلارنىڭ قىنى قايسى بىرسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، ئالداش ، ئاتالمىش مۇھەببەتنى شەكىلگە ئايلاندۇرۋىلىپ ئۆزى شۈنچە ئازابلارنى تارتسىمۇ ، قەلبىدە قىلچە قىلىشنى خالىمىغان ئىشقا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ، پەقەت ۋە پەقەت قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بىرىلىۋاتقان ۋەدە ، ئىشەندىم دەپ تۇرۇپ ھەر خىل سىناشلار ، توۋا ، شەكىلۋازلىقتە . ئاتالمىش مۇھەببەت ، يەنە توۋا ، پەقەت ۋە پەقەت ھىسىداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن قوزغۇلۇپ چىن سۆيگۇدىن پۇتمىگەن بۇ مۇھەببەت قاچانمۇ ئۆز مەنەسىنى تاپار ھە !؟
  رۇفىنەگە شۇنچە سۆيۈنۈپ قالغان ئىدىم بۇ بۆلەكتە ، مىڭ ئەپسۇس ، ئۇنىڭ قىلغىنى ھەقىقى ئۆزگىرىش بولماستىن ئاشۇ ياخشى كۆرگەن كىشىسى ئۈچۈنلا بولۇپ قالسا ھە !؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزگىرشى كىرەكلىكىنى ھەقىقى چۈشەنسىكەن كاشكى .
    مۇھەببەت ھىسىداشلىق ئۇستىگە قۇرۇلمىسا ، كىشى ئۆزىنىڭ نىمە ئۇچۇن قانداق ياشاش كىرەكلىكىنى بىلسە ، بوپتۇ كىيىن شارائىت قانداقتۇر ئۇنى دىمەي تۇرايلى ، شۇ ياشاۋاتقان ۋاقىتنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئوڭ ياشىسا بۇ سۆيۇشتىن بىلىپ بىلمەي كىلىپ چىققان ئالداشلار ، ئۆزىنى قىيناشلار يوقالغان بولار ئىدى

قىنى ، داۋامىنى ساقلايلۇق
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

52#
ۋاقتى: 2014-11-2 05:51:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخرچۇ،
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
53#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-4 20:09:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 17:01  


9


مانا بۈگۈن رۇفىنە بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغىلى دەل بىر ھەپتە بولغان كۈن، ئالدىنقى قىتىم رۇفىنە بىلەن ھېلىقى قەھۋاخانىدا پاراڭلىشىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىپ چىققاندىن بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشىپ باقماپتىمەن.سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ناگان-ناگاندا ماڭا قاراپ قويىدىغىنىنى،قاراپ بولۇپ خىياللارغا غەرىق بولىدىغىنىنى سىزىپ تۇرىمەن.لىكىن ئۇ مېنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ باقمىدى،مەنمۇ بۇ ياشقا كىرگەندە كىچىك بالىدەك ھېلى ئۇرۇشۇپ ھېلى ياخشى بولۇشۇپ يۈرۈشنى خالىمىغاچ ئۇنىڭ ھەسرەتكە تولغان كۆزلىرىدىكى سىرنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمىگەندەك يۈرىۋەردىم.
شاڭخەيدىكى كۈنلەر ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە،بۇ يەردە نە ئاتا-ئانا، نە دوست بۇرادەر يوق.بۇ يەردە پەقەت تېڭىرقاش بار، زارىقىش بار. ئەلۋەتتە بۇلار ماڭىلا خاس.تەربىيلىنىشكە كەلگەن 42 كىشىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خىزمەتچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىشى مەن دىمەتلىك بولۇپ، جىقلىرى توي قىلمىغانلار .بۇ يەردە ئۆگىنىش بىسىمى ياكى ئىمتاھان دەيدىغان بىر ئىش بولمىغاچ ھەممىمىز شۇنداق ئازادە، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بىرەر ئىش چىقارماي،ھۆكۈمەت بەرگەن مۇئاشنى خەجلەپ تېنچ-ئامان يۇرتقا قايتىش.بەلكىم باشقىلارمۇ مەندەك زىرىكتى بولغاي، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىرتقا قاتنايدىغان بولدى. ئەڭ ئاۋۋال شاڭخەيدىكى ئۇيغۇرچە ئاشخانىلار ئوۋغا ئايلاندى، مۇشۇنداق بىر شەھەردە، يۇرتىمىز شىنجاڭدىن تۆتمىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقتىكى بىر شەھەردە ئۇيغۇرچە ئاشخانا ئۇچرىتىش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىش . ئەپەندى رېستۇرانى، غېنى باي،يەرشارى، پامىر، ئاسمان، دولان...ئىشقىلىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ نۇرغۇن ئاشخانىلارغا باردۇق. گەرچە شىنجاڭدىكىدەك ئوخشىمىسىمۇ،قىممەت بولسىمۇ لىكىن رازى ئىدۇق.بارا-بارا باشقىلارنىڭ گېپىدە كېچىلىك كۇلۇب قىززىق نوقتىغا ئايلاندى،شۇ ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ قورسىقى بەك تويۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،بىزدە قورساقتىن غەم يوق،قورساقنىڭ غېمى تۈگىسە دۇنيادىكى بارچىكى غەم تۈگەيدىغاندىكىدەكلا، خىزمەت مۇقىم بولغاندىن كىيىن بارچىكى ئارزۇ ئەمەلگە ئاشقاندەكلا.باشتا شاڭخەيگە كەلگىنىمىزدە بىردىن-بىردىن ھەرىكەت قىلدۇق، كىيىن توپ –توپ بولۇپ يۈردۇق، ئونىنچى ئاينىڭ بايرىمى تۈگىگەندىن كىيىن جۈپ-جۈپ بولۇپ يۈرىدىغانلار كۆپىيىپ قاپتۇ.قىزلارنىڭ كىيىنىشى ئۇيغۇرلۇقتىن ئەمەس بەلكى مودىدىن دېرەك بىرىشكە باشلاپتۇ، يىگىتلەرمۇ كوچىدىكى باققالدەك، ئۆزىنى قايتا بىر يۇيۇپ-تازلاپ،ئۆزلىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان سوپۇن-ئەتىرلەرنى ئىشلىتىپ ئەتراپىغا خېرىدار چىللاشقا باشلاپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدىن سۆيۈندۈم، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئاق-قارىنى پەرىق ئىتىپ، ناشايىن ئىشلارغا قۇل بولماپتىمەن،يەنە تۇرۇپ ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ«توختا» دېمەستىن، ياندا تۇرۇپ پىخىلداپ كۈلىۋاتقاندەكلا ھېس قىلىپمۇ قالدىم.
10-ئاينىڭ19-كۈنى،مەن،ياق، بىز شاڭخەيگە كەلگىلى بىر ئاي بولغان كۈن، يۇرتتىكى ئاغىنەم،ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم پولات تېلېفۇن قىلىپ زىرىكىشلىك كۈنلەرگە خاتىمە بەرگەن بولدى.
-يالقۇن ئاداش ياخشى تۇرۋاتامسە؟ ھاۋا بەك سوغۇق ئەمەستۇ شاڭخەيدە؟
-ياخشى، ياخشى. ئۆزەڭچۇ ئاداش، ئوبدان تۇرۋاتقانسە؟ يەڭگەم بەك بوزەك قىپ كەتمىگەندۇ سېنى؟ ئەگەر بوزەك قىلسا شاڭخەيگە يامانلاپ كەل، ئون قىتىم سوراپ كەلگەندە ئاندىن سېنى قىتىپ بىرىمەن.
-ھاھاھا، ھەقىقەتەن مېنىڭ ئاغىنەمدە سەن، ئەجەپ بىلىۋاپسىنا. قىشىڭغا راس يامانلاپ باراي دېگەن ئاداش.لىكىن ئۆزۈم يالغۇز ئەمەس ئايالىم بىلەن بىللە يامانلاپ باراي دەيمەن. قانداق ،ئىككىلىمىزنى باقالامسەن يا؟
-ۋاي باقمامدىغان، بولسا ئۆيۈڭدىكى ئالتە نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى بىسىپ كەل، بىر ئۆمۈر يامانلاپ مېنىڭ يىنىمدا تۇرسۇن.-پولاتنىڭ ئۆيىدە ئاتا-ئانىسى، يەنە ئىككى سىڭلىسى بار بولۇپ، پولات ئەر-خوتۇننى قوشقاندا ئالتە نوپۇس بولاتتى.
-مۇشۇ يىرىڭنى دەيمىزدە يالقۇن،ھەرۋاقىت ئوچۇق. چاقچاقنىمۇ قىلدىم ئاداش، توي قىلغىلىمۇ ئىككى ئاي بولدى ئەمەسمۇ، شۇڭا ئىدارىدىن روخسەت سوراپ بىرەر ھەپتە ساياھەت قىلايمىكى دېگەن قارا، نەگە بارساق بولا دەپ ئويلىشىۋاتقاندا سەن ئېسىمگە كەلدىڭ،شۇڭا شاڭخەيگە بارايلىمىكى دەپ سېنىڭ پىكرىڭنى ئالغىلى تېلېفۇن قىلغانتىم.
-ئوبدان بوپتۇ ئاداش، بولسا ئايالىڭنى ئىلىپ شاڭخەيگە كەل، مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلىمۇ بىرەر ئاي بولدى، ئاز-تولا ئۇقۇپمۇ قالدىم يوللىرىنى،سەن كەلسەڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولاي.تىمپىراتۇرىغا كەلسەك، بىزنىڭ يۇرتتىكىدىن كۆپ ئىسسىق، مۇشۇ كۈنلەردە چاپانمۇ ئېغىر كىلىدۇ تېخى. شۇڭا ئەنسىرىمەي كىلىشكە تەييارلىق قىلىڭلا.-ئۆزۈممۇ زىرىكىپ تۇرغاچ، پولات كەلسە دەرقەمدە بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزەمەن دەپ ئۇنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ ئىنىق قىلىشقا كۈچىدىم.
-ئەمسە بارىلى،بۈگۈن چارشەنبە، 19كەن چىسلاغا،شەنبە 22 بولغۇدەك.شۇ شەنبە كۈنى يولغا چىقايمىكىن خۇدايىم بۇيرىسا.
-ھە بولىدۇ ئاداش، ئىككى-ئۈچ كۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ كىلەرسىلە،بېلەتنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ ھەل قىلامسە يا مەن ياردەم قىلامدىم؟
-شاڭخەيگە بارساق ساڭا ئېسىلىۋالىدىغاندەك «تەييارلىقنى پۇختا قىلىڭلار» دەپ كەتتىڭغۇ ھەي سولتەك، بېلەتنى ئۆزۈم ئالاي، بولمىسا ئېغىر كىلىپ شاڭخەيگە بارغاندا ئالدىمىزغا چىقماي يېتىۋالما.
-ھاھاھا، چۈشەنسەڭ بولدىغۇ ، شۇنداق قىلايلى،قانداق ئىش بولسا ھايت دېگىن.-مېنىڭ چاقچاق قىلغىنىمنى پولات چۈشىندىغان بولغاچقا ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتامىدىم.
-ماقۇل ئاداش، بىرەر نەرسە لازىممۇ راست؟ يۇرتتىن ئالغاچ باراي.
-بولدى، بولدى، كايىما ئاداش، بىرەر نەرسە لازىممۇ ئەمەس.
ئەنە شۇلارنى دېيىشىپ پولات بىلەن خوشلاشتىم. نەچچە كۈندىن بىرى غىققىدە بولۇپ قالغان كۆڭلۈم بۈگۈن ئالتىنچى ئاينىڭ ئاپتىپىدەك، بۆلەكچىلا ئىچىلىپ كەتتى.
يەنە شۇ كۈنى كەچ، يېقىن ئاغىنەم مۇتەللىپمۇ تېلېفۇن قىپتۇ، بۇ دوستۇمنىڭمۇ تېلېفۇن قىلغىنىدىن سۆيۈنۈپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش، تىژلىقمۇ؟
-تىژلىق، تىژلىق، ئۆزەڭلىچۇ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىلە؟ شاڭخەيگە كۆنەپمۇ قالغانسىلە ھە؟
-خۇداغا شۈكرى، كۆنمەيمۇ ئامال يوق دەڭلا،بىر خىلىدا ئۆتىۋاتىدىغۇ بۇ كۈنلەر ئىشقىلىپ.ئۆزەڭچۇ، يەڭگەم بىلەن ياخشى ئۆتەۋاتقانسە؟
-ياخشى ، ياخشى ، ھازىر ياخشىلىشىپ كەتتۇق، ئىشلارمۇ جايىدا.
-ئۇنداقتا ئوبدان،ئەپ ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ دەڭلا.
-شۇنى دىمەمسە. ئاداش يالقۇن، مېنىڭ ساڭا ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ قىلىپ تېلېفۇن قىلغانتىم، بىر ياردەم قىلساڭ بولىتتى.
-قەدىناس ئاغىنەم مەندىن ئاران بىر ياردەم سورىغاندا، قولۇم كۆكسۈمدە، قېنى دېگىنە قانداق ياردەم قىلاي؟
-ئۆزۈم يىغقان پۇللارنى بىر سودىغا دەسمىي سىلىۋەتكەنتىم، شۇڭا قولۇمدا نەق پۇلنىڭ تايىنى يوق، يىقىندا پۇل ئىشلىتىدىغان بىر ئىش چىقىپ قالغان، شۇڭا سەل قىسىلىپ قالدىم.
-ھە دېگىنە، قانچىلىك لازىم؟-ئۇنى ئارسالدى قىلماسلىق ئۈچۈن، گەپ سۆزدە كەسكىن بولىۋاتاتتىم.
-يەتتە-سەككىزمىڭ بولسا بولاتتى، يېڭى يىلغىچە قايتۇراتتىم.-شۇ چاغدا كاللام قاتتىق ھېسابلاشقا ئۆتتى، بىر كارتامدا بەشمىڭ ئۈچ يۈز يۈەن پۇل بار، ھېلىقى كارتامدا12360يۈەن پۇل بار. ئاغىنەمگە ياردەم قىلىمەن دېسەم، ھېلىقى كارتىدىكى پۇلنى ئىشلىتىىشم كېرەكتى. لىكىن ...ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مۇتەللىپگە جاۋاب بەردىم:
-ماقۇل ئاداش، كارتا نۇمۇرىڭنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگىن ئەمسە، ئەتە چۈشكىچە 10000يۈەن ئۇرۇپ بىرەي، باشقا ئىشلىتىدىغان يىرىڭ بولسا ئىشلەتكەچ تۇراسەن، پۈتۈن بولسا كىيىن ھېساپلىشىدىغانغىمۇ ئاسان دېگىنە.-مەن ھېلىقى كارتامدىكى پۇلنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم، مەن گۈلمىرەنى ئىزدەپ تىپىپ بولغىچە مۇتەللىپمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بولار بەلكىم.
-كۆپ رەھمەت ئاداش، ئەجەپ ئەسقاتتىڭ. 11-ئاينىڭ2-كۈنى ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىتتى دېگىنە، شۇڭا بىر سوۋغات ئىلىپ بەرمەكچى بولغان، لىكىن يىنىمدا بارى يەتمىگەچكە سېنى ئىزدىگەنتىم.
-ۋاي بۇ ئادەم قورقاتماڭلا ئاداش، بىرە ئىككى مىڭ يۈەنگە كىيىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ بەرسەڭلا تۈگەيدىغان ئىشقا نىمانداق جۇۋاپ كەتتىڭلا؟
-دەيرۈي يۈرۈشلۈك ئۈزۈكلىرى باركەن دەڭلا، شۇ ئونمىڭنىڭ ئۈستىدىكەن باھاسى، ئۇنىڭ شۇنداق ئۈزۈكتىن تاقىغىسى باركەنتۇق، شۇڭلاشقا ئىلىپ بىرەي دېگەنتىم.-ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يۈزۈمگە بىرسى كاچاتلىغاندەك چۆچۈپ كەتتىم-دە، دەررۇ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-ھە، ئايالىڭنىڭ ئىسمى نىمىتتى ئاداش راست؟
-گۈلمىرە...
   مۇتەللىپنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگىنى ئىسىمدە، يوق، كارتا نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىپ،ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان بىر خىل ھېسسياتتا تېلېفۇننى قويدۇم.


10


10-ئاينىڭ 20-كۈنى، پەيشەنبە، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ مۇتەللىپنىڭ كارتىسىغا 10000يۈەن پۇلنى يۆتكەپ بىرىپ، قالدۇق سوممىڭىز2260يۈەن دېگەن خەتنى كۆرگەندىن كىيىن مەكتەپكە يىنىپ كىردىم.كاللامدا پەقەت ئۈچ شەخىسلا بار. مەن، مۇتەللىپ، گۈلمىرە.مۇتەللىپ مېنىڭ ئاغىنەم، گۈلمىرە مېنىڭ ....ھەرقىتىم بىر مۇنچە ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالاتتىم. ئېسىمنى يىغدىم، گۈلمىرە مېنىڭ ھېچنىمەم ئەمەس، شۇنداق مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمىدى. مۇتەللىپمۇ ئىلگىرى بىزنىڭ ئىشىمىزنى بىلمەيتتى، شۇڭا مۇتەللىپتىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق، توغرىسىنى ئېيتقاندا ھېچكىمدە گۇناھ يوق.يەنە تۇرۇپ،« دەيرۈي يۈرۈشلۈك ئۈزۈكلىرىنى ياقتۇرىدىغان يا مەن تونۇيدىغان گۈلمىرەلا بولمىسا بۇ جاھاندا، بەلكىم باشقا گۈلمىرەلەرمۇ ياقتۇرىدىغاندۇ، شۇڭا بۇنداق كۈلكىلىك خىياللارنى قىلمىساممۇ بولغىدەك»دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم.
  ئەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىچىدە ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدۈم، دۈشەنبە كۈنى يېقىن ئاغىنەم پولات ئايالى بىلەن شاڭخەيگە يىتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن خىياللاردىن بوشىنىپ ئۇنى كۈتۈش بىلەن بوپ كەتتىم.
  ئۇ  كەلگەندىن كىيىن پولات بىلەن ئايالىنى مەن شاڭخەيگە كەلگەندىن بىرى بىرىپ باققان جايلارغا ئىلىپ باردىم.بەزى بىرىپ باقمىغان جايلارنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ،خەرىتىگە قاراپ يۈرۈپ تىپىپ بىرىپ بىللە ئوينىدۇق. ئۇلارنىڭ ياتىقىنى بولسا شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ يىنىدىكى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، چۈنكى ئۇ مېھمانخانىدىن چۈشسىلا، يان تەرەپتە غېنى باي ئاشخانىسى بىلەن، ئەپەندى رىستۇرانى بار ئىدى.ئۇلار كىلىپ ئۈچ كۈن بولغاندا پولاتنىڭ ئايالى رۇفىنە توغرىلىق سۆز ئىچىپ قالدى:
-ھە راست، يالقۇن، سىز بىلەن تەربىيلىنىشكە كەلگەنلەر ئارىسىدا رۇفىنە دەپ بىرى باردۇ؟ ئۇ قىز بىلەن مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن خېلى ئالاقە قىلاتتىم، شۇڭا بولسا ئۇنىمۇ توۋلىسىڭىز بىرەر قىتىم بىللە تاماق يىسەك بوپتىكەن. كىيىنچە ئاڭلاپ قالسا، شاڭخەيگە كىلىپ ئىزدەپمۇ قويماپتۇ دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن.
-با، با. ئۇ قىز بىلەن بىر مەكتەپتە مەن، مەن چاقىراي.-شۇنداق دېگەنچە ئالاقىلاشمىغىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان بۇ قىزنىڭ تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلدىم. رۇفىنە تېلېفۇننى ئالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بىر قاتار چۈشەندۈردۈم، كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى، ئەلۋەتتە، مەن بىلەن ئەمەس بەلكى پولاتنىڭ ئايالى بىلەن ئىدى.
  كەچتە دېيىشكىنىمىزگە ئاساسەن ئەپەندى رېستۇرانىدا كۆرۈشتۇق، رۇفىنەنىڭ كىيىنىشىنى كۆرگەن پولاتنىڭ ئايالى سالاملىشىشنى ئۇنتۇغان ھالدا تۇرۇپلا قالدى، پولات ئەھۋالنى چۈشىنىپ ئايالىنى نوقۇپ قويغاندىن كىيىن، يەڭگەم ئەسلىگە قايتىپ رۇفىنە بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن پولات بىلەن ماڭا قىلچىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولمىغان پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ گىپىنى قىلىشقاچ تاماقنى بۇيرىتىۋەردۇق.سائەت يەتتە يىرىملارغىچە بىز بۇيرىغان سەيلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولدى، تۆتىمىز «ئېلىڭلا، بېقىڭلا»دېگەچ پاراڭلىشىپ ئولتادۇق. مەن كۆپىنچە پولاتقا، پولاتنىڭ ئايالى رۇفىنەگە گەپ قاتاتتى،مەن بىلەن رۇفىنە بولساق خۇددى بۈگۈن تونۇشقانلارغا ئوخشاش بىر-بىرىمىزدىن خۇدۇكسىراپ ئولتۇراتتۇق.
-ۋاي يالقۇن، پولات سىزنى خېلى سۈيى با دەيتتى، ئەجەپ شاڭخەيگە كىلىپ بىر ئاي بولغۇچىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىر يۇرتلىقى بىلەن تونۇشۇپ بولالمىدىڭىز؟ ئەمدى مۇساپىرچىلىقتا ئەسقاتىدۇ يۇرتلۇق دېگەن، شۇڭا بولسا ئىككىڭلا تونۇشۇپ يىقىنراق ئۆتۈڭلا دەيمەن.-بۇ ۋاقىتتا رۇفىنە بىلەن مەن تەڭلا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.
-ھە، بولىدۇ، بۇندىن كىيىن شۇنداق قىلارمىز.-سەل ھودۇققان ھالەتتە جاۋاپ بەردىم.-مېنىڭ جاۋابىمدىن بىر نەرسىنى سەزگەن پولات دەرھال گەپنى بۇرىدى:
- ھە ئاداش يالقۇن،ئىشلىرىڭ قانداق بوپ كەتتى؟پۇلنى نەق قىپ بولغانسەن؟
-ئۇ ئىشلارنى دەمسەن ئاداش، پۈتۈپمۇ قالدى، لىكىن شۇ گۈلمىرەنىڭ ئۆزىنى تاپالماي دېگىنە.-شۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ پارىڭىنى چۈشىنەلمىگەن پولاتنىڭ ئايالى گەپ قىستۇرۇپ قالدى؛
-ۋاي ۋۇي، نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتىڭلا ئىككىڭلا؟ كىمۇ ئۇ گۈلمىرە دېگەن؟ يالقۇن نېمىشقا پۇل يىغىدىكەن؟ چۈشەنگىدەك قىلىپ دەڭلا مۇنداق.-بۇ ۋاقىتتا پولات سۆز باشلاپ ، مېنىڭ قانداق قىلىپ گۈلمىرە بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىمنى، پويىزدىن چۈشكەندىن كىيىن يەنە قانداق ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ ئۆتتى.
-ھە، ھېكايىلەردىكى مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسىكەنغۇ بۇ، يالقۇن كىيىن گۈلمىرەنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، لىكىن ئاخىرىدا بىللە بولالماي بۇ ھېكايە تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.-پولاتنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقىنىنى سەزگەن يەڭگەم دەرھال سۆزلەشتىن توختىۋالدى.بۇنىڭغا ئۇلاپ مەن ئۆزۈم سۆز باشلىدىم:
-ھەقىقەتەنمۇ، گۈلمىرە بىلەن بولغان كۈنلەر ھېكايىدىكىدەكلا. لىكىن مۇشۇ كۈنلەردە تونۇپ يەتتىمكى، شۇ ھېكايىلەردىكى ۋەقەلىكلەر ئەمەلىيەتتىن، رىئاللىقتىن كەلگەنىكەن، شۇڭلاشقا، مەن بىلەن گۈلمىرەنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ۋەقەلىك پات ئارىدا بىرەرسىنىڭ ھېكايىسىدە ئۆزىنى كۆرەمدۇ تېخى.
-ھې،ھې، چاقچاق قىپ قويدۇم، بولسا سۆزلەپ بىرىڭە،ھەممىمىز بىر ئاڭلايلى.-پولاتنىڭ ئايالى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، رۇفىنە بىلەن پولاتمۇ «سۆزلە» دېگەننى قىلىپ ماڭا قارىدى،مېنىڭچە ئارىدا ئەڭ ھەيران قىلىۋاتقىنى رۇفىنە، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بۇ توغرىلىق ھېچنىمە دەپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن گۈلمىرە بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشتىن باشلاپ ھېكايەمنى باشلىۋەتتىم.
  2008-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى چارشەنبە كەچ سائەت ئالتە.مەكتەپنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا چىقىپ بولغان گۈلمىرە مېنىڭ يىراقتىن كىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى،مەنمۇ ماس ھالدا قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم-دە، ئۇنىڭ يىنىغا چاققانلىق بىلەن يېتىپ كەلدىم.
-21-ئەسىر ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە بىر ئەسىركەن ھە ، قىزلار ئوغۇللارنى ساقلايدىكەنمىز.-ئۇنىڭ يېنىغا ئەمدى كىلىشىمگە گۈلمىرە شۇنداق دېيىشكە ئۈلگۈردى.
-ئوغۇللارمۇ كەلسە-كەلمەس قىزلارنى ساقلاۋەرمەيدۇ،شۇڭا قىزلارمۇ ساقلىغىدەك ئوغۇللارنى ئۇچراتقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىسا تېخىمۇ ياخشىغۇ. مانا سىز ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپسىز، ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
-ئۆتەپ بىرىڭە، ئەگەر سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ تاماققا تەكلىپ قىلمىغان بولسام، بۇنداق ساقلىغىچە دەپ ئاللىقاچان ياتىقىمغا قايتىپ كىتەتتىم مەن.
-سائەتلىرى ساقتۇ؟بىز ئالتىدە دىيىشىپ قويغان تۇرساق، سائەت ئەمدى ئالتە بولدى مانا.-شۇنداق دېگىنىمچە سول قولۇمدىكى سائەتنى ئۇنىڭ كۆزىگە يىقىنلاتتىم.
-مېنىڭ چاتىقىم يوق، قانداقلا بولمىسۇن بىر قىزنىڭ ئوغۇل بالىنى ساقلىغىنى راسقۇ.
- ھە راست، راست، خاپا بولمىسىلا ئەمسە، بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئىش سادىر بولمايدۇ.
-كىم سىزگە يالقۇن بىلەن گۈلمىرە بۇندىن كىيىن يەنە كۆرۈشىدۇ دەيدۇ؟ تېخى كىيىنچە سادىر بولمايدۇ دەپ.
-ۋاي ماقۇل، ۋاي ماقۇل، بۈگۈن تاماق يەپ بولساقلا بۇندىن كىيىن ئىككىمىز تونۇشمايمىز،كۆرۈشىدىغان ئىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.
-ھاھاھا، سىز بىلەن چىقىشقىلى ئامراق بوپ قالدىم جۇمۇ مەن. دەڭە قېنى قەيەرگە بارىمىز تاماق يىگىلى؟ باشتىلا دەپ قوياي، بەك ئېسىل يەرگە بارىلى دەپ جۇۋاپ يۈرمەڭ، بولمىسا ياخشى تەسىر بىرىمەن دەپ ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.-بۇ قىز شۇنداق دېگىنىچە ئادەمنى زاڭلىق قىغلاندەك كۈلۈپ كەتتى.
ئاخىرى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى نورمال ئېچىلغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ غىزالاندۇق.
-ئەمسە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمۇ؟پويىزدا ئىسمىمنى بىلەلمەي يىغلاپ چۈشۈپ كەتكەنتىڭىز؟
-تولا چىشىمغا تەگمەي باشلاڭە تېز. -ئۇنىڭ بۇنداق بىر گەپنى ئەزۋەيلەۋىرىشىگە چىدىماي سوغۇقلا جاۋاپ قايتۇردۇم.
-ئىسمىم گۈلمىرە،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىنىنىڭ ئوقوغۇچىسى، بۇ يىل 25 ياش ،قۇمۇل شەھەرلىك،بوي ئېگىزلىكىم بىر مىتىر ئاتمىش بىر،ئېغىرلىقىم 45كىلوگىرام.يەنە قانداق ئۇچۇرلار لازىم؟
-يەنىما؟يەنە، قاچان توي قىلدىڭىز؟ قانچە بالىڭىز بار،نېمىشقا 25ياشتىلا تۆتىنچى يىللىققا چىقىۋالدىڭىز؟
-ھاھاھاھا،توينى سەل چوڭ بولغاندا قىلامەن خۇدايىم بۇيرىسا، شۇڭا بالىمۇ ھازىرچە ئامانەت. يېشىمغا كەلسەم شۇ سىزنىڭ ئاچىڭىزدەك بار .
-خەپشۈك، بۇ سىزنىڭ تال شىۋىقتەك بەستىڭىزگە، خام سۈت لېغىلداپ تۇرىدىغان يۈزىڭىزگە «مەن ئەمدى20گە كىردىم» دېگەن خەت يىزىقلىقكەن جۇمۇ، ئۆزىڭىز يازمىغان بىلەن، شۇڭا يېشىم بىلەن يالقۇننى قورقۇتۇپ قاچۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ، سىزگە چاپلىشىۋىلىشنى ئەسلا ئويلىمىدىم.
-ياق، مەن چاقچاق قىلمىدىم، مەن تولۇقتا بىر يىل قايتا ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپتە بولسا بىر يىل ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىغان،شۇڭا مەن ئەسلى سىزدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇسام توغرا بولاتتى.-ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنگەندىن كىيىن بۇ توغرىلىق ئارتۇق گەپ سورىمىدىم.مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاددىيلا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن بولدى قىلدىم.
- ھە راست ئۇكام، پويىزدا قوشاق قاتقىنىڭىزغا قارىغاندا شېئىر دېگەندەكلەرگە خېلى ھەۋىسىڭىز باردەك قىلامدۇ قانداق؟ مەنمۇ ئۆزۈم فىزىكا كەسپىدە بولغان بىلەن خېلى قىزىقاتتىم دەڭە.
-ئۆزىڭىز خېلى چاقچاقچى، گەپ كۆتىرىدىغان قىزكەنسىز، مەنمۇ خېلى چاقچاقلىرىڭىزنى كۆتۈردۈم، لىكىن مەيلى چاقچاق قىلىڭ، ياكى راست دەڭ ئىشقىلىپ، مۇشۇ «ئۇكام»دېگەن سۆزنى دىمىسىڭىز قانداق؟قىزلارنىڭ ئۇكام دېيىشىنى خېلىلا ياقتۇرمايتتىم.-گۈلمىرە مېنىڭ ئەستايىدىل ھالىتىمنى كۆرۈپ، چاقچاق ئارلاشتۇرماستىن ماقۇل بولدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئىلگىرىكى ئۇقۇشماسلىق ھەقىقىي تۈردە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىككىمىز ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ئىلىم-بىرىم مۇناسىۋىتى قالمىدى، بىز ئەمدى ئالاقىلاشمىساقمۇ بولاتتى، لىكىن ئىككىمىزگە ئوخشاش بولغان بىر قىزىقىش، يەنى شېئىرغا بولغان ئىشتىياق بىزنى داۋاملىق ئالاقىلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەلۋەتتە، مەن مەجبۇر قىلدى دېسەم توغرا بولمايدۇ، ئەسلى شارائىت ھازىرلاپ بەردى دېيىشىم كېرەك.
بىزنىڭ كىيىنكى قىتىملىق كۆرۈشىشىمىز تۆت كۈندىن كىيىنكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بولدى.
-سىزدىن بىر شېئىر توغرىلىق تەلىم ئالاي دەپ ئىزدىگەنتىم يالقۇن.-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى.
-ئەمسە تاماق يىگەچ پاراڭلاشمامدۇق؟ يۈرەڭە.
-يىسىڭىز سىز يەڭ، مەن نىيەت قىلغانتىم بۈگۈن،چۈشتىن كىيىن سوراي بولمىسا.-بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزاردىم.مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى بىرەر كۈنمۇ رامزان تۇتۇپ باقماي، بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتقانلىقىمدىن نۇمۇس قىلدىم.ئەلۋەتتە، بۇ خىل نۇمۇس قىلىش، ئۆز-ئۆزۈمدىن يىرگىنىش تۇيغۇسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، يۇرتقا قايتقاندىن كىيىنكى ھەر بىر ئەسلىمەمدە مېنى تېخىمۇ قېينايتتى.لىكىن مەكتەپتىكى شۇ چاغلاردا شۇنداق نادانلىق، بىخۇتلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋىتىپتىكەنمەن.
-بولىدۇ،چۈشتىن كىيىن تېلېفۇن قىلاي ئەمسە.-شۇنداق دەپ قىزارغىنىمچە ئۇنىڭ يىنىدىن ئاشخانا تەرەپكە كەتتىم. بۇ قىلىقىممۇ كىيىن ماڭا تولىمۇ ئىپلاسلىقتەك تۇيۇلدى، چۈنكى ئاللاھتائالادىن قورقماي، ھېچ تەپ تارتماي بىر بەندىدىن خىجىل بولۇشۇم چوڭ بىر رىيا ھېساپلىناتتى.گەرچە ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن رامزان تۇتمىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لىكىن ئۇنى قەستەن ئۇنداق قىلمايدىغاندەك ھېس قىلدىم.
  چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغاندا، مەن گۈلمىرەگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتىپ كۆرۈشتۈم.
-ماۋۇ شېئىرنى دېگەنتىم يالقۇن.-گۈلمىرە شۇنداق دېگىنىچە مەرھۇم ئالىم،ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئۇچراشقاندا»ناملىق شېئىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن دەررۇ بىرىنچى كۇبلىتىغا كۆز يۈگۈرتتۈم.
سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈم سۇلتانىنى،
دېدىم سۇلتانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.
كۆزلىرى يالقۇنلۇق،قوللىرى خېنىلىق،
دېدىم چولپانمۇ سەن؟ دېدى ئۇ ياق-ياق.
ئەمدى بىرىنچى كۇبلىتىنى ئوقۇپ بولىشىمغا، گۈلمىرە  خاتىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
-مۇشۇ شېئىرنى تالاي ئوقۇدۇم، لىكىن قەتئىي چۈشىنەلمىدىم،شۇڭا سىزنى چۈشەندۈرۈپ قويامدىكىن دېگەن.
-ھە، مەنمۇ بۇرۇن ئوقۇپ باققان بۇ شېئىرنى، لىكىن تازا چۈشىنەلمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتىكەنمەن، بولسا مەن بۇ شېئىرنى قايتا –قايتا ئوقۇپ، ئاندىن بىر نېمە دەيمىكىن.
-چاتاق يوق، ئەمسە بۇ خاتىرە سىزدە قالسۇن،چۈشەنچىڭىزنى خاتىرىگە يىزىپ قويسىڭىز تېخى ياخشى.
  ئىككىنچى قىتىملىق كۆرۈشىشىمىز مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتى. ئەتىسىدىن باشلاپ مەن رامزان تۇتتۇم. يەنە بىر قىتىم كۆرۈشتۇققۇ دەيمەن، ئۇنىڭغىچە دۆلەت بايرىمى ھەم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن قەشقەرگە، گۈلمىرە قۇمۇلغا قايتتى.ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى مۇبارەكلىشىپ تېلېفۇن قىلىشقاندىن باشقا ھېچقانداق ۋاقىتتا تېلېفۇنلىشىپمۇ باقمىدىم.قەستەن تېلېفۇن قىلمىدىم ئەمەس، بىز تېخى ئۇنداق باسقۇچقا يەتمىگەن ئىدۇق. ھېيتنىمۇ ئۆتكۈزۈپ يەتتىنچى چىسلا يەنە ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدىم، شۇ كۈنى كەچتە گۈلمىرەگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتىپ چىقىپ بىللە تاماق يىدىم.بەلكىم مۇشۇ قىتىملىق بىللە تاماق يىيىش ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن.
شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىشكە باشلىدى.بىز ئۇچرىشىپ قالساق، يەيدىغاننىڭ ئوينايدىغاننىڭ گېپىنى ئانچە قىلىشمايتتۇق، قىلىشىدىغىنىمىز جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىشلار، كىتابتىكى بىرەر سۆز-جۈملە ئۈستىدە ئىدى. ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى، ئىجادچانلىقى مېنى جەلىپ قىلاتتى.نۇرغۇن قىزلاردەك ناز قىلىپ كەتمىسىمۇ لىكىن ھەر بىر ھەرىكەت، ھەربىر سۆزىگە بىرخىل سېھرى كۈچ يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ گۈلمىرەنى ياخشى كۆرۈشۈپ قىلىشىمنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىققا ئىگە بولدۇق،مىجەزىمىزمۇ شۇنداق چىقىشىدىغان بولدى.
راستىمنى ئېيتسام بىزنىڭ ئارىمىزدا باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگۈدەك تەسىرلىك ھېكايىمۇ يوق ئىكەن، بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى گۈزەل مىنۇتلار باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى «تومپايلىق»ئىكەن.لىكىن بىز باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەت قىلىۋاتمايمىز، باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ھېكايىمىزنى ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقىمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ئارتىس ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇپ، تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىش، ياكى كۈلدۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. شۇ كۈنلەردە گۈلمىرەمۇ ماڭا ناھايتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.شۇڭا 2009-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى،يەنى گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا:«بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ توي قىلايلى» دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۆز سوۋغۇتۇمنى يەتكۈزدۈم.
-ئەستا،ئەستا، ما ھاماقەتلىكىمنى كۆرمەمدىغان.-تۇيۇقسىز بۇنداق دېگىنىمدىن چۆچۈپ كەتكەن رۇفىنە شارتلا ماڭا قارىدى –دە، چىراينى جىددى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ:
-بىرەر مۇھىم ئىشنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپسىزما؟ئەجەبا...؟
-ياق،ياق. باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ، سىلەرنى تاماققا بېقىڭلا دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ.قېنى ئاداش، سەيلەرگە باققاچ ئولتۇرە،يەڭگە سىزمۇ ئىلىڭە، ھە، مېنىڭ بۇ تۇز سالمىغان ئاش سۈيىدەك تەمسىز ھېكايەممۇ سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويدى ھەقاچان. –شۇنداق دەپ گەپتىن توختىدىم. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۇنداق دەپ سالغىنىم ئۆزۈمگە ئايان،مۇتەللىپ ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ2-كۈنى دېسە ھەجەپ گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 1-ئاينىڭ7-كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەنيا، ما دۆتلىكىمنى قارىمامدىغان.گەرچە ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تۇرساممۇ لىكىن يەنىلا بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ كەتتىم، دېمەك مۇتەللىپنىڭ ئايالى گۈلمىرە باشقا، مەن توي قىلماقچى بولغان گۈلمىرە باشقا ئىدى.

بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

54#
ۋاقتى: 2014-11-4 21:59:31 | ئايرىم كۆرۈش
تۇلۇق ئوقۇيدىغان بولدۇممىكىىن دسەم..........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

55#
ۋاقتى: 2014-11-5 21:46:25 | ئايرىم كۆرۈش
بىر چوچۇپ ئاندىن ئەسلىمگە كەلدىم مەن ما ئەسەرنى  ئوقۇپ ، تۇغۇلۈئان كۈن ئوخشاش چىقمىدى ھەنىم بوسا ، بوممىسزىگە بىچارە بالا قاچانلاغىچە سالپىيىپ يۇرەتتىكەن ، رۇفىنە قاندا بوپكىتە ئەمدى
  ئاندا قىمماي تىزراق يوللايلى ئاغىنە ئەدەمنى تىت تىت قىلماي
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

56#
ۋاقتى: 2014-11-5 21:53:12 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامى قېنى؟  خەپ خەپ ....
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
57#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 12:49:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 17:03  


11


  -سىز ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە جۇمۇ يالقۇن،ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىگە كۆڭلى بارمۇ-يوق بۇنى ئويلاشمايلا تۇرۇپ توينىڭ گىپىدىن چۈشكىنىڭىز قىززىق.-گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەچتە مەكتەپنىڭ يىنىدىكى«جەۋھەر» تاماقخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ۋاقىتتا، گۈلمىرە بۇ گەپلەرنى قىلىپ ئۈلگۈردى.
-ئىككىمىزنىڭ كۆيدۈم-پىشتم دەپ يۈرىدىغان ۋاقتى كەتتى دەڭە گۈلمىرە، سىزنىڭ يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بادى، تونۇشقاندىن بىرى شۇنداق چىقىشىپ ئۆتىۋاتىمىز، شۇڭلاشقا ئويلايمەن، توي قىلساق تامامەن بەختلىك بولالايمىز.
-ھە، رەھمەت جۇمۇ ئىلتىپاتىڭىزغا. گۈلمىرەنىڭ يېشى بىريەرگە بىرىپ قالدى، خېرىدار چىقماي ئولتۇرۇپ قالمىسۇن ئۆزۈم ئىلىپ قوياي دەپسىزدە ئەھۋالدىن قارىغاندا؟تونۇشقاندىن بىرى ئادەتتىكىدەك دوست بولۇپ ئۆتەۋاتقاندىمىز شۇ،توي قىلىش بۇنىڭغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىش يالقۇن.-شۇ دەقىقىدە گۈلمىرەنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىدىم، گۈلمىرەنىڭ ئۆزىنى ئالداۋاتقانىلقىنى ياكى مېنى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم.
-ئەگەر مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار دېسەمچۇ؟ ئۇنداقتا ئويلاشساق بولا؟
-ئەگەر؟بىز پەقەت ئەمەلىيەتتە ياشىيالايمىز يالقۇن.«ئەگەر» دېمەكلىك يوق دېمەكلىكتۇر،شۇڭا بۇنداق سۆز ئويۇنى ئوينىمايلى.
-مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم با.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن سىز بىلەن توي قىلغۇم بار.-مۇشۇ گەپنى ئاران-ئاران دېيەلىدىم،ئىلگىرىكى باشقىلاردىن ئانچە ھېيىقىپ كەتمەيدىغان گەپتان يالقۇن نەگە كەتتىكىن تاڭ،تىلىم تۇتۇلۇپ قېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلىدىن بىرى شۇنچە سوغۇق بىلىنگەن ئاشخانا مانا ئەمدى بەكلا ئىسسىقتەك بىلىنىپ كەتتى.گۈلمىرە بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ جىمجىتلىقىدىن ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى بار دېگەن يەكۈننى چىقاردىم.
-ماڭا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى دىمىسڭىز بولاتتى يالقۇن، ئەمدى بىز بىرگە بولالمايمىز.-ئۇنىڭ بۇ تەرەپپەللا دېگەن گېپىدىن قايمۇقۇپ قالدىم.
-نىمىشقا؟ ئەجەبا سىزنىڭ ئىلگىرىكى ماڭا بولغان ياخشى مۇئامىلىڭىز ھېچقانداق بىر ھېسسىياتتىن دېرەك بەرمەمتى؟ياكى...؟-شۇنداق دەپ زۇۋانىمنى ئۆچۈردۈم.
-باشقىچە ئويلاپ قالماڭ. مەن ھازىرغىچە بىرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىدىم.چۈنكى قارشى تەرەپ ماڭا كۆڭلىنى ئىزھار قىلسىلا مەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلالمايمەن،شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يىراقلىشىپ، بارا-بارا تونۇشمايدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ كىتىمىز. شۇڭا مەن بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالماسلىق.
-ئەمسە نىمىشقا باشتا بۇنداق دېمەيسىز ماڭا؟-ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئاچچىقىم كىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىۋەتتىم.ئەتراپىمدىكى بىر نەچچە ئۈستەلدىكىلەر يانلىرىغا بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى، لىكىن مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىدىم.
-مەن قۇمۇلدىن، سىز قەشقەردىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىزدىن ئىككى ياش چوڭ بولغاندىكىن، ئارىمىزدا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلاپ ئەسكەرتمىگەنىدىم.
   سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پولاتنىڭ ئايالى سۆز قىستۇرۇپ قالدى:
-ھە، مۇنداقكەندە. قانداق ئاددىي تونۇشقان بولساڭلا شۇنداق ئاددىيلا بولدى قىلىشىپسىلە ھە ئەمسە.-ئۇنىڭ بۇنداق گەپكە قوشۇق سالغىنىنى ياقتۇرمىغان پولات:
-ۋاي-ۋۇي خوتۇن ئەجەپ ئۆپكەڭ يوق جۇما سېنىڭ،باشقىلارنىڭ ساقىلىغا ئېسىلىشقا ئارانلا تۇرىسەن.
-سىز نېمىنى بىلەتتىڭىز، يالقۇن سۆزلەۋەسىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولمايدۇ،بىز بىلەن پىكىرلەشكەچ سۆزلەپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.
-ھە شۇندامۇ؟ ئەمسە سەن سۆزلە ئاخىرىنى.
-ئالدىرماي تۇرۇڭ پولاتچان، ئۆيگە قايتقاندا ئالدىرماي سۆزلەپ بىرىمەن، شۇ ۋاقىتتا ۋاي داد دېمىگىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي.-ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى ماڭا يەنە گۈلمىرەنى ئەسلىتىپ قويدى، ئەينى ۋاقىتلاردا بىزمۇ مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزگە گەپ بەرمەيتتۇق،دەيدىغاننى دەۋىلىپ قايتىدىن «سەن مۇنداق دېدىڭ، سەن ئۇنداق دېدىڭ» دەپ بىر ھازاغىچە كۈلىشەتتۇق،قىسقىسىنى ئېيتقاندا بىر-بىرىمىزنىڭ مىجەزىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلەتتۇق.بۇ ئەسلىمىلەرنى كاللامدىن كىنودەك بىر ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىگە قاراپ تۇرۇپ:
-بولدى، ھە چۈجە-خورازلا.بولدى قىلىشىڭلا، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ، ئىككىلىرىنىڭ ياتىقى بۇ يەردە بولغان بىلەن، رۇفىنە بىلەن ئىككىمىز خېلى ۋاقىت ماڭىمىز تېخى. شۇڭلاشقا بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك بولسۇنمۇ؟
-ماقۇلە، سىلەرنىمۇ بەك كەچ قويمايلى. بۇرۇنراق قايتىپ ئارام ئىلىڭلا ئاداش، نەچچە كۈندىن بىرى سېنى تولا يول ماڭغۇزۇپ ھاردۇرىۋەتتىم .
-مانداق دېسەڭ ئۆزەڭگە ئوخشىمايلا قالىدىكەنسەن پولات، تۈزۈت قىلىشىدىغان باللا ئەمەس بىز، ئۆزۈڭنىڭ پۇتى دەپ بىل، باشقىنى ئويلىما.
