|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 13:20
(12)
-ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسەك ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن؟
-ھە؟نېمە بالا؟ ئۇ بوشىنىپ بولغانغۇ؟-دوختۇرنىڭ گېپىدىن چۆچۈپ سورىدىم.
-قانداق گەپ بۇ؟ ئايالىڭىز ھامىلدار بولغاندىن بېرى ئۇنى بىرەر قېتىممۇ تەكشۈرتۈپ باقمىغانما؟-بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
-بىرنىجى قېتىملىقى بولمىغاندىكىن دەپ شۇ ......-دېيىشىمگىلا دوختۇر ئايال چالۋاقاپ كەتتى:
-ئونىنجى قېتىملىقى بولسىمۇ ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرىشىڭىز كېرەك ئېدى، نېمانداق مەسئۇلىيەتسىز ئادەمسىز!
-ئايالىمنى يەنە بىرنى يەڭگىيدۇ دېمەكچىمۇ سىز؟
-دېمەكچىما ئەمەس،بالا قوشكېزەككەن شۇ. ئايالىڭىز ھەددىدىن زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولغاچقا بىرنى تۇغۇپلا ھالسىزلىنىپ يىقلغان گەپ.ھېلىمۇ ئۇ غەيرەتلىككەن، بولمىسا بەدەن ساپاسى ئۇنىڭكىدەك ناچارلىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ بۇنچىلىك بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئېدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمۇ بەك كىچىككەن ئەمەسمۇ، شۇڭا تۇغىتىمۇ بىر قەدەر ئاسان بولغان گەپ. بىرنىغۇ ئۆزى تۇغۇپتۇ، ئەمدى شۇ ما بىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ بىرنېمە دېمەك تەس.تولغاق يەۋاتقىنىمۇ خېلى بولدى ئەمەسمۇ،بالىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.-دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىمدىن بىر چېلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. پۇشايماندا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئۆزۈمنى نەچچىنى تەستەكلىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى.
-ئەمىسە چاققان ئوپراتسىيە قىلىڭلار،نېمىگە قاراپ تۇرسىلەر بۇ يەردە؟
-ئەمدى بەك ئالدىرايمىزغۇ يىگىت؟ ئىشلار ئۆز قائىدىسى بويىچە بولىشى كېرەكتۇ؟ سىز بېرىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ،كىلشىمنامىگە قول قويۇپ كېلىڭ،ئاندىن كىرىمىز ئوپراتسىيەگە، چاققان بولۇڭ!
-ماقۇل، بىرەر چاتاق چىقماس؟
-چاتاق چىقىش چىقماسلىقى ئاۋال ئېگىسىگە ، ئاندىن بىزگە باغلىق، ئامالنىڭ بارىچە تىرشىمىز ئىشقىلىپ.
جىدديلەشكىنىمدىن يۈگرەپ يۈرۈپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتەۋاتىمەن،ئەمما كاللامدا ئۇنىڭ تۇغۇتىدىن بۇرۇنقى ئىشلار كىنو لېنتىسىدە بىر-بىرلەپ ئايلانماقتا ، ئىچمدە بىر ئاچچىق ھەسرەت كۆۋەجىمەكتە ئېدى، ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئىسكەنجىسىگە ئالماقتا ئېدى. شۇ تاپتا ئىچىمدە ياراتقۇچىدىن ئۇنىڭغا نۇسرەت، ئۆزۈمگە بىر پۇرسەت تېلىمەكتە ئېدىم.
ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشكى ئېچىلغاننى كۆرۈپ دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئەمما دوختۇرنىڭ قايغۇلۇق چىرايىغا قاراپ پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالماي يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم. سەزگۈم ماڭا بىر مۇدھىش خەۋەر ئاڭلايدىغىنمنى بىلدۈرگەن ئېدى.شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھەممىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا،ياخشى قىلمىغان يەرلىرىمنى تولۇقلىۋالغان بولسام دەپ ئويلاپ كەتتىم.
-ئايالىڭىز ساق-سالامەت، ئەمما بالىڭىز ....... يەيدىغان رىسقى شۇنچىلىك بولسا كېرەك.....
نە يىغلىشىمنى نە كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايالىمنىڭ تىنىچ-ئامانلىقى مېنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ ، بالامدىن ئايرىلىپ قالغىنىم ئۈچۈن يۈرىكىم خۇددى بىر يېرىنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئېلىۋالغاندەك ئېچىشىپ مېنى چىدىغۇسىز دەرجىدە قىيناۋاتاتتى. ئىچىمدە نالە قىلىشقا باشلىدىم:«ھەقلىقسەن،قىلمىش-ئەتمىشلىرىم،كەلسە-كەلمەس سۆزلىرىم ئۈچۈن مۇشۇنداق جاۋاپ ئېلىشقا ھەقلىقسەن، بەرگەن نېممەتلىرىڭنى تونىمىغىنىم ۋە قەدرىلىمىگىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق سىناشقا ھەقلىقسەن.ھېممىتىڭگە قانائەت قىلمىغىنىم، ئېرادەڭنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلماي تەلۋىلەشكىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق جازالاشقا ھەقلىقسەن. بۇيرۇقلىرىڭغا ئىتائەت قىلمىغىنىم، سۆيۈشۈم ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن گۈزەل قەلىبلەرنى سۆيۈشنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق قىيناپ،بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارىتقۇزۇشقا ھەقلىقسەن. سەن نەقەدەر ئۇلۇغسەن ئاللاھىم،سەندىن مىننەتدارمەن، ماڭا يانا بىر قېتىم ئۆزۈمنى تونىۋېلىش، ھەقىقى ياشاش پۇرسىتى بەرگىنىڭدىن مىننەتدارمەن.»
ئايالىمنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىشىپ، قېيىن ئاپاملار كېلىپ يوقلاپ بولغاندىن كېيىن،ھەممە ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋىتىپ،ئۇ ۋە بوۋاقنى قەدىريە بىلەن ئاپامغا تاپشۇرۇپ، ئەتىگەن يىغا-زارە ئىچىدە قېلىپ قالغان باللىرىمنى باغرىمغا ئېلىپ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە چاپتىم.
ئۆيدىكى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا،باللىرىمنىڭ ھېچنەرسىدىن قىسلماي خىرامان يۈرگىنىگە قاراپ، ئىشلارغا يەنىلا ئايال كىشىنىڭ ئېپى بار ئىكەن دەپ ئويلىدىم. مانا ئەمدىلىكتە تۆنۈگۈن ئۇنىڭ ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۈلگۈرگىنىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. ياتىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى يېنىمدا ياتقۇزماقچى بولىۋىدىم، ئەمما ئۇلار دەسلىپىدە سەل يىتىرقاپ، قورۇنۇپراق قېشىمغا كەلدى. كېيىن بىردەملىك ئويۇن- چاقچاق بىلەن تەڭ ئۇلار ھەممىنى ئۇنتۇلۇپ مەن بىلەن شۇنچىلىك ئىجىل بولۇشۇپ كەتتى. بالىلارنىڭ كۆڭلى قىلچىلىك كىر كۆتۈرمىسە كېرەك،كىچىككىنە مىھىر-مۇھەببەت، كىچىككىنە ئەركىلىتىش ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان ئېدى. شۇ دەملەردە ئۇلار كۆزۈمگە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كېتىشتى. ئويلاپ قالدىم، توۋا، بۇرۇن باللىرىمنىڭ بۇقەدەر ئوماقلىقىنى نېمىشقا سەزمىگەن بولغۇيتۇم زادى؟
باللىرىم يېنىمدا ھېچنىمىدىن غەمسىز ھالدا يېنىڭ نەپەس ئېلىشىپ،تاتىلىق ئۇخلاشماقتا، مەن بولسام ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلىيالمىدىم. ھەتتا ئاخشامدىن بېرىقى ھارغىنلىقمۇ مېنى تەسلىم قىلىپ بولالمايۋاتاتتى. تۇرۇپلا تۆنۈگۈن كېچىدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدىم...... شۇ چاغدا زۇمرەت شۇنچە قىينىلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئادەم چاقىرغىلى قويمىدى. كۆڭلۈمدە ئۆزۈم تۇغاي دېگەندىكىن دەپ شۇنداق قىلۋاتسەندە دەپ ئويلىدىم. لىكىن يەنە بىر يەرلىرىم قويماي سورىدىم:
-ئاپامنى چاقىرىپ كېلەيمۇ يا ھېي،بەك قىينىلىپ كېتەرسەنمۇ؟
-بولدى قىلىڭە چوڭلارنىڭ ئارامىنى بۇزمايلى.
-ئەمىسە ماشىنىنى تارتايمۇ؟
-نېمە قىلىسىز؟
-ئاناڭنىڭكىگە ياكى دوختۇرخانىغا ئاپىرارمەن.
-تاينى يوق گەپ قىلمىڭە، تولغاق ھازىر تۇتقان بىلەن بۇ بالا تېخى قاچان تۇغىلىدۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم،تاڭ ئاتقۇچە بىر تەرەپ بولماي قالسا ئاندىن ئۇلارغا خەۋەر قىلارمىز. دوختۇرغا بارغان بىلەنمۇ دوختۇرلار تۇغۇشۇپ بەرمىگەندىكىن يەنىلا ئۆزۈم تۇغىدىغا گەپ شۇ. شۇڭا يەنىلا ئۆيدە بولغىنىمىز تۈزۈك.
