دىبا دىگەن مۇشۇنداق يەرمۇ؟
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇيۇپ بىرىلگەن يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يولدىشىم ئىككىمىز كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرماقچى بۇلۇپ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە باردۇق،بارغان كۈننىڭ ئەتىسى يولدىشىمنىڭ دوسىتلىرى ئەر-ئايال بىزنى كۈتىۋالدى.ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ بىزنى 360دىگەن يەرگە ئاپارماقچى بولدى،مەن يولدىشىمدىن ئۇنىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكىنى سورىسام ئۇ قىسقىغىنا قىلىپ <دىبا>دەپ جاۋاپ بەردى،بۇ گەپنى ئاڭلاپلا يۈرىكىم قارىتلا قىلىپ قالدى،چۈنكى <دىبا> دىگەن بۇ جاي مىنىڭ نەزىرىمدە نورمال ئادەملەر بارسا بولمايدىغان بىر قورقۇنۇشلۇق يەر ئىدى،چۈنكى بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا يەنى 2008-2009-يىللىرى ئۈرۈمچىدە <دىبا>دىگەن يەرنىڭ سودىسى تازا يۈرىشىۋاتقان چاغلار بولسا كېرەك،شۇچاغدا سىنىپىمىزدىكى ئۈرۈمچىلىك بالىلاردىن <دىبا >توغرىلىق خىلمۇ-خىل گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق،يەنى <دىبا>دا ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە روس قىزلىرى كىندىكلىرىنى ئوچۇق قۇيۇپ ئۇسۇل ئوينايدىكەن،ئۇ يەردە قىز-ئوغۇللار كىچىچە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىدىكەن،ئۇ يەرگە لۈكچەكلەر بېرىپ قىزلارنى بۇلاپ كىتىدىكەن....دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ مەندە <دىبا>دىگەن بۇ يەرگە قارىتا بىر خىل سەسكىنىش تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇپ بولغاندى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ياتاقتىكى ئالتىمىز ئۈگىنىشتە ئىنتايىن ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدۇق،سىنىپتىكى باشقا بالىلار بىزنى كىتاپ خالتىسى دەپ چاقىرىشاتتى،كللىمىزدا ئۈگىنىشتىن باشقا ئىشلار يوق بولغاچقىمىكىن بۇ ئالتىمىزگە نىسبەتەن بۇ جاي تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق،بارسا كەلمەس يولدەك تۇيۇلاتتى،كىيىنچە ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا بىزنىڭ فاكولتېتتىكى باشقا بىر سىنىپنىڭ قىزلىرىنىڭ <دىبا>غا بېرىپ ئويناپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ توۋا دەپ ياقىللىرىمىزنى چىشلەپ قېلىشقاندۇق ھەتتا شۇ سىنىپنىڭ قىزلىرى كۈزىمىزگە باشقىچە كۈرىنىدىغان بۇلۇپ قالغاندى،مانا ئەمدى ئۈزۈم شۇ جايغا كىرىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم.
-مەن كىرمەيمەن،-دىدىم يولدىشىمنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ.
-نىمىشقا؟-دىدى ئۇ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ.
-ئۇ دىگەن كىرسە بولمايدىغان جاي،-دىدىم مەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ،
راسىت گەپنى قىلسام مۇشۇ پەيىتتە يولدىشىمنىڭ دوسىتلىرىمۇ كۈزۈمگە غەلىتە كۈرۈنۈشكە باشلىغاندى،توۋا،ئۇلارنىڭ خۇتۇنلىرىنىڭمۇ خيالىغا كىرىپ چىقمايدىغۇ،كۆڭلۈمدە ئۇ قىزلارنىمۇ مەندەك ھىسياتقا كىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،قارىغاندا ئۇلار تولا كىرىپ كۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك.
-بولدى،كىچىك بالىدەك گەپ قىلماي يۈرىڭە،يېنىڭىزدا مەن تۇرسام نىمىدىن قورقىسىز؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھەممىمىز ئەر ئاياللار تۇرساق،تومپايلىقىڭىزنى چاندۇرماي،بەك غۇرۇرىڭىزغا تىگىدىغان ئىشلار يۈز بەرسىمۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەي تەبئىيرەك ئولتۇرارسىز،بۇلارنىڭ ھەممىسى كىرىپ كۆنگەنلەر،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەر سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قورقۇنۇشلۇق يەرمۇ ئەمەس.-دىدى ئۇ مىنى چەتكە تارتىپ.
يولدۇشۇمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدۇم.بوپتۇلا،يېنىمدا يولدىشىم تۇرسا نىمىدىن ئەنسىرەيمەن،مەنمۇ بىر كۈرۈپ باقمايمەنمۇ بۇ يەرنى دەپ ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
بىز <دىبا>نىڭ ئىچىگە كىردۇق،ۋاھ !نىمە دىگەن كەڭرى،مىنى يەنە بىر ھەيران قالدۇرغان يېرى بۇ يەرنىڭ ئىگىز بىر بىنانىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەتكە جايلاشقىنى بولدى،ئادەتتە بىزنىڭ ناھيىلەردە بۇنداق چوڭ تىپتىكى زاللار ئادەتتە بىر قەۋەتلىكلا بولاتتى.
زال ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا،ئىس-تۈتەككە ۋە ۋە ھەر خىل پۇراقلارغا تولغان ئىدى،يولدىشىمنىڭ دوستى بۇ يەردىن ئاللىبۇرۇن ئورۇن زاكاس قىلىپ قويغانكەن،بىز شۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇردۇق،شۇ جايغا بېرىپ ئولتۇرغۇچە پۇتلىرىم تىترەپ خۇددى ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك ھىس قىلىپ كەتتىم (بىر ئادەم قارىغان بولسا كاشكى).بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن مەن بۇ يەرنى كۈزىتىشكە باشلىدىم،بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،تاماق يەيدىغان ئورۇنلار سەھنىنىڭ چۆرىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى،قانداق مۇزىكا چىقىشىدىن قەتئىينەزەر مۇزىكا چىقىپ بولغۇچە ھەممە ئادەملەر سەھنىگە قاراپ ئاقاتتى،<<بۇ يەردىكى كىشىلەر خەۋەر قۇيۇپ بەرسىمۇ ئوينايدىغان ئوخشىمامدۇ بۇ پەيلىدە >>دەپ ئويلىدىم ئۈزەمچە،بۇ يەردە ياشلار كۆپ ساننى ئىگەللەيىتتى،ياشتا چوڭراق ئەرلەرمۇ،ئاياللارمۇ ھەتتا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ،ياغلىقنى ئالدىدىن چىگىۋالغان ھاجىم سۈپەت ئاياللارمۇ بار ئىدى،بۇ ئاياللارنى كۈرۈپ يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدىم،بەلكىم ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كىرگەندۇ،مىنىڭ كۆڭلۈمچە بولغاندا بۇنداق ئاياللار ئۇچىسىغا كىيىۋالغان شۇ كۆڭلەكنىڭ،بېشىغا ياراشتۇرۇپ ئارىتقان شۇ ياغلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ ،مۇشۇ كەچتە دىبادا ئەمەس ئۆيىدە مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇپ،باللىرىنىڭ ئىنسابىنى ئىگىمىزدىن تىلەپ ئولتۇرسا توغرا بولاتتى،خۇددى ھېلىقى ئىتوتتا دىيىلگەندەك بۇنداقلارغا دىبادا پوق بارمۇ كىچىك بالىلار بىلەن قىستىلىشىپ.
مەن ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارنى كۈزەتتىم،لىكىن كۆپلىگەن بىللە ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىز-ئوغۇللارنىڭ (قىز-ئوغۇللارنىڭ دىسەم تازا مۇۋاپىق بولمىغۇدەك،قىز-ئەرلەرنىڭ)مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلالمىدىم،يولدىشىمىكىن دىسەم ياش پەرىقى خېلىلا چوڭ،دادىسىمىكىن ياكى ئاكىسىمىكىن دىسەم ئۇلارنىڭ كۆپلىرى مەس ھالەتتە ھەم ئويناش ھالىتى بۇ قارىشىمغا ماس كەلمەيدۇ،خۇددى ئۇزۇن مەزگىل كۈرۈشمىگەنلەردەك بىر-بىرىگە چاپلاشقان ھالەتتە ئىدى.
ئاڭغىچە بىزنىڭ ئۈستەلگىمۇ تاماق تارتىلىپ،ئەرلەرگە پىۋا،قىزلارغا مىۋە سۈيى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكەلدى،شۇ ئەسنادا مىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئىش يۈز بەردى،بىر قىز(ئۇيغۇرمىكىن دىدىم) يىڭى يوق ،مەيدىللىرى ئوچۇقلا بىر كۆينەكنى كىيىۋاپتۇ،چاچلىرى ساپسېرىق،بىلىكىگە قاناتتەك بىر نەرسىنى تېڭىۋاپتۇ،قوللىرىنى كۈتۈرسە خۇددى توزنىڭ قانىتىدەك كەڭ يېيىلىدىغان بىر شەكىللەرنى چىقىرىپ بىر روسچە ناخشىغا ئۇسۇل ئوينىدى،ئەتراپتا ئولتۇرغانلار ۋارقىرىشىپ،چۇرقىرىشىپ،ئىسقىرتىشىپ دىگەندەك خىلمۇ-خىل ئاۋازلارنى چىقىرىشىپ كەتتى،قىزمۇ بارغانسىرى ئۇسۇلنى كۆكرەكلىرىنى ئېتىپ،كاسىللىرىنى تولغاپ دىگەندەك ئويناشقا باشلىدى.بۇ ئۇسۇلنى كۈرۈپ مەن يەنە خىيال دەرياسىغا غەرىق بولدۇم،توۋا،بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ؟ئائىلىسى يوقمىدۇ؟مۇشۇنداق يەرلەردە ئۇسۇل ئويناپ يۈرسە چوڭلار گەپ قىلمامدىغاندۇ؟...ئىشىقىلىپ كاللامدا بۇ قىز توغرىلىق ،يەنە مۇشۇ يەردە مۇشۇ چاغقىچە ئۆيىگە قايىتماي ئويناۋاتقان باشقا قىزلار توغرىلىق نۇرغۇنلىغان گادىرماچ خىياللار پەيدا بولدى،بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ ھەقىقەتەن ئېچىندىم،قىزلار دىگەن مىللەتنىڭ ئانىسى ئىدىغۇ؟....
-قوپىڭە،ئىككىمىز بىللە ئۇسۇل ئوينايلى.
يولدۇشۇمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتىم،ئەسلىدە ھېلىقى قىزنىڭ ئۇسۇلى تۈگەپ باشقا بىر مىللىيچە ئۇسۇل مۇزىكىسى باشلانغانكەن.باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئورنۇمدىن قوپتۇم،ھەم بۇ چاغدا قوپمىساممۇ بولمايىتى،ئەگەر قوپمىسام يولدىشىمنى دوسىتلىرىنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتىم.شۇ ئەسنادا يولدىشىمغا نەچچىنى ئالىيىپ ئۈلگۈردۈم،ئولتۇرۇشنى جايلاپ ئولتۇرالمايۋاتسام بۇنىڭ ئەمدى ئۇسۇلغا تارتىپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان.مەن يەردە ماڭدىممۇ ياكى يەر مەندە ماڭدىمۇ بىلمەيمەن،يولدىشىمنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ دىگۈدەك سەھنىگە چىقتىم،قۇلۇمنى ئۇسۇلغا كۆتۈردۈم،ئەييۇھەنناس،ئۇسۇل دىگەنگە قۇلۇمنى كۈتۈرۈپ باقمىغىلى تۆت-بەش يىللار بۇلۇپ قاپتىكەن،بۇ قوللىرىم خۇددى ئۇتۇندەك مۇزىكا رىتىمىگە قەتئى ماسلاشمىدى،قۇلۇم كەلسە پۇتۇم كەلمەيدۇ،پۇتۇم كەلسە قۇلۇم كەلمەيدۇ،شۇ ئەسنادا ئۇيان-بوياندىن قىستىلىشىپ يۈرۈپ توپنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ قاپتىمەن،بىرسى يېنىمدىن سوقىدۇ،بىرسى كەينىمدىن سوقىدۇ،ھەتتا ئەتراپىمدا كۈتۈرۈپ سالغان قۇلۇمنى چۈشۈرىۋالغىدەكمۇ بوشلۇق قالماپتۇ،ئالدىمغا قارىسام يولدىشىم يوق،ئاھ خۇدا،بۇ قەيەرگە كەتكەندۇ ئەمدى،خۇددى ئانىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان كىچىك بالىدەك ئەتراپىمغا چەكچىيىپ قاراپ كەتتىم،شۇ ۋاقىتتا مىنى شۇنچىلىك يىغا تۇتۇپ كەتتى ھەم بۇ يەرگە كىرىپ قالغانغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلدىم،يولدىشىمغىمۇ شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى،مىنى ئۇسۇلغا تارتىپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن.شۇنداق قارىسام ئۇمۇ مىنى ئىزدەۋېتىپتۇ،ئاخرى كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى،ئۇنىڭغا دەرھال چۈشۈپ كىتىشنى ئىشارەت قىلدىم،شۇنىڭ بىلەن قوللىرىمنى كۈتۈرگەن پېتىم خۇددى تەسلىم بولغاندەك مېڭىپ ئۇرۇلۇپ،سۇقۇلۇپ دىگەندە ئاران سەھنىدىن چۈشىۋالدىم،
-نىمىشقا ئوينىمايسىلەر،مۇزىكا تېخى تۈگىمىدىغۇ؟-دەپ سورىدى يېنىمدا ئولتۇرغان گۈلمىھرە ئىسىملىك قىز.
-ئادەم بەك كۆپكەن،-دىيەلىدىم ئارانلا
لىكىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بۇلۇپ كەتتى،خۇددى بىر ئۇياتقا قالغان ئادەمدەك بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ يۈزلىرىم قىزىرىپ ئولتۇرالمايلا قالدىم ۋە يولدىشىمغا <<ئەمدى مىنى ئۇسۇلغا تارىتماڭ،ئامال بولسا تېزرەك قايتايلى>>دەپ قىسقا ئۇچۇر يازدىم.
كىچە سائەت بىر بولغاندى،بۇ سورۇن ھېچ ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،سەھنىدىكى كىشىلەر تېخىچە بىخارامان ئويناۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ،قوللىرىنى پولاڭلىتىپ دىسكو ئويناشلىرى،ۋارقىراپ چۇرقىراشلىرى يالىت-يۇلىت قىلىپ يېنىۋاتقان رەڭگارەڭ چىراق نۇرى ئاستىدا ماڭا خۇددى <<جەسەتلەر دۇنياسىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمىلەر>>دىگەن فىلىمدىكى ھېلىقى غالجىرلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان ئادەملەرنىڭ باشقىلارنى قوغلاپ ماڭغان چاغدىكى كۈرۈنۈشلىرىدەكلا كۈرۈنۈپ كەتتى،توۋا،بۇ يەردە ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپلىرى ياش قىزلار ئىكەن،كاللامدا يەنىلا شۇلارنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدىكى خىلمۇ-خىل خىياللار ئەكىس ئېتىۋاتاتتى،سورۇن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يەنە نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئەلۋەتتە.
بىزنىڭ يان تەرىپىمىزدىكى ئۈچ قىز،ئۈچ ئەر ئولتۇرغان بىر ئورۇن ئىزچىل مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەندى،مىنىڭ پەرىزىمچە ئۇ قىزلار ئۇ ئەرلەرنىڭ ئايالىمۇ ئەمەس،قىز دوستىمۇ ئەمەس ئىدى،سەھنىدە قانداقلىكى مۇزىكا چىقسا بۇ ئالتىسى بىرىنچى بۇلۇپ چىقاتتى،تانسىنىمۇ ئۇلار چاپلىشىپ ھەتتا قىزلار ئوغۇللارنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ دىگۈدەك ئوينايتى،قايتىپ كىرگەندىن كىيىنمۇ قىزلار ئاساسەن ئەرلەرنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇراتتى،تۇرۇپ-تۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلىشىپ كىتەتتى،توختىماي ھاراق ئىچىشەتتى.ئەرلەرگىمۇ ئىچۈرەتتى....
توۋا،توۋا،مەن نىمىشقىمۇ كىرگەندىمەن بۇ يەرگە،ئەينى ۋاقىتتىكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئاڭلىغان دىبا ھەققىدىكى پاراڭلار راسىت ئىكەندە،بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە راستىنلا مۇشۇنداق ئىشلار مەۋجۇتكەندە،توۋا،بۇرۇن بەزى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلمىشلىرى توغرىلىق يېزىلغان بەزى ماقالىلەرنى ئوقىغان ئىدىم لىكىن كۆڭلۈمدە <<سەل كۆپتۈرىۋىتىپتۇ،ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەندۇ>>دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەسلىدە شۇنداق ماقالىلەرنى يازغۇچىلارمۇ ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئېچىنىپ تۇرۇپ يېزىپتىكەندە.قېنى بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىكى ھايا؟مانا مۇشۇنداق داشقال قىزلىرىمىزنىڭ تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ياخشى قىزلىرىمىزنىڭ شەنىگىمۇ داغ چۈشۈپ شۇلار بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كىتىۋاتىدۇ،شۇنداق داشقال قىزلار يەنە بىزنىڭ نۇرغۇن سەبى،گۈدەك قىزلىرىمىزنى ئاشۇنداق يامان يوللارغا باشلاپ ئەكىرىۋاتىدۇ،نۇرغۇنلىغان بەخىتلىك ئائىلىلەر ئاشۇنداق قىزلار سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ ،نۇرغۇن نارىسىدىلەرنىڭ يىتىم قېلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ،باشقا مىللەت ئاياللىرى نىمە كويدا،بىزلەر نىمە ئويدا يۈرىۋاتىدىغاندىمىز.كىشى قەلبنى سۈيۈندۇرىدىغان،ئادەمنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قايىللىقىنى قوزغاپ ئەلنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،لىكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم نادانلىق پاتقىقىغا پاتقان شۇمبۇيىلار مۇشۇنداق جەمىيەتنى بولغاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ.ئۇلارمۇ مىللەتنىڭ ئانىسى ئىدىغۇ؟ئۇلارمۇ دۇنيانى تەۋرىتىشى كېرىك ئىدىغۇ؟قېنى ئۇلاردىكى ھايا؟قېنى ئۇلاردىكى ساپا؟قېنى ئۇلاردىكى غورۇر؟مۇشۇنداق مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۈرۈپ قالغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئۈكۈندۈم.قەلبىمدە ئويغۇر قىزلىرىنىڭ شۇنچىلىك سۈيۈملۈك ئوبرازى بار ئىدى،ياق،ياق ،بۇ ئوبرازغا ھەرگىز تەسىر يەتمەيدۇ،بىزنىڭ سۈيۈملۈك،پەخىرلىك قىزلىرىمىز يەنىلا كۆپ.مۇشۇ دەقىقىلەردە نەزىرە مۇھەممەت سالىھنىڭ ئاياللار تەربىيسى توغرىلىق ئېيىتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئىسىمگە كەلدى.‹‹ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى جەمىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە،ئۆز تەغدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار ئۆز-ئۆزىگە خۇجا،مىللەتنىڭ نۇرلۇق كىلەچىكىنى يارىتالايدىغان،ئىتىقادلىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرەلەيدۇ.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان ،كۆزىگە قارىغان باللىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەمەس بەلكى ھىچكىمنىڭ خيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نېنىنى پۈتۈن تېپىپ يىيەلەيدىغان،ئۆزىگە ئۆزى خۇجا،ياراملىق ئىز باسار قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈندۇر،ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىش،ئىرىگە ھەمنەپەس بۇلۇپ ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر››
بىزگە زادى قانداق قىزلار كېرەك ئىدى؟مانا بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،بىزگە ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەخلەت قىزلار كېرەك ئەمەس ئەكسىچە ئۈزىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيىتنى تولۇق تونۇپ يەتكەن ،قەلبىدە ئەخلاق-پەزىلەت غۇنچىللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان ،تەربىيە كۆرگەن،تىرىشچان،ئىتىقادلىق،غورۇرلۇق،ھايالىق قىزلار كېرەك ئىدى.لىكىن جەمىيەت تەرەققىياتى بىلەن قارمۇ-قارشى يۈنلىشتە بارلىققا كىلىۋاتقان مۇشۇنداق توپلار ھەرقانداق ئادەمنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە،چۈنكى كۆپلىرىمىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز بار،قىزلىرىمىز بار،ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىكى بەزى-بىر خەۋەرلەر يەنى <<ئۇيغۇرلار ئاجرىشىش جەھەتتە جۇڭگۇ بويىچە بىرىنچى بولدى.>><<زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئويغۇرلارنىڭ سانى يۇقىرى ساننى ئىگەللەيدۇ.>>....دىگەندەك خەۋەرلەر بىزنى خېلىلا بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقاندى،نىمىشقا بىز توغرىلىق پەن-تېخنىكا،كەشپىيات،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىرىنچى بولغان خەۋەرلەر ئاز چىقىدۇ؟بىر مىللەت كىشىللىرىنىڭ ساپاسى شۇ مىللەت كىشىللىرىنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇ دىبادا ئوينايدىغان قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرى چوڭ بولسا قانچىلىك ئادەم بولار؟ئۇلار ئانىللىرىنى دىباغا يولغا سېلىپ قۇيۇپ ئۈزى قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ كىتەرمۇ؟بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس....مانا مۇشۇنداق خىياللار ئىچىدە بۇ سورۇننىمۇ ئاخىرلاشتۇردۇم،كىيىن باشقىلارنىڭ نىمە توغرىلىق پاراڭلاشقانلىرىغىمۇ قۇلاق سالماپتىمەن،يەنىلا شۇنداق قىقاس-چوقان،ۋاراڭ-چۇرۇڭ،جاراڭ-جۇرۇڭ ئاۋازلار،بولدىلا ،ئەمدى بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگۈم يوق،ئەمدى بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇم يوق،ئىسىت،مۇشۇ ۋاقتىمنى مۇشۇ يەردە ئىسراپ قىلغۇچە ئۈرۈمچىگە نەچچە يىلدا ئاران بىر كەلگەندە بىرەر ئۇيغۇر كارخانىچى ئايالنىڭ ئش-ئىزلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقسامچۇ؟بىرەر پارچە ياخشى يېزىلغان كىتابنى ئوقۇپ چىقسامچۇ؟ھېچ بولمىغاندا تېلىۋۇزۇردىن بىرەر ئەھمىيەتكە ئىگە پىروگىراممىنى كۆرگەن بولسامچۇ؟يەنىلا ئۈزۈمنىڭ كىچىك ناھيەمدىكى بەخىتلىك ئائىلەم،كۈڭۈللۈك خىزمىتىم،يولدىشىم،پەرزەنىتلىرىم،ئاتا-ئانىللىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزەلەيدىغان ئاددى،ئەمما بەخىتلىك تۇرمۇشۇم ياخشىكەن،ئەمدى چوڭ شەھەرلەرگە ھەۋەس قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلدىم ئۈزۈمگە.ماڭغاچ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم.<<دىبا دىگەن مۇشۇنداق يەرمۇ؟دىبا دىگەن يەنە بىر دۇنيامۇ؟>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-12 10:27 PM