     ئەنە شۇ گەپلەرنى دېيىشكەندىن كىيىن پولات ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن خوشلىشىپ، رۇفىنە بىلەن بىللە مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق.تاكسى شوپۇرى نەگە بارىدىغىنىمىزنى سورىۋالغاندىن كىيىن ماشىنىدا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەكلا ماشىنىسىنى ھەيدىمەكتە.مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ خىيالى بىلەن، رۇفىنە بولسا ئەينەك تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. تەخمىنەن يىگىرمە مىنۇت مېڭىپ، مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. پۇلنى تۆلىۋىتىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم-دە، ئاللىقاچان ماشىنىدىن چۈشۈپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان رۇفىنەنى توۋلىدىم:
-رۇفىنە ، ساقلاپ تۇرىڭە.-رۇفىنەمۇ مېنىڭ مۇشۇ گېپىمنى ساقلاپ تۇرغانمۇ قانداق، ئاۋازىمنى ئاڭلاپ دەررۇ توختىدى.مەنمۇ شوپۇرنى يولغا سىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ھەمدە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى چىراق نۇرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
-ئۆتكەنگە سالىۋات، مەندىن قىيداپمۇ يۈرمەڭ،ئادەتتكىدەك دوست بوپ ئۆتىلى،كۈندە ئۇچرىتىپ، دۈشمەندەك قارىشىپ يۈرسە ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالىدىكەن.
-ئاخىرى چىدىماپسىزدە، بولىدۇ، مەنمۇ جاق تويدۇم بۇنداق يۈرۈشتىن، ئادەتتكىدەك دوستلادىن بولۇپ ئۆتەيلى ئەمسە.-بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغان گۈلمىرەنىڭ تۈرۈلگەن يۈزىگە ئازراق تەبەسسۇم يۈگۈردى.
-ئەمدى بولدى. ئۇنداقتا سىزمۇ ياتاققا قايتىپ ياخشى ئارام ئىلىڭ، مەنمۇ ياتاققا قايتاي.-مەكتەپتىن كىرىپ سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئازراق ماڭساقلا رۇفىنە تۇرىدىغان ياتاق بىناسى بولغاچ، ئۇنى ئاپىرىپ قوياي دەپ كايىپمۇ يۈرمىدىم.
-يالقۇن، بىردەم ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلىچۇ.بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،باياتتىن ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى تېخى سۆزلەپ بولالمىدىڭىزغۇ دەيمەن،شۇڭا ئاخىرىنى ئاڭلىۋىتىپ كىرىپ كىتەي دېگەنتىم.-رۇفىنەگە ياق دىمىدىم،چۈنكى ئىلگىرىكى شۇ كۈنلىرىمنى ئەسلەش مەن ئۈچۈن بىر ھوزۇر. بوپتۇ، رۇفىنەگە سۆزلەپ بەرگەچ يەنە بىر قىتىم ھوزۇرلىناي.شۇنداق قىلىپ، رۇفىنە بىلەن مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ، چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇرغان يولنىڭ ياقىسىدىكى بىر ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق، مەنمۇ ھېكايەمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردۇم.
-ئۇنداقتا نىمىشقا باشقىلار سىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلسىلا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتەلمەيسىز؟ئەجەبا باشقىلار سىزگە دۈشمەن بولسا ئاندىن خۇش بولامسىزيا؟
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز. راستىمنى ئېيتسام سىز مېنى قىلچىلىك چۈشەنمەيسىز يالقۇن.مەن قانداق ئائىلىدە چوڭ بولغان، قانداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن بۇلار سىزگە قاراڭغۇ.سىز پەقەت مەكتەپتە ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن كۈلۈپ يۈرىۋاتقان گۈلمىرەنىلا تونۇيسىز،ئۇنىڭ ئۆتمۈشى قانداق دېگەنلەرنى قىلچىلىك بىلمەيسىز.-مەن گۈلمىرەنى تونىغاندىن بىرى مەندە مۇنداق بىر خىل ھېسسىيات بار، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۆتمۈشى يوقتەك، بارچىكى ئۆتمۈشى مېنى تونىغاندىن باشلاپ دۇنياغا كىلىدىغاندەك،شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى  ھاياتى توغرىلىق ھېچنىمە سوراپ باقمىغانىدىم.
-ئۇنداقتا ماڭا سۆزلەپ بىرىڭ، ئىشقىلىپ مەن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئىنىق بىلىشىم كېرەك.
-مەن بۇ سىرلىرىمنى ھېچكىمگە بىلدۈرۈپ باقمىغانىدىم، بوپتۇ، سىزگە دەپ بىرەي، ئۇققاندىن كىيىن بولدى قىلارسىز بەلكىم. بۇ مېنىڭ ئائىلەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك،توغرىسىنى ئېيتقاندا دادام بىلەن.مەن تولۇقسىزغا چىققىچە دادام ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى، لىكىن تولۇقسىزغا چىقىپ ئۇزاق بولمىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدۇمغۇ دەيمەن، شۇ چاغدا دادام مېنى ئۇردى، ئۇ دادامنىڭ مەن بۇ دۇنياغا ئاپىردە بولغىنىمدىن باشلاپ تۇنجى قىتىم قول تەككۈزىشى ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ دادام ماڭا، مەن دادامغا گەپ قىلمىدۇق. باشتىكى نەچچە كۈندە مېنىڭ قاپىقىم تۈرۈلگەن بىلەن، دادامنىڭ مېنى بەزلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، دادام مېنى ئەركىلەتسىلا مەن يەنە دادامغا ئامراق بولۇپ ياشايتتىم دەيتتىم. لىكىن دادام ئۇنداق قىلمىدى، ئۇنداق قىلمىسىغۇ مەيلىتتى، قاپىقىمۇ ئىچىلمىدى.شۇنىڭلىق بىلەن دادام بىلەن بولغان سوغۇق ئۇرىشىمىز باشلاندى.بىر ئۆيدە تۇرۇپمۇ تۈزۈك پاراڭلاشمايدىغان بولدۇق. نىمىشقىكىن مېنىڭ قىلغان ئىشلىىرم دادامغا پەقەت يارىمايدۇ، بىرەر قىتىم مەن تەرەپتە تۇرۇپ، «ماۋۇ ئىشنى ياخشى قىپسەن قىزىم»دەپ ماختاپ باققىنىنى ئۇقمايمەن،كىيىم كېيسەممۇ دادامغا ياقمايدۇ، ھەتتا ئۆز ياتاق ئۆيۈمنىڭ سەرەمجانلىرى،يوتقان-كىرلىكنىڭ رەڭگى قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ،مېنىڭ روخسىتىمسىزلا ئالماشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋىتىمىز بارا-بارا يىرىكلىشىپ، ھازىرقىدەك ئۆيگە قايتسام بىرەر ئېغىز ئەھۋاللاشمايدىغان ھالەتكە يەتتۇق.-گۈلمىرەنىڭ سۆزلىشى بارغانسىرى تەسكە چۈشمەكتە ئىدى.ئاۋازى پەسلەپ بوغۇق چىقىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن ھېس قىلدىمكى ئۇنىڭمۇ ئۆز دادىسى بىلەن بۇنداق ئۆتكۈسى يوق.
-سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزگە قاراپ، ئائىلىڭىزدە بۇنداق ئىش بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن.سىزگە قايىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن.لىكىن دادىڭىز سىزگە نېمىشقا گەپ قىلمايدىكەن؟ئەگەر دادىڭىز سىزگە گەپ قىلمىسا سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىپ مۇناسىۋىتىڭلارنى ياخشىلىساڭلار بولىدىغۇ؟
-دادامنىڭ ماڭا نېمىشقا گەپ قىلمايدىغىنىنى مەن بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ دادامنىڭ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى ياقتۇرمايدىغىنى ئىنىق.مەنمۇ ياخشىلىشىپ قىلىشنى، مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان، لىكىن ھەرقىتىم دادامنىڭ ئاشۇ تۈرۈلگەن قاپىقىغا قاراپ بۇ ئويۇمدىن يالتىيىمەن.
-مەن ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن گۈلمىرە.-شۇ تاپتا مەن گۈلمىرەنىڭ مانداق بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقانلىقىغا ھەيران بولىۋاتاتتىم، ھەيرانلىقىم بۇنىڭ بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ شۇنداق بىر مۇھىتتا ياشاپ تۇرۇپ مىجەزىنىڭ، پىسخىكىسىنىڭ شۇنداق ياخشى بولۇشى ئىدى.
