مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلدى نورۇز

كەلدى نورۇز كۆلدى گۈل چىچەك
يىشىل چىمەن زىمىنغا ئىتەك
مول ھوسۇلدىن بەردى خوش خەۋەر
نورۇز ئىيىدا كۆكلىگەن تىرەك

ئاپتاپ چىقىپ كۈلدى كەڭ جاھان
قوياش يۇزىنى تاغلارغا ياقتى
توي قىزىدەك ياساندى دۇنيا
ئەگىز سۈيى دالىغا ئاقتى

بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلار
چوكانتالدىن گۈلتاج ياسىدى
ئىتىزلاردا ئەمگەك ناخشىسى
دىھقان ئاتام يەرنى تىلغىدى

بارچە قۇشلار چۈشۈپ بەزمىگە
نورۇز ئۇچۇن قوشاقلار پۇتتى
مەنمۇ كۇيلەپ كەلدىم نورۇزنى
نورۇز گۈلى كۇڭلۇمنى ئۇتتى


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقام

ناخشا تېكىستى


بارچە كۇيلەر سۇلتانىسەن تاجىسەن ،
ئۇزاق تارىخ نىشانىسەن جانىسەن.
قانچە ئەۋلات ئىيتتى باغرى قانمىدى ،
بار گۈزەللىك باھارى سەن يازىسەن .

يۇرەك باغرىم ئىرىپ تامچە سۇ بولدى .
مىھمان بولۇپ ھۇزۇرۇڭدا بىغىڭدا ،
گۈل چىچەكلەر مۇڭ ئىچىدە ئىزىلدى .
سىنى سۆيدۇم شۇڭا گۈدەك چىغىمدا .

قاتار قاتار كارۋانلارنىڭ ئىزلىرى .
بىر سادانى پۇتۇپ كەتكەن دالىغا ،
ئەجداتلارنىڭ ئۆمىرى ئۆتتى مۇقام دەپ ،
ئۇندىن ئۇدۇم ئالدى بۇگۇن بالىلا .

نەقىرات :

مۇقام دىسەم ئاغزىمدىن نۇر تۆكۈلدى ،
مۇقام دىسەم جىسمىم يادەك پۇكۇلدى .

http://ozhalovqi.33591.com

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4302 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھال ئاكا رەھمەت سىزگە   ھەممىمىز ئۈچۈن يازمىللىرىڭىزنى ئايىماي يەنە ئۆز قولىڭىز ئارقىلىق بىزگە توپلام قىلىپ يەتكۈزگىنىڭىزگە،،، مۇنبەرداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ يازمىللىرىڭىزدىن ھوزۇرلانغاچ تىلەكلەرگە جور بولۇپ جانابى ئاللاھتىن بۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىڭىزغا ئاسانچىلىق ئاسايىشلىق ھەم بەرىكەت تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا كۆز

بۇ ھاياتنىڭ باھارىدا
سۇلغان گۈلمەن قارا كۆز
سۆيگۈ سەھرالىرىدىن
سۈرگۈن قۇلمەن قارا كۆز

كۆزلىرىمدە ياش سۆزلەر
باغلىرىمدا تاش سۆزلەر
ئاچسام سۆيگۇ ئىشگىنى
ئۇندا قارا قاش سۆزلەر

قارا كۆزۇم قارا كۆز
سەندە بەختىم يىغلىدى
بارچە كەچمىش يالغان سۆز
بۇ باغرىمنى تىلغىدى

قارا كۆزۇم قارا كۆز
بەختىم قارا قارا كۆز
ئۆز بەختىنى قولىدا
ۋەيران قىلغان قارا كۆز

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزۈڭ يوق

بۈركۇت بۇلۇپ پەرۋاز قىلدىم سامادا
يەرگە باقسام بوستانىم يوق گۈلۈم يوق
كۆز قارچۇغۇم كۈتۈشلەردە قان بولدى
يارىم ماڭا سەنسىز باشقا ئۈلۈم يوق ،

قىرانىمغا يەتتىم تاغلار ئىگىلدى
تاڭنى سۆيگەن نەينىڭ ئۈنى بوغۇلدى
ئەجىر قىلغان چىچەكلىرىم تۈكۈلدى
سەندىن باشقا دۇنيا تەييار ئۇزۇڭ يوق

كوچىلاردا يالغۇز يۇردۇم يامغۇردا
دەردىم ئۈچۈن بەلكىم ئاسمان يىغلىدى
گۈلگە سۈنغان قوللىرىمدا تىكەنلەر
زىمستاندا سۇلماس گۈلۈم ئۈزۈڭ يوق

http://ozhalovqi.33591.com

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:57:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ مۇنبەردە  پەقەت قاپىيە قوغلىشىپ مەزمونى بىلەن كارى بولماي بولىشىغا شېئىر يازىدىغان بەزى شائىرلىرىمىز كۆرسە بوپتىكەن  بۇ شېئىرلارنى
بىر - بىرىدىن ئېسىل نادىر شېئىرلاركەن .. رەھمەت ئۆزھال ئەپەندىم ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكە بولسون!!

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:43:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر - بىرىدىن ئېسىل  شېئىرلاركەن .. رەھمەت ئۆزھال ئەپەندىم ، ئىجادىيەتلىڭىزگە ئاپىرىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nafisa11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 11:44 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاناجان
ئىماننىڭ نۇرىدا نۇرلانغان يۇزۇڭ ،
مۇھەببەت نۇرىدا نۇرلانغان كۆزۇڭ ،
باغرىڭدا ھەيۋەتلىك دەريا ئاقىدۇ ،
يىغلىساڭ سۇيىدە دۇنيا ئاقىدۇ .
يىشىڭدا تۈزلانغان ھاياتنى يۇدۇپ ،
ئىتىزغا ماڭىسەن ئاستىڭدا قوياش ،
بەستىڭگە ئاشىقتۇر ھالال تۇيغۇلار ،
قەلبڭدە ئىمانىڭ تىخىچە ياپ - ياش .
توقاچلار قىزارسا مەڭزىم كەبى توق .
سۆيىسەن ئوتنىمۇ كۆزلىرىڭدە ياش ،
رۇمالىڭ سىلىنىپ چۇشكەن كىچىدە ،
يولتۇزلار تىلەيدۇ سەن ئۈچۈن بەرداش .
جەيناماز ، ئىتىكاپ بەخىت كۇلبىسى ،
بىز ئۈچۈن دۇئاغا كۆتۇرگەندە قول ،
بىر سىقىم يىشڭىدا يۇيۇپ قەلبمنى ،
باغرىمنى بىزەيمەن قوللىرىمدا گۈل .
پاقلىنىڭ يەم تىلەپ يالار قولۇڭنى ،
موزايغا مىھرىبان قەلبى گۈل ئانام ،
ھىجرانغا باغلانغان قوللىرىم سۇنۇق ،
كۆكلەيدۇ سىغىنىش ئاتلىق بىر يارام .
ئىتىزدىن يانىسەن ئۇزىتار قوياش ،
ئاتام سىنى كۇتۇپ چالىدۇ دۇتتار ،
ئالەمگە سۆيگۇدىن ئۈنچىلەر چاچساڭ ،
ھويلىغا سالام دەپ كىرىدۇ باھار ،
تەلەپ قىلسام سەندىن تىمىم سۇ ،
دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاقىسەن ھەيۋەت ،
بىر تامچە يىشىمغا سۇرۇپ يۇزۇڭنى ،
ئىچىلدۇرىسەن باغرىڭدا جەننەت .
كىۋەزلەر ھۆپىپدە ئىچىلغان يەردە ،
مۇھەببەت كۆيىنى تىڭشايسەن جىمجىت ،
بالام دەپ كۈچۈڭگە ئۇلاپ كۈچۈڭنى
ھارغىنلىق كۆكسىگە قويسەن چېكىت ،
ساندۇقتا ماڭا دەپ قۇرۇتقان ئۈزۈم ،
ئايۋاندا مىنى دەپ ئۇيۇتقان قىتىق ،
ئويلىسام قەلبىمدە بۇلدۇقلايدۇ ياش ،
ئانسىز ياشاشقا ھارغىنلىق چىتىق ،
رومالىڭ ئۇچىنى مىجىيسەن ئاستا ،
ئانا دەپ يىنىڭدا يۇرسە باللار ،
سۇئاللار تاشلايسەن شۇ دەم تەڭرىگە ،
مىنىڭمۇ بالام بار ئىدى ھە خۇدا .
سىغىنىش ئۈزۈنغا سوزۇلدى ئانا ،
ھىجراننىڭ بىر ئۇچى قەلبمگە تۇتاش .
كەپ قالار بالام دەپ باغقا چىقىسەن ،
پۇتۇڭنى سۆيىدۇ ياپ يىشىل ئوتياش .
ئاناجان كۆتىسەن مىنى ھەر زامان ،
ئانسىز ھەممىدىن زىرىكەر بالاڭ ،
يىشىدۇ سىغىنىش چەگكەن كۇڭلۇڭنى ،
تويۇمغا ئاتاپ بوردىغان كالاڭ ،


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇدالىق زارى

مەن سىنى ئۇچراتتىم يەنە شۇ يولدا ،
دىدارىڭ ئالدىدا تىزلاندى روھىم .
بىراق سەن پەرۋاسىز كەتتىڭ يىراقلاپ ،
مىڭ ئازاپ ئىچىرە مىڭ كۆيدى بۇ جىنىم .

نەۋقىران ياشلىقنىڭ خىرىدارى بوپ -
كىرگەنتىڭ بىر زامان كۆڭلۇم ئۆيىگە .
تونۇتقاچ ئۇزۇمگە ئادەملىگىمنى ،
ياشلىغىم سەن ئۇچۇن قىلغان تەنتەنە .

ئۇتۇپتۇ سەن بىلەن سەككىز باھارىم
بىلمىدىم نە ئۇچۇن ئايرىلدىم بىراق .
سىنڭدىن ئايرىلغان قارا كۇنلىرىم .
دەستىدىن سورايدۇ ۋىجدانىم سوراق .

سەن ئىدىڭ روھىمدا چاقنىغان يۇلتۇز .
مەن ئىدىم ھاياتتا ساڭا تەسەللى .
كىم ئۇچۇن نىمە دەپ ئايرىلدۇق جىنىم ،
كىملەردىن ئىزدىدۇق سۇيگۇ خىلىنى .

ئويلسام پىشانەم شور ئىكەن ئەسلى .
بىز ئاشىق ئىكەنمىز ئاللا قوشمىغان .
ياكى بىز ئەقلسىز سۇيگۇ قەدىرىنى .
چۇشەنمەس ، بەختىنى مەھكەم تۇتمىغان .

ئىنتىلىپ نامسىز بىر قىزغا تۇندە .
ئوت مىسال يانغاندا كەلدىڭ تۇيۇقسىز .
ئۇنتۇلۇپ كىتىمەن دىسەممۇ لىكىن
قالدۇردۇڭ يۇرەكتە ئەبەدىيلىك ئىز .

سەن بىلەن ئوينىغان باغچىغا باردىم .
ئىزىڭنى . ھىدىڭنى چىھرىڭنى ئىزدەپ .
بامبۇكلار ياشىرىپ تۇرسىمۇ لىكىن .
يۇرىگىم بىئامال قالدى ئىسەدەپ .

بىز ماڭغان تار كوچا كىتىپتۇ قىرىپ .
ئىگىسىز سۇنۇپتۇ يالغۇز ئورۇندۇق .
يامغۇرلار تامچىلاپ تۇرغان پەلەمپەي .
تۇرار ئۇ قەلبىمدەك سۇغۇق ھەم قۇرۇق .

سەن بولغاچ چىرايلىق ئىدى باھارمۇ .
تومۇزدەك تەپ بىرەر ئىدىغۇ قارمۇ .
سەن يوقسەن قىشىمدا كۆلكەممۇ ماتەم
بىلمىدىم بۇ جاھان ئاشىققا تارمۇ ؟

رىستۇران . كۇلكىلەر سەن بىلەن ئاۋات ،
كۆڭلۇممۇ سەن بىلەن ئاۋۇنار ئىدى.
ھاياتتىن بەزگەنچە خۇشاللىق ئىزدەپ ،
يۇرۇشلەر شۇ پەيتتە دىلغا زار ئىدى .

سەن تامان باراتتىم سىغىنىش بىلەن،
ئاپتاپتەك نۇرلىنىپ چىقاتتىڭ ئاستا .
ھىدىڭنى قانماستىن پۇراپ تاڭغىچە ،
يەنە يول ئالاتتىم ھىجرانلىرىمغا .

ئىسىمدە يوق بەلكىم ئۇزۇمنىڭ يىشى،
بىلىمەن شۇ چاغدا سەن ئون توققۇز ياش .
يەتمىشكە كىرسەڭمۇ مەن ئۇچۇن يەنە ،
سۇيگىمىز بىر دەرەخ مەڭگۇ قىرىماس.

ئۆزگىگە ئەل بۇلۇپ ياشىماقتىسەن ،
مەنمۇ يات ۋەتەننىڭ سۇلتانى بۇلۇپ .
ھاياتنى قاماللاپ ئارمانلار بىلەن ،
ياشايمىز سۇيگۇدە سۆيگۇسىز بۇلۇپ .

ياخشى قال ئەۋەلقى سۆيگەن نىگارىم،
مەن ئۇچۇن تىلىمە بەخىت يا ئۆمۇر.
مەردانە ياشايمەن لىكىن ئارماندا ،
كۆيىدۇ بۇ يۇرەك بەلكىم بىر ئۆمۇر .

http://ozhalovqi.33591.com

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17576
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 07:21:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇف!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش