بىشارەت
ئۆتەر يىللار شۇنچە بىشەپقەت .
ئىلاجىسىز مۈكچىيدۈ تەن.
چىكەتكىدەك يىغلايدۈ يۈرەك ،
بۇلۇپ قالغاچ ئازاپقا ۋەتەن .
ئۆچەر ئاستا ۋاقىت قوينىدا ،
بار مەۋجۈتلۈق ئاخىرىقى چوغدەك .
ئۆز ئۆزىگە غۇلايدۈ ھايات ،
گويا سىپى چىپىلغان تۇغدەك .
تەكرارلىنار ياشاش بىر خىلدا ،
تۇغۇلۈشتىن ئۆلۈم بىشارەت .
مەغلۇپلىققا يۈزلىنەر مەغرۇر ،
ئىنسان ھەمدە بارچە شان- شۆھرەت.
رىۋايەت
رىۋايەتنىڭ تارىخى ئۇزاق ،
كۆكسىدە گۈل قولىدا ياراق .
بەخىت تىلەر ئەۋلاتلىرىغا ،
رىۋايەتنى ياراتقان تۇپراق .
نەقىرات;
رىۋايەتنىڭ ۋارسلىرى بىز ،
رىۋايەتنىڭ شاھىدلىرى بىز ،
ئاتام ماڭا بەرگەنتى سۆزلەپ ،
رىۋايەتنىڭ ھىكمەتلىرىنى .
سۆزلەپ بەرگەن باتۇر بوۋامنىڭ ،
جەڭگاھتىكى قىسمەتلىرىنى .
ئاتام سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەت ،
قويار ماڭا كۆندە بىر سۈئال .
رىۋايەتتىن ئىلىپ كۈچ قۇۋەت ،
رىۋايەتتە تاپارمىز كامال .
تاشلاندۇق رويال
تۇرۇپتۇ يامغۇردا مەيۈس بىر قىزدەك ،
تىللىرى بۇزۇلغان تاشلاندۇق رويال .
دەپسەندە قىلىنغان قىزنىڭ كۆڭلىدەك ،
باغرى تاش دەستىدىن سۇندى ئھتىمال .
كىم ئۇنى ياسىغان بولغيىتتى نەدە؟
كىم تۇنجى چالغاندۇر قايسى نەغمىگە ؟!
قايسى بىر خىنىلىك نازۇك بارماقتا ،
جان بەرگەن بولغىتتى قايسى نەزمىگە .
تۇرار ئۇ قەدىمى قەبرىدەك مەغرۇر،
ھەر تامچە مىڭ پارە بولار تارىدا.
سىلكىنسە يامغۇردا يۇيۇنغان ياپراق،
يوقۇلۇش رويالغا جىمجىت موزىكا.
قايسى بىر سەنئەتكار قەدىرلەپ ئۇنى،
ۋە كىملەر مۇڭىدىن قىلغاندۇ جۇدا .
بارچىنى رويالدەك يوقىتار ئاخىر،
ياشاشقا ئەرزىمەس بىمەنە دۇنيا.
تۇرۇپتۇ يامغۇردا مەيۈس بىر قىزدەك،
تىللرى كسىلگەن تاشلاندۇق رويال.
مەۋجۇتلۇق كۇيىنىڭ ئاخىرى چىقماس،
ھاياتلىق رويالدەك تاپىدۇ زاۋال.