مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12365|ئىنكاس: 172

تەنقىد: ‹‹ تور موللىلىرى››غا ئىككى كەلىمە سۆز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18823
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7750 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    تەنقىد: ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماڭ!


(جىما توغرىسىدىكى ماقالە ھەققىدە ئويلىنىش)

     ئىلاۋە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان دىنىي تېمىدىكى ماقالىلەردىكى تورداشلارنىڭ بىر تەرەپتىن‹‹ قۇرئان كەرىم››دىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تىلغا ئالسا يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىزىدىن بىر - بىرىگە ياغدۇرۇۋاتقان ھاقارەتلىك جۈملىلەر يېزىلغان ئىنكاسىلىرىنى ، باھالىرىنى كۆرگەندە تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپ قالاتتىم . قەيەردىندۇر ئاڭلىۋالغان گەپلەرنى ‹‹ ھەدىس›› سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆز-ئارا ئىختىلاپ پەيدا قىلىۋاتقىنىغا، بىر - بىرىنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولسىمۇ، دىنىي بىلىمىمنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى تۈپەيلى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا ئاجىز ئىدىم. چۈنكى دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دىنى، ‹‹ قۇرئان كەرىم ››، ‹‹ ھەدىس››لەرگە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بىلجىرلاشنىڭ ئاددى ئىش ئەمەسلىكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىيالايدىغان بىر ئىنسانغا نىسبەتەن بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئەقەللىي ساۋات ئىدى.
    يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تور بەتلەردە تارقالغان ‹‹جىما توغرىسىدا›› دىگەن ماقالە ( ھەر قايسى ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسەم نۇرغۇن تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ بوپتۇ)، تورداشلارنىڭ تېمىغا قالدۇرغان ئىنكاسى ۋە بىر نەچچە تورداشلارنىڭ شۇ تېما ھەققىدىكى ماڭا قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى مېنى ئىـختىيارسىز قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. مەنمۇ بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قۇرلارنى قالدۇردۇم.
    يازغانلىرىمدا خاتالىق كۆرۈلسە، گۇناھىم ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن!

                                                                                                  __ ئاپتوردىن.  

    بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تور بەتلەردە نۇرغۇن دىنىي ماقالىلەر يېزىلدى.  كۆپلىگەن ماقالىلەر  ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىسلەر ئارقىلىق شەرھىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە ئوينىغان رولىغا كۆز يۇمالمايمىز. دەرۋەقە دۇنيانىڭ ماددىي مەئىشەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ ئۆز ئېتىقادىنى ئۇنتۇۋاتقان، ئىسلامدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۆرىدەپ يېزىلغان دىنىي ماقالىلەر ئارقىلىق، ئىسلامنىڭ گۈزەل نۇرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتماق بەكمۇ زۆرۈر. بىراق بەزى ماقالىلەردىكى مىسال ئالغان ھەدىسلەرنىڭ دىنىمىزنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىگە نوقسان يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىغا، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللانىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە بولغان سەلبى تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . << جىما توغرىسىدا >> دېگەن ماقالىدىكى بەزى ھەدىسلەر مېنى مۇشۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى .
   

    ئاۋۋال ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى:
    ھەدىس ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنە جەھەتتە ‹‹سۈننەت›› بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ‹‹ھەدىس››نىڭ مەنىسى ‹‹سۆز››، ‹‹نۇتۇق›› قا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ‹‹سۈننەت›› ئادەتتە ‹‹ھەرىكەت››، ‹‹يول›› دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
    مۇھەددىس ئالىملارنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى تەدبىرىگە ئاساسلانغاندا ھەدىس يەنە ساھابىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىجازەت قىلغان ۋە سۈكۈت قىلغان سۆز - ھەرىكەتلىرى، سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى، باردى كەلدى جەريانلىرىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرى، روھى كەيپىياتى قاتارلىقلار ھەققىدىكى قىسسىلىرى، جۈملىدىن ساھابىلەرنىڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ نازىل بولۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

‹‹قۇرئان كەرىم››دە ھەدەسلەرنىڭ نوپۇزى ھەققىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ....) ؛؛ 59-سۈرە؛؛ ‹‹ھەشىر›› 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
    ھەدىسشۇناسلار ھەدىسلەرنى ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر بويىچە ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىيدۇ. مەسىلەن ھەدىسنىڭ يەتكۈزۈلۈش(ئىسناد) دائىرىسىگە قاراپ پىرىنسىپاللىق ھەدىسلەر ۋە كونكىرىت ھەدىسلەر دەپ بۈلۈش، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن سەھىھ(يۈزدە يۈز توغرا)، ھەسەن(توغرا) ۋە زەئىپ( ئاجىز) دەپ بۈلۈش، ھەدىسنىڭ تېمىسىغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش خارەكتىرلىك ۋە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتىرلىك دەپ بۈلۈش ، ھەدىسنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىگە قاراپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان ھەدىسلەر دەپ بۈلۈش قاتارلىقلار.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەشنى مەنئى قىلغان ئىدى . پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ‹‹ سۆز ۋە تەبلىغلىرىمنى يېزىۋالماڭلار ، كىمدە – كىم قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسىنى يېزىۋالغان بولسا ئۇنى ئۈچۈرۈۋەتسۇن. مېنىڭ سۆزلىرىمنى بىر – بىرىڭلەرگە يەتكۈزسەڭلارمۇ بولىدۇ ›› ( ئەبۇ داۋۇت توپلىغان)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹ مەن توغرۇلۇق يالغان سۆز توقۇماڭلار، كىمكى مەن توغرۇلۇق يالغان سۆز توقۇسا ، چوقۇمكى دوزاخقا كىرىدۇ››.

       ـــ ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان

مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹‹ ماڭا يالغان توقۇش ئەلۋەتتە باشقا بىراۋغا يالغاننى توقۇغانغا ئوخشىمايدۇ، ماڭا قەستەننى توقۇغان ئادەم دوزاختىن ئۆز جايىنى تېپىۋالسۇن››.

    __ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان .


     يۇقارقى كىتابتىكى بەزى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھەدىسلەرنى توپلىغۇچىلار ۋە يەتكۈزگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ بىراق پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللانىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى ، سۆزلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز ئاغزى بىلەن ئاڭلىغانلا ئانچە كۆپ ئەمەس . كۆپلىگەن ھەدىسلەر ساھابىلەرنىڭ يەتكۈزۈشى بىلەن خاتىرىلىنىپ بۈگۈنگىچە كەلگەن. ھەتتا ھەدىسلەر ھەر قايسى جايلاردا پارچە تارقىلىپ يۈرۈپ مەۋزۇئ(ساختا ھەدىس) ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن .

يۇقارقى بايانلاردىن بەزى ھەدىسلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى( ئەمەلدىن قالغان) نى ۋە ساختا ھەدىسلەردىنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈۋالالايمىز.


ئەمدى ‹‹جىما توغرىسىدا›› ناملىق ماقالىدىكى ھەدىسلەرگە نەزەر سالايلى:   

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر سېكىلەك (جۇۋان) بىلەن توي قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەي... قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟ ئۇ سېنى ئوينىتىدۇ، سەن ئۇنى ئوينىتىسەن...» دېگەن. [مۇسلىم 3622 ـ ھەدىس]   
‹سەھىھ بۇخارى› ۋە ‹سەھىھ مۇسلىم›دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادى، نەسەبى، چىرايى ۋە دىنىغا قاراپ ئىختىيار قىلىنىدۇ، دىندار ئايالغا ئۆيلەن، بەرىكەت تاپقايسەن!» [بۇخارى 5090 ـ، مۇسلىم 1466 ـ ھەدىسلىرى]   

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇمچان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. تۇغماس ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالىمايتتى. ‹ئەبۇ داۋۇد› تا مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا كېلىپ: مەن چىرايلىق، دىندار بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۇ تۇغماس، ئۇنىڭغا نىكاھلانسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق!» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بەردى، ئۈچىنچى قېتىم كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغۇمچان، مېھرىبان ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار! مەن قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا پەخىرلىنىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گاھىدا ھەممە ئاياللىرىنى جىما قىلىپ بىرلا غوسلى قىلغان. گاھىدا بولسا ھەربىرىگە ئايرىم- ئايرىم غوسلى قىلغان. ‹سەھىھ مۇسلىم› دا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر غوسلى بىلەنلا ئارىلاپ چىقاتتى. [309 ـ ھەدىس]
جىمانى زورمۇزور قىلىشقا بولمايدۇ. ئىسپېرما ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، جىنسىي تەلىپى زىيادە بولسا، جىماغا دەرھال تۇتۇش قىلسۇن. قېرى ئاياللارنى، كىچىك قىزلارنى، ئاغرىق ئاياللارنى، بەكلا كۆرۈمسىز، سەت ئاياللارنى، ئۆزىنىڭ ئۆچمەنلىكى بار ئاياللارنى... جىما قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىماغا ئىقتىدارسىز قىلىپ قويىدۇ.  
      ‹جۇۋان› بىلەن بىرگە بولۇش، ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتىن مەنپەئەتلىك دېگەن تىۋىپلار خاتالاشقانلاردۇر. بۇ كۆز قاراش شەرىئەتكە، ئادەم تەبىئىتىگە، ئەقىلغا زادىلا ئۇيغۇن ئەمەس. ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتا ئالاھىدە خاسىيەتلەر بار. مەسىلەن: جىما قىلغۇچى بىلەن ‹قىز› ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ‹قىز› قەلبى ‹يىگىت› نىڭ مۇھەببىتىگە تولىدۇ، ‹قىز› كۆڭلى ‹جۇۋان› نىڭكىدەك بۆلىنمەيدۇ... شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟ دېگەن. ئاللاھ تائالا جەننەتتىكى ھۆر قىزلارنى سۈپەتلەپ: ئۇلارنى ھېچقانداق ئەر زاتى تۇتۇپ باقمىغان دېدى. ئانىمىز ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: باشقىلار تۆگىسىنى قويمىغان دەرەخ بىلەن تۆگىسىنى قويۇپ بولغان دەرەخلەرگە يولۇقسىلا، تۆگىلىرىنى قايسى دەرەختە باقىتتىلە؟ (يايلىتىتىلە؟) دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: باشقىلار تۆگىسنى قويمىغان دەرەختە دەپ جاۋاب بەرگەن. [بۇخارى 5077 ـ ھەدىس]
    جىمادىن ئىلگىرى ئايال كىشى بىلەن ئوينىشىپ چاقچاق قىلىش، سۆيۈپ، تىلىنى شۇراش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئوينىشىپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى. ‹ئەبۇ داۋۇد› تا بايان قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى سۆيۈپ، تىلىنى شورايتتى. [1080 ـ ھەدىس]
   
     يۇقارقى ھەدىسلەر تولۇق مەزمۇنى بىلەن ئېلىنغانمۇ - يوق؟ يۇقاردا تىلغا ئالغىمىزدەك ۋاقتى ئۆتكەن ياكى زەئىپ( ئاجىز) ھەدىسلەر قاتارىغا كىرەمدۇ - يوق؟. بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان ئويلىنىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز مەسىلە.
     جەمىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ، رەڭگا-رەڭ ماددى مەئىشەتلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە چوڭقۇر داۋالغۇشنى پەيدا قىلدى. ئاتېئىزىم تەربىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېتىقادى سۇسلىشىپ ۋە يوقىلىپ بارماقتا. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپمۇ دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشى تېخى يوقۇرى پەللىگە يەتكىنى يوق . شۇنداق بولغانىكەن يۇقارقى ھەدىسلەرنى ئەقلى تەپەككۈرى بىلەن ياخشى تەرەپتىن تەھلىل قىلىدىغانلاردىن كۈرە شۇ ھەدىس ۋە ھەدىستىكى مەناغىلا باغلاپ چۈشۈنىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنى يۇقارقى تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن روشەن بىلىۋالالايمىز .

    يۇقارقى ھەدىسلەرنى شۇ ھەدىس پېتى چۈشەنگەن كىشىدە مۇقەررەر ھالدا (ئىسلام دىنىي ئاياللارنى يەكلەيدىكەن ، ‹‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامۇ ئائىلىدىكى ئەرخۇتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىشلارنىمۇ سىرتقا يېيىپ يۇرەمدۇ؟ جۇۋانلارمۇ ، سەت كۆرۈمسىز توغۇلۇپ قالغانلارمۇ، تۇغماس ئاياللارمۇ ئاللانىڭ بەندىسىغۇ، ئەجەبا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان رەسۇلۇللانىڭ ئېغىزىدىن مۇشۇنداق گەپلەر چىقسا ھە!....... ) دىگەندەك بىر قاتار گۇمانلار توغۇلىدۇ. ئاشۇ ماقالىگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىكى پەيغەمبىرىمىز ئۈستىدە بولۇنغان سۆز-چۆچەكلەر، ھاقارەتلىك جۈملىلەر ئىسلام دىنىدىن ئازراقلا بىلىمى بار كىشىنىڭمۇ قاتتىق غەزىبىنى قوزغايدۇ .

    ئىسلام دىنى ، ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ ھەدىس›› لەردىكى مەزمۇن جەمىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن يۈكسەك تەپەككۇر ۋە ئەقلىي ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.

    ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››لەر ئۈستىدىكى تەتقىقات ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق، دۇنيا مىقياسىدا كۆپلىگەن دىنىي ئالىملار مۇشۇ ھەقتە توختىماي ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ . ئەمما يەنە ئاز بىر قىسىم قورسىقىدا تۈزۈك ئومىچى بولمىغان ‹‹ ساختا ›› موللىلار ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئۆز ئىدىيىسىنى باشقىلارغا تېڭىش  ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرىنى قىلچە ئويلاشماستىن، ھەدىسلەرنى قالايمىقان تەشۋىق قىلىپ ئۆز ماقالىلىرىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ . بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس بەلكى خۇنۇكلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا دىنىي تېمىدىكى ماقالە يازغۇچىلار چوقۇم ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلى تەپەككۇر نوقتىسىدىن چىقىپ ھەدىسلەرنى ئۆز ماقالىسىگە تەدبىقلىشى ، كىشىلەردە باشقىچە قاراش پەيدا قىلىدىغان ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماسلىقى كېرەك.

    يۇقارقى قارىشىمدىن بەزىلەر بەلكى ئۇ تېمىدىكى ھەدىسلەرنى (يۈكسەك نوقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلسا بولىدۇغۇ) دىيىشى مۇمكىن . ئەمما شۇ نوقتا ئېسىمىزدە بولسۇنكى كىشىلەرنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئالدىن ئويلىشىپ قەلەم تەۋرىتىش، شۇ ماقالىمىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىش، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى كىشىلەرگە توغرا بىلدۈرۈش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قەلەم ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم بولغان ھالقا. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر دىنىي ماقالە يازغۇچى ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ ھەدىس››لەرنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق بىلىشى، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان بولۇشى، ‹‹ چالا›› بىلىمىنى ئالدىراپ بازارغا سالماسلىقى كېرەك.

         ئاخىرقى ئىلتىجايىم: ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماڭ! يازغان ماقالىلىرىمىز، تارقاتقان ھەدىسلىرىمىز كىشىلەر قەلبىنى يورۇقلۇققا باشلايدىغان نۇرلۇق چىراغ بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ كىشىلەر قەلبىگە دىنىمىزغا بولغان گۇمانىي سايە تاشلىمىسۇن!

مەنبە : ھۆكۈمىران


پايدىلانغان ماتېرىيال : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان <<ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار>> __ سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھۇلمۇسلىم ھەدىس شەرىفلىرى

     سەمىمىي ئەسكەرتىش: تېما ماۋزوسىدىكى <<تور مۇللىللىرى>> دىگەن ھەرگىزمۇ تور دۇنياسىدا ئېسىل پەندى نەسىھەتلىرى بىلەن دىلىمىزنى نۇرلاندۇرۇۋاتقان دىنىي ئولىمالارغا قارىتىلغان سۆز ئەمەس.   
    پەقەت كىچىككىنە بىلىمى بىلەنلا << قۇرئان كەرىم>>، <<ھەدىس>>لەرنى بورمىلاپ، مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ كىشىلەردە ئىسلام دىنىمىزغا باشقىچە قاراش شەكىللەندۈرۈۋاتقان، مۇقەددەس دىنىمىزغا چاقچاق ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر قىسىم، ئەمما ھازىر شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان . بۇ ھەقتە ‹‹يېڭى ئىنتىرنىت تىلى-تور موللىسى›› دىگەن تېمىدا بۇ نوقتا بەزى ئىنكاسلاردا ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.  تورداشلارنىڭ باشقىچە ئويلىنىشتا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-19 12:54 AM  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
روھزاد + 251
XERHAN + 222 تەپەككۇرى كۈچلۈك
نۇربىيە + 108
sirlik+ot + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
jasuryigit + 300 تەشەككۇر
uzumtal + 200 دەلىللەر يېتەرلىك
nim-japa + 68 دەلىللەر يېتەرلىك
سەھرا ئوغلى + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
barquk8 + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
hazniqi + 304

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2503   باھا خاتىرىسى

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

ھەممېمېزگە ئۇلۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24193
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4206
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشىنىۋالدىم،رەھمەت سىزگە

تەنھائاشېق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72756
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:51:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاغزىڭىزغا ناۋات....
رەھمەت سىزگە

مېنى ساراڭ دېدىڭمۇ ؟ ...
- توغرا دەيسەن ، مەن ساراڭ .... بىراق شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۈگۈنكى كۈندە ساق تىن ساراڭ ئەۋزەل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11685
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 927 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرشىپسىز،ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قرىندىشىم!!!!!!!!!لىكىن مۇنبەردە باش سۈرەت ئشلىتىشتىن ساقلىنىڭ!!!چۈنكى بۇ ھەم دۇرۇس بولمىغان ئىشلار قاتارىدىن.........................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72306
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62785
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 689
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 04:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى بىرەر دىننى ئۆلىمالار چىقىپ توردا دەرس سۆزلىمىسە بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى بۇ مۇنبەر .كىم نىمە دىگۈسى كەلسە دەۋەرسە كىتاپتىن چەتنەيدىغان ئىش چىقىپ قالغۇدەك ،شۇڭا توغرىلىقغا يۈزدە يۈز ئىشەنچ قىلالىغان ھەدىسلەرنى يوللىساڭلار بىلمىگەنلەر بىلىۋلساق .

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 2000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55609
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 04:03:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يارى يوقنى دەڭلار بىچارە !!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14417
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 04:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىللىرىمىز ،  
باشقىلاردىن چالا-پۇچۇق ئاڭلىۋالغان گەپلەرنىمۇ ئۆز چۈشەنچىسىگە تەتبىقلاپ
ئۇ كىتاپتا -مۇنداق دىيىلگەن بۇ بۇنداق دىيىلگەن ، دىگەنگە ئوخشاش
ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان  ئەھۋاللار مەۋجۇت ،
بىزلەرمۇ ھەم ئەقىل كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ، مۇشۇنداق ئىشلارغا بەكرەك
دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن !!!  

سەھىھۇل-بۇخارى ۋە قەستلانى شەرھى دىگەن كىتاپ ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتاپ !!!


شائېر قەدىمدىن كەلگەن گۆدەك دانا ياكى كەلگۈسىدىن
كەلگەن ئەقىللىق ساراڭ .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1503
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 04:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇچقاچ بولسمۇ قاسساپ سويسۇن ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11021
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5039
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 04:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، ياخشى ئەسكەرتىش بېرىپسىز، بولمىسا ئادامنىڭ كاللسىنى بۇرمىلايدىغان ھەدىسلەر ،خېلى كۆپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش