مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1988|ئىنكاس: 20

ھەسرەتتە قالغان ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:10:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: ^1 L( P/ o* k* Q; O; ?% x& T

     تايىر ئاكا كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كىيىن ،مىۋە-چىۋە يىگەچ تىلىۋۇزۇر كۈرۈپ ئولتۇراتتى،ئايالى دىلبەر ھەدە بولسا ياندىكى ئۆيدە كەشتە تىكىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز  ئۆينىڭ تېلىغۇنى ئەنسىز جىرىڭلىدى،بۇ بىر نەچچە كۈندىن بويان تايىر ئاكىنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان بۇلۇپ،ئۇ يىراقتىكى كىسەل ئانىسىدىن ئەنسىرەپلا قالغان ئىدى،شۇڭا بۇ ۋاقىتسىز كەلگەن تېلىغۇن ئۇنى خېلىلا چۈچۈتتى،ئۇ ئالدىراپ –تىنەپ تېلىغۇننى ئالدى،

  -ۋەي،ياخشىمۇ سىز؟

  - ھە مەن شۇ؟ نىمە؟.......

   ئۇنىڭغا يەر-جاھان چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى ۋە تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى تاشلىۋىتىپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى...

      تېلىغۇن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغان ئوغلى مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن كەلگەن ئىدى،مۇرات  بىر سورۇندا مەس بۇلۇپ قېلىپ ،شۇ سورۇندا بىللە ئولتۇرغان بىر ئاغىنىسىگە پىچاق تىقىۋەتكەچكە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەن ئىدى،باياتىن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تايىر ئاكىغا بۇ ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ ،تىزدىن ئۈرۈمچىگە كىلىشىنى ئېيىتقان ئىدى.

       تايىر ئاكا جىمىپ كەتكەندىن كىيىن ،دىلبەر ھەدە تېلىغۇننىڭ كىمدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ تايىر ئاكىنى توۋلىدى،تايىر ئاكىنىڭ پۇت-قۇلىدا جان يوق،خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يەردىلا ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى،ئۇ ئايالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىيۇ جاۋاپ قايتۇرالمىدى،دىلبەر ھەدە بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى- دە ،دەرھال قىلىۋاتقان ئىشىنى قۇيۇپ تايىر ئاكىنىڭ يېنىغا چىقتى،ئۇ تايىر ئاكىنى كۈرۈپلا قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى يۈلەپ  كىرىسلودا ئولتۇرغۇزدى،تايىر ئاكىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

     -تېلىغون كىمدىن كەپتۇ؟نىمە دەيدۇ؟

    ئۇ ئالدىراپ سورىدى،تايىر ئاكا بىر تۇرۇپ دىمەي دەپ ئويلاپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى،  يەنە بىر تۇرۇپ ھامان  بىلىدۇ ،دەۋىرەي دەپ ئويلىدى،

    -زادى كىمكەن؟تىز بولسىلا ئادەمنى ئەنسىرەتمەي....

        ئۇ بولغان ئەھۋالنى ئايالىغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردى،دىلبەر ھەدە بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئاللا-توۋا قىچقىرىپ يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كەيدى،تايىر ئاكا دەسلەپ ئۇنى بەزلىدى،ئۇ توختىماي يىغلاۋەرگەندىن كىيىن ،تايىر ئاكا ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى.

   -يىغلىغىنىڭنىڭ نىمە پايدىسى،ھەممىسى سىنىڭ كاساپىتىڭ،بالىنى ئەركە ئۈگەتمەيلى،چىڭراق باشقۇرايلى دىسەم ،بىر ئوغۇل ئەمەسمۇ؟بىزمۇ  بۇ ئۆينى مۇشۇ بالىنى دەپ تۇتىۋاتقاندىكىن مەيلى ،كۆزى توق چوڭ بولىدۇ دەپ ئۇنى بۇلىشىغا قۇيىۋەتتىڭ،مانا ئەمدى شۇ ئەركىلىكى     بېشىغا چىقىپتۇ،،،،،،،،

   -مەن نىمە قىلدىم؟ئەجىبا بالىنى ئەتىۋارلىغىنىم يامانمۇ؟ئاران بىر بالىمىز تۇرسا،شۇنىڭغا  قىلماي كىمگە قىلىمەن؟ۋاي  جېنىم بالام؟قورقۇپ كەتكەنسەنمۇ؟قايسى ناكەسلەر ساڭا قەسىت  قىلغاندۇ؟ خۇدايىم جاجىسىنى بىرەر شۇلارنىڭ....

   ئەمدى ئۇ قۇشاق قېتىپ يىغلاشقا باشلىغاندى،تايىر ئاكا يەنە ۋارقىرىدى.

        ‹‹-بولدى بېشىمنى ئاغرىما،ئەمدى يىغلىساڭ پايدىسى يوق،ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي   تۇرۇپ خەقىنى قاغاۋەرمە،بىز ئەتە ئەتىگەندىلا ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ماڭايلى.››دىدى.

     تايىر ئاكا بىلەن دىلبەر ھەدە توي قىلغاندىن كىيىن ئۇزۇنغىچە بالىلىق بولالمىغاندى،دىلبەر ھەدە شۇنچە كۆپ جايلارغا بېرىپ داۋالانغان بولسىمۇ ،ئۈنۈمى بولمىغان ئىدى،ئاخىرى ئۇلار  بالىلىق بۇلۇشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ،بىر بالا بېقىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ،خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدىمۇ قانداق ،مۆجىزە يۈز بىرىپ دىلبەر ھەدە ھامىلدار بۇلۇپ قالدى،ئۇلارنىڭ بېشى كۆككە يەتكەن ئىدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا توپ-توغرا ئون يىل    بولغاندى .

    ئۇلار تۆت كۈزۈ بىلەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى،دىلبەر ھەدىنىڭ ئاي-كۈنى  تۇشۇپ،بۇدۇرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغدى ،ۋە ئۇنىڭغا مۇرات دەپ ئىسىم قويدى،

         قورساقتىكى چاغدا ئوبدان پەرۋىش قىلىنغاچقىمىقىن مۇرات ناھايىتى ساغلام ،تىتىك ئىدى،كۆزلىرى يوغان ،ھەم يۇپيۇمىلاق،قاشلىرى قاپقارا،قاڭشارلىرى ئىگىز،كىرپىكلىرى تۈكۈلۈپ تۇراتتى،بەك چىرايلىق بولغاچقىمىكىن،دەسلەپ كۆرگەن كىشى قىز بالىمىكىن دەپ قالاتتى.

     ئۇ كۈندىن كۈنگە ئۇماق قىلىقلارنى چىقىراتتى،مۇراتنى دەسلەپتە دىلبەر ھەدىنىڭ ئانىسى ئايىمخان ئاچا بېقىپ بەردى،كىيىن دىلبەر ھەدە بۇ بالىسىغا چىدىماي،ئۈزى يول مېڭىپ   كىسەللىك  پىنسىيىسىگە چىقىۋېلىپ،بالىنى ئۈزى باقتى،ئۇ بۇ بالىسىنى ئاغزىغا سېلىۋالمايىتتىيۇ ئۇنىڭ بىرىسىنى قىلاتتى،تايىر ئاكىمۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىپ بالىسى بىلەن ئوينايىتتى. دىلبەر ھەدە ئۇ نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرەتتى،نىمە ئالىمەن دىسە شۇنى ئېلىپ بىرەتتى،شۇنداق بولغاچقىمىكىن مۇرات ئىككى-ئۈچ ياشقا كىرگەندە بەكلا قىلىقسىز بۇلۇپ قالغاندى،ئۆيدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان سۇندۇراتتى، چاچاتتى،خالىغانچە تەرەت قىلاتتى،دائىم دۇكانغا چىقىمەن دەپ تۇرىۋالاتتى،ھەتتا تاماق يىيىشنىڭ ئالدىدىمۇ پۇل بەرمىسەڭ تاماق يىمەيمەن دەپ تۇرىۋالاتتى.تايىر ئاكا ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنى توسسىمۇ،لىكىن دىلبەر ھەدە دەرھال ئۇنىڭ ئارىسىغا كىرىپ،مۇرات تەرەپتە تۇرۇپ تايىر ئاكىنى ئەيىپلەيىتتى،شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مۇرات بارا-بارا دادىسىغا ئۆچ بۇلۇپ قالغان ئىدى،ئۇ دادىسىنى كۆرسىلا قاچاتتى ياكى  باشقا ئۆيگە كىرىۋالاتتى.

      مۇرات تۆت ياشقا كىرگەن بىر يىلى دىلبەر ھەدىنىڭ مۇھىم بىر ئىشى چىقىپ قېلىپ ،مۇراتنى ئانىسى ئايىمخان ئاچىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى-ۋە ئۆزىنىڭ ئەتە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

     مۇرات يامانلىق قىلىشنى باشلىغاندى،ئۇ ئاۋۋال قۇتاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتتى-ۋە يۈگۈرۈپ چىققان قويلاردىن قورقۇپ قېچىپ يىقىلىپ چۈشۈپ،بۇرنىنى قانىتىۋالدى،ئايىمخان ھەدە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى يۈلىدى،ئايىمخان ئاچىنىڭ يولدىشى ياسىن ئاكا پالاقشىپ يۈرۈپ مىڭبىر    جاپادا قويلارنى قوتانغا سۇلىدى،مۇرات يىغىدىن توختىغاندىن كىيىن ،مەن دۇكانغا چىقىمەن دەپ تۇرىۋالدى ۋە ئايىمخان ئاچىنىڭ قۇلىدىن سۆرەپ دىگۈدەك دۇكانغا باشلاپ چىقتى –ۋە ئون نەچچە يۈەنلىك بىر نەرسە سېتىۋالدى،ھەممىسى كېرەكسىز ئويۇنچۇق ۋە ئەخلەت يىمەكلىكلەر ئىدى.ئۇنەرسىلەرنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بۇزىدىغىنى بۇزۇپ،تاشلايدىغىنى تاشلاپ بولغاندى.بىردەمدىن كىيىن ئۆيگە كىرىپ ئۇرۇن كۆرپىلەرنى چۇۋۇپ،يوتغاننى بېشىغا ئارتىپ،‹‹مەن كالا دېۋە››دەپ ۋارقىراپ ،ئۇ تامدىن  بۇ تامغا يۈگۈرۈشكە باشلىغاندى،بىردەم تىزىپ قۇيۇلغان خىرۇستال قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ يەرگە ئاتاتتى،  ئايىمخان ئاچا بىلەن ياسىن ئاكا ئۇنى ھاي دەپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتاتتى،ئايىمخان ھەدە ئۇ بۇزغان نەرسىلەرنى تۈزەشتۈرۈپ چىققۇچە ئۇ بىردەمدە ھويلىغا چىقىپ  پەستىكى بارىلىق ئاياغلارنى لىق سۇ توشقۇزۇلغان سۇ تۇڭىغا تاشلىۋەتتى،،،،

     ياسىن ئاكا بۇ ئىشلارنى كۈرۈپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە مۇراتنى تۇتىۋېلىپ پاچىقىغا تازا سالدى. مۇرات ئەمدى يەردە يېتىۋېلىپ ھاڭراپ يىغلاۋاتاتتى،بىر تەرەپتىن ياسىن ئاكىنى  ئاغزىنى بۇزۇپ سەت گەپلەر بىلەن تىللاۋاتاتتى.

   ياسىن ئاكىنىڭ دىلبەر ھەدىگە قاتتىق ئاچچىقى كەلدى،ئۇ كۆڭلىدە دىلبەر ھەدە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا بۇ توغرىلىق چىڭراق گەپ قىلىشنى ئويلىغاندى.

     ئەتىسى چۈشتىن كىيىن دىلبەر ھەدە قايتىپ كەلدى،بۇ چاغقىچە مۇرات بۇ ئىككى قېرىنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغان ئىدى.

     ‹‹قىزىم.بۇ بالىنى بەكلا ئەركە ئۈگۈتۈپ قۇيۇپسەن،ئەسلىدە چىڭراق تۇتساڭ ياخشى بولاتتى،بەك بەتخەج قىلىپ قۇيۇپسەن،كىيىن باشقۇرمىقىڭ تەس بۇلۇپ قالارمىكىن.....››گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىگىچە دىلبەر ھەدە گەپنىڭ بىلىگە تەپتى .

    ‹‹بىر كۈن بېقىپ تۇرغانغا ئەجەپ دەپ كەتتىڭ،مەن بۇ بالىغا بەك تەستە ئىرىشتىم،مۇشۇ ئۆينىمۇ مۇشۇ بالىنى دەپ تۇتىۋاتىمەن،بۇزغۇسى كەلسە بۇزىدۇ،خەجلىگۈسى كەلسە خەجلەيدۇ.مىنىڭ بالام شۇنداق ئەتىۋارلىق،،،،››دىدى –دە ئاتا-ئانىسىغا خوشمۇ دىمەي بالىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندى.خېلى ئۇقۇمۇشلۇق بىر چوكاننى بالا مىھرى مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.

     مۇرات شۇ پەدىدە چوڭ بولدى،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا ئۇنىڭ يانچۇقىدىن ئەللىك يۈەنلىك پۇللار تېپىلاتتى،ئۇ يېنىدا قانچىلىك پۇل بولسا ھەممىسىنى بىر كۈندىلا خەجلىۋىتەتتى،ئۇنىڭغا كىيىم كىچەكلەرنىڭمۇ ئەڭ قىممىتىنى ئېلىپ بىرەتتى،شۇڭا ئۇ ئىنتايىن  بەتخەج،قىلىقسىز،ھاپىناس چوڭ بۇلۇپ قالغان ئىدى.باشقىلارغا ئانچە ياخشى تەسىر بەرمەيىتتى،لىكىن دىلبەر ھەدە ئوغلىنىڭ تۇرقىدىن،قىلىقلىرىدىن سۈيۈنۈپ كىتەتتى،گەرچە ئۈگۈنىشى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىرىنىڭ ھۇقۇقىغا قەۋەتلا ئىشىنەتتى،شۇڭا بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن پەقەتلا ئەنسىرىمەيىتتى.

     مۇرات ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى   ئادەتتىكى بىر مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندى،ئۇ ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن دىلبەر ھەدە تۇلا يىغلاپ كۆزلىرى تىشىلىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى،نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالغاندا تايىر ئاكا ئۇنىمىغاندى،ئۇ ئوقۇشقا كەتكەن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا ئوتتۇز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بولغان ئىدى،بۇ پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى دىلبەر ھەدە تايىر ئاكىغا ئۇقتۇرمايلا   ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللار ئىدى.مانا بۈگۈنكى كۈندە شۇ ئەركىلىك ،شۇ بەتخەجلىك ئۇنىڭ بېشىغا چىققان ئىدى.

      ئۇلار بىر كىچىنى ئولتۇرۇپ دىگۈدەك ئۆتكۈزۈپ،ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى-ۋە بىرىنچى بۇلۇپ مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۈرۈشتى.مۇراتنىڭ  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەپ بىرىشىچە بۇ بىر يىلدىن بۇيان مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى تەسىرى پەقەتلا ياخشى بولمىغان،كۆپ قېتىم جىدەل چىقارغان،دەرىسلەرگە تۇلۇق قاتناشمىغان،كەچلىرى ياتاققا قايىتمىغان،سىنىپلاردا تاماكا چەككەن،ئوقۇتقۇچىللىرى نەسىھەت قىلغاندا ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ تەڭ تۇرۇپ،جاۋاپلاشقان،ئەڭ يامان يېرى ئۇ خىروئىنغا ئۈگۈنۈپ قالغان ،شۇڭا مەكتەپ ئۇنى مەكتەپتىن چىكىندۈرۈشنى قارار قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ئۇ بىر سورۇندا ئۈزىنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسىنىڭ بەش يېرىگە پىچاق تىقىپ ئۇنى ئېغىر يارلاندۇرغان،ئۇ بالا ھازىر دوختۇرخانىنىڭ جددى قۇتقۇزۇش بۈلىمىدە جىددى قۇتقۇزىلىۋاتقان ئىكەن،ھايات قېلىش  قالماسلىقىغا ھازىرچە بىر نەرسە دىمەك تەسكەن.

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تايىر ئاكىنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ تىلى گەپكە كەلمەي قالدى،دىلبەر ھەدە بولسا ھە دەپ يىغلاۋاتاتتى،ياش ئۇنىڭ مىڭ يىرىدىن تۈكۈلەتتى،ئۇ پۇشايمان يېشىمۇ  ياكى بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاۋاتامدۇ بۇنىسى نامەلۇم ئىدى،ئىشقىلىپ ئۇنى بىر ھەسرەت ئوتى قىيناۋاتاتتى.مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇلارغا تەسەللى بەردى.

تايىر ئاكا بىر پەس ئولتۇرغاندىن كىيىن مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئۇلارنىڭ مۇرات بىلەن كۈرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيىتتى.مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەرھال ساقچىخانىدىكى مۇراتقا مەسئۇل ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ،ئەتىسى مۇرات بىلەن كۈرۈشسە بۇلىدىغانلىقىنى دىدى.ۋە مۇرات تۇرۇۋاتقان تۈرمىنىڭ ئادىرىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى.تايىر ئاكا مۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىپ ،ئۈزىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كىتىشتى.

     بىر جۈپ گەۋدە پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ،ئۈنسىز كىتىپ باراتتى،ئىككىلىسىنىڭ كۈزىدە  لىق ياش،بۇلۇپمۇ دىلبەر ھەدىنىڭ شۇ چاغدىكى ئازابىنى قەلەم بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى،ئۇ ئۆتكەن بارىلىق كۈنلەرنى بىر باشتىن ئەسلەپ چىقتى،ئۇ ئەمدىلەتتىن ئۈزىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ بالىسىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكى ئاخرىدا بالىسىنىڭ بېشىغا چىققان ئىدى،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دادىسىنىڭ،ئىرىنىڭ گىپىگە كىرمىگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتاتتى.

    ئەتىسى ئۇلار ھېلىقى ئادىرىس بويىچە مۇرات تۇرىۋاتقان تۈرمىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى يىغىدىن ئۈزىنى بېسىۋالالمىدى،ھەتتا ئىشىك باقىدىغان بالا كىلىپ كىمنى ئىزدەيدىغانلىقىنى سورىسىمۇ ئۇلار گەپمۇ قىلالمىدى،توۋا!!!ئاتا-ئانىلارغىمۇ نىمە كۈن ھە بۇ،بالا باققان گۇناھمۇ؟بۇ ئەيىپ زادى كىمدە؟

     تايىر ئاكا سەل ئۈزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مۇرات ئىسىملىك بالىنى ئىزدەپ  كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى.ئۇ بالا ئۇلارنى باشلاپ ساقلاش ئۈيىگە ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى، دىلبەر ھەدە تېخىغىچە ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى،ئۇ ئىچىدە ھەدەپ ئۈزىنى ئەيىپلەيىتتى،پۇشايمان قىلاتتى،ھەسرەت چىكەتتى،،،،

    بىر چاغدا مەھبۇسلار كىيىمى كەيگەن مۇرات كىرىپ كەلدى،ئۇلار مۇراتنى كۈرۈپلا ئېتىلىپ كەلدى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كىتىشتى،بىراق مۇرات خۇددى قېتىپ قالغاندەكلا مىدىر-سىدىر قىلماي جىم تۇردى.

    ‹‹جېنىم بالام-دىدى دىلبەر ھەدە ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ،-مەن سىنىڭ ئاپاڭ،گەپ قىلە جېنىم ئوغلۇم،قانداق بۇلۇپ  بۇ كۈنگە چۈشۈپ قالغانسەن....

   ‹‹بۇنى ئۈزۈڭدىن سورا!!!››مۇرات قاتتىق ۋارقىرىدى،بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇ ئىككىسى چۈچۈپ كىتىشتى.مۇرات دەرھال دادىسى تەرەپكە بۇرۇلۇپ تىزلىنىپلا ئولتۇردى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ  ‹‹دادا،مىنى كەچۈرگىن،مەندەك بىر ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرگىن،مەن سىنىڭ يۈزۈڭنى تۈكۈپ قويدۇم،،،،››ئۇ ئىسەدىگىنىدىن گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى،

     ئۈچەيلەن قاتتىق يىغلىشىۋاتاتتى،ھەممىسى نىمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.بۇ يەردە ھەممىدىن قاتتىق ئەلەم بولغىنى يەنىلا دىلبەر ھەدە ئىدى،ئۇ ئەسلىدە ئوغلىغا سىڭدۈرگەن شۇ ئەجىرلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى جاۋاپقا ئىرششى كېرەك ئىدى،ئۇ ئەسلىدە بۇ شەھەرگە ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىنى ئەمەس،ئوقۇشتا ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ،شەرەپ قۇچىۋاتقان ھالىتىنى كۈرۈش ئۈچۈن كىلىشى كېرەك ئىدى،ئەپسۇس!!!مىڭ ئەپسۇس....

      بىر ھەپتىدىن كىيىن سوت ئېچىلىپ مۇراتنىڭ زەھەر چەككەنلىك ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى ئۈچۈن  (ھېلىقى مۇرات پىچاق تىقىۋەتكەن بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن ئىدى) يىگىرمە بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلىندى.

     سوت ئېچىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن تايىر ئاكا دىلبەر ھەدىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى،ئۇلار كىلىشتىن بۇرۇن بۇ خەۋەر بۇ يۇرۇتقا كىلىپ بولغان ئىدى،ھەممە كۆزلەر ئۇلارغا تىكىلگەن ئىدى،نۇرغۇن ئادەملەر ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان بولسىمۇ ،لىكىن يەنە بىر قىسىم ئۇلارنى كۈرەلمەيدىغان ئادەملەر ئىچىدە ‹‹خوپ بوپتۇ،ئەينى ۋاقىتتا بەك كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى خۇددى ھېچكىم ئوغۇل تۇغالمايدىغاندەك...››دىيىشتى.

    بۇ ئۆيدىكى خۇشاللىق ئەمدى يوقالغان ئىدى،دىمسىمۇ ئەمدى ئۇلار قانداق خۇشال بۇلالايدۇ؟شۇ بىر ئوت ئۇلارنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ،مۇرات تۈرمىدىن چىققۇچە ئۇلار بۇ ئالەمدە بارمۇ يوق كىم بىلىدۇ دەيسىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( ~5 h+ X( B$ m6 v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% K, Q& o/ r5 m, u2 ?- C! I5 B

تۈركەنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13539
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7675 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتىدىن تەھرىرلەپ قويسا بولغىدەك  ،ما تىمىنى ئوقۇغىلى بولمدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107180
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى خەت شەكلىدە يازغان بولغىيتى  ئەجەپ ئوقۇغىلى بولمىدى دىسە  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 549
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە جاپادا يازغان بولغىيتى بۇ خەتلەرنى .ئەپسۇس بىرىنىمۇ ئۇقىيالمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلىنى  ئوزگەرتىپ يىزىپ بېقىڭ ....

مېھرىماھ

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەرنى ئوقۇغىلى بولمىدى ھەم بەك كىچىك . قايتا تەھرىللەپ قويسا بولغىدەك .

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8066
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3508 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 09:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەرنى ئوقۇغىلى بولمىدى.........بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" A$ U1 F' l, o, C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ g9 ?3 ~* m2 w% {
قايتا تەھرىرلەپ بېقىڭ....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چېكىپ يازغان ۋە ھەرىپلەرنى بىر-بىرلەپ ئورۇش ئارقىلىق يوللىغان تىمىنى ئوقۇرمەنلەر ئوقۇيالمىسا،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 t4 X, H) T5 Z0 @3 N8 T
ئۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى قالىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر تالانىت ، تىما ئىگىسى    ئۇسلۇب يارىتىپ   خەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپسىز دە  .       سەل چوڭراق بولغان بولسا   ئۇقۇغىلى بۇلىدىكەندۇق، لىكىن خەت بەكلا كىچىك  ،   تەكلىبىم  لوپا ئەينەك بولسا  شۇنىڭدا قاراپ ئۇقۇڭلار  .     « چاخچاق  ھە  »      تەھرىرلەپ  قايتا ئەۋەتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك   ،   ئېنىق كۆرگىلى بولمىدى    .

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرىما يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 08:37 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ]! P! [- R7 n, o( t5 g
خەت شەكلىنى  ئوزگەرتىپ يىزىپ بېقىڭ ....

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: |( a% Y2 c* O: D. \     تايىر ئاكا كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كىيىن ،مىۋە-چىۋە يىگەچ تىلىۋۇزۇر كۈرۈپ ئولتۇراتتى،ئايالى دىلبەر ھەدە بولسا ياندىكى ئۆيدە كەشتە تىكىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز  ئۆينىڭ تېلىغۇنى ئەنسىز جىرىڭلىدى،بۇ بىر نەچچە كۈندىن بويان تايىر ئاكىنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان بۇلۇپ،ئۇ يىراقتىكى كىسەل ئانىسىدىن ئەنسىرەپلا قالغان ئىدى،شۇڭا بۇ ۋاقىتسىز كەلگەن تېلىغۇن ئۇنى خېلىلا چۈچۈتتى،ئۇ ئالدىراپ –تىنەپ تېلىغۇننى ئالدى،             بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- i# L- O) `0 ^, u) E" u
               
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ]! G4 o/ P, Y0 V* U0 ]            مەن ئوقىيالىدىمغۇ  لوپا ئەينەك تۇتۇپ تۇرۇپ  ھى ھى   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  v  m! [$ X' e5 r& y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 m- W) v: g+ }: ?$ u

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش