مۇقام ھەققىدە شېئىر

مۇقام

ئەزىز كۈيلەرنىڭ سۇلتانى مۇقام ،
بۈيۈك مىللەتنىڭ پەخرى سەن مۇقام ،
تىللاردا داستان شۆھرىتىڭ ئۇلۇغ،
بارچىنى ھەيران قالدۇرغان مۇقام .

چاڭقىغان دىللارنىڭ زەمزىمى مۇقام ،
بەھۇزۇر ھاياتنىڭ كۈلكىسى مۇقام .
ئىجاتچان خەلقىنىڭ سولماس بۇلىقى
ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان مۇقام،

شەۋكىتىڭ جاھاندا ئۇلۇغدۇر مۇقام ،
سەنئەتنىڭ جەۋھىرى،تۈۋرۈكى مۇقام ،
سېنىڭسىز يارالماس زېمىننىڭ مۇڭى ،
قايغۇغا،شاتلىققا ھەمراسەن مۇقام .

شانلىق تارىخنىڭ شاھىدى مۇقام ،
زۇلمەتلىك يىللارنىڭ قۇربانى مۇقام .
خەلقىمنىڭ نىداسى ئەلەملىك يېشى
ھەر بىر مۇڭلىرىڭدا يارالغان مۇقام .

مەرھابا كۈيلەرنىڭ شاھتاجى مۇقام،
مەدەنىيەت يالدامىسى گۆھىرى مۇقام.
يادلىنار سەن بىلەن ئەجدادلار ئىزى.
دەۋرىنىڭ قىممەتلىك مىراسى مۇقام .

2011-يىلى 28- ماي يېزىلدى
مەنبە :قەلەم