شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

1.شىنجاڭلىقلار ھالىغابېقىپ ھال تارتمايدۇ

 شىنجاڭنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ،يەر مەيدانى 1مىليون 600مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.پۈتكۈل مەملىكەت زېمىنىنىڭ 6دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.ئۇ ،مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم رايون.گەرچە بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ.چۈنكى،قۇملۇق ۋە چۆللۈكلەر ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىسىمۇ لېكىن شىنجاڭلىقلار بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي زوق-شوق بىلەن سۆزلىشىپ ،مەنمەنلىك قىلىشىپ كەلدى.شىنجاڭدا ھەممىلائادەم بىلىدىغان «شىنجاڭغا كەلمىگۈچە شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولماس»دېگەن بىر سۆز بار.بۇ ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە،بىر شىنجاڭلىق بىر ئىچكىرىلىككە ئېغزى قۇلىقىغا يەتكۈچە ماقتىنىپ: «سىلەرنىڭ ئىچكىرىڭلار باش پاتسا قوڭ پاتمايدىغان توخۇ كاتىگىدەك كىچىككەن،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ قالىدىكەن.لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭچۇ كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە شۇنداق چوڭ.ئەتىگەن قاق پودا ماشىنىغا چىقساق كەچ بولغاندا ئاران دېگەندە يەنە بىرشەھەرگە يېتىپ بارالايمىز»دەپتۇ.كىم بىلسۇن ھېلىقى ئىچكىرىلىكمۇ بوش كەلمەي سۆز قايتۇرۇپ:«بۇ سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ بەك قالاقلىقىنى ،شەھەرلىشىش دەرىجىسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»دەپتۇ.دېمىسىمۇ ئىچكىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەك ئارقىدا قالدى.گەرچە پۈتكۈل دۇنيا شىنجاڭنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئەمما،شىنجاڭنىڭ ھەممىدىن چوڭ بولۇشى شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىنىپ ئۆزىنى بىلمەي قېلىشىغا ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كېرىلىپ كېتىشىگە دەسمايە بولالارمۇ؟شىنجاڭ قاچانمۇ يەر-زېمىنى كەڭ،بايلىقى مول ئاپتونوم رايوندىن تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادى زور ئاپتونوم رايون ،ئىقتىسادى كۈچلۈك ئاپتونوم رايونغا ئايلىنار؟

 2.شىنجاڭلىقلار بەكلا ئۆزىگە مەستانە بولۇپ كېتىدۇ.

 50-يىللاردا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشا پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان.ناخشىدىكى «شامالدا ئوت-چۆپلەر يەلپۈنەر،يايلاقتا چارۋىلار يايلىشار»دېگەن مىسرالاردا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۈيلەنگەن.شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر ياخشى جاي.ۋەھالەنكى،ناچار تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس.مەسىلەن:شىنجاڭنىڭ بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى بەك ئاستا .شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى.چارۋىچىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈكلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە شۇنىڭغا چۇشلۇق شەھەر-بازارلاردا كالا-قوي گۆشلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان ،سۈپەتلىك بولۇشى،چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتكۈل مەملىكەت بازارلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇشى لازىم ئىدى.ئەمما ،رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،شىنجاڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.شەھەر-يېزىلاردا گۆش بەكلا قىممەت .چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن «ئالتاي تېغى»ماركىلىق خىرۇم كىيىملەر،«تەڭرىتاغ»ماركىلىق يۇڭ مايكىلاردىن ئىبارەت ئىككى توك-توك ماركىنىڭ ئانچە-مۇنچە نامى چىققاندىن باشقا مەملىكەت ئىچىدە داڭق چىقارغان داڭلىق ماركىلار يوق دېيەرلىك.ۋەھالەنكى،شىنجاڭغا ئوخشاش تۆت چوڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تاۋارلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن.مەسىلەن:«ئوردوس»ماركىلىق تىۋىت پوپايكىلار،«شىچى» ماركىلىق كاستىيوم-بۇرۇلكا،«شىڭفا»،«يىلى»،«مېڭنىيۇ»قاتارلىق ماركىلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن يېمەكلىكلىرى ئاللىبۇرۇنلا پۈتۈن مەملىكەت ۋە شىنجاڭ بازارلىرىنى ئىگىلەپ بولدى.ئىچكى موڭغۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماروژنىي،جۇۋاۋا،چۆچۈرىلەر تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلىغاندەك شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى يېمەكلىكلەر پوكەيلىرىنى بىر ئوبدان ماكان تۇتتى.لېكىن شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچكى موڭغۇل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىپ ،رىقابەتتە ئارقا-ئارقىدىن شاللىنىپ كەتتى.

