دەۋىر يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 05:26 PM
«ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ پىتنىچى خەلق» دىگەن گەپنى سىز دى ...
ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ پىتنىچى خەلق» دىگەن گەپنى سىز دىگەنسىز كۆزنەك ئەپەندىم، باشقا بىرى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا يىزىپ قويغانمىدۇ يا، شۇ گەپنىڭ ئۆزى مىللەتنى سۆكىدىغان گەپ ئەمەسمىكەن، پىتنىچىلەر ئايرىم، يولىدا كىتىۋاتقانلارمۇ ئايرىم، ھەممىنى يىغىپلا پۈتكۈل مىللەتكە دۆڭگەش، مىللەتنى سۆككەنلىك پىتنە تارقاتقانلىق بولماي نىمە.
توغرا بۇ گەپنى مەن قىلدىم . باشتىكى ئىنكاسىمدىمۇ شۇ گەپنى قىلدىم . ئەمدى بۇلارنىڭ يەشمىسىنى بايان قىلىمەن .
مېنىڭ بۇنىڭدەك بەزى قاتتىق ، يۇچۇن مەسىلىلەرنى قويۇشۇم سىلەرنىڭ سۇئال سورىشىڭلار ، مېنى قىستىشىڭلار ئۈچۈن . چۈنكى سۇئالسىز جاۋاب كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە چۈشمەيدۇ - قۇلىقىغا قېقىلمايدۇ . ئوقۇپ قويىدۇ يۇ ، بەكمۇ پەرۋا قىلمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشىنىڭدەك بىر قىستىلىش ئىچىدە بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى دەلىللەر بىلەن بايان قىلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .
بۈگۈنكى ئەڭ پىتنىچى مىللەت بىز ئۇيغۇرلار بولىمىز . چۈنكى بىزدىن بۆلەكلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىملەپ بەرگەن ئىشلىرى ئۈستىدە بۈگۈندىن ئىلگىرى تالاش - تارتىش قىلىپ بولدى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ، ئاقىۋىتى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چىقىپ بولدى . تېلىۋىزىيەرلەردە كۆرىۋاتىمىز ، خەۋەرلەردىن ئاڭلاۋاتىمىز .
ھەر قانداق بىر پىتنە تارقىغان ، ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتىن كىيىن پەلەستىندەك ، ئىراقتەك ۋە باشقا يەرلەردىكىدەك ، مەيلى ئىسلام دىنى بولسىن ، خىرىستىئان بولسۇن ۋە باشقا دىندىكىلەر ، يولدىكىلەر بولسۇن ھەممە شۇنىڭدەك بىر چوڭ داۋالغۇش تالاش - تارتىشقا دۇچ كەلگەندە ۋە شۇنىڭدىن كىيىن شۇ زېمىندا چوڭ بىر ئىشلار يۈز بېرىدۇ . بۇ يۈز بېرىشلەر بۇرۇندىن تارتىپ كەلدى ۋە قۇرئان بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇردى . كىملەركى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمايدىكەن ، ئۆز مەۋقەسىنى قۇرئانغا سالماستىن ئۆزىنى ، بىلگەنلىرىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ قىلمىشىدا ھەددىدىن ئاشىدىكەن ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىركىدەك شەيئىلىرى ئارىسىدىكى بەزى ماددا تەرەپلەردىن جازالىنىشى مۇھەققەتتۇر .
كۆپىنچە كىشىلەر ئېراق ، پەلەستىندىكى ئالامەتلەرنى ئامىركىدىن ، يەھۇدىيدىن كۆردى . ئەسلا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنبىيى توغرىسىدا ئويلىنىش قىلمىدى . ئۇلارنىڭ ھۆكمى ناسارالاردەكلا ‹‹ ئاللاھنىڭ بالىسى بار ›› دېيىشتىن ئىبارەت ئېتىقادتا بولدى . چچۈنكى ، ئۇلارنىڭ قاياشىچە ياخشىلىق - يامانلىقلارنى ئاللاھدىن باشقا شەيئىلەرمۇ قىلالايدۇ .......... بولدى . مانا بۇ بىزدىكى ئېتىقاد پۈچەكلىكى ، دىندىكى يالغانچىلىقلار ، رەسۋاچىلىقلار بولدى .
ئۇلاردىكى بەزى تالاش - تارتىشلار شۇ خىل بومباردىمانلار بىلەن ئايان بولدى . ئۆز قەۋمىگە ۋەز ئېيتقۇچىلار ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ئۆز كۈچىنى تاپقۇسى ! چۈنكى ، ھەققە قارشى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنلەرنىڭ كاتتىباشلىرى ئاغدۇرۇلدى ، گەرچە ئۇلارنىڭ بارلىق تەرەپدارلىرى ۋەيران بولمىسىمۇ .
بۈگۈن شۇنىڭدەك دۇنيا بويىچە ئەڭ پىتنىچى بولغان ، بىر يۇقىرىلىققا چىققۇچى بىز بولىمىز . چۈنكى ، ئاللاھ ھەر ۋاقىت بىر مىللەتنى ، شۇ مىللەتتىكى ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقوۇققا ، نادانلىقتىن ، ھاماقەتلىكتىن ئۈستۈنلۈككە كۆتۈرۈش قىلماقنى ئىرادە قىلسا ، شۇ جەمىيەتتە شۇ ساھەگە قارىتا چوڭ بىر دولقۇننى پەيدا قىلىدۇ . شۇ دولقۇن ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنى ناگاھان ھەر خىل شەكىللەردە مۇقىملاپ چىقىرىدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا شۇ زېمىندىكى ئىنسان ۋا جىنلاردىن بىر قىسىم كىشىلىرىنى ئىلگىركى ئەمەللىرىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۆزىمۇ شۇنى تىلىگەنلىكلىرىدىن كاپىر قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ . مۇشرىكلىققا ھۆكۈم قىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئەگەشتۈرگۈچى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ ھەممىنى بىر - بىرلىرىگە مۇلاقات قىلىدۇ . بۇلار دوزاخقا ئۈندىگۈچىلەردۇر . بۇلەر ھەممە يەردە مەۋجۇتتۇر !
ھەم شۇلاردىن ئىلگىركى ياخشى ئەمەللىرى سەۋەبلىك جەننەتكە ھەم دەلىل قىلىپ پۈتىدۇ . كىملەركى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشسە ، ئەگەشكۈچىلەرنى ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە مۇلاقات قىلىدۇ .
بۇلار جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كاندىدات ، مۇشۇ دۇنيادىكى شۇ يەرنىڭ سايىسىدە بولغۇچىلاردۇر .
شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى مۇنبەرلەردە بولسۇن ، جەمىيەتلەردە بولسۇن ھەق بىلەن نەھەق ئارلىشىپ كەتكەن . ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن كۆپلىگەن دىندىكىلەر بىر - بىرىگە ئۆچ بولغىنىدەك ۋە بىر - بىرلىرىگە ئىشەنمەسلىكلىرى بولغاندەك ، ھەر بىر تائىپە كىشىلەر ھەم ئىسلام دىنىدىمۇ كۆپلىگەن تەرەپبازلىق قىلىشلار بىلەن ( جۈملىدىن مەنمۇ بار ) ئۆزىنىڭ يولىنى چىڭ تۇتىدۇ ، داۋاملىق شۇنى تىلىشىدۇ . چۈنكى ئىسلام دىنىدىمۇ كاپىرلار كۆپ . مۇشرىكلار ھەم كۆپ . پاسىقلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ .
ئېراق - پەلەستىندىكى بومباردىمان مۇنداقلا سەۋەبتىن ئەمەس . بەلكى شۇ زېمىندىكى چوڭ تالاش - تارتىشنى قۇرئانغا ئاساسلانغان ھاللاردا ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن . ۋە بۇنى بىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن . بىزدىمۇ بۇ تالاش - تارتىشلار خېلى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . بۇنىڭمۇ شۇنىڭدەك رەۋىشتە نەتىجە چىقىرىلىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى . چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئاتا - بوۋىلىرىنى دىننى ئۆزگەرتىۋاتقان ، ئەسلى سۈننەتكە چۈشمىگەن دەپ دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشتى . بەزىلەر قۇرئاننىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىپ كىشىلەرنى دىنغا زورلاشتى . قۇرئاننىڭ سىرتىغى چىقىۋېلىپ كىشىنى دىنغا مەجبۇرلاش ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرغانلىق ، مەجبۇرلىغانلىق بولىدۇ . چۈنكى دىننىڭ ئاساسىي قىممىتى ئېتىقادتا ، ئىنسانلىقىدا راستچىل ، ئىشەنچىلىك بىر قىياپەتكە يېتىشتىن كىيىن ئاندىن ئىمانغا تەكلىپ قىلىناتتى . ( بۇ مەسىلىنى 2012 يىلى راستىنلا قۇياش بورىنى چىقامدۇ ؟ دىگەن تمىدا بىر قۇر بايان قىلغان ئىدىم ) ئەمما ، كۆپلىگەن كىشىلەر مەيلى قايسى يولدا بولسۇن ، كىشىنىڭ ھالىنى تەتقىق قىلماستىنلا دىنىي سەھنىگە چىقىرىپ قويدى . ئەمدى بۇلارغا ‹‹ ئاللاھقا ئامانەت !!! ›› دېيىشتىن باشقا يول يوق .
پىتنە تولاراق نامى بار ، شان - شۆھرىتى بار چالا موللا ، چالا ئالىمدىن تارقىلىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ نامىغا قارىتا ئەگەشكۈچى كىشىلەر كۆپ بولىدۇ . شۇڭا بۇرۇندىن ‹‹ گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن ›› دېگەن گەپ بىزگە ئورناپ كەلدى . بۇ دۆت بولسىمۇ ، بىلمىسىمۇ شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ باللىرى ۋە شۇنىڭدەك كىشىلەر سۆزلىسە ئىتتىك قۇبۇل قىلىنىدۇ - دېگەننى بىلدۈرىدۇ . كۆپىنچە ئالىملار ئەرەبلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە ئەرەبلەرگە بېرىلگەن ئامانەتلەرنى ئۆزلىرىگە قۇبۇللايدۇ . ئۆزلىرىنى ھەم شۇلارنىڭ يولىدا ماڭسا توغرا يولدا ماڭغانلىق دەپ چۈشىنىدۇ . ئەمما ئەرەب باشقا ، ئۇيغۇر باشقا . خۇددى يەھۇدىي ناشقا ، ناسارا باشقا دېگەندەك ، ئۇلارغا بېرىلگەن ئامانەتتە سەل ئوخشاشماسلىق بولغاندەك ، بىزدىمۇ شۇنىڭدەك ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇت . بىز ئۇيغۇرلارغا بېرىلگىنى ئۆزگىچە كۈچلۈك بولغان ، دىندا ۋە ئىسلامدا چىنلىق ۋە راستلىق ئىچىدىكى نەتىجىگە ئاساسلىنىشنى تۇتقا قىلىدىغان ۋە شۇنى تەرغىب قىلىدىغان ئامانەتتۇر . بۇ ئامانەت جىمى يولدىكىلەرنىڭ توغرىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ قۇبۇللايدىغان ، ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە شۇنى دۇنياغا جاكارلايدىغان ئامانەتتۇر .
بىز باشقا مىللەتكە قارىغاندا جاسارەتتە كۈچلۈك مىللەت . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن ئامانەتمۇ ، بىزنى ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىدىن چىقىرىشمۇ تاساددىپىي ئەمەس . بىزنىڭ كۈچىمىزگە قارىتا بېرىلگەن ئامانەتتۇر . كىمكى بۇ قورغانى ئىزدىنىشتىن چىقىۋالىدىكەن ، دۈمبىسى قىچىشىدۇ . جەڭگە ئالدىراپلا چىقىۋالىدۇ . ئۇ پەقەت مەغلۇبىيەتچىدىن باشقا ئادەم بولمايدۇ .
بىزگە بېرىلگەن ئامانەت ھەقىقەتەن چوڭ .
بۇنىڭ داۋامىنى كىيىنچە يازارمەن . يەنە نۇقۇيدىغانلار بولسا مەرھەمەت قىلغايسىلەر .