شۇنداق ئويلاپ باقسام ئانام دادام بىلەن بەكىلام كىچىك توي قېلپتكەن چۈنىكى ئۇ ۋاقتلارىدا شۇنداق ۋاقتلار ئىكەنتۇق ئۇ ۋاقتلارىدا قېزلارنىڭ توينى قىلۋەتسە يامان ئۈگۈنۈپ قالىدۇ كۆزمىزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ دەپ قارايىدىكەن بەلىكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك دادام ئانامنىڭ كەينگە كىرىۋلىپ شۇ ۋاقتا توي قېلپتكەن .ئۇ ۋاقتلارىدا بىزنىڭ ئۆيمىز بەك كىچىك بولۇپ ئانام شۇنداق جاپالارنى تارتىپ مۇشۇ ۋاقتقىچە كەپتكەنتۇق.ئانام ئىغىر ئاياق بولغان ۋاقىتا دادام بەكىلام خۇشال بولۇپتكەن .ئەگەرىدە ئوغۇل تۇغساڭ تۇغ بولمسا تۇغما دەپ ئاغىزىدىن سا چىقپ كېتپكەن .شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك خۇدايىم مانا دىگەندەك 5 قىز بىرپتۇ .ئەمما 5نىجى بىر قىزىنى تۇغىقاندا دادام چوقۇم مۇشۇ ئوغۇل بالا دەپ شۇنداق نامازلارنى ئوقۇپ دۇئا قىلغان بولسمۇ 5نىجىسى قىز بالا چىقپتۇ .خۇداىدىن يەنە نالە قېپتۇ .ئەتىگنى سەھەرلەرىدە تۇرۇپ نامازىغا چىقىپ دىگەندەك ئانامنىڭ قوسقدا يەنە قاپتۇ .ئويلاپ باقسام شۇ ۋاقىتا دادامنىڭ قىلمغان قىلقىرى قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇل چىقپتۇ .دادام ناھايتمۇ خۇشال بولۇپ كېتپتۇ چۈنىكى خۇدايم مېنىڭ تېلكمنى ئىجابەت قىلدى دەپ .ئۇ ۋاقتىكى خۇشاللىقنى بەلىكىم تەسىۋىرلەپ بىرەلمەيىدىغاندەك تۇرىمەن .شۇنىڭ بىلەن يەنە قوسقدا قېلىپ مەن تۇغۇلۇپتكەنمەن .ھېلمۇ ئسمىدە ئانامنىڭ 9سائەت،9مىنۇت،9ئاي،9كۈن قوساق كۆتۈرۈپ مېنى تۇغىقان شۇ كۈنلەر مەن بولسام رامىزان كۈنلىرىدە تۇغۇلۇپ يەنى ئەتە ئۆيگە شېپتار قىچقىرىمىز دەپ قاتتق تەييارلىق قىلۋاتقان ۋاقتتا كەچتە 4:30 بولغاندا يەنى 1989-يىلى 4ئاينىڭ25-كۈنى سائەت 4تىن 30 مىنۇت 45 سىكۇنىتتا قەمبەرىخان دىگەن تۇغۇت ئانسى تەرپىدىن ئۆيدە ئېڭە دىگەن بىر ئاۋاز بىلەن دۇنياىغا كۆز ئېچپتكەنمەن.ئادەم تۇغۇلغانىدىكى ئېڭە دىگەن ھەمدە ھىچ ئىش بىلمەي نېمە بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن كىچىكلەرىگە گولدنىپ بېقىپ ئۆتۈلىگەن كۈنلەر نېمانداق گۈزەل ھەمدە نېمانداق بەختلىك ھەمدە كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئۇ ھە ! ئەگەرىدە ھازىرىمۇ شۇ ۋاقتلارىدا بولغان بولسام بەلىكىم ھەممنى قايتىدىن باشلغان ھەمدە ھەممنى باشتىن باشلغان بولاتتىم . ئەتىدىكى شىپتارلىقمۇ شىپتارلىق بولاۋىرىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مېنى شۇنداق بىر ئۇلۇغ بىر ۋاقىتا بەلەن بىر ۋاقىتا تۇغۇلىدى دەپ ئۆيدىكلەر مېنىڭ ئېسممنى قويغاندا ھەممە ئىشلارنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەرىدە ئادىل بىر تەرەپ قىلسۇن دەپ ئادىلجان دەپ قويۇپتكەن .بىچارە ئانام بولسا بىر قولىدا بىر بۆشۈكنى يەنە بىر قولىدا بىر بۆشۈكنى شۇنداق تەۋىرتىپ چوڭ قېلپتكەن .بىزلەرمۇ شۇ ۋاقتلارىدا ئەللەي ناخشسغا ئەللەي بولۇپ ئۇخىلاپ كېتەتتۇق .ئەنە شۇ ۋاقتكى ئەللەي ناخشسى شۇنداق ئېسمىدە ھەمىدە ئانامنىڭ شۇ ۋاقىتكى ئاۋازى خۇددى بىركېىم ناخشا ئېيىپ بەرىگەندەك ئاڭىلاناتتى .مانا ھازىرىغا كەلگۈچە مەن شۇ ئەللەي ناخشسنى يەنىمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن چۈنىكى شۇ بىر ناخشا ئارقىلق بىزلەر ئۇخىلمغان بۆشۈكلەرىدە ئۇخلمغان يەرلەرىدە ئۇخلاپ كەتكەن ئەمەسمۇ قېنى مۇنۇ ئەللەي ناخشغا قۇلاق سالغايىسز ...........
ئەللەي بالام جان باللام ئەللەي ،جېنىم باللام كۆز قارچىغۇم ئەللەي باللام
ئۇخلاپ قېلىڭ جان باللام ئەللەي، ئاپىڭىزىمۇ كېلىدۇ جان بالام ئەللەي
ئۇخلاپ قېلڭ جان باللام ئەلەي ..
تاتلىق قوزاق جان باللام ئەللەي ،باغىرم دادام دەپ ئويناسەن ئەللەي بالام
ھەي نېمانداق مۇڭلۇق تېكستلەر بۇ ھە ! مۇشۇنى ئاڭلغنمدا ئەسلەپ ئۆتكەندە ئۆزەمنى شۇ بۆشۈكتكى ۋاقتلارىنى ئەسلەپ قالىمەن .بىچارە ئانام بولسا بىر قولىدا بىر بالىنى بۆشۈكتە تەۋرەتىسە يەنە بىر تەرەپتە يەنە بىر بۆۆشۈكنى تەۋرتىپ تاماق بىرىدىغان ۋاقىتتا بىر قولىدا يەنە بىر بالىغا تاماق بىرىپ،يەنە بىر قولىدا بولسا بۆشۈكنى تەۋرتىپ تۇرۇپ يەنە بىر بالىنى ئالداپ ئۆتكەن كۈنلەر ھەي نېمانداق جاپالىق كۈنلەر بۇ ھە !
بالىلق ۋاقتىلار ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتى دەپ قارايمەن ،ھېلمۇ شۇنداق ئسمىدە تۇرۇپتۇ ،مەن بالىنىڭ يەتنىچسى بولۇپ ئاكام ۋە ئۇكام مېنى بىر خەنىزۇچە مەكتەپكە بىرپتكەنتۇق ،ئەمما مەن خەنىزۇلارنىدىن بەكىلام قورقۇپ يۈرىدىغان ۋاقتىم ئىدى ،ۋاڭ مۇئەللىم دەيىدىغان بىرىسى ئسمىڭ نېمە دەپ سورىغاندا ئاران ئسممنى دەپ بىرىپ چۈش بولغاندا مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ مەكتەپنىڭ دەرۋازسنىڭ ئالىدىدا ئولتۇراتىم ۋاقىتى توشقاندا مەن مەكتەپتىن كەلىدىم دەپ قويۇپ كىرەتتىم ،شۇنداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۋاتقان ۋاقتتا بولسا دادام بىلىپ قالىدىغان گەپ ھەي ئەمىدى قانداق قىلىش كىرەك دەپ ئەتىگەندە ھەممە ئادەم ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىن پايىدلنىپ ئۆيىدىكى كارۋاتنىڭ تېىگىگە مۈكنۋالغان ئىدىم .
ئۇلار مېنى تاپالماي ھەي بۇ بالا نەگە كەتكەندە دەپ ئىزدىگەن ۋاقتلارىدا مەن ما يەرىدە دەپمۇ دىمگەن ئىدىم چۈنىكى دەپىلام قالسام مېنى مەكتەپكە ئاپىراتتى ،مەكتەپكە بارىماسلقنىڭ باناسنى تېپىپ چىقماي ساق بىر كۈنى شۇ يەرىدە ياتتىم ،
ھەي ئۇ ۋاقتلارىدىكى دەردىمنى ئۆزەم بىلمەن نېمە ئامال دەيىسز ئۇنداق قىلمساق قانداق قىلتۇق ئامال يوق دە شۇنىڭ بىلەن بالا چاتاق چىقتى دەپ ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەرىگەندە ئۇيغۇرچە مەكتەپتمۇ ئوقۇمايمەن دەپ قويۇپ قىچىپ يۈرىگەن ئىدىم ،ھېلمۇ شۇنداق ئسمىدە تۇرۇپتۇ ،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوغۇچىلارنى روزى تۇتۇشقا قەتئى يولغا قويمايتى ئەپسۇس مەن باشلانغۇچ ۋاقتىلارىدىكى پەيتلەرنمۇ قولىدىن بەرىمەي روزى تۇتاتىم ،شۇ ۋقتىلارنى ئويلسام ھەي بىر كۈنى مەكتەپتە تاماق ئېتمىز دەپ ھەممىزنى بىر نەرسە ئەكىلشكە بۇيىرۇىدى بىز ماقۇل دەپ ئۆزىمىز ھەمىمىز ئويلەرىدىن گوش ئەكىلەتتۇق ،ھازىرىچە مۇشۇ يەرگىچە يازاي داۋامى بار .... ئۇ چاقىچە بالىلق ئەسلملەردىكى مۇنۇ سۈرئەتلىك فىلمىدىن ھوزۇرلنىپ تۇرۇڭىلار !