تەلەپ-پىكىر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم  تور ساھەسىدىكى بارلىق  بىلوگقا ئىشتىراك قىلغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار سالامەت، ياخشى تۇرۇپسىلەر ؟ نازۇگۇمدىن ھەرقايسىڭلارغا ئېگىلىپ سەمىمىي سالام !!!!
بۇ يەردە ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارغا بۇ بىلوگنى ئېچىشتىكى  ئاساسلىق مەخسىدىم توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي : ئىنساننىڭ بىلىشى ئوقۇش بىلەن ھۆرلۈكتۇر.بىز ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر ئىش ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىشتىن ئىبارەت . بىز شۇ ئارقىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتىمىز ۋە ئۆزلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز .
بىلىم ئېلىشنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى ، لېكىن ئادەمنىڭ ھاياتى بولسا تولىمۇ چەكلىك  .بۇ قىسقىغىنە ھاياتلىقتا نېمىلەرنى بىلىشىمىز ؟ چەكلىك ھاياتنى قانداق مەنالارغا تولدۇرۇشىمىز كېرەك؟  بۇ ھەر بىرلىرىمىز ئۈچۈن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ جەھەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ ئويلايدىغىنى،تاللىشى ،چۈشەنچىسى،ماڭغان يولى ئوخشاش ئەمەس. شۇ سەۋەب ھەممىمىز ئۆزلىرىمىزنىڭ تاللىغان يولىدىكى ئۆزىمىزنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسى،دىن-ئېتىقادى، تارىخى، مەدەنىيىتى،ئەخلاقى، ئۆرۈپ-ئادىتى، ۋە ئەجدادلىرىمىز توغرىسىدىمۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلارنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .شۇڭلاشقا بىز ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى ،تەرەققىياتىمىزنى بىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىمىز،تەرەققىياتىمىز،مەدەنىيىتىمنى گۈللەندۈرۈش ۋە روناق تاپقۇزۇش يولىدا، ئۆزلىرىمىزگە پايدىلىق بولغان توغرا تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە ئۇلارنى مۇلاھىزە قىلىپ، ھازىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز،كېيىنكىلەرنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىغا ئاساس سېلىشىمىز ،شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئارتۇقچىلىقىمىزغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئادەمنىڭ بىلىش دەرىجىسى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، تەپەككۇرىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەممە تراگېدىيە بىلمەسلىكتىن، ئۆگەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بىر ئاقىل مۇنداق دېگەن :<<كىشى ئالدانمايمەن دېسە تارىختىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك ،مۇبادا كىشىلەر تارىختىن ساۋاق ئالمايدىغان بولسا تارىخىنى قايتا… قايتا تەكرارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ …..>>

«نازۇگۇم» ئەنە شۇ «ئۆزىمىزنى بىلىش» توغرىسىدىكى ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن لازىملىق بولغان ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلارنى تولۇقلاپ، رەتلەش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلدى .بلوگ ئەسلىدىكى <<ئەتىرگۈل تارخ بلوگى>>دىن << نازۇگۇم>> غا كۆچۈش ۋە بۇ ئىككى بلوكنى ئىلگىرى ئاخىرى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن يېتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلەردىن خالى ئەمەس. بۇ قېتىم بلوگ كۆچۈش جەريانىدا يەنە يېڭىدىن بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلاندى ،يەنى1- :كۆچۈش جەريانىدا ئەسلىدىكى بلوگ سەھىپىلىرىدىكى تېما مەزمۇنلىرىدىن ھەجىم جەھەتتە مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىغان تېمىلاردا مەزمۇن تولۇق يۆتكەلمىگەن 2- : بلوگ كۆچۈش جەريانىدا ئەسلىدىكى<<ئەتىرگۈل تارخ بلوگى>> دىكى سەھىپىلەر <<نازۇگۇم>>دا بىرلا سەھىپىگە مۇقىملىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولغاچقا نۇرمالسىزلىقنىڭ بولۇشى تەبىئىي ، بۇلارنى تېز سۈرەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. 3- : بلوگ خېلى بۇرۇن كۆچۈشنى پىلانلانغان بولسىمۇ، تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە  ئۆزۈم قول تىقىپ ئىشلىيەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن ساقلاشقا توغرا كەلدى .بۇ جەريانلاردا بلوگ بىر مەزگل توختاپ قالدى. شۇڭا يوقارقى بىر قاتار ئەھۋاللارنى توغرا چۈشىنىپ  دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىنى بېرىشىنى، بىلوگىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ،ھەمدە قوللاپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
ئاخىردا<<نازۇگۇم>> سىلەر ھەم بىزلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە موھتاج….ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم !!!

16 كىشى باھا يازدى

  1. كۆكتۇغ
    ئىيۇل 26, 2013 @ 18:59:15

    سالام نازۇگۇم ،ئاۋال ئۇلۇق رۇزى ئايلىرىڭىزغا مۇبارەك .بلوگىڭىزنى كۈرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم ھەم سىزنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە مىڭلاپ ئاپىرىن ئوقۇدۇم .ھەم شۇنداقلا چۇڭقۇر بىلىم قۇرۇلمىڭىزغا ،يارقىن مەنىۋىيىتڭىزگە سەمىمى ئېھتىرام بىلدۈرگۈم كەلدى …سىزگە ئۇتۇق ،سالامەتلىق ،ئەمىنلىك تىلەپ …ئەزىز ئەيسا

    جاۋاب

  2. ئېشەنچ
    دېكابىر 10, 2012 @ 19:10:11

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ مىنىڭ نازۇگۇم تورىغا تۇنجى قەدىمىم بولسا كېرەك.بۇ توربەتنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتىم.تورنىتىڭىزنىڭ لاھىيەلىنىشى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلسا ،چوڭقۇر پىكىرگە تويۇنغان ماقالىلەر كىشىنى تەپەككۈر دۇنياسىغا باشلايدىكەن. بولۇپمۇ ئابدۇشۇكۈرمۇھەممىتىمىننىڭ ئەسەر لىرى بەكرەك دېھقىتىمنى تارىتتى . مەن ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممىتىمىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن.مەن قارىسام ‹سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى ›توربىتىڭىزدە بىر قەدەر تولۇق ئېكەن.ئەمما كۆچۈرۈش مۈمكىن بولمىدى.ئىمكان بولسا ،پ د ئف نۇسقىسىنى ئېلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز .
    بۇندىن كىيىن مەنمۇ تور بىتىڭىزنىڭ ئېشتىراكچىللىرىدىن بىرى بولۇشقا تەشنامەن! رەخمەت!

    جاۋاب

  3. ئۇغۇزخان
    سېنتەبىر 30, 2012 @ 00:33:29

    مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىم:
    QQ: 2512189978
    ughuzhan@outlook.om
    skape: ughuzhan

    جاۋاب

  4. ئۇغۇزخان
    سېنتەبىر 30, 2012 @ 00:30:16

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    ياخشىمۇ سىز؟
    قارىغاندا، ئىككىمىز بىر خىل ئۇسلۇبنى ئىشىلتىۋاتقان ئوخشايمىز.
    http://ughuzhan.vacau.com
    مەنمۇ مۇشۇئۇسلۇبنى ئۆزەم ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم.
    بىلوگىڭىزغا قارىسام، مەن ھەل قىلالمىغان بەزى مەسىللەرنى سىز ناھايتى ياخشى ئەل قىلىۋاپسىز.
    سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزدا ھەل بولمىغان بەزى مەسىلىەرنى مەن ھەل قىلغان ئىدىم.
    مۇمكىن بولسا، ئىككىلىمىزنىڭكىدە ھەل بولمىغان مەسىللەرنى ئورتاق ھەمكارلىشىپ ھەل قىلساق؛ ياكى بولمىسا، خالىسىڭىز ئۇسلۇبىڭىزدىن بىر نۇسخا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ يوللاپ بەرسەم، ئىككىمىز ئورتاق ئىشلەتسەك – قانداق قارايسىزكىن؟
    جاۋابىڭىزغا تەشنامەن….

    جاۋاب

  5. پاساھەت
    ئاۋغۇست 16, 2012 @ 15:54:30

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەك ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپسىز ، مۇمكىن بولسا مائوسنىڭ ئوڭ سول كونۇپكىسىنى چەكلەش بۇيرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز ، بېرەر ئادرىسنى كۆچۈرۈپ چاپلىغىلى بولمايدىكەن ، ئۇلىنىش قىلاي دەپ لوگو ئادرىسىڭىزنىمۇ ئالالمىدىم

    جاۋاب

    • نازۇگۇم
      ئاۋغۇست 17, 2012 @ 17:24:06

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ،قەدەملىرىڭىز يېتىپتۇ ھارماڭ ،ئەسلى سز دېگەندەك قىلىشىم كېرەك ئىدى ، بىراق سىزگە دېسەم بلوگ كۆچۈش جەريانىدا تېمىلاردا مەزمۇنلار تولۇق يۆتكەنلمىگەن ھەممىسى دېگۈدەك چالا ،شۇ سەۋەپ ۋاقتىنچە مۇشۇنداق مائۇسنى چەكلەش كودىنى قويۇپ قويغان ئىدىم . مەخسەت مەسۇس تېما كۆچۈردىغانلارنىڭ تېمىنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنىغا دېققەت قىلمايلا چالا مەزمۇننى يۆتكەپ يۈرمىسۇن دېگەننى كۆزدە تۇتتۇم ، شۇڭا بلوگدىكى مەزمۇنلارنى ۋاقىت چىقىرىپ ئەسلىدىكى مەنبەدىن تولۇقلاپ بولغۇچە بۇ تەرپىنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېلىۋاتقان ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇنبارەك بولسۇن .

      ھە راس : مەن بلوگنىڭ تۇغ ئادرىسىنى سىەە يولاپ بېرەي ،ۋە مەنمۇ سىزنى ئۈلىنىش قويۇۋالاي ، ئۆزئارا ھەمكەرلىشىپ ئۆتەيلى سالامەت بولۇڭ !

      جاۋاب

  6. ئانا تىل
    ئاۋغۇست 13, 2012 @ 03:36:36

    ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالغايسىلەر.
    قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت.
    بۇ بىلوگ ئۇلىنىشقا قوشۇپ بولۇندى.

    جاۋاب

    • نازۇگۇم
      ئاۋغۇست 13, 2012 @ 18:01:59

      قەدەم مەرھابا ! شۇخ كەپسىز .بولىدۇ، مەن بۇ تور بەتنى ئالدىنقى كۈنى ئالايىتەن كۆرگەن ئىدىم .مەن ئۇلىنىش قوشۇۋالاي. رەھمەت.

      جاۋاب

  7. نازۇگۇم
    ئىيۇن 17, 2012 @ 17:15:12

    ئەتتىرگۈل تارىخ بلوگىم مەندە نورمال ئېچىلىدۇ .كۆچۈش جەريانىدا كۆپ مەسىللەر كۆرۈلگەش ئۇ بلوگمۇ ئەسلى پېتى بار ،قولىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،ئامال بار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە مۇكەممەل بولغان پايدىلنىش بېتى قىلىپ ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمەن .مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالاي …..

    جاۋاب

  8. تەشنايى
    ئىيۇن 17, 2012 @ 17:06:07

    ئەتىرگۈل تارىخ بلوگى نېمانداق ئىچىلمايدىغاندۇ دەپ تىت – تىت بوپ يۈرگەنتىم، ئەسلى ئۆي كۆچۈپتىكەنسىز – دە! سىزنى قوللايمەن، مەزمۇنلارنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇشقا كۆچىگەيسىز. ئەتىرگۈل تارىخ بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغانتىم، ئەمدى نازۇگۇمغا ئۆزگەرتەي…

    جاۋاب

  9. بوغلان
    سېنتەبىر 28, 2011 @ 02:52:16

    مۇبارەك بولسۇن، خاسلىقى بار بوپتۇ، ئۇسلۇبمۇ بەك كۆركەم ئىكەن.

    جاۋاب

    • نازۇگۇم
      سېنتەبىر 28, 2011 @ 03:06:57

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام،خۇش كەپسىز بوغلان ،قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

      جاۋاب

  10. radil
    ئاۋغۇست 22, 2011 @ 12:20:42

    assalamu alaykum, blogigiz ie6 bak kalaymikan uygurqa kirguzgilimu bolmidi

    جاۋاب

    • نازۇگۇم
      ئاۋغۇست 23, 2011 @ 16:21:38

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ياخشىمۇسىز ؟ ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، دېمىسىڭىز ئۇ تەرپىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن . تۇنۇگۇن ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن تارتىپ شۇ نورمالسىزلىقنى تۈزەيمىز دەپ سىزگە ۋاچتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم. ئاران دېگەندە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولدى ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسلۇپ ie6.0دىن يوقۇرى نەشىردىكى تور كۆرگۈچلەردە ناھايتى نورمال ئېچىلاتتى .بولسا سىزمۇ يوقۇرىراق بولغان نەشىرنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىز .مۇھىم پىكىردىن بىرنى بەرگەنىڭىزدىن بەك مىننەتدار بولدۇم . دائىم كېلىپ تۇرىشىڭىزنى، قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن….

      جاۋاب

  11. ئۇيغۇر كارىز مەدەنىيىتى
    ئاۋغۇست 19, 2011 @ 23:33:14

    بىلوگنىڭ لايھىلىنىشى بەك ياخشى بوپتۇ. ئەمدى سىز ماقالىلەرنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىپ، كاتىگورىيلەرنى سەرخىللاشتۇرۇڭ! بۇ زىيارەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ھەم توربەتنىڭ سۈپەتلىك بولىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

    جاۋاب

    • نازۇگۇم
      ئاۋغۇست 20, 2011 @ 17:18:14

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ،كەلگەن قەسىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! توغرا ئېيتتىڭىز ھازىرقى قىلماقچى بولغان مۇھىم ئىشىمنىڭ بىرسى شۇ، چۈنكى ئەسلىدىكى بلوگدىكى مەزمۇنلارنى بۇ جايغا يوتكەشتە ماقالىلارنىڭ ھەممىسى بىرلا سەھىپىگە كىرىپ قالتۇ، يەنە كېلىپ ھەجىمى ئۇزۇنراق تېمىلاردا مەزمۇن تولۇق يۆتكەلمىگەن ئىكەن ،بۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولۇپ چھلغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم .بۇلارنى تېمىلارنى سەھىپىگە تۇرغۇزۇش جەريانىدا ھدس قىلدىم .بلوگدا مەزمۇن كۆپ بولغاچقا بۇ ئىشلار خېلى ۋاقىت ئىگەللەيدىغان ئوخشايدۇ . يەنە قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .رەھمەت!

      جاۋاب

ئىنكاس يىزىڭ

*

Content Protected Using Blog Protector By: PcDrome.