-سىز ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان يالقۇن،نۇرغۇن قىز ساۋاقداشلىرىممۇ،«سەن شۇنچە چىرايلىق تۇرۇپ، سېنى قوغلىشىدىغان بىرەر يىگىت چىقمىدىمۇ گۈلمىرە»دەپ يۈرگەن تېخى.قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۈنلەرگىمۇ كۆنۈپ كەتتىم، مەكتەپتە بولسام خېلى ياخشى، ئۇ ئىشنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيمەن، شۇ ئۆيگە قايتقاندا ئازراق بۇرۇقتۇرمىچىلىق.شۇڭلاشقا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
-ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار بىز ئويلىغاندەك مۇرەككەپ ئەمەس گۈلمىرە. بەلكىم دادىڭىز بىر ئەركىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمىغاندۇ؟
-ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر دادىغۇ، مېنىڭ دادام يالقۇن، بىر دادا ئۆز پەرزەنتىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامدا؟-ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن دادىسىغا بولغان نەپرەتنى ئەمەس مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلىۋاتقان مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
-قانداقلا بولمىسۇن، سىز تەشەببۇسكار بولسىڭىز تېخىمۇ توغرا، بۇنداق باتنىشىپ، قىيدىشىپ ئۆتكىلى بۇ ئۆمۈر يار بەرمەيدۇ، ھامان كېتىدىغان گەپ، كەتكەن شۇ كۈنى ئىلگىرى قىلغانلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىدىغان گەپ. شۇڭلاشقا گۈلمىرە، غەيرەتكە كىلىپ دادىڭىز بىلەن ئەپلىشىپ قىلىڭ.-بۇ مېنىڭ گۈلمىرەنى قولغا كەلتۈرۈشىمنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىدى، ئۇ دادىسى بىلەن ئەپلىشىپ قالسا، ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئۇ توسقۇنلۇق يوقىشى مۇمكىن ئىدى، شۇنىڭلىق بىلەن مېنىڭ ئىشىممۇ ئاسانغا چۈشەتتى.
-دېيىشكە ئاسان يالقۇن، مەن دادام بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلىشىپ باقمىغىلى نەچچە يىل بولدى، ھەر قىتىم شۇ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىمەن.تېلېفۇن قىلغان تەقدىردىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايلا قويىۋىتىشىم مۇمكىن.
-ئۇنداقتا سىز بۇ ئىشنى ئويلىغىنىڭىزدا كۆڭلىڭىز يىرىم بولۇپ، يىغلىغىڭىز كىلەمدۇ؟
-ھەئە،شۇنداق. شۇڭا بۇ ئىشلارنى ئويلاشنى خالىمايمەن.
-ئەمسە، دادىڭىزغا تېلېفۇن قىلىڭ، ئاندىن كىيىن يىغلاڭ، بىر ئاتا پەرزەنتىنىڭ يىغلىشىغا چىدىمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىڭلا ئاسانلا ھەل بوپ كىتىشى مۇمكىن.
-بۇ تەكلىپىڭىزنى ئويلىشىمەن، قاراپ باقاي قېنى، بىر ئامال بوپ قالار.بۈگۈن سىزگە كۆپ رەھمەت، سوۋغات بىرىپ خۇش قىلىپ، توي قىلايلى دەپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە مۇڭلاندۇرۇپ قويدىڭىز.قانداقلا بولمىسۇن، سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا پۇشايمىنىم يوق.
-ئۇنداقتا، بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇناسىۋىتىمىز قانداق بولىدۇ؟ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھەممىنى يوققا چىقىرۋەتمەيدىغانسىز؟
-دەل مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك يالقۇن، كۆڭۈل ئىشىغا كەلگەندە مېنىڭ پىسخىكامدا ئازراق توسقۇنلۇق بار. سىزمۇ ھەممىنى بىلىپ يەتتىڭىز، شۇڭا مېنى زورلاپ يۈرمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇندىن كىيىن نورمال ئالاقە قىلايلى، بۇ ھاڭدىن ئۆتەلەمدىم ئۆتەلمەمدىم ماڭا قاراڭغۇ، ئەگەر ئۆتەلىسەم، ئاللاھ نىسىپ قىلغان بولسا ،سىز دېگەن ئىشلارمۇ ۋۇجۇدقا چىقىپ قالار بەلكىم.-گۈلمىرەنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا قايتىدىن ئۈمىد بېغىشلىدى.
     گۈلمىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.ئەتىسىدىن باشلاپ مەن گۈلمىرە بىلەن يېڭىدىن تونۇشقاندەكلا بىر ھېسسياتتا ئالاقە قىلىشقا باشلىدىم.ھېس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى خېلىلا سۇسلاپ كەتتى، لىكىن مەن ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ئۇققاچ ئانچە كۆڭلۈمگە ئالمىدىم.ئۇنىڭ بۇرۇن قىلىپ باقمىغان سوغۇق مۇئامىلىسىگە بەزىدە چىدىمىساممۇ، لىكىن يەنىلا سەبىر قىلدىم. قانداقلا بولمىسۇن مەن دېگەن«جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس» دېگەن ماقالنىڭ تېگىگە يەتكەن ئادەم.
     بىر كۈن، بىر ھەپتە، بىر ئاي...ۋاقىت مۇشۇنداق ئۆتمەكتە، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلىپ ئىككىلىمىز ئۆيگە قايتتۇق.تەتىلدە كۈندە دېگىدەك ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ يۈردۈم، دادىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى، قانداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى جىكىلەپ تۇردۇم. قىلغانلىرىم ئاستا-ئاستا ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىدى،گۈلمىرەمۇ پات-پات ماڭا تېلېفۇن قىلىدىغان، كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرىنى ماڭا دەيدىغان، ھەتتا مەندىن قانداق قىلىش كېرەكلىنى سورايدىغان بولدى.كىيىن مەكتەپكە قايتتۇق، مەكتەپكە قايتىپ مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتتى، ئۆزۈمدىن باشقىچە پەخىرلىنىپ كېتىۋاتاتتىم، نۇرغۇن يىگىتلەرنى قولىغا دوپپىسىنى تۇتقۇزۇپ يولغا سالغان گۈلمىرەنى ئىندەككە كەلتۈرگىنىمدىن خۇش بولماقتا ئىدىم.ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا كۆڭلۈم بارلىقى راست ئىش.
    سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىنىمدا ئولتۇرغان رۇفىنەگە قارىدىم، ئۇ قاتتىق بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.رۇفىنە مېنىڭ توختاپ قالغىنىمنى كۆرۈپ«قېنى داۋاملىق سۆزلىمەمسىز» دەپ يىنىك ئىتتىرىپ قويدى.
-باشقا ۋاقىتتا سۆزلەي، ئەمەلىيەتتە سۆزلىگىدەك يىرىمۇ قالمىدى دەڭە، ئاخىرىدا بىرگە بولالمىدۇقمۇ ئەنە. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ، سىزمۇ كىرىپ ئارام ئىلىڭ، مەنمۇ ئەتە سەھەر تۇرمىسام بولمايدۇ تېخى.
-ھە بوپتۇ ئەمسە، ئاخىرىنى پولاتنى يولغا سىلىۋىتىپ ئېيتىپ بىرىڭ.
-بولىدۇ، شۇنداق قىلاي. ھە راست، ماڭا دائىم دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان قىزلالا ئۇچرامدۇ نېمە؟-شۇنداق دېگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، مېنىڭ ياتاق بىنايىمغا تۇتىشىدىغان يولغا قاراپ ماڭدىم.
-تاڭەي جۇمۇ، ياخشى ئارام ئىلىڭ ، ئاللاھقا ئامانەت.
-ئاللاھقا ئامانەت.
   شۇنداق دېگىنىمچە ياتاق بىناسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم،يولدا كېتىۋاتقاچ تۇيۇقسىز رۇفىنەنىڭ«مېنىڭ سىزگە راستىنلا كۆڭلۈم بار يالقۇن» دېگەن گېپى ئېسىمگە كىلىپ قالدى.«ھەي ، نىمانداق ئىش قىلىپ يۈردۈم مەن،ماڭا كۆڭلى بار بىر قىز بالىغا يەنە بىر قىز بالىنىڭ گىپىنى قىپ بىرىپ دىلى ئاغرىيدىغان ئىش بولدىدە ئەمدى.»مۇشۇلارنى خىيال قىلغاچ يول چىراقلىرىنى ئارقامدا قالدۇرۇپ، ئۆز ياتىقىمغا كىرىۋالدىم.
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

