باشلانغۇچتىكى چاغدا بىر سىنىپ باشلىقى بولىدىغان ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ دىگىنىنى راست قىلاتتى ، تىخى '' تۇغۇلغان كۈنۈمدە ھەممىڭ كىلىسەن ھەم ھەر بىرىڭ ماڭا چوقۇم سوۋغات ئۈچۈن ئەڭ ئەرزىنى بىر كويلۇق دەپتەر ئىلىپ كىلىشىسەن، يۇقىرىسىنىڭ چىكى يوق'' دەپ «بۇيرۇق»قىلاتتى.ئەتىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارمىغان بىر يىزىلىق ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ تۇمۇشقى ئۇ سىنىپ باشلىقى تەرىپىدىن قۇمۇش سۈپۈرگە تىلى بىلەن ئۇرۇپ يىرتىۋىتىلگەن ئىدى ، شۇ سەۋەبلىك سىنىپتا نۇرغۇن جودا بولۇپ كەتكەن .قىممەترەك ''سوۋغات''ئىلىپ كەلگەنلىرى ئۇنىڭ ''ئادىشى''لىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن ئىدى.
توۋا ، ئاجايىپ ھازازۇل قىزبالىتىدە ئۇ ، كىچىكلىكتە ئۇنىڭغا بوزەك بولغانلار شۇ ساراڭدىن''قورقۇپ''ھەتتا ئاتا-ئانىمىزغىمۇ دىيەلمەيتتۇق ، كىچىكلىك دىگەن ساراڭلىقكەن . كەسپىمىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ،شۇ چاغلارنى ئويلىسام شۇ كىچىك زومىگەرنىڭ شۇ سىنىپتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى بىزگە روھىي جەھەتتىن ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىر ئىلىپ كەپتىكەن.