ئىجتىمائىي پەن ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

 

ھاياتى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم،  تالانتلىق ئەدىب،  تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933- يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كىيىن،  1950- يىلغىچە نەزەر باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4 يىل ئوقۇغان.  1950- يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.  يىغىندىن كىيىن شىئەن،  بېيجىڭ،  تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو – خېمىيە فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.  1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان.  شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان.  مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى،  ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،  ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان.  يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،  ماتېماتىكا،  بىئولوگىيە،  خېمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركىسىزم ئاساسلىرى،  پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتكەن.

 

1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان.  ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ماركىسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،  بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان.  بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.

ئىجادىيىتى

ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.  ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956- يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.  بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى.  ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.  1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،  ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.  1961- يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن.  بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى،  24 تارىخنى،  ئەنگلىيە دىراماتورگى شېكىسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى،  ھىندىستاننىڭ رامانايا،  ماخاپىراتا داستانلىرىنى،  سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15 توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى،  ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى , بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،  ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودىسسا داستانلىرىنى،  يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى،  قۇرئان كەرىم،  ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى،  ئەپلاتۇن،  ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى،  دانتىنىڭ تەڭرى كومېدىيىسى داستانىنى،  گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى دىرامىلىرىنى،  ماركس – ئېنگلىس ئەسەرلىرىنى،   ناۋائىي،  بابۇر،  مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن.  ئۇ بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.  ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرۇغلار قوشىقى،  قەدىمكى يىپەك يولى،  خەن ئوردىسىدا باھار،  مەلىكە خۇارۇڭ،  تەڭرىتاغ ناخشىسى،  دات باسماس قىلىچ،  پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.  جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995- يىلىنىڭ بېشىدا 4 – قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان.

 

 يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان.  مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە – پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن.  سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.  1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 – يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ،  ئومۇمىي ئىستېتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن.  شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاب،  ماقالە،  رۇبائىي،  شېئىر – غەزەللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.  1986- يىلى ئۇ ياپونىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى – (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.  1980- يىللاردا ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى،  ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە،  شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتى،  فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى،  ئومۇمىي ئىستېتىكا،  چوغلۇق،  رۇبائىيات(1)،  رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.

ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كىيىن ئېلان قىلىنغان  روھنى ساغلاملاشتۇرۇش،  مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار،  ئارىفنامە،  يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت،   يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي – ساك – ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق،  ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى،   ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى،  ئەلشىر ناۋايىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى،  ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى،  نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا،  ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش،  ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى،  ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.  ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى،  غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى،  قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى،  ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى،  سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بىر – بىرلەپ نەشىر قىلىندى.  بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە،  يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش،  سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا،  چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.  بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يېپيېڭى تۈس قوشقان ئىدى.  ئەپسۇسكى،  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى،  تالانتلىق ئەدەبىي،  تۆھپىكار  باغۋىنى،   مول مېۋىلىك پىروففىسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى،  گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ،  1995- يىلى 2 -ئاينىڭ 27 – كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيرىلەشتى.