‹1›
قىزى:دادا،سىرىتقا چىقامسىز؟
دادىسى:ھەئە
قىزى:ماڭا قەغەز ئالغاچ كىرسىڭىز بوپتىكەن.
دادىسى:قانداق قەغەز؟
قىزى:شۇ ئاغرىپ قاپتىكەنمەن.
دادىسى:ھە ماقۇل
‹2›
ئوغلى:ئاپا،ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ سىزدىن بەش يىل ئايرىلىپ تۇرۇپتىمەن،مانا بۈگۈن قايتىپ كەلدىم،بۈگۈن سىزنىڭ يېنىڭىزدا يېتىپ بىر ئۇخلىۋالايچۇ.
ئاپىسى:ياق بالام،ئايرىم ياتايلى،ئۇيقۇچىلىقتا سىنى داداڭمىكىن دەپ پۇتلىرىمنى ئارتىپ يېتىپ كەتمەي يەنە.
ئوغلى:بۇ......
‹3›
ئاپىسى:بالام،ماشىنىنى توختىتىپ تۇرساڭ،مەن بىر ھاجەتكە چۈشىۋالسام بوپتىكەن.
ئوغلى:بەك چىشقىڭ كەپكەتتىما؟
ئاپىسى:ھەئە
ئوغلى:ئەمىسە ئىشتىنىڭغا چىقىرىۋىرە ئادەمنى ئاۋارە قىلماي
ئاپىسى:ئەگەر توختاتماي شۇنداق بۇلۇپ قالسا كۇسىرىمنى بوينۇڭغا يۆگەپ قويارمىنا
ئوغلى:ھاھاھا.....
‹4›
كىلىنى:ئاپا ،سىلىگە بىر گەپنى دەي دىگەنتىم.
قېيىن ئاپىسى:ھە دىسىلە
كىلىنى:قېيىن سىڭلىم توغرىلىق دوسىتلىرىمدىن سەل بولمىغۇر سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالدىم،مەن نەسىھەت قىلاي دەپ سەل بىئەپ ھىس قىلدىم،ئەمدى توي قىلمىغان قىز بالا سۆز-چۆچەكلەر كۈپىيىپ قالسا سەل ياخشى بولمىغۇدەك،شۇڭا سىلى بىر....
قېيىن ئاپىسى:ئوھۇش،سىلى ئىشلىرىنى قىلسىلا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىغا ئارلاشماي،شۇ چىرايلىق بولغاچقا شۇنداق چىقىدۇ تازا،ئىچىللىرى قايناۋاتامدۇ،مەيلى،ياش ۋاقتىدا ئوينىۋالسۇن.
كىلىنى:مەن.....
‹5›
ئېرى:بۈگۈن كەچتە نىمە تاماق ئىتىسەن؟
ئايالى:ئوغلىمىزنىڭ ئۆيىدە يەيمىز.
ئېرى:بولدى ،كۈندە چىقىۋەرمەيلى،كىلىن قىزىمىزمۇ خىزمەت قىلىدۇ،چۈشتىمۇ،كەچتىمۇ چىقىۋەرسەك تازا ياخشى بولماس،ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە لايىق ئىتىپ يىسۇن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆيىمنىڭ قەرزى تېخى تۈگىمىدى،ئۇلارغىمۇ بېسىم قىلىۋەرمەيلى،سەنمۇ ئۆيدە بىكار بولغاندىكىن ئانچە-مۇنچە تاماق ئىتىپ ئۇلارنى چاقىرىۋالايلى.
ئايالى:ۋىييەي،شۇ تامىقىمنى ئىتەرمىكىن،كىرىمنى يۇيارمىكىن دەپ ئېلىپ بەرگەن ئۇنى ئوغلۇمغا،بالا بولغاندىكىن ئاتا-ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى باردۇ،ئەتسۇن.
ئېرى:ئۇنداق بولسا مىنىڭ ئانامنى ئەكىلىپ باقايلى دىسەم نىمىشقا ئۇنىمايسەن؟بىزنىڭمۇ ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيتىمىز بار ئىدىغۇ؟
ئايالى:مەن ئاناڭنىڭ غالچىسىمىدىم،ئاچا-سىڭىللىرىڭ ئاپىرىپ باقسۇن.
جىرىڭ،جىرىڭ،جىرىڭ
قىزى:ئاپا،بۇ مەن،كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە تاماققا بارالمايدىغان بولدۇم.
ئاپىسى:نىمىشقا ئەمدى،كەچتە ئاكىڭىزنىڭ ئۆيىدە پولو ئەتمەكچى ئىدى،تېخى سىزنىمۇ يولدىشىڭىز بىلەن كىلەرمىكىن دىگەن ئىدىم.
قىزى:كەچتە قېيىن ئاپاملار بىزنىڭ ئۆيگە تاماققا كىلىدىكەن،شۇڭا شۇلارغا تاماق ئەتمىسەم بولمايدۇ.
ئاپىسى:يائاللا،ئۆيىدە تاماق ئىتەلمەمدىگەن ئۇ تېگى پەس قەلەندەرلەر،سىز خىزمەت قىلىپ ھېرىپ ئاران كەلگەەندە سىزگە تاماق ئەتكۈزەمدىكەن؟ھۇ ئۆلمەيدىغان جادى،ۋاي بىچارە قىزىم......
‹6›
ئاكىسى:نىمانچە تار كىيىم كىيىۋالدىڭ،ماڭ،ئالماشتۇرىۋەت.
سىڭلىسى:نىمە بوپتۇ،ھازىر دىگەن ھەممە قىزلار مۇشۇنداق كىيىدۇ.
ئاكىسى:ئالماشتۇرىۋەت دىدىم،كۇچىدىكى قىزلارغىلا ئوخشاپ قاپسەن.
ئاپىسى:ۋاي-ۋۇي بالام،سەن ئوغۇل بالا بولغاندىكىن قىز بالىنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغىنە،مەيلى ئەمەسمۇ،ھازىر بىزنىڭ بار ۋاقتىمىزدا كۆڭلى خالىغاننى كىيىۋالسۇن.
ئاكىسى:ئاپا،سەن ئۇنى بەكلا ئەركە ئۈگىتىپ قويدۇڭ،كىيىن ئۈزۈڭ ئىسىت دەپ قالمىساڭلا بولاتتىغۇ،ھەي!
‹7›
دادىسى:بالام،ماۋۇ پۇلغا 5پۇتۇلكا پىۋا ئەكىرە.
ئوغلى:دادا،ئەمدى بۇنداق ئىشلىرىڭنى يىغىشتۇرىۋالساڭ بوپتىكەن،سىڭلىممۇ خېلى چوڭ بۇلۇپ قالدى،مەنمۇ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىشكە ئاز قالدىم،سەن قاچانقىچە مۇشۇنداق ھاراق ئىچىپ يۈرىيسەن دادا.
دادىسى:ھۇ لامىزەللە،سەن مەن بىلەن تاكاللاشقۇدەك بولدۇڭما،پۇتۇڭنى سۇندۇرىۋەتمەيدىغان بولسام...
ئوغلى:سەن بۇنداق ئىچىپ-چىكىپ يۈرسەڭ بىزنىڭ كىيىنلىكىمىزمۇ ياخشى بولمايدۇ دادا،ئەمدى بولسىمۇ ئويغانقىن،ھازىر باشقىلار نىمە كويدا،سەن تېخچىلا مۇشۇنداق...
دادىسى:كۈزۈمدىن يوقال!
ئوغلى:‹كۆزىدە ياش›ماقۇل،مەن يوقىلاي.
‹8›
ئوغلى:ئاپا.مۇئەللىم پايدىلىنىش ماتىرىيالى ئۈچۈن 30يۈەندىن پۇل ئەكىلىڭلار دىگەن.
ئاپىسى:نىمانداق تولا ئالىسەن ئۇ پايدىلىنىش ماتىرىيالىنى.
ئوغلى:شۇ ئىمتىھان بىرىشىمگە ئاز قالدى،پايدىلىنىش ماتىرياللىرىنى كۆپرەك كۆرسەم ئىمتىھاندا يۇقىرىراق نۇمۇر ئالارمەن.
ئاپىسى:مەندە پۇل يوق،داداڭدىن سورا
ئوغلى:دادامدىن سورىسام ئاپاڭدىن سورا دىگەن ئىدى.
ئاپىسى:ئەمىسە ئالما بولدى،مەندە پۇل يوق،بۈگۈن چايغا بارىمەن،ئۇ يەرگە 1000كوي كىتىدۇ،تېخى چايغا ئالغان كىيىمنىڭ پۇلىنى بەرمىدىم،ئۇ كىيىمگە 850كوي بىرىمەن تېخى،سەن داداڭدىن ئالغىن ھە بالام.
ئوغلى:ئاپا،يەنە چايغا بارامسەن؟داداممۇ كەلمىسە،سەنمۇ بولمىساڭ،بىز كەچتە نىمە يەيمىز؟
ئاپىسى:بىر يەشىك تەييار چۆپ ئەكىلىپ قويدۇمغۇ ئۆيگە،ھەممىنى يەپ بولدۇڭما؟
ئوغلى:تەييار چۆپنى يەۋىرىپ ئاشقازىنىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى ئاپا،ئۈتۈنۈپ قالاي،ئۆز قۇلۇڭ بىلەن بىر تاماق ئىتىپ بەرگىنە.
ئاپىسى:تولا گەپ قىلماي ماڭ بېرىپ ئويۇنۇڭنى ئوينا،مەن ھازىر ئالدىراش
.......
‹9›
ئايالى:بۇ يىل نوركا چاپاننى ئالغىنىم ئالغان.
ئېرى:ھەي خوتۇن،نىمانداق جاھىللىق قىلىسەن،بۇ يىل قىزىمىزنى ئالى مەكتەپكە يولغا سالىمىز دەۋاتساق،ئۆيلىرىمىز تېخى شۇ پېتى،سەن قاچانلا قارىسا كىيىم غېمىدە يۈرەمسەن؟
ئايالى:تازلىقچى خوتۇنلاردىن تارتىپ كىيىپتۇ ئۇ نوركا چاپاننى،مەن كىيەلمەمتىم،مەن ساڭا ماڭا شۇنداق نىمىنى كىيىشنى خالىسام شۇنى ئېلىپ بىرەمدىكى،مىنى باقامدىكى دەپ تەگكەن،سىنىڭ نەرىڭ ئەركىشى.
ئېرى:سىنىڭ نەرىڭ بىر ئايالغا،ئانىغا ئوخشىسۇن،ئىككىمىز بىللە تۇتىمىز بۇ ئۆينى،مەن قىينىلىپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتسام،ئۈزۈمگە بىر ئاياغ ئېلىشقىمۇ چىدىماي 10قېتىم يامىتىپ بولدۇم بۇ ئاياغنى،سەن تېخى ماڭا يارىدەملەشمەكتە يوق ھە دىسە پۇلنى بۇزۇپ چاچىسەن،ساڭا ئېلىپ بىرىدىغان چاپان يوق.
ئايالى:ئالىمەن دىدىممۇ ئالىمەن،ھۇ يارىماس،خەقنىڭ ئىرىگە قاراپ باقە،ئايالىنى قونچاقتەك ياساپ قويىدىكەن،ئىسىت،سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم،ھۆھۆھۆ.......
ئەتراپىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارمۇ بار،مىنىڭچە بولغاندا دادا دادىدەك،ئانا ئانىدەك بولىشى كېرەك ئىدى،پەرزەنىتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ھېيىققۇدەك،ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە ئۆلگە بولغۇدەك بۇلىشى كېرەك ئىدى،لىكىن ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ؟بىزنىڭ بىرقىسىم دۇنيانى تەۋرىتىشكە تىگىشلىك ئانىللىرىمىز تېخىچە قاتار چاي،نوركا چاپان كويىدا،بىزنىڭ بىرقىسىم دادىللىرىمىز تېخىچە ھاراق پوتۇلكىللىرىنىڭ ئارسىدىن چىقالماي يۈرىيدۇ،مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىيلىگەن بالىلار قانچىلىك ئادەم بولار؟ئانا دىگەن پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلىگۈچى پەرۋىشكار باغۋەن بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟مۇشۇنداق بالا تۇغۇشنىلا بىلىپ تەربىيلەشنى بىلمەيدىغان ئانىلارمۇ ئۇلۇغمۇ؟قىزلىرىغا قەغەز ئەكىرىپ بىرىدىغان،ئوغۇللىرىغا ھاراق ئەكىرگۈزگەن دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇغان دادىلارمۇ ئۇلۇغمۇ؟