مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 03:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپان ياخشىمۇ سىز ؟ پىكىرىڭىزنى كۆردۇم . بىراق ھەممىنى ئايرىم - ئايرىم يوللىسام يازغانلىرىمنىڭ جىقلىغىدا مىسرانىم ئۆزھال تور بىتىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن دەپ شۇڭا ھەممە ئەسەرلىرىمنى توپلام قىلىپلا يوللاي دىدىم . بۇنداق قىلسام ئىزدىگەنلەر ۋە زوقلانغانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق بۇلىدىكەن .      

http://ozhalovqi.33591.com

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 757
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇڭقۇر مەنە ۋە ئۆتكۈر پىكىرگە ئىگە بولغان ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەپ بەرگەن ياخشى شېئىركەن رەھمەت

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24437
تۆھپە نۇمۇرى: 2766
توردا: 4001 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 09:36:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھالنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئىجادىيەتلىرىگە زور مۇۋەپپەقىياتلەر يار بولغاي!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:00:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچى

قاراقتا ئارمانغا ئايلىنار بەخىت
مۇزلىغان رۇجەكلەر ئىرىيدۇ تىمتاس
زەڭگەررەڭ ھاۋادا دىمىققان كۆڭۇل-
دەشتىدە مۇھەببەت تۇرماقتا ياپياش

ھاياتتا سۇئال كۆپ جاۋابىمۇ ھەم
خىياللار تەكتىدە لەيلەيدۇ ئارمان
قاتىل قىز كۆكسىگە قادالغان كۆزدە
روي بىرەر ئاخىرقى غالجىر ھاياجان

كوچىلار لىق تولغان تىلەمچىلەرگە
مەن بىرىپ قوشۇلدۇم ئۇلار توپىغا
ئىتىكاپ ئاخىرقى مەنزىلىم تامام
بەختىمنى تىلىدىم قولۇم دۇئادا

ياڭرايدۇ كوچىدا پاھىشە كۆيى
سۆيگۇگە تەلمۇرۇپ ياشايدۇ ئۇلار
سۆيگۇنىڭ دەشتىنى كىزەر ئۆلگىچە
ھەممىز نەپرەتتە سۇيگەن ئاياللار

بەختىمگە كۇشەندە بىر دەملىك سۇكۇت
بىر دەقىق ئايلاندىم بىر تامچە ياشقا
يۇرەكلەر قوڭغۇراق كەبى جىرىڭلاپ
نالىلەر چەككەندە جىم تۇرۇپ ئاڭلا

مەيلى شاھ يا گاداي ياكى بىر ئاشىق
مەن ئۇچۇن ئوخشاشلا تىلەمچى گويا
مەيلى شىر مەيلى قۇۋ ھىلگەر تۈلكە
ئوخشاشلا تىلەشنى قىلماقتا ئادا

ئۆمۇر تىلەپ ياشايمىز بەزەن
ۋە لىكىن دەپسەندە قىلىمىز ئۇنى
قىنى ئۇ مىڭ قىتىم دۇئا قلىغىنىم
بىلمىدۇق ھاياتنى قانداق سۇيۇشنى

سەن بەخىت تاپالماي ساراڭ بولغاندا
چۇشەكەپ بەختتىن بۇلىمەن بىزار
كۇتەتتىم جاڭگالدا يالغۇز قىلىشنى
مەن يىتىپ كۆرگىنىم كۆپكۇك ئالمىزار


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .

كۆز كەلدى غىرىپلىق چالدى قوڭغىراق .
تىرەكلەر ئويالماي تاشلىدى قاسراق ،
يالىڭاچ قوياشنىڭ تەپتىدە زۇلمەت ،
ئارمانلىق ئۆمرۈمگە قۇرماقتا توزاق .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ھىچكىمگە دەردىمنى ئىيتمىدىم ئامما .
قەلبىمدە ھەسرەتلىك دەريا ئاقىدۇ ،
قار سۈيۈپ ئوينىغان باللىقىمنى .
رىئاللىق قان يۇتۇپ ئىلىپ قاچىدۇ .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
دۇتتارنىڭ باغرىدا مىڭ تاغار ھەسرەت .
لاي تامغا باغرىنى ياقىقىنى ياققان .
جاراھەت ئىغىزىدۇر ھەر بىر نەپىسىم .
ئاسىيمەن ھاياتقا ئۆزىدىن قاچقان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ئارمانلار مۇز كەبى توڭلىدى جىمجىت .
قارچۇقتا مۇز كەبى قاتماقتا ئاسمان .
تىتىرگەن قەدەملەر ھايات تاۋۇشۇم .
ئىللىماس بۇ قەلبىم ياقسىمۇ گۈلخان
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ئەڭ ئۇلۇغ بەختنىڭ چۇشى بەك ئېغىر .
رىئاللىق شىشىدەك تۇرار يالتىراپ .
ھاياتنىڭ پەيزىگە قانماس ياشلىغىم .
شىخدىن سىيرىلىپ چۇشىدۇ قاناپ .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
مەن ھىچكىم ئۈزۈمگە ناتونۇش بىر تەن .
غايىلەر ئاسمىنىم بىر ئۆمۇر گۆمران .
قۇلۇمدا تىتىرىگەن قەدەھ ئىچىدە .
بىر يۇرەك تىتىرەيدۇ . تىرەيدۇ بىر جان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
غەمسىزلىك ئەڭ ئۇلۇغ ساداقەتتۇر ئۇ .
ئۇيقۇدا ياتقىنى مەن ئەمەس تىنىم .
مۇدىھىش بىر بەختنىڭ قويىنىدا يىتىپ .
ئۇزۇمگە لەنەت دەپ مىڭنى تۈكۈردۇم .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ھاياتىم يىزىلىپ پۇتمىگەن داستان ،
يۇلتۇزلار چىھرىدە لەيلەيدۇ ئورمان .
ئۆمىتلەر بەرىبىر غەلىتە بىر چۈش .
ھەسەتلىك كۆزلەردە نۇر بوپ چاقنىغان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنھالىق جىنىمغا قادالغان پىچاق

يۇلتۇزلار تۇكۇلدى يالغۇز باغرىمغا
ئوتقا ئايلاندى شۇ دەم كائىنات
كۆيدۇرۇپ ﻫەممىنى كۈل قىلار بۇگۇن
تەنﻬالىققا تۇتۇلغان ﻫايات

قاتىللىق قىلماقچى بۇلىمەن بەزەن
ئويلايمەن ئۆلتۇرۇشكە ئەرزىيدۇ كىملەر ؟
ئىگىز پاشنىلىق ئاياق تىۋىشى
قىتىپ قالار ئىشكىم تۇۋىدە

يوتقىنىمدىن سىلكنىپ چىقىپ
باسقۇنچى ئاتالسام نىمە دەر جاﻫان ؟
گۇزەللىك قىزلاردەك يالىڭاچلانسا
تىنىمگە سىغارمۇ گۇناﻫكار بۇ جان

بارماقلار ئارىسىدا كۆكلەيدۇ باﻫار
قان ئىچىش ئۆمىدىم بارماقتا ئىشىپ
يالىڭاچ يوتىغا تاشلانغاندا كۆز
چىقىمەن ﻫاياتنىڭ ئشىكنى چېقىپ

تەنﻬالىق جنىمغا قادالغان پىچاق
ۋالىلداپ نۇرلىرى ئۆرتەيدۇ مىنى
بەختلىك بۇلۇڭلار يالغۇز ئاياللار
جۇدالىق ئوتىدا كۇيدۇرۇپ مىنى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزۈك خىياللار

تۈگىدى باﻫارنىڭ خوشاللىقلىرى
كۈلكىلەر چېﻬرىمدە قاتماقتا شۇ تاپ
تامچىلاپ ئۈستۈمدىن تۆكىلىدۇ تەر
قىزلارنى يالىڭاچ سۆيمەكتە ئاپتاپ


گۈللەرمۇ سالپىيىپ قالدى باغلاردا
بىلمەيمەن نە ئۈچۈن دىللار بىناۋا
بەختىنى تالاغا تاشلاپ كىرگەندەك
ياتاقتا يۈرەكنى سىقىدۇ ﻫاۋا

شىشىلەر سايىسىدا كۆرۈنگەن بىر قىز
قارايدۇ قانماي ئۆز گۈزەللىكىگە
بەزگەندەك دۇنيادا ﻫەممە ئۆزىدىن
يىغلايدۇ شۇ ﻫامان قانسا ئۆزىگە

مەن قانماي دۇنيادىن كېتىمەن چوقۇم
قىزلارغا، گۈللەرگە، ئەتىر ﻫىدىغا
بىراقلا قوشۇلۇپ كېتىمەن بەلكىم
يولىدىن ئاداشقان ئادەم توپىغا


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 04:22 PM  


http://ozhalovqi.33591.com

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە !  ئۆز ئاۋازىم بىلەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن دەپسىز ؟ دىمەك سىز ناخشىمۇ ئېيتامسىز ؟  

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

nadan,ga kilin,gan akida ixakk

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4918
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2713
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 4002 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:10:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىلىرىڭىزدىن قانغۇدەك ھوزورلاندىم، قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن!

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12158
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شېئىرلار ئىكەن ، ھارماڭ قېرىندىشىم !!!


ئىلىم باشقا،تالانت باشقا . غورۇر ۋىجدان يەنە باشقا .
بۇلۇر ساھىبقىرانلىق ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش