مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 07:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 03:25 PM
چولپان ياخشىمۇ سىز ؟ پىكىرىڭىزنى كۆردۇم . بىراق ھەممىن ...


ئۆزھال ئاكا، ياخشىمۇ سىز، بۇنداق يوللىسىڭىزمۇ  بولىدىكەن بولمىسا......كۆچۈرۈپ ساقلىۋىلىشقىمۇ ئەپلىككەن  ......ئەسەرلىرىڭىز ،شئىرىيەت ۋە ھاياتلىق توغرىسىدا سىزدىن تەلىم ئالغاچ، قۇسۇر تاپالىغان جايلاردىن قۇسۇر چىقارغاچ بىر پىكىر ئالماشتۇرغۇم بار ئىدى..............خەت يازسام ،كۆرۈشكە ۋە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ خالامسىزكىن بىلمىدىم............... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 07:25 PM  


يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا ماللار بازىرى

كونا تىلۋۇزۇر . يىپ يىڭى ئادەم
كونا توڭلاتقۇ- يىڭى يىڭى غەم
دوقمۇشتا تاۋۇزۇ تىىلىپ ساتىدۇ
غەملەر ئالدىغا سالغان بىر ئادەم

بىر چەتتە دەستىلەپ پوشكال سالىدۇ
ئاق لىچەك ئارتىقان ئۇيغۇر ئانىسى
ئوچاقنى كوچىلاپ توزىتار كۇلنى
ئەمدى تۆت ياشقا كىرگەن بالىسى

قولاقنى يارغىدەك ياڭرايدۇ ناخشا
بىر بوۋاي ئۆتمەكتە چوڭ يولنى كىسىپ
ئۇچ چاقىلىق ۋىلسىپىت مىنگەن
بىر يىگىت كەلمەكتە لىق غەمنى بىسىپ

كونا ماللار . يىپ يىڭى تۇيغۇ
ھاياتقا بىر مەنا ئىلىپ كىلىدۇ
تەرلىشىپ ئاپتاپتا قىلىدۇ سودا
ئالقانغان تۇكۇرسە ئامەت كۇلىدۇ

سالاچى شەيتاندەك يۇرەر ئارىلاپ
بايۋەتچە بىر چەتتە تۇرىدۇ قاراپ
موخوركا ئسىغا تولغان كوچىدىن
بىر ئانا ئۆتمەكتە بالسىنى تىللاپ

ئاچچىق تەر بۇخسۇغان . ئۆسكەن ساقاللار
چارچىغان كۆزلەردە ئۆمىتنىڭ نۇرى
يا پايدا يا زىيان قىلار تەۋەككۇل
نەپەسنى قىسىدۇ كۇيۇك ماي ھىدى

تىنجىقتا ئادەملەر يۇرىشەر توپ- توپ
ئىتترىپ بىراۋنى قىستىلىپ قىستاپ
دۇكاننىڭ ئالدىدا بىر ياشلىق ئۇيغۇر
ئىمىدۇ ئانسىنىڭ كۇكسنى قاماللاپ

توۋلايدۇ ئاۋازلىق بىر ئۇندە بوۋاي
ئىلىشە خالايىق پاچاق ساتىمەن
مەڭزى مايلشىپ تۇرغان بىر بالا
توۋلايدۇ ئال مانا ئاياق ساتىمەن

تەر ھىدى . ماي ھىدى . ئاپتاپنىڭ تەرى
قىزغىنلىق ئىچىگە چۇمىدۇ بەرى
ئايلىنىپ كوچىدا كىتەلمەيسەن ھىچ
چۇنكى ئۇ ساڭا خاس ئۇيغۇرنىڭ تەرى



http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75588
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 09:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ياخشى يېزىپسىز .............................................................................................مانا بۇ  تالانت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر

ئەزان ئۈنى ياڭرىغاندا ساباغا ،
ئۈلگۇرەلمەي قالدى قولۇم دۇئاغا ،
سۈكۈت بىلەن گۇناھىمغا تۆۋە دەپ ،
كۆزلىرىمدىن ئىقىپ چۈشتى ئىلتىجا ،
قەشقەر
دوپپىچى قىزنىڭ رىۋايتىسەن ،
نوزۇگۇمنىڭ جۇدالىغىسەن ،
مىڭ ئەسىرلەپ يىغىلغان دەرىتنىڭ ،
ئىغىز ئالغان جاراھىتىسەن ،
قەشقەر
ئەسلى ئازاپنىڭ ئەزىز ۋەتىنى ،
تارىخ ھەر كۇن كۇيگە ئايلانغان ،
باتۇرلارنىڭ شىردەك يۇرىگى ،
بازغان تۇتۇش بىلەن تاۋلانغان ،
راۋاپ چالسا كىچىدە تاشۋاي ،
دوپپا تىكەر ئۆگزىدە جۇۋان .

سەندە باھار جىگىدە پۇرايدۇ ،
تومۇرلارنى ئىشىق ئورايدۇ .
ئاشىقلارنىڭ رىۋايەتلىرى ،
كۇنگە قاراپ چىچىنى تارايدۇ .

نەچچە باردىم كۆرۈپ باقمىدىم .
ھىيتكاھتىكى ھەلەك جودانى .
ئانار ساتقان روپاش جۇۋاننىڭ .
ئاشىغى كىم مىيىپ دۇتتارچى .

كاكىل لايلارغا چاپلانغان تامدىن ،
توپىغا ئايلىنىپ توزۇدۇم بىردىن ،
چىرايىمدۇر زەپىران سامان ،
بۇ دەرىتلىرىم دەرىت ئەمەس يالغان ،
پىغان ئاچچىق تاماكا بولسا .
بىر بەڭگىمەن چىكىپ قانمىغان .
قەشقەر

سەن چىرايلىق قىرىغان جۇۋان .
ئوسمىلىرىڭ قەلبىمدە غەليان .
مىڭ گۈزەلدىن كەچكەن قاقباشمەن ،
لىكىن ساڭا باغرىم قانمىغان .

تۇپرىڭىغدا ياشلايدۇ شاشلىق ،
نەپەسلىرىم كۆكسۇمدە بوران ،
سىپىل ئىزىدا قىتىق ساتقانچە ،
قىز پىتىلا كەتكەن سارىخان ،

ئوسما قويغان قىزىلىرىڭدىن ئۆرگىلەي ،
مىڭ ئەسىرلەپ قىزلىغىڭغا جان بىرەي ،
چاچ ئاقارسا يۇرەك كەبى ياش تۇرغان ،
گۈل بىغىڭدا سىنىڭ ئۈچۈن گۈل تىرەي ،

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتياش بازىرىدىكى ئايال

تەپچىرەپ ئۆزىدىن ئۆزىگە ئاقار ،
تۈرۈلگەن قوشۇما مىھىرىدۇر قاتار ،
ھاياتلىق بىغىدا بەخىت جار سالار ،   
سىنتنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرار ئايال.
ئۈيىدە ھەر كۈنى كۆكلەيدۇ باھار .

قاتار كەتكەن بازاردا يالغۇز
سومكا كۆتۈرۈپ يۇرەر بىر ئايال .

ئىرى بار ئاياللار نەقەدەر گۈزەل .
بالام دەپ كۆيگۇچى ئايال پەرىشتە .
گۈل بۇلۇپ ئىچىلار بىر دوكتۇر ئايال .
ئوتياش بازىرى رەڭدار ئالەمدە .
ئىشتىن چۇشتى بىر ئايال  
ھارغىنلىق چىھرىنى قىلسىمۇ قامال .
ئىرىم ، بالام دىگەن نىيەتتە  
قازىنىغا تامچە تۇز سالسا،
ئۈچۈپ كىتىۋاتقان بەخىت قۇشلىرى
كىرەر ئىمىش ئۇنىڭ ئۈيىگە
پىشايۋاندا قالغاچتەك ئۈۋلاپ
كەتمەس ئىمىش ھىچقانداق يەرگە .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىچىدە ئەينەككە قاراش

قىلىچ رەڭلىك ئارمانلار مىنى.
غىدىقلايدۇ قاراڭغۇ ئۆيدە  ،
مالتىلايمەن قەلبىمنى بىردىن .
سۇغۇق تامغا يۇلەنگىنىمچە  .

ئۇزاق تۇننىڭ قاغىش باغرىدا .
يەم بۇلىمەن ئەسلىمىلەرگە  .
مەن ئەينەككە قارىمىساممۇ .
ئەينەك مارار تۇرار كىچىچە  .

ۋۇجۇدۇمنى تالدۇرغان ئازاپ،
ئىگسىنى يۇتتۇرگەن كۆچۇك  .
يالاپ چىقار قانسىز يۇرەكنى .
بىرتۇيغۇبارشىرىن ھەم چۇچۇك.

سۇغۇق تامغا يۆلەنگىنىم راس  .
ئەينەك مىنى كۇرگىنى يالغان.
يالىڭاچ تەندە تۇيغۇ يالىڭاچ  .
ئۆز تىندىن تانماقتا بۇ جان.

بىلەي تاشتەك ئۇپىرار ئۆمۇر  .
سۇزۇلگەنچە ئۆرلەيدۇ پىغان.
ئۇزۇم ئۇچۇن ياشىغىنىم راس .
ئايرىلىشتىن ئۆلگىنىم يالغان  .

قىلىچ رەڭلىك يالتىراپ تۇرغان.
بەدەن مىنىڭ ۋە ياكى ئەمەس  .
بارا بارا مۇزلىغان يۇرەك  .
بولار چۇل چۇل ئالسام ھەرنەپەس .

ئەسكى پايپاق. يۇيۇقسىز چىنە  .
سۇنۇق دۇتتار، ئىيتىلماس سۆزۇم .
بۇ دۇنيادىن زارلاپ تۇرۇپمۇ  .
قانغىدەك بىر يىغلاپ باقمىدىم .

ھىس قىلىمەن مەۋجۇتلىغىمنى .
سۇپۇرگىنىڭ سۇنۇقلىرىدىن  .
خۇشاللىقتا كۇلەلمىگەنچە .
باشقا كىلەر كۇتكەن قارا كۇن .

تۇغۇلمىغان بالامغا ئاتاپ  .
خىيالىمدا داچا سالىمەن .
ساختا تۇيغۇ مەن بىلەن كەتسۇن .
دەپ ئۇنىڭغا توۋلاپ سالىمەن  .

مەن ئاشۇنداق مىسكىن بالا مەن  .
سەن تەشۋىشنى بىلمەس بالاسەن .
مەن قوشتىكى ھارغىن كالىمەن  .
سەن غەم نىمە بىلمەس بالا سەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 04:00 PM  


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن قۇش

ئەركىن قۇشمەن دەيمەن ئۆزۇمنى
تاتلايمەن قەپىزىم، قونداقلىرىمنى
تىرنىغىمدىن تامغان قان ئەمەس
سىغىنىش، ھاياتنىڭ قوۋناقلىغىنى

سەھەردە كۇرىمەن ئەركىن گۇللەرنى
پەنجىرە ھاياتنىڭ كەڭرى ئاسمىنى
يۇلقۇنۇپ توختايمەن كىتىپ مادارىم
جەھلىمدىن تارايدۇ ئەركىنلىك ئۇنى

بىلمەيمەن نە ئۇچۇن چۇشتۇم قەپەزگە
نە ئۇچۇن سايراشقا مەجبۇرمەن ھەيھات
نالەمگە ئەگىشىپ كۇنلەر ئالمىشار
ئۆتىمەكتە ئارمانغا قەرىزدار ھايات

ئۇچۇشنى ئويلايمەن قەپىزىمدە مەن
قانتىم سۇنماقتا ئارمانلىرىمدەك
پەيلەردىن توزىغان ھارغىنلىق گۆلى
ياندۇ دىلدىكى گۇلخانلىرىمدەك

ئۇسېسام ئىچىمەن ھەسرەتلىرىمنى
ھەر چۇشتە مەنسۇپتۇر قىقىش پەر قانات
قوياشقا قاراشمۇ بىر تۇرلۇك بەخىت
كۇلىمەن مەن ئۇچۇن يىغلايدۇ ھايات


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقام

(ناخشا تېكىستى)

مۇقەددىمە

بارچە كۆي تەختىدە شاھ سۇلتاندۇر مۇقام ،
ئىچى تىشى گۈل پايانسىز بوستاندۇر مۇقام .
قەلبىلەرگە سىغماس يانغىن گۈلخاندۇر مۇقام ،
مەڭگۇ ئوقۇپ قانمايدىغان داستاندۇر مۇقام .

ئەر بۇلۇپ تالاي كۈيلەر تىڭشىدىم .
مۇقامنى سىغىنىپ تۈكۈلدى يىشىم ،
مۇقام دەپ ئاشىغلىق تونىنى كىيىپ ،
سەپەرگە ئاتلاندىم يىشىلدى سىرىم .

جۇلادىن لەرزىگە كەلدى ۋۇجۇدۇم .
سەلىقە قوينىدا قاينىدى قىنىم .
پەنجىگاھ قەدىمى باغرىمنى ئەزدى .
باياتتا شادلىنىپ ياشنىدى جىنىم .

سەن ئۇزاق تارىخىنىڭ بىزگە مىراسى .
كۆڭۈلگە زوق بىرەر نەغمە ناۋاسى .
مەڭگۇگە ياڭراتقاي مۇقامىم سىنى .
مۇقامنىڭ كەلگۇسى ئىز باسارلىرى .

نەقىرات :

ئازاپلىق كۇڭلۇمگە مەلھەمسەن مۇقام .
جىسمى گۈل تۇپراغىم ۋەتەنسەن مۇقام .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە

ناخشا تېكىستى

پەرۋاز قىلسام كەڭرى ئاسمانىم .
يازسام مەڭگۇ پۇتمەس داستانىم ،
چىچەك ئاچتى سەندە ئارمانىم .
گۈزەل جەننىتىم مىنىڭ ئائىلەم ،

تاغلارغا تەڭ يۆلىگىم ئاتام ،
ئەجرى ئالتۇن مىھرىبان ئانام ،
ياشنىدى جان ئىللىق قوينۇڭدا ،
باغرى كەڭرى يايلاق ئائىلەم ،

ئاتامغا بايلىق تەننىڭ ساقلىغى ،
ئانامغا زىننەت كۆڭۈل ئاقلىغى ،
ياراملىق بول دەپ قاتارغا قاتقان .
تۈنجى مەكتىۋىم ئانام ئائىلەم ،

نەقىرات :

يازسام پۇتمەس داستان ئائىلەم
باغرى گۈزەل بوستان ئائىلەم


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساما

بۇ ناخشا مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى ئىمىن نىياز ھۈسەيىن تەرىپىدىن 2010- يىللىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز كېچلىگىدە ئوقۇلغان .


تومۇردا ئاققان قىنىمسەن ساما
يۇرەك باغرىمىنى ياشناتقان ساما
نەغمە ناۋانى يەتكۈزۈپ كۆككە
   ئەلنى دۇنياغا تونۇتقان ساما         

ساما دوسلۇقنىڭ پۇتمەس داستانى
ئۆم ئىناغلىقنىڭ كەڭرى ئاسمانى
سامادا سۆيگۇ كۈلەر چىچەكلەپ
ساما ھەر جاننىڭ ئارزۇ ئارمانى

تويدا مەشرەپتە ئايەمدە ساما
نورۇزدا يازدا باھاردا ساما
ئىلى تارىمدا بۈغدا تىغىدا
مول ھۇسۇل شاتلىق بىغىدا ساما


كەلدى نورۇز كۈلدى جانلار ھايات باشقىچە
ئۈسۈل ئويناپ ساما سالدى قىرى ياشقىچە
دوسلار ئۈچۈن چاي راسلىدۇق نورۇزدا بۇگۇن
توي ئوينايمىز چىھىرىمىزدە پارلايدۇ كۈلكە

نەقىرات

مەرھابا ئىش ئەمگەكنىڭ قاينىمى نورۇز
قوينى ئاۋات ساپ ھاۋالىق يۇرتۇمدا نورۇز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 07:08 PM  


http://ozhalovqi.33591.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش