koznak يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 06:54 PM
ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ پىتنىچى خەلق» دىگەن گەپنى سىز دىگ ...
كۆك رەڭدىكى سۆزلەر كۆزنەك ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىدىن ئىلىندى.
قارا رەڭدىكى سۆزلەر مىنىڭ كۆزقارىشىم.
بۈگۈنكى ئەڭ پىتنىچى مىللەت بىز ئۇيغۇرلار بولىمىز . چۈنكى بىزدىن بۆلەكلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىملەپ بەرگەن ئىشلىرى ئۈستىدە بۈگۈندىن ئىلگىرى تالاش - تارتىش قىلىپ بولدى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ، ئاقىۋىتى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چىقىپ بولدى .
سىز نىمىگە ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرن مىللىتىنى ئەڭ پىتنىچى خەلىق دەيسىز؟ شۇ گەپنى قىلغاندىكىن ئازراق مىسال كەلتۈرۈپ دەلىلى بىلەن سۆزلىمەي، غايىپتىن سۆزلەۋەرسىڭىز بىزدەك كاللىسى ئاددىي ئادەملەر چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالىدىكەنمىز،
كۆپىنچە كىشىلەر ئېراق ، پەلەستىندىكى ئالامەتلەرنى ئامىركىدىن ، يەھۇدىيدىن كۆردى . ئەسلا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنبىيى توغرىسىدا ئويلىنىش قىلمىدى . ئۇلارنىڭ ھۆكمى ناسارالاردەكلا ‹‹ ئاللاھنىڭ بالىسى بار ›› دېيىشتىن ئىبارەت ئېتىقادتا بولدى . چچۈنكى ، ئۇلارنىڭ قاياشىچە ياخشىلىق - يامانلىقلارنى ئاللاھدىن باشقا شەيئىلەرمۇ قىلالايدۇ .......... بولدى . مانا بۇ بىزدىكى ئېتىقاد پۈچەكلىكى ، دىندىكى يالغانچىلىقلار ، رەسۋاچىلىقلار بولدى .
ئۇلاردىكى بەزى تالاش - تارتىشلار شۇ خىل بومباردىمانلار بىلەن ئايان بولدى . ئۆز قەۋمىگە ۋەز ئېيتقۇچىلار ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ئۆز كۈچىنى تاپقۇسى ! چۈنكى ، ھەققە قارشى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنلەرنىڭ كاتتىباشلىرى ئاغدۇرۇلدى ، گەرچە ئۇلارنىڭ بارلىق تەرەپدارلىرى ۋەيران بولمىسىمۇ .
سىز بەزى كىشىلەرنى ئېراق پەلەستىندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئامېركا ۋە يەھۇدىدىن كۆردى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى ناسارالارنىڭ«ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دىگەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان سۆزى بىلەن ئوخشاش دىمەكچىمۇ؟
بۇ تىمىدىكى كۆزنەك نامىدىكى ئىنكاسنى كىم يازدى، سىز يازغانسىز؟ سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن يىزىلغاندۇ؟
ئۈستىدىكى سۆزلىرىڭىز بويىچە ئىيىتقاندا، بۇ تىمىدىكى كۆزنەك نامىدىكى ئىنكاسنى، كۆزنەك يازدى دىسەك ئاشۇ ناسارالارغا ئوخشاش ئورۇندا گۇناھكار بوپ كىتەرمىزمۇ؟
ئېراق پەلەستىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئامېركا ۋە يەھۇدى قىلدى دىيىشنىڭ نەرى خاتا، شۇنداق دىگەنگىلا، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن گۇناھكار بوپ كىتەمدۇ،؟
ئەلۋەتتە ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاللاھ تاللىغان شەخىسلەر تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ.
سىزنىڭ قارىشىڭىزچە ئافغانىستان، ئىراق، پەلەستىندە بولغان ئۇرۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى، ئۇلارنىڭ دىن يولىدا توغرا ماڭالمىغانلىقى، قۇرئان يولىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىكەن، سىزنىڭچە ئۇلار قانداراق يولدا ماڭسا توغرا بولاتتى؟
كۆپىنچە ئالىملار ئەرەبلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە ئەرەبلەرگە بېرىلگەن ئامانەتلەرنى ئۆزلىرىگە قۇبۇللايدۇ . ئۆزلىرىنى ھەم شۇلارنىڭ يولىدا ماڭسا توغرا يولدا ماڭغانلىق دەپ چۈشىنىدۇ . ئەمما ئەرەب باشقا ، ئۇيغۇر باشقا . خۇددى يەھۇدىي ناشقا ، ناسارا باشقا دېگەندەك ، ئۇلارغا بېرىلگەن ئامانەتتە سەل ئوخشاشماسلىق بولغاندەك ، بىزدىمۇ شۇنىڭدەك ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇت . بىز ئۇيغۇرلارغا بېرىلگىنى ئۆزگىچە كۈچلۈك بولغان ، دىندا ۋە ئىسلامدا چىنلىق ۋە راستلىق ئىچىدىكى نەتىجىگە ئاساسلىنىشنى تۇتقا قىلىدىغان ۋە شۇنى تەرغىب قىلىدىغان ئامانەتتۇر . بۇ ئامانەت جىمى يولدىكىلەرنىڭ توغرىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ قۇبۇللايدىغان ، ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە شۇنى دۇنياغا جاكارلايدىغان ئامانەتتۇر .
ئۈستىدىكى بىر ئابزاس سۆزىڭىزنى باشقىچە چۈشىنىپ قالدىمغۇ، ئىسلام دىنى ئاۋۋال ئەرەپكە، ئەمما پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئورتاق بولۇشى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن، ئۇيغۇر مىللىتىگە، دەسلەپتە ئەرەپكە چۈشكەن «ئىسلام دىنى»غا ئوخشىمايدىغان باشقىچەرەك «ئىسلام دىنى» چۈشتىمۇ؟ ياكى مەخسۇس ئۇيغۇر ئۈچۈن باشقىچە مەزھەپ پەيدا بولدىمۇ؟
ئالىملارنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىنى تازا ياخشى چۈشىنىپ كىتەلمەيدىكەنمەن، ئەپۇ قىلغايسىز، بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشىنەلەيدىغان يىغىنچاق چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاپ بىرىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دەۋىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-17 08:59 AM