   يەنە مىسال كەلتۈرسەك،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسى جانلىق ئەمەس.1950-ۋە 1960-يىللاردا شىنجاڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ناھايىتى كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى.ۋەھالەنكى،ھەممىگە ئايان بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 20يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن ئېقىپ كەتكەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ سانى 210مىڭ بولۇپ يىلىغا 10مىڭدىن ئارتۇق  ئىختىساس ئىگىلىرى ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ ھالەت ھازىرغا قەدەر تىزگىنلەنمىدى.شۇڭا كۆپلىگەن ياقا يۇرىتلۇقلارنىڭ شىنجاڭ شۇنداق ياخشى يەر بولسا شىنجاڭنىڭ «توزلىرى»يەنە نېمىدەپ «شەرقىي جەنۇبقا ئۇچىدۇ»دېيىشلىرى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.شىنجاڭنىڭ «مېۋە-چېۋە ماكانى»دېگەن نامى ئەزەلدىن مەشھۇر.لېكىن تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈملىرى ئەمدىلىكتە يىپى ئۈزۈلگەن مەرۋايىتقا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى.ئىلگىرى خانغا تارتۇق قىلىنىدىغان قۇمۇل قوغۇنىنىڭ تەمى ھازىر تەرخەمەكنىڭكىدىن  پەرقلەنمەيدۇ.نەشپۈتلەرنىڭ سەرخىلى ،دەپ نام ئالغان كورلا نەشپۈتلىرى سىنگاپور بازارلىرىدا ئاران ئوتتۇرا دەرىجىلىك بازارلارنىڭ پوكەيلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىغا تىكىۋالغان ئانار،ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ،ئېكىسپورتتا ھېچقانچە كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى.شىنجاڭدا پاختا ناھايىتى كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغىنى بىلەن شىنجاڭنىڭ كوزىرى ھېسابلىنىدىغان پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالمىدى.شىنجاڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ ئەمما ،ئاھالىلەرنىڭ نورمال گاز بىلەن تەمىنلىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى.تېخى ئۈرۈمچىدە گازنىڭ باھاسى ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭكىدىن قىمممەت.بۇ خىل زور پەرقلەر ئاخىر شىنجاڭلىقلارنى شېرىن چۈشىدىن ئويغىتىپ،ئۇلارنى «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»دېيىشتىن ئاۋۋال تەرەققىي قىلغان بازار ئىگىلىكى ۋە باياشات خەلق تۇرمۇشى بولغاندىلا ئاندىن ھېقىقى ياخشى بولغان بولىدىكەن،دېگەن قاراشقاكەلتۈرگۈسى

3.شىنجاڭلىقلار ئۆز-ئۆزدىن ھۇزۇرلىنىدۇ .

 شىنجاڭدا «ھەممىدىن گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»دېگەن ناخشا ناھايىتى كەڭ تارقالغان.شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ماقتايدۇ.بۇ شەكشۈبىسىزكى،مۇتلەق توغرا بولۇپ ،پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى،ناخشىدا ئېيتىلغاندەك«كىممۇ بىزنىڭ شىنجاڭنى ياخشى ئەمەس دېيەلەيدۇ؟»ئەمەسمۇ؟شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەل جاي.لېكىن گۈزەللىكى چەكلىك بولۇپ پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم مەنزىرە نۇقتىلىرىدىلا ئىپادىسىنى تاپىدۇ.يەنە كېلىپ بۇ خىل گۈزەللىكنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئۇ ھە دېگەندە كۆزگە چېلىقىپلا تۇرىدۇ   مەسىلەن :مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئالىدىغان بولساق بۇنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىدىغان ۋە ئۇلارنى خجالەتكە سالىدىغان مەسىلىدۇر.چۈنكى،ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەر،شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 10شەھەرنىڭ بىرىدۇر.ھاۋانىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى بەزىدە ھەتتا 500گە يېتىدۇ.ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىشتا ئىس-تۈتەكلەر دائىم ئاسماننى قاپلاپ تۇرىدۇ.ئۈرۈمچىدىكى ئىمارەتلەر قارا،دەل-دەرەخلەرمۇ قارا،ئادەملىرىنىڭ بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرىمۇ قارا،يەرگە يىغىلىپ قالغان قارلىرىمۇ قارا،ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇچار قۇشلىرىمۇ قارا…قىزىق ئىش: ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچى ئىلگىرى تېخى«مەملىكەت بويىچە پاكىزە شەھەر»ۋە «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ساياھەت شەھرى»قاتارلىق شان-شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشىپتىكەنمىش.دۇنيادىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق شان-شەرەپلەرگە قانداق يوللار بىلەن ئىگە بولىۋالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس.

  يەنە مىسال ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىشبىتىنى ئېيتقاندىمۇ، ئوتتۇرىچە نىسبىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغانلىقى تۇرغانلا گەپ.شۇڭا، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق،توپا-چاڭلار ئۇچۇپ تۇرغان ،يېپىنچا ئۆسۈملۈكلۈرى شالاڭ بولغان شىنجاڭنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەنلىكى دېمىسىمۇ ئۆزىدىن ئايدىڭ بولسا كېرەك.ئۈرۈمچى شەھرى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تۈزەپ ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا خۇددى پەرىشتىلەردەك گۈزەل سىياقتا بولغاندىلا ؛شىنجاڭنىڭ دەل-دەرەخلىرى ياپ-يېشىل،سۇلىرى سۈپ-سۈزۈك،ئاسمىنى كۆپكۆك…ھالەتكە يەتكەندىلا شىنجاڭلىقلار قىلچە خىجىلللىق ھېس قىلماستىن كۆتۈرەڭگى روھ ۋە مەردانىلىك بىلەن «ھەممىدىن گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»نى ئېيىتسائاندىن يارىشاتتى

 4-شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزىرى ئۈستۈن ھالى بوش

«پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا»،«نەدە پۇل بولسا ئادەملەر شۇ يەرگە ئاقار»دېگەن گەپ بار.شىنجاڭلىقلار پۇل تېپىشقا ئامراق بولغاننىڭ ئۈستىگە مەبلەغ سېلىش ئۇستىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭدىكى«گۇئاڭخۇي» شىركىتىنىڭ لېدىرى سۇن گۇئاڭشىن 1997-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرغان تۆت نەپەر ھەربىي بىلەن بىرلىشىپ،20مىڭ يۇئەن مەبلەغ بىلەن ئىش باشلىغان بولۇپ،ھازىر ئۇنىڭ شەخسىي مەبلىغى 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ،رمېرىكىدىكى «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى كاتتا بايلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.شىنجاڭدىكى «دېلوڭ»گۇرۇھى مەبلەغنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكەچكە 1992-يىلى قۇرۇلغاندا تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى ئاران 20مىڭ يۇئەن بولغان بولسا، ھازىر تەرەققىي قىلىپ 10مىليارىت يۇئەنلىك مەبلەغگە ئىگە چوڭ پۇل-مۇئامىلە «زومىگىرى»گە ئايلىنىپ ،نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى ئىگىلەپ،شېنجېن،شاڭخەي ئاكسىيە بازارلىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ زور شۆھرەت قازاندى.ئەمەلىيەتتە بايلىق يارىتىش،پۇل-مالغا ئىنتىلىش ئانچە يامان ئىشمۇ ئەمەس.لېكىن نۇرغۇن شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزىرى ئۈستۈن بولسىمۇ ھالى بوش.ئۇلار پۇل تېپىشقا ئالدىراپ بىر كېچىدىلا بېيىپ ،مىليونېرغا ئايلىنىشنى ئويلايدۇ.شۇڭا ئۇلار يەرلىرىنى ئاققۇنلار(خەلق ئىشچىلىرى)غا ئېچىشقا كۆتۈرە بېرىدۇ.ئەسكى-تۈسكىلەرنى تېرىش،گاز ئالماشتۇرۇش،ئاياغ ياماشتەك ئېغىر-پاسكىنا ئىشلارنى قىلىشنىغۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمايدۇ.شىنجاڭدا بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم يوقبولسا يەنە بىر تەرەپتىن تالاي شىنجاڭلىقلارغا قىلىدىغانغا ئىش يوق بولۇشتەك بىر خىل ئاجايىپ غەلىتە ھادىسە مەۋجۇت.ئەھۋالدىن قارىغاندا شىنجاڭلىقلار ئۆزىنىڭ كەسىپ تاللاش ۋە پۇل تېپىش قارىشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.«ماڭىدۇ،ماڭىدۇ،قىردىن ئاشالمايدۇ»دېگەندەك كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغانلارنىڭ قولىدىن چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىشى ناتايىن .ئاز بولسىمۇ چۆنتەككە كىرگەچ تۇرسۇن دېيىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ كۆپلەپ پۇل تاپالىشى ناتايىن .مەيلى سۇن گۇئاڭشىن بولسۇن ياكى دېلوڭ گۇرۇھى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق قىلغانلاردۇر،ئەلۋەتتە

 5-شىنجاڭلىقلارنىڭ قۇلىقى بەك يۇمشاق

  شىنجاڭلىقلار پارتىيىنىڭ گېپىنى ھەممىدىن بەك ئاڭلايدۇ،سېياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئەزەلدىن بويۇنتاۋلىق قىلمايدۇ.مەسىلەن: دۆلەت ئىش ھەققىدىن ئالىدىغان تاپاۋەت بېجىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى 800يۇئەن قىلىپ بېكىتكەن بولسا شىنجاڭ يەنىلا 10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن بۇئۆلچەمنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.لېكىن ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مائاش-كىرىم سەۋىيىسىگە ئاساسەن تاپاۋەت بېجى ئېلىشنىڭ نۇقتىسىنى ئاللىقاچان تەڭشەپ بولدى.مەسىلەن بېيجىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى 1000يۇئەن قىلىپ بېكىتكەن بولسا ،شىيامېن 1300يۇئەن قىلىپ بېكىتكەن.دۆلەت ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى ئايروپىلان بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئەھۋالدا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،بەس-بەس بىلەن باھانى چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئەمما،شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئالدى بىلەن شاڭخەي،شېنجېنلار بىلەن خەينەن ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىنى %50چۈشۈرگەچكە ،بېرىپ-كېلىش بېلىتى ئارانلا 600يۇئەنگە توختايدۇ.شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنى مىڭلىغان تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرىدۇ.مەيلى شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغانلار بولسۇن ياكى ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كېلىدىغانلار بولسۇن كۆپ قىسمى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشنى خالىسىمۇ لېكىن ئوغىدىن قىممەت بېلەت باھاسى ئالدىدا ئامالسىز كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن 4000مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەتسە ،ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي ياكى گۇئاڭجۇغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 5000يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ.بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ پۈتۈن يىللىق كىرىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلەيدۇ.شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنەلمەسلىكىدە ئايروپىلان بېلەت باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولۇشىمۇ مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا بۇ يىل «1-ماي»دىكى ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاران 20مىڭ بولغان بولسىمۇ ئەمما كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار يېنى بوش بولغاچقا ئىچكىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.شۇڭا ئۇلار چە روھ بىلەن «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»ئارقىلىق«دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىقتىساد»نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نېمە ئۈچۈن چەكلەش بۇيرۇقىنى بۇزۇپ شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسىنى چۈشۈرەلمەيدۇ؟يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلسە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە تەسىر يېتىدىغاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرى ئېقىپ كېتىش،مەبلەغ ئېقىپ كېتىش،ماددىي ئەشيا ئېقىپ كېتىش ۋە ئۇچۇر ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ،تولدۇرۇپ ئالغۇسىز زىيان بولۇۋاتقان ئەھۋالدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ،يېمەك-ئىچمەك كەسپى،رېستوران كەسپى،قاتناش- تىرانسىپورتۋە سودىسى جانلىناتتى.شۇنداق بولغاندا شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگىمۇ پايدا بولمايىتتىمۇ؟جانلىقلار رىقابەت جەريانىدا شاللىنىدۇ،ماسلىشالىغانلىرىلا ياشىيالايدۇ.شۇڭا شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ،باتۇرلۇق بىلەن باھانى چۈشىرەلىشىگە ئىشىنىمىز.  يەنە مىسالغا ئالساق كىشىلەرنىڭ قاتتىق غۇل-غۇلىنى قوزغىغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە گاز تۇرۇبىسىنى ئائىلىلەرگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،ئۈرۈمچى شەھەرلىك گاز شىركىتى ھەر بىر ئائىلىنىڭ شەرتسىز ھالدا 1830يۇئەن پۇل تاپشۇرۇشىنى بەلگىلىگەن(نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە يىغىلغان 500يۇئەننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ).ئاھالىلەر بۇنى يولسىز ھەق يىغىش،ھەتتا قالايمىقان ھەق يىغىش ،ئاھالىلەر ئىستېمالچى تۇرسا ھەم سۇ،توك ئىشلەتكەنگە ئوخشاش گاز سائىتىگە قاراپ پۇل تاپشۇرىدىغان تۇرسا يەنە نېمىشقا تۇرۇبا ياتقۇزۇش ھەققى تاپشۇرغۇدەكمىز،دەپ ناھايىتى نارازى بولغان.بىر تەرەپ ھەق ئالماقچى بولسا يەنە بىر تەرەپ بەرمىگەن.بۇنداق تىركىشىش نەتىجىسىدە گازنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستىلاپ ،ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيىتمەكچى بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ سانى پىلانغا يەتمەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلىك گاز شىركىتىنىڭ بېشىنى ئوچاق قىلىۋەتكەن.ئەمەلىيەتتە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى كۆپ ئىدى.ئوخشاشلا مەبلەغ يىغىش بولغاندىكىن گاز شىركىتى نېمە ئۈچۈن نەزىرىنى پەقەت ئانچە باي-باياشات بولمىغان ئاھالىلەرنىڭ چۆنتىگىگىلا تىكىۋالىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتاكۈچى يەتكەننىلا قىلىش پرىنسىپى بار تۇرسا؟ئىقتىسادىي كۈچى يەتمىسە بۇنداق تۈرنى يولغاقويۇشنى كېچىكتۈرسىمۇ بولىدىغۇ؟مەبلەغ كەملىك مەسىلىسىدە بازاردىكى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ھالقىغىلا ئېسىلىۋالماي مەبلەغ بازىرىدىن مەبلەغ توپلاشنى ،مەسىلەن چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنى،بانكىدىن قەرز ئېلىشنى ،قۇرۇلۇش زايومى،پاي چېكى تارقىتىشنى…ئويلاشسىمۇبولاتتىغۇ؟لېكىن بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوقۇم ئەنئەنىۋى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى،پۈتۈنلەييېڭى يولغا مەبلەغ سېلىش ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈشى زۆرۈر.

 6-شىنجاڭلىقلار بەك بېكىنمە

   شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە ،جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنىڭ بىر بۇرجىكىگە قايلاشقان،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان جاي.بۇ خىل جۇغراپىيىلىك ئورۇننى ئاساس قىلغان  دېھقانچىلىق ناتۇرال ئىگىلىك شىنجاڭلىقلاردا بېكىنمىچىلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى»بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى بىر چوڭ كەشپىياتتۇر.1960-،1970-يىللاردا پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسى خېلىلا مول ئىدى.«ئۆزىدىن ئاشسا ياتقا»دېگەندەك ھەم شۇنىڭدەك يەرلىكنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن شىنجاڭ بايلىق مەنبەسىنى قوغداش نامى بىلەن پاختا،قوي يۇڭى،چۈچۈك بويا،گازىر قاتارلىق نەچچە يۈز خىل تاۋارنى «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى»ئارقىلىق تەستىقلىنىدىغان دائىرىگە كىرگۈزگەن.ئەگەر سىرتقى ئۆلكىلەر ئېھتىياجلىق بولسىلا چوقۇم زور مىقداردا ھەق تۆلەپ،«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »بېجىرىشى كېرەك ئىدى.سىرتقى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار :ئاتالمىش«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »ئەمەلىيەتتە تاپان ھەققىنىڭ ئۆزىدۇر دەپ دەل جايىدا ئېيتقانىدى.تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغان يېرى،شىنجاڭلىقلار ماللىرىغا «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »ئارقىلىق خېرىدار ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەردە سىرتقى ئۆلكىلەر چەتئەللەردىن ھەم سۈپەتلىك،ھەم ئەرزان بولغان «پاكىستان پاختىسى»،«ئاۋسترالىيە يۇڭى»نى كىرگۈزۈپ،شىنجاڭنى «پاختا سېتىش تەس بولۇش»،«يۇڭ سېتىش تەس بولۇش»تەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »پىلانلىق ئىگىلىكنىڭتىپىك مەھسۇلى،تار دائىردىكىيەرلىك بېكىنمىچىلىكنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى،ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيىسىنىڭ ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ،خاتا قىلغانلىقى بولۇپ،باشقۇرماسلىققا تېگىشلىككەۋە باشقۇرۇلمايدىغانغا ،ئوبدان باشقۇرۇلمايدىغان ئىشلارغا چېپىلىۋالغانلىقنى ئىپادىلىدى. «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »گەرچە شىنجاڭغا بەلگىلىك مىقداردا قىسمەن پايدا ئەكەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى.سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تىكلىنىشىگە ئەگىشىپ،«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »گەرچەتارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما يەرلىك قورۇمىچىلىق شىنجاڭدا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىك مىسالى شىنجاڭنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش بەلگۈلىمىسىئە بولۇپ،بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:«ئومۇمەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارئەگەر شىنجاڭدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلماقچى بولسا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا خېلى كۆپ مىقداردىكى ‹تەربىيىلىنىش  ھەققى›تاپشۇرۇشى كېرەك».بۇمۇ ئەمەلىيەتتە«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »نىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولۇپ،پەقەت شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئوبىيېكىتلارلا ئوخشىمايدۇ خالاس. «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »دا قامال قىلىنىدىغىنى ماددا ئەشيا بولسا «تەربىيلەشھەققى»ئارقىلىق چەكلىنىدىغىنى ئىختىساس ئىگىسىدۇر،خالاس.ئەمەلىيەتتە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قامال قىلىمەن ،دەپمۇ قامال قىلغىلى بولمايدۇ.بىڭتۇئەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مەلۇم خىزمەتچىنىڭ ئوغلى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان.ھال-كۈنى ئانچە ياخشى بولمىغان ئۇ دېھقانچىلىق ئىشچىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ،دوستلىرىدىن ئۆتنە يېرىم قىلىپ يۈرۈپ،ئوغلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلىنىش ھارپىسىدا 6000يۇئەن «تەربىيىلىنىش ھەققى»نى تاپشۇرۇپ،ئوغلىنىڭ شىئەندىكى مەلۇم پەن-تەتقىقات ئورنىدا ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىتھازىرلىغان.ئىختىساس ئىگىلىرىنى قانچە قامال قىلغانسېرى ئىختىساس ئىگ؟ئىلىرى بايلىقىنى شۇنچە زور دەرىجىدە ئىسراپ قىلىۋېتىغانلىقى چوقۇم.گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە،شىنجاڭدا1960-،1970-يىللاردا چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپا-تاش قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ھازىرغىچە يەنىلا بىڭتۇئەندىكى مەلۇم بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتەلمەي يۈرگەن.2000-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئاسراش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت ئىزدىگەندە سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچار بولغان.ئاخىردا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ كۇنمىڭدا ئىئىشقا چۈشكەن.ئاز-تولا ۋىجدانى بار ئادەملا :«شىنجاڭ شۇنچە كەڭرى تۇرسا نېمە ئۈچۈن چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈدەك بىرەر سەھنە چىقمايدۇ؟شىنجاڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا نېمىدەپ شىنجاڭلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىغا باش تىققۇدەك ماكان چىقمايدۇ؟»دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ.ئاھ بىپايان شىنجاڭ،سەن قاچانمۇ باغرىڭنى كەڭ ئېچىپ ،جۇشقۇن كەيپىيات،ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىڭ بىلەن،ئېگىز سېپىللارنى ئۆرۈپ،قاتمۇ- قات توسۇقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ ھەرخىل ماللار ئەركىن-ئازادە ئالماشتۇرۇلىدىغان،ئادەملەر ئەركىن –ئازادە بېرىپ كېلەلەيدىغان ھالەتكە كېلەرسەن-ھە؟

 7-شىنجاڭلىقلار سېياسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر ئەمەس

     شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭلاشقا شىنجاڭلىقلار سېياسەتكە نىسبەتەن «بەرسەڭ يەيمەن،ئۇرساڭ ئۆلىمەن»دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتۇپئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى بېرىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.بەلكىم شىنجاڭدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلار ئېغىر بولغاچقىمۇ ياكى «بالا يىغلىمىسائانا ئەمچەك سالمايدۇ»دەپ قارىغاچقىمۇ قانداق،ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەركەز شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ،پۈتكۈل مەملىكەتتە يۈرگۈزۈلىدىغان سېياسەتلەردىن باشقا يەنە شىنجاڭغا يەنە سېياسەت جەھەتتە «كەڭچىلىك»قىلغان بولسىمۇ ئەمما،شىنجاڭلىقلار بىلەن «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »كىشىلەرنىڭ سېياسەتنى چۈشىنىشۋە پايدىلىنشىدا زور پەرقلەر ساقلىنىپ كەلدى.شىنجاڭلىقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئويلايدىغىنى سېياسەتنىڭ قايسى ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇدىغانلىئەقى بولۇپ،ئۇلار رۇخسەت قىلىنغان ئىشكاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولمايدۇ،دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى سېياسەتتىن ئىبارەت بۇ رامكىنىڭ ئىچىگە سولىۋالغان. «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»لاردىكىلەرنىڭ ئاۋۋال بولۇپ ئاڭلايدىغىنى سېياسەتنىڭ قايسى ئىشلارنى قىلىشقايولقويۇدىغانلىقى بولۇپ،ئۇلار «رۇخسەت قىلىنىغان» ئىشلارنىڭ باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولىدۇ ،دەپ قاراپ،ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى «مەنئىيقىلىنغان»دىن باشقا كەڭ دائىرىگە كېڭەيتىدۇ.«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكىلەر»سېياسەتنىڭ مىقدارى(سانى) بىلەن كارى يوق پەقەت بىر خىل سېياسەت بولسىمۇ ئۇنى جانلىق ،تولۇق ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتكۈچە ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ.شىنجاڭلىقلار بولسا سېياسەتنىڭ سانىنىلا قوغلىشىپ،سېياسەتتىن پايدىلانغاندا خۇددى «پالاكەت ئېيىق قوناق پۇچىلاپ يېگەن»دەك بىرىنى ئىشلەتسە بىرىدىن قۇرۇق قېلىپ،ئاقىۋەتتە ھېچقايسىسىنى ئەپلەشتۈرەلمەيدۇ.«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»دىلەر سېياسەتنى ياخشى چۈشىنىدۇ،سېياسەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.شىنجاڭلىقلار بولسا سېياسەت بولغاندىلا ئىش قىلغىلى بولىدۇ،دەپ قاراپ داۋاملىق ھالدا سېياسەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ،خۇددى سېياسەتتىن ئايرىلىپ قالسا بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىغاندەك.بۇ ھەقىقەتەنمۇ «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»دىكىلەرنىڭ دانالىقى ۋە پەخرى.بۇ ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ قايغۇسى ۋە تىراگېدىيىسىدۇر.

  8-شىنجاڭلىقلار تەلتۆكۈس ئويغىنىدۇ

    كىشىلەر 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاستا تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىۋاتقان ۋاقىتتا 21-ئەسىردىكى بىلىم ئىگىلىكى دولقۇنىغا دۇچكەلدى.شىنجاڭلىقلار ئاقىۋەت شېرىن چۈشىدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن دەس تۇردى.«نومۇسنى بىلگەن ئۆزىنى ئوڭشار »دېگەن گەپ بار.شىنجاڭلىقلار ئۆتكەنكى ئازابلىرىنى ئويلاپ كۆرۈپ،كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغان ھالدا نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەسلىكىنى،تەرەققىياتنىڭ ماڭىدىغان ھېقىقى يول ئىكەنلىكىنىھېس قىلىشتى.شىنجاڭدا ئەڭ قالاق بولغىنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى قارىشى،ئەڭكەمچىل بولغىنى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى.يولداش جىياڭ زېمىن ئىنتايىن دانالىق بىلەن :«بىلىم ئىگىلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىبىزنىڭ 21-ئەسىردىكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم»دېگەنىدى.جۇڭگو تارىئىخى ئىسپاتلىدىكى،يېڭىلىق يارىتىش پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى خورىماس كۈچ.بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاسمان پەلەك دولقۇنىدا ئەۋجىگە چىققان «غېرىبنى گۈللەندۈرۈش »ھەرىكىتى شىنجاڭلىقلارنى ئىدىيىسىنى يېڭىلاشقا،ھەرىكەت ئۇسۇلىنى يېڭىلاشقا چاقىرماقتا.

«غەرق بولسا بىر كېمە كېتىۋېرەر باشقىسى،گەر پورلاشسا بىر دەرەخ كۆكلەۋېرەر باشقىسى».21-ئەسىردىكى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز.شىنجاڭلىقىم تەييارلىقىڭىز پۈتتىمىكىن؟ بۇ ماقالىنىڭ خەنزۇچىسى«غەربىي رايون »ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 8-سانىدا،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان