مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nim-japa

بالىلىقنى ئەسلىيەلەمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4425
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 03:54:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ ،شەھەردە تۇرغان ۋاقىتلاردا توخوغا بەكئامراق ئىدوق ،يىغلاپ قاقشاپ دادامغا توخو ئلىپ بەر دىسەم 10نەچچە چۈجىنى بىراقلا ئىلىپ كەپتۇ ،چۈجىلەر كىلىشى بىلەنلا مۇرەسسە باشلاندى ، مەن ئۆينىڭ كىچىكى بولغاچ ھەم 4ياشقا كىرگەن بولغاچ ئەڭ سەت ،ئەڭ كىچىك ،تۈكىمۇ يوق بىر چۈجىنى تەخسىم قىلدى ئاچام ...
ھەركۈنى كەچتە ئاپاملار سىرىتتا خوشنىلار بىلەن چاي ئىچكەچ،گازىر پۇرچاق مىۋە-چىۋىلەرنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ پاراڭلىشىپ كىتەتتى ،ئاكام ئىككىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىشىكتىكى چۈجىلەرنى ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ ئىشىكنى ئىلىپلا چۈجىلەرنى ئاسمانغا ئىتىپ ئوينايتۇق ،ئاللا ئاللا چۈجىلەر چىقىرىشىپ كەتسىمۇ كارىمىز يوق ئىدى ،ئۆينىڭ ھەممىلا يىرى توخو پىيى ...بىر چاغدا ئاكام مىنىڭ ئەللەي چۈجەمنى ،چايخانىغا قويۇلغان كونا كىرىسلونىڭ بىرژونىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ ،سەت چۈجەمنى يىرىم كۈن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ،بىر چاغدا دادام دۇككاندىن كىلىپ ھىلىقى كىرىسلودا بىر ئولتۇرىۋىدى جىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ...بىچارە ئەللەي تاز چۈجەم رەھمەتلىك بولوپ كەتتى .
شۇ يىلى دادام راك كىسىلى بىلەن تۈگەپ كەتتى ، بىر يىلدىن كىيىن بىزمۇ يىزىدىكى ئۆيگە كۆچۈپ چىققان ئىدۇق ، بۇيەر شەھەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ ،ئادەملىرى بەك ياخشى ،شۇ يىلى قۇربان ھىيتتا يىڭى ئاداشلىرىم بىلەن ھىيتلىغىلى چىقتۇق ،ئۇلار قوشوق ئىلىۋىلىشىمنى ئىيتقاندا ھەيران قالغان ئىدىم ، ئەسلى يىزىدىكىلەر قۇربان ھىيتتا ئاپامدەك ھۇرۇنلۇق قىلىپ شورپا قىلىپلا ئۇزاتماي ،خىمىر چاناپ ئوماچ قىلىدىكەن ،ئامما بۇ ئوماچنىڭ تەمى باشقىچىلا تىتىپ كەتتى ،جامائەتكە ئەگىشىپ بىر باشتىن ھىيتلاپ چىقىپتۇق ،چۈش بولغاندا مىدىرلىغۇدەك ھالىم قالمىدى ،قورسۇقۇم تويۇپ يىگەن ئومىچىم بۇرنۇمدىن چىقىپ كىتەيلا دىدىم ،ئۆيگە ئاسمانغا قاراپ ئارانلا كىردىم ،ئاپامغا ھىيتلىغان ئىشلارنى ئاغىزى ئاغىزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتىم ....
بۇرۇن ھەۋەس قىلىدىغان يىزا تۇرمىشىغا مانا ئەمدى مەنمۇ باشچىلاپ كىرگەن ئىدىم ،دادام بولمىغاچ ئاپام بىز 4بالىنى يالغۇز باقتى ،چوڭ ئاچام ئالى مەكتەپتە ئوقۇيتى ،دادام بار چاغدا بازاردىن سەيمۇ ئىلىپ باقمىغان ئاپام ئەمدى سەيچى بولوپ قالدى ،تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى ،2ئىغىزلىقلا ئۆيىمىز بار ،توخومۇ يوق ،15مو يەرنى ئاپام تىرىيتى ، سۇ كەلسە مەن ئاچام ئاپام ئۈچىمىز بىللە چىقاتتۇق ،ئۇچاغدا مەن 5ياش .ئاچام 9ياش،7ياشقا كىرگەن ئاكام نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپىدە ئىدى ، قوناق ،بۇغداي دىگەن زىرائەتلەرنى كۆرۈپ باقمىغان مەن مانا ئەمدى دىھقان بالىسى بولوپ كەتكەن ئىدىم ،ئەتىيازدا بىدە كۆك چۆچۈرىسى يەيدىغان ياخشى چاغ ،ئاداشلىرىم بىلەن ئىتىزلىققا بىدە تەرگىنى باراتتۇق ،يەرلىك بىدىنى تونىيالمىغاچ دائىم قاشقا بىدە تىرىيتىم ،بىرمۇنچە تىرىپ بولغاندا قىزلار زاڭلىق قىلىپ ،سەن ئات يەيدىغان بىدىنى تىرىپسەن دىسە مەنمۇ كاسىلداپ،سىنىڭ بىدەڭنى ئات يىمەمتى دەپ تاكاللىشاتتىم .
ياز كەلگەندە ئۈجمە يىگىنى كەنىت چىتىدىكى ئۈجۈمزارلىققا توپ توپ بولوپ باراتتۇق ،ھەممىمىزنىڭ قولىدا بىر قۇتا بار ،ئۇنىڭغا ئۆيدىكىلەرگە ئىلىپ بارىمىز ،دەسلەپتە مەن دەرەخكە چىقالمايتىم ،بەك قورقاتتىم كىيىن بالىلاردىن ئۈگۈنۈپ مايمۇندەك يامىشىدىغان بولوپ كەتتۇق ، ئەتتىگەن سائەت 9دا بارساق چۈشتىن كىيىن سائەت 3تە قايتاتتۇق ،ئۇجۇم يەپ تويۇپ،يىنىدىكى ئۆستەڭدە راسا چۈمۈلىتۇق ،سۇدىن چىقىپ ئۇجۇم يەيتۇق ....شۇنداق كۆڭۈللۈك ...
ھەپتىدە بىر قىتىم مەھەللىمىزدە كوچىلار ئارا سەنئەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلەتتى ،مەن رىياسەتچىلىك قلاتتىم ،ئاتا ئانىلىرىمىز باھالىغۇچى ئىدى ،مۇكاپاتقا 2تال دەپتەر بىرتال قىرىنداش بەرسە ئاغىزىمىز قۇلىقىمىزغا باراتتى ....
2يىلدىلا مەنمۇ سەھرالىق بولدۇم ،قوشنىمىزنىڭ قويىنى ھەقسىز باقاتتۇق،قوي باققاش باغدىن ئالما ئوغۇرلايتۇق ،تاۋۇزلىقتىن تاۋۇز ،سەيلىكتىن پەمىدۇر ،ئىگىسى قوغلىسا بەك خۇشال بولاتتۇق ،قوي كالىنى تاشلاپلا پەرررررررررت تىدە 10تەرەپقا قاچاتتۇق ، قىش بولغاندا دۈيلەر ئارا قاربۇۋاي ياساش ، قار ئىتىشىش، قىشلىق دالا يۈگرەش مۇسابىقىلىرىمىز بار ئىدى ،بۇنى بىزدىن چوڭلار ئورۇنلاشتۇراتتى ....ئىشقىلىپ بەك كۆڭۈللۈك ،ھازىرقى بالىلارغۇ ئۇ ئويۇنلارنى ئوينىمايدۇ ....

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31251
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6309 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ كۆڭۈلۈك ھىس قىلىدىغىنىم سۇ ئۈزۈش ئىدى. سۇغىمۇ يامان ئىدىم. بازار ئىچىدىكى كۆۋرۈكتىن يالاڭاچ بۇلىۋېلىپ سۇغا سەكرەپ ئوينايتۇق . 5-6مېىترچە كېلەر بولغىيدى. چوڭلار ما تەخەيلەرنى، ھەي! ئىشتان كىيىش !؛-دەپ توۋلاپمۇ قۇياتتى. مەكتەپتىن قېچىپمۇ بارىتۇق بەزىدە. دادىمىز ئۇقۇپ قالىدۇ دەپ سۇدىن چىقىپ يۈزىمىزگە تۇپا سۈركىۋالاتتۇق. تېلىۋۇزۇر پەيدا بولۇپ بىر قىشلىقى قىشلىق سۇ ئۇزۇشنى قۇيىۋېدى بىزمۇ باتۇرلاچە ھالدا1- ئايدا مۇزاتقا پاقام ئېتىۋاتساق دادىلىرمىز چىرايلىق چىۋىتقىلاردا ‹‹ مۇلايىم›› تەربىيەلەرنى قىلپ ياندۇرۇپ كەلگەن، بىراقزە بەزى قىلىقى سەت بالىلارمۇ بارتى، كەمەر، ئاياق ئوغىرلايدىغان پات-پات يۇتتۇرۇپ تۇراتتۇق. قىشلىقى كوڭكا تېيىلىپ ئوينايتۇق، ئۆزىمىز ياسايتۇقتە ئۇىمۇ، ياغاچىلارنى تەييار قىلىپ، قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۈچ قىرلىق تۆمۈرلەرنى ئوغرىلاپ چىقىپ ئىسىل قىلىپ زىق ياساپ بىر ماڭساق نەچچە كىلومېتىر يىراقىلققا كېتەتتۇق، ھازىر غۇ دەريادا مۇز يوق. سۇغا چۈشۈپ كىتشلەرنى بىر دېمەڭ، گاگار ئويناپ ۋاللاي توۋلاش،قاراڭغۇدا جىننىڭ گېپىنى قىلىپ ئۆيگە ئاز قالغاندا ئۈچقاندەك يۈگۈرۈپ كىرىشلەر، ئۆزەم ياسىغان مىلتىق -تاپانچىلار...، تەتىلدە يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە قوي بېقىپ، ئىشەك چېپىشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرۇپ ......ھەي باللىق...چىرايلىق قىزلارنى سۈيۈپ قاچاتتۇق تېخى.. غورا ئوغىرلاش... دەپ بولغىلى بولامدىغان. يىغلىۋىتەي دېدىمغۇ.

ھازىر بالامغا بۇنى دەپبەرسەم فانتازىيىلىك فىلىم كۆرگەندەك ئولتۇرۇشى بار ھەيرانلىقتا...ئوينا  دەپ زورلىساممۇ ۋاقتى يوق، دەپتەر قۇچاقلاپ ئولتۇرغان.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئاددىيلىقىمنىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5706
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 3143 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:59:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

10قەۋەتتىكى(noriya) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سىز غۇلجا ناھيىسىنىڭ مازار يىزىسىدىن ياكى نىلقا ناھيىسىنىڭ سۇپتاي يىزىسىدىن ئوخشايسىز دە باللىقىڭىزنى ئوقۇپ نىمىشقىكىن ئاتىسز ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرڭىزنى تەسەۋۇر قىلىپ كۇڭلۇم يىرىم بولدى .مەنمۇ باللىق چاغلىرىمىنى كىينىچە ئەسلەپ بىرەي

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4425
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 05:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12قەۋەتتىكى(begana) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارا ئۆستەڭ يىزىسىدىن ....

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11479
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5485 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سەھرادا تۇغۇلۇپ ، سەھرادا چوڭ بۇلۇپ مانا ھازىر غىچە سەھرادا ياشاۋاتىمەن ،              بەك ياخشى قۇمۇ سەھرا

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر . ،،،،،،،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2711
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3667 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزنى ئوقىۋىتىپ مەنمۇ ئىـختىيارسىز بالىلىق ھالىتىمگە قايتىپ قالغاندەك بولدۇم...مەنمۇ شەھەردە چوڭ بولغان ،بىراق يىزىغا چىقىشقا ،يىزىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا غەمسىز ھالەتتە ماشىنا دىگەنلەردىن ئەندىشىسىز خاتىرجەم ھالدا يىزىدىكى دوستلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ئويۇنلىرىنى ئويناشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىدىم ، ھازىرمۇ  خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشلاردەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ،كىچىكىمدە يەنى 11ياش ۋاقتىمدا بەك شوخ بولغاچقىمۇ يىزىغا چىقساملا تۇغقانلارنىڭ ئات بولامدۇ ئېشىكى بولامدۇ ،ھاۋىسىغا قاتقۇزۇپ ئۇيان بۇيان ھەيدەپ ھارمايتتىم ،بىر قىتىم ئۇلارنىڭ بۇرۇندىن مىنىپ ئوينايدىغان ئېتى ئۆلۈپ قىلىپ يىڭىدىن سىتىۋالغان تېخى كۆندۈرۈلمىگەن ئېتىغا مىنىمەن دەپ، ئۇلار قوشۇلمىسا بوپتۇلا دەپ يالغاندىن رايىم يانغان بولىۋىلىپ ،ئۇلار يوق پۇرسەتتە ئاتقا مىنىپ بۇرۇن-قۇلاققىچە تويغان ئىدىم...ھى ھى ،ئاتنى مىنىپ چەۋەندازلارنى دورايمەن دەپ ئازراق چاپتۇرۇشۇمغىلا ئات قاتتىق بىرنى كىشنەپ مىنى يەرگە ئىتىۋەتكەنىدى...ھى ھى ،ئېشقىلىپ ئاجايىپ گۈزەل بولىدىكەن جۇمۇ ،بالىلىق دىگەن ...شۇنداق سىغىنىمەن شۇ غەمسىز چاغلارنى......

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز-تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكىيان.
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 08:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئات ئۆزۈڭنى بەھر

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 4885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49022
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6272 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 08:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە شەھەر ئىچىدە تۇغۇلغان بولساممۇ كىچىكىمدىلا چوڭ ئانامنىڭ يىنىغا، شەھەردىن ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقتىكى چەت يىزىغا چىقىشقا ئامراق ئىدىم، بەش ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، مەن يىزىدا تەڭتۈشلىرىم ۋە مەندىن بىر-ئىككى ياش چوڭ دوستلىرىم ۋە تۇغقانلىرىم بىلەن يىزىمىزدىكى كىچىك تاغقا «بىز قىر دەيتتۇق» چىقىپ، قوي باقاتتۇق، قويلىرىمىزنى قىرنىڭ ئەتراپىغا تاشلاپ قويۇپ ئېرىقتىن ئېقىۋاتقان سۇلار بىلەن تۈگمەن ياساپ ئوينايتتۇق، بەزىدە قويلارنى تاشلىۋىتىپ ئېرىقلاردا قىپ يالىڭاچ سۇ ئۈزۈپ كېتەتتۇق، قىش ۋاقىتلىرى بولسا گۈلخان يىقىپ قوناق، ياڭيۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن غىزالىناتتۇق، گۈلخاندا بىز ئىسىنساق ياڭيۇ پىشىپ بىزنى كۈتەتتى، بەزىدە قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە، ۋە ياكى توخوسى جىق ئۆيلەردىن تۇخۇم ئوغىرلاپ چوغقا كۆمۈپ يەيتتۇق، بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل زىياپىتىمىز بۇ ئىدى.
شەھەرگە قايتىپ كىرگىنىمدە بولسا دوستلىرىم بىلەن كۈندۈزلىرى سۇغا چۆمۈلسەك كېچىلىرى ئويۇن ئوينايتتۇق، بەزىدە چوڭلار سىرتقا چىقما دېسە ئۇنىماي چىقىپ ئويناپ كىتەتتۇق.......
ئەجەپ سېغىندىم ئاشۇ كۈنلەرنى.

ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن، ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

بارلىقىم سەن ئامرىقىم ....

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10526
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 1377 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 08:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيمەننى كۆرىمەن دەپ تېلۋىزورغا قاراپ ئولتۇرسام دادام  پەللىكىمدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن !
   بۇنداق ئىشلار نۇرغۇنغۇ ،  يېزىلارغا چىقىپ قالساق ،ئاكىلىرىم بىلەن بىللە قوي باقاتتۇق ، قوينى قويىۋېتىپ سۇغا چۆمۈلۈپ ، قۇمغا كىرىپ كەچ كىرگەندە قايتاتتۇق .......
    ھەي ، شۇ بالىلىق ئەسلىمىلەر ```

ياندا بارنىڭ يوقتۇر ئەتىۋارى ،
                ئىنسان دېگەن يوقنىڭ ئىنتىزارى...

ئۆلۈم ھايات جۈمل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13361
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6576
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 09:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    نىم_جاپا ھەدەمنىڭ بۇ تىمىسى مىنىمۇ بالىلىق ۋاقتىمغا باشلاپ كىرىپ ئىڭىكىمنى يۆلەپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتىشىمگە سەۋەپچى بولدى-دىسە؟!
بالىلار بىلەن توپلىشىپ ئۈژمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ ئۈژمە يىيىش پەقەت بىزنىڭ كەنىتتىلا بارمىكى دىسەم باشقا جايلاردىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن جۇما؟ بىزنىڭ يۇرتتىمۇ شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان لىكىن شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق بىر كەنىتتە(ھازىر كەنتىمىزنىڭ كۆپىنچى يەرلىرى شەھەرگە قوشۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ.)بولغاچ مەنمۇ كىچىكىمدىن سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان. ئۆيىمىزنىڭ ئالدى تاغ باغرى، سول تەرىپى ساي، ئوي تەرىپى ۋە ئارقا تەرىپى باغ بولغاچ مۇھىتى ئۆزگىچە ئىدى. ھىساپتا مەن تاغدا،باغدا،سايدا مۇشۇ ئۈچ ئورۇندا چوڭ بولغان ئىدىم.
      ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئادەم ئولتۇرمايدىغان بىر يۈرۈش ھويلىسى كەڭرى ئۆي بار ئىدى.ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلىلا يوغان ئۈژمە دەرىخى بار بولۇپ ئۇ ئۈژمە دەرىخىنى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،ئۇششاق-توڭ ھەممىمىز ‹رابى ئانامنىڭ ئۈژمىسى› دەپ ئاتايتۇق.ئۈژمە پىشىدىغان مەزگىل ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۇ قورۇ شۇ قەدەر قاينام-تاشقىنلىققا تولۇپ كىتەتتى.مەھەللىرىمىزدىكى ھەتتا يىراق مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چۈشتە مەكتەپتىن كىلىپ ئۆيلىرىگىمۇ كىرمەي ئۇدۇل شۇ ئۈژمە دەرىخىگە يامىشاتتۇق.دەرەخمۇ بەك ئىگىز ھەم يوغان بولغاچ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراملىق بىلەن چىقىۋالغان بالىلار يىراقتىن قارىسا قاغىغىلا ئوخشاپ قالاتتى. مەنمۇ قىز بالىلىقىمغا قارىماي ئىككى ئىنىمگە ئەگىشىپ دەرەخكە يامىشىپ باقاتتىم ئەمما ئۇلاردەك ئىگىز ئۆرلىيەلمەي يېرىمىدە تۇرۇپ قېلىپ ئۇلار قولۇمغا سۇنۇپ بەرگەن ئۈژمىنى قولۇمدىكى قاچىغا سالاتتىم. شۇنداق قىلىپ يوغان قاچىغا لىق ئۈژمە توشقۇزۇپ خۇددى چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتكەندەك ئۆيگە يۈگرەيتىم-دە مۇمامنى چاقىراتتىم. مۇمام ئۈژمىگە بەك ئامراق ھەم زىتقا كىسىلى بولغاچ (زىتقا كىسىلىگە ئۈژمە پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلاپتىكەن)دائىم ئۈژمە يەيتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇمام خۇش بولۇپ مىنى ئەركىلتىپ تۇرۇپ  بېشىمنى سلىغاچ بۇرۇنقىلارنىڭ يەنى ئەجدادلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى.
     ئۇ ئۈژمە دەرىخنىڭ كىلىپ چىقىشىنىمۇ دەل شۇ مۇمام ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇ ئۆي ئەينى ۋاقىتتا رەھمەتلىك مۇمام بىلەن قوشنا ئولتۇرغان، يۇرت ئىچىدە خېلى ھۆرمىتى بار بىر تۇل ئايالنىڭ ئۆيى بولۇپ مۇمام ئىككىسى شۇنداق ئىجىل-ئىناق قوشنىلاردىن ئىكەن. بىر كۈنى مۇمام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە رابىيە(تەلەپپۇزدا رابى دەپلا چاقىرىشىدىكەن.) ئانىمىز تولىمۇ ئىنچىكە ھەم مايماق بىر تۈپ ئۈژمە كۈچىتىنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكىۋاتقان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن مۇمام ئۇنىڭغا :‹ۋاي رابى ئاچا بۇ ئۈژمە چوڭ بولۇپ مىۋە بىرەمۇ زادى؟ قارىسام ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا تۇرىدۇ......›دەپتىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىمىز مۇمامغا :‹قاراپ تۇر،مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن مۇشۇ ئۈژمە سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ ماڭا ھازا تۇتىسىەن. سىنىڭ بالا-چاقىللىرىڭ بۇ ئۈژمىنى يەيدۇ.....›دەپتىكەن. ئۇ رەھمەتلىك رابى ئانىمىز ئامانىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن دەرۋەقە رەھمەتلىك مۇمام ۋە قوشنىلار،رابى ئانىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى شۇ دەرەخ سايىسى ئاستىدا ھازا تۇتۇپ ئولتۇرۇپتىكەن.رەھمەتلىك رابى ئانىمىز ئۇ ئۆينى ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئامراق نەرىسىنىڭ بىرىگە قالدۇرغان ئىكەن.لىكىن ئۇنىڭ نەۋرىسى باشقا يەردىن ئۆي تۇتقاچ ئۇ قورا-جاي تاشلىنىپ قالغان ئىكەن. شۇنداقدىمۇ ھىلىقى ئۈژمە دەرىخى داۋاملىق يوغىناپ چوڭ بولۇپ كىتىپتۇ.مەھەللىدىكىلەرمۇ خالىغانچە ھويلىغا كىرىپ ئۈژمە يەپ چىقاتتىكەن.شۇندىن كىيىن شۇ رەھمەتلىك ئىسىل رابى ئانىمىزنىڭ ئىسمى ئىغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ تاكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ.گەرچە بىزلەرمۇ ئۇ ئانىمىزنى كۆرۈپ باقمىغان بولساقمۇ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ:‹رابى ئانامنىڭ ئۈژمىسىنى يەپ كىرىمىز........›دىيىشىپ چۇرقۇرىشىپ ئۇ ھويلىنى ئاۋات قىلاتتۇق. رەھمەتلىك مۇمام ئەنە شۇنداق پۇرسەتلەردە ماڭا يەنە نۇرغۇن يېڭى-يېڭى قىسسىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى.
     يەنە تېخى ئۆيىمىزگە يىراق بولمىغان سايغا يەنى شۇ سايغا جايلاشقان دەرياغا چىقىپ كىچىك بىلىجانلارنى سۇ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ  تۇتۇپ ئوينايتۇق.ئىككى ئىنىم بىلەن ئەتتىگەندە دادامغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا جايلاشقان چوڭ ئەنجۈرلۈك بېغىمىزغا كىرىپ دادام، ئەنجۈر سىتىۋىلىش ئۈچۈن قەشقەر ھەم ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن چىققان سودىگەرلەر بىلەن تەڭ ئەنجۈر ئۈزەتتۇق.ئۇ باغ بەك چوڭ بولغاچ ئىچ-ئىچىگە كىرىپ كەتسەك قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى ئاسانلىقچە تاپقىلىمۇ بولمايتى.مەن بەزىدە غىپپىدە يوقاپ كىتىپ بىرە تۈپ ئەنجۈر دەرىخنىڭ ئارىسىغا يۈشۇرنىۋىلىپ ياكى ئۈستىگە چىقىپ شاختا ئولتۇرۇپ شەپە چىقارماي ئەنجۈر يەپ ئولتۇرغىنىمدا دادام مىنى چاقىرىپ ھالى قالمايتى. ئىككى ئىنىم مىنى ئىزدەيتى.شۇنداق قىلىپ بىز داس-داسلاپ ئەنجۈرلەرنى سەدىگەرلەرنىڭ ماشىنىغا بىسىپ بىرىپ ئاپامغا ۋە مۇمامغا ۋە قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ(گەرچە ئۇلارنىڭمۇ ئەنجۈرى بولسىمۇ ئەمما ھەر باغنىڭ ئۈنجۈر تەمى ئۆزگىچە بولغاچ ئۇلارغىمۇ ئىغىز تەككۈزەتتۇق.بولۇپمۇ بىزنىڭ باغ تاغ باغرىدا بولغاچ تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى ھەم كۈننىڭ نۇرى ياخشى بولغانلىقتىن ئەنجۈرنىڭ تەمى باشقىچە ئىدى. قەنت مىقدارى شۇنداق يۇقىرى.شۇ سەۋەپتىن قەشقەرلىك سودىگەرلەر ئەتتىگەندىلا ئۆزى ئۆيىمىزنى ئىزدەپ سوراپ ئەنجۈر سىتىۋالغىلى چىقاتتى.) ئېغىز تىگىشى ئۈچۈن ئەنجۈر ئېلىپ ئۆيگە قايتاتتۇق. تېخى مەھەللىدىكى بالىلار توپلىشىپ تاققا چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز دەپ ئاتا-ئانىمىزغىمۇ دىمەي تاغنىڭ ئۇچىغا چىقىۋىلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماششا قىلغاچ ئاۋۇۇۇۇۇۇۇۇ بىزنىڭ ئۆي، ئاۋۇۇۇۇ بىزنىڭ ئېتىز....... دىيىشىپ چۇرقۇشۇپمۇ كىتەتتۇق. تاغدىن چۈشىدىغاندا تىك قىيالارغا كەلگەندە ۋايجان، ۋاي قانداق چۈشىمەن دىيىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ دىگۈدەك ئۈستى-بېشىمىز توپا ھالەتتە ئۆيگە قايتاتتۇق.ئۆيگە قايتساق ئىككى ئىنىم بىلەن مىنىڭ ھالىمنى كۆرگەن ئاپام سۈپۈرگىنى تۇتىۋىلىپ:‹مىنى ئارام تېپىپ قالدى دىيىشىپ قالدىڭما؟! كىيىمنى يەنە مەينەت قىلىشىپسەنغۇ؟ مىنىڭ قولۇم داستىن،سۇدىن چىقمامدۇ؟..........›دەپ قوغلاپ كىتەتتى. ئاۋۇ ئىككى ئىنىم ئوغول بالا بولغاچقىمۇ ئەپلەپ قېچىپ قۇتۇلاتتى مەن بولسام قورقۇپ يىغلاپ شۈمشۈيۈپ ئولتۇرۋالسام ئالدىمغا كىلىپ:‹ قىز بالا بولغاندىكى سەن بولساڭمۇ مىنى خاپا قىلمىساڭ بولمامدۇ؟ قارا نىرىڭ قىز بالىغا ئوخشايدۇ؟ قاچاندا قارىسا ئىنىللىرىڭ بىلەنلا ئويناپ يۈرىسەن؟ مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئانامغا تاماق ئىتىشىپ بىرەتتىم. نان يىپىشىپ بىرەتتىم........›دەپ ماڭا سۆزلەيتتى.دادام بولسا مەن تەرەپتە تۇرۇپ:‹ كىچىككىنە بالىغا نىمانچە خاپا بولىسەن؟ بۇنىڭغا چۈمۈچنى تۇتقۇزۇپ قويساڭ قازانغا بويى يىتەمدۇ؟ بىز تال قىز بولغاندىكى ئەتىۋارلاپ باققىنە ھىلىتىن قىينىماي.› دىسە ئاپام يەنە بوش كەلمەي مىنىڭ ياخشى،ھەممە تەرەپتىن يىتىشىپ چىققان قىز بولۇشۇم ئۈچۈن چىڭ تۇتۇشنىلا ئويلايتتى.
      ۋاقىت-ۋاقىتنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ مەنمۇ تولۇقسىزغا چىقتىم. تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈردۇم. ھىلىقى رابى ئانىمىزنىڭ ھويلىسىنى نەۋرىسى قايتىدىن تۈزەپ يېڭى ئۆيمۇ سېلىندى. ھويلىنى قورشاۋلىۋەتكەچكە باشقىلار خالىغانچە كىرىشكىمۇ پىتىنالمايتتى. كىيىن ھېلىقى ئۈژمە دەرىخىگە كۆز تەككەندەك ۋىششىدە بولۇپ قۇرۇپ كەتكەندەك ۋىجىككىدە بولۇپ كەتتى.گەرچە رابى ئانامنىڭ نەۋرىسى ئۈژمىنى شۇنچە پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ مىۋىسى شۇنداق كىچىك ھەم جانسىز. مەھەللىدىكىلەر ئىچىدە ھويلىسىنى پىشايۋانلاپ پۈتۈنلەي يىپىۋىتىش، كۈننىڭ نۇرىمۇ ئۆتمىگۈدەك قىلۋىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە ھىلىقى ئۈژمە دەرىخمۇ قۇربانلىق بولۇپ پۈتۈنلەي كىسىۋىتىلدى. شۇ ۋاقىتتا مەھەللىدىكى چوڭلار چۇرقۇرشۇپ كەتكەن ئىدى.بولۇپمۇ رەھمەتلىك مۇمامنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ بىئارام بولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.
     مەنمۇ ئۇ بالىلىق،ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىمنى ئاياقلاشتۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈردۈم. ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتۈپ يۇرتۇمدىن بەكمۇ يىراق بولغان ئۆزگە شەھەرگە كىلىپ بۇ يەردىكى ئۆزگىچە تۇرمۇش ئىچىدە ياشاپ كەتتىم.ھەر قېتىم تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا ماڭا شۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان جايلارغا ئىختىيارسىز بىرىپمۇ قالىمەن. ھىلىقى ئۈژمە دەرىخنىڭ پۇچىقىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۈژمە دەرىخنىڭ كىلىپ چىقىشى قاتارلىق قىسسىلەرنى يەنە شۇنداقلا بۇرۇنقى ئەجدادلارنىڭ،شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنى،مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  ئۆزىنى دەرەخ ئاچمىقى ئارىسىغا قويۇلغان تاختايغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ شىئىر ۋە سۈرە-ئايەت يادلاتقۇزىدىغانلىقىنى،رەھمەتلىك چوڭ دادىسىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە چاقچاق قىلىپ بىر تاللا نەۋرىسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ دەرەختىن چۈشۈپ كەتسە تۆلەپ بىرىشىنى ئېيتقانلىكىدەك ھىكايەتلارنى سۆزلەپ بىرىدىغان مەن ئەڭ ئامراق سىېردىشىم،ھۆرمەتكە سازاۋەر، ماڭا نۇغۇن بىلىم ۋە كۆپ روھى ئوزۇق ئاتا قىلغان،ئائىلە ۋە تۆشۈك،يىڭنە ئىشىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاساس ھازىرلىشىمغا سەۋەپچى بولغان، ھىساپتا مىنى تۇغقان ئۆز ئاپام بىلەن تەڭ بېقىپ قاتارغا قوشقان مۇماممۇ بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقانىدى. (ئۇلۇغ ئاللاھ مۇمامغا رەھمەت قىلىپ،ياتقان يىرىنى فىردەۋىس جەننەتلەردىن قىلغاي ئامىن) يەنە كەڭرى كەتكەن ئەنجۈرلۈك بېغىمىزمۇ يوق( تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقىنىمدا شىمالى شىنجاڭ بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان چوڭ يولغا شۇ بېغىمىز ئۇدۇل كىلىپ قېلىپ پۈتۈنلەي يولغا كىتىپ قالغان ئىدى.) ھازىرقى بېغىمىزدا ئىككى-ئۈچ تۈپلا ئەنجۈر بار،ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىدىن ئارانلا چىقىدۇ دىسەممۇ بولىدۇ. شۇ بۇرۇنقى ئەنجۈرلۈك بىغىمىزنى دائىملا ئەسلەپ قالىمەن.(شۇ سەۋەپتىنمۇ مۇنبەرلەردە ئىسمىمنى ئەنجۈرە دەپ ئىشلىتىمەن.ھى ھى ھى......)تاغقا چىقىدىغان كىچىك بالىلار ئورنىغا شەھەردە، سەرەڭگە قۇتىسى بولغان كىچىككىنە بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان چوڭلار ئالمىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈنلا يازدا چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ.تېخى تاغنى كۆكەرتتۇق دەپ ئەتراپنى سىم توردا قورشاۋلاپ ئاسانلىقچە تاغقا چىققىلىمۇ بولمايدىكەن. كۆكەرتىشكە مەسئۇل كىشىلەر كۆرسە نەگە بارىدىغانلىقى سۈرۈشتىمۇ قىلىدىكەن. يەنە تېخى ھىلىقى سايدا بىلىق تۇتۇپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ قارىسىمۇ يوق؟! بالىلار يوقمىكى دىسەم مىنىڭمۇ 3-ئىنىم بار بولىمسا. ئىنىم ھازىر دەل بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاپامنى قاقشىتىپ ئويناپ يۈرگەن ياشتا ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ بالىلارنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلگەندەك بولدۇم. بىچارە ئىنىم دىمەتلىك بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئۆشنىسىدىكى نەچچە ‹توننا› كىلىدىغان يۈكنى كۆتۈرۈپ تۈگمەس تاپشۇرۇق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ. مىنىڭ ئىنىمغۇ نىمىلا بولمىسۇن ئازدۇر-كۆپتۇر دادامنىڭ كەينىدىن تاغقا-باغقا چىقىپ تۇرالايدۇ ھەم تېخى ھويلىمىزدا ئۆزى كىچىك چۈجە ۋاقىتدا بازاردىن سىتىۋىلىپ بىقىۋاتقان توخۇ-ئۆردەكلىرى بىلەن بولسىمۇ ھەپىلىشىپ بىز چوڭ ئىككىمىز بولغان ئاكىسى-ئاچىسى تەتىل قىلىپ كەلسە شۇ توخۇ-ئۆردەكلىرىنى سويۇپ مىھمان قىلغانمۇ بولىدۇ. ئەمما شەھەردىكى بالىلارچۇ؟!
     ھەي سۆزلىسە ئادەمنىڭ ئىچى ئىيچىشىپمۇ قالىدۇ. دەۋر ئالماشتى دەپ كىچىك بالىلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئالمىشىپ ‹بىچارە› بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. بولدىلا ھىلىمۇ كۆپ سۆزلەپ كەتتىم. بالىلىقنى قانچە سۆزلىسەكمۇ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەڭ ياخشىسى قەلەمنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ شۇ كەلگۈسى ئاللاھ نىسىپ قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان پەرزەتلىرىمىزنىڭ بالىلىقىنى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ئويلىناي، ئىزدىنەي،تىرىشاي........
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ شۇنداقلا كەلگۈسى شۇ ئىز-باسارلىرىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنىنى گۈزەللىككە ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىن!!!

      

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش