ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت nim-japa كە 2011-12-09 01:51 PMئەۋەتىلدى 2قەۋەتتىكى(This.is.It) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
جېكسۇن قارى ، ( چاقچاق ھە ) . ناخشىغا چۈشۈپ كەتمەي ، دەيلى دەيمەن ، شۇ پاراڭلارنى .
كىچىك ۋاقتىمدا مەھەلىمىز خالتا كوچىدەك مەھەللە ئىدى. ئۆيلەردە تۇربا يوق، مەھەلىنىڭ بېشىدا بىر تۇربا بار دۇكان بار ئىدى، تۇربىدىن باشقا ھىچنىمە يوق، ( بۇرۇن قەتتى دىققەت قىلماپتىكەنمەن ھەم ئىسىمدىن چىقىپ قېپتىكەن بۇ سۇ ساتىدىغان تۇربا بار يە ئەمدى ئىسىمگە كىپ قالدى ) ئەپكەشتە بىر ئەپكەش سۇنى 2 موغا ئېلىپ ئۆيدىكى كوزىغا قاچىلاپ ئىشلىتەتتۇق ،جىقراق ئالماقچى بولساق خوشنىمىزنڭ بىر ھارۋىسى بار ئىدى(قولدا ئىتتىردىغان ) تۇڭلۇق بىر تۇڭ سۇنى 5 موغا ئالاتتۇق .مەھەلدىكى ھەممە كىشىلەر دىگۈدەك ئاشۇخوشنىمىزنىڭ ھارۋىسىنى سوراپ ئىشلىتىتى ..بەك بەلەن ئادەم ئىدى رەھمەتلىك ...ھىچكىگە ياق دىمەيتى... ھىسابتا ھارۋا ئۇمۇمىنىڭ ھارۋىسىدەك بوپ قالغان، ئەمما بۇزۇلسا ئاشۇ خوشنىمىز ئۆزى ياساپ ئوڭلايتى، يەنە مەھەللە ئۈچۈن ئىشلىتەتتى .پۇتۇن مەھەلدە ۋەھشى ئاممىۋى ئۇبۇرنى بار ئىدى . ئىشقلىپ ئۇ ئۇبۇرنى ۋەھشى ئىدى كىرسە كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايتى .قىسىقىسى مەھەللە نامراتلار مەلىسىدەكلا ئىدى ھازىر بولسا ئېنىقلا نامراتلار مەھەلىسى بوپ قالاتتى ... نۇرغۇن ئادەملەرئۇششاق چۈششەك ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى شارائتى ياخشى ئادەملەرمۇ بار ئىدى ،ۋەھشى ئىچ ئاغرتقۇدەك نامرات ئادەملەرمۇ بار ئىدى... تام خوشنىمىز بار ئىدى، يالغۇز بەكلا يالغۇز... مەن ئىسىمنى بىلسەم يالغۇز تۇراتتى بىچارە موماي...ئاھ خۇدا !!! .... بىچارە موماي ئۆيى كەپدەكلا ئۆي ئىدى ئۆي بىسات بىر كىگىز دىن باشقا ھىچنىمە يوق (توۋا 10 نەچچە يىلدىن بىرى ئىسىمگە ئېلىپمۇ قويماپتىمەن ،بۇگۈن ئىسىمگە كىلپ يىغلاۋاتىمەن... ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم ...ئاللاھ ئۇ مومايغا جەننەت ئاتا قىلغايلا !!! )
مەھەلىدىكى كىشلەر بىر-بىرى بىلەن باردى كەلىدى قىلىشاتتى ھەممە بالىلار بىرگە ئوينايتى ...قوشنا قۇلۇملار ئۆز -ئارا تاماق ئەتسە بىر-بىرگە سۇنۇشۇپ تۇراتتى ... مىھماندۇس ئىدى ... ئاددى ساددا ئاجايىپ كىشىلەر ئىدى ...
5ياشتىن 20 ياشقۇچە سەن چوڭ سەن كىچىك دىمەيتۇق ...ھەممەيلەن توپ توپىمىز بىلەن ئوينايتۇق ...نۇر چۆگلىتىپ (مەھەلىدا ئۆستەڭ يوق خەق چېچېۋەتكەن سۇ مۇز قاتسا )... چانا تېيلاتتۇق ... قوڭ سۇقاشتۇرۇش ئۇيۇنى ئوينايتۇق ( بىر ئادەمنى 4 ئادەم 2 قول 2پۇتىنى تۇتۇپ ئوڭدىسى قىلىپ يەنە بىر ئادەمنىمۇ شۇنداق قىلىپ قوڭنى بىر بىرگە سۇقۇشتۇراتتۇق كىم ئاخىرغىچە ئوينىيالىسا شۇ ئۇتقان بۇلىدۇ ئۇ ئۇيۇن ئاساسەن يىغا زارە( ھا ھا ھا ) ......ئەمما بۇ بەك خەتەرلىك بەزىدە 2-3 كۇن ئولتۇرالماسمۇ بوپ قالىدۇ )
ئاندىن مەلىدىكى چوڭ كچىك توڭ پىششق بالىلار ئىشەك ئۇيۇنى ئوينايتۇق ...ئىككى گۇرۇپىغا بۇلۇنۇپ بىر گوروپپا بىر بىرگە ئۇلىشىپ ئۇزۇن بۇلۇپ تۇراتتى يەنە بىر گوروپپا يىراقتىن بىر بىرلەپ يۈگرەپ كىلپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىنەتتۇق ئەگەر مىنگەن گوروپپا يىقىلىپ كەتسە يەرگە بىرەر يېرى تەگسە ئۇتتارغان بۇلاتتى ...ئىشەك بولغان گوروپپا ماكچىيىپ كۆتۈرەلمەي قالسا ئۇلار يەنە قايتا تۇراتتى ....
يەنە ئوغۇر ساقچى .... مۇكۇشمەك ............. يەنە پىروزا ( ئەينەك شارچە ) پۇتۇلكا ئاغزى (تەڭگە) پىستان (ئوقنىڭ مىشىكى دەمدۇق ) ئىشقىلىپ ئۇيۇن جىقتى ............... ئۆگزىمۇ ئۆگزە يۇرۇيتۇق ... ھەرقانداق ئۆگزىگە چىقالايتىم ئىگىز يەردىن قوقماي سەكرەيتىم ئۆگزىدن ئۆگزىگە سەكرەپ ئوينايتۇق ...بىراۋنىڭ ئىشىكىنى ئالدىغا قۇمدۆۋلەپ قويسا بولدى مىنىڭ شەرىم ...تۇڭگۇز توپاق ئويناپ قۇمنى يېيىتىپ ئىگىسنى قاقشىتىپ ۋەكشى قوغلىتىپ ئوينايتۇق ... مىنى دائىم ئۆيدىكىلەر ئىشقا كەتسە مىنى ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتەتتى مەن ئۆيدىن شۇتا بىلەن ئۆگزىگە چىقىپ تامدىن سەكرەپ چۇشۇپلا ئوينىغىلى قاچىتىم چوڭلار ئىشتىن كەلگۈچە ئويگە يەنە خوشنا خۇلۇملارنىڭ ئۆيىدىن ئۆگزىگە چىقىپ ئۆيگە كىرىۋالاتتىم ... كىيىن مەكتەپكە كىردىم تەتىلدە ئۇيۇن قىززىيتى قەھرىتان قىشتا تالادا ئويناپ قوللىرىمىز چىپەرقۇتتەك بۇلۇپ يېرىلىپ كىتەتتى ... باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپ مەنمۇ ئۇ مەھەلىدىن ئايرىلدىم كىين ئۇ مەھەلىنى تۇپتۇز قىلىپ بىنالار قەد كۆتەردى ... ئۇنداق جايلاردىن ...غەمسىز ئۇيۇنلاردىن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ... ئەسەرمۇ قالمىدى .......پەقەت ئەسلىمە ...مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلا قالدى .........