خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى،دىننىي ۋە سىياسى نەيراڭبازلىق

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى،دىننىي ۋە سىياسى نەيرەڭۋازلىق تۇردى توختى ھۈكىمىرانلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىغىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش(مۇمكىنچىلىكى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ) جەريانىدا نۇرغۇن تەرەپلەردىن باش قاتتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى سىياسى جەھەتتىكى قوللانغان تەبىرلىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چاغدا نۇرغۇنلىغان تەبىرلەرنى بېكىتىپ،خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىياسى غەرەز ئارىلاشقان بۇلۇپ.سىياسى غەرىزى ئۈچۈن دىننىي ئەقىدىلەرنىڭ ئىشقا سالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ،ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە مايىللاشتۇردى. خوجىلار سەلتەنەتىنىمۇ يۇقىرىقىدەك غەرەزدىن مۇستەسنا دىيىشكە ھېچقانداق كىشى كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.بۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش جەريانى ۋە سەلتەنەت سۇرگەن دەۋرانى بولمىسۇن ئېنىق سىياسى غەرەز ئاساسىدا بولغان.بۇ جەرياندا خوجىلار سىياسى غەرىزىگە ئىسلام دىنىنى قالقان قىلىپ،ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىنى دىننىي ئىسلامنىڭ قايدا نىزاملىرى بىلەن يېپىشقا پۇتۇن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ سىياسى غەرىزى ئۇچۇق ئاشكارلىنىپ،كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان گۈمانلىرىغا سەۋەپچى بولغان. خوجىلار جەمەتىدىكى مەيلى ئاق تاغلىقلار(ئىشقىيەچىلەر)مەيلى قارا تاغلىقلار(ئىسھاقىيىچىلەر) ھۈكۈمرانلىق قىلغان چاغلار ۋە ئۇلار ئوتتورىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى،جۈملىدىن ئۇلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كىرىش مەقسىتى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرسەك ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۆزىنىڭ ھۈكۈمرانلىق سەلتەنەتىنى ئورنىتىش،ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ،ھوقۇق يۈرگۈزۈش،ئۆزىنىڭ سەلتەنەتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت سىياسى قارانىيەتنى مەقسەت قىلغانلىقىدا شەك يوق. ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۇشتى بولغان پاتىمەنىڭ نەسەبدىن دەپ قارىغان،ئىسلام دىنىنى مۇقەددەس دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ،ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان خوجىلار ئۆزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىسلام ئەھكاملىرىنى دەپسەندە قىلىپ ،ئىسلامدىن ئىبارەت بىر مۇقەددەس دىننى ئاياق ئاستى قىلىپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسى مەخسىدىگە يىتىشتىكى قورالى قىلىپ،ئىسلام بىتئەتچىلىكىنى ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا بولۇپمۇ رايونىمىزدا ھەقدادىغا يەتكۈزدى.بۇنىڭ بىلەن خۇجىلار سەلتىنەتىدە سىياسى بىلەن دىن ئارىلىشىپ كەتكەن سىياسى بىتئەتچىلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، سىياسى ۋە دىننىي ھاكىمىيەت مەيدانغا كەلدى. خوجىلارنىڭ يىلتىزى بولغان مەختۇم ئەزىم(ئەسلى ئىسىمى- ئەھمەد كاسانى) ھىجرىيە 866-يىلى(مىلادى1461-1462يىللىرى)تۇغۇلۇپ،ھىجىرىيە 949-يىلى(مىلادى1542-1543-يىللىرى)ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇ ھىجىرىيە 921-يىلى(مىلادى1516-1517-يىلى)مۇھەممەت غەزنىۋىنىڭ ۋاپات بۇلىشى بىلەن نەقشىبەندىيە(سىزغۇچى،دەڭداشسىز ئىلاھى رەسىمنى سىزغۇچى) تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان ئىسلام سۇپىزىمنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسھاق ۋەلى،مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق 14ئوغۇل پەرزەنتى بار بولۇپ.مەھەممەت ئىمىن بىلەن ئىسھاق ۋەلى ئەڭ دەسلەپكى خوجىلار سۈلىكىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ ئىدى. ئىساق ۋەلى ھىجىرىيە 914-يىلى(1504-1505-يىللىرى)تۇغۇلۇپ،ھىجىرىيە1008-يىلى(مىلادى1599-يىلى)ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ سەمەرتقەندە ئاكىسى مۇھەممەتئىمىن(ئىشان كالان) تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ ئورنى ئىسسىمىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئانا تەرەپنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان قەشقەرگە كېلىپ،ئۆزىنىڭ تەرىقەتچىلىك ئىشلىرىنى مۇشۇ ئېزىز زىمىندا كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن،پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان ماكان ئىزدىگەن،ئۇ ئاقسۇ،خوتەن،قەشقەر ،يەكەن…قاتارلىق جايلاردا تەرغىباتچىلىق قىلىشقا باشلىغان.ئابدۇكېرىمخان ئۇنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان،بىراق ق ئۇ يەنىلا رايونىمىز ئىچىدە تەرغىباتچىلىق قىلىپ،مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان. بۇ ئېزىز ماكان ئۆزىنىڭ قوينىنى بىر يىراق يەرلىك بەتنىيەتكە كەڭرى ئېچىپ،ئۆز قوينىدىن ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن،بۇ ئېزىز زىمىن نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارغا شاھىت بولۇشقا مەجبۇر بولغان.بۇ ياقا يۇرتلۇق ئەمەلىيەتتە قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ پىرى،ئىسھاقىيە سۈلىكىنىڭ ئىجاتچىسى ئىدى. ئىككىنچى بىر كۈچ ئاقتاغلىق خوجىلارنىڭ پىر ئۇستازى مۇھەممەتئىمىن(ئىشان كالان)ئەۋلاتلىرىدىن مەھەممەت يۈسۈپ ،ئۇ ماۋارائۇننەھردىن 17-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرى(ئىككىنچى قېتىم)رانۇنىمىزغا كېلىپ،ئۆزىنىڭ سۈلۈكىنىڭ تەرغىباتى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ پۇت دەسسەپ تۇرغاندا يەكەندە ئۈچ خىل سىياسى كۈچنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى.ئېزىز دىيارىمىز بولسا ئاكا-ئۇكا سىياسى نەيرەڭۋاز،دىننىي بىتئەتچىلەرنىڭ قارا نىيىتىنى چۈشەنمىگەندەك يەنىلا ئۇلارغا نېمەتلىرىنى توختىماستىن بېرىۋاتاتتى.بۇ ئۈچ خىل سىياسى كۈچ بولسا <<ئىسھاقىيەچىلەر>>،<<ئىشقىيەچىلەر>>ۋە يەكەن خانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. خوجا يۈسۈپ قۇمۇلدىن قەشقەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ قۇمۇل دىننىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قىزىدىن بولغان ئوغلى ئافاق خوجا (ھىدايەتۇللا)تېخى 11-12ياشلاردا ئىدى. بۇ بىر بىرىگە تۈپتىن زىت بولغان قارا نىيەت ئىككى سىياسى گۇرۇھ ئاخىرقى ھېسابتا رايونىمىزدىكى كىشىلەرنى جاھالەتكە باشلاپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ نادانلىقى،سادىلىغىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتسە،ھەر ئىككىلىسى تاشقى كۈچنى رايونىمىزغا باشلاپ كىرىپ،نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەت سورىدى.بۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ قانلىق ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە قولدىن –قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى. مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ھەرقانداق بىر نۇمۇسسىزلىقلارنى قىلىشتىن يانمىدى،ئاۋامنى ئالدىسا خۇدادىن قورقمىدى،ھوقۇق قولدىن كەتسە ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ياتلارنىڭ دىنىغا چوقۇنۇش ئارقىلىق يات دىندىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزگەن ھامان يەنە ئىسلامنىڭ سادىق مۇرىتلىرى،تەشۋىقاتچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى سۈپىتىدە نامايان بۇلۇپ،يۇرت-جامائەت ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇلار سىياسى قارا نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا قوللانغان سىياسى ۋە دىننى نەيراڭبازلىقى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. 1.پەيغەمبەر ئەۋلادى-مەيلى ئاق تاغلىقلار بولسۇن،مەيلى قارا تاغلىقلار بولسۇن ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى مەھەممەت ئەلەيسىلامنىڭ پۇشتىدىن بولغان پاتىمىگە باغلاپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئاللانىڭ ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى مەھەممەت پەيغەمبەر پۇشتىدىن ئىكەنلىكىنى ،نەسسەپ جەھەتتىن پەيغەمبەرلەر نەسسىبىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،نادان خەلقىمىزنىڭ دىننى ئىسلامغا ۋە مەھەممەت ئەلەيھىۋەتسىلامغا بولغان ھۆرمىتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ،كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆز سۈلۈكلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاسانلا كۈچەيتىپ،رايۇنىمىزدىكى مۇھىم ئىككى سىياسى كۈچكە ئايلانغان.شۇنداقلا يەكەن خانلىقىنى يوقىتىشنىڭ ئاساسى شەرتىنى ھازىرلىغان.شۇنداق قىلىپ،1692-يىلى ئاقتاغلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان يەكەن خانلىقنىڭ ئاخىرقى خانى مەھەممەت ئىمىن خاننىڭ قەتلى قىلىنىشى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خالىقى يوقۇلۇپ،بارلىق ھوقۇق ئاقتاغلىقلارنىڭ قۇلىغا ئۆتتى. 2.خۇدانىڭ ;ئەلچىسى;-مەيلى ئىشقىيەچىلەر بولسۇن،مەيلى ئىسھاقىيەچىلەر بولسۇن بۇلار ھەر ئىككىلىسى مەھەمەت پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىلىرى قاتارىدا ئۆزىنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە خۇدادىن ۋە مەھەممەت ئەلايسىلامدىن ۋەھىي كەلدىغانلىغىنى،چۈشىدە مەھەممەت ئەلەيسىلام بىلەن بىرلىكتە ۋەھىي ئاڭلايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيۇپ،خالىغانچە پەتۋا چىقىرىپ،كىشىلەرنى روھى جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ،ئۆزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر پىر ئۇستازلارنى پەيغەمبەرلەر قاتارىغا قۇيۇپ،ئۇلار نېمە دىسە شۇنى راست دەپ بىلىدىغان قارىغۇلارچە ئېتىقات كىشىلەر ئارىسىدا ھۈكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. 3.ئەۋلىيالىق-ھەر ئىككىلىسى (ئاقتاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار)ئۆزىنى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ،كىمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىشىنىشىگە،ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ قۇل بولۇشقا ئاساس سالغان.بۇنداق تەشۋىقات نۇرغۇنلىغان چەكسىز سادىق قۇللارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن:ئافاق خۇجا ئۈزىنىڭ ئەۋلىيالىغىنى تۈۋەندىكىدەك كۆز بويامچىلىق بىلەن ئىسپاتلانغان.ئۇ كىسەل كۆرمەكچى بولسا ئاۋال مۇرىتلىرىدىن كىسەل كۆرىدىغان يەرگە،كىسەل سۈپىتىدە يۇشۇرۇپ قۇيۇپ،ئاندىن كېسەللەرنى كۆرگىلى بارغان.ئۇ بارغاندا كېسەللەرگە زەن سېلىپ قارىغان بۇلۇپ،ئۇلارغا پىرىمنىڭ ساڭا نەزىرى چۈشۈپتۇ،ساڭا نەزىرى چۈشمەپتۇ دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىسەل كۆرگەن.پىرىمنىڭ نەزىرى چۈشكەن;كېسەللەرt;نىڭ بەدىنىنى،باش-كۈزىنى سىلاپ قۇيغان ئۇلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى ساقىيىپ كەتكەن،نەزىرى چۈشەنگەنلەر بولسا ساقىيالمىغان بۇ ;مۆجىزە;گە نادانلىقتا قېلىۋاتقان بۇ كىشىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئىشەنگەن. ئۇلارغا يىراقتىن بىر نەرسىلەر سوغا قىلىنسا نەرسە كەلمەستە پىرلار بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ،ئۇنىڭ سانىنى ،رەڭگىنى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەتراپتىكى مۇرىتلارغا ئېيتىپ بەرگەن،مال يىتىپ كەلگەندە قارىسا ئەينەن چىققان،بۇنىڭدىكى سىر ئات يەڭگۈشلەپ خەۋەر يەتكۈزىدىغان خەۋەرچىلەرنىڭ ئالدىن پىرلارغا يەتكۈزگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. يۇقىرىقىدەك رەزىللىكلەر بىلەن ئۇلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى <<ئەۋلىيا>>لارغا ئايلانغان.بۇنداق كۆز بۇيامچىلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆپەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. 4.مۇناپىقلىق-ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئادەم قېلىپىدىن چىققان.ئۇلار دىندىن ۋاز كېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ،يات دىندىكىلەرنىڭ خۇدالىرىغا سەجدە قىلغان. مەسىلەن:ئافاق خۇجا 1677-يىلى دالايلاما5 بىلەن كۆرۈشكىلى لاساغا بارغاندا لامالارنىڭ خۇداسى بۇرھاننىڭ بۇتى ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ،دالايلاما5نىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ،جۇڭغارلارنى قەشقەرىيەگە باشلاپ كەلگەن بولسا،1720-يىلى دانىيال خوجا ئىلى ۋادىسىدا جۇڭغارلارنىڭ مەبۇدى ئاستىدىن ئۆتۈپ،خۇنتەيجىنى ھەيران قالدۇرۇپ،قەشقەريەگە خان بولغان. بۇنداق يات دىنغا چوقۇنۇپ،ئۇلانىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرشىش،ئىسلامنى تەشۋىق قىلىپ مۆمىن مۇسۇلمانلارنى ئالداش خۇجىلارنىڭ قۇلدىن كەلمىسە،يەنە بىر تاھىبىلەرنىڭ قۇلدىن كېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ماھىيەتتە بۇ يەكەن خانلىقنى يۇقۇتۇپ،خوجىلار ھاكىمىيەتنى تىكلەشتە ئاجايىپ يۇقىرى ئۈنۈم بەرگەن ئۇسۇل ئىدى. 5.پاسىقلىق-ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسى،دىننىي ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك تايانچىغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ يات دىنىدىكى <<خوجىلىرىغا>>مال-مۈلۈك،پۇل-پىچەكلەرنى يوللاپ تۇرۇشتىن سىرت يەنە <<غالچا چوكان>>،<<غالچا يىگىت>>لەرنى سوغا سۈپىتىدە ئۇلارغا يوللاپ،نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىزنىڭ ۋە يىگىتلىرىمىزنىڭ باشقا دىنىدىكىلەر تەرىپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتكەن. 6.نامراتلىق-ئۇلار چوقۇنغۇچى سۇفى-ئىشان،دەرۋىشلەرگە قانچە كەمبەغەل بولسا ئۇ دۇنيادا شۇنچە جەننەتنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرۈپ،خۇدانىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ دېگەننى تەشۋىق قىلىپ،خەلقىنى ماددى جەھەتتىن نامراتلىققا يېتەكلەپ،ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش،ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان.ئاچ-يالىڭاچ قالغان خەلىق ھەممىگە شۈكرى قانائەت قىلىپ،نېمىنىڭ توغرا،نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئويلانماي ھەممىدە پىر-ئىشانلارنىڭ توغرا دەپ قارايدىغان،ھەرقانداق ئىشقا شۈكرى قىلىدىغان،يۇۋاش بەندىلەرگە ئايلانغان. 7.تەركىدۇنياچىلىق-ئۇلار ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىپ،قانچە مەينەت بولسا،ئاخىرغىچە بويتاق ئۆتۈپ ئىبادەت قىلسا،شۇنچە ساۋاب بۇلۇتى دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈپ،ئۇلانىڭ خۇدانىڭ نىمەتتىلىرىدىن بەھرىلىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان،ئۆزلىرى بولسا نەچچە خوتۇنلۇق تۇرۇپمۇ،يەنە چۇقۇنغۇچىلىرى تۇتقان <<سەدىقە>>قىزلىرىنى خۇتۇن قىلىپ،زېرىككەندە يېقىن مۇرىتلىرىغا سوغا قىلغان،ئۇلار دۇنيانىڭ لەززىتىنى سورىقى يوقتەك سۈرسە،باشقىلار ئۇلارنىڭ ۋەز-نىسىھەتلىرى ئىچىدە مەڭدەپ يۈرۈشەتتى.تەركى دۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىش بولسا ماھىيەتتە ھىچنېمىگە تارتىشماي ئالدىنقى سەپكە ماڭالايدىغان <<قوشۇن>> بەرپا قىلىشتىكى بىر سىياسى،ھەربى نەيراڭۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. 8.ئىسلامدا ھەقدادىغا يىتىش-ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار ئىسلام ئىبادەتنى قىلغاندا ئۇنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى،دىلى بىلەن خۇدانى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياد ئېتىشنى تەشەببۇس قىلغان بۇلۇپ،ئىسلامدىكى بۇ مۇقەدەسلىككە ئۇلار ساختىلىق قىلىپ،چوقۇنغۇچىلارنىڭ<<دۇت>>،<<پاڭ>>بۇلۇشىنى تەشەبۇس قىلىپ،خۇدانىڭ ئۆيى دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان،خانىقا ۋە مەچىتلەرنى دەۋسەندە قىلغان. مەسىلەن:ئىشقىيىچىلەر(قارا تاغلىقلار) خۇدانى سېغىنغاندا نەشە چېكىپ،مەست بۇلۇپ سېغىنسا شەيتان ئارىلاشماي بارلىقىنى خۇدانى سېغىنىشقا ئاتىغىلى بولىدۇ دەپ،ئۇ ئۇلۇغ جايلارنى دەرۋىشلەرنىڭ نەشە چېكىدىغان سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرسا،ئىسھاقىيىچىلەر خۇدانىڭ ئۈيدا مۇزىكىلىق ساماغا ئويناپ ھېرىپ ھالى قالمىغاندا ھەقدادىغا يېتىدىغانلىقىنى ئۆتىغا قۇيۇشىدۇ،ھەم شۇنداق قىلىدۇ.بۇنداق توپلاشتۇرۇپ،پائالىيەت قىلدۇرۇش ماھىيەتتە زاپاس قوشۇن ساقلىغانلىق بىلەن ئوخشاش ئىش ئىدى. 9.نادان قالدۇرۇش-خوجىلار كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن نادان قالدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يۇرتدارچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى قىلغان.ئۇلار <<قۇرئان>>بىلەن ھەدىستىن باشقا ھەرقانداق كىتاپتىكى نەرسىنى ئۆگىنىشكە بولمايدۇ دەپ،<<قۇرئان>>بىلەن<<ھەدىس>>تىن باشقا بارلىق كىتابلارنى مەنئى قىلدى،ئافاق خۇجا بولسا ئۇ ئىككى كىتابتىن باشقا كىتابلارنى چامىنىڭ يېتىشىچە كۆيدۈرۈپ چەكلىدى.بۇنىڭ بىلەن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا مەنىۋى نامراتلىق تېخىمۇ ھەقدادىغا يىتىپ،خوجا-پىرلارنىڭ<<ئۇلۇغ ھەدىسلىرى>>،قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ رولىنى ئېلىپ ،ئۇلارغا چۇقۇنۇش ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.بۇ ھال مەدىنىيىتىمىزنى ۋە تارىخمىزنىڭ شاللىق نەتىچىلىرىنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرۇتۇپ،باشقىلارنىڭ نەزىردىكى ئىپتىدائى ياكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى مىللەت بۇلۇپ قىلىشىمىزغا سەۋەبچى بولدى. 10.پىچاقچى دەرۋىش-سۇپىلار-پىچاقچى دەرۋىش -سۇپىلارماھىيەتتە خۇجىلارنىڭ مۇكەممەل ئىچپۇيۇنلۇق تەشكىلاتى بۇلۇپ،بۇلار خوجا-پىرلارغا ئىنتايىن سادىق،قوغدىغۇچىلار ئىدى.پىچاقچى دەرۋىش-سۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ خوجا-پىرلىرىغا قارشى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان،ياكى ئالۋان ياساقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان كىشىلەرگە نىسبەتەن،ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس تەييارلانغان پىچاقلىرى بىلەن<<ئۆلۈم جازاسى>>بېرىپ،كەڭ خەلق ئالەمگە ئىبرەت قىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ كىشىلەر جەمئىيەتتە قانداق ئىش-ھەركەتلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ خۇجىلىرىغا يەتكۈزۈپ،خۇجىلىرىنى جەمئىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ،ئۇلارنىڭ يوليۇرىغى بىلەن شۇ مەسىلىلەرنى خۇپىيانە بىر تەرەپ قىلاتتى.ئاساسلىقى شۇ ئىشتىكى ئاساسلىق كىشىلەرگە سۈيۇقەست قىلىپ،كىشىلەرگە ئىبرەت بېرەتتى.بۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. 11.گۇروھۋازلىق-ئۇلار ئاقتاغلىق،قارا تاغلىق دەپ ئىككى چوڭ گۇرۇھ بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ،رايونىمىز كىشىلىرىنى مەزھەپلەرگە بۇلۇپ،مەزھەپكە چوقۇنۇش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ ھال يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى گۇرۇھبازلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ،گۇرۇھ ئىچىدە گۇرۇھ،يۇرتۋازلىق ئەۋج ئېلىپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى يىمىرىلىشنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالغان. گۇرۇھ(مەزھەپ)تىكىلەر، پىر تۇتمىغان ئاددى كىشىلەرنى كەمسىتكەن ھەم تۇرلۇك تۈمەن ھاشار،باجلارنىڭ ئاساسلىق ئۇبىكتىغا ئايلاندۇرغان.بۇنداق ئېغىر ئەمگەك ۋە باجدىن قۇرۇتقان كىشىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ،سۈلۈككە كىرگەن.بۇنىڭ بىلەن ئاتا،بالىدىن،ئەر خوتۇنىدىن،قېرىنداش بىر-بىردىن ئايرىلىدىغان تىرىكنىڭ دوزىخى رايونىمىز ئاسمىنىنى قاپلىغان. مەيلى قانداقلا بولسۇن،خوجىلار ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە دىننى ھۈكۈمىرالىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەش جەريانىدا يۇقىرىقىدەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەرنى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا سالدى.جۇملىدىن ئۇلارنىڭ بۇ سىياسى-ھىلىمىكىرلىرى بۇ دىيارنىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىگە ۋە دىيارىمىز كىشىلىرنىڭ مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

پايدىلانغان ماتېرىياللار: مۇھىم يىلنامىلار ۋە كىشى ئىسىملىرى پايدىلىنىلغان كىتابلار: 1. ئەخەت تۇردى:<<بەختسىز سەئىدىيە>> 400-،440-بەتلەر 2.ۋېي لياڭتاۋ،ليۇ جىڭيىن:<<خوجىلار جەمەتى ھەققىدە>>195-،202-،272-،368-بەتلەر. 3.يۈسۈپ ئىلياس(قازاقىستان)<<ئېغىر تىنىقلار>>بىرىنچى قىسىم 12-بەت (ئىجادىيەت) alkuyi munbiri