-ئەمسە قەدىريەنى بولسىمۇ چاقىرايمۇ؟
-قانداق بولار؟
-قانداق بولسا بولمامدۇ جان مەسلىسى بۇ.-شۇنداق دەپ بولۇپلا قولۇمغا تېلفۇننى ئېلىپ قەدىريەنىڭ نۇمۇرىنى باستىم. كۈتكىنىمدەك ئۇمۇ تېلىفۇننى تىزلا ئالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، يېرىم كېچىدە تېلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟ زۇمرەت ساقتۇ؟
-ئۆزۈڭ نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ كېلەلەمسەن؟
-كېچىلىك ئىسمىندا تۇرۋاتقان ئېدىم،ھازىرلىما؟ نېم بولدى؟
-ئەگەر كېلىش ئىمكانىيىتىڭ بولسا كەلگىن ئۇكام، زۇمرەت يەڭگىيدىغاندەك قىلىدۇ.
-ماقۇل، ئەمسە مەن بېرىپ تىزراق يولغا چىقىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلاي.
مەن تېلفۇننى قويۇپ، چېپىپ يۈرۈپ ئايالىم بۇيرىغان نەرسىلەرنى تەقىلدىم. بىر دەمدىلا ھەممە ھازىرلىقلار تەييارلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ پاچاقلىرىنىڭ دىرىلدەپ تىتىرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا تاقەتسىزلەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قانداق ياردەملىشىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم. ئۆي بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقىمىكىن قېرىشقاندەك قەدىريەمۇ خېلى ئۇزۇندا كەلدى. نەچچە سائەت تىركىشىش ئارقىلىق ئەرزانغا يېقىن بالا تۇغۇلۇپ ئۇ ھوشىدىن كېتىپ قالدى.......
ئەتىسى سەھەردە قوش مېغىزنىڭ بىرىگە ئىسىم قويۇپ،ئۆز قائىدىسى بويىچە ئۇزىتىشتۇق. كۆڭلۈم شۇ قەدەر يېرىم بولغان بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي ئىلاجىم يوق ئېدى. دىدار كۆرۈشۈشكە نىسىپ بولمىغان بالام بىلەن خوشلىشىۋاتقان شۇ ئازاپلىق مېنۇتلاردا شۇنچىلىك گاراڭ ھالەتتە:« بەردەمرەك بولغىن دولقۇن، ساڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلىۋاتقان،قەلبىنى مېھىر بۇلىقى بىلەن سۇغۇرىشىڭغا تەشنا بولىۋاتقان بەش جۈپ قارا كۆز ئۈچۈن قەددىڭنى رۇسلىشىڭ كېرەك. ئەمدى بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭنىڭ ئازابىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلغىن. ئەمدى بىخۇد بولما ئىگەڭنىنىڭ سىناقلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىل.» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللي بەردىم. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى « ئانىسىنى خاپا قىلغانغا قىز بەرمەس» دېگەندەك بۇ باللىرىممۇ ئوغۇل ئېدى. بۇنىڭغا قاراپ مەن بۇرۇن ئاپامنى راستىنلا بەك رەنجىتكەن ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم.
باللىرىمنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇلارنى ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ ئىككى-ئۈچ كۈن ئايرىلىشقىنى ئۈچۈن ئانىسىنى كۆرۈپلا كىنولاردىكىدەك يىغلىشىپ كېتىشى، تېخى ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئاشقان كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئانىسىغا تويماي گىرە سېلىشلىرى،توختىماي يۈزىنى يۈزىگە يېقىشلىرى مېنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇپ، ماڭا قايتىدىن مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
كېسەلخانا ئىشكىدىن ئاپام،سىڭلىم،ئايالىم ۋە باللىرىمنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ بەخىتتىن ھوشسىزلانماقتىمەن.شۇ تاپتا پۈتۈن جىسمىمدىن خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ،يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىكى يەڭگىل بىر بىئارامچىلىق مېنى قىيناپ بۇ بەخىتتىن ئەركىن نەپەس ئېلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ھەم بۇ ئارقىلىق مېنى بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىمنى سەگەك بېسىشقا ئۈندىمەكتە ، ئىلگىركى خاتالىقلىرىم ۋە پۇشايمىنىم تۈپەيلىدىن قەلبىم كۆۋەجىمەكتە ئېدى. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم،ئىنسان قەلبى نېمىشقا شۇنچىلىك نازۇك ھەم يەنە نېمىشقا شۇنچىلىك كۆتۈرۈشلىكتۇ؟نېمىشقا شۇنچىلىك كەڭ،نېمىشقا شۇنچىلىك ئەپۇچاندۇ؟ئەقلىم بۇنىڭغا جاۋاپ بەردى، چۈنكى ياراتقۇچۇڭ ناھايتى ئۇلۇغدۇر، ئۇ ياراتقان ھەربىر نەرسىنى ئۆز ھېكىمىتى بىلەن ياراتقاندۇر. نۇمۇس،ئەلەم ۋە بەخىت ئىلكىدە شۇنداق دەپ پىچىرلىدىم:
-كەچۈرۈڭلار قەدىردانلىرىم......
تۇگىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!! |
|
|
|
|
|
|