58#
ۋاقتى: 2014-11-6 13:19:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى نىمە دەي ، قىنى داۋاملىق ،، مەن ئاخىرغا قىزىقىپ ئولتۇرالماي قالدىم
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

59#
ۋاقتى: 2014-11-6 15:18:16 | ئايرىم كۆرۈش
-ئاخىرى چىدىماپسىزدە، بولىدۇ، مەنمۇ جاق تويدۇم بۇنداق يۈرۈشتىن، ئادەتتكىدەك دوستلادىن بولۇپ ئۆتەيلى ئەمسە.-بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغان گۈلمىرەنىڭ تۈرۈلگەن يۈزىگە ئازراق تەبەسسۇم يۈگۈردى.
  مايەردە گۈلمىرەخان بىلەن رۇفىنەخاننىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق؟  
    راستىمنى دېسەم سىزنىڭكىنى ئوقۇپ  يېزۋاتقانلىرىمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەيلا قاندىم. بەكلا ياخشى.  
تىز يوللاڭ ھە  ساقلاتماي!

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
60#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 15:34:32 | ئايرىم كۆرۈش
سەبىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 15:18
-ئاخىرى چىدىماپسىزدە، بولىدۇ، مەنمۇ جاق تويدۇم بۇنداق  ...

ئەستا، ئالمىشىپ قاپتۇ، رەھمەت ھە كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە. ئانداق دېمەي يوللاڭە داۋامىنى تىزراق سىزمۇ...
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:38 , Processed in 0.149696 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش