ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆكۈمران!
بۇ تېمىنى ئوبدان يوللاپسىز، ھېلىمۇ مۇشۇنداقلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ ئۈلگۈردى. بەزى ئوقۇرمەنلەرمۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىشەنچىلىك ئىسلامىي تور بەتلەردىن ئىزدەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلالمايۋاتقان بولسا كېرەك.
www.sajiye.net دەك ئېسىل تور بەتلەر بار، ئىشەنچىلىك جاۋابلارنى، توغرا ئىلىملەرنى شۇنداق يەرلەردىن ئالغۇلۇق.
ھۆكۈمران، مۇنبەردىكى ئېنىق مەيدانىڭىز، شۇنداقلا تەشۋىقاتنىڭ رولى ھەققىدىكى يازمىڭىزدىن كېيىن سىزگە باشقىچە ھۆرمىتىم بار. لېكىن ماۋۇ تېمىڭىزنىڭ ماۋزوسى پەقەتلا توغرا قويۇلماپتۇ. سىزدىن بىر سۇئال سوراي:
مۇنبەرلەردە تېما يېزىپ يۈرگەن ئۆلىمادىن قانچىنى بىلىسىز،بىز بىلىدىغان ئۆلىمالار قانداق كىشىلەر ئىدى؟
سىزگە دېسەم، سىز ۋە باشقا كۆپ سانلىق سەگەك تورداشلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆلىمالاردىن مۇنبەرلەرگە چىقىپ تېما يازىدىغىنى يوق دېيەرلىك. بۇ نۇقتىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئىلىم ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش. تورغا چىققانلىرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا ئىسلامىي تور بەتلەردە پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. بەلكىم، ئۆلىمالىرىمىز بىز بىلمەيدىغان رىيازەتلەرنى چېكىۋاتىدۇ... ئىمكانىيەتسىزلىك ئىچىدىمۇ ئىزچىل ئىلىم تارقىتىشقا ئۆزىنى ئاتىغان ھەقىقىي ئۆلىمالىرىمىزغا ئالىي ئېھتىرام! دۇئالىرىمىزدا ئۇ ئەزىزلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش نېسىپ بولغاي!
قاتتىقراق قىلىپ ئېيتسام، مۇشۇ مۇنبەردىن بەلكىم ئۆلىما بولۇشقا لايىق بىرمۇ كىشىنى تاپالمايسىز! ماۋزونى بۇنداق قويسىڭىز كۆپ سانلىق ئۆلىمالىرمىزغا تۆھمەت قىلغان بولىسىز، قېرىندىشىم! توغرا مەقسەتلەر توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلەنسۇن!
رەھمەتلىك قېرىندىشمىز «ھەمزە»مۇ يېشىغا نىسبەتەن كۆپ سانىلىدىغان ئىلىمى، كىشىنىڭ تەبئىي ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان پەزىلىتى بىلەنمۇ ئاللاھ خالىسا ئۆزىنى تېخى ئۆلىما سانىماس ئىدى.
تەكلىپمۇ ئەمەس تەلەپ:
تېمىڭىزنىڭ ماۋزوسىنى دەرھال ئۆزگەرتىڭ، تۇتىيا ئۆلىمالىرىمىزنى ئۇنداق-مۇنداق دەيدىغانغا ھەققىمىز يوق! تەنقىدىڭىز توردىكى تېخى پىشمىغان ئۆگەنگۈچىلەر، چالا تالىپلار(ئۇلار موللىمۇ ئەمەس) ئۈستىدە بولىۋاتقان ئىكەن، شۇلارغا ماس كېلىدىغان ئىسىمنى تاللاڭ، ئۇلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆلىمالرىمىز ھەققىدە يېڭىچە پىتنىلەر پەيدا بولمىسۇن! ئاشۇ چالا تالىپلارنىڭ، بىر قىسىم غەرەزلىك ساختا قارىچاقلارنىڭ «موللا» ئوبرازىنى بۇلغىغىنىمۇ يېتەر!
يا بولمىسا «ئۆلىما»نى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىڭ، بۇنىڭدا مەقسەت تېخىمۇ جايىدا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. «تەنقىد: ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماڭ!» مۇشۇنىڭ ئۆزىنى ئالسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟!
گەپلەرنى مۇشۇ يوسۇندا دېيش زۆرۈر بولۇپ قالدى. كۆڭلىڭىزگە كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئامان بولۇڭ!