مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6743|ئىنكاس: 45

قېينىئانىنىڭ پۇشايمان خاتىرسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4287
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1504 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 12:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       قۇلۇمدا بىر دەستە گۈل،چەكسىز ئازاپ ۋە پۇشايمان ئىلكىدە كىلىنىم بىلەن نەۋرەمنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كىتىۋاتىمەن، ياق يوقلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ  ئالدىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھىم ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشقا كىتىۋاتىمەن .شۇ تاپتا بەدەنلىرىم كۈيۈشۇپ،ئىچىمنى قۇرىت يەۋاتقاندەك،ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مىنى ‹قاتىل›دەپ ئەيىپلەۋاتقاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ.مەن يەرگە دەسسەپ مېڭىۋاتامدىم ياكى يەر مىنى دەسسەپ مېڭىۋاتامدۇ مەندە بۇنى  پەرىق ئەتكۈدەك  سىزىم يوق،كاللامدا پەقەت ئۈكۈنۈش،پۇشايمان ۋە ۋىجدان ئازابىلا بار،ئەمدى بولغاندا نىمىسىنى دەي،كىچىكتىم،تۇلىمۇ كىچىكتىم.

         ئوغلۇم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن ناھيىمىزدىكى خېلى نۇپۇزلۇق بىر ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشكەندى،ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ خېلى ياخشى بولغاچقا ھەم ئوغلۇم كىلىشكەن،يۈرۈش تۇرىشى جايىدا ،ئەخلاقلىق بالا بولغاچقا ئۇ خزمەتكە چىققاندىن كىيىن بويىغا يەتكەن قىزلىرى بار بىر نەچچە دوسىتلىرىم ئاستىرىتتىن ماڭا قىزلىرىنى سايە قىلىشقاندى،ئۈزۈممۇ ئىچىمدە بۇلىدۇ دەپ قارىغان قىزلارنىڭ ئانچە-مۇنچە سۈرۈشتىسىنى قىلىۋاتقان ئىدىم.ئويلىمىغان يەردىن ئوغلۇم شۇ ئىدارىدە بىللى ئىشلەيدىغان شەھەرلىك بىر قىزنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى،راسىت گەپنى قىلسام شەھەرلىكلەرنى ھالى ئۈستۈن دەپ ياقتۇرمايىتتىم.شۇڭا ئوغلۇمنىڭ تەلىۋىگە پەقەتلا قۇشۇلمىدىم بىچارە بالام ماڭا يالۋۇردى،قېيداپ باقتى،ئوتتۇرىمىزغا ئادەم قۇيۇپ باقتى،لىكىن مەن يەنىلا ئۆز قارارىمدىن  يانمىدىم.ئوغلۇم جاھىللىق قىلغانسىرى ئۇ ئالىمەن دىگەن ھېلىقى ‹تۈلكە جىن›غا ئۆچ بۇلۇشقا باشلىدىم،ھەتتا باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ تىلىغۇن نۇمىرىنى تېپىپ ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن قاتتىق ھاقارەت قىلدىم.لىكىن ئوغلۇم يەنىلا نىيتىدىن يانمىدى.ئەكسىچە تاماقمۇ يىمەي ئۆيىگە سۇلىنىپ يېتىۋالدى،يولدىشىممۇ باشتا قۇشۇلمىغان ئىدى،كىيىن ئوغلىمىزنىڭ ھالىنى كۈرۈپ بۇ توينى قىلىش قارارىغا كەلدى.شۇنداق قىلىپ يولدىشىمنىڭ بۇيرىقى،ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ سالا-سۇلۇ قىلىشى بىلەن بۇ توينى قىلىپ بەردىم.

        ئەسلىدە ئوغلۇم توغرىلىق نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ئىدىم،ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇم ۋە بۇ ئۆينى چىرايلىق بىزەپ بەرگۈم بار ئىدى،لىكىن بۇ تويغا رازىلىقىم بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ئۆيمۇ ئېلىپ   بەرمىدىم.ئۇلارغا ھويلىمىزنىڭ چەتكىرەك جايلاشقان بىر ئېغىز كونا ئۆينى ياساپ بەردىم،لىكىن كۆڭلۈمدە يەنىلا ئۇ تۈلكە جىنغا ئۆچمەنلىك بار ئىدى،ماڭا خۇددى شۇ شۇمبۇيا ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ ،ئوغلۇمنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتكەندى،ھەتتا ئۇنى كىلىنىم دەپ ئىتراپ قىلغۇممۇ كەلمەيىتتى،ئۇ گەرچە ئۆي ئىشلىرىنى شۇنداق چىرايلىق ،رەتلىك قىلسىمۇ ئۇنىڭدىن قەستەن قۇسۇر تېپىپ ئۇنڭغا زەھىرىمنى سانچىۋالاتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇمنىڭ ئۇنىڭ كۈزىگە قاراشلىرى،ئۇنىڭغا كۈيۈنۈشلىرى،ئۇنىڭغا يارىدەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىشلىرى مىنى تېخىمۇ ئازاپلاپ،ئوغامنى قاينىتاتتى،ئۇنىڭغا ھەسەت قىلاتتىم.ئۇ ئىتەلمەيدىغان قىيىن تاماقلارنى ئىتىشكە بۇيرۇيتۇم،ئوخشىتىپ ئىتەلمىسە  خاپا بولاتتىم،ھەتتا ئۇنى تىللايىتتم،ھەر قېتىم ئۇنىڭغا قاتتىق گەپ قىلغىنىمدا ئۇنىڭ ئالدىمدا تىترەپ،ئۈمچىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسەم كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشەتتى،پۇرسەت تېپىپ ئۇنى ئوغلۇمغا چېقىشتۇراتتىم،ئەگەر

ئۇ خۇتۇنى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلسا ئۇنىمۇ بوش قويمايىتتىم.ئىككىسى ئەتىگەندە بىللە ئىشقا ماڭسىمۇ،بىللە ئىشتىن كەلسىمۇ خۇيۇم تۇتۇپ قالاتتى.شۇنداق قىلساممۇ ئۇ ئىككىلىسى ماڭا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى،قانداق ياخشى يەيدىغان نەرسىلەر بولسا ماڭا ئەكىرىپ بىرەتتى،ھېيىت-بايراملاردا مەن ياقتۇرىدىغان كىيىملەرنى،شارپىلارنى ماڭا سوۋغا قىلاتتى،ئالغان نەرسىللىرىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ لىكىن يەنىلا ياقتۇرمىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم،ئىشقىلىپ قانداقلا ئىش بولسا ئۇنى ناھايىتى ئۇسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قوياتتىم.

       شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بۇيىدا قالدى،ئوغلۇم بۇنى بىلىپ تېخىمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى،ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۈيىنىدىغان،ئاسرايدىغان بۇلۇپ كەتتى،ئىككىسىنڭ بىللە ئولتۇرۇپ كۈلۈشۈپ پاراڭلاشقان ھالىتىنى كۆرسەملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيىتتى.بىر دەم ئېلىش كۈنىدە ئۇلار يەنە بىر چوڭ ئۆيگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ مەن بىلەن خوشلاشقىلى كىرىپتۇ.مەن قەستەن ئاغرىپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇلارنى بارغۇزمىدىم،ئوغلۇمنى سىرىتتىكى بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇپ

ئۇنى بىر كۈن كەچكىچە ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى خىشنى تۇشۇتتۇم،كۈن كەچ بولغاندا ئۇ ھاسىراپ-ھۈمىدەپ خىش تۇشىۋاتقاندا ئوغلۇم كىرىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان،قانىغان قوللىرىنى سىلاپ

كەتتى،ئۇمۇ ئوغلۇمنى كۈرۈپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى،ئوغلۇم ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ئالدىمغا كىلىپ ماڭا ‹ئاپا ،ئۈتۈنۈپ قالاي،ئەمدى ئۇنى ئېغىر ئىشلارغا سالمىساڭ بوپتىكەن›دەپ قۇيۇپ ئۇنى يىتىلەپ ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.شۇ چاغدا ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغاندىم،خۇددى ئۇنىڭغا يېڭىلگەندەك،ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندەكلا ھىس قىلىپ كەتتىم.

   ئەمدى ئۇنى تېخىمۇ قىيناشقا باشلىغاندىم،قەستەن ئۇنى ئۈزى سىزىكتىن چىقىپ كەتكەن تاماقلارنى ئەتكۈزەتتىم ئۇ بىزگە تاماق ئىتىپ بىرىپ ئۈزى نان يەيىتتى ،ئوغلۇم ئۇنىڭغا ئۈزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئەكىرىپ بەرگەن چاغلاردا قەستەن مەن يەۋالاتتىم.ئۇ چۈشلىرى ،كەچلىرى ئىشتىن كىلىپ ئالدىراپ تىنەپ تاماق ئىتەتتى،لىكىن يەنىلا ئۈزى يىمەيىتتى،مەن يەنە  ئۇلارنى ئىقتىساتتىن قىستىم،ئىككىلىسىنىڭ مۇئاش كارتىسىنى ئېلىۋالدىم.گەرچە ئوغلۇمنىڭمۇ قىينىلىۋاتقىنىنى بىلىپ،يۈرىكىم ئېچىشقان بولسىمۇ لىكىن مەن يەنىلا شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئازاپلايىتتىم.

    تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى بولماي قالغاندى،لىكىن مەن قەستەن ئۇنى ساختىلىق قىلىۋاتىسەن دەپ دوختۇرخانىغا ئاپارغىلى قويمىدىم،ھەتتا شۇ چاغدىمۇ ئۇنى قىيناپ پول سۈرتۈشكە،گىلەملەرنى سۈرتۈپ تازىلاشقا ،تاماق ئىتىشكە سالدىم.ئۇنىڭ ئانىسى،ئاچىسى ئۇنى ئېلىپ كىتىشكە كەلگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىمۇ ھاقارەتلەپ ،قىزىنىڭ كىچىككىنە كەمچىللىكلىرىنى باھانە قىلىپ بىر مۇنچە ئەيىپلىدىم،قۇداممۇ مىنىڭ ئالدىمدا يالۋۇرۇپ ،يىغلىغان بولسىمۇ مەن قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمەي ئۈزۈم تۇغدۇرىمەن دەپ ئېلىپ قالدىم.

    شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ قۇرسىقى ئاغرىدى،دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ‹بالا تەتۈركەن،قىزنىڭ قان بېسىمى تۆۋەن تىنى ئاجىز،ئۈزى تۇغالمايدۇ،ئوپىراتسىيە قىلىمىز.›دىدى.مەن ئۇنى ئۈزى تۇغىدۇ دەپ تۇرىۋالدىم،ئوغلۇم ئايالىنىڭ قىينىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ماڭا يىغلاپ يالۋۇرۇپ كەتتى،لىكىن مەن مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ جاھىللىق قىلىپ ئۇنىماي تۇرىۋالدىم.كۆڭلۈمدە ئۇنى يەنە قينىماقچىدۇرمەن ،كۈتۈلمىگەندە ئۇ نەۋرەمنى ماڭا قالدۇرۇپ ئۈزى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقاندى.

    ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن چېغىمدا مەن ئاندىن رەسمى چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدۇم،ئۇ كۆز ئالدىمدىلا چىرايلىرى تاتارغان ھالدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئۈنسىز ياتاتتى،ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۈزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتاتتى،مەن بولسام خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تۇرۇپلا قالغان ئىدىم.ئۇلار يىغا-زارە ئىچىدە كىلىنىمنى ئېلىپ مېڭىشتى ،،،،قالغان ئىشلارنى بىلمەيمەن ،كۈزۈمنى ئاچسام ئۆيدە يېتىپتىمەن،بېشىمدا يولدىشىم بىلەن قىزىم ئولتۇرۇپتۇ،ئوغلۇم بولسا بىر بۇلۇڭدا كۆزلىرىدە ياش ،قېتىپ قالغاندەك ئولتۇرۇپتۇ،ئۇنى كۈرۈپلا كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى،ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ قېقىلىپ كەتتىم.قىزىم مىنى يۈلەپ ئولتۇرغۇزدى.مەن ئاستا ئۆمىلەپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا باردىم.

‹‹.....بالام....مەن....››

‹‹بولدى سۆزلىمە ئاپا،-دىدى ئۇ كۈزىنى يەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ،-ئاللا سىنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلدى،سەن ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدىڭ،ئەمدى خۇشال بولغانسەن....››ئۇمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.كىيىن بىلسەم نەۋرەم قىز ئىكەن،لىكىن تۇغۇلۇپ ئىككى سائەتتىن كىيىن  تىنى ئاجىز،قورساقتىكى چاغدا ياخشى پەرۋىشكە ئىرىشەلمىگەن بولغاچقا ئۇمۇ بىزدىن مەڭگۈلۈڭ خوشلىشىپتۇ.

     شۇ تاپتا ئۈزۈمنى قۇيىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتىم،ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم،توۋا ،مەنمۇ بىر

ئانا بولدۇممۇ؟مەن نىمە دىگەن شەخسىيەتچى،مەن نىمە دىگەن ئىپلاس!ئەسلىدە ئوغلۇمنىڭ بەختىنى كۈرۈپ خۇشال بۇلۇشۇم كېرەك ئىدىغۇ؟شۇ بىچارە ناتىۋان قىزنى قانات ئاستىمغا ئېلىپ ئۇنىڭغىمۇ ئانىلىق مىھرىمنى بىرىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟شۇ قىزنىمۇ ئاتا-ئانىسى مەن قىزىمنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ چوڭ قىلغان بولغىيدى.مەنمۇ كىلىن بۇلۇپ باققان،مەنمۇ قۇرساق كۈتۈرۈپ باققان،ئەجىبا مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان يەردىمۇ؟مەنمۇ بىر ئانا بولغاندىكىن ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلىگەن بولسام،ئۇلارنىڭ بەختىنى كۈرۈپ شاتلانغان بولسام بولماسمىدى.مەن ئەكسىچە ئوغلۇمنىڭ بەختىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن نابۇت قىلدىم،ئىككى بىگۇناھ نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن

بولدۇم.ھەتتا ئۇنى بىرەر قېتىممۇ ‹‹بالام،قىزىم››دەپ چاقىرىپمۇ باقمىدىم.شۇ كىلىنىم سىزىكلىك تارتىۋاتقان چاغلاردا ئۇنىڭغا ئانىلىق مىھرىم بىلەن بىر چىنە ئىسسىق تاماق ئىتىپ بەرگەن بولسام،ھېچ بولمىغاندا ئوغلۇم ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى بولسىمۇ يىگىلى قويغان بولسام بولماسمىدى،ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن چاغلاردا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تاماق ئىتىپ تۇرغان بولسام،ئۇلار ئىشقا ماڭغان چاغلاردا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ‹‹خۇدايىمغا ئامانەت››دەپ ئۇزىتىپ قويغان بولسام ،قىسقىسى ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇچۇق چىراي ئېچىپ گەپ قىلغان بولسام ئەجىبا ئۇنىڭ بىلگۈچىلىكى يوق بۇلارمىدى .مىڭ بىر جاپادا قىينىلىپ ئەتكەن تاماقلىرىنى ئوخشىماپتۇ دەپلا

تۈكىۋىتىپتىمەن،ئۈزىگە ئالماي ماڭا ئەكىرگەن سوغاتلىرىنى كۆز ئالدىدىلا يەرگە تاشلىۋىتىپتىمەن.قىينىلىپ ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنىمۇ خاتىرجەم خەجلىگىلى قويماپتىمەن،بەلكىم ئوغلۇمنى ياخشى كۆرگەچكە بىچارە قىز مىنىڭ خورلاشلىرىمغا بەرداشلىق بەرگەندۇ،شۇ قۇداممۇ قىزىنىڭ كۆڭلىنى دەپ مىنىڭ قۇپال سۆزلىرىمىنى ،قىزىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشلىرىمنى كۈتۈرگەندۇ!توۋا مەن نىمە دىگەن ئىپلاس،مەن نىمە دىگەن پەسكەش.مىنىڭمۇ بىر قىزىم بار،مىنىڭ قىزىمنىمۇ باشقىلار شۇنداق خورلىسا مەن نىمە بۇلۇپ كىتەرمەن..........

   ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم،كۈزۈمدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلار ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئۈزۈمگە بولغان نەپرەت ،كىلىنىمگە بولغان ئىچ ئاغرىتىش،رەزىل قىلمىشلىرىمغا بولغان پۇشايمان مىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئىدى.ئەگەر مەن شۇنداق قىلمىغان بولسام،ھازىرقى مۇشۇ دەمدە نەۋرەمنى قۇچۇقۇمدا ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان بولماسمىدىم،ئۈزۈمنىڭ ئەسكىلىكىمدىن ئاللا ماڭا تۇنجى نەۋرەمنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرسەتمەستىن ئۇنى

ئېلىپ كەتتى،بەلكىم ئاللا ئۇنىڭ مەندەك بىر ئىپلاس ئايالنىڭ قۇلىدا بۇلغىنىپ كىتىشىنى خالىمىغاندۇ!

    كۈنلىرىم شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى،ئوغلۇم تېخىمۇ جىمخور بۇلۇپ كەتكەندى ،يولدىشىم ئىككمىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدۇق.ئەينى ۋاقىتتا كىلىنىمنى ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىۋەتتى دەپ رەنجىگەن بولسام ئەمدى شۇنى ھىس قىلدىمكى مەن ئەمدى ئوغلۇمدىن ھەقىقى ئايرىلغان ئىكەنمەن،ئۇنىڭ ئالدىدا خاتالىقىمنى تۇنۇپ يىغلاپ يالۋۇرغان بولساممۇ ئۇ مىنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئىرىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئەكسىچە ئۇ مەندىن بارغانسىرى بىزار بۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن بولسام كۈندە خۇدۇكسىرەپ ،ئازاپنىڭ دەردىدە تۈگىشىپ كىتىۋاتاتتىم.كىلىنىمنىڭ ئىشچانلىقىنى،مۇلايىملىقىنى،ئەدەپلىكلىكىنى بارغانسىرى ھىس قىلىۋاتاتتىم،ئۇ ئەسلىدە ماڭا خېلى يار-يۆلەك بولۇپ مىنىڭ قۇلۇمنى سۇۋۇتقان ئىكەن.

     بىر كۈنى ئوغلۇمنىڭ ھۇجىرىسىغا كىردىم،كىرىپلا ھەيران قالدىم،ئوغلۇم ئۇلارنىڭ بىللە چۈشكەن بارىلىق سۈرەتلىرىنى ،تويلۇق سۈرەتلىرىنى تاملارغا چاپلىۋىتىپتۇ،راسىت گەپنى قىلسام ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم سەۋەبىدىن ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ سەپسېلىپ قاراپ باقمىغان ئىكەنمەن،كىلىنىم ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن،خۇددى مودىللارغىلا ئوخشايدىكەن ،ئوغلۇم شۇڭا ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيگەن ئىكەن ئەمەسمۇ؟ئۇلارنىڭ ئۆيىمۇ شۇنچىلىك پاكىز،رەتلىك،ھەممە نەرسىلەر جايى-جايىدا رەتلىك قۇيۇلغان ئىدى.بۇلارنى كۈرۈپ يەنە كۆڭلۈم بۇزۇلدى،سۈرەتلەرگە كۆزلىرىم تالغۇچە قارىدىم،سىلىدىم،بىراق ئەمدى قارىغاننىڭ نىمە پايدىسى،ئەمدى سىلىغاننىڭ نىمە پايدىسى!ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىرەر قېتىم ئانىلىق مىھرىم بىلەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ قويغان بولسام ئۇ قانچە خۇشال بۇلار ئىدى-ھە!

     مەن نىمە دىگەن شەخسىيەتچى،مەن نىمە دىگەن ئىچى تار؟مەنمۇ ئانىمۇ؟........ئەمدى بىر ئۈمۈر ۋىجدان سورىقىدىن قۇتۇلالماي،يۈرۈكۇم پۇچىلىنارمۇ؟بىر ئۈمۈر ئۈزۈمنى ئەيىپلەپ ،پۇشايمان ئىچىدە ئۈتەرمەنمۇ؟

     قەبرىستانلىققا بارغۇچە شۇ ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىم،گۈلنى قويغان قوللىرىم تىترەپ كەتكەندى.

‹‹جېنىم بالام،مەن كەلدىم،ياشلىق باھارىڭىزنى نابۇت قىلغان گۇناھكار ئاپىڭىز سىزنى يوقلاپ كەلدى!ئوماق نەۋرەم!مۇماڭنى كەچۈرەرسەنمۇ؟مەندەك بىر ئىپلاس ،شەخسىيەتچى مۇماڭنى كەچۈرەرسەنمۇ؟مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن،مەن ئاپا بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەس،مىنى كەچۈرۈڭلار ......››


مەنبە:ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 11:54 PM  


تۈركەنە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10463
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 01:13:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى جايىدا تەسۋىرلەپ يىزىپسىز


خەت شەكلى چوڭراق قىپ تەڭشەپ قويساڭلا باشقۇرغۇچىلار

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 01:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نىكاھ ئىشدا ئوغۇلنىڭ كۆڭلى بار. قىزنى ئاتا-ئانا ئېلىپ بەرمىسە بۇ نىكاھ مەجبۇرى زولاپ قىلىغان نىكاھ دەپ ئويلاپ قالىمەن. شەرىئەتتە قىزنىڭ ۋەلى قوشۇلۇپ قىلىنمغان نىكاھ دۇرۇس ئەمەس. ئالىمەن دىسە ئۇنىمسا ئەپ قاچسا ھەرقانداق قوشۇلمغان ئاتا-ئانا دەرخال قوشۇلىدۇ، بىر دوستۇم بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتسە قىز تەرەپ ئۇنىمغان كېيىن ئوغۇل قىزنى ئەپ قاچتى شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلدى. ئۇلار ھازىر شۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۇرۋاتىدۇ، گاھى چوڭلارنىڭ جاھىلىقغا مۇشۇنداق قىلىش توغرا دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12508
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32532
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4546 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 01:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر قېيىنئانا -كېلىن مۇناسىۋىتىنى نېمىشقا شۇنچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىغاندۇ؟

خېلى ياخشى تەسۋىرلەپ بېرىپسىز قېيىنئانىنىڭ پۇشايمىنىنى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107302
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 02:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرندېشېم سېزنېڭ قەلېمېڭېز نېمانداق كۇچلۇك  ئەممائاۋۇ قينانېنڭ قېلغانلېرې بەك چېكېدېن ئىشىپكىېتېپتۇ .بىچارەكىلېنگەبەكلائۇۋال بوپتۇ. قىرېندېشېم قولىڭېزغادەرت كەلمىسۇن رەھمەت .

دۇنيادا ئەڭ نۇمۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29058
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4915
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 02:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم كۈچىڭىز ھەقىقەتەن قالتىسكەن، مېنى يىغلىتىۋەتىىڭز...   ھارمىغايسىز

ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 03:00:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخلۇققا رەھىم قىلمىغۇچىغا ئاللاھ ھەرگىز رەھىم قىلمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100184
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 03:22:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىجدان ئازابى

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23818
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3771 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 04:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق زەھەرخەندە قېينانىلار مەۋجۇتمىدۇ ؟ يېغلاپ كىتىپتىمەن دىسە ........

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 05:13:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا زەھەرخەندە ئىپلاس ئايالكەن ئاۋۇ،،،ھازىرمۇ شۇنداق رەھىمسىز قېيىنئانىلار بارمىدۇ،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش