مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2106|ئىنكاس: 82

بالىلىقنى ئەسلىيەلەمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5863
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2349 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 02:46:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ  چاغلارنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلەيمەن ،  ئەسلەپ بۇلۇپ ئېغىر خۇرسىنىمەن .  نېمە دېگەن غەمسىز ، تاتلىق ، بىغۇبار چاغلار ھە ؟  كەلمەسكە كەتكەن گۈزەل چاغلار ، ئاپئاق قاردەك پاك دىللار ،  بالىلىق.....
  
    ئۆيىمىز  شەھەردە بولغاچقا  يېزا بالىلىرىغا ئالاھىدە ھەۋىسىم بار ئىدى ،  ھەتتا ھويلىسىدا ئۆرۈك ، ئۈجمە دەرىخى بار ساۋاقداشلىرىم بولىدىغان ، شۇلارمۇ كۆزۈمگە باشقىچە ئىمتىيازغا ئىگىدەك كۆرۈنەتتى .   مەكتەپنىڭ ئالدىدا  بىر موچەنگە مانچە دەپ غورا سېتىپ ئولتۇرغانلاردىن بىز نەچچە تال غورىنى ئاران ئېلىپ ، بىر- بىرىمىزگە دوملىتىپ يېسەك ، ئۇلار يانچۇلىرىغا توشتۇرۇپ ئالدىرىماي ، چىشلىرى قاماپ قالغۇچە يەيتتى .  ئۈجمە  پىششىقى بولسىغۇ بولۇپ بېرىدۇ ، چۈشتە مەكتەپتىن كېلىپ ئۇدۇل ئۈجمىگە يامىشىمىز ، ئاپام پەستە تۇرۇپ تىللاپ بىر نېمە قىلمۇغىچە چۈشمەيمەن ، ئۆيگە كىرىپ يېگەن تاماقنىڭ تايىنى توق ، مەكتەپكە يۈگرەيمەن .  ئاتا- ئانىسىدىن قورقماي ، ئۈجمىدىن چۈشمەي قېلىپ قالغان ساۋاقداشلىرىمغا ھەۋەس قىلىپ كۆزۈم كەينىدە . شۇ ۋاقىتلاردا ‹ قاچان چوڭ بولارمەن ، مېنىمۇ باشقۇرۇپ كۆزۈمگە كىرۋالمايدىغان بولسا › دەپ بەك ئاغرىناتتىم ئىچىمدە .  سىنىپتىمۇ بەك قىزىق ،  مالىملارنىڭ كۆزىگە بەك كۆرۈنۈپ قالىمەن ،  شۇنداق پاراڭ سالماي جىم ئولتۇرسام قاراپمۇ قويمايدۇ ماڭا ، ئالدى - كەينىمگە ياكى پارتىنىڭ ئىچىگە قولۇمنى تىقىپ بولغىچە ، بېشىمغا بور تېگىدۇ  ،  بالىلارنىڭ ئالدىدا ‹ مىت - مىت  ›  دەپ بىر مۇنچە تىل ئاڭلايمەن . تەتىل بولدىمۇ ،  ئاپامنى قاچان ماڭىمىز دەپ ئالدىراتقىلى تۇرىمەن ، ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك قولايلىق قاتناش نەدە ؟  كونا بىر ئابتۇبۇس بار ، يولدىن ئادەم سېلىپ ماڭىدىغان ، بالىلارنى قۇچاقتا ئولتۇرغۇزىدۇ .  ئورۇن يوقلار ئۆرە تۇرىدۇ . بىكار ئورۇندا شۇنداق ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا بىر چوڭ ئادەم چىقسا ، ئاپام بىقىنىمغا دۈشكەلەيدۇ :
- قوپە ، سەن كىچىك بولغاندىكىن ، چوڭلارغا ئورۇن بەر ..
   ‹  بولدى ، ئولتۇرىۋەرسۇن › دېگەنگە ئۇنىماي ، ‹ بۇلارغا بىلەت ئالمايدۇ ، سىلە ئولتۇرسىلا › دەپ ئاكتىپلىق قىلىدۇ .  باشقا خەق باللىرىنى ‹ كۆرمەسكە سېلىپ جىم ئولتۇر › دېسە ، ما مېنىڭ ئاكتىپ ئاپام ‹ ياخشىچاق › بولۇپ ، مېنى ئۆرە تۇرغۇزىدۇ ، ياكى بىقىنىغا پاتقۇزىدۇ .  تۇققانلار بار ناھىيىگە كېلىپ ، ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغان تۇققانلارنىڭ ھارۋىسىدا ،  يېزىغا ماڭىمىز ،  ئىچ- ئىچىمگە پاتماي قالىمەن ، خۇشاللىقتا ، يېزىنىڭ بېشىدىكى ئاشۇ توپىلىق ، ئىككى يېنىدىكى جىگدىلىكنى كۆرۈشۈمگە ‹ ھاي ! › دەپ بولغىچە ھارۋىدىن سەكرەپ يۈگرەيمەن .  كىرىپ چوڭلار بىلەن كۆرۈشۋېتىپلا ، دوسلىرىمنى ئىزدەيمەن ،  ئۇ  يېزا يېزىنىڭ چېتىدىكى بىر چەت  كەنىت بولۇپ ، ‹ ئورمانلىق › ئىدى ،  ئاران 10 نەچچە ئائىلە بار ، ئائىلىلىكمۇ تارقاق ئولتۇرۇشقان ، بىزنىڭ كېلىشىمىزدىن خەۋەر تاپقان خوشنىلار چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ، ياردەملىشىپ نان يېقىپ ، شورپا سېلىپ بىزنى كۈتۋالاتتى . ‹  يولدا ھېرىپ كەتتىڭ ، چاي ئىچۋال › دېگەنگە ئۇنىماي دوسلرىم بىلەن چىقىپ كېتىمەن ، باشتا سەل ياتسىرايمىز ، پۇتتىكى ئاياقنى سېلىپ ، يالاڭئاياق توپىغا مىلىنىپ ئويناپ نەچچە سائەتكە قالمايلا ، شۇنداق ئىچەكىشىپ كېتىمىز .  ئۆينىڭ ئالدىدا چوڭ كۆل بار ، پۈتۈن كەنىتتىكى ئائىللىكلەر مۇشۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ ... كەينىدە سەيلىك ، قوغۇنلۇق ، يان تەرىپىدە چەكسىز كەتكەن ئېتىزلىق ...   يەنە بىر تەرەپ ئورمانلىق .  قوشنىلار بىر-بىرىنى چاقىرماقچى بولسا ئۆگىزىسىگە چىقىپ توۋلايدۇ . يول بويىغا تىكلىگەن جىگدىلىكنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ ئېتەكلىرىمىزگە تولدۇرۇپ ئوچاقنىڭ كۈلىگە كۆمۈپ يەيمىز ،  تېخى ئەتىگەندە قوي باققىلى چىقىمىز ، چىرايلىق قوزىلارنى مېنىڭ دەپ ئايرىۋالىمىز . چۈشتى كېيىن قوغۇن باقىمىز ، ئاجايىپ بىر كۆڭۈللۈك بالىلىق ،  ئويۇن ئويناپ تويمايمەن ، سۇغا چۆمۈلۈپ قانمايمەن ، نەزىرىمدە مۇشۇ كەنىت ، مۇشۇ دوستلار ، چوڭ ئاپام مەڭگۈ بار دەپتىكەنمەن ،  چوڭ ئاپام ، چوڭ دادام مەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە ياشىيالمايمەنغۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،  تەتىل توشۇپ كېتىدىغاندا ئۈنسىز يىغلايتتىم ،  ئويۇنلارغا ، دوستلىرىمغا چىدىماي يىغلىدىم دەپتىكەنمەن ، ئەمدى بىلسەم شۇ بالىلىققا چىدىماي يىغلاپتىكەنمەن .  
   -  بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا نەدىكى بۇ ئاق ئۇندىن يېقىلغان ئىسسىق نان ؟  نەدىكى پولو ، شورپا ؟  شۇنداق قىيىنچىلقتا ئوقۇغان ، مەكتەپتىن كېلىپ ، شەمشىدىننى يۈدۈپ تېزەك تېرىيتتىم ، ئېتىزغا چىقىپ ئوت ئوتايتتىم ، بىر قۇربان ھېيت . شۇنداق جاڭ - جاڭ سوغۇقتا كەلدى  ، پۇتۇم يالىڭاچ قېلىپ رەھمەتلىك روزى دادام بىر ئۆتۈك ئەكەپتىكەن ، شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەن مەن ...
  ئاپام كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ مۇشۇنداق سۆزلەپ بەرسە ، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلمەي ، چۈشەنمەي تۇرۇپ تەسىرلىنىپ كۆزلىرىمگە ياش ئالاتتىم . مەلىمىزدىكى بالىلار بىزنى ئانچە ئارىغا قاتمايتتى ، بۇنى بەزىدە ئاپامدىنمۇ كۆرەتتىم ، تازا ئويۇننىڭ قىزىق يېرىگە كەلگەندە مەلىنىڭ بېشىدىن سوزۇپ چاقىرغان ‹  ئــــــــادىلە !!!  ›  دېگەن  ئىسىم ئاڭلانسىلا ، بالىلارنىڭ رەنجىگەن كۆزلىرى ماڭا تىكىلەتتى .  خىجىلچىلىقتىن ئاڭلىماسقا سېلىپ ئويناۋېرەتتىم  ،  مەلىنىڭ بېشىدىن ئاپامنىڭ شىۋىق كۆتۈرۈپ كېلۋاتقان قارىسى كۆرۈندىما ، ئالدى - كەينىمگە قارىماي يۈگرەيتتىم .  بىر كۈنى چۈشلىكى ، (  دەم ئېلىشمىكىن ، مەكتەپكە بارمىغان كۈنىمىزتى )  سىڭلىم چىقىپ كېتىپ يوق ، مەلىدىن بالىلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانماي ، جىملا .  ئاپام چىقىپ قاراپ بېقىشقا بۇيرىدى ، بىر بۇلۇڭدا گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئاۋاز .
- يېگنە ، يېمىسەڭ تايىقىڭنى يەيسەن ،
- ھەي ، بۇنى يەپ ئۆلۈپ قالسا قانداق قىلىمىز ؟
- جىم تۇرە ، بىرەر تال يېگەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ .  
  نېمىنى  ‹  يە ›  دەۋەتقاندۇ دەپ قىزىقىپ ،  تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ مارىسام ، مەلىمىزدە يازا بىر ئەسكى بىر نېمىلەر بارتى ،  شۇلار ، سىڭلىمنى قورشىۋاپتۇ . ئۇ بىچارە تىترەپ تۇرىدۇ . قادى قاق دەپ بىرسى بارتى ئۈچ ئۇكىسى بار ، شۇنداقمۇ بىر قىتىغىر ،  زادى بالىلار بىلەن چىقىشمايدىغان ، ئادەم بوزەك قىلىشقا ئامراق . قولىدا لېگەن تۇرىدۇ . نېمىلىكىنى كۆرەلمىدىم . ھە دەپ سىڭلىمغا زورلىغىلى تۇرۇپتۇ . ‹  بۇ بىر نېمىلەر ئەجەپ ئۇكامغا يەيدىغان نەرسە بەرگىسى كەپ قاپتىغۇ › دەپ يېقىن بېرىپ قارىسام  ، لېگەندە ئۆلۈك جېدەل تۇرىدۇ . شۇنى ئۇكامغا  ‹  يە ›  دەپ زورلىغىلى تۇرۇپتۇ .  نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن ، بېرىپ قولىدىكى لېگەن بىلەن بېشىغا بىرنى قويدۇم ؛
- ھۇ ساراڭ قاتىل ، ئۇكامنى ئۆلسۇن دەمسەن ؟  
- ما نەرسىنى ، كىمنى ئۇرۋاتىسەن ھەي ؟
ئۇرۇشۇپ پوملىشىپ كەتتۇق ، ئۇ مېنى نەچچىنى سېلۋالدىكىن تاڭ ، مەنمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى مورلىۋاپتىمەن ،  قىيا- چىيادىن خوشنىلار چخقىشقا باشلىدى . ئۇكامغا قاراپ ۋاقىردىم :
- ساراڭ شۇم ، ماڭە ، ئاپامنى چاقىر !  
ئاپام چىقىپ بولغىچە خوشنىلار ئاجىرتىۋالدى ، تېخى نەچچىسى ‹ قىز بالا تۇرۇپمۇ ئۇرۇشۇپ يۈرەمسىز › دەپ گۇناھنى ماڭا قويغانمۇ بولدى .  ئاپامنىڭ ئاقايىپ بىې ئېسىل ‹ ئەنئەنىسى › بار ، نېمىلا ئىش بولسا ، خەق مېنى ئۇرسىمۇ ، تىللىسىمۇ گۇناھنى ماڭا قويىدۇ .  ‹ خەق جىم تۇرساڭ ئۇرامتى ، تىللامتى ؟ › دەپ . چىقىپلا يەنە ۋاقىردى ؛
- ھۇ ، كۆك ماڭقا ، ما مەلىدە مېنى ياشىغىلى قويامسەن ھە ؟  نىمىشقا بىر خەق بىلەن ئۇرۇشماي ياشىيالمايسەن سەن ؟
ئاپامغا قاتتىق چەكچەيدىم ، سىڭلىم دېگەن شۇم ‹ ما ئاچام مېنى دەپ قىلدى › دېگەن گەپنى قىلماي تۇرىدۇ ، ماڭقىسىنى ئېقىتىپ .
- ھە ئۇرە ، ھە ئۇرە !  ما خەق ئۆلۈپ كەتكەن چىۋىننى بالاڭغا يېگۈزسىمۇ مېنى ئۇرە !!  
  ئاپامغا چەكچىيىپ تۇرۇپ شۇ گەپنى دەپلا ھكڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، ئىچ - ئىچىمدىن شۇنداق ئۇۋالچىللىققا ئۇچراپ ، ئاپامغا بەك ئاچچىغىم كەلدى .
ئۇنىڭغىچە قادى قاق ئۇكىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تىكۋەتتى .  ئاپام يەنە مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەي سىڭلىمدىن سورىغانتى ، ئۇ ماڭقا  تاياقنى مەن يېسەم يىغلاپ تۇرۇپ قادى قاقىنىڭ ‹ چىۋىننى يە › دەپ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى دەپ بەردى ،
ئاپام شۇ ھامان مەلىنى بېشىغا كەيدى ،
- شۇنچە ئادەم پاتقان مەلىگە مېنىڭ بالام پاتماپتىما ھە ؟  ما كىچىك بالا يەپ سالا دېمەي ، كىمكەن ئاشۇ ئۆلۈك چىۋىننى مەلىگە تۆكۈپ قويغان ؟
- تۆكۈپ قويماپتۇ ، لېگەن بىلەن ئەچىقپتۇ ماندا !
مەلىدىكى ئوت قۇيرۇق خوتۇنلار ئارىغا چۈشۈپ غەزەپلەنگەن بولدى ،  ئاپام قادى قاقنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاپىسى بىلەن بىر چاڭ زاكۇنلاشقاندىن كېيىن قايتىپ چىقتى ، قادى قاقنىڭ ئاپىسىمۇ ‹ خاپا بولمىسىلا ، بالا كىچىكلىك قىپتۇ › دېگەن گەپنى قىلماي ، ‹ مەن بالىغا ئۆلگەن چىۋىننى ئەخلەتخانىغا ئاپىرىپ تۆۋەت دەپ بۇيرىغان ، مەن ئۆگىتىپ قويمىدىم › دەپ بېشىنى ئىچىگە تىقۋالدى ،  تېخى ئەتىسى مەلىدە ‹ بالامنىڭ يۈزى › دەپ سكزلەپ يۈرۈپتۇ .  شۇندىن كېيىن قادى قاق ئائىلىسىگە ئۆچ بولۇپ قالدىم . ماڭغاچ ، ئىشىكنىڭ كەينىگە ئىلىغلىق قۇلۇپ بولسا تېشىدىن قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ قېچىپ كېتىمەن ،  ھويلىسىغا پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ چېلىكىدىكى سۇنى تۆكۋېتىمەن ، پىشمىغان ئەنجۈرلىرىنى ئۈزۋېتىمەن ،  تەشتەكتىكى گۈلىنى سۇندىرۋېتىمەن ( بۇ جىنايەتلىرىمنى ھېچكىمگە دەپ باقمىغان ) . ھەي ، بالىلىق دە ، بالىلىق ....  
بالىلىقتا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ھەر تەتىلدە بارىدىغان  يېزام بىلەن ، قادى قاق ۋەقەسى بوپتۇ ،  بارغانسىرى چوڭ بولۇشقا باشلىدىم ، رەھمەتلىك چوڭ ئاپام بىلەن چوڭ داداممۇ تۈگەپ كەتتى . يىغلاپ - قاقشاپ ئۇنىمۇ ئۇنتۇپتمەن ، ئاشۇ يېزامنى ، توپىلىق يوللارنى ، جىگدىلىك دەرەخلەرنى ، كۆلنى ، قوغۇنلۇقنى ، پادا باققاندىكى دوستلارنى ئويلىسام ...... ،  ئۇلار ھازىر توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ بولغاندۇ ھە  ؟مەندەك بىر بالىلىقتا بىللە ئوينىغان دوستى ئېسىدە بارمىدۇ ؟  
مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن دەپ ئويلايتتىم ، غەمنىڭ جىقلىقىدىن ئۇ ئەسلىمىلەرمۇ خىرەلەشكىلى تۇرۇپتۇ .  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يېزىغا بېرىپ ئۆزگىرىپ كەتكەن يوللارغا ، ئۆيلەرگە قاراپ ، شۇ كەنىتنى سورىغىنىمدا  يەر ئىسلاھاتى دەپ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ، بوز يەر ئاچتۇق دەپ دەرەخلەرنى كولاپ كېسىپ ، كۆللەرى تىندۇرۇپ ، لاي سۇ ئاقىدىغان ئېرىقلارنى ئوڭشاپ تونۇغۇسىز قىلۋەتكەنلىكىنى ئېيتسا جاھىللىق بىلەن ،   ‹ ياق ، مەن تونۇيالايمەن ، مېنى ئاپىرىڭلار › دەپ تۇرۋالدىم . نەۋرە ئىنىم يېڭى ئالغان موتۇسىغا مىندۈرۈپ ئاپاردى ، قېنى مەن قېنىپ - قېنىپ پۇرىماقچى بولغان جىگدىلەر ؟  قېنى مەن چۆمۈلگەن كۆللەر ؟  قېنى مەن مۆكۈشمەك ئوينىغان يار ؟ بالىلىقىمنىڭ ئىزناسىدىن بىرسى قالماپتۇ ، ھەممىسى كۆز يەتكۈسىز ئېتىز بولۇپ كېتىپتۇ .  ھەتتا ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىدىكى چېقىر ئۈجمىمۇ يوق . كاشكى ، شۇ ئۈقمىنى بولسىمۇ قويۇپ قويغان بولسا ،  يامىشىپ بىر چىقۋالغان بولسام ،  بۇرنۇم ئېچىشتى ، لېكىن بۇرۇنقىدەك يىغلىيالمىدىم ، چوڭ بولغان ئوخشايمەن .
نەۋرە ئىنىمدىن سورىدىم :
- ئۇكام ، بىز ئوينىغان ئاشۇ بالىلىقنى سېغىندىڭمۇ ؟
- سېغىندىم ، ۋاي ، لېكىن بەك جاپا ئىدى،  ھازىر ياخشىلىنىپ كەتتى .
- ئۆيلەرنى چاققاندا ، جىگدىلەرنى كەسكەندە بىر خىل بولدۇڭمۇ ؟
- ھەئە ، بولماتىم ئەمسە .
ئۇ  ئارتۇق گەپ قىلماي يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى ، بەلكىم ئۇمۇ مەندەك شۇ غەمسىز بالىلىقنى سېغىنغاندۇ ؟  ئۇمۇ پات ئارىدا بىر ئۆيگە باش بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟
  نەۋرە بالىلار يىغىلىپ يېزا بازىرىغا باردۇق .  يېزا بازىرىدا ، بىر تونۇش چىرايغا كۆزۈم چۈشتى ،
- ئايشەم !  ئاۋۇ ئايشەمغۇ ؟
- ھەئە شۇ ، تونۇۋاپسەن ھە ؟
- تونۇدۇم ، مېنى تونۇمىدىمۇ نېمە ؟ قاراپ - قاراپ كېيىپ قالدى .
- خىجىل بولۇپ قالغاندۇ ؟  ھازىر ئىككى بالىسى بار .  كۆتۈرۋالغىنى كىچىكى .
كەينىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدىم . مانا مەن مۇساپىر بولۇپ تېخى يۈرىمەن ، مەندىن كىچىك بالىلىقىتىكى شۇ دوستۇم ئانا بولۇپ پەرىزىنى ئادا قىپتۇ . جاپا تارتسىمۇ كۈنى خاتىرجەمدە .  شۇ ئاخشىمى بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم .  تۇققانلارغا ‹ ئېسەك ھارۋىسىدا ئولتۇرغۇم بار › دېسەم كۈلۈپ كەتتى ،  ھازىر ئېشەك ھارۋىسى تاپقىلى بولمايمىش ... ھەممە ئۆيدە موتۇ ، تەرەكتۇر .
   بەزىدە چۈشلىرىمدە ئاشۇ يېزامنى ، جىگدىلىك دەرەخلىك توپا يوللارنى ، قوغۇن باققان ، پادا قوغلىغان شۇ دوستلىرىمنى كۆرۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىمەن ،  چوڭ ئاپام ، چپڭ دادامنى كۆرۈپ ‹ سىلەرگە بىر چىنە ئاش سۇنغىچە كېتىپ قالدىڭلارغۇ ؟ جاھاننىڭ راھىتى كۆرمىدىڭلارغۇ › دەپ يىغلاپ بېرىمەن ، بالا كۆتۈرۋالغان ، مەندىن كۆزىنى قاچۇرغان ئايشەمنى كۆرىمەن .....  نېمىلەرنىدۇر سېغىنىمەن ....

توغرا  ،  مەن سېغىنىمەن ، شۇ بالىلىقنى ، غۇۋالىشۋاتقان شۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى سېغىنىمەن .  كۆزلىرىمدە كۈلكە ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئەسلەيمەن ،  شۇ ۋاقتلار يەنە بىر كەلگەن بولسىدى-ھە ؟  يالاڭئاياق تاز بىر مېڭۋالسام ، سويمىلارنى ئېتىز قىرىغا ئۇرۇپ چېقىپلا يەۋالسام ، قوزىلارنى ‹ مېنىڭ قوزام › دەپ ئەڭ چىرايلىقنى تاللىۋالسام ، چوڭ ئاپام ، چوڭ دادامغا بىر پىيالە چاي سۇنۋالسام .....  بالىلىقىمدا كىچىكلىكىمگە باقماي نۇرغۇن ئارمانلىرىم بار ئىدى ، ئەپسۇس ، ئۇ ئارمانلار بالىلىققا كۆمۈلۈپ كەتتى . ھەي ، ئارمانلار ~~
  
     بالىلىقىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەيمەن دەپ سۆزلەپ قويدۇم كەچ بولغاندا .  قېنى دوستلار ، بالىلىقنى بىر ئەسلەپ باقمامدۇق ؟  سىز سۆزلەڭ ، مەن ھېرىسمەن ئاڭلىغۇچىڭىز بولۇپ تىڭشاي .   
مەنبە :  قاپاق كاللام .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قان. + 100 كۆزۆم نەملەندى !ئېھ ..مىنىڭ ھەھرايىم !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4397
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1119 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 12:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزا بالىلىردەك كەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىدا  خۇشال -خۇرام بەخىتلىك چوڭ بۇلۇشتەك بۇنداق بەختنى شەھەردە چوڭ بولغانلار مىنىڭچە ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمىسا كىرەك .

لىكىن ھازىرقى يىزا باللىرنڭ 3 ياشتىن تاتىپ يەسلىلەردە شەھەرلىك باللاردەك چوڭ بۇلۋاتقانلقىنى كۆرسەم بەكلا‹‹خۇشال›› بوپ كىتىمەن .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10535
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3504 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە  ئەجەپ يىزىپسىز جۇمۇ ...كۈزۈمگە ياش كەلدى ...مەنمۇ شۇ بالىلىقىمنى سېغىندىم ... يىراق يىراق جايلارغا كەتسەم ...ئادەم قانچە ئاز ساز بولسا شۇنچە ياخشى ئىدى ئەمما قۇربىم  يەتمەيدۇ ...شەھەرگە ھۆ بولدۇم ...

ھەممە يەردە ماشىنا ،
ھەممە يەردە ئۆي بىنا .
كەچتە قېنى يۇلتۇزلار ،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟؟؟

مۆرەيدىغان كالا بارمۇ ؟؟؟
دۈپۈر دۈپۈر ئاتلار بارمۇ ؟؟؟

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5811
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 900
توردا: 14352 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ  ئوخشاشكەن بالىلىقىمىز
غەمسىز، تاتلىق بالا ۋاقلىرىمدىكى  ئەسلىمە بۇلۇپ كۆز ئادىمدا نامايەن بولدى
بالىلىققا قايتقاندەك بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59931
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1373 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالېلىق ۋاقىت نىمە دېگەن پەيزى ۋاقىت.ھېچقانداق غەم-غۇسسە يوق.قوسىقىمىزتويسا،بالىلار بىلەن نۇرغۇن ئويۇنلارنى تېپىپ ،ئويناپ كۈننى كەچ قىلساق،كەچتە بىچچارە ئاپىلىرىمىز كىيمىڭنى مەينەت قىلىپسەن دەپ قاخشاپ كەتسە ......بالىلىققا قايتقۇم بار.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68832
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5863
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2349 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(natik) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

شۇ  بالىلىقتىكى  ئىشلاردىن سۆزلەپ  قويىڭە ،  ئاڭلايلى .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5863
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2349 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(Azizim) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

شۇ  ئەسلىمىلەرنى  بىزگىمۇ  سۆزلەپ  بېرىڭ ھوي ،  ئاڭلايلى  .   نېمانداق  قىلىدۇ  ما بالىلار .  سۆزلەڭلار  تارتىنماي ...

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5863
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2349 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(This.is.It) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

جېكسۇن قارى ،  (  چاقچاق ھە )  .  ناخشىغا چۈشۈپ كەتمەي ،  دەيلى دەيمەن ، شۇ  پاراڭلارنى .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8146
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 02:06:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئىنساننىڭ بالىلىقىدا ئۇنتۇلماس ئىشلىرى دوستلىرى بولىدۇ.
مىنىڭ بالىلىقىممۇ  ئوخشاشلا بەكمۇ خۇشال ھەم غەمسىز ئۆتكەن، ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرىمىزمۇ بەك ئۆزگىچە ئىدى. بىزلەر كىچىك ۋاقتىمىزدا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» «ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى» دىگەن فىلىم قۇيىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى، كەچتە ئاكىلىرىم ھەم مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن قوللىرىمىزغا كالتەكلەرنى ئېلىپ شۇ فىلىمدىكى قەھرىمانلارنى دوراپ ئوينايتتۇق، مەن ھەم يەنە بىر قانچە قىزلار شۇ فىلىمدىكى ئايال پىرسۇناژلارنىڭ رولىغا چىقاتتۇق. قۇناق پاسارلىرىنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل تاپانچا، مىلتىقلارنى ياساپ ئوينايتتۇق، كەنتىنىڭ بېغىغا غورا ئوغۇرلاشقا كىرىپ تۇتۇلۇپ قالغانتۇق تېخى.
ياز كۈنلىرى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى، مەھەللىمىزدە قىزلار سۇغا چۈشىدىغان، ئۇغۇللار سۇغا چۈشىدىغان يەر ئايرىم-ئايرىم ئىدى. ئۆستەڭڭە بېرىپ قانغۇچە سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينايتتۇق. سۇدىن چىقىپ قىززىق توپىلارغا مېلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتۇق. شۇ چاغلاردا ئۈرۈك ئالىمەن دەپ  ئۈرۈك دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ يىقىلىپ كەتكەنتىم، بىلىكىم سۈرۈلۈپ قاناپ كەتكەن، بىلىكىمدە ھازىرغىچە ئىز قىلىقلىق.
بالىلىقتىكى كۈلكىلىك، خۇشال ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بۇلاتتىمۇ؟
ھەي شۇ بالىلىق!

ئادەم دۇنياغا ئۆلىكى بىلەن مازارنى، تىرىكى بىلەن بازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلمىگەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش