مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشىدىن ساقلىنىش ۋە جازالاش نىزامى» تەستىقتىن ئۆتتى. مەزكۇر نىزام 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا بولىدۇ.
بۇ نىزامنىڭ 7-ماددىسىدا : تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، كىم باش بولسا شۇ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، باشقۇرۇش جەريانىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، تور بىخەتەرلىك تېخنىكىسى قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئەنگە ئېلىنمىغان ياكى تەستىقلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە يول قويۇلمايدۇ.
8-ماددىسىدا : ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئالاقە تور بېكىتى، قوللىنىشچان پىروگرامما، مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ، شۇئان ئالاقىلىشىش قۇرالى، ئىزدەش موتورى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ۋە باشقا ئاخبارات-جامائەت پىكىرى ياكى ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك رولىغا ئىگە قوللىنىشچان دېتاللار، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، تەھرىرلەپ تارقىتىشتا، يۆتكەپ تارقىتىشتا ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسىنى ئالغان بولۇشى لازىم.
10-ماددىسىدا : ئۇچۇر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇچۇر تورى ئىشلەتكۈچى ئىنكاس يازىدىغان، سۆز قالدۇرۇدىغان بەتكە ئىنكاس مۇلازىمەت كېلىشىمىنى چىقىرىشى، ئىنكاستا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ياكى قانۇن-بەلگىلىمىلەر چەكلىگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى يوللاشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق ئەسكەرتىشى لازىم. دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى .
بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئۈندېدار ۋە تۈرلۈك ئالاقە ۋاستىلىرىدا نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ بېكەتنى تاقايدىغانلقىنى ئاشكارلىغانلىقى ئۇچۇپ يۈرۈپ ، نۇرغۇن تور بېكەت ئاچقۇچىلار ۋە ئاچماقچى بولىۋاتقانلارنى قىزغىنلىقىغا سۇ سەپكەندەكمۇ بولدى .
ئۇنداقتا ، يۇقىرىقى مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردا تىلغا ئېلىنغان «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى»نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
بۇ ھەقتىكى بايانلار
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى ئىجازەتنامىسى تور بېكەت ICPباشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى ۋە ياكى تور بېكەت ICPئىجازەتنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ (گوۋۇيۇەن)291-نومۇرلۇق پەرمانى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تېلگىراف نىزامى»،292-نومۇرلۇق پەرمانى«ئېنتىرنت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» غا ئاساسەن ، دۆلەت ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەرگە ICPباشقۇرۇش تۇزۇمىنى يولغا قويىدۇ . ھەمدە ، ICPكىنىشكىسى تور بېكەت باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى قىلىنىدۇ ، تور بېكەت ئاچقۇچىلار جەزمەن ICPكىنىشكىسى بىجىرىشى كېرەك ، بولمىسا قانۇنسىز تور بېكەت دەپ قارىلىدۇ ؛ دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭلاشقا ،ICPتور بېكەتنى قانۇنلۇق ئېچىشنىڭ ئاساسىي قىلىنىدۇ . ICPئىجازەتنامىسىنى ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تارقىتىدۇ .
قانداق بىجىرىمىز ، قەيەردىن بىجىرىمىز؟
تور بېكەت ئېچىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسىم ۋە بوشلۇق بولۇشتىن ئىبارەت شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك .
ICPبىجىرىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى بوشلۇقى ئېلىش كېرەك . كۆپلىگەن تورداشلار ICP بىجىرىشنى بىر قولايسىز دەپ قاراپ ،ICPكەتمەيدىغان چەتئەل بوشلۇقلىرىنى سېتىۋىلىپ ،ئىسىم ئۇلاپ ، تور بېكەت سېستىمىسىنى قاچىلاپ ، تور بېكەت ئېچىش سەپىرىنى باشلىۋىتىدۇ .
داۋامى بار......
- QQ توپىغا قوشۇلۇش
- QQ دا ئالاقىلىشىش
2017-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەخت
داۋامىنى ساقلايمەن
2017-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كىرسلۇ
بۇ تېمىنىڭ داۋامى قاچان يوللايسىز مۇئەللىم.ئاخىرىنى ئوقۇي دېگەن ئىدىم.چەتئەل بوشلۇقىنى ئىشلەتسە قانۇنسىز بولامدۇ ياكى ICP بېجىرىلمىسا قانۇنسىز بولامدۇ.مۇشۇ ھەقتە بىلەي دېگەن.لېكىن خېلى بولدى ساقلىسام بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ھېچ يوللىمايۋاتىسىز مۇئەللىم.
2017-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 1قەۋەت
@ERK بولىدۇ ،مەن تىز پۇرسەتتە بۇ يازمىنى تولۇقلاپ قوياي ……
2017-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@ERK بوشلۇق-تور بېكەت ئېچىشنىڭ قەدىمى بېسىلىدىغان ۋە داۋاملىشىدىغان بىر ماكاندۇر (يەنى ئۆيگە ئوخشاش).سىز تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا كەپە ئۆي ئالسىڭىز ياكى بىنا ئۆي ئالسىڭىز ، بۇ قانۇنسىزمۇ ؟
ئەمدىكى مەسىلە ، سىز تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ھەمراھ بىلەن پۈتۈشتىڭىز ، ئۇ قوشۇلدى دەپلا ئۆيگە باشلاپ، تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز ، قانۇنلۇق بولامدۇ ؟
تور بېكەت ئېچىشمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ . مەيلى دۆلەت ئىچى بوشلۇقى ئېلىڭ ياكى چەتئەل بوشلۇقى ئېلىڭ ، ئۇ سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز ، بۇ يەردىكى مەسىلە ،ئىجازەتنامە ئېلىپ ، ئۇنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر ……بۇمۇ قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى .
گەرچە چەتئەل بوشلۇقىدا يەڭنى تۈرۈپلا بېكەت ئېچىش قەدىمىنى باشلاپ كەتكىلى بولسىمۇ ، بۇ بىر خىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ،خالاس……
2017-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2قەۋەت
@ئىقبال دېمەك رەسمىيەت بىجىرىش توي خېتى ئالغانغا ئوخشاش ئىشكەندە بىجىرىشنىڭ تەسلىكى بۇ نەرسىنى
2017-يىلى02-ئاينىڭ01-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بەك ياخشى ئۇچۇر ئىكەن بۇ، داۋامىنى يوللىۋەتسىڭىز بولاتتى مۇئەللىم.
2017-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4قەۋەت
مەن بۇ مەزمۇننى ئوقۇپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى توغرۇلۇق ئانچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.
يازغان قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . داۋامىنىڭ چىقىشىغا تىلەكداشمەن
2016-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن كېيىن 5قەۋەت
يېڭى توربەت ئاچماقچى بولغانلارغا پايدىلىق بولغان تېمىكەن، داۋامىغا تەشنامىز!!!!
2016-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى چۈشتىن كېيىن 6قەۋەت
داۋانىمۇ مۇئەللىم