koznak يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:18 PM
مەن ھەر بىر سۆزلىرىمنى ئويلىنىپ تۇرۇپ ئاندىن يازىمەن . ...
يەنە بىر قىتىم ئىيتاي، مىنىڭ باشتىكى سۇئاللىرىمدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماي جاۋاپ بىرىۋىتىڭ، ئۇ سۇئاللارنى قايتا سوراپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟
سىزگە ھىچقاچان ئۆچمەنلىكىم يوق،مەن ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيمەن، چۈنكى سىزمۇ بىر ئىلىم ئىگىسى. ھەمزە ئويچانلار بىلەنمۇ ھىچقانداق تونۇشلىقىم ياكى مۇناسىۋىتىم يوق، ھەزە بىلەن ئوتتۇراڭلاردا بولغان ئىشنى، سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىلدىم.
ئويچان ئۇ ھەمزىگە ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇپ كەتكەنلىكتىن تاكى بۇ كۈنگىچە ماڭا ئاداۋەت تۇتىدۇ . چۈنكى ئۇ ھەمزىنىڭ مۇرتى !ئۇ نېمە دېسە ھېچ ئويلانماستىنلا قەدەم باسىدىغانلاردىن . ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتە يۈزىنى ، كۈچىنى ، جېنىنى ئايىمايدىغانلاردىن . بەلكىم بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار بولىشىڭىز مۇمكىن .
ماۋۇ گەپ سىزدەك ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ قىلىدىغان گىپىمۇ؟،«چوقۇنۇش» «مۇرت» دىگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويمىساممۇ، سىزمۇ بىلىسىزغۇ دەيمەن، ئۇ گەپلەرن خالىغانچە بىراۋغا چاپلىماڭ، ئۆزىڭىزنى ئالىم سانايسىز، ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق ئەخلاق بولسۇن، ئاداۋەت تۇتۇشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بىلىسىزغۇ دەيمەن، لىكىن سىز ئۇلارغا بولغان ئاداۋىتىڭىزنى قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇررمايسىز، ھەم سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەيسىز ، مۇشۇمۇ ئۆزىنى ئالىم سانايدىغان بىرىنىڭ ئەخلاقىمۇ؟
ئەمەلىيەتتە دىنىي ئاتالغۇلاردا ھەر ۋاقىت تەرجىمان بولۇپ كەلگەن . ئىلگىرى ئاللاھ تەۋرات ، زەبۇر ، ئىنجىللارنى كۈچلۈك پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نازىل قىلدى ۋە ئۇنى زامانمۇ - زامان توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بەرگۈچى ، شەرھىيلەپ بەرگۈچى تەرجىمان كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى . ئەنە شۇلار ئۆز نۆۋىتىدە تەرجىمان ئىدى . شۇنىڭدەك ، ھەر ۋاقىت ، ھەر ساھەلەردىكى ھەر بىر تۆۋەنلىكتىكى كىشىلەر شۇ ساھەلەردىكى شەيئىلەر ۋە سۆزلەرنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈچى ، شەيئىلەرنى توغرا ئاتاپ بىرىدىغان تەرجىمانلارغا مۇھتاج .
ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز...! قارىغاندا ئالاھىدە بىر شەخىس ئوخشىمامسىز، ۋەھى تارقىتىۋاتىمەن، ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ماڭا تەرجىمان كىرەك دىمەكچىمۇ؟
مەن ئۆزەمنى ھېچقاچان موللا ھېسابلىمىدىم ۋە ئاتىمىدىم . مەن پەقەت شۇ خىل پىتنىلەرگە قارىتا توغرا جاۋابنى يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈنلا تورغا كىرىمەن . بۇ خىل ئىلىم ئاياغلاشقاندا ھەم توردىن چىقىپ كېتىمەن . سىلەرگە دائىملىق ھاماللىق ئەمەسمەن .
ئۆتۈپ كەتكەن يالغانچى ئادەم ئىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا «ئالىم» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىڭىز ئىسىڭىزدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟ ياكى مىنى بىلمەيدۇ دەپ ئىغىزىڭىزغا كەلگەننى دەۋاتامسىز؟
توردا شۇنىڭدەك كۈچلەرنى ئىزدەۋاتقىنىمدا سىلەرنىڭ داھىيىڭلار ھەمزە تور دۇنياسىدا ئەڭ چوڭ كاتتىباش ئىكەن ، ئۇ ھېچ بىر دەلىللىمەستىن ماڭا نۇرغۇنلىغان تۆھمەتلەرنى قىلدى . چۈنكى ئۇ دىندا ئالىملارنىڭ چاپىنىنى كەيسەك ۋە باشقىلارغا ( مودىللارغا ) كەيدۈرسەكلا ئىش پۈتىدۇ ، ساۋاب دىگەننى ھەسسىلەپ ئالىمىز دەپ ئويلىغان ۋە شۇنى تىلىگەن ئىكەن . ئۆزىنى ھەق ئۈستىدىكى زات دەپ تۇنىغان ، ئەمما ھېچ مىللەتكە قارىتا چوڭ پىتنىلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ھاللاردا قىلمىشىدا ئىزچىل تىلەشتە بولۇپ ، ئەرەبلەرنىڭ چاپىنىنى كىيدۈرۈش بىلەن تازا خۇشال بولىۋاتقاندا ، قىلمىشىغا ھېچ ئوخشىمايدىغان ، تۈپتىن قارشى بىر مەنادا سۆزلەيدىغان مەن كۆزنەككە ئۇچىراپ قېلىش بىلەن ئارزۇسىدا بىر پەشۋا بىلەنلا يوقىتىۋېتىشنى جەزىم قىلدى ۋە ماڭا تالاي بەتناملارنى چاپلاپ تارقاتتى ، ھۆكۈملەپ بەردى . ئۇنىڭ نېمە دېسە شۇنى ئۇرۇنلىغۇچى مۇرتلىرى بولسا قەيەردە بولسام شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ساۋابىنى يوقاتماققا ، ئۆزىنى ئوتقا تاشلىماققا تەييار تۇرۇشتى . دىندا ھېچقاچان زورلاش يوق . سەنمۇ ئۆزەڭگە قىلىسەن ، مەنمۇ ئۆزەمگە قىلىمەن .
ئۆزىڭىزنىڭ دىگىنىدەك «ئالىم»لىق تونىنى كىيىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئىنكاس يازغانغىلا ھەممىسى توغرا بوپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدا ئۆزى داۋا قىلغان سۈپەتكە چۇشلۇق ئەخلاق بىلىم بولۇشى كىرەك، يالغانلىق، پىتنىخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق ئادەمنى ھالاكەتكە باشلايدۇ، ئاخىرىدا دىگىنىڭىزدەك سىزمۇ ئۆزىڭىزگە قىلىسىز، مەنمۇ ئۆۈمگە قىلىمەن،
سىزدىن سورايدىغان يەنە سۇئاللىرىم بار.
سىزنىڭ تۇتقان يولىڭىز زادى قانداق يول، ھازىر سىز ياراتماي مەسخىرە قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقان يولى بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
بىز قايسى يولدا ماڭساق توغرا يولدا ماڭغان بولىمىز؟
نىمىگە ئاساسلىنىپ ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى خاتا دەيسىز؟