مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارغان ۋاقتىمدا ئاشخانىغا چىسەك ساۋاقداشلىرىم پولىغان چاي ئەكىلىپ بىرىڭە دېسە مەن پولىغان چاي دېگەن قانداق چايدۇ دەپ قالغانتىم ، ئەسلىدە پولىغان چاي دېگەن شىماللىق ساۋاقداشلىرىم ئاتايدىغان مەن ئۆز يۇرتۇم قەشقەردە ئىچىدىغان دەملىگەن چاي يەنى چاي سالغان چاي شۇ ئىكەن .مەن مۇشۇ ۋاققىچە كەلگىچە پولىغان چاي دېگەن گەپنى ئۈرۈمچى،قاراماي،غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئاڭلاپ باقتىم لىكىن ئۆز يۇرتۇم قەشقەردە چاينى پولايمىز دېگەن گەپنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم . كىچىك ئاشخاندىن تارتىپ كاتتا چوڭ رىستۇرانلارغىچە،كىچىكلەردىن تارتىپ ئوتتۇرا ياش ياشانغان چوڭلارغىچە ھەممە يەردە چاينى دەملەيمىز دەيدۇ . سىز نەدە تۇرۇپ ئاڭلىغانسىز چاينى پولاپ ئىچىمىز دېگەن گەپنى.
بولسا ئەمەلىي پاكىت بىلەن قەشقەرنىڭ قايسى رايۇن قايسى مەھەلىدە كىمنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ، مەن بىرىپ سۇرۇشتۇرۇپ باقسام.
مېنىڭچە سىز ئازراق يالغان ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىدىڭىزغۇ دەيمەن.
.gif)