مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9357|ئىنكاس: 99

قەشقەردىكى  تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بالدەك تاتلىق با

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10564
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10173
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 3302 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 04:24:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەردىكى  تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ



ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر.  بىر كۈنى دوستلارنىڭ چېيىدا ئولتۇرۇپ بىرەيلەننىڭ " ئەجەپ بۇنداق گاچا بولۇپ قالدۇق" دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تاڭ قالدىم.  سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇچە بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنى "گاچا" دەپ قارايدىكەن. بۇنداق گاچا بولماسلىق ئۈچۈن قانچە كۆپ يات تىل بىلسە شۇنچە بىلىملىك، شۇنچە ئىناۋەتلىك سانىلارمىش. قەشقەردە گاچا بولماسلىق ئۈچۈن خەنسۇچىنى، دۇنيادا گاچا بولماسلىق ئۈچۈن ئېنگىلىز تىلىنى چوقۇم بىلىش لازىممىش. ئۇيغۇرچە دېگەننى ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالارمىش، سۆزلىيەلىسىلا بولارمىش. قەشقەردە مۇشۇنداق قاراش بەزىلەردە مودا بولغاچقىمىكىن، ئامېرىكىدىن يېڭىلا كەلگەن قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمىگىنى "ئاخبارات" قا ئايلىنىپ، "دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا قىينالمايدىغان" لىقى ھەۋەس بىلەن مەدھىيەلەندى. مەن تېخى قىزىمنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلىيەلمىگەنلىكىدىن ئۇيۇلۇپ، "قىزىم ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدۇ" دېگەننى تەرستە دەپ يۈرۈپتىمەن. قەشقەردە بەزى كىشىلەر خەنسۇچە بىلگەنلىكنى خىزمەتكە ئورۇنلاشقانغا، ياخشى كۈن كۆرگەنگە باراۋەر دەپ چۈشىنىدىكەن. قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگىنىدىن ھەيران قالىدىغان، ئەيىپلەيدىغان دوستلارمۇ چىقتى. بىر قېرىندىشىمىز، بالىسىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن  ئامېرىكا نوپۇسىدىكى بىر ئۇيغۇر دوستىنى باشقىلاردەك چوڭ بىلىپ كۈتۈپ كەتمەپتۇ. سىرىتتىلا مىھمان قىلىپ ئۆيىگىمۇ باشلىماپتۇ.
بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيى شەھەرگە يىراق  يېزىدا بولغاچقا خەنسۇچە يەسلىگە تولىمۇ يىراقكەن. بۇرادىرىمىز ھەر كۈنى بەش ياشلىق قىزىنى موتۇ بىلەن 15 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خەنسۇچە يەسلىگە توشۇيدىكەن. قىزى ھەركۈنى "بارمايمەن" دەپ يىغلايدىكەن. بىر كۈنى قىز ئاپىسىغا  " سەن نېمىشقا خەنسۇغا تەگمىگەن بولغۇيتۇڭ، دادام خەنسۇ بولغان بولسا خەنسۇچىنى ئۆيدىلا ئۆگىنەلەيتتىم" دەپتۇ. مەنچە يۇقارقى مىساللار سىياسەت پەيدا قىلغان تىل خوراپاتلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇ ئاقىۋەتلەرنى چۈشەنمەك تەرس، ياكى تولىمۇ ئاسان. بەش مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان قەشقەر ۋىلايىتىدە خەنسۇچە بىر سۆزنى دېيەلمەيدىغان  مەسۇم پەرزەنتلەر خەنسۇچە "قوش تىللىق" مائارىپنىڭ تەجرىبە بويۇمى-"مارودا" سىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتسا، كەنتتىن يۇقۇرى ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە قوللىنىلمايۋاتسا، خەنسۇچە بىلگەنلىكى كىشى ھوقۇققا، مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتسا كىشىلەر خەنسۇچىغا چوقۇنماي قالامدۇ.

بىر كۈنى مەسجىدكە كىرىپ تامغا يېزىلغان " مەسجىدتە تېلىڧوننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى" ، "يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ" دېگەن جۈملىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ جۈملە شەھەردىكى ھەرقانداق مەھەللىنىڭ تېمىغا تەشۋىقات ئۈچۈن يېزىلغان بولسا خيالىمغا كەلمىگەن بولاتتى. مەسچىتنىڭ ئىچىدىمۇ بۇنداق ھاكىمىيەت ئىرادىسىگە ماس جۈملىلەرنىڭ كۆرۈلىشى مېنى ئويغا سالدى.  قاچاندىن بېرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا "مەنئىي قىلىنىدۇ"، ئەھمىيەت بېرەيلى" دېگەن سۆزلەر دائىم قوللۇنىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ دائىم ھەممە ئىش مەنئى قىلىنىدىغان، ياكى مەنئى قىلىنماسلىق ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تىل ئادىتىمۇ. تامغا يېزىلغاننىغۇ ھاكىمىيەت شۇنداق يازدۇرغان دەيلى، ئەمدى مەسجىدنىڭ ئىچىگە يېزىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ يېزىش ئومۇملاشتىمۇ. ئەسلى ئۇيغۇرچىمىزدا "يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش" دېگەن گەپ يوق. بىز بۇنى" ۋارقىرىماق" دەيمىز. "تېلىڧۇننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى" دېگەن خەنسۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان جۈملە، بۇنى ئۇيغۇرچە "تېلىڧوننى ئېتىۋېتىڭ" دېسەكلا كۇپايە. ۋىۋىسكىلارغا قاراپ قويىمەن. قەشقەرنىڭ ئىدارە ئورگانلار توپلاشقان  بۆلەكلىرىدە خەنسۇلار كۆپ بولۇپ بەزى  ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە يوق، بولسىمۇ تولىمۇ كىچىك. ئۇيغۇرچە خەت بۇ يەرلەردە ئاندا مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسىدەك غىلپال كۆزگە چېلىقىدۇ. "ئاياق كىيىم سېتىش، ئىش قوشۇش ئورنى"، "مىۋە چىۋىلەرنى سېتىش ماگىزىنى" "يېڭى پاقلان گۈشى سېتىش دۇككىنى"...دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى كۆرسەم ئۇيغۇرچىمىزدىكى "موزدۇزخانا"، "باققالخانا"، "قاسساپخانا" دېگەن سۆزلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ھاجەتخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، بازار، مازار دېگەن سۆزلەرنى " تەرەت قىلىش ئورنى"، "داۋالىنىش ئورنى"، "ئوقۇش ئوقۇتۇش ئورنى"، "سېتىش، ئېلىش ئورنى"، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈش ئورنى" دەيدىغان ئوخشايمىز. يېقىندا قەشقەردىكى مەن شىرىكلەشكەن نۇرخان مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى ئىسمىنى "نۇرخان تەكرارلاش ئوقۇتۇش مەكتىپى " دەپ ئۆزگەرتىپتۇ. تارتاتقان تەشۋىقات ۋارىقىغا تۈركچە ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېنگىلىزچە ئوقۇتۇش سىنىپى ئاچىمىز دەپ يېزىپتۇ. مەن رەسمى شىرىك بولغاندا بۇ ئىشلار ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولغانىكەن.  بۇ يەردىكى گەپ خۇددى بازار دېگەن گەپنى سودا بازىرى قىلىپ قويغاندەكلا ئىش. دۇنيادا سودا بولمايدىغان بازار، ئوقۇتۇش قىلمايدىغان مەكتەپ، سىنىپ بولمايدۇ. بۇ خەنسۇچىدىن قىلىنغان ناباپ تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇرچىنى پالاكەتلەشتۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلاردىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلىرى سۆزمەن دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىدىدىن تارتىپ ماگىزىن، مەكتەپلىرىگىچە خەنسۇچە تەپەككۇرغا بېقىنغان ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىشقا باشلاپتۇ. كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېگەندەك مەنچە بۇلارنى ھىچ بىر ئۇيغۇر خالاپ شۇنداق قوللانمايدۇ، بەلكى شۇنداق قوللۇنۇپ، ياكى دەپ كۆنۈپ قالغان بولىدۇ. كۈندە قاتنىشىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش، تاملاردىكى سىياسىي تەشۋىقات، گېزىت-ژورناللاردىكى مۇقۇملۇق تەربىيىسى قاتارلىقلاردا قوللىنىۋاتقان   خەنسۇ تىلى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا، تىلىغا تەسىر قىلىپ مۇشۇنداق تىل ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تىل جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ساھەلەردە قوللۇنۇلۇش پۇرستىدىن مەھرۇم قالغاندا تەبىئىيكى نامراتلىشىدۇ، بوھرانغا دۇچار بولىدۇ.

                       مەنبە: ئەل كۈيى تورى
                       ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى: ھەسەلخان  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ruhsana + 100 ئويلانغىدەك  تېما  ي

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 08:35:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەي بۇمەسىلە ھازىر دىيارىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئەۋېج ئېلىۋاتىدۇ بۇنى تۈزەرگە .........................................................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 08:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىتنلا قەشقەردە مۇنداق ئشلار كۆپ. قايسى بىر كۈنى تۆمۈر يول رېلىسنىڭ يىنغا بارسام تېخى ئۇيغۇرچە مۇنداق يىزىقىلىق تۇرۇپتۇ.
تىيلۇ باۋخو چۇ،چىڭ بۇ ياۋ كاۋ جىن(خەنچە تەرجىمىسى:铁路保护区,请不要靠近:)

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 08:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تەرجىمە ئىشلىرى تولاراق «مىنكاۋخەن» قېرنداشلارنىڭ قولدىن ئۆتكەچ، تەرجىمىلەرمۇ شۇنىڭغا لايىق بولىدىكەن

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 09:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن، تىلمىزنى ئۈزىمىز قوغدايلى.

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3163 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 09:45:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار بەك كوپ قەشقەردە ... خەنزۇچە بىلمىسە ئوزىنى گاچا دەيدىغانلارمۇ ... ئاز ئەمەس

ب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5176
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8273
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 09:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسىلە قەشقەردە خىلى ئىغىر ، بەزىلەر تىخى پۇتۇنلەي خەنزۇچە سۇزلىشىپ كىتىدۇ تىخى. خىلى كۆپ سۆزلەر ئەبجەش تىخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى قەشقەردە ئۇيغۇرلار كۆپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇر تىلى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ئەسلى ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتكەن ئەمەسمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4359
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9425
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ كىشىلەر نىمە بوپ كىتىۋاتىدىكىن تاڭ، خۇدايىم ئوڭ ئىشلانى كۆرسەتكىن....

قۇرۇق گەپتىن ئەمەل ياخشى.

ئەركىلىمە ھە!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8691
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق گەپ، تىخى ھەممىدىن قەشقەردە يەرلىك زاغرا تىل كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، شىمال تەرەپلەردە تىخى بۇنداق ئىشلار ئېغىر.

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش